- تىزىملاتقان
- 2014-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 180
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
60%
|
ئىككىنچى بۆلۈم
بىخلىنىش دەۋرى ― سىياسىي ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشى
4. بىر سىياسى پارتىيىنىڭ دۇنياغا كېلىشى93
1919~1922
1
ھىتلېر، "مەن بۇ كىچىك گۇرۇپ كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ كەلگەن ۋاقتىمدا، سىياسى پارتىيە پائالىيەتلىرى ياكى سىياسى ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىشتا قىلچە قىينالمىدىم" دەيدۇ. ئەسلىدە شۇ يىلى كۈزدە، ئىشچىلار پارتىيىسى ھىتلېرغا ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان تەشۋىقات سورۇنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. خۇددى ماننېرھېيم كۇتۇپخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئۆچمەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىپ غايە بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغىنىدەك، ھەممىدىن نارازى بولۇپ يۈرگەن بۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەر ئۇنىڭغا لازىملىق ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئاتا قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى، ئاساسەن تالىشىپ مۇنازىرىلىشىشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى بولمىغان بۇ تەشكىلاتنى مەخسۇس سىياسى ئورگان ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئىدى. "پۈتكۈل پارتىيە كومۇتېتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەم شۇ 7 نەپەرلا ئادەم ئىدى. شۇڭا بۇ تەشكىلنى بىرەر ئاممىۋى كلوبتىن باشقا نەرسە ئەمەس دېيىشكىلا بولاتتى." گېزىتلاردا شۇ ۋاقىت ھەققىدە ئېلان قىلىنغان چاتما ھىكايىلاردا، ― دەيدۇ ھىتلېر ئەسلىمىسىدە ئۇ كۈنلەرنى قىزىقارلىق تەسۋىرلەپ، ― 1919-يىلقى ميۇنخېندىكى كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ مۇشەققەتلىك كۈنلەر ئىدى. چىراقنىڭ يېغى تۈگەي دەپ پىلدىرلاپ تۇرغان، ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، قالايماقانچىلىق، يىرتىق- ياماق كىيىنگەن كىشىلەر، نامىرات ئەسكەرلەر، قىسقىسى، شۇ تۆت يىللىق ئۇرۇش بىلەن ئىنقىلاب دېگەن سېسىق نامى پۈر كەتكەن پاجىئە ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلىرى ئىدى."
روزىنباردنىڭ كەينى ھۇجرىسىدىكى يىغىنخانىدا، ھەر قېتىملىق يىغىندا ئىشلىتىدىغان چىراق پىلدىرلاپ يېنىپ تۇرىدىغان بىر كىرسىن چىرىقى ئىدى. "بىز يىغىن ئاچقاندا … قىياپەتلىرىمىز قانداق ئىدى دەيسىلەر؟ بەكلا ۋەيرانە ئىدۇق. ھەربىيچە قىسقا ئىشتان، تولا بويىلىپ پىتى قالمىغان كونا چاپان، بېشىمىزغا كەيگىنىمىز بىر-بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ياغلىشىپ پارقىراپ كەتكەن قالپاق-كەپكىلەر، ئايىقىمىزغا كەيگىنىمىز تۇلا قونجىلاپ تىتىلىپ كەتكەن كونا ئۆتۈك، قولىمىزدا ئۆزىمىز ياسىۋالغان ياغاچ ھاسسا." ئۇ كۈندىكى ئۇنىڭ قىياپىتى ھەقىقەتەنمۇ خەلق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.
"يىغىنىمىز ھەر دائىم شۇ بىر قانچە كىشى بىلەنلا ئېچىلاتتى. … ئاۋال ئۆزئارا قېرىنداشلارچە سالاملىشاتتۇق. ئاندىن ھەممە بىر-بىرلەپ، "جايلارغا ئۇرۇق چېچىلدى، ھەتتا بۇ چېچىلغان ئۇرۇقلار يىلتىز تارتىپ بىخلىنىشقا باشلىدى، دەپ
111
مەلۇمات بېرىشەتتى؛94 ئاخىرىدا ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىشلارنى ئورتاق دوكلات قىلىش ئىمكانىمىز يوقمۇ، دەپ سورىشاتتى. بىز ھەر دائىم ئايرىم بىرلا ئورگان ھالىدا پالىيەت قىلىشنىلا تەكىتلەيتتۇق. پائالىيەت راسخوتى ئۈچۈن بىزدە ئادەتتە ئارانلا بەش مارك پۇلىمىز بولاتتى. ئەمما ھەر قېتىملىق پائالىيىتىمىز ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا 17 مارك پۇل خەجلەشكە مەجبۇر ئىدۇق."
ھىتلېر ئاخىرى كومىتىت ئەزالىرىنى چوڭىراق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزا سانىنى كۆپەيتەلىشىمىز مۇمكىن دەپ قايىل قىلىدۇ. ئادولف، ھەربىي لاگىردا روتىسىنىڭ خەت ماشىنكىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدىغان كىشىلەرگە ئىۋەرتىلىدىغان باغاقلارنى ئۆز قولى بىلەن بېسىپ چىقىدۇ. يەنە بەزىلىرىگە قولدا يازغان باغاق تەييارلايدۇ. تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مىتىنگ ئاخشىمى، 7 نەپەر كومىتىت ئەزاسى "يىغىنغا قانچە ئادەم كېلەر" دەپ پەرەز قىلىشقا كىرىشتى. بىرەر سائەتتەك كۈتۈپ باققان بولسىمۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلاردىن بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. "يىغىن زالىدا يەنە شۇ 7 كىشى، بىز يەنىلا شۇ بۇرۇنقى 7 كىشى بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇراتتۇق. …" شۇندىن كېيىن، ھىتلېر تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. باغاقلارنى شىپىگىرافتا بېسىپ تارقىتىدۇ. بۇ قېتىم يىغىنغا بىر قانچە كىشى كەلگەن بولدى. شۇنداق قىلىپ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 11 كىشىدىن 13 كىشىگە كۆپەيدى. بىر كۈنلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 34 كىشىگىمۇ يەتتى.
ئۇلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئىئانىلىرىنى ئېلان سەنئەت ئۈچۈن سەرىپ قىلىشىدۇ. ئۇلار يەھۇدىيلارغا قارشى گېزىت «مۈنچېنېر بېئوباچتېر» گىمۇ ئېلان بېرىپ، 16-ئۆكتەبىر كۈنى خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىنىڭ گەمە قەۋىتىدە ئاممىۋى يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇختۇرۇش قىلىدۇ.
ئەگەر بۇ قېتىمقى يىغىلىشقىمۇ يەنە شۇ بۇرۇنقىچىلىكلا ئادەم قاتنىشىدىغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا، بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇل سەۋەبىدىن ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەيران بولۇپ تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇنىڭدىن خاررېر بەكلا ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما ھىتلېر: قورقما، چوقۇم كېلىدۇ، پەرەز قىلغىنىمىزدىنمۇ ئارتۇق ئادەم كېلىدۇ دەپ ئىشەنچ بىلەن تەسەللى بېرەتتى. ئاخشىمى سائەت 7 لەردە، ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن پىۋىخانا زالىدا يەتمىش نەپەر (خىتايچىدا 77 نەپەر دەپ ئېلىنغان، ئەمما ھىتلېر ئۆزى «كۈرەش يولۇم» كىتابىدا 117 نەپەردەپ يازغان. ئۇيغۇرچە ئا. بوران تەرجىمىسى «كۈرەش يولۇم» نىڭ بىرىنچى قىسىم تور بەت نۇسخىسىغا قاراڭ ― ئۇ.ت) ئادەم يىغىلغان ئىدى. ئۇ ئاخشىمى كىشىلەر باش نۇتۇقچىغا قانداق باھا بەرگەنلىكى ھەققىدە بۈگۈن قولىمىزدا ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. شۇنىسى ئېنىقكى، ھىتلېر سەكرەپ چىقىپ نۇتۇق سۆزلەيدىغان سەھنىدىكى قوپال بىر ئۈستەل ئالدىغا كەلگەن ۋاقتىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى گويا توك سوقىۋەتكەندەك جىمىپ كەتكەنلىكى ئېنىق. پىلان بويىچە ھىتلېرنىڭ نۇتقى ئۈچۈن 20 مىنۇت ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ سەھنىگە چىقىپ توختىماي يېرىم سائەت سۆزلەيدۇ. ئۇ نۇتقىدا قارىلاشلار، تەھدىت قىلىشلار ۋە ۋەدىلەر بىلەن سۇدەك سۆزلەپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ھاياجان ئىچىدە قاتتىق ھېسسىياتلىنىپ سۆزلىگەن ئىدى. ئۇ گۈلدىراس ئالقىشلار ئىچىدە جايىغا كېلىپ ئولتۇرغان ۋاقتىدا، چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە قالغان ئىدى. ھىتلېر نۇتقىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن سۆزلىگەن بولغاچقىمىكىن، بۇ نۇتقىدىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ رازى ئىدى. "بۇ يەردە بۇرۇن مەن ئىچىمدە ھېس قىلىپ ئەمەلىيەتتە سىناق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بىر ئالاھىدىلىكىمنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ئىدىم. يەنى، مەن ھەقىقەتەنمۇ بىر ناتىق ئىكەنلىكىمنى تونۇتقان ئىدىم."
بۇ قېتىمقى يىغىن، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىلا بولۇپ قالماي، "نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى"
112
ئۈچۈنمۇ بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان ئىدى. قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شۇ يەردىلا 300 مارك ئىنئانە قىلىشىدۇ. مانا ئەندى، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئېلان بېرىپ تېخىمۇ كۆپ شۇئار چاپلاش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. 13- نويابىردا، ئىككىنچى قېتىملىق ئاممىۋى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇلار بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېبېرلبراۋ پىۋىخانا زالىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. يىغىنغا 130 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدۇ (يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ستۇدېنلار، دۇكانچىلار ۋە ئوفىتسېرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى). يىغىندا جەمئى تۆت كىشى نۇتۇق سۆزلەش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا كىرىش بېلىتى 50 سىنىت قىلىپ بەلگىلەنگەن ئىدى. شۇ كۈنلەردە ئاممىۋى يىغىنلارغا بىلەت سېتىپ قاتناشتۇرۇش ئىشى سىياسى پائالىيەتلەردىكى تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىق ئىدى. شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ھەۋىسىنى ئاساسلىقى ھىتلېر پەيدا قىلغان ئىدى. نۇتۇق سۆزلىنىپ يېرىمىغا كەلگەندە بىر قىسىم قاراقۇرساق كىشىلەر قالايماقان ۋارقىراپ-جارقىرىشىپ يىغىن تەرتىۋىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ھىتلېر بۇنداق بىر ئېھتىمال ئۈچۈن بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان، يەنى يىغىن تەرتىۋىنى ساقلاش ئۈچۈن قىسىمدىكى سەپداشلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولغاچقا، جىدەل باشلىنىپ بىر قانچە مىنۇتقا قالماي “جىدەل تېرىغۇچىلار يۈز-كۆزىگە مۇش يىيىشىپ بېشىنى قاماللىغىنىچە زالدىن قېچىپ چىقىدۇ". نۇتۇقنىڭ يېرىمىدا ئۈزۈلۈپ قېلىشى ھىتلېرنىڭ ھاياجىنىنى تېخىمۇ ئارتتۇرغان ئىدى. ھىتلېر نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا، خەلق ئاممىسىغا "گېرمانىيىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك قىياپىتىنى قەتئىي تۈردە باۋۇراتتەك مۇشتۇم كۈچىگە تايىنىپلا تۈزەش مۇمكىن، شۇنداق كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ!" دەپ خەلقنى غەلىيانغا كۈشكۈرتىدۇ.
ھىتلېر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى. نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۇنىڭ ئاۋازى بەكلا تەبىئى، ھېسسىياتىمۇ بەكلا ئەركىن ئىدى. ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەشتىكى بۇ ئالاھىدىلىكى، مەخسۇس نەزەرىيەلەرگە تايىنىپ نۇتۇق سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن زىيالىيلارنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبىدىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى. يىغىنغا قاتناشقان بىر ساقچى، ھىتلېرنى كەمسىتىپ بىر ئېلىپ-ساتارغا ئوخشىتىپ:95 "بۇ ئادەم ۋەزىيەتنى تېزگىنلەشكە بەك ئۇستا ئىكەن. بۇ ئادەم كەلگۈسىدە چوقۇم ئەڭ داڭلىق كەسىپى ناتىقلاردىن بىرسىگە ئايلانغىدەك" دەپ باھالاپ دوكلات تەييارلىغان. ئۇنىڭ چاقىرىقلىرى چىن كۆڭلىدىن چىققان گەپلەر بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. ئۇ يىغىندا، 1918-يىلقى مەغلوبىيەتنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلغان، دەپ ئوچۇق ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق سۆزلەش ئۇسلۇبىغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ نۇتۇقتا ئىشلەتكەن كوچا تىلى بىلەن ئاكوپ تىلىغا كونا ئەسكەرلەر بەكلا قايىل ئىدى. ئۇلار، مانا بۇ ئادەم بىزگە ئوخشاش جەڭ مەيدانلىرىدا پىلىموتنى، چېگرا سىملىرىنى ۋە پاسكىنىچىلىقتا دېموكراتىيىنى تەڭ كۆرگەن بىرسى ئىكەن، بۇ ئادەم ئالدىنقى سەپلەردىكى مۇقەددەس سەبداشلىقنىڭ قولمۇ-قول ھەرىكەت قىلىش دېگەن ھېسسىياتلارنى نامايەن قىلىشنى بىلىدىغان بىرسى ئىكەن دەپ باھالىشىدۇ.
ئىككى ھەپتىگە قالمايلا يەنە بىر قېتىملىق داغ-دۇغىلىق ئاممىۋىي يىغىن چاقىرىلىدۇ. بۇ قېتىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 170 كىشىگە يېتىدۇ. 10-دېكابىردا، ئۇلار تېخىمۇ چوڭ بىر پىۋىخانا زالىنى ― "گېرمانىيە ئىمپىرىيىسى" ناملىق پىۋىخانىنى ئىجارىگە ئالىدۇ. گەرچە يىغىن زالىدا رادىياتور بىلەن ئىسىتىش ئەسلەھەسى بارلىقى ئەسكەرتىلگىنىگە قارىماي، كىشىلەر يىغىن تۈگىمەيلا تارقىلىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا، بىر قانچە پارتىيە كومىتېت ئەزاسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يىغىن ئېچىشىمىز بەكلا كۆپ بولۇپ كەتكەچكە بۇ ئەھۋال كۆرۈلدى دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ پارتىيە ئىچىدە جىددى تالاش-تارتىش باشلىنىدۇ. ھىتلېر، 700 مىڭ ئاھالىسى بولغان بىر شەھەردە ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاممىۋى يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇش
113
ئەمەس بەلكى ھەپتىسىگە ئون قېتىم يىغىن ئېچىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ دەپ چىڭ تۇرۇپ تالىشىدۇ. ھىتلېر، بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز توغرا؛ شۇڭا غەلىبە چوقۇم بىر كۈنى بىزنىڭ بولىدۇ، دەپ تۇرىۋالىدۇ. دېگەندەك، ئۇنىڭ چىڭ تۇرىۋېلىشى مىۋىسىنى بېرىدۇ. قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىغىن ئورنى ئۈچۈن داچاۋستراس كوچىسىغا جايلاشقان بىر زال تاللىۋېلىنىدۇ. بۇ يەر ھەربى گازارمىغىمۇ يېقىن بىر يەر ئىدى. يېغىنغا ئەسكەرلەرمۇ تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ قېتىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 200 كىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىناۋىتىنىڭ بۇنچە تېز كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، بەزى كومىتىت ئەزالىرىنى ئەنسىرىتىشكە باشلايدۇ. ئۇلار ھىتلېرنىڭ ۋولقاندەك پارتلاپ ئەركىن قايناپ سۆزلەش ئۇسلۇبىنى ياقتۇرمايتتى. شۇنىڭدەك يەنە تەشكىلگە نۇرغۇنلىغان قوپال ئەسكەرلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشقا كىرىشكەچكە، پۈتكۈل تەشكىلاتنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقتا ئىدى. سىپايە مىجەزلىك ئەزالار، بۇنداق كېتىۋەرسە چوقۇم بىر كۈنى پارتىيىمىز ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ دەپ ئەنسىرىشەتتى. درېكسلېرمۇ ئەنە شۇنداق ئەنسىرەيدىغانلاردىن بىرى بولىشىغا قارىماي يەنىلا ھىتلېر بۇ پارتىيىنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدى دەپ چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا، درېكسلېرنىڭ قوللىشى بىلەن ھىتلېر پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل ئادىمى ئورنىغا كەلتۈرۈلىدۇ. ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلگەن ھىتلېر، پارتىيە ئىشلىرىدىكى ئۈنۈمسىزلىكلەرنى قاتتىق تەنقىتلەشكە باشلايدۇ. پارتىيىنىڭ يا بىر ئىشخانىسى، يا تۈزۈكىرەك ئىشخانا سايمانلىرى بولمىسا بۇ پارتىيە قانداقمۇ ئىش بېجىرەلەيدۇ؟ دەپ سۇئال قوياتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ، ئۇنى پارتىيىگە قوبۇل قىلىشقان ستېرنېكېر دېگەن پىۋىخانىدىن ئىشخانا قىلىشقا بولىدىغان بىر ئۆي ھەل قىلىدۇ. گەرچە بۇ ئۆي بەكلا كىچىك، رېستۇراننىڭ كىچىك ھۇجۇرىسى قىلىپ ئىشلىتىلگەن يەر بولسىمۇ، ئۆي ئىجارىسى ئەرزان بولۇپ، ئايلىق ئىجارىسى ئارانلا 50 مارك ئىدى. ئۆي ئىگىسى ئوتتۇردىكى بۆلۈش ئۈچۈن قويۇلغان تاختايلارنى سۆكۈپ تاشلاپ، كىچىك ئىشخانىغا قارىغاندا مىيىت چىقىرىدىغان بىر زال كۆرۈنىشىگە كەلتۈرگىنىدىمۇ كومېتىتتىكىلەردىن ھېچ كىم نارازىلىق بىلدۈرمەيدۇ. ھىتلېر كاپىتان ماير بەرگەن پۇل بىلەن پارتىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئىشخانىغا توك كىرگۈزۈپ لامپۇچكا، تېلېفون ئورنىتىدۇ. ئاندىن ئۈستەل-ئورۇندۇق، كىتاب ئىشكاۋى، قاچا-قۇچا ئىشكاۋى قاتارلىقلارنىمۇ ئالىدۇ. ھىتلېرنىڭ كېيىن قىلغان ئىشى يەنە مەخسۇس ئىش بىجىرگۈچىدىن بىرنى ئېلىپ پۈتۈن كۈن ئىش بىجرىدىغان قىلىشى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربى گازارمىدىن بىر ئون بېشى ― سېرژانتتىن بىرنى تېپىپ كېلىدۇ. بۇ ئەسكەر ئاق كۆڭۈل، قەتئى سادىق ۋە يۇۋاش بىر ئادەم ئىدى. ئىشقا چۈشكىنىدە ئۆزىنىڭ ئادلېر ماركىلىق سومكا خەت ماشىنكىسىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇ يىلى دېكابىردا، ھىتلېر پارتىيە تەشكىلاتىدا ئومۇمى يۈزلۈك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تالاش-تارتىشلار ئىچىدە كۈنى ئۆتىدىغان بۇ كلوپنى رەسمى بىر سىياسىي پارتىيە ھالىغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. قالغان ئەزالار بۇ تەشكىلاتنىڭ رادىكال ئوڭچى خاراكتېرلىق بىر كۇرژۇك ھالىتىدە بولۇشىنى خالايدىغان بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ كىشىلەر بۇنداق بىر ئىسلاھات يۈرگۈزۈشكە قوشۇلمايدۇ. تەشكىلاتتىكى كىشىلەر ھىتلېرغا ئوخشاش پارتىيىنىڭ تەشۋىقات ھەرىكىتىنى مەقسەت ئەمەس بەلكى ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىكى بىر ۋاستە سۈپىتىدە تونىغىدەك سەۋىيىدە ئەمەس ئىدى. بۇ چاغدىمۇ ھارغىن درېكسلېر يەنە بىر قېتىم ھىتلېرنى قوللاپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. درېكسلېرنىڭ ئۆيىدە ھىتلېر ئىككىسى پارتىيە لايىھىسى بىلەن نىزامنامىسىنى تۈزۈشكە جىددى كىرىشىپ كېتىدۇ.96 ئۇلار ئىككىسى بۇنىڭ ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇلار ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى يەھۇدىيلارغا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى
114
ئاساسىغا تايانغان دېيىش مۇمكىن ئىدى. درېكسلېرنىڭ دېيىشىچە، يەھۇدىيلار بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن نەچچە قېتىم ئىشسىز قالغاچقا، كېيىن "ئەسەبىي يەھۇدىي دۈشمىنى ۋە ماركسىزم دۈشمىنىگە ئايلانغان" ئىكەن. درېكسلېر ئىنتايىن راھەت ياشاشقا بولىدىغان نىمفېنبۇرگ رايونىدا ئولتۇراتتى. ھىتلېر ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ترامۋايلىق بېرىپ كېلەتتى. ئۇلار ئىككىسى ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، كەچلىك تامىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. درېكسلېرنىڭ ئايالى ئۇلارنى تاماق يېۋىلىڭلار دەپ قايتا-قايتا جىكىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. "كىچىك قىزىم ھەر دائىم ھىتلېرنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ ئوينايتتى. قىزىم ئادولفقا بەكلا ئامراق ئىدى" دەيدۇ درېكسلېر ئەسلەپ كېلىپ. بۇ قىز ئادولفقا ھەقىقەتەنمۇ تاغىسى ئورنىدا ئامراقلىق قىلاتتى.
1919-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاخشىمى، ھىتلېر “بىر باغلام ئارگىنالنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ” درېكسلېرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلىدۇ. بۇ نەرسىلەر پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ لايىھەسى ئىدى. ئىككىسى باش چۆكۈرۈپ بىر قانچە سائەت ھەپىلىشىپ، نىزامنامە لايىھىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىخچام ھالغا كەلتۈرۈشىدۇ. "شۇنداق، بۇ نىزامنامە ئۈچۈن باش قاتۇرىمىز دەپ مېڭىمىزنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتتى" دەيدۇ درېكسلېر ئەسلىمىسىدە. ئۇلار تاڭ سەھەردىلا ئاران بۇ ئىشنى پۈتتۈرىدۇ. ھىتلېر ئورنىدىن سەكراپ تۇرغىنىچە ئۈستەلنى مۇشتلاپ، "ئەندى بۇ قاراشلىرىمىز ۋىتتېنبېرگ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان لۇتېر تاختىسىدا يېزىلغانلارغا رىقابەت ئېلان قىلغىدەك ھالغا كەلدى!" دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.
بۇ نىزامنامە جەمئى يىگىرمە بەش ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھىتلېر بۇ ماددىلارنى ئاممىۋى يىغىندا خەلققە ئاشىكارە ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ نىزامنامىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا كومىتىت ئەزالىرى چوقۇم قوشۇلمايتتى. ئۇلار بۇ نىزامنامىنىڭ نۇرغۇنلىغان ماددىلىرىغا قارشى تۇرۇپلا قالماي، ئاممىۋى يىغىندا ئېلان قىلىنىشىغىمۇ قارشى چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. دەسلىۋىدە درېكسلېرمۇ شۇنداق قاراشتا بولسىمۇ، يەنىلا ھىتلېرنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ كېيىنكى يىغىندا پۈتۈنلەي ھىتلېرنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ قارشى چىققۇچىلارنىڭ پىكىرى پۈتۈنلەي رەت قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاممىۋى يىغىن كۈنىنى 1920-يىلىنىڭ 24-غېنىۋارغا بېكىتىشىدۇ.
كۆزنى قاماشتۇرغىدەك قىزىل خەتلىك شۇئار-پىلاكاتلار ۋە يول خەرىتىلىرى پۈتۈن ميۇنخېن كوچىلىرىغا ئېسىلىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېرمۇ ئەنسىرىمەكتە ئىدى. يەنى ئۇ، سۆزلەيدىغان نۇتقىنىڭ كىشىلەرنى مۈگىدىتىپ قويۇشىدىن قورقماقتا ئىدى. چوڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئاخشىمى سائەت يەتتە يېرىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. سائەت يەتتىدىن چارەك ئۆتكەندە، ھىتلېر خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىنىڭ مۇراسىم زالىغا كىرگىنىدە، زالدا ئىككى مىڭ كىشىلىك يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تىقلىم-تىقلىم ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىدەك ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەك قىسمى كوممۇنىستلار ياكى مۇستەقىل سوتسىئالىزمچىلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۇنى تېخىمۇ بەك خوش قىلىۋەتكەن ئىدى. ھىتلېر، دۈشمەن سېپىدىكى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدىكى ھەقىقى غايىلىك كىشىلەر چوقۇم ئۇلارنى ھىمايىچىلىرى بولۇپ ئۆزگىرەيدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ يىغىن تەرتىۋىنى قالايماقان قىلىشىنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
يىغىن باشلانغىنىدا، زال ئىچىدىكى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تىم-تاس ھالەتكە كېلىدۇ. بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىققان كىشى مول تەجرىبىلىك خەلق ناتىقى دىڭگفېلدېر دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ، نۇتقىدا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ يەھۇدىيلارغا زەربە بېرىپ سۆزلەيدۇ. ئۇ نۇتقىدا شېكىسپيېر بىلەن شىللېرنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئېلىپ، ئىنتايىن سىلىقلىق
115
بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەچكە، كوممۇنىستلارمۇ ئۇنىڭ نۇتقىدىن تولا بەك غەزەپلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ھىتلېرگە نۆۋەت كېلىدۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنىگە كېلىدۇ. ھېچ كىم قالايماقان ۋارقىراپ ئىسقىرتىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا بەكلا كونىراپ كەتكەن كونا پاسون كۆك رەڭلىك پەلتۇ بار ئىدى. مۇنداق قارىماققا، ھىتلېرنىڭ بۇ قىياپىتىگە قاراپ ئۇنى ھېچ كىم بىر ناتىققا ئوخشىتالمايتتى. ھىتلېر نۇتقىنى باشلىغىنىدا ئالاھىدە ھاياجان پەيدا قىلىدىغان جۈملىلەرنى ئىشلەتمەي ناھايىتى خاتىرجەم ۋە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلەيدۇ. ئۇ، ئۆتكەن ئون يىللىق تارىخنى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. ئەمما گەپ، ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنى قاپلىغان ئىنقىلاب بورانلىرى ئۈستىگە كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجان بىلەن جاراڭلاپ چىقىشقا باشلايدۇ؛ قولىنى شىلتىپ سۆزلەشكە كىرىشىدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاقنىماقتا ئىدى. بۇ چاغدا غەزەپلىك ئاۋازلار زالنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. زال ئىچىدە پىۋا پوتولكىلىرى ھەر تەرەپكە ئۇچۇشقا باشلايدۇ. دەل شۇ پەيتتە شلانكا ۋە قامچىلار بىلەن قۇراللانغان ئەسكەرلەر ― ئادولفنىڭ ھەربىيلەردىن كەلگەن ھىمايىچىلىرى “خۇددى قاۋان ئىتتەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ، كرۇپ باۋۇرات تۆمۈر شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان باۋۇرات-تۆمۈرلەردىن ياسالغاندەك مۇستەھكەم قورغان بولۇپ ئۇيۇشۇپ، جىدەل تېرىغۇچىلارنى شۇ ھامان ئەدەپلەشكە كىرىشىدۇ". ئۇزۇنغا قالمايلا جىدەل تېرىغۇچىلار ئۆزلىرىنى پىۋىخانا سىرتىدا كۆرىدۇ. يىغىن تەرتىۋى بىرئاز تىنجىغان بولسىمۇ، كۈلكە-چاخچاقلار تېخى بېسىقمىغان ئىدى.97 ھىتلېرمۇ نۇتىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. زالدىن كۆتۈرۈلگەن ۋارقىراشلار ئۇنىڭ پەرۋايىغىمۇ كەلمىگەن ئىدى. ئادولف ماننېرھېيمدا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بۇنداق قالايماقانچىلىقلارغا كۆنۈپ كەتكەنلا بولماي، ھەتتا بۇنداق قالايماقانچىلىقتىن ئۆزىگە كۈچمۇ ئالاتتى. ئۇنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىياپىتى بىلەن سۆزلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا يەتكەن ئىدى. كۆپچىلىك قايتىدىن گۈلدىراس ئالقىش ياڭرىتىشقا باشلايدۇ. بۇ ئالقىش سادالىرى قارشى چىققۇچىلارنىڭ غۇدۇراشلىرىنى پۈتۈنلەي بېسىپ چۈشىدۇ. ھىتلېر، نۇتقىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ توننىلاپ پۇل بېسىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى قاتتىق سۆكۈش بىلەن بىرگە، سوتسىئال دېموكرات پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئاددى خەلق ئاممىسىدىنلا قورقىدىغانلىقىنى پاش قىلىپ قاتتىق سۆكۈدۇ. "ئەگەر فامىلىسى يەھۇدىيچە خۇممېلبېرگېر ياكى ئىسىدور باخ بولمىغان تۆۋەن تەبىقە خەلق نېمىمۇ قىلالايتتى؟" دېگەندەك رەسمى كەسىپى سۆزگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ تۈردىكى يەھۇدىيلارغا قارشى گەپلەرنى دېيىشى بىلەن قارشى تەرەپتىكىلەر بىلەن قوللىغۇچىلارنىڭ بىر-بىرسىگە ھۇجۇم قىلىپ ۋارقىراشلىرى قايتىدىن زالغا بىر كېلىدۇ. بۇ قېتىم ھىتلېر ھۇجۇمنى شەرقلىق يەھۇدىيلارغا قاراتقىنىدا ئالقىش سادالىرى ۋارقىراش ئاۋازىنى بېسىپ چۈشۈپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر "يوقالسۇن يەھۇدىيلار!" دەپ توۋلىشىپ كېتىدۇ.
ھىتلېر بۇنچە كۆپ ئامما ئالدىدا سۆزلەپ كۆنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاۋازىمۇ ھېلى كۈچىيىپ، ھېلى پەسىيىپ چىقاتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىزلىكىنىڭ ئۆزىمۇ كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەمىمىي خاراكتېرى خانس فرانك ئىسىملىك يىگىرمە ياشلىق بىر قانۇن ستيۇدېنتىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋېتىدۇ. "بۇ ياش ئۇنىڭ سەمىمى ساپ دىللىقىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى يۇشۇرماي دېيەلەيدىغان بىرسى ئىكەن، ھەرگىز خەلقنى ئالدايمەن دەپ گەپ ياساپ يۈرمەيدىكەن، ئۆزى تولۇق قايىل بولۇپ كەتمىگەن، ئۆزىمۇ چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى ھەرگىز سۆزلەپ يۈرمەيدىكەن" دەپ باھا بېرىدۇ. بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىققان كىشىنىڭ ياسالما، ھەشەمەتلىك سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن كېيىن، ھىتلېرنىڭ سۆزلىرى پارتلاش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئادەتتە بەكلا قوپال بىلىنگىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئىپادىلەش قابىلىيىتى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى. يىغىننى مەخسۇس
116
قالايماقانلاشتۇرماقچى بولۇپ كەلگەنلەرمۇ قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ، نۇتقىنى ئاددى سۆزلەر بىلەن باشلاپ، بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ ماھىيىتىگە يەتكۈزۈپ سۆزلەشكە تىرىشاتتى. ئاۋازىمۇ جاراڭلىق بولۇپ، ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىيالايتتى. فرانكنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى، "كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتمەيدىغان ئەڭ دۆت كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتى. … ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ماھارىتىگە ئىگە بىرسى" ئىكەنلىكى ئىدى.
ھىتلېر، نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا 25 ماددىلىق پروگراممىسىنىڭ مۇھىم نوقتىلىرىنى خەلققە ئوقۇپ بېرىپ، بۇ ماددىلارنى بىر-بىرلەپ ماقۇللىتىدۇ. بۇ پىرىنسىپلار يەھۇدىيلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە لازىملىق بەزى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. يەنى، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرگە بارلىق نېمىسلار بىرلىشىپ بۈيۈك بىر ئىمپىرىيە قۇرۇپ چىقىش لازىملىقىنى؛ نوپۇس ئارتىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى مۇستەملىكىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى؛ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا نېمىس مىللىتى تەڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى؛ ۋېلشال شەرتنامىسىنى چوقۇم ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى؛ چوقۇم بىر مىللى قۇراللىق ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى؛ قانۇن-تۈزۈملەرنى كۈچەيتىپ، جىنايەتچىلەرگە قارشى رەھىمسىزلەرچە كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىشچىلار سىنىپىغىمۇ پايدىلىق نەرسىلەر بار ئىدى: ئىشلىمەي چىشلەشنى بىكار قىلىش؛ ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى ئومۇمنىڭ قىلىش؛ يەرلەرنى مۇسادىرە قىلىپ جامائەت مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش؛ چوڭ تىپتىكى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ پايدىسىنى ئىچكى قىسىمدا تەڭ تەقسىم قىلىش دېگەندەكلەر بەلگىلەنگەن ئىدى. ھاللىق سىنىپلارغىمۇ تېگىشلىك نەرسىلەر بار ئىدى: چوڭ تىپتىكى تۈرلۈك ماللار سودا سارايلىرىنى دەرھال جامائەت مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، تۆۋەن باھادا ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە ئىجارىگە بېرىش؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلىق سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاشنى تەكىتلەيدۇ. مىللەتچى ئەقىدىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن بولسا، يەھۇدىيلارنى چەتئەل مۇھاجىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاشكارە ئىش يېرى ئېچىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش؛ ئەگەر مەملىكەت بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىمكانىيىتى بولماي قالغاندا بۇ مۇھاجىرلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش؛ 1914-يىلى 2-ئاۋغۇستتىن باشلاپ چېگرادىن كىرگەن يەھۇدىيلارنى دەرھال قوغلاپ چىقىرىش دەيدىغان مەزمونلار كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ھىتلېر، ھەر مۇھىم نۇقتىنى ئوقىغىنىدا توختىۋېلىپ زالدىكىلەردىن چۈشىنىپ-چۈشەنمىگەنلىكىنى، بۇلارغا قوشۇلۇپ- قوشۇلمايدىغانلىقىنى سوراپ تۇرىدۇ. يىغىندىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قوشىلىمىز، دەپ توۋلاشسىمۇ، يەنە بىر قىسىملار تەشكىللىك تۈردە مازاق قىلىپ كۈلىشەتتى. قايسى بىر نارازى بولغۇچى ھەتتا ئورۇندۇقىغا چىقىۋېلىپ ۋارقىراپ نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ چاغدا قامچا-توخماقلىق تەرتىپ ساقلىغۇچىلار بۇنداقلارنى بىر-بىرلەپ ئەدەپلەپ چىقىدۇ.98 ھىتلېر، توپ-توغرا ئىككى يېرىم سائەت سۆزلەيدۇ. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ سەھنىدىن ئايرىلىۋاتقىنىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشىپ ھۇررا دەپ سادا كۆتۈرىشىدۇ. يىغىن تۈگىشى بىلەن، پۈتۈن خەلق گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىۋېتىدۇ. بايىقى ياش، يەنى فرانك، "ئەگەر گېرمانىيىنىڭ تەغدىرىنى قولىدا تۇتالايدىغان بىرەر كىشى بار دېيىلسە، بۇ ئادەم دەل ئادولف ھىتلېر بولغىدەك" دەپ قاتتىق ئىشىنىدۇ.
ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇ كۈنكى يىغىلىش، قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ قالايماقانلىق تېرىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قارىغاندا، يىغىن تولۇق مۇۋەپپىقىيەتلىك بىر يىغىن ھېسابلىناتتى. كىشىلەر يىغىن زالىدىن تىزىلىپ چىقىۋاتقىنىدا، ھىتلېر، ئۆزىنىڭ
117
كەلگۈسى يولىنىڭ داغدام ئېچىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ: "مەن، بۈگۈنكى يىغىنىمىز تامام، دەپ ئېلان قىلغان ۋاقتىمدا، مەنلا ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر 'ئەندى بۆرە ئىنىدىن چىقىپ كەتتى' دەپ ئويلىماقتا ئىدى. بۇ بۆرە، خەلق ئاممىسىنى ئالداپ ئاقماق قىلىپ يۈرگەنلەرگە قارشى چوقۇم ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان بولماقتا ئىدى." ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر بۆرە ئىدى. يەنى ئادولف دېگەن بۇ ئىسىم، كونا نېمىسچىدا "تەلەيلىك بۆرە" دېگەن سۆزدىن كەلگەن بىر ئىسىم ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، "بۆرە" دېگەن بۇ سۆز، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھىتلېرغا بۇ لەقەمنى قويىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنىڭدەك سىڭلىسى پاۋلا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ لەقەم ئۇنىڭ مەخپى ئىسمى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، كۆپلىگەن ھەربىي قوماندانلىق شىتاپلىرىدا بۇ لەقەم ھىتلېرنى بىلدۈرىدىغان بىر ئىسىم ھالىغا ئايلىنىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۇ كۈنلەردىكى ميۇنخېن گېزىتلىرىنى بەك قىزىقتۇرۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى يىغىن، نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالغا تاشلانغان چوڭ بىر قەدەم ھېسابلىناتتى. شۇ كۈنى پارتىيىگە يېڭىدىن يۈز كىشى ئەزا بولۇپ قوشۇلىدۇ. ھىتلېرنىڭ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن، پارتىيىنىڭ تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇلۇپ پارتىيە ئەزالىق كىنىشكىسىمۇ تارقىتىلىدۇ. كىشىلەرگە بۇ پارتىيىنى راسلا چوڭ بىر پارتىيە ئوخشايدۇ دەيدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىق تىزىملىكى 501-ئەزا دەپ باشلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر پارتىيە ئەزا ئىسىمىنىڭ باش ھەرىپى تەرتىۋى بويىچە تىزىلىدۇ. كەسىپى “رەسسام” دەپ يېزىلغان ھىتلېرنىڭ پارتىيە ئەزالىق كىنىشكە نومۇرى 555 ئىدى.
2
شۇندىن ئىتىۋارەن، ئادولف يەپ-يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويىدۇ. ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى كېڭىيىپ، بېرىش-كېلىش قىلىدىغان ئادەملىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ بىرلا ئورتاق نوقتىسى بار ئىدى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى نېمىسلىكنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ياخشى كۆرۈپ، ماركسىزمنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىلەر ئىدى. ميۇنخېندا بىر ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى بار بولۇپ، ئۇ تەغدىرنىڭ يۇلتۇز تۈركۈملىرى تەرىپىدىن تېزگىنلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بىرى ئىدى. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇرۇپپىسى ئارىسىدىن يەھۇدىيلارنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارىم بار دەپ سۆزلەپ يۈرەتتى. تېخىمۇ قىزىقى، بۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى كاپىتان ئېرنىست رۆم دېگىنى ئەسلىدە بىر بەچچىۋاز (ھوموسېكسۇئال) بولۇپ، بىر ۋاقىتلاردا روتا كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى. ئەسلىدە ئۇ ھەقىقەتەنمۇ لاياقەتلىك ئوفىتسېر بولۇپ، خېيىم-خەتەرلىك ۋاقىتلاردا ئىشىنىشكە بولىدىغان سەپداش ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تۇرقى پاكار، دۇغلاق سېمىز، چاچلىرىنى ھەر دائىم رەتلىك ياسىتىپ يۈرىدىغان، كۈلىشلىرى بەكلا ئۇماق بىرى ئىدى. ئۇنى، ئۇرۇشنىڭ تىرىك مىس ھەيكىلى دېيىشكىلا بولاتتى: ئۇنىڭ بۇرنى ئوق زەربىسىدە پۇچىلىپ كەتكەن، يۈزىدىمۇ چوڭقۇر تاتۇقى بار بولۇپ، ئۇ ھازىر دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئوفىسېرى ئىدى. ئۇ، "مەن رەھىمسىز ھەمدە پىشىپ يېتىلمىگەن بىرسى بولغىنىم ئۈچۈن، مېنىڭ قىزىقىدىغان ئىشىم سىلەرنىڭ قىزىقىدىغىنىڭلاردەك ئۇنداق پۇخرالارچە قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرىدىغان ئىشلار ئەمەس بەلكى ئۇرۇش ۋە توپىلاڭ چىقىرىش" دەپ يۈرەتتى. رۆم بىلەن ھىتلېر ئىككىسى مىللەتچىلىك كۇرژۇكى (تۆمۈر مۇشتۇمچىلار كۇرژۇكى) نىڭ بىر قېتىملىق مەخپى يىغىنىدا كۆرۈشكىنىدىن ئىتىبارەن، رۆم، بۇ پىداكار ئون بېشى ھەقىقەتەنمۇ "نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى" گە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەڭ
118
مۇۋاپىق نامزات ئىكەن، دەپ قەتئى ئىشەنگەن ئىدى. رۆم، بۇ پارتىيىگە نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى ئەزا قىلغان بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە ئۇ درېكسلېر-خاررېر تەشكىلىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىغا خاس ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن دېيىشكە بولاتتى. ئەسلىدە ئۇرۇش-جىدەللىك ئاممىۋى يىغىلىشلارنىڭ يىغىن تەرتىۋىنى ئەنە شۇ ئەسكەرلەر ساقلايتتى. ھىتلېر بىلەن رۆم ئىككىسى ئالدىنقى سەپتە ئەسكەرلەرگە قول-پۇت بولۇپ كۆڭۈل بۆلۈشتە ئەجرىسى بولغان كىشىلەر بولغاچقا، جاپا-مۇشەققەتلىك قانلىق جەڭلەردە ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگە يېقىن سەپداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە يېقىندا رۆم، كاپىتان مايرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھىتلېرنىڭ كوماندىرلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان بولسىمۇ،99 ئۇ يەنىلا ھىتلېرنى ماڭا سەنلەپ گەپ قىل دەپ چىڭ تۇرىۋالاتتى. ئۇنىڭ ھىتلېر بىلەن بۇنچە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىشى نەتىجىسىدە، ھىتلېر باشقا ئوفىسېرلار بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ.
ھىتلېرنىڭ يازغۇچى دىترىخ ئېكارت بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىگىمۇ قىل سىغمايتتى. بۇ ھەقتە ئېكارت مۇنداق دەيدۇ: "يېڭى دەۋرنىڭ سىياسى داھىلىرى چوقۇم پىلىموت-توپ ئوقىنىڭ ئاۋازىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن بولىشى كېرەك. … مەن، قىزىللارغا قارشى رەھىمسىز جاۋاپ قايتۇرالايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسى قىلچە ئابرويى يوق بىر مايمۇن بولغىنىدىمۇ قەتئىي ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرىمەن. خۇددى شۇنىڭدەك، يوقىرى بىلىملىك بىر پروفېسسور، ئەگەر خەلق ئاممىسى غەزەپلىنىپ ئورۇندۇقلارنى سۇندۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىۋەتسىمۇ يىغىننى تاشلاپ قاچماي تۇرۇپ بېرەلەيدىغانلا بولىدىكەن، مەن يەنىلا بۇ تۈردىكى بىلىملىكلەرنى ھىمايى قىلغۇچىلاردىن بولىمەن، دەيتتى. … ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەم بويتاق بىرسى بولغاچقا، تەشكىلاتىمىز تېخىمۇ كۆپ خوتۇن-قىزلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالىشى مۇمكىن!" دەيتتى. ھىتلېر بىلەن بۇ قېرى زىيالى، ياش جەھەتتىن بەكلا چوڭ پەرق قىلاتتى (ئۇ يازغۇچى، ھىتلېردىن 21 ياش چوڭ ئىدى)، ھەمدە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ تۈپتىن ئوخشىمايدىغان (ئېكارت ئۇنىۋېلشىتېت پۈتتۈرگەن بىلىملىك بىرسى) بولسىمۇ، ئۇ ئىككىسى سىياسىي تونۇشلاردىن بولۇپلا قالماي، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا بوسىمىيىلىك ھەمدە تۆۋەن تەبىقە تىلىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر ئىدى؛ يەنە كېلىپ ئىككىسىلا مىللەتچى بولۇپ، يەھۇدىيلارغا بەكلا ئۆچ ئىدى. شۇڭا، ئېكارت ئادەتتە نېمىستىن خوتۇن ئالغان بىر يەھۇدىي 3 يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىلىشى؛ ئەگەر يەنىلا ئۆزگەرمەي جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭغا قەتئىي تۈردە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك، دەيتتى.
ئېكارت، رومانتىك بىر ئىنقىلابچى بولۇپ، قەھۋىخانا مۇنازىرىلىرىنىڭ ئۇستىسى ئىدى. ئۇ، بەكلا نازۇك، كىشىلىك تۇرمۇشقا بەكلا تەمكىن، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق مەھەلە نوچىسى بولۇپ، ھەر دائىم سەھنە بېشىدا كۆرۈنۈپ يۈرەتتى. ئەگەر نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن ئازىراقلا بىر پۇرسەت بولىدىكەن، مەيلى ئۆي، مەيلى كوچا ياكى قەھۋىخانا بولسۇن قىلچە تارتىنماي ئىنتايىن جەلىپ قىلارلىق نۇتۇق سۆزلەپ كېتەتتى. ئەمما ئۇ زەھەرلىك چىكىملىك خۇمارى بار بىرسى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە زابوي ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇنداق چاكىنا ئادەتلەر جەمئىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش يارىلىرىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. ھىتلېر، قىزغىن سۆھبەتلىك، سۇدەك راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بۇ زىيالى بىلەن خۇددى بىر كېمىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىدەك ئايرىلالماس ھالغا كەلگەن ئىدى. ئېكارت بولسا ميۇنخېننىڭ بىشەم كېچە دۇنياسىدا ھىتلېرغا خال شاھزادىسى ئۈچۈن فالستاف (فالستاف ― شېكىسپيېر كومېدىيىلىرىدىكى بىر پېرسۇناژ بولۇپ، پو ئېتىشنىڭ سىموۋۇلى) رولىنى ئويناپ بېرەتتى. يەنى ئېكارت ھىتلېرنىڭ ئۇستازى ھالىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ ھىتلېرغا ھەربى پەلتودىن بىرنى سوغا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ
119
گرامماتىكىسىنى تۈزىتىشكە ياردەمچى بولىدۇ؛ ئۇنى ئالى دەرىجىلىك رېستۇرانت ۋە قەھۋىخانىلارغا باشلاپ بارىدۇ. شۇنىڭدەك ھىتلېرغا داڭلىق ئەدىپ كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ (كىشىلەرگە ھىتلېرنى، بۇ كىشى چوقۇم بىر كۈنى گېرمانىيىنى قۇتقۇزىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ، دەپ تونۇشتۇراتتى). ئادەتتە ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ مۇزىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە سىياسەت ھەققىدە سائەتلەپ مۇنازىرىلىشىپ سۆزلىشىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قوپال يازغۇچى ھىتلېرنىڭ ئۈستىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.
خوفبراۋخاۋۇس مىتىنگىدىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىدە ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە بېرلىنگە قاراپ بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ۋېيمار سوتسىئالىستىك ھۆكۈمىتى گېنېرال ۋالتېر ۋون لۈتۋىتز يېتەكچىلىكىدىكى "جەڭگىۋار ئەركىن پولك" نى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەربى قىسىم تارقىلىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە پايتەختكە يۈرۈش قىلىپ بېرلىننى ئىشغال قىلىۋالىدۇ ھەمدە كاپ ئىسىملىك ئادەتتىكى بىر مەمورى ئەمەلدارنى باش ۋەزىر قىلىپ تىكلەيدۇ. ھىتلېر بىلەن ئېكارت ئىككىسى، كاپ ئوڭچىلار گۇرۇھىنىڭ قوزغىلىڭى ئىنتايىن زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، باۋارىيە بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابى تەدبىر قوللىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى بېكىتىش مەقسىتىدە ئىككىسى بىرلىكتە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېرلىنغا بېرىشنى پىلانلاشقان ئىدى. كاپىتان رۆم بۇ پىلاننى تەستىقلاپ، ئۇ ئىككىسىنى بىر تەنتەربىيە مەشىق ئايروپىلانىغا ئولتارغۇزۇپ يولغا سېلىپ قويغان ئىدى. بۇ ئايروپىلان مەخسۇس ھىتلېرغىلا مەنسۈپ ئايروپىلان ئىدى. ئۇنىڭ ليوتچىكى لېتىنات روبېرت رىتتېر ۋون گرېيم (ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇستا ليوتچىكلاردىن بىرى ئىدى. بۇ ليوتچىك تېخى ياش تۇرۇپلا "ئوچقۇچىلار بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن ئىدى. كېيىن ئۇ ھىتلېرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.) ئۇلار بېرلىنغا قاراپ ئۇچقان كۈنىسى ھاۋا بەكلا ناچار ئىدى. گەرچە ئۇچقۇچى گرېيمنىڭ ئايروپلان ئۇچۇرۇش تېخنىكىسىغا گەپ كەتمىسىمۇ، ھىتلېر تىنماي قەي قىلىپ چىقىدۇ. ئوتتۇر يولدا قونۇپ ئۆتىدىغان ئايروپورت ئىش تاشلىغان ئىشچىلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغىنى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى بېرلىن سەپىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشقا قىل قالىدۇ. شۇ چاغدا ھىتلېر دەرھال ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئۆزىگە يالغان ساقالدىن بىرنى تاقاپ گىرىم قىلىۋالىدۇ. ئېكارتمۇ ئۆزىنى سودىگەر قىياپىتىدە گىرىم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلار ئۇلارنىڭ بېرلىن سەپىرىگە يول قويۇشىدۇ.100 ئايروپلان بېرلىنغا بېرىپ قونغاندا ھىتلېرنىڭ چىرايى ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، "بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئايروپلان دېگەن نەرسىگە چىقمايمەن" دەپ قەسەم قىلىۋېتىدۇ.
گەرچە ئىسىيانچىلار 13-مارتتا بىر پايمۇ ئوق ئاتماي بېرلىن دەرۋازىسىدىن كىرەلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ غەلىبىسى ئاتاقتىكىلا بىر غەلىبە بولۇپ قالىدۇ. يەنى، سالاھىتى بار كىشىلەردىن بىرمۇ ئادەم "باش ۋەزىر" كاپنىڭ كابېنتىدا ۋەزىپە ئېلىشنى خالىمايدۇ. بۇ قېتىمقى ئالدىراپ-سالدىراپ پىلانلاپ باشلىتىلغان بۇ قوزغىلاڭ، باشلىنىشىدىن تارتىپلا مەغلوبىيەتلىك بىر قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ مەغلوب بولىشىنى بىرەر قايتارما ھۇجۇم ياكى بىرەر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى پەيدا قىلغان بولماستىن، پۈتكۈل گېرمانىيە خەلقىگە ئوخشاش بېرلىنلىقلارمۇ ھەربىلەرنىڭ چۇشقۇنلۇق كەيپىيات بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشىنى خالىماي، پۈتۈن خەلق ھەربى ئىسيانچىلارغا قارشى دولقۇنغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەندى بۇنداق ئىنقىلابلارنى قوزغاشنىڭ قىلچە مەنىسى يوق دەپ قارىشاتتى. شۇڭا، ئېبېرت ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك ئومۇمى يۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرقىنى چىقارغان ۋاقتىدا، ئىشچىلار ئۇلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، كاپ ھاكىمىيىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ
120
قويىدۇ. شەھەردە ئېلېكتىر كېسىۋېتىلىدۇ، ترامۋايلار بىلەن مېترولار (يەرئاستى تۆمۈريول قاتنىشى) توختاپ كېتىدۇ، پۈتۈن شەھەردە سۇ توختاپ كەتكەن، كوچىلاردا ئەخلەتلەر يىغىلىپ سېسىشقا باشلىغان؛ ماگازېن-مەمورى ئورگانلار تاقىلىپ كەتكەن ئىدى.
بېرلىندا كېچىلەردە ياكى مۇم يۇرىقى ئاستىدا ياشىتىلغان كېچىلىك ھايات يەرلىرىلا ئۆز ئىشىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئەسلىدە بۇنىڭدەك چىرىگەن سورۇنلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن قايسى بىر سېرىق كىنونىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ كىنودا 11 ياشلىق بىر تۈركۈم ئۇششاق پاھىشىلەر ئۆزلىرىگە قويۇق گىرىم قىلىشىپ، ئۇزۇن ئۆتۈكلەرنى كىيىپ يۈرىدىغان ئامازونلۇقلارنىڭ خورلىنىش ئارزۇسىنى تېما قىلغان سادىزم ھېكايىلەردىن ئىشلەنگەن كىنو ئىدى. شەھەر ئىچىدە ھەر تۈرلۈك ئىشقىۋازلىقلارغا لايىق، ھەر خىل مىجەزلىكلەرگە ئۇيغۇن قەھۋىخانىلار، رېستۇرانتلار ― يەنى ئەر ياكى ئايال بەچچىۋازلار، يالىڭاچ بەدەن خۇمارىدىكىلەر، سادىزم زۇلۇمى قىلغۇچىلار ۋە سادىزم زۇلۇمىغا ئۇچراشنى خالىغۇچىلارغا لايىق سورۇنلار قۇمدەك ئىدى. يالىڭاچ بەدەن ھەۋەسلىنىدىغان ئىشلار قاتارىدا قارىلىدىغان، سەنئەتنىڭ مەقسىدىمۇ ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدىغان، خىيالى دۇنيا يارىتىپ مەس بولىدىغان غەلىتىلىكلەر چېكىگە يەتكەن ئىدى. بېرلىن شەھىرى دادائىزم سەنئەتچىلىرىنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ ئېقىمغا مەنسۈپ شائىر ۋالتېر مېھرىڭگ ئاچچىق ھەجىۋى ئىپادە ۋە لەھجىلەردە شىئېر يازغان بولۇپ، بۇ شىئېردا بېرلىنلىقلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋىتى تەسۋىرلەنگەن:
چاققان كېلىڭلار بالىلار، ھەممە ھۇزۇر ئىچىدە ئۆلۈم مەيدانىغا ئالدىراڭلار،
ئىشتانبېغىڭلارنى چىڭ باغلاپ، يەھۇدىي بۆرىلىرىنى ھايداڭلار. زەھەرلىك گاز بىلەن كرىست نى كۆتۈرۈپ، جامائەت ئارىسىدا قىرغىن قىلىڭلار!
ئېبېرت ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرىقى ھەقىقەتەن فرانكېنستېين ئاپىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كاپ كۈچلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىپ، سولچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق توپىلاڭ چىقىرىش دولقۇنى ئۈچۈن يول ئېچىلىدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ گېرمانىيە تەۋەسىدە پەيدا قىلغان توپىلاڭلىرى شۇنداق نوقتىلارغا بېرىپ يەتتىكى، پرىزدېنت ئېبېرت قىزىللارنىڭ ئىسىيانىنى يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىلاجىسىز نەچچە كۈن ئاۋال ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ كېتىپ قالغان گېنېرال ۋون سېكتنى قۇراللىق كۈچلەر باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ گېنېرالنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى تېخى يېڭىلا تارقىتىۋېتىلگەن "ئەركىن پولك" ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن بىر يەرگە يىغىش بولىدۇ. ۋەزىيەت تەرەققىياتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئاچچىق كۈلدۈرگىدەك ئىدى: تۈنۈگۈنكى توپىلاڭچى قوشۇن بۈگۈن قانۇننى كۈچەيتىپ تەرتىپ ساقلاش ۋەزىپىسىگە قويۇلىۋاتاتتى. بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى پەقەت دادائىزم دراماتورگىلا يېزىپ چىقالايدىغان كومىدىيىلەردىن ئىدى: ئېبېرتنىڭ "ئەركىن پولك" ئەسكەرلىرىگە تارقاتقان مۇكاپات، دەل كاپ ھۆكۈمىتىنىڭ "ئەركىن پولك" قا ئېبېرت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالىسا بەرمەكچى بولغان مۇكاپاتنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن "ئەركىن پولك" نىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە بەكلا ئېغىر ئىدى. ساكسونىيە دە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىۋالغان ئىدى؛ 20-مارت كۈنىگىچە، 50 مىڭ كىشىلىك ئىشچىدىن تەشكىل تاپقان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى رۇر رايونىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەر رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. يەنە شۇ كۈنى، كومپارتىيىنىڭ «رۇر ساداسى» گېزىتى "غالىپ قىزىل بايراق چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لەپىلدەيدۇ"101 دەپ ئېلان قىلىپ،
121
"گېرمانىيە چوقۇم سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە ئايلىنىپ سوۋېت رۇسىيىسى بىلەن بىرلىشىپ دۇنيا ئىنقىلابى بىلەن دۇنيا سوتسىئالىزم غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قاڭقىش تاختىسىغا ئايلىنىشى كېرەك!" دەپ ئېلان قىلىدۇ.
3-ئاپرېلدا، "ئەركىن پولك" قوشۇنلىرى رۇرغا بېسىپ كىرىپ، قىزىل ئارمىيە پوزىتسىيىلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، ساق قالغان قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە قىرىپ تاشلايدۇ. "ئەگەر بۇ ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بەرسەم چوقۇم يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن دېيىشىڭلار مۇمكىن. ― دەپ يازىدۇ 'ئەركىن پولك' نىڭ ياش بىر ئەسكىرى ئائىلىسىگە ئىۋەرتكەن خېتىدا، ― قىلچە رەھىم قىلمايتتى، … ھەتتا بىز ئون نەپەر قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ سىستىراسىنىمۇ يېنىڭلاردا تاپانچا بار ئىكەن دېگەننى باھانە قىلىپ ئېتىپ تاشلىدۇق. بىز بۇ كىچىك قىزلارنى ئۆلتەردۇق. ھەتتا ئۇلارنىڭ جان ئازاۋىدا بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىنى تاماشا قىلىپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلدۇق. ياق، سىلەرگە ھەرگىز رەھىم قىلالمايمىز، قۇراللىق ھەر قانداق بىرسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز! دەيتتۇق."
ھىتلېر بىلەن ئېكارت ئىككىسى ھېلىقى كۆڭلىنى ئايلاندۇرۇپ تۇلا قۇستۇرىۋەتكەن ئايروپلانغا ئولتۇرۇپ بېرلىنغا كېلىپ قونغان ۋاقتىدا، كاپ قوزغىلىڭىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئايروپلاندىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئىمپىرىيە باش مىنىستىرلىك بىناسىغا بېرىپ كاپنىڭ ئاخبارات ۋەكىلى بولغان ۋېنگريەلىك يەھۇدىي ترېبىتش-لىنكولن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ بىر تەۋەككۈلچى ۋېنگر بولۇپ، لۈكچەك مىجەز بىرسى ئىدى. بۇ كىشى بىر ۋاقىتلاردا نيۇيوركتا گېرمانىيە ئىمپىراتورىنىڭ جاسۇسى دەپ قولغا ئېلىنغان ئىكەن. بۇ ۋېنگر ئۇلارغا كاپنىڭ ئادەملىرى تېخى يېڭىلا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىككەيلەن ياخشىسى سالاھىيىتىنى ھېچ كىمگە ئۇختۇرماي يوشۇرۇن تۇتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا قولغا ئېلىنىتىش خەۋىپى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بەزى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شۇ چاغدا ئېكارت بۇ ئادەمنىڭ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ھىتلېرنى نوقۇپ پىچىرلىغان ئاۋازدا: "ئادولف بۇ يەردىن يوقۇلايلى، بۇ يەردە بىزگە پايدىلىق ھېچ ئىش يوق ئىكەن" دېگەنمىش.
شۇنداقتىمۇ، ئۇلار يەنىلا قەلبىدىكى قەھرىمان ھېسابلىنىدىغان لۇدېندورفنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن پايتەختكە بارىدۇ. بۇ كۈنلەردە لۇدېندورف پۇخراچە ياسىنىپ جەنۇپ تەرەپلەرگە قېچىپ كېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ يۈرگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا نۇرغۇنلىغان ئوخشاش قاراشتىكى شىمالى گېرمانىيىلىكلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يۈرەتتىكەن. ئۇنىڭ مەخپى ئۇچۇرىشىپ يۈرگەن ئادەملىرى ئارىسىدا "دۇبۇلغىلىقلار" پارتىيىسىدىكىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتتىكىلەر كونا ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ھەددىدىن تاشقىرى مىللەتچى گۇرھ ئەزالىرى بىلەن يەنە زور مىقداردا سانائەتچىلەر ياردىمىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىمۇ بار ئىكەن. ئېكارت، شاگىرتى ھىتلېرنى پىيانو زاۋۇدىنىڭ ئايال خوجايىنى ھېلېنا بېچستېيىن رىياسەتچىلىكىدە تەشكىللەنگەن سالوندىكىلەر بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. بۇ ئايال ھىتلېرنى بىر كۆرۈشتە "گېرمانىيىنى قۇتقازماقچى بولغان بۇ يىگىت" كە مەھلىيا بولۇپ، ئۇنى ئۆز تەۋەسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋەدىسىنى بېرىدۇ.
31-مارت كۈنى، ھىتلېر ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىدۇ. يەنە شۇ كۈنى، ھىتلېر ھەربى سەپتىن چېكىنىپ چىقىپ ئاددى بىر پۇخراغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۆز تەلىۋى بويىچە بولغان بولىشى ئېھتىمال. ياكى باشقىلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ھەربى سەپتىن چېكىنگەن بولىشىمۇ بىر ئېھتىمال. ھىتلېر 50 مارك چېكىنىش سوممىسىنى ئېلىپ، بىر پەلتو، بىر شەپكە، بىر قۇر
122
كىيىم، بىر قانچە ئىشتان، ئاياق-پايپاق ۋە ئىچ كىيىملىرىنى چامىدانىغا سېلىپ گازارمىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن تيېرش كوچىسى 41-نومۇرلۇق بىنادىن چاققانغىنە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ جايلىشىدۇ. بۇ ئۆي ھاللىق سىنىپلار ئولتۇراق رايونىغا تەۋە يەردىكى ئۆي بولۇپ، ئىسار دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر بىنادا ئىدى. بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك 3~4 قەۋەتلىك بىنالار بولۇپ، ئاستى قەۋىتى دۇكان ياكى ئىشخانا قىلىنغان، ئۈستى قەۋەتلىرى چاققان-چاققان ئۆيلەردىن ياكى بويتاقلار ئۆيلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ھىتلېر ئىجارىگە ئالغان ئۆي بەكلا كىچىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 15 فۇت (4.5 مېتىر ئەتراپىدا ― ئۇ.ت)، كەڭلىكى 8 فۇت (2.5 مېتىرغا يېقىن ― ئۇ.ت) لا كېلەتتى. بۇ ئۆي ئۇنىڭ ۋيېننا ماننېرھېيمدا تۇرغان ئۆيىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئۇزۇنچاق تار بىر ئۆي ئىدى. بۇ ئۆي، بىنادىكى ئەڭ سوغۇق ئۆي بولۇپ، ئۆي غوجايىنى ئېرلاڭگېر، "بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان خېرىدارلىرىمنىڭ تولىسى كېسەل بولۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا، بۇ ئۆينى ئەندى ھېچكىمگە ئىجارىگە بېرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ساقلايدىغان ئىسكىلات قىلىپ قويغان ئىدىم" دەيدۇ.
ھىتلېر تاللىۋالغان بۇ ئۆي، «مىيونخىېن كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتى تەھرىراتىغا يېقىن بىر يەردىكى بىنادا بولۇپ، ھىتلېر بۇ يەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تاللاپ ئىجارىگە ئولتۇرغان ئىدى.102 چۇنكى بۇ گېزىت، ئىسمىنى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» دېگەنگە ئۆزگەرتىپ ئىزچىل تۈردە يەھۇدىيلارغا، ماركسىزمچىلارغا قارشى كانايلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى. ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنە شۇ گېزىتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، تېخى يېقىندىلا بۇ گېزىتتا بېسىلغان بىرىنچى بەت باش ماقالىسىغا «يەھۇدىيلارغا ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ قويايلى!» دەپ تېما قويۇلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدا ھەر قانچە رەھىمسىز تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كەلگەندىمۇ يەھۇدىيلارنى پۈتكۈل گېرمانىيە تەۋەسىدىن بىرنىمۇ قويماي تازىلاپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنداق ماقالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى رۇسىيىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار يازغان ماقالىلار بولۇپ، ھىتلېر بۇ ماقالىلاردىن كوممۇنىزمنىڭ كۈندىن-كۈنگە خەتەرلىك تۈس ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى.
ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھۇجۇم نىشانى يەھۇدىيلار بىلەن تىنچلىق سۇلھىسىغا قول قويغانلار ئىدى. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىنلا ئاندىن ماركسىزمغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھىتلېر بىلەن ئېكارت ئىككىسى گېرمانىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىغا ئاز-تۇلا قايىل ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ كوممۇنىستلارنى ئۆز يېنىغا قارىتىۋېلىشنى بەكلا ئارزۇ قىلىشاتتى. ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ تەييارلىغان «نېمىسلار ۋە يەھۇدىي بولشېۋىكچىلىكى» دېگەن ماقالىسىغا ئېكارت ھەتتا "نېمىس بولشېۋىكچىلىكى" دېگەن مەزمۇننىمۇ قوشۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ھىتلېر بىلەن بىرگە قاتناشقان بىر قېتىملىق يىغىندا، پارتىيە ئىچىدىكىلەرگە قارىتىپ "گېرمانىيەدىكى كوممۇنىستلار ھەقىقەتەنمۇ غايىلىك، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا گېرمانىيىنى قۇتۇلدۇرۇش كۆرىشى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە" دەپ سۆزلىگەن ئىدى.
ئەمما رۇسىيىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار بۇنداق مۇرەسسەچىلىككە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇلارنىڭ يازغان ماقالە ياكىسۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا ئېيتقان بولشېۋىك خەۋىپى ھەققىدىكى سۆزلىرى ھىتلېرغا كۈندىن-كۈنگە كۈچلۈك تەسىر قىلىشقا باشلايدۇ. شەرقتىن كەلگەن بۇ "ئاخىرزامان مۇخلىسلىرى" ئارىسىدا كىشىنى سۆز بىلەن قايىل قىلىشقا ئەڭ ماھىر بىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئالفرېد روزېنبېرگ، يەنى شۇ ئېستونىيەدىن كەلگەن ياش ئارخىتىكتور ھەم قوشۇمچە رەسسام ئىدى. بۇ
123
كىشى بىلەن ھىتلېر يېڭى تونۇشقىنىدا بىر-بىرسىگە ئۇنچىۋالا يېقىن بولۇپ كېتەلمەيدۇ. "ئەگەر مەن ئۇنى بىر كۆرۈپلا پۈتۈنلەي قايىل بولدۇم دېسەم قېپ-قىزىل يالغان گەپ قىلغان بولىمەن. ― دەيدۇ روزېنبېرگ كېيىن ئەسلىگىنىدە. ئەسلىدە ئۇ، ھىتلېرنىڭ مىتىنگلەردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭغا قايىل بولغان ئىكەن، ― مەن بۇ يەردە، ئەركىن بىر پۇخرالىق جاسارىتى بىلەن قۇرۇق قول ئوتتۇرىغا چىقىپ مەخسۇس غايە ئۈچۈن كىشىنى قايىل قىلارلىق كۈرەشكە ئاتلىنالىغان، ئالدىنقى سەپلەردە جەڭ كۆرگەن پىشقەدەم بىر ئەسكەرنى كۆردۈم؛ مەن ئۇنىڭ نۇتقىنى 15 مىنۇت ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئەنە شۇنداق بىر قاراشقا كېلەلىگەن ئىدىم."
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي جەريانىدا روزېنبېرگنىڭ يازغان ماقالىلىرى ئېكارتنىڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلى بىلەن باشقا مىللەتچى ژۇرناللاردا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھىتلېر بىلەن ئىككىسى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ بىر-بىرسىدىن زادىلا ئايرىلالماس ھالغا كېلىدۇ. ھىتلېرغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى، روزېنبېرگنىڭ "بولشېۋىكلار ھەرىكىتى، يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى بوي سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت يەرشارى خاراكتېرلىق ستىراتىگىيىسىنىڭ بىر باسقۇچىدىنلا ئىبارەت" دېگەن گېپى ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەلىلىنى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە خوفبراۋخاۋس چوڭ يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىن قولغا چۈشۈرىدۇ. شۇ كۈنىسى، «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىدا «يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش كاتتىلىرى توختامنامىسى» ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ توختامنامىنى "دۆلەتنى تىرىلدۈرۈش كاتتىلىرى" شىۋىتسارىيىنىڭ باسېل شەھىرىدە چاقىرغان قۇرۇلتىيىدا توختام قىلىنغان دەپ پەرەز قىلىنماقتا ئىدى. بۇ ئەسلىدە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش سۈيىقەستىنىڭ 24-نۆۋەتلىك مەخپى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان بىر دوكلات تىزىسى ئىدى (بۇ "كىلىشىمنامە" لايىھىسى ئەسلىدە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ بۈشۈگى ھېسابلىنىدىغان فرانسىيەدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يازغۇچىسى چاررۇسىيىنىڭ بىر ئىشپىيونى ئىكەن. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسىيىدە ئېلان قىلىنغان. بۇ توختامنامىنىڭ گېرمانىيىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشى ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بىر يىلدىن كېيىنكى ئىش بولۇپ، گېرمانىيىدە تۇرىۋاتقان رۇسىيىلىك مۇھاجىرلار چىقىرىۋاتقان بىر ژۇرنالدا بېسىلغان بولسىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا تۈزۈك تەسىر قوزغىيالمىغان ئىدى. بۇ كىلىشىمنامە ئەسلىدە ئىختىيارى يازغۇچىلار تەرىپىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇيدۇرما ھۆججەت ئىدى. ئەمما بۇ ماتېرىيال ئىككىنچى ۋىلھېلم بىلەن ئىككىنچى نىكولاي تەرىپىدىن گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلىنىدۇ. روسىيە چار پادىشا جەمەتى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىكاتىرىنبۇرگدا، يەنى چار پادىشاسى تۇرغان يەردە بىر پارچە «ماسۇنلار توختامنامىسى»، بىر پارچە «تەۋرات» ۋە بىر پارچە «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» دېگەن كىتاب تېپىلغان ئىدى. ― ئا. ھ. ئىى) بۇ «توختامنامە»، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشى بىلەن يەھۇدىي تەھدىتى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر دەلىل، شۇنىڭدەك يەنە روزېنبېرگ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىتلېر، روزېنبېرگنىڭ بولشېۋىكلارغا قارىتا سەگەك بولۇش كېرەك دېگەن گېپىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ.103 شۇنداقلا، شۇ كۈنلەرگىچە قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوممۇنىزم مەسىلىسى ئاستا-ئاستا پارتىيە ئەقىدىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمىغىمۇ ئايلانغان ئىدى.
بۇ «توختام» نىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەنلەر يالغۇز ھىتلېرلا ئەمەس ئىدى. شۇ يىلىنىڭ ماي ئېيىدا لوندوندا چىقىدىغان «تايمىس» گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ماقالىدا، بۇ «توختامنامە» يەھۇدىينىڭ يەھۇدىيلارغا قارىتىپ يازغان ھەقىقىي ھۈججىتى؛ شۇڭا، بۇ ماتېرىيالغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، دەپ باھا بەرگەن. يەھۇدىي دۈشمەنلىكى، ئەسلىدە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان بىر قاراش ئىدى؛ «توختامنامە» پۈتكۈل ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئىچىدىلا تارقىلىپ قالماي، يەنە جەنوبى ۋە شىمالى ئامېرىكا قىتئەلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇمۇ يامان غەرەزلىك يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. ئەسىرلەر بويىچە كاتولىكلارنىڭ ئالغان تەربىيىسى
124
"ئەيسانى يەھۇدىيلار ئۆلتۈردى دېيىش بىلەن باشلىناتتى؛ بۇ دىننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مورتى بولغان مارتىن لوتېرمۇ يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ، يەھۇدىيلار تەڭرىنى ئىبلىسقا ئوخشىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ 'ئۆتكۈر ۋابا، يۇقۇملۇق كېسەللىك، كەمكۈستىسىز ئاپەتنىڭ نەق ئۆزى' دەپ قارايتتى. قىسقىسى، يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغاچقا، ئۇلارغا ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك"، دەيدىغان قاراشتا ئىدى.
ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ئاساسلىقى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ۋە شۇنىڭدەك ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىنقىلاب دەۋرىدىكى كۈزىتىشلىرىدىن كەلگەن بولۇپ (قىزىق يېرى، ھىتلېرنىڭ بۇ ۋاقىتلاردىكى ئۆي خوجايىنى بولغان ئېرلاڭگېرمۇ بىر يەھۇدىي ئىدى. بۇ يەھۇدىي ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلىرىنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۇنىڭ بىلەن پەلەمپەيدە ياكى تاشقارقى ئىشىك تۈۋىدە پات-پات دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم. ئۇنىڭ، يېنىغا سەپ يۈرىدىغان خاتىرە دەپتىرىنى چىقىرىپ بىر نەرسىلەرنى خاتىرلەپلا يۈرىشىنى كۆرەتتىم. … مەن ئۇنىڭ بىز توغرىلىق باشقىچە قاراشقا كېلىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ھەرگىز پەرەز قىلالمايتتىم." ― ئا. ھ. ئى)، ئەمما بۇ تۈر قاراشلىرى يەنە كېلىپ روزېنبېرگ، تۇلې جەمئىيىتى ياكى گوبىنېياۋ، لۇتېر ۋە شۇ قاتاردىكى بىر قىسىم داڭلىق يەھۇدىي دۈشمەنلىكىدىكى كىشىلەردىن ئالغان قاراشلىرىنى ئۆز قاراشلىرىغا ياردەمچى بولىدىغان بىرەر خۇلاسە دەپلا قارايتتى. يەنى، ھىتلېر بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا لازىم بولىۋاتقان بەزى قاراشلارنىلا قوبۇل قىلىۋالغان دېيىش مۇمكىن. ۋە بەلكىم ئۇنىڭغا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان نەرسە يەنىلا شۇ كىچىك بروشۇرلار، ئاغزىدىن زەھەر تامچىپ تۇرىدىغان يەھۇدىي دۈشمىنى قارىشىدىكى پەسكەش ئوڭچىل گېزىت-ژۇرناللار بولىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى ئۇ، بۇرۇندىن تارتىپلا، يەنى ۋيېننادىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا بۇنىڭدەك پەسكەش نەرسىلەرنى قاينىتىپ ئىچىۋالغاندەك ئوقۇپ يۈرەتتى. بۇ تۈردىكى پەسكەش ماقالىلارنىڭ كاللىسىغا تېرىۋەتكەن ئۇرۇقلار 1920-يىلى 13-ئاۋغۇستتا ميۇنخېندىكى داڭلىق خوفبراۋخاۋس مىتىنگدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇ قېتىملىق يىغىندا، ھىتلېر "بىز نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىمىز" دېگەن تېما بويىچە ئىككى سائەت تىنماي سۆزلەيدۇ. ھىتلېر نۇتقىنىڭ بېشىدىلا "پەقەت پارتىيىمىزلا سىلەرنى يەھۇدىي ھۆكۈمرانلىقى ئاسارىتىدىن ئازات قىلالايدۇ!" دەپ ئوچۇق جاكارلىغان ئىدى. ھىتلېر نۇتقىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپلا جەمئىيەتنى بۇلغاپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ نۇتقىدا ئالاھىدە مەزمون ياكى رېتىم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئەسلىدە، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان يەھۇدىي دۈشمەنلىك قارىشى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس بىر قاراش بولۇپ، تارىخ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەمما ئۇ بۈگۈنكى ھادىسىلەر بىلەن تارىخى ۋەقەلىكلەرنى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇپ دەل ۋاقتىدا غەزەپ-نەپىرەتنى قوزغاش ماھارىتىگە ئىگە بىر تالانت ئىگىسى ئىدى. دەرۋەقە، بۇنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆرىدۇ: شۇ قېتىملىق يىغىندا خەلق ئاممىسى چاۋاك چېلىپ ۋە كۈلكە سادالار بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ ئالقىش ياڭرىتىپ ئون نەچچە قېتىمدەك سۆزىنى بۆلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ يەھۇدىيلارنى كۆچمەن قەبىلىلەرگە ئوخشىتىپ "يول توساپ بۇلاڭچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان" رەزىللىكنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغانلىقىنى سۆزلىگىنىدە، خەلق ئاممىسى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئەسەبىلەرچە ئالقىشلاپ كەتكەن ئىدى.
ئەستايىدىللىق بىلەن ئالدىن پىلانلاپ يېزىپ چىققان قارىلاش نۇتۇقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ھىتلېرنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىشلىرىنى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس سۆزلەر دېيىشكە بولاتتى. ئۇ، تۇنجى قېتىم ئاشكارە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يەھۇدىي سۈيىقەستىنىڭ خەلقئارالىق خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇلار تەرغىپ قىلىۋاتقان بارلىق
125
مىللەتلەر باپ-باراۋەر ۋە شۇنىڭدەك خەلقئارالىق ئىتتىپاق ― ئىنتېرناتسيۇنالىزم قاتارلىقلار ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر سۈيىقەست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلارنىڭ رەزىل، ئەخلاقسىز ۋە تەييارتاپ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى؛ بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بۇزغۇنچى، بۇلاڭچى ھەمدە "بارلىق مىللەتلەرگە زىيان سالىدىغان زىيانداش ھاشارەتلەر" گە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن يەھۇدىيلارغا قارشى ئومۇمى يۈزلۈك قەتئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ كۈرەشتە يەھۇدىيلارنى شەرقلىق ياكى غەربلىك، ياخشى ياكى يامان، نامىرات ياكى باي دەپ ئايرىپ يۈرمەستىن ھەممىنى بىر خىل تونۇش كېرەكلىكىنى، بۇ كۈرەش بىر يەھۇدىي ئىرقىغا قارشى كۈرەش بولغانلىقى ئۈچۈن قىلچە پەرقلەندۈرمەي يەھۇدىيلا بولىدىكەن ئۇلارغا ئومۇمى يۈزلۈك قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. "پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشەيلى!” دېگەن بۇ شۇئار بۈگۈنكى دەۋرگە ماس كەلمەس بولۇپ قالدى؛ شۇڭا بۈگۈنكى جەڭگىۋار شۇئارىمىزنى "پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلارغا قارشى خەلقلەر بىرلىشەيلى!"، "ياۋروپا خەلقى ئازاتلىققا مۇھتاج!" دېگەندەك ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك دەيدۇ. قىسقىسى، ھىتلېر يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى "ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىش" كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.104 گەرچە ھىتلېرنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى نىسبەتەن مۇجىمەلدەك قىلسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن رەھىمسىز بىر چاقىرىق ئىدى: "يەھۇدىيلارنى خەلقىمىز ئارىسىدىن تولۇق تازىلىۋېتىشىمىز كېرەك!" دەپ قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ھىتلېر، يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىغا خېلى بۇرۇنلا ئاتلانغان ئىدى. شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدىلا «ميۇنخېن پوچتىسى» گېزىتىدا ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى مازاق قىلىپ دوراپ يۈرۈشىنى كۈلكىلىك دەپ ھېساپلاپ، "ئادولف ھىتلېر خۇددى بىر سىرىك سەنئەتچىسىگىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەش شەكلى بىر سىرىك ئويۇنچىسىنىڭ نەق ئۆزى" دەپ يازغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق نۇتقىغا قارىتا بۇ گېزىت خېلىلا سەگەك مۇئامىلىدە بولغان بولۇپ، ھىتلېرنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ مۇراسىملاردا ھەقىقەتەنمۇ سىھىرلىك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان: "شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئەگەر ھىتلېرنىڭ نۇتۇقلىرىدا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسە بار دېيىشكە توغرا كەلسە، ميۇنخېندا قوزغىلاڭچى ئاممىنى كۈشكۈرتۈپ كەلگەن ئادەم، دەل شۇ ھىتلېردۇر" دەپ يازىدۇ.
ئەمما ھىتلېر، بۇ جەھەتتە جىدەل پەيدا قىلغۇچى، ئىرقچىلارغا چاقىرىق قىلغۇچى بىرسىلا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش چاقىرىقىغا قىزىقىدىغان كىشىلەردىن يەنە ئۇلۇغ ئىمپىرىيە قۇرۇشنى ئاخىرقى غايە قىلىشقان كىشىلەر، يەنى كىشىلەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ كېلىنگەن ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئاھالىسىمۇ بار ئىدى. 1913-يىللىرىدىلا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر “پان گېرمان ئىتتىپاقى" نىڭ باشلىقى ھېينرىك كلاسنىڭ "يەھۇدىيلار بارلىق خەۋىپنىڭ باش مەنبەسى؛ يەھۇدىيلار بىلەن نېمىسلار ئوت بىلەن سۇدەك قەتئىي چىقىشالمايدىغان ئىككى خىل خەلق" دېگەن سۆزلىرىگە قەتئىي ئىشەنگەن ئىدى. كلاس، "كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم بىرسى چىقىپ نېمىس خەلقىنى يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەشكە يېتەكلەيدۇ؛ … بىز ئەنە شۇنداق بىر يېتەكچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتمەكتىمىز! سەۋىر قىلايلى، زېرىكمەي ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتەيلى، ئۇنداق بىرسى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ! شۇڭا بۇ كۈرەشتە قەتئىي چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك، بۇ جەھەتتە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ پائالىيەت قىلىشىمىز كېرەك!" دەپ جاكارلىغان ئىدى.
شۇ كۈنلەردە ھىتلېرنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ تىزىسىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيلاردىن ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق قورقىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن: "قانخور يەھۇدىيلار! ئۇلار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى يىتەكچىلىرىنى قىرىپ تۈگىتىپ بۇ يەرنى رۇسىيىنىڭ جەسەتخانىسىغا ئايلاندۇرماقتا!" "يەھۇدىيلار بۈگۈنكى گېرمانىيىنىڭ مۇستەبىتى ھالىغا كېلىۋېلىشتى؛
124
بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىز دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىت ئوتتۇرسىدىكى بىر كۈرەش؛ ياق، بۇ كۈرەش يەھۇدىيلار بىلەن نېمىسلار ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتۇر. ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى كىم تونۇپ يېتەلىدى؟" "ئاكسىيە بازىرى بىلەن ھايانكەشلىككە تايىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن تىنچلىقنىڭ، يەنى پۇل پاخاللىقى دەۋرىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان تەلەپلەرنى، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنىڭ غەرىزىنى بىلەمسىلەر؟ بۇلاردىن كىم مەنپەتدار بولىۋاتىدۇ؟ يەنە شۇ يەھۇدىيلار! … بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقلارنى كەڭ كۆلەملىك قۇرۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بىر تەييارلىقى! بۇھەرىكەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىشى، يەنى كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق پەيدا قىلىۋېتىشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ غەرىزىنى تولۇق ئىسپاتلىماقتا. بولۇپمۇ ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش، ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر قۇرالى. ئاچارچىلىق يەھۇدىيلار ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. …" "دۇنيا ئىنقىلابى دېگەنلىك، پۈتۈن دۇنيانىڭ خەلقئارالىق ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ غوجايىنلىرىغا، يەنى يەھۇدىي مۇستەبىتلىرىگە ئەل بولۇشى دېگەنلىكتۇر."
مىسال كەلتۈرۈلگەن بۇ سۆزلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىي قورقۇنچىسى بىلەن يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى ئۇنىڭ رەسمى سىياسى پەلسەپەسى ھالىغا قاراپ تەرەققى قىلماقتا ئىدى. يەنە شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭدىكى تېخى يۇمىران بىخ ھالەتتىكى تاشقى سىياسەت چۈشەنچىلىرىمۇ شەكىللەنمەكتە ئىدى. ھىتلېر شۇ يىلى سىنتەبىردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا مۇنداق دەيدۇ: "بىز بۈگۈن پۇت-قولىمىز چۈشەلگەن، مىدىر-سىدىر قىلالماس، ئۈن چىقىرالماس ھالغا كەلتۈرۈلدۇق. بىز گەرچە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بولساقمۇ، دۈشمىنىمىز بولغان فرانسۇزلار بىلەن ئۇرۇش قېلىشتىن ھەرگىز قورقۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك." ھىتلېر يەنە، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مەسىلىسىنىمۇ ئويلاپ يۈرگەن ئىدى. ھىتلېر تېخى يېقىندىلا "بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىزگە دۈشمەن بولىۋاتقان كۈچ ئىتالىيە ياكى باشقا يەردە ئەمەس بەلكى رېيىن دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بىزگە خىرىس قىلىپ تۇرماقتا" دەپ ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، يەھۇدىيلارنىڭ ئىنتېرناتسيونالىزمىغا قارشى تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى روزېنبېرگ بىلەن «خىتاپنامە» دىن ئىلھاملىنىپ شەكىللەنگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ھىتلېر، يەھۇدىيلار بىلەن ئىنتېرناتسيولىزمنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قارايتتى. فرانسىيىگە قارشى ئىتالىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى؛105 گەرچە بۇ قاراشلىرى ھىتلېرنىڭ دەسلەپكى قاراشلىرى ھېسابلانسىمۇ، مەنتىقىلىق ھەمدە ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان دېپلوماتىيە سىياسىتى تىكلەش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئوق-دورا تۈتۈنلىرى بىلەن قاپلانغان جەڭ مەيدانلىرىدىن ئېلىپ كەلگىنى ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەردە ئەزەلدىن بار چۈشەنچىلەر بىلەن بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئىدى؛ كىشىلەرگە بىر مۇنچە ئېغىر جاراھەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن قىزىللار ئىنقىلابىدىن چىقارغان خۇلاسىسى بولسا، پۇخرالاردا ئەزەلدىن بار بولغان چۈشەنچىلەر ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئىدى. مانا ئەندى، ئۇ ئۆزىنىڭ يوقۇرقىدەك چۈشەنچىلىرىنى رەتكە سېلىپ سىستىمىلاشتۇرماقتا ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم غايىسىغا ئايلىنىۋاتقان، ۋيېننادىكى جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتكەن كۈنلىرىدە جان تالىشىش جەريانىدا ئادەتتە ئىچىدە ساقلاپ كەلگەن يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا ئەزەلدىن بار نەرسىلەر ئەمەس ئىدى
.ئادولف ھىتلېر، ئەمىلى سىياسى ساھەلەر بويىچە قەدىمىنى تېزلىتىشكە كىرىشىپ، ئاساسەن قۇرۇق قول دېگىدەك پارتىيىنىڭ ئاساسىنى كېڭەيتىتىشكە كىرىشىدۇ. يەنى، بۇ پارتىيە بۈگۈن “مىللى سوتسيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى
125
National Sozialistische Deutsche Arbeiter Partei ― NSDAP دېگەن نام بىلەن ئاتالماقتا ئىدى (تەرجىمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ياپونچىدىن ئېلىنغان "دۆلەت سوتسىئالىزمى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى" مەنىسىدە 国家社会主义德国工人党 دەپ تەرجىمە قىلىناتتى. بۇ تەرجىمىدە ئۆز سىياسى قارىشى بويىچە، ھەر قانداق دۆلەت، پەقەت بىرلا مىللەتكە تەۋە بولىدىغانلىقى، شۇڭا دۆلەت ئۇقۇمى پەقەت شۇ دۆلەتنىڭ غوجايىنى بولغان مىللەتنىلا ئىپادىلەپ، كۆپ مىللەتلىك تەڭ-باراۋەر ئومۇم خەلق دۆلىتى ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلمايدىغان شوۋېنىست ئادىتى بويىچە مىللىتى سۆزى بىلەن تەڭ مەنىدىكى دۆلەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەچكە، بۇ يەردىمۇ مىللەت ئورنىغا دۆلەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت تەركىۋىنى شەكىللەندۈرىدىغان خەلق ئاتالغۇسىنىڭمۇ مىللەت ئۇقۇمى يوق. ئۇنىڭ ئورنىغا خانزادىلارنىڭ، دۆلەتنىڭ قۇللىرى مەنىسىدىكى خەلق ئاتالغۇسى ― قىسقارتىلما مەنىداش ئاتالغۇسى 'دۆلەت' ئۇقۇمىلا بار. ئەمما «كۈرەش يولۇم» نىڭ قايسى بىر تور تەرجىمىسىدە بۇ ئىسىمدىكى "دۆلەت" ئاتالغۇسى ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئەسلى مەنىسى بويىچە "مىللىي" دەپ 民族社会主义德国工人党 شەكلىدە نىسبەتەن توغرا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يەردە، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە مۇقىملىشىپ قالغان "دۆلەت سوتسىئالىزم گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى" دەپ ئېلىش ئورنىغا "مىللىي سوتسىئالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى" دەپ ئېلىشنى توغرا تاپتىم. بۇ يەردە يەنە "مىللى" سۆزى، ئەسلىدە 'مىللەتچى' ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن، دەپ قارايمەن. شۇڭا، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ "مىللەتچى سوتسىئالىزمنى غايە قىلغان نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى" دەپ چۈشىنىش كېرەك. ― ئۇ.ت). ھىتلېر بۇ ئىسىم ئارقىلىق نېمىس خەلقىنى رىغبەتلەندۈرۈش، قورقۇنچاقلارنى قورقۇتۇش، مىللىي غايىسى ئۈچۈن قان تۆككەن نېمىسلارنى جەلىپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
خۇددى شۇ مەقسەتتە، ھىتلېر پارتىيە بايرىقىنىمۇ كومپارتىيىنىڭ قىزىل رەڭلىك بايرىقى بىلەن تەڭ تۇرالىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرۇپ، "بىزنىڭ بايرىقىمىز كوممۇنىستلارنىڭ بايرىقىدىنمۇ بەكرەك قىزىل بولىشى كېرەك" دەيدۇ. درېكسلېر بۇ ھەقتە ھىتلېرنىڭ دېگىنىنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ قىزىل رەڭگى قىزىللارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىشى، ئەمما ئۇلاردىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىشى كېرەك، دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ستارنبېرگلىق بىر چىش دوختۇرى يۇرتىدا پارتىيە شۆبىسى قۇرۇلغاندا ئىشلەتكەن كرىست بەلگىلىك بىر بايراقنى ئىۋەرتىدۇ. بۇ بايراقنىڭ رەڭگى قارا-ئاق-قىزىل ئۈچ خىل رەڭدە ئىدى. بايراقتىكى تەتۈر چىشلىق كرىست بەلگىسى، يەنى سانسكرىت يېزىقىدا "ئۇچۇق-ئاشكارە" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ بەلگە، ئۇزۇن مەزگىل تېۋتون رىتسارلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ كەلگەن، لانز ۋون ليېبېنفېلس، "تۇلې جەمئىيىتى"، "ئەركىن پولكلار" قاتارىدىكى خېلى كۆپ ئورگانلارمۇ ئىشلەتكەن بىر بەلگە ئىدى. ئەسىرلەر مابەينىدە بۇ بەلگە ياۋروپانىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق بەلگىسى بولۇش بىلەنلا قالماي، شىمالى ئامېرىكىنىڭ بەزى قەبىلىلىرىدە قۇياش ياكى ئاخىرزامان بەلگىسى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلگەن ئىدى. بۇ بەلگە، شۇنىڭدىن كېيىن، بەلكىم مەڭگۈلۈك گۇناھنى بىلدۈرىدىغان بىر سىموۋۇلغا ئايلاندى دېيىش مۇمكىن.
3
كاپ قوزغىلىڭى ۋە شۇنىڭدەك گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا قۇرۇلغان كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، سوتسىئالىزم ئىشلىرىنى قاتتىق تەۋرىتىۋېتىدۇ. ئېبېرت بىلەن "سوتسىئالىزمچىلار كۆپسانلىقى" ئاغمىچىلىق مەيدانى بويىچە "ئەركىن پولك" قىسىملىرىدىن پايدىلىنىپ رۇر رايونىدىكى ئىشچىلارغا قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار بىلەن سولچىل "مۇستەقىل سوتسىئالىزمچىلار" ئوتتۇرسىدىكى ھاڭمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇلار 1920-يىلى باش باھاردا، ئاسىيلار، يەنى ئۆز ئىچىدە يەنە كوممۇنىست يېقىنلىرى ۋە كوممۇنىست دۈشمەنلىرى دەپ ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ كۈچلىرى بىر-بىرسىگە تەڭ دېگىدەك ئىدى، ئۇلار "مۇستەقىل سوتسىئالىزمچىلار پارتىيىسى"
126
نىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىلەن بۇ پارتىيىنىڭ ئۈچىنچى ئىنتېرناتسيونال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەش مەقسىتىدە خاللېيدا بەش كۈن داۋاملاشقان قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ. يىغىندا سۆزگە چىققانلاردىن موسكۋادىن كەلگەن ئۈچىنچى ئىنتېرناتسيونالنىڭ باشلىقى گرېگورى زىنوۋىيېۋ كىشىلەرنى ئۆزىگە بەكلا جەلىپ قىلىۋالىدۇ. سوۋېتلەرنىڭ ئۇنى بۇ يىغىنغا قاتناشتۇرۇشتىكى مەقسەت، 9 يۈز مىڭ كىشىگە يېقىن گېرمانىيە سوتسىئالىزمچىلىرىنى رادىكال سولچىلار تەرىپىگە تارتىپ كېلىش ئىدى. زىنوۋىيېۋ بىر قانچە سائەتلىك نۇتقى جەريانىدا "نېمىسچىنى بۇزۇپ كېكەچلەپ سۆزلىشىگە قارىماي، ئۇنىڭ بۇ نېمىسچە نۇتقى يەنىلا كۈچلۈك تەسىر قوزغىيالىغان ئىدى." ئۇنىڭ نۇتقى كوممۇنىست يېقىنلىرى تەرىپىدىنمۇ قىزغىن ئالقىشلىنىدۇ.
كەينىدىنلا ئوڭچىل-سولچىل ئىككى قانات كىشىلەر شىددەتلىك مۇنازىرىگە چۈشىدۇ.106 بەزى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇنازىرىدە ئوڭچىللىققا مايىل گۇرۇھتىكىلەرنىڭ كۆرسەتكەن دەلىللىرى ئۈستۈلۈكتە ئىدى. ئەمما دۇنيا ئىنقىلابى ھەققىدىكى كۆزقاراشلارمۇ كىشىلەرنى ھاياجانغا سېلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىدەك كۈچتە ئەمەس ئىدى. يىغىندا، 237 ئاۋاز بىلەن لېنىننىڭ شەرتلىرى بويىچە تەشكىل قىلىنغان ئۈچىنچى ئىنتېرناتسيونالغا قاتنىشىش ماقۇللىنىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز سانى 156 ئاۋاز بىلەن چەكلىنىپ قالغاچقا، ئاۋازغا قويۇش ئىشى تاماملانغاندىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. چىقىپ كەتمىگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كوممۇنىستلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بۇ ۋەكىللەردىن بىرسى ئۇيغىنىپ تىڭىرقىغان ھالدا خاللېيدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ كىشى ئوتتو ستراسسېر دېگەن كىشى ئىدى. بۇ ئادەم زىنوۋىيېۋنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغانسىرى پەقەتلا خاتىرجەم بولالماي قالغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ گويا يېڭى بىر دۇنيانى قۇتۇلدۇرۇش تەلىماتىنى ئاڭلىغاندەك، يەنى موسكۋا گېرمانىيىگە ھۆكمۈرانلىق قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم." ئوتتو ستراسسېر، ئاكىسى گرېگور بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بۇيان سوتسىئالىزم خامخىيالىنى قىلىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى قەتئىي تۈردە شىددەتلىك ئىسلاھات ئۈچۈن تەييار تۇرىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، بۇنداق بىر ئىسلاھات چەتئەل تەسىرىگە قەتئىي ئۇچرىمايدىغان بىر ئىسلاھات بولىشىنى، يەنى ئۇلار گېرمانىيىگە خاس سوتسىئالىزم قۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ جەھەتتە، ئوتتو پەقەت ئىنقىلابىي تۈس ئالغان "مۇستەقىل سوتسىئالىزمچىلار پارتىيىسى" ئەزالىرى ئىچىدىنلا بۇنداق بىرسىنى تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى.
ئوتتو، خاللېي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيىسىز بىرسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ پەقەتلا ئارامى بولمىغاچقا، لاندشۇتقا بېرىپ ئاكىسى گرېگور بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىش نىيىتىگە كېلىدۇ. گرېگور ئۇ يەردە "ئەركىن پولك" شەكلىدە پىيادە ئەسكەرلەر، توپچىلار ئەترىتى، پىلىموتچىلار روتىلىرى بار شەخسى قوشۇنغا ئىگە ئىدى. ئۇ، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئېغىر خەۋىپ رۇسىيىدىن كېلىدۇ؛ ئەمما ھېچ بىر پارتىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە رۇسىيىگە قارشى تۇرالماي كەلمەكتە" دەپ قارايتتى. "قۇرۇق گەپ يوغلىتىشنىڭ قىلچىمۇ پايدىسى يوق، ― دەيدۇ گرېگور، ― چوقۇم ئەمەلى ھەرىكەت بولىشى كېرەك." بۇ مەسىلىنى دەرھال مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا بەكلا مۇھىم ئىككى مېھمان كېلىدۇ.
ئوتتۇ ستراسسېرنىڭ دېيىشىچە، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن چوڭ بىر ئاپتوۋۇز ئاكىسى گرېگور ستراسسېرنىڭ ئاپتىكىسى ئالدىغا كېلىپ توختىغان. ئاپتوۋۇزدىن ئىككى ئەر كىشى چۈشكەن بولۇپ، ئوتتو ئۇلاردىن ئالدىدا ماڭغان بىرسىنى تونىۋالغان: بۇ كىشى بارلىق مىللەتچىلەر قەلبىدە قەھرىمان ھېسابلىنىدىغان گېنېرال لۇدېندورف دېگەن كىشى ئىكەن. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان كىشى تاتىراڭغۇ چىراي، بەكلا قۇيۇق تار بۇرۇتلۇق بىر يىگىت بولۇپ، ئۇچىسىغا پەقەتلا ياراشمىغان كۆك
127
رەڭلىك پەلتو كىيىۋالغان ئىكەن، ئۇ ئادەم خۇددى "باتالىيون كوماندىرىنىڭ ئالاقىچىسى" غىلا ئوخشاپ قالغان. ئۇ كىشى دەل ھىتلېر دېگەن كىشى ئىدى. "بىز چوقۇم بارلىق مىللەتچىلەرنىڭ تەشكىلاتلىرىنى يىغىپ بىر نوقتىغا كەلتۈرۈپ بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك" دەيدۇ گېنېرال لۇدېندورف. ئۇ يەنە، سىياسى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ھىتلېر ئەپەندى مەسئۇل؛ بۇ مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەربى ھوقۇقىغا بولسا لۇدېندورفنىڭ ئۆزى مەسئۇل؛ گرېگور بىلەن ئۇنىڭ ھۇجۇمچىلار ئەترىتى "مېنىڭ قۇماندانلىقىمغا بوي سۇنىشى، شۇنىڭدەك ھىتلېر ئەپەندىنىڭ پارتىيىسىگە ئەزا بولىشى" كېرەك دەپ تەلەپ قىلىدۇ.
ھىتلېر، گرېگورنى مەملىكەتلىك بىرىنچى رايونىنىڭ پارتىكوم رەھبىرى بولىشىغا قوشۇلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك تۆۋەن باۋارىيىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئوتتو ھىتلېرغا قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ. بۇ چاغدا ئوتتو گەپ ئارىلاپ، مىللىي سوتسىئالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى زادى نېمە دەپ سورايدۇ. "مەسىلىنىڭ تۈگۈنى پروگراممىنىڭ قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدا ئەمەس. ― دەيدۇ ھىتلېر، ― مۇھىم بولغىنى ھوقۇق." ئوتتو بۇ گەپكە رەددىيە بېرىپ، ھوقۇق ― پروگراممىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىر ۋاستىسىدىنلا ئىبارەت، دەيدۇ. "بۇ دېگەنلىرىڭ پۈتۈنلەي زىيالىيلارچە قاراش. ― دەيدۇ ھىتلېر قىسقىچىلا، ― بىز ھوقۇققا مۇھتاجمىز!" روشەنكى، ھىتلېر ئوتتونى پەقەتلا ياراتمايدۇ. كەينىدىنلا ئوتتونى قىزىللارنىڭ تەرىپىنى ئالغان كاپ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئادەم ئىكەنسەن دەپ تەنقىتلەيدۇ.
بۇ گەپكە ئوتتو دەرھال رەددىيە بېرىدۇ: ئۇ ئۆزىنى بىر مىللىي سوتسىئالىزمچى دەپ تونىغان بىرسى قانداقلارچە كاپقا ئوخشاش ئەكسىيەتچى بىرسىنى ھىمايە قىلىشى مۇمكىن؟ مەنمۇ خۇددى ھىتلېرنىڭ مىيونخېندا سوۋېت ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى چىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللانغىنىدەك بىر سوتسىئالىزمچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بېرلىندا كۈرەش قىلدىم. بىز ئىككىمىزلا تۇتقان يولىمىزنى توغرا دەپ قارىماقتىمىز، ئەمما مېنىڭ تۇتقان يولۇم ھەقىقى توغرا يول، دەيدۇ.107
بۇ چاغدا لۇدېندورف گەپ قىستۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "مىللەتچى مۇخالىپلارنىڭ تۇتقان سىياسىتى ھەرگىزمۇ كوممۇنىزم سىياسىتى بولماسلىقى كېرەك. خۇددى شۇنىڭدەك كاپىتالىزم سىياسىتى بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس." ئۇ، قۇراللىق قىسىملارنى نازارەت قىلىش ئىشىنىڭ پۈتۈن ئىشچى ۋە كاپىتالىستلاردىنمۇ ئارتۇق ئاۋارە قىلىدىغان قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ كىشىنى چۈچىتكىدەك بۇ گەپلىرى سۆھبەت مۇھىتىنى پۈتۈنلەي يۇمشىتىۋەتكەچكە، بۇ ئۇچۇرۇشۇشمۇ دوستانە مۇھىت ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، گرېگور كەسكىن بىر نېمە دېگىلى ئۇنىماي ئويلىشىپ بىر نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى، گرېگور ئىنىسىگە، ھىتلېرنى بەك تونۇپ كەتمىگىنىگە قارىماي يەنىلا لۇدېندورف ۋە ھىتلېر ئىككىسى بىلەن بىرلىشىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە گېنېرالىمىز ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق تۈردە پايدىلىنىشنى بىلىدۇ. بۇ ئىشتا مەن لۇدېندورفتىن خاتىرجەم بولالايمەن."
ھىتلېرنىڭ ئوتتو ستراسسېرغا پارتىيە پروگراممىسىنى ئاشىكارىلاشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب، بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسە يوقلىقى ياكى ئېغىز ئېچىشتىن قىينالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھەددىدىن ئارتۇق جاھىللىقى، شۇنىڭدەك يەنە بۇرۇن كاپقا قارشى چىققان بىر "ۋەتەن خائىنى" بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشنى خالىمىغانلىقىدىن ئىدى. مۇھىمى، ھىتلېرنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىدى گرېگور بىلەن ئۇنىڭ تەشكىللەپ چىققان ئارمىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىلا مەقسەت قىلىش ئىدى. ھىتلېر ئۇلار بىلەن خوشلىشىۋېتىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ چوقۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ سېپىگە كېلىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. گرېگور ستراسسېر بىلەن ھىتلېر ئوخشاش تىپتىكى ئادەملەردىن ئىدى: ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ باققان تۆۋەن دەرىجىلىك بۇ ئوفىتسېر، خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بىرىنچى دەرىجىلىك قارا كرىست مېدالىغا ئېرىشكەن بىرى
128
ئىدى. روشەنكى، ئۇمۇ ئەقىدىلىك، قىزغىن مىللەتچى، ھەم ماركسىزمغا، ھەم كاپىتالىزمغا قارشى بىرى ئىدى، شۇنىڭدەك يەنە، يەھۇدىيلار مەسىلىسى ئۇلار ئىككىسىنىڭلا ئومۇرتقىسى ۋە مېڭىسى ھالىغا كېلىپ بولغانلىقىنىمۇ سېزىپ بولىدۇ.
ھىتلېر ئۆز ۋاقتىدا تايىنى يوق بىر پارتىيە ھېساپلانغان بەكلا كىچىك گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغىنىدىن بويان، گرېگور ستراسسېرنى پارتىيىگە تارتالىغانلىقى، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن پەقەت بىرسىلا ھېسابلىناتتى. ھىتلېر، بىر يىلغا قالماي بۇ پارتىيىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش بىلەنلا قالماي، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىنىمۇ 3 مىڭ كىشىگە يەتكۈزىۋېتىدۇ. ئادولف ھىتلېر، پۈتۈن ۋاقتىنى نېمىس مىللى سوتسىئالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىگە بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ ھەممە يەرگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ ۋە پارتىيىسىنىڭ بەكلا داڭقىنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇ ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە 80 قېتىمدەك ئاممىۋى يىغىندا سۆزگە چىقىدۇ؛ كاپ قوزغىلىڭى مەزگىلىدە ئېكارت بىلەن بىرگە بېرلىنگە بارىدۇ، مىللى سوتسىئالىزمچىلارنىڭ سالزبۇرگ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
يىغىن سەھنىلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلەر ھەرگىزمۇ ھىتلېرنى مەغرۇرلاندۇرۇپ ئازدۇرالمايدۇ. ئەسلىدە ئۇ، تۇرىۋاتقان ئۆيىدە تىنماي ئالدى-كەينىگە مېڭىپ، دائىم دېگىدەك مۇھاپىزەتچىسى ئۇلرىك گراف (بۇ كىشى بۇرۇن بىر قاسساپ ئىدى) قا ئۆزىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى ئۈستىدە قايناپ، "ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىمنى چىقىپ خەلقىمگە ئۇختىرالمايۋاتىمەن. ئۆزەمنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى خەلقىمگە دەپ بېرەلمەيۋاتىمەن. مەن نېمىشكە نۇتۇق سۆزلەشنى بىلمەيدىغان بىرسى بولۇپ قالغاندىمەن! بىر ناتىق بولالىسامچۇ كاشكى!" دەپ قايناپ كېتەتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبى بىلەن ئاممىۋى يىغىنلاردا خەلقنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلىدىن رازى بولمىغاچقا، بۇ ئىككى قابىلىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن رەقىپلىرىنىڭ ئاممىۋى يىغىنلىرىغا بېرىپ قاتنىشىپ، ئۇ يەرلەردە ئاساسى ناتىقنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ۋاقتىدا "ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى خۇددى مۇكەممەل يېزىلغان گېزىت-ژۇرناللاردىكى چاتما ماقالىلار ۋە ئىلمىي ماقالىلاردەك رەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھاياجانلىق سۆزلەر يوقلىقىنى، ھەتتا بەزىدە بىر قىسىم چاخچاقلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى" سېزىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاممىۋى يىغىنلاردا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇتۇق تىزىسىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ھالغا كەلتۈرىدۇ. مۇھىتىنىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېقىملىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن بىرگە، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا پىۋا، قېيزا قاتارلىق نەرسىلەرنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بىكارغا تارقىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە پارتىيە مەبلىغى يېتەرلىك بولۇپ بەرگىدەكلا بولىدىكەن، ئاكاردىيون چېلىپ خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ خەلقنى قىزىقتۇرۇپ ماڭىدۇ. ئاندىن خەلق رەسمى قىزىپ جانلانغان پەيتتە ھىتلېر مۇزىكا مارشلار، يەلپۈنۈپ تۇرغان كرىست بەلگىلىك بايراقلار بىلەن بىرگە يىغىن زالىغا كىرىدۇ. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھىتلېر نۇتقىنى باشلاش ۋاقتىدا ئىنتايىن خاتىرجەم، ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا گېپىنى باشلايدۇ. ئاندىن خۇددى بىر ئارتىسقا ئوخشاش خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىنى كۈزەتكىنىچە،108 ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ نۇتقىنىڭ رېتىمى بىلەن مەزمونىنى تەڭشەپ يىغىن مەيدانىدا كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى پەقەتلا باستۇرغۇلى بولمايدىغان يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرىۋىتىدۇ.
ئاممىۋى يىغىلىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ تۈر ئۇتۇقلاردىن ھىتلېر يەنىلا رازى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ كەڭىرى بىر مۇنازىرە سەھنىسى، يەنى ئۆزىگە تەۋە بىر گېزىتىمۇ بولىشى كېرەك ئىدى. بۇرۇنقى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى»
129
دېگەن گېزىت تۆھمەت چاپلاپ قارىلاشلار بەكلا كۆپلىكى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەنە شۇنداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بۇ گېزىت، دەل ھىتلېرنىڭ كۆز تىكىپ يۈرگەن گېزىتلاردىن بىرى ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ گېزىتنىڭ مالىيە كىرىزىسكە پېتىپ قېلىشىمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۈتىۋاتقىنى ئىدى. 17-دېكابىر تۈن يېرىمىدىن ئاشقان سائەت ئىككىدە، ھىتلېر تۇيۇقسىزلا ئېكارتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قاتتىق ھاياجان ئىچىدە ئۇنىڭغا بۇ گېزىت بەكلا كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ گېزىت قەتئىي تۈردە قولدىن چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئەمما بۇ گېزىتكە كۆز تىكىپ يۈرگەن بىر بۆلگۈنچى تەشكىلات سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ پروگراممىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇش غەرىزىدە يۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ گېزىتنى، يەنى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» نى دەرھال ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ سېتىۋېلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ گېزىت ئۈچۈن بەكلا ئەرزان باھا قويۇلغان، يەنى 180 مىڭ ماركلا باھا قويۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھىتلېر، بۇنچىلىك پۇلنى ئېكارت باي دوستلىرى ئارىسىدىن چوقۇم يىغالايدۇ دەپ ئىشىنەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8 دە درېكسلېر ئېكارتنىڭ ئىشىكىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتلار درېكسلېردەك بىر تۇرمۇش ئادىتى بولغان بىرسى ئۈچۈن پۇل مەسىلىسى ھەقىقەتەنمۇ قىيىن، تىلغا ئېلىشىمۇ تەس بىر پەيت ئىدى. درېكسلېر بۇ ھەقتە ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: "دەسلىۋىدە ئۇ رەنجىپ ۋارقىراپ چىچاڭشىپ كېتىدۇ. كېيىن ئىككىمىز بىرلىكتە يولغا چۈشتۇق." چۈشكە يېقىن ئۇ ئىككىسى گېنېرال ۋون ئېپنىڭ ئالدىغا بارىدۇ (بۇ گېنېرالنىڭ "ئەركىن پولك" قىسىملىرى 1919-يىلى ميۇنخېندىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ياردەم قىلغان ئىدى). ئۇ ئىككىسى ئۇنىڭدىن 60 مىڭ مارك ئىئانە ئالىدۇ. قالغان ئىئانىچىلاردىن (يەھۇدىي دۈشمىنى بولغان بىر دوختۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) 30 مىڭ مارك ئىئانە توپلايدۇ. درېكسلېر ئۆزىلا بۇ گېزىتنىڭ يۈز مىڭ ماركتىن ئارتۇق قەرزىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتخانىسىنى سېتىۋېلىش رەسمىيەتلىرى پۈتكۈزۈلىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېر، مىللى سوتسىئالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىدىكىلەرگە ئاساسلىقى غەلىتە مىجەزلىك بىر يازغۇچىغا ھەمدە قۇرال-سايمان ئىشلەپچىقىرىش كاپىتالىستىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كېيىنكى يوللارنىڭ تەييارلىقلىرىنى كۆرۈپ قويىدۇ.
4
ئارىدىن بىرەر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1921-يىلى 22-يانۋار كۈنى نېمىس مىللى سوتسىئالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى ميۇنخېندا بىرىنچى قېتىملىق يىللىق قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. بىر يىلدىن ئارتۇقىراق ۋاقىت جەريانىدا باۋارىيە ئوڭچىل سىياسى كۈچلەر ئارىسىدا بۇ پارتىيە ئالاھىدە كۈچلۈك بىر سىياسى كۈچ ھالىغا كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى، ھىتلېرنىڭ كىشىلەرنى ماگنېتتەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىش خاراكتىرى ۋە زېھنگە ئىگە بولغانلىقى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ھىتلېرنىڭ نۇتۇق ئارقىلىق بۇرۇنقى قۇرۇق پاراڭدىن باشقا قولىدىن تۈزۈك ئىش كەلمەيدىغان بىر تەشكىلاتنى ھەرىكەتكە يېتەكلەش قابىلىيىتىدىن كەلمەكتە ئىدى. درېكسلېرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيىنىڭ كۆپ قىسىم قۇرغۇچىلىرى پارتىيىسىنىڭ بۇ تۈردىكى ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. گەرچە ئۇلار ھىتلېرنىڭ ئىنتايىن پاسسىپ بىر تەشكىلاتنى جانلاندۇرۇپ بۇنچە ئاكتىپ پائالىيەت قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بولسىمۇ، بۇنداق جانلىنىشنىڭ ھاجىتى بار-يوقلىقى ھەققىدىمۇ ئويلانماي تۇرالمايتتى. يەنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھىتلېر پارتىيە ئىچىدە ھۈكۈمىران ئورنغا ئېرىشىپ، ئەتىراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل
130
ھىمايىچىلەرنى پارتىيىگە ئەزا قىلغانلىقى − كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، رۆم، ستراسسېر ئاكا-ئۇكىلار، روزېنبېرگ قاتارلىق كىشىلەرنى پارتىيىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ھىتلېرنىڭ بىر مۇنچە شەخسى تونۇشلىرى ۋە بىر يولدىكى بەزى كىشىلەر پارتىيىگە ئېلىپ كىرىلگەن بۇ تۈردىكى كونا ئەسكەرلەردىن بەكلا زىرىككەن ئىدى. ئۇلار، ھىتلېرنىڭ بۇ ئادەملىرىدە بوخېمىيىلىك يۇرتۋازلىق خاراكتېر بەكلا ئېغىر دەپ قارىشاتتى. شۇنىڭدەك يەنە قايسى بىر ھەقىقى سوتسىئالىزمچى، بانكىر ۋە فابرىكاتورلار بىلەن، ھەمدە بېچستېيىنغا ئوخشاش سوتسىئالىزمچىلار بىلەن بۇنچىۋالا زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ باقتى؟ دەپ غەمدە قېلىشقان ئىدى.
سىرتقى كۆرۈنۈشىدە، بىرىنچى قېتىملىق يىللىق قۇرۇلتايدا ھىتلېر توپىلاڭ چىقىرىپ ئاشكارە ھوقۇق تارتىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغاندەكلا تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. يەنى ئۇنىڭ قۇرۇق قول ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئارزۇسى ھەقىقەتەنمۇ مەنتىقىلىقتەك كۆرۈنەتتى.109 چۇنكى ئاران 411 نەپەر ۋەكىللا ميۇنخېنغا يۈرۈش قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھىتلېر يەنىلا ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقىنى بېسىپ كەلمەكتە ئىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسەت ۋە ئۇسۇلغا دائىر مەسىلىلەردىكى بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان پىكىر ئىختىلاۋىنى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۇنچە بەك چۈشىنىپمۇ كەتمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە قۇرۇلتاي ئىنتايىن ئىتتىپاقلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بار كىشىلەر قۇرۇلتايدا كۆرۈنۈشتە دوستانە مۇزاكىرە قىلغاندەك كۆرۈنۈپ ئاستىرىتىن قاتتىق كۈرەش كېتىپ بارغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇنداق بولغاچقا، كۆپچىلىك بىرلىككە كېلىپ 12 كۈندىن كېيىن ھىتلېرنى زىركۇس كروندا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
شۇ يىلى قىشتا خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ناچارلىشىپ كېتىدۇ. گېرمانىيە تەۋەسى بويىچە ئاشلىق بۇلاش ۋەقەلىرى پات-پاتلا كۆرۈلۈپ تۇراتتى. پارىژدىكى "ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئالى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى" گېرمانىيىدىن زور مىقداردا ئۇرۇش چىقىمى تۆلىتىشى جەمئىيەت قالايماقانچىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ. يەنى شۇ چاغلاردا ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان گېرمانىيە 134 مىليارد مارك ئۇرۇش چىقىمى تۆلەشكە مەجبۇرلانماقتا ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر زىمىستان سوغۇقتا ئاچقۇرساق تىتىرەپ يۈرىشەتتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىشچىلارنىڭ بىر يىللىق مائاشى ئارانلا قۇرساق تويغۇزۇشقا يېتىدىكەن؛ ھەتتا ھاللىق سىنىپلارمۇ قىيىن كۈنلەردە قالغان.
خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىۋى چېكىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قايسى ئاساسلىق پارتىيىلەر كۆنىگسىتراس مەيدانىدا بىرلەشمە نارازىلىق مىتىنگى ئۆتكۈزسەكمۇ-قانداق دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ تۈر نارازىلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ قىزىللارنىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ پارچىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ ھەرىكەتنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىشىدۇ. 1-غېنىۋاردا ھىتلېر ئۇلاردىن ئاخىرقى قارارغا كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەرىكەت كومىتېتى يېتەرلىك تەشكىللىنىپ بولمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە چوقۇم چوڭ يىغىن ئاچىمىز دەپ جاۋاب بېرىدۇ. "بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەۋرىم تاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۆز ئالدىمىزغا نارازىلىق مىتىنگ ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلدۇق" دەيدۇ ھىتلېر. شۇ كۈنى چۈشتە، ھىتلېر زىركۇس كرون سىرىك تىياتىر زالىدا ئەتىسى ئاخشىمى مىتىنگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتىشىدۇ. بۇ تىياتىر سارىيىنىڭ مودىرى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇ كىشى ھىتلېردىن بەكلا تۈۋەن ھەق ئالغان، ھەتتا پەقەتلا پۇل ئالمىغانمىش. ئاندىن پۈتۈنلەي داۋراڭلار بىلەن تولغان ئېلان مەزمونىنى ئېغىزچە ئېيتىپ بېرىدۇ. نۇرغۇنلىغان سادىق پارتىيە ئەزالىرى بۇنداق بىر ئېلان سۆزىدىن قاتتىق يىرگىنىپ كېتىدۇ. ئېلاندا بۇ سىرىك تىياتىرخانىسىغا 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى
131
سىغىدىغانلىقى، ۋاقىت بەكلا ئاز قالغاچقا، مىتىنگكە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاقىرالىشىمىز ئىمكانسىز دەپ يېزىلغان ئىدى.
يىغىن ئۇقتۇرۇشى پەيشەنبە چۈشتىن بۇرۇن ئاران تەييار قىلىنىپ كوچىلارغا چاپلىنىدۇ. ئۇ كۈنى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالغا قاراپ ھىتلېرمۇ غەمگە پېتىپ، تەشۋىقات ۋارىقىنىڭ مەزمۇنىنى دۇدۇقلاپ يۈرۈپ ئارانلا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ئاندىن بۇ تېزىس بويىچە باستۇرۇپ كېلىشكە بىرسىنى يولغا سالىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ئۇلار كىرالىغان ئىككى يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، مەشئەل-پانۇسلارنى، كرىست بەلگىلىك بايراقلارنى كۆتۈرۈشۈپ شەھەر ئىچىدىن نامايىش قىلىپ ئۆتىدۇ. ھەر ماشىنىدا ئون نەچچە پارتىيە ئەزاسى ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن شۇئار توۋلىغاچ تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ ماڭىدۇ. ميۇنخېن كوچىلىرىدا كوممۇنىست بولمىغانلارنىڭ ئالا-چىپار رەڭلىك تەشۋىقات ماشىنىسىنىڭ كۆرۈلۈشى تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ئىدى. ئىشچىلار ئاھالە رايونىنىڭ بەزىلىرىدە ئۇلارنى مۇش كۆتۈرۈپ غەزەپ بىلەن ھاقارەتلەپ ۋارقىرىشىپ كۈتىۋالىدۇ.
ئاخشىمى سائەت يەتتە ئەتراپىدا، ھىتلېر زىركۇس كروندىن بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان تېلېفون ئالىدۇ: زالدا يىغىلغان ئادەم بەكلا ئاز ئىدى. ئارىدىن ئون مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەندە ئەھۋال سەل ياخشىلىنىدۇ. سائەت سەككىزگە چارەك قالغاندا يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ سانى زالنىڭ تۆتتە ئۈچ قىسمىنى تولدۇرۇش بىلەنلا قالماي، كىرىش ئىشىكىدە يەنە ئۇزۇن بىر ئۈچىرەتمۇ بار ئىدى. ھىتلېر نۇتۇق سەھنىسىگە چىققان ۋاقتىدا، خۇددى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن خوفبراۋخاۋس زالىغا كىرگەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ئىنتايىن ھاياجان ئىچىدە ئىدى. "زالدا مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئادەم قىستىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇلار خۇددى چوڭ سىنارىيەت بومبىسىغا ئوخشاش ئالدىمدا سوزۇلۇپ ياتاتتى." سىرىك تىياتىرى ھەقىقەتەنمۇ لىق تولغان ئىدى.
"يا ئىستىقبال ― يا يوقۇلۇش!" ― بۇ، ھىتلېرنىڭ بۈگۈنكى نۇتقىنىڭ تېمىسى ئىدى.110 ھىتلېر ئىچ-ئىچىدىن خوشال، ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئالدىدىكى بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. نۇتقىنى باشلاپ يېرىم سائەت ئۆتمەيلا زالدىكىلەرنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. "ئىستىخىيىلىك پارتىلىغان گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى" پات-پاتلا ئۇنىڭ نۇتقىنى بۆلۈپ تۇراتتى. كەينىدىنلا پۈتۈن زال تىمتاس ھالغا كېلىپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرىدۇ. "شۇنچە كۈپ ئادەم بولىشىغا قارىماي ئامما ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ تىنىق تارتىشىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. نۇتقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىرىك تىياتىر زالىدىن گۈلدۈرمامىدەك ئالقىش ساداسى كۈتۈرۈلدى. خەلق ئاممىسى قاتتىق ھاياجان ئىچىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن «گېرمانىيە ― دوتچلاند» دېگەن مارشنى ئېيتىپ كېتىشتى. ئاممىۋىي يىغىن، جاراڭلىق ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى." خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى قاتتىق ئۆركەشلىتىۋەتكەن ھىتلېرنىڭ ئۆزىمۇ بۇ جوشقۇنلۇق مۇھىت ئىچىدە خوشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقىتىپلا قويىدۇ. ئۇ، سەھنىدە ئەتراپنى كۈزەتكەچ 20 مىنۇتتەك تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ مەيداننى بوشىتىشىنى تاماشا قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ، ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا زالدىن چىقىپ قار كەچكىنىچە ئۆزىنىڭ ھېلىقى قاراڭغۇ، سوغوق ھۇجرىسىغا قايتىپ كېتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ زىركۇس كرون زالىدا ئوينىغان رولى، ميۇنخېن گېزىتلىرىدە ھەجىۋىلەشتۈرۈلۈپ مازاق قىلىنىدۇ. ئەلىۋەتتە مەدىھىلەشلەرمۇ بار ئىدى. ھىتلېر، مەتبۇئاتلارنىڭ ھاقارەتلىرى بىلەن مەدىھىلەشلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىدىنلا خوشال ئىدى. ئۇ، كۈچلۈك قارشى تۇرۇشقا دۈچ كېلىپ زەربىگە ئۇچرىغانلىق ئەھۋالىغا قاراپ ھەقىقەتەنمۇ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھاياجىنىنى قوزغىيالىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. گەرچە جىدەل ماجىرالار ئۇنىڭ تەرىپىدىكىلەردىن كۆرۈلۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ھىتلېرچىلار
132
يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مىللەتچىلىك كۈچلىرىنىڭ ئەكە بالىسىغا ئايلانغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا مىللەتچىلەر ميۇنخېننى ئۆزلىرىنىڭ مەركىزى ھالىغا كەلتۈرۈش بىلەنلا قالماي، ساقچى باشلىقى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ، يەنى سىياسى باشقارما مۇدىرىنىڭ يوشۇرۇن قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن ئىدى. ئادەتتە، كىشىلەر ساقچى دائىرىلىرىگە ئەرز قىلىپ، ساقچىلار بالدۇر قول سېلىپ ھەرىكەتكە ئاتلانمىغاچقا بۇ پارتىيە مۇقىملىقنى بۇزۇپ كەلمەكتە، ساقچىلار ناتسىستلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى كېرەك دەپ تەلەپتىمۇ بولىشىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ئەمەلدار بۇنداق نارازىلىقلارنى ئىمكان بار باستۇرۇپ تۇرىدۇ. "بىز، بۇ ھەرىكەتنى، يەنى مىللەتچى سوتسيالىزم ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇلىدىغان ھەرىكەت قاتارىغا كىرمەسلىكى كېرەك دەپ قارايمىز." شۇندىن ئۈچ يىل كېيىن ھىتلېر سوتلانغىنىدا بۇ ئىككى ئەمەلدار چىقىپ شاھىتلىق قىلىپ، "بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇلارنى توسمىدۇق؛ بىز بىلىپ تۇرۇپ يول قويدۇق. چۇنكى بىز بۇ پارتىيىدە گېرمانىيىنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ ئۈندۈرمىلىرىنى كۆرگەن ئىدۇق. بىز باشتىن تارتىپلا بۇ ھەرىكەت ماركسىزم تەرىپىدىن قاتتىق بۇلغىۋېتىلگەن ئىشچىلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارىتىدىغانلىقىغا، ئۇ ئىشچىلارنى مىللەتچىلىك سېپىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتۇق. مانا بۇلار، شۇ ۋاقىتتا مىللەتچى سوتسيالىزم ھەرىكىتىدىكىلەرنى، ھىتلېر ئەپەندىنى قوغداپ كەلگەنلىكىمىزنىڭ تۈپكى سەۋەبى." (بۇنىڭدەك ئوڭچى كۈچلەرنى قوغدىغانلار بۇلارلا ئەمەس ئىدى. ھىتلېرنى چەكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەربىيلەر، شۇنىڭدەك سودىيىلەر، ساقچى ئەمەلدارلىرى، دۆلەت كادىرلىرى بىلەن يەرلىك مەمورى كادىرلارمۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مىللەتچىلەرگە ئالاھىدە يېقىنچىلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. 1919-يىلى يانۋاردىن تا 1922-يىلى ئىيۇنغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە گېرمانىيە بويىچە يۈز بەرگەن 376 قېتىملىق سىياسىي سۈيىقەست دېلوسى ئىچىدە 22 قېتىمىنى سولچىلار پەيدا قىلغان بولسا، 354 قېتىمىنى ئوڭچىلار پەيدا قىلغان. ئەمما سولچىلار ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 180 ئايدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، ئوڭچىلار ئارانلا 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا كېسىلگەن. بۇ جەرياندا 10 نەپەر سولچىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسا، ئوڭچىلاردىن بىرسىمۇ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانمىغان. ― ئا. ھ. ئى)
باۋارىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى قىسمەنلىكتە ئېتراپ قىلماقتا ئىدى. ھىتلېر بىلەن پارتىيىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى ئوڭچىلار تەرەپ مىنىستىرى گۇستاۋ رىتتېر ۋون كاھر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ مىنىستىر، باۋارىيىنىڭ ئۆزگىچە غەيرى رەسمى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋېيمار ھۆكمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىشىنى پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ توساپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، باۋارىيە، ئۆز ئالدىغا پوچتا ئىدارىسى بار بولغىنىدەك بىر مۇنچە ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئاخماق شىماللىقلاردىن كەلگەن ھەر قانداق بىر يوليورۇقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىزچىل چىڭ تۇرماقتا ئىدى. بۇ مەسىلىدە، ھىتلېر بىلەن كاھر بەزى ئورتاق قاراشلارغىمۇ كېلىشىدۇ. گەرچە كاھر نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە بۇ "تەلۋە ئاۋسترىيىلىك" بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ۋېيمار دائىرىلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىدە نېمىس مىللەتچى سوتسىئالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى ― ن ئا س د ئا پ، يەنى ناسداپنىڭ بۇ رەھبىرىدىن تەشۋىقات قۇرالى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا ئىدى.111
خەلق ئاممىسىمۇ كاھرنىڭ دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ كېلىشىدىن ھىتلېرنىڭ بۈگۈنكى سىياسى كۈچلەردىن بىرسىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇلغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن ھىتلېرمۇ خوشال ئىدى. چۇنكى، ھىتلېر بىلەن ياشىنىپ قالغان پارتىيە رەھبىرى ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئىختىلاۋى رەسمى قىزىشىشقا باشلىغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، خەلق ئاممىسىمۇ ھىتلېرغا ئالاھىدە قىزىقىپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، ھىتلېر رەسمى داڭلىق بىرسىگە ئايلانماقتا ئىدى. بۇ ئەھۋاللار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئادولف پارتىيىنىڭ ئەسلىدىكى غايىسىنى
133
ئۆزگەرتىۋېتىپلا قالماستىن، يەنە ھاكىمىيەتنى تولۇق قولغا ئېلىش ئويىغىمۇ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ سىياسى دۈشمىنى ئۇنىڭ بېرلىندا تۇرىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ (ئۇ، بۇ يەردىكى مۇتەئەسسىپلەر، مىللەتچىلەر ۋە ئوڭچىل رادىكاللار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشنى كۈچەيتمەكتە ئىدى)، ئاۋگسبۇرگدىكى بىر قىسىم سوتسىئالىستلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە كىرىشكەن ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ قىلچە زىيىنى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ھىتلېر بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر سۈيىقەست دەپ چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرھال ميۇنخېنغا قايتىپ ئۇلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. 11-ئىيۇل كۈنى، ھىتلېر پارتىيىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، ھىتلېر ئۆزىنىڭ پارتىيىدىن چېكىنىش سەۋەبىنى ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتوم شەكلىدە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇلتىماتومىدا، ئەگەر پارتىيىنىڭ رەئىسلىكى بىلەن پارتىيىنى يالغۇز باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆزىگە بېرىلمەيدىكەن، بۇ پارتىيىگە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: "مېنىڭ بۇنداق تەلەپتە بولىشىم ھەرگىزمۇ ھوقۇق تۇتۇشقا ھىرىسمەن بولغانلىقىمدىن ئەمەس. ― دەيدۇ ھىتلېر، ― بۈگۈنكى ۋەزىيەت مېنى شۇنداق ئويلاشقا مەجبۇر قىلماقتىكى، ئەگەر پارتىيىمىزدە باۋۇراتتەك كۈچلۈك ئىرادىلىك رەھبەرلىك بولمايدىكەن، … بۇ پارتىيە ئۇزۇنغا قالماي بۇزۇلۇپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ: يەنى غەرپتىكى قايسى بىر جەمئىيەتكە ئوخشاپ قېلىپ، مىللەتچى سوتسىئالىزم يولىدىكى نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى بولۇشتىن چىقىپ كېتىدۇ." مانا بۇ، ھىتلېرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن ئېلىپ كەلگەن كۆزقارىشىنىڭ ― كوماندىرغا شەرتسىز بوي سۇنۇش دېگەن رەھبەرلىك پىرىنسىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىلىشى ئىدى.
ھىتلېر پارتىيە كومىتېتىدىن 8 كۈنلۈك مۇھلەت ئىچىدە بۇ ھەقتە تەدبىر ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما درېكسلېر قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇنداق بىر تەلەپ ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا پارتىيە ئىچىدە ئىمزاسىز كىتابچىدىن بىرسى تارقىلىپ يۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ كىتابچىغا «ئادولف ھىتلېر ― خائىنمۇ؟» دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، ئەمەلىيەت بىلەن پەرەزلەر بىر-بىرسىگە ئارلاشتۇرۇپ يېزىلغان ئۇيدۇرما بولۇپ، ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ كىتابچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم گەپلەر بەكلا ئۇيدۇرما گەپلەر ئىدى، مەسىلەن ھىتلېر ئۆزىنى ميۇنخېن پادىشاسى دەپ تونۇتماقتا؛ ئاياللار ئۈچۈن بەكلا كۆپ پۇل زايا قىلماقتا؛ ئۇ يەھۇدىيلار سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان جاسۇس، … دېگەندەك بەكلا كۈلكىلىك گەپلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇنداق گەپلەرگە بەلكىم ئۇ كىتابچىنىڭ ئاپتورىمۇ ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن.
سەككىز كۈنلۈك مۇھلەت توشقان بولسىمۇ، درېكسلېر بىلەن پارتىكوم يەنىلا بۇ تەلەپ بويىچە بىرەر ھەرىكەت قىلىشتىن باش تارتىپ تۇرىۋالىدۇ. كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا ھىتلېرنىڭ بۇ پوپوزىسى كارغا كەلمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مەخپى يىغىندا ئېكارتنىڭ درېكسلېرغا قىلغان كېلىشىپ قېلىش ھەققىدە ئېيتقانلىرى كارغا كېلىدۇ، ئەتىمالىم. شۇندىن كېيىن درېكسلېرمۇ ھىتلېرنى قاتماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا بىر گۇرۇھ تەشكىل قىلالايمىزغۇ، دەپ ئويلاپ باشقا كومىتىت ئەزالىرىنى بۇنىڭغا ماقۇل كەلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار، ھىتلېرنىڭ پارتىيىگە يالغۇز ھۈكۈمران بولۇش ھوقۇقى بېرىلسۇن دېگەن تەلىۋىگە ماقۇل كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭغا رەسمى ئۇختۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاجايىپ چىرايلىق مەدىھىلەر بىلەن ھىتلېرنى پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش تەكلىۋى بېرىپ، "سىز پەۋقۇلئاددە بىلىملىك، پارتىيىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن قالتىس پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئالاھىدە تۆھپە قوشتىڭىز، ھەمدە ئاجايىپ ناتىقسىز. ھممىمىز بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىزنى بىردەك تەكلىپ قىلىمىز" دېگەندەك مەدھىلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنىمۇ ئۇنۇتمايدۇ.
134
ھىتلېرنىڭ پارتىيە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى رەسمى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن 29-ئىيۇل كۈنى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش بەلگىلىنىدۇ. قۇرۇلتايغا ھېرمان ئېسسېر ئىسىملىك بىر باۋارىيىلىك رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئېسسېر ياش بىرى بولىشىغا قارىماي فۈھرېرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك مەسلىھەتچىلەردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئېسسېر، ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا بەك ئامىراقلىقى بىلەن تونۇلغان بىرسى بولۇپ، ھىتلېر ئۇنى "قەتئىي يۈگەنلىنىشى شەرت بىر قاۋان" دەپ ئاتايدۇ. قۇرۇلتايدا، ئېسسېر سۆزگە چىقىپ ھىتلېرنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تەغدىم قىلىدۇ.112 ئۇنىڭ كەينىدىن ھىتلېر سەھنىگە چىقىپ، بۇ پارتىيىنىڭ بىرەر چايخانا تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ كېلىپ، "بىز باشقا ھەر قانداق بىر تەشكىلات بىلەن بىرلىشىشنى خالىمايمىز. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بىزگە كېلىپ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرالايمىز. ئەگەر كىمكى بۇ پىرىنسىپنى قوبۇل قىلالمايدىكەن، ئۇنداقلارغا يول ئوچۇق: پارتىيىدىن چىقىپ كەتسۇن. ― ھىتلېر بۇ گەپلەرنى ئاۋگۇسبۇرگ گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە، شۇنىڭدەك قالغان شەھەر سىرتىدىكىلەرگە قارىتىپ ئېيتماقتا ئىدى، ― بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز ميۇنخېندىن باشلانغان، شۇڭا قەتئى تۈردە ميۇنخېندا داۋاملاشتۇرىلىشى شەرت." ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا درېكسلېر بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كېلىپ، پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئاۋازغا قويۇلۇش نەتىجىسىدە، بىرگە قارشى 543 ئاۋاز بىلەن ھىتلېرنىڭ رەئىسلىكى قوبۇل قىلىنىدۇ.
ھىتلېر بىلەن ئۇنىڭ "بوخېمىيىلىكلەر قوشۇنى" "مىللەتچى سوتسىئالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى"، يەنى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى قولغا ئالغىنىدىن كېيىن، پارتىيىنىڭ ئاۋانگارتلىرىنىڭ تولۇق قوشۇلىشى نەتىجىسىدە كونا ئۇسلۇپلار ئاساسىدا يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇش ئىمكانى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇرۇنقى نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بارلىق ئەنئەنىلىرى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. شۇندىن باشلاپ، پارتىيە ئىچىدە ئۇنداق پارلامىنت پاسونىدىكى مۇنازىرىلەر بىلەن دېموكراتىك تەرتىپلەرگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغان بولىدۇ. شۇندىن كېيىن، پۈتۈن پارتىيە فۈھرېرنىڭ تۇتقان يولىغا شەرتسىز بوي سۇنىدىغان ھالغا كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىتلېر ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان شەكىل بويىچە ياشانغان پارتىيە قۇرغۇچىسىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە پەپىلەپ تۇرىدۇ. ئۇ، رەئىسلىك تەختىگە چىققىنىدىن كېيىن پارتىيە ئىچىدە بىرەرمۇ بويرۇق، بىرەرمۇ ئىنتىزام قائىدىسى ئېلان قىلمايدۇ. ئەكسىنچە، شۇ يىلى يازدا ميۇنخېندا پارتىيە ئىچىدىكى ئۆز تەرەپتارلىرىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، تۇيغۇزماستىن بۇرۇن مىتىنگلەردە تەرتىپ ساقلاشقا مەسئۇل بولغان رەھىمسىزلىكتە داڭ چىقارغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرنى يىغىپ، ئۇلارنى كېڭەيتىپ تەشكىلى ئىنتىزاملىق، ئۇچىسىغا مەخسۇس ئۈنفورما كىيىدىغان شىتات سىرتىدا قۇراللىق قىسىم تەشكىللەشكە كىرىشىدۇ. شىتات سىرتىدىكى بۇ ئەتىرەت ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلۇپ، "تەنھەركەتچىلەر دىۋىزىيونى" دېگەن نامنى ئالىدۇ. پارتىيىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىدىن قارىغاندا، بۇ دىۋىزىيوننىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى "ياش پارتىيە ئەزالىرىنى كۈچلۈك بىر تەشكىلات قوينىغا ئېلىپ، ئۇلاردىن ھۇجۇمچىلار سۈپىتىدە پايدىلىنىش، بۇ ئەترەت پارتىيىنىڭ قۇماندانلىقىدا بولىدۇ" دەپ يېزىلغان. ئىككى ئايدىن كېيىن، بۇ ئەتىرەت مەقسىدىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى بىر ئىسىم ― "ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتى"، يەنى ئېس-ئاچىلار (SA) ئەترىتى دېگەن نامىنى ئالىدۇ. ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتى ھەرگىزمۇ تەرتىپ ساقلاشنىڭ بىر ۋاستىسى بولۇش بىلەنلا قالمايتتى. بۇ ئەتىرەت ئۆز ۋاقتىدا يەنە ئۇچىسىغا مەخسۇس ئۈنفورما كىيىپ كوچىلاردا پاتىروللۇق قىلىپ، پاتىروللارنى ياخشى كۆرىدىغان شەھەر خەلقى ئالدىدا
135
ئۆزىنى نامايىش قىلىپ كۆرسىتىۋېلىش بىلەنمۇ مەشغۇل بولاتتى. ئەمما ئېس-ئاچىلار ئەترىتىنىڭ ئەتىرەت باشلىقى بولغان رۆم بولسا، بۇ ئەترەتنى رەسمى قۇراللىق قىسىم، ئۆزىنىڭ شەخسى ئارمىيىسى قاتارىدا تونۇيتتى. ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتىنىڭ يادرولۇق كۈچىنى "ئەركىن پولك" قىسىملىرىدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مارشىنى سەل-پەل ئۆزگەرتىپ بۇ ئەتىرەتنىڭ مارشىغا ئايلاندۇرىۋالغان ئىدى:
بېشىمىزدا كرىست بەلگىلىك مىس قالپاق، بېلىكىمىزدە قارا-ئاق-قىزىل يەڭلىك،
ھىتلېر ئېس-ئاچىلىرى بىز، بۇ نامىمىز ھەممىدىن جاراڭلىق!
پارتىيە ئۆزىگە تەۋە يېڭى بىر قوشۇنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ قوشۇننى ھىتلېر پۈتۈنلەي ئۆز تېزگىنىگە ئېلىپ، پارتىيىنى "تېخىمۇ ئىنقىلابىي" بولغان يەپ-يېڭى بىر يولغا يېتەكلەپ مېڭىشقا كىرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ھىتلېر بۇ ئەترەتنى بىر مۇنچە ئاشكارە ئۆكتەملىك ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشقا قۇتۇراتقۇلۇق قىلىدۇ. بۇ تۈر قۇتۇراتقۇلۇقلار مۇنداق قارىماققا قىلچە مەقسەتسىز ئۆزلىكىدىنلا ئوتتۇرىغا چىققان جىدەل-ماجىرالاردەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. يەنى كوچىدا قايسى بىر يەھۇدىي تاياق يەيتتى، قانۇنسىزلىق بىلەن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كوچىنى بېشىغا كېيىشەتتى، تەشۋىقات كىتاب-ۋاراقلىرىنى تارقىتىشاتتى. يەنە بەزى ئۇششاق جىدەللەرنىمۇ چىقىرىپ تۇرىشاتتى. … ئەمما بۇ تۈردىكى ئۇششاق-چۈششەك جەمىيەت تەرتىپنى قالايماقان قىلىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن كېيىن، 1921-يىلى 14-سىنتەبىردە ئېغىر بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋەقە "باۋارىيە پولكى" نىڭ لۆۋېن براۋكېللېر پىۋىخانىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىتىنگدا يۈز بېرىدۇ.113 "باۋارىيە پولكى" ئەسلىدە فېدېراتسىيىچىلەرنىڭ بىر تەشكىلاتى بولۇپ، ۋېيمار ھۆكۈمىتىنىڭ جەمىيەت قانۇنىنى قوبۇل قىلسىمۇ، مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە قارشى ئىدى. بۇ تەشكىلنىڭ رەھبىرى بولغان كىشى، يەنى ھىتلېر تەرىپىدىن "ئەڭ خەۋىپلىك ئۆكتىچى" دەپ قارىغان ئېنجىنېر باللېرستېدت سەھنىگە چىقىپ ئەندىلا نۇتۇق سۆزلەشكە باشلىۋىدى، ھىتلېر داغدام قەدەملەر بىلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كېلىدۇ. ئۇندىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان پۇخراچە كېيىنگەن ئېس-ئاچىلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا زالغا چاندۇرماي كىرگۈزىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇلار ھىتلېرنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەممىسى بىردەك ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىراشقىنىچە ھىتلېرغا مەدەت بولۇپ بېرىدۇ. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىغا كىرگۈزىۋېتىلگەن يۈزلىگەن پارتىيە تەرەپبازلىرىمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ھىتلېرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھېرمان ئېسېر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ “باۋارىيىنىڭ بۈگۈنكىدەك قالاق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا بىردىن-بىر سەۋەپچى بولغانلار دەل يەھۇدىيلاردۇر!" دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قالغان مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرىمۇ تەڭ ۋارقىرىشىپ، بالېستېدقا "نۇتۇق سۆزلەش ئورنۇڭنى ھىتلېرغا ئۆتكۈزۈپ بەر!" دەپ توۋلىشىدۇ. ئوتتۇرلۇقتا جىدەل چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىغان بىرسى دەرھال چىراقنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. ئەمما قاراڭغۇدا ھەممە تەرەپتىن پات-پاراقچىلىق كۆتۈرۈلۈپ تېخىمۇ قالايماقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. چىراق قايتا يېقىلغان ۋاقتىدا، ئېس-ئاچىلار سەھنىگە ئېتىلپ چىقىپ باللېرستېدتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ راسا ئەدەپلىگەندىن كېيىن ئۇنى يىغىن زالىغا چۆرۈپ تاشلىۋىتىدۇ.
ساقچى دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى جىدەل تېرىغانلارنى تەكشۈرۈشكە كەلگىنىدە، ھىتلېر توۋا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىنچە "ھېچ ئىش يوق، بىز ئۆز مەقسىدىمىزگە يەتتۇق. باللېرستېدتمۇ نارازىلىق بىلاۈرگىنى يوق" دەپ بىر خىيالىدا يوق ئۆز گېپىنى قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمما بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشماي، ھىتلېر بىلەن ئېسېر ئىككىسى سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. سوتتا ئۇلارغا جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايماقانلاشتۇرغان دېگەن جىنايەت ئارتىلغان بولسىمۇ، قاتتىق تالاش-
136
تارتىشتىن كېيىن ئۇلار ئىككىسىگە چىقىرىلغان ھۈكۈمدە زورلۇق كۈچىدىن پايدىلانغان، دېگەنلا جىنايەت ئارتىلغان ئىدى. ئەسلىدە 4-نويابىردىمۇ ھىتلېر ميۇنخېننىڭ خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقىنىدا زوراۋانلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن ئىدى. ئىش مۇنداق يۈز بەرگەن ئىدى: ئاخشىمى سائەت سەككىزگە چارەك قالغاندا ھىتلېر زالغا كىرىدۇ. بۇ چاغدا پىۋىخانا زالىدا 800 دىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى. ئاياللار ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئىمكان بار ماجىرا پەيدا بولىدىغان ئىشىك تەرەپتىن يىراقتا بولىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ئەمما بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش ماگدالېنا شۋېيېر خانىمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. بۇ ئايال ھىتلېر تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ھىتلېرغا بەكلا سادىق بىرى ئىدى. "مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم، راستىنلا قىلچە قورقمىدىم. جىدەل چىقىدىغانلىقى مانا مەن دەپلا كۆرىنىپ تۇراتتى. زالدىكىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى قىزىللار ئىدى." ئەسلىدە يىغىنغا كەلگەن ھىتلېرغا قارشى بۇ كىشىلەر ماففېي زاۋۇتىدىن، ئىسارىيە نازۇك سائەت ئەسۋاپلار زاۋۇتىدىن ۋە باشقا بەزى زاۋۇتلاردىن كەلگەن يىغىننى قالايماقان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن ئىشچىلار ئىدى. بۇ ئىشچىلار سان جەھەتتە ھىتلېر تەرەپتارلىرىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە باش مىنىستىر ۋون كاھر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ مۇتىدىل يۇمشاقباش بىرسى چىققانلىقى سەۋەبىدىن، ناتسىستلار پارتىيىسى بۇندىن كېيىن باۋارىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يۇشۇرۇن قوغدىلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغان ئىدى.
ھىتلېر زالغا كىرىپ ئەتىراپنى بىر قۇر كۈزەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ئىشىكلەر تاقالسۇن دەپ بويرۇق قىلىدۇ. ئەسلىدە ھىتلېر زالغا كىرەر-كىرمەيلا سوتسىئال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى ئاللىمۇقاچان كوپ قىسىم ئورۇنلارنى ئىگەللەپ بولغانلىقىنى سېزىپ بولغان ئىدى. ئۇ، ئېس-ئا ئەترەت ئەزالىرى (50 نەپەر ئەتىراپىدا) غا "مانا بۈگۈن سىلەرنىڭ ھەرىكىتىمىزگە ساداقەت كۆرسىتىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى، بۇ يەردىن ئۆلۈكىمىز چىقسا چىقسۇنكى، زالدىن بىرىمىزمۇ ئايرىلمايمىز" دەيدۇ. ئۇلار، ھۇجۇم قىلىش ― ئەڭ ياخشى مۇداپىيە دېگەن قاراشتا ئىدى. شۇڭا، بىرەر زوراۋانلىق ھەرىكىتى شەپىسى كۆرۈلگىدەكلا بولىدىكەن دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ زەربە بېرىشكە تەييار ھالدا تۇرۇشاتتى. "سالاملاشقاندا خايل! خايىل! خايىل! ― بىر-بىرىڭلاردىن كۈچلۈك ياشىسۇن دەپ ئۈچ قېتىم توۋلاپ جاۋاب بېرىشىڭلار كېرەك" دەيدۇ. ھىتلېرنىڭ بۇ خىل رومانتىك بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسىدە چىڭ تۇتىدۇ. خۇددى ھىتلېرنىڭ شەكسىز تۈردە شۇنداق ئىپادىدە بولغىنىدەك، ئۇنىڭ تەرەپتارلىرىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق سادىق مۇئامىلىدە بولۇپ، "ئاكوپلاردىن چىققان، ئىرادىلىك جەڭچىلەرلا ۋەتەننىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ" دەپ قارايتتى.
ھىتلېر سەھنىگە قاراپ كېتىۋاتقىنىدا، ئىشچىلار قاتتىق توۋلىشىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلايدۇ. ھىتلېر ئۇلارغا پەرۋامۇ قىلماي يولىنى داۋام قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھېرمان ئېسېر يىغىن زالىدا تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن ئالدىدا تۇرغان سەھنە ئۈستىلى ئۈستىگە چىقىۋېلىپ،114 يىغىن باشلىنىدۇ، كۆپچىلىك تىنچلىنايلى، دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇ سەھنىدىن چۈشىشى بىلەن ھىتلېر سەھنىگە چىقىپ نۇتقىنى باشلىۋېتىدۇ. دەسلىۋىدە يىغىن زالىدىن "ۋەەەت!" دېگەن مازاق قىلىش ئاۋازلىرى كېلىشكە باشلايدۇ. ئەمما سەل تۇرۇپ مەخسۇس ھىتلېرنى شاڭخو قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كىشىلەرمۇ قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ ھىتلېرنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاشقا كىرىشىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر، يېرىم سائەتتەك قىلچە دەخلىسىز نۇتۇق سۆزلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرى پەيت كۈتۈپ بىر مۇنچە پىۋا قۇتىسىنى قۇرال قىلىش ئۈچۈن ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىغا يىغىپ تەييار تۇرىشاتتى. تۇيۇقسىز بىرسى سەكرەپ چىقىپ ھىتلېرنىڭ نۇتقىنى بۆلىۋېتىدۇ. ھىتلېرمۇ قاتتىق
137
ۋارقىرىغىنىچە ئۇ كىشىگە رەددىيە بېرىدۇ. زال ئىچىدە غەزەپلىك ۋارقىراپ جارقىراشلار كۆتۈرىلىدۇ. ئارىدىن بىرسى ئورۇندۇقىغا چىقىپ "ئەركىنلىك!" دەپ ۋارقىرايدۇ. شۇ ۋاقىتتا پىۋا شىشىسىدىن بىرسى ھىتلېرنىڭ بېشىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىدۇ. كەينىدىنلا يەنە بەش-ئالتىسى ئېتىلىدۇ. بىرسى ئالدى قاتاردىكى ئاياللارغا "دەرھال جوزا ئاستىغا يوشۇرنۇڭلار!" دەپ ۋارقىرايدۇ. شۋېيېر خانىم دەرھال بېشىنى ئىگىدۇ. "ھەر تۈرلۈك ئاۋازلار، پىۋا بوتولكىلىرىنىڭ پاچاقلىنىپ سۇنۇشلىرى، بىر-بىرىنى ئۇرىۋاتقان تاياق ئاۋازلىرى، ئورۇندۇق-ئۈستەللەرنىڭ ئۆرۈلۈپ سۇنغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ، باشقا ھېچ نېمىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى. زالدا ئېس-ئاچىلار راسا ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى" دەيدۇ بۇ ئايال. نېمە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ بېشىنى كۆتەرگەن بۇ ئايال ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېتىپلا قالىدۇ: ھىتلېر، شۇنچە كۆپ پىۋا بوتولكىلىرىنىڭ ئۇچۇپ كېلىشىگە پەرۋا قىلماي، قىمىرمۇ قىلماي بۇرۇنقى يېرىدە تۇراتتى. سان جەھەتتە بەكلا ئاز ئېس-ئاچىلار ئۆزىنى كۆرسىتىشىپ قىزىللارنىڭ راسا ئەدىۋىنى بەرمەكتە ئىدى. يېرىم سائەتكە قالماي دۈشمەنلەر بىنادىن تازىلاپ چىقىرىلىدۇ. زال ئىچى يېڭىلا سىنارىيەت ئوقىدا تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەندەك ئورۇندۇق-ئۈستەللەر ئۆرۈلگەن، پۈتۈن ئەتىراپ پىۋا پوتولكىسى بىلەن تولغان، بۇ قالايماقانچىلىق ئارىسىدا قايتا ھېرمان ئېسېرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ: "يىغىنىمىز ئوچۇق، ناتىق سۆزىنى داۋام قىلسۇن!" ھىتلېر نۇتقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئېس-ئاچىلارنىڭ بەزىلىرى يارىلىرىنى تېڭىۋاتقان، يەنە بەزىلىرى نۇسۇلكىلىق سىرتقا توشۇلماقتا ئىدى. ھىتلېرنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ، پۈتۈن ئەتىراپتىن ئالقىش-سادا كۆتۈرۈلدى. شۇ چاغدىلا ئىشىكتىن ئالدىراش كىرگەن بىر ساقچى "يىغىندىن تارقىلىڭلار، تارقىلىڭلار!" دەپ ۋارقىرايدۇ.
5
ھىتلېر، بۇ قېتىمقى خوف پىۋىخانا جىدىلىدىن، قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلا بولىدىكەنمىز چوقۇم غەلىبە قىلالايمىزكەن، دېگەننى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدى . شۇ كۈنى كەچتىكى غالىبىيەت، ھىتلېر بىلەن نېمىس مىللەتچى سوتسىئالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ داڭقىنى پۈتۈن جاھانغا پۈر كەتكۈزىدۇ. شۇنداقتىمۇ پارتىيە ئەزا سانىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، سەمىمى، ئاق كۆڭۈل شەھەر ئاھالىسى بۇ تۈردىكى ئىپتىدائىي ئۇسۇللارغا تايىنىپ ۋەقە پەيدا قىلىشلارنى توختىتىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە باۋارىيە يېڭى ھۆكۈمىتىمۇ ھىتلېرغا قارىتا جىددى تەدبىر قوللىنىپ چەكلىمە قويۇش يوللىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھىتلېرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قۇتۇراتقۇلۇق قىلغانلىقىغا دائىر ئېنىق پاكىتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ھۆكۈمەت، ھىتلېرغا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يېنىغا تاپانچا ئېلىپ يۈىدىغان يانقۇرال رۇخسەت قەغىزى بېرىپ ئادىل مۇئامىلىدە بولغانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتە ئىدى.
ھىتلېرنىڭ زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى جەريانىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتچىلەر بىلەن خەلق ئاممىسى نارازىلىق بىلدۈرۈش شەپىسىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش چىقىم مىقدارىنى ئۈستۈرۈپ تۆلىتىش تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە فرانسىيە بىلەن بېلگىيە ئارمىيىسى دۇئىسبۇرگ بىلەن دۈسسېلدورفنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق جازالايدۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئاخىرقى ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇپ، گېرمانىيىنى ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن ئىكىسپورت مىقدارىنىڭ يۈزدە يىگىرمە بەش قىسمى بىلەن قوشۇپ يىلىغا ئىككى مىليارد مارك تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇلتىماتومدا يەنە، ئەگەر بۇ
138
تەلەپلىرىمىزگە ماقۇل بولمايدىكەن، رۇر رايونىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىۋالىمىز، دەپ تەھدىت قىلىدۇ.
موتىدىل ھەم كونسىرىۋاتىپ ئىچكى كابىنت بۇن قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت تېزگىنىدىكى "مەركىزى پارتىيە" ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەلىۋىگە باش ئېگىپ ماقۇل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق تەسلىمچىلىك ھەرىكىتى ھىتلېرغا ئوخشاش مىللەتچىلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ.115 شۇڭا بۇ تۈر مىللەتچى كۈچلەر مەركىزى پارتىيە رەھبىرى، ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىغا قول قويغان "جىنايەتچى" ماتتىياس ئېرزبېرگېرنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشتەك بىر مۇنچە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. قانۇن-تەرتىپنى قوغداش تەلىۋىدە بولغان نېمىسلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ تۈر سۈيقەست ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتىلىرىنى قەھرىمان ھېسابلاپ مەدھىلەشمەكتە ئىدى.
1921-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمىيىتى، پولشانىڭ يوقىرى سىلېسىيەنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ (گېرمانىيىنىڭ بەشتە تۆت قىسىم كانلىرى بىلەن ئېغىر سانائىتى شۇ يەردە ئىدى). بۇمۇ مىللىتچىلەرنى غەزەپلەندۈرگەن يېڭى سەۋەپلەردىن بىرى بولۇپ بېرىدۇ. قىش يېقىنلىشىشى بىلەن مارك پاخاللىشىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭدەك يەنە بۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى نېمىسلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. 1922-يىلى پاسخا بايرىمى بولغان يەكشەنبە كۈنىدە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋالتېر راتېناۋ تۇيۇقسىزلا شەرققە يۈزلىنىپ، راپاللودا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن كىلىشىم ئىمزالىشىدۇ. بۇمۇ زوراۋانلىق ھەركەت مۇھىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بولشېۋىكلارغا قارشى ھىتلېردەك قاراشتىكىلەر، بۇنداق ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەچكە، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. گېرمانىيە سىياسى مۇستەقىللىق ئارقىلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى غەرب ئىتتىپاقداشلىرىغا قاتتىق زەربە پەيدا قىلاتتى. بۇنىمۇ ئۇلار كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ.
گېرمانىيە، روسىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماقۇل كېلىپ، بىر-بىرسىدىن ئۇرۇش چىقىمى تۆلىتىش تەلىۋىدىن ۋاز كېچىش بىلەن بىرگە يەنە سودا مۇناسىۋىتىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈردىغان بولىدۇ. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىشماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا دوستىنىڭ ئىقتىسادى كىلىشىمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچىنچى بىر دۆلەت بىلەن ھەر قانداق ئىقتىسادى كىلىشىم ئىمزالىيالمايدىغانلىقى؛ روسىيەنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى؛ گېرمانىيە بولسا، ۋېلشايل شەرتنامىسىنىڭ ھەربى كۈچلىرىنى مەلۇم دائىرىدە چەكلەش دەيدىغان ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق چەكلىمە قويۇش كومىتېتىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىققىمۇ تىرىشماقتا ئىدى. لېنىن، خېلى بۇرۇنلا گېرمانىيىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى گېنېرال خانس ۋون سېكتمۇ ئامالسىز بۇنىڭغا ماقۇل بولغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، ئىككى دۆلەت ھەربى دائىرىلىرىڭ بېرىش-كېلىش مۇناسىۋەتلىرى قۇيۇقلاشقان ئىدى. شۇ ئارقىلىق، كىچىككىنە گېرمانىيە ئارمىيىسى قىزىل ئارمىيىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىش، شۇ ئارقىلىق ئالاھىدە يېڭى قۇراللاردىن پايدىلىنىش بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ دائىرىسى قانچىلىك، تەسىرى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى راتېناۋنى تەنقىت قىلغۇچىلار پەقەتلا مۆلچەر قىلالمايتتى. گەرچە ئۇ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈشكەن بۇ شەرتنامە گېرمانىيىنى قايتىدىن قۇراللاندۇرۇش جەھەتتە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلىغان بولىشىغا قارىماي، گېرمانىيە كۈچلۈك بىر ئارمىيىگە ئىگە بولۇش كېرەك دەپ قارايدىغان نېمىسلار بۇنداق ھەمكارلىقنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىك دېيىشىپ، ئۇنى يەنىلا قىزىللىشىپ
139
كېتىۋاتىدۇ، دەپ تەنقىتلىشىدۇ. يەنى ئۇنىڭ بۇ تۈر ھەمكارلىقىنى نېمىسلارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشەرگەنلىك دېيىشمەكتە ئىدى. ئەسلىدە، راتېناۋ ۋېلشايل شەرتنامىسىدا ۋەدە قىلىنغان كىشىنى چۈچۈتكىدەك ئېغىر ئىقتىسادى تۆلەم ۋەدىسىگە رىئايە قىلىشقا غەيرەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خېلى بۇرۇنلا غەرىپلىكلەرگە بويۇن ئېگىشنىڭ تىپىك ئۈلگىسى دەپ قارىلىۋاتقان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ بىر باي يەھۇدىي بولغاچقا، ناتسىستلار تەرىپىدىن يەھۇدىيلارنىڭ دۇنياغا غوجايىن بولۇشى ئۈچۈن يۇشۇرۇنچە پىلان تۈزۈش ھىلىمىكىرى بىلەن شوغۇللانماقتا دەپ قارىلىنىدۇ. ئاقىۋەت، 4-ئىيۇندا، ئىقتىدارلىق ۋەتەنپەرۋەر بولغان بۇ ئادەم، ئىككى نەپەر "ئەركىن پولك" سابىق ئەزاسى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
يەنە شۇ كۈنى، باۋارىيىدىكى بۇ قورقۇنۇچلۇق ھەرىكەتنى پەيدا قىلغانلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي قولغا ئېلىنىپ قاماققا ئېلىنىدۇ. ھىتلېر، ئەگەشكۈچىلىرىگە "بۇندىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن، ئېرۇسالىمدىكى بىر ئۇچۇم زوراۋانمۇ خۇددى بۈگۈنكىدەك بىرسىنى جاللات ئالدىغا سۆرەپ كەلگەن ئىدى" دەيدۇ. شۇنىڭ كەينىدىنلا ھىتلېرمۇ "توپىلاڭ قىلىشقا كۈشكۈرتكەن" دېگەن جىنايەت بىلەن ستادېلخېيىم تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. گۇندىپاي ئۇنى يۈز يۇيۇش يېرى بار بىر كامىرغا يېتىلەپ كىرىدۇ. ئاندىن "دوستانىلىق" بىلەن، باۋارىيىنىڭ ئاتاغلىق دراماتورگى لۇدۋىگ توما ،116 ئىنقىلابچى كۇرت ئېيسنېر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىشىلەرنىڭمۇ بۇ كامىردا ياتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. راتېناۋنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق خەۋىرىدىن ھىتلېر ئۇنچە بەك خوشال بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنداق يالغۇز بېشىغا قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭچە تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق ئەھمىيەتسىز ئىشلار دەپ ئىپادە بىلدۈرسىمۇ، بۇ سۈيىقەست ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر سىياسى ساۋاق بولىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇمۇ پىكاۋىنىڭ كەينىگە كۈچلۈك چىراقلاردىن بېكىتىپ، پېيىغا چۈشكەن ماشىنا شوپۇرنى كۈچلۈك چىراق نۇرى بىلەن كۆزىنى ئاچالماس قىلىۋېتىپ سۇيىقەست قىلىشىغا ئىمكان بەرمەيدىغان قىلىۋالىدۇ.
شۇ قېتىمقى سۈيىقەستتىن كېيىن، ۋېيمار ھۆكۈمىتى ئالدىراپ-تىنەپ «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش قانۇنى» نى تۈزۈپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ قانۇن، بەكلا رەھىمسىز بىر قانۇن بولۇپ، ئاساسلىقى رادىكال ئوڭچىل تېررورچىلىقنى چەكلەش مەقسەت قىلىناتتى. شۇڭا، بۇ قانۇن باۋارىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك مىللەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا دۈچ كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى جىدەللەر ئايرىغىلى بولمىغىدەك ھالغا كەلگىنىدە، ھىتلېر، ستادېلخېيم تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ھىتلېر، داغ-دۇغىلىق سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق كۆزقاراشلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. تەخمىنەن بەش ھەپتىلىك تۈرمە ھاياتى جەريانىدا ھىتلېرنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن شوغۇللىنىشتىن باشقا قىلغىدەك باشقا ئىشىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى بىلەن يىرگىنىشىنى نىسبەتەن سىستېمىلىق، مەقسىدىمۇ بىر قەدەر ئېنىق بولغان نەزىرىيە ھالىغا كەلتۈرۈش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ، تۈرمىدىن چىقار-چىقماي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش قانۇنى» غا رەددىيە بېرىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ، تۈرمىدىن چىققان كۈنىسى «ئەركىن دۆلەتمۇ ياكى قۇللۇقمۇ؟» دېگەن تېمىدا شۇ چاققىچە سۆزلەپ باقمىغان ئىنتايىن ئۆتكۈر نۇتۇقتىن بىرنى سۆزلەيدۇ. بىر قارىماققا، ئۇنىڭ بۇ نۇتقىنىڭ تىغ ئۇچى يېڭى قانۇنغا قارىتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياغا يالغۇز ھۈكۈمىرانلىق قىلىش ھىلىمىكىرى ئۈستىدىن دەرت تۆكۈشنى ئاساس قىلغان ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ قانداقلارچە بۇنچە چوڭ ھوقۇقلارغا ئېرىشىۋالغانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلىرى ھېچ قاچان بۇنچە تولۇق، تەسىرىمۇ بۇنچە كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان؛ ھىتلېر يەھۇدىي زوراۋانلىقى ئۈستىدە ھېچقاچان "بۇنچە مەنتىقىلىق، بۇنچە پاكىتلىق" سۆزلەپ باققان ئەمەس ئىدى.
140
ھىتلېر، ئاۋازىنى پۈتۈن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدىغان بۈرگېربراۋكېللېر پىۋىخانىسىدا، جىم ئولتۇرۇپ نۇتقىنى ئاڭلاۋاتقان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا مىللەتچىلىك ۋە ئاممىۋى كۈچلەرنىڭ غايىسى بىلەن ئىنتېرناتسيونالىزمچى يەھۇدىيلار غايىسى ئوتتۇرىسىدا كېتىۋاتقان شىددەتلىك كۈرەشنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا قىتئەسى بويىچە كۈچلۈك قانات يېيىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىدۇ. سوتسىئال دېموكراتىيە بىلەن كوممۇنىزمنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن كىشىمۇ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى؛ ئاكسىيە بىرژىسى بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تېزگىنلەپ يۈرگەنلەرنىڭمۇ يەنە شۇ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ھىتلېر سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگىنىدە، ھەتتا سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ يۈرىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ سىكىلەك چېچىنى كەينىگە تاشلاش قىلىقىنىمۇ دوراپ مىتىنگدىكىلەرنى قاتتىق كۈلدۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن خوشال بولغان يىغىن ئەھلى قۇلاقنى يارغۇدەك ئالقىش كۆتۈرىشىدۇ. ھىتلېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەھۇدىيلار بۇزغۇنچى، بۇلاڭچى، قان شورىغۇچى! دەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، بولشېۋىك يەھۇدىيلار بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئاخىرقى جەڭگە ئاتلانماقتا، ئۇلار بۇ كۈرەشتە ئىككى تۈرلۈك غايىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى "دۆلەتلەرنى قۇرالسىزلاندۇرۇش ھەمدە خەلقنى ئىدىيىۋى قۇرالدىن مەھرۇم قىلىش!" دەيدۇ (1922-يىلىدىكى ھىتلېر، يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە پىكىرىنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە زەھەرلىكلىكى بىلەن گەۋدىلىنەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى شۇ يىللاردا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتكەن جوزېف ھېل بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خېل، ھىتلېردىن ئەگەر يەھۇدىيلارغا تاقابىل تۇرۇشتا تولۇق ھوقۇقلۇق بولغىنىڭىزدا ئۇلارنى قانداق قىلار ئىدىڭىز؟ دېگەن سۇئالىنى ئاڭلاپ ھىتلېرنىڭ چىرايى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كەتكەن. كۆزىنى دەرھال ھېلدىن ئېلىپ قېچىپ كۆككە تىكىلگىنىچە ئاۋازىنى تەدىرىجى يوقىرى كۆتۈرۈپ سۆزلەشكە باشلىغان. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى كىرىشىپ تىتىرەپ كەتكەن. "قاتتىق ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى. شۇ پەيتتە گويا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىتىنگ مەيدانىدىكى خەلق ئاممىسى ئىدىم. 'ئەگەر مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا پۈتۈن ھوقۇقنى قولغا ئالالىغىدەك بولسام، مېنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم، مېنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىم، يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش بولاتتى. مەن ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزگىدەك بولسام، ھەممە يەرگە دارلارنى تىكىۋىتەتتىم. مەسىلەن ميۇنخېننىڭ مارىيېن مەيدانىدا، قاتناشقا توسالغۇ بولمىغىدەكلا ئىمكانىيەت بولىدىكەن، بۇنداق دارلارنى كۆپلەپ تىكىۋەتكەن، بۇ دارلارغا يەھۇدىيلارنى بىر-بىرلەپ ئېسىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ جەسىدىنى تا سېسىپ پۇرىمىغىچە داردىن چۈشەرتمىگەن بولاتتىم. شۇ شەكىلدە دارغا ئېسىلغانلارنى داۋاملىق يېڭىلاپ، تاكى ميۇنخېندا ئەڭ ئاخىرقى بىر يەھۇدىيمۇ دارغا ئېسىلىپ تۈگىگەنگە قەدەر بۇ ئىشنى توختاتمىغان بولار ئىدىم. باشقا شەھەرلىرىمىزدىمۇ بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن ۋەتىنىمىز تەۋەسىدە بىرمۇ يەھۇدىي قالمىغانغىچە شۇنداق قىلدۇرغان بولار ئىدىم!' دەيدۇ." ― ئا. ھ. ئى). بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلار ئاشكارە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە جاسارەت كۆرسىتەلەيدىغانلىكى ئېغىزلارنى تۇۋاقلاشقا ئۇرۇنماقتا دەيدۇ. ھىتلېر، نۇتقىدا يەھۇدىيلار ھەققىدە يوقۇرقىدەك شىكايەتلەر بىلەن بىرەر سائەتتەك توختالغاندىن كېيىنلا ئاندىن رەسمى تېمىسىغا ئۆتىدۇ: "بىزگە مەلۇمكى، بۈگۈن بېرلىندىن كېلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش قانۇنى» دېگىنى پەقەتلا تەنقىتنى باستۇرۇش، كىشىلەرنى سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ بىر تەدبىرى."117 شۇنىسى ئېنىقكى، سوتسىئالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دەيدۇ. ئۇ، يەنە خەلقنى بىۋاستە زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىدۇ. "شۇڭا، مەن بۇ نۇتقىمنى تاماملاشتىن بۇرۇن ئاراڭلاردىكى ياشلارغا مۇنداق يېڭى بىر ئىشقا ئاتلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بۇنداق ئىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىمىزنى تەستىقلايدىغان ئالاھىدە باھانىلىرىمىز بار. بۇرۇنقى پارتىيە، ياشلىرىمىزنى سۆزلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكىلا يىتەكلەپ كەلگەن بولسا، ئەندى مەن ياشلارنى جىسمانى كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن چېنىقىشقا چاقىرىمەن. مەن سىلەرگە شۇنداق چاقىرىق قىلىمەنكى، خەلقىنىڭ تەغدىرىنى تۈزەش يولىنى تاپالماي يۈرگەن ياشلار، ئەڭ ئاخىرقى چارىنى ئىشقا سالىدىغانلا بولىدىكەن، بۇ يولنى چوقۇم تاپالايدۇ. ئەگەر پەلسەپەلىك
141
جەھەتتىكىلا تەتقىقاتلار ئىچىگە چۆكۈپ كېتىپ، پۈتۈن ۋاقتىنى كىتابقىلا بېرىۋەتكىنىدە ياكى ئىسسىق ئۇچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ ۋاقت ئۆتكىزىشنىلا ئويلىغىنىدا، بۇنداق بىر ياش، نېمىس بولۇش ھەققىگە ئىگە ئەمەس! سىلەرگە شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، ھەممىڭلار ھۇجۇمچىلار ئەترىتىگە بېرىپ قوشۇلۇڭلار!"
ئۇ، ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە ھەقىقەتەنمۇ مۇشەققەتلىك، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بەلكىم ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەسلىكىڭلار، ئەكسىچە ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. "بىز بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقمۇ ھېچ قانداق بىر ئورۇنغا ئېرىشەلمەسلىكى، بولۇپمۇ قىلچىلىك ماددى مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ھەتتا دەل ئەكسىچە تۈرمىلەردە ئۆمۈر بويى چىرىپ يېتىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە رەھبەر بولماقچى بولىۋاتقان بىرسىدە چوقۇم ئېنىق بىر غايە بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولماي، پەقەت بىرسىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپلا بىرسىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشنى ئويلىغان بولىدىكەن، ئۇنداق بىر رەھبەر ھېچ قانداق بىر ئىشقا ئەسقاتمايدىغان بىرى ھېسابلىنىدۇ." ھىتلېرنىڭ غايە ئۈچۈن جان پىدا قىلىش دېگەن بۇ چاقىرىقى يىغىن زالىدىكىلەرنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋېتىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە جەريانىدا، ھىتلېر يېڭى قانۇنغا ئىزچىل تۈردە رەددىيە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. 16-ئاۋغۇست كۈنىگە كەلگەندە، ھىتلېر كۆنىگسىتراس مەيدانىدىكى ئاممىۋى يىغىننىڭ رەسمى چولپانىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىلىش ئەسلىدە "ۋەتەن بىرلىكسېپى" تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر مىتىنگ بولۇپ، ميۇنخېندىكى ھەر قايسى ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىپ قاتنىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن ۋېيمار ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قانۇنىغا ئورتاق نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىنى ئىدى. ھىتلېر قاتارىدىكى كىشىلەر يىغىن مەيدانىغا كېلىشتىن بۇرۇن، يىغىن مەيدانى نىسبەتەن تىنچ ئىدى. تۇيۇقسىز، يىراقتىن ھاياجانلىق داقا-دۇمباقلىق، ناغرا-سۇنايلىق ئىككى ئوركىستېر ئۈمىگى مەيدانغا كىرىپ كېلىدۇ. كەينىدىنلا ئارقىسى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان كرىست بەلگىلىك يەڭلىك تاقىغان كىشىلەر رەتلىك قەدەملەر بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئالتى گۇرۇپلۇق ئەتىرەتلەر بولۇپ تىزىلىپ 15 تال "سوتسىئالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى" دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ كېلىشىدۇ. نەچچە مىنۇتقا قالماي مەيدان ھاياجانغا تولغان 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىلەن لىق تولىدۇ!
ھىتلېر يىغىن سەھنىسى ئالدىدا پەيدا بولغىنىدا، مەيداندىن كۆتۈرۈلگەن ئالقىش سادالىرى ئۇنچە بەك كۈچلۈكمۇ ئەمەس ئىدى. ئادولف، نۇتۇق سەھنىسىدە بىر مىنۇت ئۈن-تۈنسىز تۇرۇپ كېتىدۇ. ئاندىن نۇتقىنى باشلايدۇ. دەسلىۋىدە ئۇ نۇتقىنى بەكلا سىلىق باشلىغان بولۇپ، قىلچىمۇ ھاياجانلانماي سۆزلەيدۇ. يالقۇنلۇق مىللەتچىلەردىن بولغان كۇرت لۈدېك (ئۇ ئەسلىدە ھىتلېرنى شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم كۆرىشى ئىدى) كېيىنچە شۇ كۈنكى مەنزىرىنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: "سەل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى كىشىنىڭ ھېسسياتىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، پەۋقۇلئاددە تەسىر پەيدا قىلىۋەتكەن ئىدى." ئەندى ئۇ ئىنتايىن ۋەھشى، باشقىلا قىياپەتكە كىرگەن بولۇپ، كىچىك ئىككى قولىنى تىنماي شىلتىپ سۆزلەيتتى؛ ئۆتكۈر كۈلرەڭ كۆك كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى؛ بىر تەرەپتىن كىشىلەرگە تەھدىت قىلغاندەك، يەنە بىر تەرەپتىن يالۋۇرغاندەك قىلىقلارنى قىلاتتى، دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، لۈدېكمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ھىتلېرغا مەھلىيا بولۇپ، خۇددى سىزىمىنى يوقاتقان، گىپنوزلانغاندەك ھالغا كېلىپ قالغان. ئاخىرىدا، ھىتلېر دېگەن بۇ ئەسەبىي ئادەم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىزلا تەڭداشسىز بىر ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان، يەنە بىر لۇتېر بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. "ئۇنىڭ نېمىس ئەرلىرىدە قالدۇرغان تەسىرى، ئۇلارنى دەرھال قولۇڭلارغا قۇرال ئېلىپ ئاتلىنىڭلار
142
دەۋاتقىنىدەك، خۇددى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ تونۇلغان ئىنجىل ئايەتلىرىنى تەرغىپ قىلىۋاتقاندەك قاتتىق تەسىر پەيدا قىلىۋەتتى." شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر بۇ مەيداندا قارغۇلارچە ساداقەت كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ئەگەشكۈچىگە ئېرىشىدۇ.
لۈدېك، شۇ كۈنى ئاخشىمى ھىتلېرنىڭ يەنە بىر قېتىملىق نۇتقىنى ئاڭلايدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن زىركۇس كروندا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لۈدېك، بىرسى تەرىپىدىن ھىتلېرغا تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇ چاغدا ھىتلېرنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن، چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۇنىڭ مۆرىسىدە ئاكوپلاردا كىيىدىغان يىرتىلىپ كىرلىشىپ كەتكەن ھەربىي پەلتو يېپىنچاغلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ،118 لۈدېكنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەم، مىجەزى كەسكىن، غەيرەتلىك بىرسى بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئەتىسى، ئۇ ئۆز تەغدىرىنى قىلچە ئاياپ ئولتۇرماي پۈتۈنلەي ھىتلېرغا تاپشۇرىۋېتىدۇ. ئۇ ئىككىسى تۆت سائەتتەك ئەركىن پاراڭلىشىدۇ. ئاندىن، بىر-بىرسى بىلەن دەبدەبىلىك ھالدا قول ئېلىشىدۇ. "مەن ئۇنىڭغا روھىمنىمۇ ئاتىۋەتكەن ئىدىم" دەيدۇ لۈدېك.
6
«جۇمھۇرىيەت قوغداش قانۇنى» توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر، شۇنىڭدەك ۋېيمار بىلەن باۋارىيە ئوتتۇرىسىدا كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىپ بېرىۋاتقان ھاڭ يەنە بىر سىياسى ئۆزگىرىش پىلانىنى بىخلاندۇرماقتا ئىدى. سىياسى ئۆزگىرىشنى نامىمۇ چىقمىغان ميۇنخېنلىق سەھىيە كادىرى بولغان ئوتتو پىتتىڭگېر ئىسىملىك بىر دوختۇر قوزغاشنى پىلانلايدۇ. بۇ كىشى، نېمىس مىللى سوتسىئالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن باشقا مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ باۋارىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئورنىغا سابىق باش مىنىستىر ۋون كاھرنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى تىكلەشنى پىلانلايدۇ.
شۇڭا، كۇرت لۈدېكنى، يەنى ھىتلېر يېقىندا ئۆزىگە قوبۇل قىلغان بۇ يېڭى مورتىنى بېرلىن تەۋەسىگە بېرىپ ھەمكارلىشىش ئېھتىمالى بار مەخپى سۈيىقەستچىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى يوليورۇقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا سالىدۇ. لۈدېك گېرمانىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ئايلىنىپ "گېرمانىيىنىڭ پاۋۇل رېۋېر قىياپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ"، مىللەتچىلەرنى ياتقان يېرىدىن تارتىپ تۇرغۇزىدۇ ― كېيىن باۋارىيىدە ھېچ قانداق بىر ھادىسە يۈز بەرمىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقىنىدىن كېيىن، پويىز ئارقىلىق ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىدۇ، ― بۇ ۋاقىت 1922-يىلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، ― دەرھال ماشىنىلىق پتتىڭگېرنىڭ شىتابىغا كېلىپ بۇ دوختۇرنى تاپىدۇ. "بۇ قانداق بىر سىياسى ئۆزگىرىش؟" دەيدۇ لۈدېك ئەيىپلىگەن ھالدا. ئەمما "كۆزئەينەكلىك ھاكاۋۇر" پىتتىڭگېر، لۈدېكقا پەرۋامۇ قىلماي مەرسەدېس ماركىلىق پىكاۋىغا ئولتۇرغىنىچە دەم ئېلىش ئۈچۈن ئالپىس تاغلىرىغا قاراپ يولىغا راۋان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قوزغىلاڭ پىلانىمۇ ئۈن-تۈنسىز جىمىپ قالىدۇ. پەقەت سوتسىئالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىلا بۇ ھەقتىكى تەييارلىقىنى داۋام قىلدۇرىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ داھىيسى قورقۇپ يوشۇرىنىۋالغان ئىدى. لۈدېك، ئاخىرى بىر بىنانىڭ ۋەيرانە بالكون قەۋىتىدە ھىتلېرنى تاپىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭغا يۇغان بىر بۆرى ئىت بىلەن مۇھاپىزەتچىسى گراف ھەمراھ ئىدى. لۈدېكقا "مەن تەييارلىقىمنى پۈتتۈرۈپ بولدۈم. مېنىڭ ئادەملىرىممۇ تەييار! ― دەيدۇ ھىتلېر غەزەپلەنگەن ھالدا، ― بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۆز ئالدىمغا يالغۇز ھەرىكەت قىلىمەن، دېگىنىچە ھېچكىم ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭماي ئۆزى يالغۇز قالسىمۇ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ― بۇندىن كېيىن پىتتىنگېر دېگەندەك نەرسىلەرگە، ۋەتەن جەمئىيىتى دېگەندەكلەرگە يالۋۇرۇپ يۈرمەيمەن. مەن پەقەت بىرلا پارتىيىگە، ئۆزىمىزنىڭ پارتىيىسىگە تايىنىپلا بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ھەي شۇ كاتتا ئەپەندىلەر، شۇ كاتتا بايىۋەتچىلەر بىلەن شۇ گېنېراللار ―
143
ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن. بۇ ئىشنى ئۆزەم قىلىمەن، يالغۇز قىلىمەن!"
شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا، ھىتلېر، ئارتۇر مۆللېر ۋون دېن برۇك (بۇ كىشى «ئۈچىنچى ئىمپىرىيە» دېگەن بىر كىتاب يېزىش بىلەن مەشغۇل ئىدى) قا مۇنداق دەپ ئېتراپ قىلغان ئىدى: "مېنىڭدە سىزدە بار نەرسىلەردىن بىرسىمۇ يوق ئىكەن. سىز گېرمانىيىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن روھى ئۇزۇق يارىتىپ كېلىۋاتىسىز. ئەمما مەن پەقەت قۇرۇق بىر دۇمباقچىمەن، مېنىڭ قولۇمدىن ئادەم توپلاشتىن باشقا ئىش كەلمەيدىكەن. شۇنداق بولغاچقا ئىككىمىز بىرلىشىپ ھەركەت قىلساق قانداق؟" مۆللېرنىڭ لايىھىلىگىنى بىر خىل مىللىي سوتسىئالىستىك ئاپتونومىيە بولغاچقا، ھىتلېرنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ. كېيىن ئۇ بىر كەسىپدىشىغا "بۇ مەخلۇق ھەرگىزمۇ بۇ ئورگاننى قولغا ئالالمايدۇ. مەن ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا رازىمەنكى، ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىشخانامدا كۆرۈشنى خالىمايمەن" دېگەن.
بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىمىز دەپ پىتتىڭگېر تەرىپىدىن ئىزاغا قالدۇرۇلغان ھىتلېر، بۇ ئىشلاردا قەتئىي تۈردە ئۆزەم داھىي بولۇپ ئىش قىلىشىم كېرەك ئىكەن دېگەن تەجرىبىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق ئويغا كەلگەنلىكىدىن لۈدېك بەكلا خوشال بولىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرھال پارتىيىمىز مۇسسولىننىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلانسا قانداق دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە مۇسسولىن ئىتالىيىنىڭ داھىيسىغا ئايلىنىش يولىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ فاشىزم ھەرىكىتىمۇ ئەسلىدە بىر مىللەتچىلىك ھەرىكىتى، ھەمدە سوتسىئالىزم ھەرىكىتى، بولشىۋېكچىلىققا قارشى بىر ھەرىكەت ھېسابلىناتتى؛ ئۇنىڭ قارا كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى يېقىندا راۋېننا بىلەن بىرگە ئىتالىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىنىمۇ قولغا ئالغان ئىدى.119 لۈدېك، ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىش مەقسىتىدە، ھىتلېرغا ۋاكالىتەن ئىتالىيىگە بېرىپ مۇسسولىننىڭ بىزگە پايدىلىق ئىتتىپاقداش بولۇشقا شەرتى توشامدۇ-توشمامدۇ، بىلىپ كېلىشكە تەييارمەن دەيدۇ.
مۇسسولىن گەرچە ھىتلېر دېگەن بىرسىنى پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان بولسىمۇ، يەنىلا لۈدېكنى مىلاندا قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. ۋېلشايل شەرتامىسى بىلەن خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە مەسىلىلىرىدە ھىتلېرنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەھۇدىيلارغا قارشى تەدبىر مەسىلىسىدە ئېنىق بىر نېمە دېمەي تىلىنى چايناپ تۇرىۋالىدۇ. لۈدېكقا بەكىرەك ياققىنى، مۇسسولىندىن، ئەگەر ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تەلىۋىڭىزگە كۆنمىسە ھۆكۈمەتكە قارشى قۇرال ئىشلىتەرسىزمۇ دەپ سورىغىنىدا، مۇسسولىننىڭ بەكلا كەسكىن جاۋاب بېرىشى ئىدى: "بىز بىر دۆلەت قۇرماقچىمىز. – دەيدۇ خۇددى بىر پادىشاھتەك قەتئىي تەلەپپۇزىدا، ― چۇنكى بۇ، بىزنىڭ غايىمىز."
لۈدېك، ھىتلېرغا ئىتالىيە زىيارىتىدىن ھەۋەسلەنگەن ھالدا مەلۇمات بېرىپ، مۇسسولىن بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا ئىتالىيىنى قولغا ئېلىشى مۇمكىندەك قىلىدۇ، دەيدۇ. ئۇ يەنە، فاشىزم بىلەن ناتسىستىزم ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ ئەقىدىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىلا قىزغىن مىللەتچى ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىلا ماركسىزم بىلەن پارلامېنتارىزمغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىلا يېڭى تۈزۈم تىكلەش ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ ئىككىلا داھى بىر-بىرسىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككىسىنىڭلا خەلق ئارىسىدىن كەلگەنلىكىنى، ئىككىسىلا جەڭ مەيدانىدا پىشىپ يېتىلگەن پىشقەدەم سەركەردىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ھىتلېرنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرغىنى، مۇسسولىننىڭمۇ قۇراللىق كۈچكە تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالماقچى ئىكەنلىكى ئىدى. كېيىن لۈدېك ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: "ھىتلېر قارا كۆڭلەكلىكلەرنىڭ بولشېۋىكلەشكەن شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇ يەرنى ئىگەللىۋالغانلىقىنى، شەھەر قوغداۋاتقان قىسىملار بىتەرەپ تۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ھەتتا بەزى يەرلەردە مەردانىلارچە
144
قارا كۆڭلەكلىكلەرگە تۇرىدىغانغا ياتاق ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭمۇ خىيالىغا بىر نېمە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم." بۇ ئىش، جاسارەت كۆرسىتىلىدىغانلا بولىدىكەن تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى!
ھىتلېرمۇ، مۇسسولىن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنىڭ تۈرتكىسى ھەمدە باۋارىيە تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ئۇنى بارغانسىرى كۈچلۈك ھىمايە قىلىش نەتىجىسىدە، شۇ يىلى كۈزدە قۇراللىق كۈچىنى كۆرسىتىشكە بەل باغلايدۇ. ئۇ، يوقىرى باۋارىيىدىكى كوبۇرگ دېگەن كىچىك بىر شەھەرنى قوزغىلاڭ باشلاش نوقتىسى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. بۇ شەھەر ميۇنخېننىڭ شىمالدا 160 مىل يىراقلىقتىكى بىر يەر ئىدى. شۇ كۈنىسى، شۇ يەرلىك بىر قانچە ئاممىۋىي جەمئىيەتلەر پائالىيەت تەشكىللەپ "گېرمانىيە كۈنى" نى تەبىرىكلىمەكچى بولىۋاتقان ئىدى. بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى كوبۇرگ گېرتسوگى بىلەن گېرتسوگ خانىمى ئىدى. ئۇلار ئىككىسىلا ئاشكارە مىللەتچى بولۇپ، گېرتسوگ خانىم يەنە كېلىپ مەرھۇم رۇسىيە ئاق پادىشاھىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئۇلار ھىتلېرنى "بىر قانچە ھەمراسى" بىلەن بىرگە كېلىپ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. يولغا چىقىشتىن ئاۋال ھىتلېر بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنىشىنى كەڭ مەنىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. 1922-يىلى 14-ئۆكتەبىر (شەنبە كۈنى) چۈشتىن بۇرۇن، ئالتە يۈزگە يېقىن ئېس-ئاچىلار بىلەن بىرلىكتە (كۆپ قىسمى يول كىراسىنى ئۆزلىرى چىقىرىدۇ) مەخسۇس پويىز بىلەن ميۇنخېندىن يولغا چىقىدۇ. ئېس-ئاچىلارنىڭ ھەر بىرسى ئىككى كۈنلۈك يەيدىغىنىنى يېنىغا ئېلىپ خۇددى بايرامغا ماڭغاندەك 42 كىشىلىك ئوركىستىر مۇزىكىسىنىڭ رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ماڭغىنىچە پويىزغا چىقىدۇ.
بۇ كىشىلەر قىزغىن كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن ساياھەتكە چىققاندەك خوشال سەپەر قىلىشىدۇ. ھەتتا ھىتلېر ئولتۇرغان ۋاگوندىمۇ بايرام مەنزىرىسى بار ئىدى. ھىتلېر بىلەن بىرگە كامىردا جەمئى يەتتە كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ يېقىن ئادەملىرى، ئوڭ-سول قول ياردەمچىلىرى ئىدى: يەنى بۇ كىشىلەر سابىق ئون بېشى (ماكس ئامان)، چېلىشچى (گراف)، ئات سودىگىرى ھەم قاۋاقخانا قوغدىغۇچىسى (كرىستيان ۋېبېر)، سابىق كوممۇنىست ھەم بروشۇر يازغۇچىسى (ئېسېر)، ئارخىتىكتور (روزېنبېرگ)، يازغۇچى (ئېكارت) ۋە ئۆزىنى ماجىراچى دەپ ئاتىۋالغان بىرسى (لۈدېك) قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە لۈدېكنى بەكرەك قىزىقتۇرغان ئىككى كىشى بار بولۇپ، بىرسى خوشخۇي مىجەزلىك ئېكارت بولۇپ، "بۇ كىشىنىڭ قابىلىيىتى بىلەن بىلىمى ھەممىنى تاڭ قالدۇراتتى"؛ ئۇنى قىزىقتۇرغانلاردىن يەنە بىرسى بولسا روزېنبېرگ دېگەن مۇز چىراي بىرسى ئىدى. بۇ ئادەم شۇنداق ھۈمىيىپ تىكىلىپ تۇرۇغلۇقمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ كىم يوقتەك بۇتتەك قاراپ ئولتۇراتتى.120
پويىز تېخىمۇ كۆپىرەك ئادەم ئېلىۋېلىش ئۈچۈن نيۇرېمبېرگدا يېرىم سائەتتەك تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئوركىستىر يەنە بىر قېتىم مۇزىكا باشلايدۇ. پويىزدىكىلەرمۇ ۋارقىراشقىنىچە پەنجىرىدىن كرىست بايراقلىرىنى چىقىرىپ لەپىلدىتىشكە باشلايدۇ.
تاماشا كۆرگۈچىلەر بۇ كەلگەنلەرنىڭ قايسى سىرىك ئۈمىگى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كېلىپ پويىزنى ئورىۋېلىشىدۇ. يان يولدا توختىغان يەنە بىر پويىز ۋاگونىدىكى يەھۇدىيلار، كرىست بەلگىلىك بايراقلارغا قاراپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھىتلېرنىڭ شەخسى شوپۇرلىقىنى قىلىدىغان جولىئوس شرېك "دەرھال يەھۇدىيلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ ئۇلارنى بىر مۇنچە ئەدەپلەپ" قىزىق ئويۇن چىقىرىپ بېرىش بىلەن بۇ يەردىكى قىزىقچىلىقلار ئاخىرلىشىدۇ.
145
پويىز كوبۇرگ ئىستانسىسىغا كىرگىچە ئېس-ئاچىلارنىڭ سانى 8 يۈز گە يەتكەن ئىدى. ھىتلېر سۈرلۈك قىياپەتتە پويىزدىن چۈشىدۇ. ھىتلېر، بۇ يەردىكى سوتسىئالىزمچىلار بىلەن كوممۇنىزىمچىلارنىڭ سانى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ شەھەرنى جەڭ مەيدانى قىلىپ تاللىۋالغان ئىدى. ھىتلېر بۇ يەردە خۇددى مۇسسولىنغا ئوخشاش ئۇلارنى لاگىرلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. تېخى ئەندىلا ئىككى يىللىق باۋارىيىلىككە ئايلانغان كوبۇرگ خەلقى، بۇ كىشىلەرنىڭ ۋارقىراپ-جاقىراشقىنىچە كاناي-سۇنايلىرىنى چېلىشىپ قىزىل بايراقلارنى لەپەڭشىتىپ ھىتلېرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ سەھنىگە چىقىپ كېلىشىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كېتىشىدۇ. ئوركىستېر مارشقا چېلىشقا باشلىشى بىلەن تەڭ، ئېس-ئاچىلار مارشقا دەسسىگىنىچە شەھەر ئىچىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئەڭ ئالدىدا 8 نەپەر قىسقا خۇرۇم ئىشتانلىق باۋارىيە پالۋانلىرى قولىدا تۆمۈر زىخلىق ھاسسا، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قىزىل ۋە قارا بايراقلار سەپ بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ھىتلېر بولسا 7 نەپەر ھەمرايى بىلەن بايراقلىقلارنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ كەينىدە بايىقى 8 يۈز كىشىلىك ئېس-ئاچىلار قوشۇنى قوللىرىدا شلانكا ياكى خەنجەر، رېتىملىك قەدەملەر بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۇچىسىدا ئۆڭۈپ كەتكەن ياماق چۈشكەن كۈلرەڭ ھەربى فورما، يەنە بەزىلىرى ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كېيىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر ئورتاق بەلگىسى سول بىلىكىدىكى كرىست بەلگىلىك يەڭلىكى ئىدى. ھىتلېرنىڭ قىياپىتىمۇ باشقىلاردىن قىلچە پەرقى يوق ئىدى. بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى، ھىتلېر ھەربى پەلتو كىيىۋالغان بولۇپ، بېلىنى تاسما بىلەن چىڭ باغلىغان، بېشىدا قالپاق، پۇتىغا موزاي تېرىسىدە غەلىتە بىر ئۆتۈك كىيىۋالغان ئىدى.
بىر توپ ئىشچى ئىككى تەرەپتىن ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ "قاتىللار! بۇلاڭچىلار! دېڭىز قاراقچىلىرى! جىنايەتچىلەر!" دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ. ئەمما ناتسىستلار قوشۇنى ئۇلارغا پەرۋايى پەلەك، تەكشى قەدەملەر بىلەن يولىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. يەرلىك ساقچىلار بۇ نامايىش قوشۇنىنى شەھەر مەركىزىدىكى خوفبراۋخاۋس پىۋىخانىسىغا باشلاپ بېرىپ ئىشىكنى سىرتىدىن قۇلۇپلىماقچى بولغاندا، ھىتلېر ئادەملىرىنى ئاتىش مەيدانىدا چۈشكۈن قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئېس-ئاچىلار قايتىدىن داقا-دۇمباقلار بىلەن دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن قارىشىپ تۇرغان شەھەر خەلقىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ شەھەر سىرتىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا تۇخۇمەك تاشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا يامغۇردەك يېغىشقا باشلايدۇ؛ ھىتلېر قامچىسىنى بىرلا ئويىنىتىۋىدى ئېس-ئاچىلار دەرھال شلانكا توخماقلار بىلەن تاش ئاتقان كىشىلەر توپىغا ئېتىلىپ بېرىپ باش-كۆزلىرىگە ئۇرۇشقا باشلايدۇ. كىشىلەر توپى ئۈركۈپ چېكىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن قوشۇن ئالغا ئىلگىرلىشىنى داۋام قىلىدۇ. نامايىشچىلار قوشۇنى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنى چېكىندۈرگەن ئەسكەرلەردەك مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ئەڭ مەغرۇر ھېساپلىغىنى بۇ سىناقتىن ئۆتكەنلىكىدىن خوشال بولۇپ كەتكەن لۈدېك ئىدى. ئۇ، تۆۋەن تەبىقە كىشىلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالالىغانلىقىدىن مەغرۇر ئىدى. "كىيىملىرىنىڭ سۈپىتى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، كىشىلەر قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر چوقۇم مېنىڭ كېيىمىمنى تىككەن تىككۈچىنىمۇ كەچۈرۈم قىلدى ھەقىچان."
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، يەنى يەكشەنبە كۈنى، سولچىل ئۇنسۇرلار ئاممىۋىي نامايىش قىلىپ، "ناتسىستلارنى قوغلاپ چىقىرايلى!" دەپ شۇئار توۋلىشىدۇ. بۇ نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن ئون مىڭ كىشىگە يېتەتتى. ئۇلار مەيدانغا يىغىلىدۇ. ئەمما ئۆكتىچىلەر قوشۇنى سان جەھەتتىن بەكلا ئۈستۈن بولۇپ ھىتلېرنىڭ پىلانىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىش خەۋىپى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ، "بىر ھۇجۇم بىلەنلا قىزىللار تېررورچىلىقىنى مەڭگۈلۈك بېسىقتۇرىۋېتىش" قا
146
غەيرەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ۋاقىتقىچە كۆپىيىپ بىر يېرىم مىڭ كىشىگە يەتكەن ئېس-ئاچىلار قوشۇنىنى يان يوللار بىلەن مەيداندىن ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كوبۇرگ شەھەر قەلئەسىگە قاراپ ئىلگىرلىتىدۇ. چۈش ۋاقتىدا، ھىتلېر ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ مەيدانغا يېتىپ بارغىنىدا، مەيداندا ئارانلا نەچچە يۈزدەك ئۆكتىچىنىڭ بارلىقىنى كۆرىدۇ. ئالدىنقى كۈنى، شەھەر خەلقى پىيادىلار يولىدا تۇرۇپ ئۈن-تۈنسىز نارازىلىق قاراشلىرى بىلەن ئېس-ئاچىلارنىڭ پارات قىلىپ ئۆتىشىنى كۈزىتىشكەن ئىدى. بۈگۈن بولسا، خەلق دېرىزىلىرىگە يۈزلىگەن ئىمپىرىيە بايرىقىنى ئېسىشقان ئىدى.121 يول بويىدا قاتار تىزىلغان دوستانە كۆرۈنۈشتىكى خەلق، غەلىتە بەلگىلەرنى تاقاشقان مىللەتچى سوتسىئالىزم پارتىيىسى ئەزالىرىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئۇلار قىزىللارنىڭ كوبۇرگ شەھىرىنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدىكى ھاكىممۇتلەقلىقىگە خاتىمە بەرگۈزگەن كىشىلەر بولغاچقا، بۈگۈن ئۇلار قەھرىمانلار قاتارىدا كۈتىۋېلىنماقتا ئىدى. "مانا بۇ بۇرجۇئازلارنىڭ تىپىك ئۈلگىسى. ― دەيدۇ ھىتلېر يېنىدا كېتىۋاتقانلارغا، ― خەۋپ يېقىنلاشقاندا قورقۇپ قاچىدىغان، ئىش تۈگىگەندە پو ئېتىشىدىغان خاراكتېر، بۇرجۇئازىيىنىڭ تىپىك مىجەزى!"
كوبۇرگ ھىتلېرغا شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئۇنىڭ ھۇجۇمچىلار ئەتىرىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە مۇسسولىندىن قېلىشىدىغان يېرى يوق ئىدى. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە، مۇسسولىن يەنە بىر ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ: 28-ئۆكتەبىر كۈنى، مۇسسولىننىڭ قارا كۆڭلەكلىكلىرى رىمغا قاراپ پىيادە يۈرۈش قىلىپ (مۇسسولىن ئۆزى پويىزلىق)، بۇ شەھەرنى ئىگەللىۋالىدۇ. ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك، ئېسېر ھىتلېرنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى سۈپىتى بىلەن خوفبراخاۋستىكى زىياپەت زالىدا "گېرمانىيىنىڭ مۇسسولىنى ― بىزنىڭ ھىتلېرىمىز!" دەپ ئېلان قىلىدۇ.122
147
5.شەپقەتسىز ۋە مېھرىبان
1922~1923
1
|
|