- تىزىملاتقان
- 2012-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1682
- نادىر
- 1
- يازما
- 68
ئۆسۈش
68.2%
|
ئىككىنچى باب
“تۇرمۇش مېنىڭ مەكتىۋىم”
1907.12~1913.5
(1)
1907-يىلى 23-دېكابىر ئەتىگىنى، ھەممە يەرنى تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ھاۋا بەكلا نەملىك ئىدى. “قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان سىلىق لاكلانغان، ئەتراپى مېتال چەمبەرلەر بىلەن كۈچەيتىلگەن تاۋۇت” ئىچىدە ياتقان كلارا، بورودىنگاس (布鲁登加斯) 9-نومۇرلۇق بىناسىدىن چىقىرىلدى. جانازە ماشىنىسى جىم-جىت كوچىنى بويلاپ چىركاۋ تەرەپكە قاراپ يولغا چۈشىدۇ. چىركاۋدا ئاددى بىر مۇراسىمدىن كېيىن، ئانچە كۆپ بولمىغان ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقانلار – بىر جانازە ماشىنىسى بىلەن ئىككى قارا ماشىنا – ئاستا ماڭغىنىچە دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بىر تاغدىن ئاشقىنىچە (里昂丁) غا قاراپ يولغا چۈشىدۇ. كلارانىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئۇمۇ يولدىشىنىڭ يېنىغا يەرلىككە قويۇلىدۇ. ئىسمىمۇ يولدىشى ئۈچۈن تىكلەنگەن قەۋرە تېشى ئۈستىگە ئۇيۇلىدۇ. پۈتۈن ئا’ئىلە جەمەتى قارىلىق ئىچىدە، بۇرۇنقى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى سۈرلۈك قەۋرىستانلىق ئىچىدە ماتەمدە تۇرۇشىدۇ. ئادولف قارا پەلتۇ كەيگەن، قولىدا قارا رەڭلىك ئۇزۇن قالپاقنى تۇتقىنىچە قاتاردا تۇرىدۇ. كوستېر (库斯特尔)، ئادولفنىڭ يۈزى تاتىرىپ كەتكەن، ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالدا تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.
ھىتلېر ئا’ئىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى روزھدىستىۋا كېچىسى ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈلسىز بىر كېچە بولغان ئىدى. پۈتۈن ئا’ئىلە جەمەتى داۋالاش پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن دوختۇر برۇك (布洛克) نىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. دورا پۇلى 359 كرون تۇتقان بولۇپ، 59 كرونى ئالدىن تۆلەنگەن ئىدى. تۆلىنىدىغان پۇل ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاز پۇل ھېساپلانمايتتى. ئۇ پۇل كلارانىڭ پۈتۈن جوغلانمىسىنىڭ تەخمىنەن ئوندا بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. شۇنداقتىمۇ، تۆلەنگەن پۇلنى بەك قىممەت بولۇپ كەتتى دېيىشكىمۇ بولمايتتى. چۇنكى بۇ پۇل جەمئى 77 قېتىم دىياگنوز قويۇش (ئۆيىگە بېرىپ ياكى ئىشخانىسىدا دېگەندەك) بىلەن 47 قېتىملىق داۋالاش (كۆپۈنچىسى يودىتلىق داۋالاش) ئۈچۈن تۆلەنگەن پۇل ئىدى. ئۇلار قالغان پۇلنى رازىمەنلىك بىلەن تۆلىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھەدە-سىڭىل ئىككىسىلا گەپ قىلغان بولۇپ، ئادولف قارا پەلتو ئىچىدە گالۇستۇكىنى سەل بوشىتىپ قويۇپ يەرگە تىكىلىپ چاچلىرى پىشانىسىغا تۆكۈلگىنىچە ئۈن-تۈنسىز ئولتۇردى. كېيىن ئۇ دوختۇرنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە تىكىلىپ تۇرۇپ رەخمەت ئېيتتى: “سىزگە مەڭگۈ رەخمەت ئېيتىمەن. – ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ دوختۇرغا ئىگىلىپ تازىم كەلتۈردى، − ئۇ بۈگۈن شۇ ۋاقتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىيەلەمدۇ بىلمەيمەن._
دەيدۇ برۇك 35 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يازغان «خاڭچىلار» دېگەن كىتاۋىدا، − ئىشىنىمەنكى، ئۇ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ. چۇنكى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئادولف ھىتلېر ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىرسى ئىدى. مېنىڭچە، ئۇنىڭ ماڭا قىلغاندەك بۇنداق ياخشىلىقىنى گېرمانىيە بىلەن ئاۋىسترىيە بويىچە ھېچ بىر يەھۇدىغا قىلمىغان بولىشى مۇمكىن.”
شۇ كۈنى، لاپور (拉波尔) لار ئا’ئىلىسى ئادولف بىلەن باۋرا ئىككىسىنى روزھدىستىۋا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىگە تەكلىپ قىلىشىدۇ. ئەمما ئادولف بۇ تەكلىپنى قەتئى تۈردە رەت قىلىۋېتىدۇ. ئۇ قېيناكىسى ليوغا پەقەتلا ئىشەنمەيدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى. چۇنكى قېيناكىسى ھەر بىر پۇرسەتتە ئۇنى رەسسام بولىمەن دەيدىغان بۇ ئاخماقانە خىيالىنى تاشلاشقا زورلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇ، دوستىغا، پۈتۈن تۇققانلىرىم مەن بىلەنلا قاپتۇ دەپ ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭغىمۇ، ئۇ ۋيېناغا قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان ئىمىش. ئادولف قەتئى ئىرادىگە كەلگەن بولۇپ، چوقۇم داڭلىق بىر رەسسام بولۇپ چىقىمەن، بۇ پىكىرىمدە خاتالاشمىغانلىقىمنى چوقۇم ئۇلارغا كۆرسىتىمەن دەپ ئېيتىدۇ.
ئۇ يەنە كوبىشك (库比席克) كىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىزەكچىلىك دۇكىنىدىن قەتئى تۈردە ئايرىلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇزىكانت بولۇش يولىدا داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتاتتى. ئالدىنقى يىلى كۈزدىن بېرى، كوبىشك (库比席克) لار ئا’ئىلىسى كوستېر (库斯特尔) نىڭ ۋيېناغا بېرىشىغا قەتئى قارشى چىقىپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ھىتلېرمۇ بۇ ئىشنى بەزىدە يالۋۇرۇپ، بەزىدە مۇنازىرىلىشىپ تۇرۇپ بولسىمۇ قايتا-قايتا تىلغا ئېلىپ، ۋيېنادىكى گۈزەل نەرسىلەردىن، يەنى ئوپىرا، سىمپونىيە، ۋە شۇنىڭدەك ۋيېنادىكى ساناپ تۈگەتكىسىز مۇزىكا ئۆگۈنۈش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە كوستېر (库斯特尔) بىلەن ئاپىسىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ باققان ئىدى. كوبىشك (库比席克) بوۋاينى گەپكە كۆندۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. چۇنكى بۇ بوۋاي ئادولفنى “مەكتەپنىمۇ تولۇق پۈتتۈرەلمىگەن بىرسى تۇرۇغلۇق، ئۆزىنى بەكلا چوڭ تۇتۇپ كېتىدىكەن. ئۇ ئۆمىرى بويىچە ھېچ نېمىنى ئۆگۈنەلمەيدۇ” دەپ ھېساپلايتتى. ئەمما، ھىتلېر شۇ ياشلىرىدىلا كىشىنى سۆز بىلەن قايىل قىلىش كۈچى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئىدى. ئەمەلى ئىشنى كۆزلەيدىغان بوۋاي، ئاخىرى ئوغلىنىڭ پايتەختكە بېرىپ بىر مەزگىل سىناپ كۆرۈشىگە ماقۇل بولىدۇ. ئۇنى قايىل قىلالىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى قاتارىدا، ئوغلىنىڭ بىر سەنئەت ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدىن كېيىن ئاندىن بۇ ئىشقا ماقۇل كەلگەن ئىدى.
ئادولف ۋيېناغا بېرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىش ئويىنى ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان كىشىگە ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن قايتىدىن (里昂丁) غا بارىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ يەردە ھېچقانداق بىر مۇنازىرە يۈز بەرمەيلا ئۇنىڭ ئويى ماقۇل كۆرۈلىدۇ. مىروۋ (梅洛福) ئەپەندى گەرچە ئىلاجىسىز قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈرىدۇ. كېيىن ئۇ قىزىغا مۇنداق دەيدۇ: ماقۇل بولۇش، مېنىڭ ئۈستۈمدىكى بىر مەسئولىيەت. شۇنىڭدىن كېيىن، ئادولف، ئانگىلا ۋە يەڭگىسى جونىيە (约翰娜) لار بىلەن بىر-ئىككى ھەپتە بىرگە تۇرۇش جەريانىدا ئۆي ئىچى ئىشلارنى ئۇلارغا بىر قۇر تاپىلاپ چىقىدۇ. شۇ جەرياندا ئۆيىنىڭ بارلىق قەرزلىرىنىمۇ تۆلەپ تۈگىتىدۇ. بۇ قەرزلەردىن 370 كرونلۇق دەپىن قىلىش چىقىملىرىمۇ بار ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پۈتۈن قوشنىلىرىغىمۇ ئاپىسىنىڭ كېسەل كۈنلىرىدە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەخمىتىنى بىلدۈرىدۇ. بولۇپمۇ پوچتىخانا باشلىقى ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئۆزى سىزغان رەسىمدىن بىرنى سوغات قىلىدۇ. پۈتۈن ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كلارا تىجەشلىك خەجلەش نەتىجىسىدە ئاشۇرغان 3 مىڭ كروندىن ئارتۇق پۇل قالغان ئىدى. ئانگىلا 11 ياشلىق سىڭلىسى باۋرانىڭمۇ بېقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تېگىدىغىنى بۇ پۇلنىڭ ئۈچتە ئىككىسىدىن ئارتۇق پۇل ئىدى. كېيىن، كىچىك ئالويىس ھىتلېر ئوغلىغا ئادولفنى “ئالغان مىراسىنى قىزلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرگەنلىكىنى” ئېيتقان. چۇنكى لاپورلار ئا’ئىلىسىدە مەبلەغ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئادولفمۇ ئۆزىگە تەۋە مىراسنىڭ ھەممىسىنى ھەدىسى ئانگىلاغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋىتىدۇ. كىچىك ئالويىس بولسا ئۆزىگە تەۋە مىراس پۇلىنى باۋراغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. بۇ گەپلەر راست بولغىنىدا، ئادولفنىڭ ۋيېنا سەپىرىگە ئېلىپ ماڭغان پۇلى بەكلا ئاز قالغان بولىدۇ: ئۇنىڭغا تەۋە يېتىملار پۇلى بىلەن ئۇنىڭغا قالغان مىراسنىڭ قالغان ئاز قىسىمىنىلا ئېلىپ ماڭغان بولىشى كېرەك. فىۋرالنىڭ باشلىرىدا ۋيېنادىن پەۋقۇلئاددە بىر خوش خەۋەر كېلىدۇ: ئۇنىڭ بىر قوشنىسى قايسى بىر خانلىق ئوپىرانىڭ سەھنە لايىھىلىگۈچىسى بولغان پروفىسسور ئالفېرد رولى (阿尔弗里德•罗勒) نى قايىل قىلىپ ئادولف سىزغان رەسىملەرنى كۆرۈپ بېقىشقا ھەمدە مۇمكىن بولغىنىدا ئۇنىڭغا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ قويغانلىق ھەققىدىكى خەۋەر كېلىدۇ. بۇ خەۋەر ھىتلېرنى بەكلا ئۈمىدلەندۈرىدۇ.
بۇ خەۋەر، ئۇنىڭ ئا’ئىلىسىدىكىلەرنىڭ نارازىلىق قىلىشلىرىنى جىمىقتۇرىشى ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدىلىق بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئادولف ھىتلېر، ۋيېناغا بېرىش قەتئى قارارىغا كېلىدۇ. 1908-يىلى 10-فىۋرال كۈنىسى، ئۇ، ئۆزى بىلەن سىڭلىسى باۋرانىڭ يىتىملار ياردەم پولى ئېلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرىدۇ. 3 كۈندىن كېيىن، بۇ جەدۋەل بىر پارچە ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە قوشۇپ قايتۇرىۋېتىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا، بۇ جەدۋەلنى ئۇلارغا كاپالەتلىك قىلغۇچى كىشى تەرىپىدىن قول قويۇپ ئىمزالانغان بولىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. شۇڭا ئۇ، جەدۋەلنى مىروۋ (梅洛福) ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلاش جاۋابىنى كۈتمەيلا ئالدىرىغىنىچە چامادانىنى يىغىشتۇرۇپ (كىيىم-كىچىكى، كىتاپلىرى ۋە رەسىم سىزىش ئەسۋاپلىرى قاچىلانغانچامادان) ئۆيىدىكىلەر بىلەن ۋىدالىشىپ بروۋدىنگاس (布鲁登加斯) 9-نومۇردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ.
كوستېر (库斯特尔) ئۇنى پويىز ئىستانسىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقىدۇ. بۇ كۈن تەخمىنەن ئالغاندا 17-غېنىۋار (يەنى فىۋرال) غا توغرا كېلەتتى. پويىز كۈتۈش زالىدا ھىتلېر خىيالى سۆيگۈنى ستېفانىيە ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا تېخىچە ئۆزىنى تونۇشتۇرمىغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭغا خەت يېزىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ. پويىز قوزغالغىنىدا، ئادولف پەنجىرىدىن بېشىنى چىقىرىپ دوستىغا ۋاقىرغىنىچە “دوستۇم كوستېر (库斯特尔)، سەنمۇ تېزراق يېنىمغا كەل!” دەيدۇ. بۇ يىگىت كلاسىيو ئارجىننىڭ (荷拉西奥•阿尔杰) كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەسىرىنى ئوقۇغانمۇ-يوق نامەلۇم، ئوقۇغان بولىشىمۇ ناتايىن، ئەگەر ئوقىغان دەپ تۇرغىنىمىزدا، ئادولف ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنى ئارجىن (阿尔杰) نىڭ باشقاھرىمانىغا ئوخشاتقان بولىشى كېرەك. ئۇنىڭ بېلىتى بەش يېرىم كرونلۇق 3-دەرىجىلىك ۋاگوننىڭ بېلىتى ئىدى. 5 سا’ئەتتىن كېيىن، 18 ياشلىق ئادولف ھىتلېر ئۈچىنچى قېتىم كىشىنى سىھىرلەيدىغان ۋيېنا شەھىرىگە كىرىپ كېلىدۇ. ۋىسبانوۋ (维斯巴诺夫) دىن ستومپالاس (斯通帕大) كوچىسىنىڭ 29-نومۇرلۇق شاكىلىس (查克雷斯) خانىمنىڭ ئۆيى ئوتتۇرسى 5 مىنوتلۇقلا يول ئىدى. ئەمما ئۇ ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ ماڭغان بولغاچقا، بۇ يول ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كېلەتتى. شۇ يىلى يانىۋاردا، ھاۋا دىمىق بولسىمۇ، ئادولف بەكلا ھاياجان ئىچىدە ئىدى. 18-غېنىۋار كۈنىسى، دوستىغا ھاياجانلىق سۆزلەر بىلەن يېزىلغان بىر پارچە پوچتا ئاتكىرتكىسى يوللايدۇ:
“قەدىناس دوستۇم:
سېنىڭ يېتىپ كېلىش خەۋىرىڭنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىمەن. چوقۇم كەلگىن. مېڭىش ئالدىدا بالدۇرىراق خەت يېزىۋەت، مەن سېنى كۈتىۋېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرىمەن. پۈتكۈل ۋيېنا ساڭا تەقەززار بولماقتا … بىز دېيىشكىنىمىزدەك، ئاۋال مەن بىلەن بىر مەزگىل بىرگە تۇرىسەن. كېيىن يەنە ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلارسەن. بۇ يەردە ئاتالمىش ھۆكۈمەت كومىسسىيە دۇكىنىدا 50~60 فرولۇنغىلا بىر پىيانو سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن. ساڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن، سېنى يەنە بىر قېتىم تېز كەلسۇن دەپ تىلەپ، دوستۇڭ −ئادولف ھىتلېر”
ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ پۈتۈن ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ كەتكەن بىر يەكشەنبە كۈنىسى، كوستېر (库斯特尔) “لىق يىمەك-ئىچمەك” بىلەن تولدۇرۇلغان قوڭۇر رەڭلىك كليونكا خۇرجۇنىنى كۆتۈرۈپ ۋېسبانوفقا (维斯巴诺夫) يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ يولوۋچىلار زالىدا مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىدا، رەسمى ۋيېنالىققا ئايلانغان ئادولفنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. “ئۇ، ئۇچىسىغا ئەلا سۈپەتلىك قارا پەلتۇ، بېشىغا قارا قالپاق كەيگەن بولۇپ، قولىدا ھېلىقى سەدەپ ساپلىق ھاسسىسى بار ئىدى. كۆرۈنىشى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىدى.”
ئادولفمۇ دوستىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ چەكسىز خوشاللىق ئىچىدە يايراپ كەتكەن ئىدى. ئالدىراپ كېلىپ ئۇنى يېنىدىن سۈيۈپ قويىدۇ. ئىككىسى خالتىلارنى ئۆشنىسىگە ئالغىنىچە قايناپ تۇرغان شەھەر كوچىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان پەيت ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي شەھەر چىراغلىرى پويىز ئىستانسىسى مەيدانىنى كۈندۈزدەك يۇرىتىۋەتكەن ئىدى.
ئۇلار ئىككىسى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىشتىكى ستومپالاس 29-نومۇرنىڭ ھەشەمەتلىك دەرۋازىسىدىن كىرىپ، چاققانغىنە بىر ھويلىدىن ئۆتۈپ خېلىلا كونا بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختايدۇ. ئۇلار بىناغا كىرىپ قاراڭغۇ پەلەمپەيلەردىن قىينالغان ھالدا يوقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ئىككىنچە قەۋەتكە چىقىدۇ. ھىتلېرنىڭ تۇتقان ئۆيىنىڭ ھەممىلا يېرى رەسىم بىلەن تولغان ئىدى. ئادولف ئۈستەلگە بىر ۋاراق گېزىتنى دەستىخان قىلىپ يېيىپ، ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر يېمىكى بولغان سۈتىنى، قېيزىسى بىلەن بولكىسىنى تىزىدۇ. بۇ چاغدا كوبىشك (库比席克) ئۇلارنى بىر چەتكە ئېلىۋېتىپ خۇددى سىھىرۋازلاردەك چاققان ھەرىكەتلەر بىلەن كاناپ خالتىسىدىن قورىغان گۆش، يېڭىلا لېستىن چىققاندەك تۇرغان بولكا، سۈزمە، مۇراببا، قەھۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى چىقىرىپ بىر-بىرلەپ دەستىخانغا تىزىدۇ. بۇنى كۆرگەن ھىتلېر، “مانا قاراڭلار، ئاپا دېگەن مۇنداق بولمامدۇ!” دەپ ۋاقىرىۋىتىدۇ.
ئۇلار قۇرساقلىرىنى باپلىۋېلىشقاندىن كېيىن، ھىتلېرنىڭ زورلىشى بىلەن ھېرىپ ماجالى قالمىغان دوستى سۆرۈلۈپ يۈرۈپ دېگىدەك كوچىغا چىقىپ شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە قاراپ مېڭىشىدۇ. “دارۋازلار مەيدانىنى كۆرمەي قانداقمۇ كۆزۈڭگە ئويقا كەلتۈرەلەيسەن دوستۇم؟” ئادولف دوستىنى ئاۋال ھەشەمەتلىك تىياتىرخانىغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردە “مەن باشقا بىر يۇلتۇزغا بېرىپ قالغاندەك، ماڭا بەكلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مېنىڭ ئەقلىمنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى.” ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنچىكىلىك بىلەن زىننەتلىنىپ ياسالغان سان سىتىفان (圣•斯特藩塔楼) غا بارىدۇ. ئۇ يەردىن كېيىن ئادولف يەنە “ئاجايىپ بىر نەرسىنى كۆرمىسەڭ بولمايدۇ” دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. يەنى بەكلا نازۇك ياسالغان سان مارىيە گىستىرالد (圣•玛丽亚•格斯特拉德) چىركاۋىغا بارىدۇ. ئەمما ھەممە يەرنى تۇمان قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كوبىشك (库比席克) جىق يەرلەرنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ياتىقىغا بالدۇرىراق قايتىپ كېتىشكە ئالدىراپلا تۇرىدۇ. ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، كوبىشك (库比席克) ئالدىرىغىنىچە ئۆي خوجايىنى موماينىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان كارىۋىتىغا كىرىپ يېتىۋالىدۇ.
بۇ ئۆي بەكلا تار بولغاچقا، ئىككى كىشى بىلەن بىر پيانو سىغمايتتى. گەپكە ئۇستا ئادولف ئۆي غوجايىنىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ چوڭ ئۆيىنى ئۇلارغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان قىلىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆي ئىجارىسىنى ئايلىقىنى بىر ھەسسە ئارتتۇرۇپ 20 كروندىن تۆلەيدىغانغا ماقۇل كېلىشىدۇ. ئۇلار پيانونىڭ بەكلا كۆپ يەر ئىگەللەيدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرۈشمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈش ئادىتى بار ئادولفقىمۇ تارچىلىق قىلىپ قالغان ئىدى. شۇڭا، ئۆي ئىچىدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى قايتىدىن رەتلەپ تىزىپ ئۈچ قەدەم كەڭلىكتە بوشلۇق چىقىرىشىدۇ.
ئارىدىن ئىككى كۈنمۇ ئۆتمەي، كوستېر (库斯特尔) مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا تىزىملىتىۋالىدۇ. مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتىدۇ. “دوستۇمنىڭ بۇنچە زىھنى ئۆتكۈرلىكىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن” دەيدۇ ھىتلېر بۇنىڭ ئۈچۈن. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن دوستىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگىمۇ قىزىقماس بولىۋالىدۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كوبىشك (库比席克) نىڭ كىلىشكەن بىر قىز ساۋاقدىشى كېلىپ ئۇنى زىيارەت قىلىۋىدى، ئادولف بۇنىڭغا چىدىماي دوستى بىلەن قاتتىق جىدەللىشىپ كېتىدۇ. قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھىتلېر ئۆي ئىچىدە ئالدى-كەينىگە ماڭغاچ ۋارقىراشقا باشلايدۇ: “قىزلارنىڭ بىلىم ئېلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئارتۇقچە بىر ئىش.” كوبىشك (库比席克)، ئادولفنىڭ ئەقلى جايىدا ئەمەسكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ. چۇنكى كىچىككىنە بىر ئىشقىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتەتتى. كوبىشك (库比席克) نېمىلا ئىش قىلمىسۇن، ھىتلېر قەتئى ماقۇل بولمايتتى. “قارىغاندا بىز ئىككىمىز بىرگە تۇرالىشىمىز بەكلا تەس ئوخشايدۇ … ئۇ بۇ دۇنيادا ھېچ كىم بىلەن چىقىشالمىسا، ئۆزىنى ئازاپلاپلا يۈرگەن. ئۇنىڭ كۆزىدە ھەممىلا يەر كىلىشمەسلىكلەر بىلەن، نەپرەت بىلەن، دۈشمەنلىك بىلەن تولغان ئىدى.”
ئەسلىدە ھىتلېرنىڭ پوزىتسىيىسى ھەممە ئىشنى بۇزۇپ يۈرەتتى. بىر كۈنىسى ئادولف تۇيۇقسىزلا سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكىلەرنى تىللاپ غۇدىراشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا ئۆچمەنلىك قىلىشىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە ئىدى.
“… ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كاللىسى قېتىپ كەتكەن جاھىللار، بيۇرىكراتلار ئىكەن! ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئايىمايدىغان ئەخلەتلەر! پۈتكۈل ئىنىستىتۇتنى پارتىلىتىۋېتىش كېرەك!” ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرىدىن غەزەپلىك ئۆچمەنلىك چاقنايتتى (ۋەھشىلىك چىقىپ تۇراتتى.). كېيىنچە ئۇ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشىكارىلايدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئىنىستىتۇتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تاللىنالماي قالغان ئىدى. “ئەندى قانداق قىلماقچىسەن؟” دەپ سورايدۇ دوستى ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن ھالدا. ھىتلېر بېرىپ بىر ئورۇندۇققا ئولتۇرغىنىچە كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. “ھېچقىسى يوق” دەيدۇ ئۇ ئىنتايىن خاتىرجەم بىر ھالدا.
گەرچە ئۇ چوقۇم نەتىجە قازىنىمەن دەپ يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن، بەرىبىر پروفىسسور رولى (罗勒) نىڭ ياردەم قىلىشىغا مۇھتاج ئىدى. ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ جاھانغا داڭقى كەتكەن بۇ سەھنە لايىلىگۈچىنىڭ ئىشخانىسىغا نەچچە قېتىم بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە پىتىنالماي قايتىپ كېلىدۇ. ئاخىرى ئۇ، بۇ پروفىسسورغا تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان قولىدىكى تونۇشتۇرۇش خېتىنى، كېيىن بىر كۈنلىرى يەنە ئۇنىڭدىن تاما قىلىپ قالماي دەپ ئۇششاق تىتىپ يىرتىپ چۆرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى بەلكىم سىزغان رەسىملىرىنىڭ ئۆلچەمگە توشمىغانلىقىدىن نومۇس قىلىشى، ياكى ئىچىدىن ئۆرلەپ تۇرغان مەغلوبىيەتچىلىك تۇيغۇسىنىڭ بېسىمى، ۋەياكى بولمىسا بۇ سەھنە لايىھىلىگۈچى پروفىسسورنىڭ بەكلا داڭلىق بىرسى بولىشى سەۋەپلىك ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇشتىن قورققانلىقى سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن.
ھىتلېر لىنزدىن ئايرىلغىنىدىن كېيىنكى بىر ھەپتە جەريانىدا، مىروۋ (梅洛福) ئەپەندى ياردەم قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇلار باۋرا بىلەن ئادولف ئىككىسىگە ئايرىم-ئايرىم يىلىغا 300 كرون يىتىملەر ياردەم پۇلى بېرىدىغان، بۇ پۇلنى تا 24 يېشىغىچە بېرىپ تۇرىدىغان بولغانىكەن. بۇ ئىشخانىدىكىلەر مىروپ ئەپەندىگە ۋاكالىتەن يىلىغا 600 كرون تاپشۇرۇپ ئالسا بولىدىغانلىق ھوقۇقىنى بېرىدۇ. بۇ پۇلنى بىر يىتىم ئۈچۈن ھەر ئايدا 25 كروندىن بۆلۈپ بېرىشى توختام قىلىنىدۇ.
بۇ مۇددەت بويىچە بېرىلىدىغان پۇل (تەخمىنەن ئالغاندا شۇ ۋاقىتلارنىڭ 6 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ)، شۆبىھسىزكى ھىتلېر ئۈچۈن بىر ئۈمىد بولۇپ بىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بېرىلمەكچى بولغان 650 كرون مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ خەجلىيەلىگىنىدىمۇ ئۇنىڭ بۇ يەردىكى كۈنى يەنىلا بەكلا مۇشەققەتلىك بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ بىرگە تۇرىدىغانلاردىن بىرسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ھىتلېر دا’ئىم دېگىدەك ئاچلا يۈرىدىغانلىقىنى، “ئۇدا 5 كۈن يالغۇز سۈت، بولكا ۋە سېرىقماي بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزگەن” لىكىنى دەيدۇ.
كوبىشك (库比席克)، ھىتلېرنىڭ زادى قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ مۆلچەر قىلىشىچە، “ھىتلېر پۇلى تۈگەشكە باشلىغاندا قۇرۇق تۈكۈرۈكىنى يۇتۇپلا يۈرگەن بولىشى كېرەك.” بەزىدە ئۇ بىرەر ئىشتىن رەنجىسىلا “ھايۋاندىنمۇ بەتەر نېمە كۈنلەر بۇ!” دەپ قايناپ كېتەتتىكەن.
ھىتلېر ھەپتىدە بىر قېتىم بېرگ (伯格) تىياتىرخانىسىغا ياكى ئوپىراغا بېرىپ ئويۇن كۆرۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن يىمەك-ئىچمىكىدىن، كۈندىلىك چىقىملاردىن تىجىگەن پۇلىغا قاراشلىق ئىدى. مەسىلەن ئۇ ھەتتا ئىشتىنىنى دەزماللاشقىمۇ پۇل خەجلىمەي كۆرپىسىنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قىر چىقىراتتى.
ھىتلېر ھەرگىزمۇ قىزلار بىلەن ئولتۇرۇشقا قاتناشمايتتى. چۇنكى ئۇلار “بەكلا ئۇششاق گەپچى كېلىدىكەن.” قىزلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان تانسىخانىلارغا ھىتلېر ئىككى كرون ئارتۇق پۇل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ كوبىشك (库比席克) نى زورلاپ ئاپىراتتىكەن. ئۇزۇنىراق ئوينىلىدىغا ئويۇنلارغا كىرىپ قالغىدەك بولسا، ئۇلار ھەر دا’ئىم ئويۇن تۈگىمەستىنلا چىقىپ كېتەتتىكەن. بولمىسا ئۇلارنىڭ ياتىقى كەچ سا’ئەت 9 دىن 45 مىنوت ئۆتىشى بىلەن تاقىلىپ قالىدىكەن. ئاچتۇرۇش ئۈچۈن كۈزەتچىگە پارا بېرىشكە توغرا كېلەتتىكەن. ئۆيىگە كىرىشى ھامان، كوبىشك (库比席克) نى ئويۇننىڭ قالغان قىسمىنى پيانو بىلەن قايتا ئورۇنداپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىكەن.
ھىتلېر، ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىنى مىڭ قېتىم ئاڭلىسىمۇ زېرىكمەيتتى. ھەتتا (库比席克) ئىتالىيە ئوركىستراچىسى ۋېردى (威尔弟) ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىشىغا بارايلى دەپ تەلەپ قىلسىمۇ، ھىتلېر ئۇنى مەجبۇرى سۆرەپ خانلىق تىياتىرخانىسىغا بېرىپ ۋاگنېر ئەسەرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئورۇندىشىنى كۆرگىلى باراتتىكەن. ۋاگنېرنىڭ سىمپونىيىلىرى ئۇنىڭ روھىغا بېرىپ تاقىلىپ، “ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى تىتىرتىپ، ئۇنىڭدىكى تۇغما جىددىچىلىكلىرىنى بىرئاز بولسىمۇ بوشىتاتتى. ئادولف ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «لوھېنگىرىن» (罗安格林) نىڭ ئۆزىنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئون قېتىمدەك كۆرسەم كېرەك؟ 14~16-ئەسىرلەردە گېرمانىيىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدە ئىشچىلار تەبىقىسىنى ئاساس قىلغان «شى’ئېر كلۇبى» مۇ ئۇنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ دا’ئىم بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى پەردىسىدىكى شى’ئېرلاردىن دېكلىماتسىيە قىلىپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى:
مەن يەنىلا مۇۋەپپىقەتكە ئېرىشەلمىدىم،
بۇنى ھېس قىلغان بولساممۇ چۈشىنەلمىدىم،
قالالمايمەن، ئەمما ئۇنتۇپمۇ كېتەلمەيمەن،
ماڭساممۇ قانچىلىك مېڭىشىمنى بىلەلمەيمەن.”
كوبىشك (库比席克) ئۇنى نەچچە قېتىم ۋېردى (威尔第) نىڭ ئوپىراسىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئۈندىگەن بولسىمۇ، “ئايىدا” (阿伊达) غا بارايلى دەپ ئۇنىمايتتى. ئۇ ياسالما سەھنە كۆرۈنۈشلىرىگە بەكلا قارشى ئىدى. “ئەگەر قېلىچى بولمىسا بۇ ئىتالىيانلار قانداق قىلار بولغىيدى؟ − دېگەن ئىدى بىر كۈنى. كوچىدا ئاكاردىيون بىلەن «باي خېنىم ۋە مالايلار» نى ئورۇنداۋاتقانلارنى كۆرۈپ ۋارقىراپ كېتىدۇ، − مانا بۇلار سېنىڭ ماختاپ يۈرىدىغان ۋېردىلىرىڭ؟ ئويلاپ باق، لوھىنگرىن (罗安格林) ھىكايىلىرىنى ئاكارديون بىلەن بۇلاردەك كوچىدا ئوينىغىلى بولارمىدى؟”
كوبىشك (库比席克) مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا، بىكاغا بىلەت تاپالايتتى. شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن كېچىلەرنى بىرلىكتە مۇزىكا ئولتۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ ئۆتكۈزدى. ئادولفمۇ تۇيۇقسىزلا سىمپونىيە ئوركىستىرلىرىغا قىزىقىشقا باشلايدۇ. كوبىشك (库比席克) بۇنىڭغا بەكلا ھەيران قالىدۇ. ھىتلېر رومانتىك موزىكانت ۋېبېر (韦伯)، شۇبېرت (舒伯特)، مېندېلسون (门德尔松) ۋە شيۇمان (舒曼) قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكانتلىرىدىن يەنە برۇكىنا (布鲁克纳)، بېتخوۋېن ۋە گرىگ (格里格) لارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئا تونلۇق زىل پىيانو سىمپونىيە (A小调钢琴协奏曲 ) سى ئۇنى ھەر دا’ئىم ھاياجانلاندۇراتتى.
پۇلىنىڭ يوقلىقى ئۇنىڭ ۋيېنادىكى كۆڭۈللۈك كۈنلىرىگە داغ چۈشىرەلمەيتتى. ئۇ ۋاقىتلار ھەقىقەتەنمۇ ئوپىرا بىلەن مۇزىكا-تىياتىرلار دەۋر سۈرىۋاتقان كۈنلەر ئىدى. گۇستاف مارىكاڭ (古斯塔夫•马勒刚) خانلىق ئوپېراسىدىن چېكىنىپ چىقىپ نيۇيورك شەھەرلىك پايتەخت ئۈمىكىگە بېرىپ قوشۇلىۋالغان بولسىمۇ، ۋيېنادا يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئىسىل ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇلارنىڭ خېلى كۆپىنى لورى (罗勒) سەھنىلەشتۈرگەنىدى. بولۇپمۇ داڭق چىقىرىۋەتكىنى ئۇلار ئىككىسى بىرلىشىپ سەھنىلەشتۈرگەن ئەسەر «لى’ئىنىچ» (黎恩济) ۋە «ئۈزۈك» نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسىملىرى ئىدى. يېڭىدىن رىزھىسسورلۇققا تەيىنلەنگەن فلىكس ۋىنكانا (费力克斯•文加纳)، مارى (马勒) نىڭ قايسى بىر ئەسىرىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى قىسقارتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن قارشىلىقلارغا دۈچ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇ بەرىبىر بۇرۇنقى ئۇستازى پۈتتۈرەلمىگەن «ئۈزۈك» نىڭ قالغان قىسىملىرىنى سەھنىلەشتۈرۈپ تاماملايدۇ. سەھنە لايىھىسى ئۈچۈن يەنە لورى (罗勒) نى قويىدۇ.
شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ ئىككىلا رىزھىسسور يەھۇدى ئىدى. مەسىلەن، ۋېكتور يۈگور، فون خوپمانستار (冯•霍夫曼斯达尔)، ئارىن شىنىسلېر (阿瑟•施尼茨勒)، رىچارد بېل خوپمان (理查德•比尔•霍夫曼) ۋە يەنە ھىرمان باۋل (赫尔曼•巴尔) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا يەھۇدى ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ۋيېناسى ئاۋىسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىيىسىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ياشاۋاتقان بىر پايتەخت بولۇپ، نۇرغۇن تىللار بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، ئورتاق بىرەر تىلى بولمىغان بىر شەھەر ئىدى. شەھەر نوپۇسى ئاۋىسترو-ۋېنگىر ئىپىرىيىسىنىڭ ھەر تەرىپىدىن يىغىلغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدىغان پارلاق شەھەر ئىدى. ئۇ يەردە تۇرمۇش باياشاتچىلىقى بىلەن نامراتچىلىق بىرلىكتە خوشنا بولۇپ ياشايتتى. ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ئالغاندا، ھابسبۇرگ خاندانلىقى نېمىس تىپىنى ئالغان بولسىمۇ، شەھەر قىياپىتى بەرىبىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر شەھەر ئىدى. ۋيېنا شەھىرى پۇل مۇ’ئامىلە سودىسىنىڭ مەركىزىلا بولۇپ قالماستىن، كىيىم مودىسى بىلەن مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ مەركىزى ئىدى. ئۇ يەر گېرمانىيىدىن پەرقلىق ھالدا بىر-بىرسى بىلەن يۇغۇرۇلۇش ئىمكانى بولمىغان مىللەتلەر داش قاينىقى ئىدى. “ئەسىرلەر بويى سلاۋىيانلار، مازارلار ۋە ئىتالىيانلار بۇ شەھەرگە تەلپۈنۈپ كەلگەن” ئىدى. ھىتلېر بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغان بىر مۇخپىر بۇ شەھەرنىڭ مىللى تەركىۋى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: “ئۇلار، ‘بۇ شەھەردە بىر تامچىمۇ نېمىس قېنى قالمىدى’ دېيىشمەكتە. بۇ شەھەردە بىر بوسىمىيەلىكلەر تىياتىرخانىسى، بىر ئىتالىيانلار تىياتىرخانىسى بار بولۇپ، ئۇ يەرلەردە فرانسىيىلىك ناخشا چولپانلىرى سەھنىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرىدۇ. شۇنىڭدەك پولەكلەرنىڭ كلۇبلىرىمۇ بار. بەزى قەھۋىخانىلاردا چېخچە، سلاۋيانچە، پولەكچە ۋە ۋېنگىرچە گېزىتلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئوقىيالىشىڭ مۇمكىن. ئەمما ئۇ يەردىن نېمىسچە گېزىت تاپالمايسەن. بەلكىم سەن ئۆزەڭنى ساپ نېمىس ھېساپلىشىڭ مۇمكىن. ئەمما سېنىڭ ئايالىڭ بەلكىم گالىتسىيىلىك ياكى پولەك بولۇپ چىقىشى، ئاشخانا خىزمەتچىڭ يەنە بوسىمىيىلىك، بالا باققۇچىڭ ئىستىرىيەلىك ياكى دارماتسىيىلىك، ئەر خىزمەتچىڭ سېربىيىلىك، ھارۋۇكېشىڭ سلاۋىيان، ساترىشىڭ مازارلىق، ئوقۇتقۇچىڭ فرانسۇز … دېگەندەك بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ياق، ياق، … ۋيېنانى ھەرگىزمۇ بىر نېمىس شەھىرى دېگىلى بولمايدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ نېمىس شەھىرى ئەمەس.”
ئادولفقا ئوخشاش ئاۋىسترىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر-يېزىلىرىدىن كېلىپ ۋيېناغا يىغىلىپ قالغان كىشىلەر، گەرچە ئۇلار كىشىنى بى’ئارام قىلغۇدەك زىدىيەتلىك كىشىلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ قانداق، نامەلۇم، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ شەھەرگە كېلىشى بىلەن تەڭ بۇ شەھەرنىڭ سىھىرلىك كۈچىنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ۋيېنا شەھىرى، سىھىرلىك كۈچلەر بىلەن پۇخرالار داشقايناق ھالىغا كەلگەن بىر شەھەر بولۇپ، بىر تەرەپتە پولاتتەك ئەنئەنىلەر ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن زىيالىيلار تىنماي يېڭىلىقلار بىلەن شوغۇللىنىپ تۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن كۆزقاراش ئەركىنلىكى ھۆكۈم سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچلۈك مىللەتچى بىر تەرەپلىمىلىكلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. ئادولف گەرچە ئەنە شۇنداق چاقناپ تۇرغان ۋيېنا تەرىپىدىن كۈچلۈك جەلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدىنىڭ يوقۇلىشىغا ئەگىشىپ، “كىشىنى غەمدە قالدۇرىدىغان سىھىرلىك مىللەتلەر داشقازىنى” (ئۇ كېيىن ۋيېنانى ئەنە شۇنداق تەرىپلەيدۇ) دىن زېرىكىشكە باشلايدۇ.
ئادولف كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا كوبىشك بىلەن بىرگە ئاچقۇرساق ستومپالاس (斯通帕加斯) تىكى ئۆيىدىن چىقىپ، ئوتتۇرا بۇرزھۇ’ئازىيە سىنىپى ئولتۇراقلاشقان تىنجىق كوچىلاردىن ئۆتۈپ، “ھەيۋەتلىك بىنالار، ھەشەمەتلىك مىھمانخانىلار بىلەن تولغان، دەرۋازىسىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خىزمەتچىلەرمۇ تىكىلىپ تۇرىدىغان” شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرۈپ كېتەتتى. ئادولف كۈندىن-كۈنگە ئىسيانكارلىشىپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ھەر دا’ئىم ئەمگەك قىلماي باي بولىۋالغان مۈلۈكدارلار ئىپادىلەيدىغان ناھەقچىلىك بىلەن تولغان جەمىيەتنى تىللاپ تىنماي غۇدىرايتتى. ئۇ قۇرسىقىنىڭ كوكىراپ ئېچىپ كېتىۋاتقانلىقىدىنمۇ بەكىرەك ھەممە يەرنى چۇسۈي-ھەسەنشىرىكلەر قاپلاپ كەتكەن ستونپالاستىكى تۇرىۋاتقان ئۆيىدىن دەرت تۆكەتتى. دوستىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىگە ئاساسلانغاندا، ھىتلېر “سالامەتلىكىنى بۇزۇشقا سەۋەپ بولىدىغان كېسەللىكلەرگە بەكلا دىققەت قىلاتتى.”
ئۇنىڭ ۋيېناغا بولغان تۇيغىلىرى بۇنداق يامان كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتى. “ۋيېنا كىشىلەرگە ئەڭ يۈكسەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نۇرغۇن پۇرسەتلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدىغان بىر شەھەر بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ تۈردىكى ئۇتۇقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بىر شەھەر ئىدى. ئەنە شۇنداق غەلىتى روھى ھالەت ئىچىدە ئۈسۈپ يېتىلىدىغان داڭلىق بىرسى، بىرلا قېتىم نام چىقىرالىدىمۇ-بولدى، سۆيۈلۈش بىلەن ئۆچمەنلىك ئارىلاشمىسىدىن تەشكىل تاپقان ۋيېنا مۇھىتىدا ياشاپ كېتەلەيتتى.” برۇنو ۋارت (布鲁诺•华尔特在) ئۆزىنىڭ تەرجىمىھال كىتاۋىدا مارى (马勒) ئۈستىدە توختالغىنىدا يوقۇرقىدەك گەپلەرنى قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىل جەريانىدا ھىتلېر ھەر ئايدا دېگىدەك بىر قېتىم مارىنىڭ 马勒كىشىنىڭ قەلبىنى ئۇرغۇتىدىغان ئەسىرى «خوستان» (崔斯坦) نى كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئۈچۈن روللى 罗勒جانلىق سەھنە كۆرۈنىشى لايىلەپ چىققان بولۇپ، قوڭۇر رەڭلىك، بىنەپشە رەڭلىك ۋە كۈلرەڭ بوياقلاردىن تولۇق پايدىلانغان ئىدى. قىسقىسى، ۋيېنادا ئولتۇراقلاشقانلار ئاساسەن دېگىدەك ئۇيۇن-تاماشىغا بېرىلگە بايۋەتچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىلا داڭلىق كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئادەتلىرى بار ئىدى.
ئۇلار فرې’ئۇدنىڭ پسىخو’ئانالىزىنى شاڭخو قىلىشاتتى. ئانورد شيىنبوگ (阿诺尔德•施恩伯格) نىڭ ئاۋازشۇناسلىق ئاساسىدىكى زامانىۋىلىقىنى شاڭخو قىلىشاتتى. ئوسكار كېكچىكا (奥斯卡•科科契卡) نىڭ بوياق ئاساسلىق ئوچۇق رەڭلىرىنى، خوپمانستار (霍夫曼斯达尔) بىلەن شىنىستلېر (施尼茨勒) نىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ قوشۇپ شاڭخو قىلىشاتتى. بۇ بايۋەتچىلەر ۋيېنادا تەنقىتلەشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەر بەكلا كۆپ بىر يەر دەپ قارىشاتتى.
ياش ۋاقتىدىكى ھىتلېر كۆرۈنۈشتە ھەشەمەتلىك بولغان بۇ شەھەرنىڭ جىنايەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ بېقىش مەقسىتىدە بەزىدە خۇدىنى يوقاتقىچە بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتسە، يەنە بەزىدە بۇ شەھەردىن يىرگىنىپ زىرىكىپلا كېتەتتى. كوبىشك (库比席克)، ھىتلېرنى جەمىيەتكە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قارايدىغان قەلبى سۇنغان بىر كېسەل ئادەم دەپ ھېساپلايتتى. ئۇنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، ھىتلېرنىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى بەكلا ئۆزگىرىشچان ئىكەن. ئۇ بەزىدە مىدىلىن (梅德林) رايونىغا بېرىپ ئىشچىلارنىڭ ئا’ئىلىلىرىنى “تەتقىق” قىلىپ كەلسە، يەنە بەزىدە لېنگىر (林格) كوچىسىدىكىلەرنى تەكشۈرۈپ سا’ئەتلەپ ئايلىنىپ يۈرەتتى. پاسكىنا ھەم كىچىك ياتىقىغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، بۇ پايتەخت شەھىرىنىڭ لايىھىسىنى باشقىلاتىن سىزىشقا كىرىشەتتى. بۇ يىگىت ئۆزىنى بىر شەھەر قۇرۇلۇشى لايىھىلىگۈچىسى ھەم بىناكارلىق ئىنزھېنېرى ھېساپلاپ كېتەتتى. ئۇ تار ئۆيدە ئىشىك بىلەن پيانو ئارىسا ئالدى-كەينىگە توختىماي ماڭغاچ كوبىشك (库比席克) نى ئۇنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس “ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈپ چىققان شەھەر لايىسى” پىلانىنى ئاڭلاشقا زورلايتتى. بىر قېتىم، ئۇ ئۈچ كۈنگىچە ئۆيگە قايتماي يوقاپ كېتىدۇ. قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇ “ئا’ئىلىلىكلەر رايونىنى پۈتۈنلەي تۈزلىۋېتىش كېرەك” دېگىنىچە كېچىچە ئولتۇرۇپ ئىشچىلار ئا’ئىلىلىكلەر رايونىنىڭ ئۈلگىسىنى لايىھىلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.
ئاخشاملىرى ئۆينى يۇرۇتۇپ تۇرىدىغان بىردىن-بىر چىراق – ئۆيدە بار بىرلا كىرسىن لامپىسى ئىدى. ئۇ ھەر دا’ئىم ئۈستەلگە قاراپ يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ پىلدىرلاپ تۇرغان چىراق يۇرىقىدا بىر نېمىلەرنى يېزىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقىغا قىزىققان دوستى، نېمە يېزىۋاتىسەن دەپ سورىغىنىدا، ھىتلېر ئۇنىڭغا ئىجىر-مىجىر رەسىملەر سىزىلغان نەچچە ۋاراق قەغەزنى سۇنىدۇ:
بۇ رەسىملەردىن بىرىدە ئارقا كۆرۈنىشى “ھەيۋەتلىك تاغ”؛ ئالدى تەرىپى چوڭ بىر خاتىرە تېشى، ئەتراپى پىكۇس دەرەخلىرى بىلەن قورشالغان؛ ئىككى نەپەر بەستىلىك ئىككى پالۋان ھەيۋەتلىك بىر قارا بۇقىنىڭ كاللىسىنى ھېلىقى تاشنىڭ ئۈستىگە بېسىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەينىدە قارا پەرىجىلىك بىر روھانى تىك تۇراتتى. ئۇنىڭ قولىغا ئۇزۇن بىر قېلىچ تۇتقۇزۇلغان بولۇپ، بايىقى بۇقىنى بوغۇزلىماقچى بولۇپ تۇرغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى بىر مۇنچە ئۇزۇن ساقاللىق كىشىلەر قىزىقىپ قورشىۋالغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قولىدا نەيزە-قالغان، پوپقا تىكىلىپ قالغان ئىدى.
كوبىشىك (库比席克) بۇ رەسىمدىن ھېچ نېمىنى چۈشىنەلمەي تۇرۇپ كېتىدۇ. ھىتلېر، بۇ بىر تىياتىر كۆرۈنىشى دەيدۇ. ئۇ، ھاياجانلانغان ھالدا خىرىستىيان دىنىنىڭ باۋارىيىگە تارقىلىش ۋاقتىدىكى مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ، تاغلىقلار بۇ دىننى قوبۇل قىلىشنى خالىماي بايىقى تىك تۇرغان دىن تارقاتقۇچىنى ئۆلتەرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ھىتلېر بۇ تىياتىرنى زادىلا يېزىپ پۈتتۈرەلمەيدۇ. قالغىنىچۇ؟ مەسىلەن رەسسام مورىلوۋ (穆利洛) نىڭ بالىتى ئۈچۈن سىزغانلىرى، ئۇ، بۇلارنى تەسۋىرلەپلا بەرگەن بولۇپ، بەزىلىرىنى تېخى يېڭىلا باشلاپ قويغان، تەسۋىرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى گېرمان رىۋايەتلىرىدىن ياكى نېمىس تارىخىدىن ئېلىنغان نەرسىلەر ئىدى. ئۇ بەزىدە تاڭ ئاتقىچە ئولتۇرۇپ چىقاتتى. تاڭ ئاتقاندا ئارگىنالىنى كوبىشىك (库比席克) نىڭ كارىۋىتىغا تاشلاپ قوياتتى ياكى ئۇنىڭغا بىر نەچچە ۋارىقىنى ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ ئۇيۇنلارنىڭ تەسۋىرلىرى جەننەتتىن جەھەننەمگىچە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ئۇيۇنلارنى سەھنىلەشتۈرۈشكە بەكلا كۆپ پۇل كېتەتتى. شۇڭا ئۇ ھىتلېرغا سەل ئاددى نەرسىلەرنى يازساڭ بولمامتى، مەسىلەن سەھنە كۆرۈنىشى بولمىغان تىياتىر يازساڭ، دەپ مەسلىھەت بېرىپمۇ باقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپى ھىتلېرنىڭ جېنىغا تىگىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ نەرسىلەرنى يېزىشقا كىرىشىپ قالاتتى.
بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، كوبىشك (库比席克) ئىختىيارسىز يەنە بىر ئىشنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ۋاگنېر ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى بىر ۋاقىتلاردا، ئادولفنىڭ نەرسىلىرىنى رەتلەۋاتقىنىدا ئۇنىڭ يازغان ۋىلان (维兰) بىلەن سىمىت ھەققىدىكى مۇزىكىلىق تىياتىرىنىڭ لايىھىسىنى كۆرۈپ قالغان.
ئەتىسى چۈش ۋاقتىدا، كوبىشك (库比席克) سىرتقا چىقىپ چۈشلۈك تامىقىنى يەپ كىرگىنىدە، ھىتلېرنىڭ پيانو ئالدىدا ئولتارغانلىقىنى كۆرىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا: “مەن ۋىلاننى بىر مۇزىكا ئوپىراسىغا ئايلاندۇرۇپ يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن.” دېگەن. بۇ ئوپىرانى يېزىپ پۈتتۈرگىنىدىن كېيىن مۇزىكىسىنى ساڭا پيانودا ئورۇنداپ بېرىمەن دەيدۇ. ئۇ، “سەن ماڭا بۇ مۇزىكامنى نوتىغا ئېلىپ، تېگىشلىك تۈزىتىشلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا باھايىڭنى يېزىپ كۆرسىتىسەن” دەيدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كېچە ئۆتكەندىن كېيىن، ھىتلېر كىرىش قىسمىنىڭ ئاھاڭىنى چېلىپ بېرىدۇ. ئاندىن دوستىدىننىڭ باھالىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە باشلايدۇ. كوبىشك (库比席克) نىڭ قارىشىچە، بۇ ئاھاڭ ۋاگنېرنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاساسى تېمىسىنى يەنىلا يامان دېگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭغا بۇلارنى شى’ئېر شەكلىگە كەلتۈرۈشىنى مەسلىھەت قىلىدۇ. ھىتلېر دوستىنىڭ قىلغان ئۆزگەرتىشىگە رازى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزى كېچە-كۈندۈز ئولتۇرۇپ ئاھاڭ تۈزۈشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە سەھنە كۆرۈنىشى بىلەن ئارتىسلارنىڭ كىيىمىنى لايىھىلەپ چىقىدۇ. ئاندىن يەنە چالا كۆيدۈرۈلگەن ياغاچ بىلەن باش قەھرىماننىڭ رەسىمىنىمۇ سىزىپ چىقىدۇ. ئاخشىمى ئادولف بىر تەرەپتىن ناخشا تېكىستلىرىنى يازغاچ، كوبىشك (库比席克) نى كۆرىۋاتامدۇ قانداق دەپ ئۇنىڭغا قارايدۇ. قارىسا دوستى بىر خىيالىدا يوق ئۇخلاۋاتقان، شۇڭا ئۇ دەرھال دوستىنى ئۇيغىتىپ، يرىم كېچە بولۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭغا ئاۋازىنى پەسەيتىپ يازغانلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئوپىرا ئىشىنى يىغىشتۇرۇپ باشقا ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ باشقا جىددى ئىشى چىقىپ قالغان بولىشى ياكى ئىجادىيەت ھەۋىسى بېسىققان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشقا ئىككىنچىلەپ قول ئۇزاتمايدۇ. دەسلەپكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە كۆپ بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ ھەقتە پەقەتلا بىر نېمە دېمەس بولىۋالىدۇ.
شۇ يىلى ئەتىيازدا، كوبىشك (库比席克) يۇرتىغا قايتىپ ئەيسا مەسىھ كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە كېتىدۇ. ئادولفقا يازغان خېتىدە كىرسىن چىرىقى تەسىرىدىن بولسا كېرەك، خولىرا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بەلكىم ۋىسبانوۋ (维斯巴诺夫) غا قايتقىنىدا كۆزئەينەك تاقاپ كېلىشىنى كۆرىشى مۇمكىنلىكىنى يازىدۇ. ئادولفقا نىسبەتەن مەسىھ كۈنى بەكلا مەنىسىز، بەكلا زىرىكىشلىك ئۆتكەن ئىدى. شۇ يىلىسى (1908-يىلى) مەسىھ كۈنىسى 19-ئاپرېلغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 19 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنىڭ بىر كۈن ئاۋالقى كۈنى بۇ بايرام بولغان ئىدى. ئۇ كوستېرغا يازغان جاۋاب خېتىدە بەكلا ئېغىر غەمدە قالغانلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا قىزىقچىلىق قىلىپ “كۆزۈڭنىڭ كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئۈچەيلىرىم ئۈزۈلگىچە كۈلدۈم، ئەندى سەن پيانو توچكىلىرىنى باسقىنىڭدا، ئاھاڭ تىللىرى كۆزۈڭگە قوش كۆرۈنۈپ خاتا باسىدىغان بولۇپ قېلىشىڭ، ئاخىرىدا بىراقلا قارغو بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. مەنمۇ ساڭا قوشۇلۇپ ساغرو قۇلاق بولىۋالارمەن. ئامال يوق!” دەپ يازىدۇ.
كوستېر (库斯特尔)، لىنز (林嗣) سەھرالىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قايتقىنىدىن كېيىن، ستومپالاس (斯通帕加斯) تىكى ئۇ ياتىقى بارغانسىرى زىرىكىشلىك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئۇ ھىتلېرغا يېزىلارنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ كەلسەك دەپ مەسلىھەت قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى ئىسسىق باھار كۈنلىرىدە ۋيېنا ئورمانلىقىغا بېرىپ نەچچە ھەپتە تۇرۇپ ئارام ئېلىشىدۇ. ئۇلار يەنە قىيىققا ئولتۇرۇپ دوناي دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئېقىنىغا قاراپ دەريا ساياھىتىمۇ قىلىشىدۇ. بەزىلەر بۇنداق پەسىللەردە ياشلارنىڭ ھېسسىياتى قوزغىلىپ شوخلىشىپ كېتىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى يىگىتنىڭ تۇرمۇشى جىنىسى ھاياجانلىنىشتىن يىراق دېگىدەك ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇلار پىيادە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، قىزلار ئۇلارغا كۆز تاشلاپ قۇۋلۇق قىلىپ جەلىپ قىلىشقا ئۇرۇناتتى. كوبىشك (库比席克) دەسلىۋىدە بۇنداق ئىش يۈز بەرگىنىدە ئۇ قىزلارنىڭ ئۆزىگە ئىشپەش تارتىپ يۈرسە كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدى. كېيىن بىلدىكى، ئۇ قىزلار ئەسلىدە ئادولفقا كۆز تىكىپ يۈرگەن ئىكەن. ئەمما ئادولف ئۇ قىزلارغا سوغۇق قاراپ قويۇپلا كارى بولماي ئۆتۈپ كېتەتتى. ئۇلار قىزلار بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋەت قىلىشمايتتى. ئەمما ئاخشاملىرى ئۆيدە ۋاقىتلىرىدا قىزلار ھەققىدە، مۇھەببەت توغرىسىدا سا’ئەتلەپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. تەتبى’ئى ھالدا بۇنداق سۆھبەتلەردە گەپ يەنىلا ئادولفنىڭ بولاتتى. ئادولف بۇ جەھەتتە ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇرۇپ “ھاياتلىق كۈچى” نى ساپ تۇتۇش كېرەك دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ قارىشىدا، يەنى ئۇنىڭ كاتولىك دىنى تەربىيىسى بويىچە ئالغاندا مەيلى يىگىتلەر بولسۇن ياكى قىزلار بولسۇن نىكا قىلىشتىن بۇرۇن جىسمانى جەھەتتە، روھى جەھەتتە ئۆزىنى قەتئى پاكىز تۇتۇشنى بىلىشى شەرت ئىكەن. ئەنە شۇ چاغدىلا مىللىتىنىڭ ساغلام ئەۋلات قالدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن ئىكەن.
شۇنداقتىمۇ، جىنىسى ھەۋەسنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى پات-پاتلا ئۆز ئىلىكىگە ئېلىۋالاتتى. ئۇ ھەر دا’ئىم سا’ئەتلەپ جىنىسى چۈشكۈنلۈك ئادەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ، پاھىشىلىككە ئەشەددىلىك بىلەن قارشى ئىدى. ئۇ پاھىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرىنى قاتتىق قارىلاش بىلانلا قالماي، بۇ جەھەتتە جەمىيەتنىمۇ قاتتىق ئەيىپلەپ كېتەتتى. بۇ جەھەتتە ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغىدەك بېرىلىپ تەكشۈرۈپ يۈرەتتى. بىر كۈنى ئاخشىمى، ئۇلار (常迭金特) نىڭ «باھار كەلدى» دېگەن ئوپىراسىنى كۆرۈپ قايتاشىدا ئادولف كوستېر (库斯特尔) نىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتقىنىچە: “ئىككىمىز چوقۇم بېرىپ ‘جىنايى پاتقاقلىق’ نى كۆرۈپ كېلىشىمىز كېرەك” دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىككىسى قاراڭغۇ تار كوچىدىن بىرىگە شوڭغۇپ كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ كوچا (施皮特尔伯格) دېگەن كوچا ئىدى. بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى قاتار كەتكەن ئۇششاق ئۆيلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆيلەردە چىراق يورۇق، ئىچىدىكى قىزلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. “قىزلار ئۆي ئىچىدە ئۇچىسىغا تۈزۈك بىر نېمە كېيىشمەي ئولتۇرىشاتتى. – دەيدۇ كوبىشك (库比席克) ئەسلەپ كېلىپ، − ئۇ قىزلارنىڭ بەزىلىرى تىرناقلىرىنى پەدازلاپ ئولتۇرغان بولسا، يەنە بەزىلىرى چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇشقان، يەنە بەزىلىرى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەپ ئولتۇرغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزى يولدا كېتىۋاتقان ئەرلەردىلا ئىدى.” بەزىدە بىرەر ئەر كېلىپ ئۇ ئۆيلەرنىڭ بىرەرسى ئالدىدا توختاپ ئۆيدىكى قىز بىلەن بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ پاراڭلىشىپمۇ قوياتتى.
كەينىدىنلا ئۇ ئەر ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى ۋە چىراقمۇ شۇ ھامات ئۆچۈپ قالاتتى. ئۇ ئىككىسى بۇ تار كوچىنىڭ نېرىقى ئۇچىغا يېتىپ بېرىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ بۇ تار كوچىدىكى قورقۇنۇشلۇق مەنزىرىگە قاراپ بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قېلىشتى. ئۇلار ياتىقىغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، ئادولف قايتىدىن پاھىشىۋازلىق ھەققىدە غەزەپلىنىپ نوتۇق سۆزلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ: “سۆرۈن كۆرۈنۈشلەر، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بار ئىشلار. سىبلىس بىلەن كۈرەش قىلىش-قىلماسلىق ئىشى ئىرقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ياكى يوقۇلۇش مەسىلىسى بولۇپ، بۇنىڭغا قارار قىلغۇچى كىشى يەنىلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق.”
تاللاش ئىمتىھانىدا كوستېر (库斯特尔) نىڭ نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغاچقا، مەۋسۇملۇق مۇزىكا كەچلىكىدە ئوركىسترا رېزھىسورلۇقىغا ئۇنى تاللىشىدۇ.
شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ يازغان ناخشىلىرىدىن ئۈچى خورغا تاللىنىپ، ئالتە بۆلۈملۈك ئوركىستېردا ئىككى بۆلۈمى ئۈچۈن ئۇنىڭ يازغىنى ئورۇندىلىدىغان بولىدۇ. ئارتىسلارنىڭ دەم ئېلىش بۆلۈمىدە، ئادولف مەغرۇلانغان ھالدا دوستىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنى تەبرىكلىگەنلەر ئارىسىدا رىزھىسورلۇق مەكتىۋىنىڭ مۇدىرىلا بولۇپ قالماستىن، مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرىمۇ بار ئىدى.
ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا، كوستېر (库斯特尔) لىنز (林嗣) غا قايتىشقا توغرا كەلدى. ئۇ قايتىپ بېرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە يازنى ئۆتكۈزۈپ كۈزدە ۋيېناغا قايتماقچى بولىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ئۆزى ياتمىغان بۇ كۈنلەر ئۈچۈنمۇ ياتاق پۇلىنىڭ يېرىمىنى مەن تۆلەيمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ھىتلېر بولسا، ئۆزىنىڭ كېيىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە دوستىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ. ئەمما بۇ دوستى ۋيېنا ئوركىستراسىنىڭ ئىسكروپكىچىسى بولۇپ تاللانغىنىدىن كېيىنلا ئۆي ئىجارىسىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى مەن تۆلەي دەپ تۇرىۋېلىشى ھىتلېرنى بەكلا رەنجىتكەنىدى. كىشىلەرگە يول قويۇشقا ئادەتلەنگەن كوستېر (库斯特尔)، ئادولفنىڭ بۇنداق قوپال مىجەزلىرىگە ئاللىمۇقاچان كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئادولفنىڭ رەنجىگەنلىكىگە ئارتۇق بىر نېمە دەپ يۈرمەي ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىڭ خوشاللىقى ئىچىدە ياشىماقتا ئىدى. ۋيېسبانوۋ (维斯巴诺夫) پويىز ئىستانسىسىدا ئادولف دوستىغا ستومپالاس (斯通帕加斯) تا يالغۇز ئايلانغاننىڭ قىلچە مەنىسى بولمايدىغانلىقىنى يۈز قېتىملاپ دېگىدەك ئېيتسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ (ئۇ قانچىكى ھاياجانلانسا، شۇنچە سوغۇققان بولۇپ قالاتتى). ئاندىن ئۇ، تۇيۇقسىز دوستىنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە بىر دەم تۇرىدۇ-دە، ئۇنىڭ قولىنى قويىۋېتىپ بۇرۇلغىنىچە كەينىگىمۇ قارىماي كېتىپ قالىدۇ.
كوستېر (库斯特尔) لېنز (林嗣) دىن ھىتلېرغا بىر پارچە ئاتكىرتكا ھەم بىر پارچە خەت سالىدۇ. كېيىن ئۇمۇ ھىتلېرنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ھىتلېر جاۋاب خەتتە “ئىنتايىن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى ئەتىگەن سا’ئەت ئىككى-ئۈچلەرگىچە ئىشلەۋاتقانلىقى” نى يازىدۇ. ئۆزىمۇ شىپوتار (希皮塔耳) غا يازلىق دەم ئېلىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا خەت يازىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ خېتىدا يەنە مۇنداق دەپ پۇرۇتۇپمۇ قويىدۇ: “ئەگەر ھەدەم مېنى كۆرگىلى كېلىپ قالسا بەلكىم بارماسلىقىممۇ مۇمكىن.” ھىتلېر بۇ يەردە ھەدەم دەپ ئانگىلانى كۆزدە تۇتقان بولىشى مۇمكىن. چۇنكى بۇ ھەدىسى بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ھىتلېرنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئىككى ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئادولفتىن خەت كەلمەيدۇ. ئاخىرى، 20-ئىيۇلدا ئۇنىڭدىن خەت كېلىدۇ. بۇ خېتىدە ئېيتقانلىرى بىلەن ئېيتمىغانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھىتلېرنىڭ تۇرمۇشى بەكلا غەلىتە، بەكلا يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشىمىزغا بولىدۇ. ئۇ خەتتە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
قەدىرلىك دوستۇم:
ئۇزۇندىن بېرى ساڭا خەت يازماي كېلىۋاتقانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى پەرەز قىلغانسەن. بۇنىڭ سەۋەبى بەكلا ئاددى: مەن ساڭا يازغىدەك ھېچقانداق بىر ئىش قىلالمىدىم. سېنىڭمۇ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىڭنىمۇ بىلەلمىدىم. مەن يەنىلا ۋيېنادا تۇرىۋاتىمەن. بىر يەرلەرگە بېرىش نىيىتىممۇ يوق. مەن بۇ ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز قالدىم. ئۆي ئىگىسى ساكلىس (查克雷斯) مۇ ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. مەن بۇ يەردە رەسمى بىر كۆچمەن تۇرمۇشىنى ياشىماقتىمەن. شۇنداقتىمۇ يەنىلا خوشالمەن. مېنىڭ بىرلا غېمىم بار: ئەتىگەن تۇرۇشۇم ئۈچۈن مېنى ھەر دا’ئىم ئويغۇتۇپ قويىدىغان ساكلىس (查克雷斯) خانىم يوق. ئىشىمنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئەتىگەن تۇرۇشقا كۆنۈپ قالدىم. مانا ھازىر ئۆزەمنى ئۆزەم باشقۇرۇپ كەلمەكتىمەن. لىنز (林嗣) دىن قانداق خەۋەرلەر بار؟
ئادولف، دوستىدىن لىنز (林嗣) ساياھەت خەرىتىسى بىلەن دوناي دەرياسىدا قاتنايدىغان پاراخوتلارنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى ئىۋەرتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ.
… بولمىسا مەن ھېچ بىر خەۋەرگىمۇ ئېرىشەلمەي قالىدىكەنمەن. بۈگۈن ئەتىگەن، كارىۋىتىمدا بىرمۇنچە چوسۇينى ئۆلتەردىم. ئۇلار مېنىڭ قېنىم ئىچىدە بوغۇلۇپ ئۆلدى. مانا ھازىر مېنىڭ چىشلىرىم ‘ئىسسىققا چىدىماي’ توختىماي كاسىلدىماقتا، ھەيرانمەن، بۇنداق سوغۇق ياز مەۋسۈمى ۋيېنادا بەكلا كام كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.
شۇ ئايدا، ئادولف ھاۋاسى دىمىق، پۈتۈن ئەتراپنى چۇسۇي قاپلاپ كەتكەن ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ. ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇ كوبىشك (库比席克) كە يەنە بىر پارچە خەت سالىدۇ: بۇ كۈنلەر ھەقىقەتەنمۇ مەنىسىز ئۆتمەكتە، ھەر دا’ئىمقىدەك يالغۇزچىلىق، دەپ يازىدۇ بۇ خېتىدە. ئۇنىڭ بۇ خېتى پۈتۈنلەي دېگىدەك ئىملا خاتاسى بىلەن جۈملە خاتاسىغا تولغان بولسىمۇ، پۇتاق چىقىرىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كوبىشك (库比席克) نىڭ قارىشىدا بۇ خەت ئىنتايىن پۇختا يېزىلغان بىر خەت ھېساپلىنىدىكەن. يەنى ھىتلېرنىڭ بۇ خېتى، ئۇنىڭغا يېزىلغان خەتلەرنىڭ ئىچىدە مەزمونى ئەڭ باي بىر پارچە خەت ھېساپلىنىدىكەن. بۇ خەتتە ھەقىقەتەنمۇ بەزى مەلۇماتلار، بەزى تۇيغۇلار بار ئىدى. خەت قەدىناس دوستۇم! دەپ باشلانغان بولۇپ، خەت يازالمىغانلىقى سەۋەپلىك ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان. خەت يازالمىغانلىقىغا ھەرقانچە سەۋەپ كۆرسىتىشىدىن قەتئى نەزەر، ئەسلى مەسىلە، يازغىدەك بىرەر ئىش ئەقلىگە كەلمىگەنلىكى، ئەندى ئۇنىڭ خەت يازماقچى بولىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە خەۋەر تېپىپ قويغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن بۇ خەتنى يېزىپ ئولتارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ خەۋەرلەردىن بىرسى، ئوي ئىگىسى موماي، ئۇنىڭ يوللىغان ئۆي ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا قاتتىق رەخمەت ئېيتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى ھەردا’ئىم خاتا يېزىۋالاتتى. ئەمما بۇ قېتىمقى خېتىدە توغرا يازالىغان. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ كاناي ياللۇقى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ تېخى يېقىندىلا تۈزەلگەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ يازغان. ئۇ يەنە ھاۋارايىغا چاخچاق قىلىپ “بۇ كۈنلەردە ھاۋا ئىنتايىن ياخشى، يەنى پات يېقىندا يامۈئۇرلۇق كۈنلەر باشلىنىدۇ، ئىنتايىن ئىسسىق بۇ كۈنلەر ئۈچۈن تەڭرىگە رەخمەت” دەيدۇ. ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىشلاردىن بىرسى، لىنز (林嗣) دا’ئىرىلىرى يېڭىدىن تىياتىرخانا سالماي (بۇ ئىش ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى ئىدى) خارابە بىنانى رېمونت قىلىشقا تۇتۇش قىلغانلىقى ئىدى، ئەگەر ئۇلار راستىنلا يېڭىدىن تىياتىرخانا سالغىدەك خىيالغا كېلىلىسە ئىدى، پۈتۈن سۇ ئايغىرلىرىمۇ ئىسكروپكا چالالىغان بولاتتى (كۈن غەرىپتىن چىققان بولاتتى دېگەن مەنىدە – ئۇ.ت) دەيدۇ.
ھىتلېر يەنە ئۆزىنىڭ ۋيېنادىن ئايرىلىپ شىپوتارغا (希皮塔耳) بارماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، “ئېھتىمال شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى يولغا چىقماقچى” بولىۋاتقانلىقىنى، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا سەھرا ھاۋاسىنىڭ پەيزىنى چىقارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خېتىدە ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەر يوقلىقى ئېيتىلغان. بارغانسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۇ تۈر بېسىملار ئۇنىڭ ۋيېنادىكى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ تۈر بېسىملارنىڭ جوھىنا ھەدىسىدىن 约翰娜婶婶 كېلىدۇ دەپ قارىغان.
ئەمما باۋرا (保拉) بۇ ھەقتە ئەسلەپ كېلىپ، “ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مەمورى كادىر بولۇشىغا بېرىلگەن مەسلىھەتلەرمۇ بىكار بولۇپ چىقىدۇ” دەيدۇ. ھەتتا بۇ سىڭلىسىمۇ ئاكا بولغان بۇ ئادەمدىن رەنجىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم. بۇ ۋاقىتلاردا باۋرا 保拉 12 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاكىسىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن قاتتىق زىرىككەن. بولۇپمۇ ئاكىسىنىڭ كۆرسەتكەن ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتاپلار تىزىملىكىدىنمۇ زېرىككەنلىكىنى ئېيتىدۇ (بۇ كىتاپلار ئارىسىدا «دون كىخوت» مۇ بار بولۇپ، بۇ تىزىملىك ئاكىسى ۋيېنادا تۇرغان ۋاقتىدا ئىۋەرتىلگەن. “تەبى’ئىكى، ئۇ مېنىڭ ئاكام، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئىچىمدىلا قارشى تۇرالىشىم مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا بوي سۇنماقتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى. ئەسلىدە بىز ئىككىمىز قېرىنداش، ھەر دا’ئىم جىدەللىشىپ يۈرگەندەك قىلساقمۇ بەرىبىر بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشەتتۇق، ئەمما بىرلىكتە ياشاشقا توغرا كەلگەن كۈنلەردە ھەر دا’ئىم بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپلا يۈرەتتۇق.” دەپ ئەسلەيدۇ باۋرا (保拉).
ئۇلار ئىككىسى ئوتتۇرسىدا بىر-بىرسىگە سۆيگۈ بباردەك قىلسىمۇ، بەرىبىر بىر-بىرسىنى تولۇق چۈشىنىشمەيتتى. ئۇلارنىڭ تۈزۈكىرەك ئورتاق يەرلىرىمۇ يوق ئىدى. بۇرۇن ئانگىلا (安吉拉) ۋە ئالويسچىك (小阿洛伊斯) لار بىلەنمۇ شۇنداق مۇناسىۋەتتە بولغان. مانا ئەندى باۋرا (保拉) بىلەنمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى يازدا شىپوتار (希皮塔耳) دا يۈز بەرگەن بىر كۆڭۈلسىزلىك ھىتلېرنىڭ ياشلىق باھىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
ئا’ئىلىسىدىكىلەر ئادولفنى پايدىلىق بىرەر ئىش بىلەن شوغۇللىنىشىنى ئويلىنىپ كۆرىشى ھەققىدە مەسلىھەت قىلغىنىدا ئادولف رەت قىلىۋېتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئادولف ئا’ئىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان بەخىتلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن شىپوتار (希皮塔耳) ئۇنىڭ خاتىرجەم بېرىپ كېلىدىغان يۇرتى بولۇشتىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ، تۆتىنچى قېتىم ۋيېناغا سەپەر قىلغىنىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئىرادىسىگە ئاساسەن يولغا چىققان ئىدى.
سىنتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، يەنە بىر قېتىم سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا كىرىش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تاپشۇرغان رەسىملىرى، بۇ بىر يىللىق يالغۇز بېشىغا تىرمىشىپ يۈرۈپ سىزغان رەسىملىرى ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ. ھەتتا ئىمتىھانغا قاتنىشىشى ئۈچۈنمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم رەت قىلىنىشىدىن ئالغان روھى زەربىسى ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش-داۋاملاشتۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرىۋاتقان ستومپالاس (斯通帕加斯) تىكى ئۇ ئۆيى، ئاپىسىدىن قالغان بارلىق مىراسلىرىنى يەپ تۈگەتكەن ئىدى. گەرچە ئۇمۇ ئاپىسىنىڭ بىر قىسىم مىراسىغا ئېرىشەلىگەن، بۇنداق بىر مىراسقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ راس-يالغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بۇ مىراس ئۇنىڭ ۋيېنادا يەنە بىر يىل ياشىشى ئۈچۈن پەقەتلا يېتىشمەيتتى. ئۇنىڭ بىرىنچى قىلماقچى بولغان ئىشى ئىجارىسى تېخىمۇ ئەرزان بولغان باشقا بىر ئۆي تېپىش بولىدۇ. نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ساكلىس 查克雷斯 خانىمغا ئۆينى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ ئايقى تۆلىنىدىغان بىر كىشىلىك ئىجارە ھەققىنى تۆلىۋىتىدۇ. گەرچە ئۇ كوبىشك (库比席克) نىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئازىراق كۈتۈپ باققان بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭغا بىر ئىلىك بولسىمۇ خەت تاشلاپ قويماي، ۋىسباسنوۋ 维斯巴诺夫 نىڭ نېرقى ئۇچىدىكى قاپقاراڭغۇ بىر بىناغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەر فېرباخ 费尔伯 يولىدا بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرغان بىناسى فۇسان 俯瞰 تۆمۈريول مەيدانىدا ئىدى.
ئادولف، 18-نويابىر كۈنىسى، ساقچىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرغان ئادرىسىنى تىزىملىتىپ چىقىدۇ (يېڭى ئادرىسىنى تىزىملىتىش ئاۋىسترىيە بىلەن گېرمانىيىدە بىر قا’ئىدە بولۇپ، ئۆي كۆچكەندىن كېيىن چوقۇم تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرت ئىدى). ئۇ، جەدۋەلدىكى كەسىپى دېگەن كاتەكچىنى “رەسسام” دەپ توشقازماي “ئوقۇغۇچى” دەپلا يېزىپ قويىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە دوستىمۇ ۋيېناغا يېتىپ كېلىدۇ. كوبىشك (库比席克) شىپوتار (希皮塔耳) دىكى ۋاقتىدا ھىتلېر ئۇنىڭغا بىر پارچە ئاتكىرتكا ئىۋەرتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا “ساڭا بىر ئۆمۈر چىن قەلبىمدىن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن” دېگەندىن باشقا گەپ يېزىلمىغان ئىدى. شۇ كۈندىن كېيىن كوبىشك (库比席克) ھىتلېردىن بىرەر پارچىمۇ خەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇنغىچە جىم بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا كۆنۈك بولغاچقا، ۋيېناغا بارغىنىدا چوقۇم ئالدىمغا چىقىپ مېنى كۈتىۋالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما پويىز ئىستانسىدا ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئاخىرى بولماي ئېغىر يۈك-تاقىلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن ئالدىراشلىق بىلەن يولغا چىقىپ ستومپالاس (斯通帕加斯) 29-نومۇرغا يېتىپ كېلىدۇ. ھىتلېر كۆچۈپ كېتىش ۋاقتىدا نېمىشكە بىر ۋاراق بولسىمۇ خەت تاشلاپ كەتمىگەندۇ؟ ئۇ سەۋەبىنى ئۇقالماي ھەيران بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان يېڭى ئادرىسىنى سكلىس (查克雷斯) خانىمغا تاشلاپ قويۇپ ياتىقىغا كېتىدۇ. ۋاقىت ھەپتىلەپ ئۆتمەكتە، ئەمما تېخىچىلا ھىتلېردىن خەۋەر يوق. ئۇ پەقەتلا چۈشىنەلمىدى. يا بولمىسا ئۇنى بىلمەستىن رەنجىتىپ قويغان يېرى بارمىدى؟ بۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمىدى. ئايرىلىش ۋاقتىدا ئۇ ئىككىسى يەنىلا يېقىن دوستلاردىن ئىدى. كېيىن يازغان خەتلىرىدىمۇ ھېچقانداق بىر قۇرساق كۆپىكى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدىغۇ؟
كوبىشك (库比席克) لىنز (林嗣) غا يەنە بىر بېرىشىدا ئادولفنىڭ ھەدىسى بىلەن ئۇچىرىشىپ، ئۇنىڭدىن ھىتلېرنىڭ ۋيېنادىكى يېڭى ئادرىسىنى سورايدۇ. ھەدىسى ئانگىلا (安吉拉) قوپال بىر شەكىلدە مەندە ئۇنىڭ ئادرىسى يوق، ئۇ ماڭىمۇ خەت يازمىدى، دەپلا جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئانگىلا (安吉拉) كوبىشك (库比席克) تىن رەنجىپ، ئىنىمنىڭ رىياللىقتىن قېچىپ يۈرىشىدە سېنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھەسسەڭ بار دەيدۇ. ئەمما كوبىشك (库比席克) ئۇنىڭغا، سەن ھېچ نىمىدىن خەۋىرىڭ يوقلا يولدىشىڭنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ بىر نېمىلەر دەيدىكەنسەن، دەپ چىڭ تۇرۇپ دوستىنىڭ يېنىنى قىلىدۇ. ئۇ ئانگىلا بىلەن كېلىشەلمەي گەپمۇ قىلماستىن بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالىدۇ.
ئادولف، شۇندىن تارتىپ كوبىشك (库比席克) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بەرگەن ئىدى. ھەتتا ئۇ لىنز (林嗣) نى، يۇرتىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئويلاشنىمۇ ئۇنۇتقان ئىدى. ئادولفنىڭ كوبىشك (库比席克) كە بولغان ھېسسىياتى كوبېشك (库比席克) نىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىدەك ئۇنچىلىك چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھېچ بولمىغاندا شۇ ۋاقىتقىچە بولسىمۇ بىر دەۋرنى تاماملىغان بىر مۇناسىۋەت ئىدى. ئۇندىن باشقا، كوستېر (库斯特尔) ئوقۇشىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بىرسى ھېساپلىناتتى، ئەمما ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ھىتلېر مەغلوپ بولغان بىرسى ئىدى. 1909-يىلىنىڭ 20-ئاپرېل كۈنىسى، ھىتلېر، فېرباخ 费尔伯 كوچىسىدىكى ئۇ قورقۇنۇشلۇق بىنا ئىچىدە ياپمۇ-يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ 20-تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەيدۇ. ئايلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ بارماقتا، ھىتلېرمۇ ئەتراپىدىكى قىلچە ھاياجان پەيدا قىلالمايدىغان مۇھىتقا چىداپ لىنز (林嗣) دىكى ۋاقىتلىرىدا قىلغان پانتازىيىلىك خىياللىرىدەك خامخىياللار ئىچىدە ياپ-يالغۇز، جىمجىتلىق ئىچىدە بۇ مەنىسىز كۈنلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ قوشنىلىرى ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇ’ئامىلە قىلىدىغان، ئەمما ھېچ كىم بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىمايدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ بېرىدۇ. ئۇ يەرگە يېقىن بىر يەردىكى ئاشخانىدا (كۇباتا 库巴达 ئۆز كۈچىگە تايىنىش رېستۇرانتى دېگەن ئاشخانا) كاسسىغا قارايدىغان بىر ئايال ھىتلېردىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بولۇپ، “ئۇنىڭ مىجەزى يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بەكلا تېنچ، كىتاپقا بەكلا ئامىراق، ئۆزىنى تۇتىۋالغان بىرى بولۇش بىلەن قالغان ياشلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇراتتى” دەيدۇ. ئۇ ئايال ئادولفنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتى. ئۇنىڭغا پات-پاتلا ھەقسىز چوڭ بىر پارچە قازان كاۋىپى بېرىپ تۇراتتىكەن.
كۈز يېقىنلاشقىنىدا، ھىتلېرنىڭ بېشىغا يەنە بىر ئېغىرچىلىق چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ھەر ئايلىق ئېلىپ تۇرىۋاتقان ياردەم پۇلىدىن باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە كىرىمى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ فېيىرباخ (费尔帕) كوچىسىدىن ۋىسبانوۋ 维斯巴诺夫 نىڭ جەنوبى تەرىپىدىكى كىچىكىرەك بىر بىناغا كۆچۈپ كىرىۋالىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئادرىسى سەيسوۋس 塞斯奥塞 كوچىسى 58-نومۇر بولۇپ، ئۇ بىنانىڭ 21-نومۇرلۇق چاققان بىر ئېغىزلىق ئۆيىگە جايلىشىدۇ. بۇ يەرمۇ خۇددى بۇرۇن تۇرغان يېرىدىكىدەك بەكلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىر يەر ئىدى. تار يوللاردا ترامۋايلار تىنماي تاقىراقشىپ ئۆتۈپ تۇراتتى. 22-ئاۋغۇست كۈنىسى، ھىتلېر ساقچىغا بېرىپ يېڭى ئادرىسى ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرۇپ كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنى “يازغۇچى” دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. ئەمما ئۇ بىر ئاي بولمايلا خېلى يامان ئەمەس ھېساپلىنىدىغان بۇ ياتاقتىنمۇ چىقىپ كېتىپ، چېكىدىن ئاشقان نامراتلار مەھەلىلىرى ئارىسىدا يوقاپ كېتىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ئادرىس قالدۇرماي يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىدىكى تىزىملىتىش جەدۋىلىنىڭ “كېيىنكى ئادرىسى” دېگەن كاتەكچىنى ئاق تاشلاپ قويىدۇ. “قاچان كۆچۈپ چىقىسەن” دېگەن يېرىنى “ئېنىق ئەمەس” دەپلا توشقۇزۇپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ يانچۇقى قۇپ-قۇرۇق، ئىشلەپ پۇل تېپىشنىمۇ خالىمايتتى. شۇندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۇ بېشى قايغان يەرلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ رەسمىلا بىر تىلەمچىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ بەزىدە باغچىدىكى ئورۇندۇقلاردا ياكى قايسى بىر بىنانىڭ تېگىدە يېتىپ-قوپۇپ يۈرىدۇ. بىر مەزگىل پلات 普拉特 يەنى دوناي دەرياسى بويىدىكى مەشھۇر بالىلار ئويۇنچۇق باغچىسى ئۇنىڭ يېتىپ-قوپىدىغان ئۆيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتسە باغچىدىكى لەمپىلەردىن بىرىنىڭ ئاستىغا كىرىپ ھۆل بولۇشتىن ساقلىناتتى. ئۇنىڭ تەلىيىگە ئۇ يىلى قىشمۇ بەكلا بالدۇر كىرىدۇ. 1909-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بىرەر يەردە ياتقىدە ئۆي تېپىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، قاۋاقخانىلاردا، پاسكىنا كاتەكلەردە ياكى بەكلا ئەرزان ناچار ياتاقلاردا يېتىپ قوپۇشقا باشلايدۇ. ئۇ، بىر قېتىم كانسار (凯撒) كوچىسىدىكى بىر قەھۋەخانىدا قونۇپ چىقىدۇ، يەنە بىر قېتىم ئېيرپوگ (埃尔伯格) كوچىسىدىكى بىر يەھۇدىي خەيرچى ئاچقان ئىسسىق ھۇجرىدا قونىدۇ. يەنە بىر قېتىمدا، قايسى بىر ئەمگەك مەيدانىدا بىر كىشىلىك ياتىدىغان يەر تېپىۋالىدۇ. ئۇ يەر بەكلا پاسكىنىچىلىق بىر يەر بولۇپ، ئۆيى يوق نۇرغۇنلىغان يىتىمچىلار بىلەن بىرگە يېتىپ قوپۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ يەردە ئۇخلاش ھەقىقتەنمۇ تەس ئىدى. ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شۇنچىلىك پاسكىنا ئىدىكى، نەپەس ئېلىشمۇ تەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق بالىلارنىڭ تىنماي يىغا-زار قىلىشلىرىغا بەرداشلىق بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇمۇ ئازلىق قىلغاندەك، مەس زابويلار تاڭ ئاتقىچە ئاياللىرىنى دۇمبالاپ يىغلىتىپ چىقاتتى.
ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يازغان ئەسلىمىسىدە شۇ كۈنلەر ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بۈگۈنمۇ شۇ پاجى’ئەلىك ئۇۋىلارنى، شۇ يىتىمخانىلارنى، تىلەمچىلەر سورۇنلىرىدىكى غالىلداپ تىتىرەپ ياتقان كىشىلەرنى، سېسىق پۇراپ تۇرغان ۋەيرانە مەنزىرىلەرنى ئېسىمگە كەلتۈرسەم پۈتۈن ۋۇجۇدۇم يىرگىنىشتىن تىتىرەپ كېتىدۇ. ئۇ يەرلەر ھەقىقەتەنمۇ مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىدىن ئۈنۈپ چىققان ئالۋاستىلار شەھىرىگە ئوخشايتتى.” ھىتلېر شۇنداق دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، بۇرۇنقى تەسۋىرىدىكى ۋيېنانى بىر دومىلاپلا قاپقاراڭغۇ دوزاققا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەيدۇ. “كەچۈرۈڭلار، ۋيېنا ھاياتىمدىكى ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ جاپالىق كۈنلىرىمنىڭ بىر يالدامىسى بولۇپ كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.” شۇڭا ئۇ، بۇ نامراتلار ئۇۋىسىدىن چىقىپ چىركاۋلاردىن ياردەم تىلەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگە سا’ئەت 9 دا ئۇنىڭ دەسلەپتە تۇرغان ستومپالاس يېنىدىكى چىركاۋغا بېرىپ ئۇماچقا ئۈچرەت ساقلايدۇ. ئۇنىڭدەك يىتىمچىلار بۇ ئىشنى “كارون (卡瑟) نى زىيارەت قىلىش” دەپ ئاتىشاتتى. كارون، بەلكىم ئۇ چىركاۋ كاردىنالىنىڭ ئىسمى ياكى سان كارولىن چىركاۋى (圣•卡瑟琳) نىڭ ئىسمى بولسا كېرەك؟
كۈز ئايلىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە ئۇ ئۇچىسىدىكى پەلتۇسىنىمۇ سېتىپ خەجلەپ بولۇپ، قار-شىۋرىغانلىق زىمىستان قىشقا پەلتۇسىز كىرىپ تېخىمۇ بەتەر كۈنگە قالىدۇ. روزھدىستىۋا بايرىمىدىن سەل ئاۋالقى بىر ئاخشىمى، يېلىڭ كىيىملەر ئىچىدە غالىلداپ تىتىرەپ مۈكچەيگىنىچە شەھەر يېنىدىكى مېدلىن (梅德林) دېگەن قەلەندەرلەر يىغىۋېلىش ئورنىغا سا’ئەتلەرچە يول يۈرۈپ ئاران ئېلىشىدۇ. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغىنىدا ئۇنىڭ ئايىقى ئۈشۈپ قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىپ ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزىۋېتىدۇ. بۇ يىغىۋېلىش ئورنى قايسى بىر خەيرى ساخاۋەتچى جەمىيەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى چىقىمىنى ئېينپوستىن (爱波斯坦) جەمەتى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ يەر 1870-يىلى سېلىنغان بولۇپ، كېيىن ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونىت قىلىنىپ ئۆتكەن يىلى قايتىدىن ئېچىلغان ئىدى. بۇ يەردە كىرىدىغان ئۆيى يوق كىشىلەر بالا-چاقىسى بىلەن بىرگە ئازىراقلا پۇل تۆلىسە ياتقىدەك بىر ئۆيگە ئېرىشەلەيتتى. كۈچىدىن قالمىغانلار ئۇ يەردە تازىلىق ئىشلىرىغا ئوخشاش ئىشلارغا ياردەملىشىپ كۈنىنى ئالالىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ يەر زامانىۋى سېلىنغان بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، پايانسىز كەتكەن تۈز بىر يەردە تىكەندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بىنادىكى ئۆيلەر كەڭ-كۇشادە بولۇپ، ھاۋاسى ياخشى، كارىۋاتلىرى ھەربى گازارمىلاردىكىدەك نومۇر قويۇلۇپ قاتار تىزىلغان ئىدى. ئاساسلىق تامىقى بولكا بىلەن ئۇماچ شورپىسى بولۇپ، تويغىچە بېرىلەتتى. ئۇ يەرنىڭ باشقۇرۇلىشى رەتلىك بولۇپلا قالماي كىشىلەرنىڭ كۈنىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. بىنادا بىر مۇنچە دۇش ئالىدىغان يەرلەر، قاچا يۇيۇش ئورۇنلىرى ۋە ھاجەتخانىلىرى بار بولۇپ، پاك-پاكىز تازىلىنىپ تۇراتتى.
دېكابىر ئېيىدا، ھاۋا بەكلا سوغۇق بولۇپ كېتىدۇ. ھىتلېر سوغۇقتىن توڭلاپ تىتىرەپ يۈرگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا بۇ يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈپ ئۈچرەتكە تىزىلىدۇ. ئاخىرى دەرۋازا ئېچىلىدۇ. بارغىدەك يېرى يوق بىچارىلار قاتار تىزىلغىنىچە يىغىۋېلىش ئورنىغا كىرىپ، ئىسىم-فامىلىلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇششاق بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە قالىدىغانغا ئايرىلىدۇ. ھىتلېرمۇ بىر كارتۇچكىغا ئېرىشىپ، بۇ يەردە بىر ھەپتە قېلىشى ئۈچۈن تەستىقلىنىدۇ. ئۇنى چوڭ بىر ياتاق زالىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۆز ئالدىغا يالغۇز يېتىپ-قوپۇپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر يىگىت ئۈچۈن بۇنداق ئوپچا ياتاقتا يېتىش ھەقىقەتەن قىيىن بىر ئىش ئىدى. ئاۋال ئۇ ئورتاق مونچىغا چۈشۈشكە كۆنىشى، پىتلاپ كەتكەن، چۇسۇي قاپلاپ كەتكەن كىيىملىرىنى دورىلاش نومۇسىغا چىدىشى كېرەك ئىدى. ئاندىن ئۇ تەۋە بولغان گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن قاتار تىزىلغىنىچە ئاشخانىغا كىرىپ ئۇمىچى بىلەن بولكىسىنى ئېلىشقىمۇ كۈنىشى كېرەك ئىدى. بىرەر خەيراھ ئورنى تەرىپىدىن بېقىلىشقا كۆنگەن بىرسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئادەتتە شۇنچە ئەكە ئۆسكەن بىر ياش يىگىتنىڭ بۇنداق بىر يەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىرىنچى قېتىم بۇ تۈردىكى نۇمۇسقا چىدىيالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تەس. بۇنىڭدەك بىر يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ يىتىم-يىسىرلارغا ياخشى قاراپ، ئۇلارغا ياتقىدەك بىر يەر بېرەلىگىنى بىلەن، بۇنداق بىر يەرگە بىر قېتىم كىردىمۇ-بولدى، شۇندىن كېيىن ئۇنداق بىرسى بۇنداق نامراتلار سېپىدىن ئىككىنچى ئايرىلالماس ھالغا كېلىشى مۇقەررەر ئىدى. بۇنداق يىغىۋېلىش ئورنىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىنى يوقۇتۇپ بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا رەسمى بىر جىنايەتچىگە ئايلىنىپ بولغان ھېساپلىناتتى. بۇنداق يەرگە يېڭى كىرگەنلەر نۇمۇس قىلىپ ھە دېگەندىلا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ھىتلېرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. بۇ يىغىۋېلىش ئورنىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ تۈر ئوپچىۋاي تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردىكى ھەربى گارنىزونلاردەك چوڭ ياتاقلاردا تىنماي بىر-بىرىنىڭ پېيىدا يۈرىشەتتى. بۇنداق بىر مۇھىتتا، پاكىز يوتقان-كۆپىلەرگە ئورۇنۇپ ياتقان ھىتلېر، بىرىنچى ئاخشىمى ھەقىقەتەنمۇ كۆڭلى يېرىم غەم ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزىشى تۇرغانلا گەپ.
ياندىكى كارىۋاتتا ياتقان بىر يىتىمچى ھىتلېرغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. ئۇ قەلەندەر ھىتلېرغا بىر ھۆنىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ: ئەگەر بۇ يىغىۋېلىشتا بەلگىلەنگەن بىر ھەپتە قېلىش مۇددىتىدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالماقچى بولىدىكەنسەن، ئازىراقلا پۇل خەجلىشىڭ يېتەرلىك، يەنى بۇ يەردىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلماقچى بولغانلارنىڭ ياتاق كارتۇشكىسىنى سېتىۋالساڭلا بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ يىتىمچىنىڭ ئىسمى رېيىنخورد ھېنرىگ (莱茵霍尔德•汉尼希) بولۇپ، ئۇمۇ بۇرۇن رەسسام بولۇش نىيىتىدە يۈرگەن بىرسى ئىكەن. ھىتلېرنىڭ ئەدەپ بىلەن مۇ’ئامىلە قىلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلسا كېرەك، ئۇنىڭ گېرمانىيىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدىكى توقىغان ھىكايىلىرىغا قىزىقىپ قالىدۇ. يەنى بۇ ھېنرىگ (汉尼希) دېگەن ياش بېرلىندا بىر قانچە يىل ياشىغان ئىكەن. بۇ ئادەم (“بىز ھەر كۈنى چوقۇم كۆرۈشۈپ تۇرالايمىز. گەرچە بەكلا قىيىن كۈنلەردە قالغان بولساقمۇ، يەنىلا روھىمىزنى كۈتىرەڭگۈ تۈتىشىمىز كېرەك” دەپ نەسىھەت بېرىپ تۇراتتى) يېڭى دوستىغا “رېيىن دەرياسىنى قانداق ساياھەت قىلىش” كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەپ كېتەتتى.
ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭ “بۇ دۇنيادا بىز نېمىسلار تەڭرىدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايمىز” دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ كۆزلىرى چاقناپ ئالاھىدە ئۈمىدۋارلانغاندەك ھېسسىياتلارغا كېلىپ قالىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، ھېنرىگ (汉尼希) ئۇنىڭغا قانداق ياشاش توغرىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ؛ جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۈۋەت قاتلاملىرىدا زىمىستان قىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان بىرسى باسقان بىر قەدىمىنى ھەرگىزمۇ بىكارغا باسماسلىقى كېرەك ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتاتتى. ئەتىگەن سەھەردە، ئۇ ئىككىسى يىغىۋېلىش ئورنىدىن چىقىدۇ. ئادولف بەكلا يېلىڭ كىيىنگەن بولۇپ، سوغۇقتىن توڭلاپ غالىلداپ تىتىرەشكە، توڭلاپ كۆئۈرشكە باشلىغان ئىدى. ئۇلار مىڭ تەستە كارويىن (卡瑟) غا يېتىپ بېرىپ ئۇماچقا ئۈلگۈرىدۇ. ئاندىن قايسى بىر ئىسسىق زال ياكى دوختۇرخانا زالىدا بىر قانچە سا’ئەت ئولتۇرۇپ سوغۇقتىن ساقلىنىدۇ. ئاندىن يەنە قايتا بېرىپ ئازىراق ئۇماچ ئىچىشىدۇ. گۈگۈم ۋاقتىدا، يىغىۋېلىش دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلىشقا ئۈلگۈرۈپ ياتىدىغان جايىغا بېرىۋالىدۇ. ئەگەر دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى بەك ئۇزۇن ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغىنىدا، يولدا بىرەرسىنىڭ قوراسىدا قار سۈپىرىپ بېرىش ياكى ۋېستبانوۋ 维斯巴诺夫 كوچىسىدا بىرەرسىنىڭ يۈك-تاقىسىنى كۆتۈرىشىپ بېرىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن بىر قانچە تەڭگە پۇل تاپقاش كېلەتتى. ئەمما ھىتلېر بەكلا ئاجىز، چېنىقمىغان بىرسى بولغاچقا، ئېغىر ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايتتى. يۈك كۆتۈرۈپ قەدەم باسقىنىدا ئۇنىڭ تىزلىرى پۈكۈلۈپلا قالاتتى. بىر قېتىم ئۇ ئېرىق كولاش ئىشىدىن بىرىگە دۈچ كېلىدۇ. ھىتلېر ئۇ ئىشقا تىزىملاتماقچى بولۇپ ئالدىغا چىقىدۇ. ئەمما ھېنرىگ (汉尼希) ئۇنى توساپ بۇ ئىشتىن ۋاز كەچتۈرىدۇ: “سېنىڭ مۇشۇ ھالىڭدا، بۇنداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولىدىكەنسەن، ئاخشىمى ئورنىڭدىن تۇرالماي يېتىپلا قالىسەن.”
ئادولف ئوغرىلىق قىلىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنىمۇ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا بۇنداق بىر قابىلىيەت يوق ئىدى. ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ يېنىغا قول سالغىدەك جاسارىتىمۇ يوق ئىدى. كېيىن بۇ يىغىۋېلىش ئورنىدىكى ئەڭ مەرت بىرسى بولۇپ تونۇلۇشقا باشلايدۇ. يەنى، بۇ يەردىكى تىلەمچىلەردىن “ئاق كۆڭۈل سەدىقە بېرىدىغان كىشىلەر” نىڭ ئۆي ئادرىسلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەنلا قالماي، ئۇ يەرلەردىن تىلەپ ئالىدىغان پۇلنى تەڭ بۆلىشىشكىمۇ ماقۇل بولىدۇ. ھىتلېر ئۇنداق ئادرىسلارغا بېرىپ سەدىقە تىلەش جەريانىدا يېنىغا مۇقەددەس ئايەتلەردىنمۇ بىر قانچىنى سېلىۋالاتتى. ئالايلۇق، ئۇ بايىۋەتچىلەر مەھەلىلىرىدە بىرەر مومايغا دوقۇرۇشۇپ قالغىدەك بولغىنىدا، ئاۋال ئۇ مومايغا “ئىيسا مەسىھىمىزگە مەدىھە ئوقۇيمەن!” دەپ سالام بەرگىنىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ قايسى بىر چىركاۋنىڭ رەسسامى ياكى ھەيكەلتاراشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر ئىشسىز قالغانلىقىنى ئېيتاتتى. كۆپۈنچە ھاللاردا بۇنداق گەپلەر ئۈچۈن بىر-ئىككى تەڭگە تاشلاپ بېرىپ يولىنى داۋام قىلىدىغانلار تېپىلىپ تۇراتتى. ئەمما ھىتلېر بۇ تۈردىكى دىنى باھانىلارنى كۆرسىتىپ تىلەمچىلىك قىلماقچى بولىشى قارشى تەرەپنىڭ رەھىمىنى قوزغاش ئورنىغا غەزىۋىنى قوزغاپ بىر مۇنچە قاتتىق گەپ ئاڭلىۋالىدىغان كۈنلېرىمۇ بولاتتى. باشقا يەرلەردىمۇ ئۇنىڭ تەلىيى يوق دېيەرلىك ئىدى. شۇڭا ئۇ، چىركاۋنىڭ سەدىقىسى ئۈچۈن قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چىركاۋدا ئۇنىڭغا كىچىك 3 پارچە گۆش تۇتقۇزۇپ يولغا سالاتتى. بەزىدە چىركاۋنىڭ كاردىنالى ئۇنىڭ مەسىھكە مەدىھە ئوقۇش سالىمىنى ئالغىنىدىن كېيىن بىرەر كرون پۇل تاشلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئەتىسى ئىلاھىيەتچىلەر جەمىيىتىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكىن دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ.
ھېنرىگ (汉尼希) نىڭ بىر ئىشقا پەقەتلا ئەقلى يەتمەيدۇ: ھىتلېردەك شۇنچە مەلۇماتلىق، شۇنچە ئىقتىدارلىق بىرسى قانداقلارچە بۇنداق قەلەندەر ھالغا چۈشۈپ قالغاندۇ؟ بۇ ھىتلېر دېگەن ئادەم چوقۇم بىر ئىشنى ساقلاۋاتسا كېرەك دېگەن ئويغا كېلىدۇ.
“مەنمۇ بىلەلمىدىم نېمىنى كۈتىۋاتقانلىقىمنى” دەپ روھسىز بىر قىياپەتتە جاۋاپ بېرىدۇ ھىتلېر ئۇنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سۇ’ئالىغا. ھېنرىگ (汉尼希) بۇنچە ئازاپقا قالغان، بۇنچە ئېچىنىشلىق بىر چىراينى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئادولفقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىرسىگە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش خىيالىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ، ھىتلېرنىڭ ئۇرۇغلاپ بىر ئۇستىخان، بىر تېرە بولۇپ قالغىنىغا ئېچى ئاغرىپ قالغان بولۇپ، بۇنداق بىرسىگە ياردەم قىلىپ قويسا، كېيىن ئۇنىڭغىمۇ بەزى ياردىمى تېگىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئاتكىرتكا سىزىپ پۇل تېپىش مەسلىھەتىنى بېرىدۇ. ھېتلېر ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتىگە قارىتا كېيىم كېچىكىنىڭ بەكلا ۋەيرانە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كوچىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاتكىرتكا سېتىشقا ئىمكانى يوقلىقىنى، ياكى بولمىسا بۇنى ساتىمەن دەپ ئىشىكمۇ-ئىشىك قاتىراپ يۈرەلمەيمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ غېمىنى قىلما، دەيدۇ ھېنرىگ (汉尼希)، ئاتكىرتكىنى سېنىڭ ئۈچۈن مەن سېتىپ بېرىمەن. ئەمما تاپقان پۇلنى تەڭ بۆلىشىمىز. شۇنداقتىمۇ يايمىچىلىق قىلىش رۇخسەت قەغىزى بولمىسا ئۇلارنى ساقچىلار قوغلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ھېنرىگ (汉尼希) بۇنىڭغىمۇ ئامال بارلىقىنى ئېيتىپ، قارغۇ ياكى مېيىپ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۇششاق قاۋاقخانىلاردا ساتالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھېتلېرنىڭ يەنە بىر غېمى بار ئىدى: ئۇ پۈتۈن رەسساملىق ئەسۋاپلىرىنى پەلتوسىغا قوشۇپ سېتىۋەتكەن ئىدى. چارە تېپىشقا ئۇستا ھېنرىگ (汉尼希)، بۇنىڭغىمۇ ئامال تېپىلىدۇ. سەن بۇ يەردە تۇققانلىرىم بار دېمىگەنمىدىڭ، ئۇلاردىن ياردەم سورا، قالغان نەرسىلەرنىڭ ئامالىنى مەن قىلاي دەيدۇ. شۇڭا ئۇ سىلىزىيە (西里西亚) دىكى كىچىك بىر دەللال بىلەن بىرگە ئادولفنى ھېدرىن (海德林) پويىز ئىستانىسىسى ئۇدۇلىدىكى ئادوپار (阿德伯) رېستۇرانتىغا ئاپىرىدۇ. ھىتلېر بىر تال قەلەم سوراپ ئېلىپ بۇ ئىككى سېتىقچىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆيىدىكىلەرگە (ئېھتىمال قېينى ئاكىسىغا) بىر پارچە ئاتكىرتكا ئىۋەرتىپ، پوچتىدىن ئازىراق پۇل ئىۋەرتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ھىتلېر پوچتىخانىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. كونىۋىرت ئىچىدە 50 كرونلۇق بىر ۋاراق پۇل چېكىمۇ بار ئىدى (“ئۇ كۈنلەردە بۇ پۇل مېنىڭ ئۈچۈن خېلىلا چوڭ پۇل ھېساپلىناتتى.” دەيدۇ ھىتلېر). ئۇ شۇنداق خوش بولۇپ كېتىدۇكى، شۇ كۈنى ئاخشىمى يىغىۋېلىش دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرگە داۋراڭ قىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قۇۋ دوستى ئۇنىڭغا پۇلنى چىڭ ساقلا، بولمىسا ئۇلار سەندىن قەرز سوراپ بېشىڭنى ئاغرىتىدۇ، دەيدۇ.
بۇ كۈنلەردە ھىتلېرنىڭ يۈتىلىمۇ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەرھال بىر قىشلىق پەلتۇ سېتىۋېلىش ئىدى. دوستى ئۇنىڭغا يەھۇدىيلار رايونىغا بېرىپ كومىسيونچىلار ماگىزىنىدىن سېتىۋېلىشنى مەسلىھەت بېرىدۇ. ئەمما ئادولف، بۇرۇنقى پەلتوسىنى سېتىۋالغان ۋاقتىدا يەھۇدىلارنىڭ ئالدىمىغا چۈشكەنمەن دەپ ئۇنىمايدۇ. كېيىن ئۇ ھۆكۈمەت ئاچقان گۆرۆخانىغا بېرىپ 12 كرونغا بىر قارا پەلتو سېتىۋالىدۇ. ھېنىرىك (汉尼希) ئۇنى دەرھال ئاتكىرىتكا سىزىش ئىشىنى باشلاشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما ئۇ بىر ھەپتە ياخشىراق دەم ئېلىۋېلىپ ئاندىن باشلايلى دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىۋېلىش ئورنىدا رەسىم سىزش ئۈچۈنمۇ تۈزۈكىرەك بىر يەر يوق ئىدى. مانھېيىم (曼纳海姆) دا بىر بويتاقلار ياتىقى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ شۇ يەرگە كۆچۈپ چىقماقچى بولىدۇ. ئۇ يەردىكى ھۇجرىلار بەكلا كىچىك بولۇپ، يالغۇز تۇرۇشقا ئارانلا يېتەتتى. شۇنداقتىمۇ ئوپچىۋاي ئولتۇرۇشقا بولىدىغان بىر زالى بار بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇ يەردە ئۆز ئىشلىرىنى قىلىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. يەنى ئۇ يەرنىڭ شارا’ئىتى بۇ يەردىكىدىن ياخشىراق ئىدى.
بۇ بويتاقلار ياتىقىنىڭ ئورنى دوناي دەرياسى قىرغىقىدا بولۇپ، 1910-يىلى 9-غېنىۋار كۈنىسى ھىتلېر ئۇزۇن پىيادە يول مېڭىپ ۋيېنا شەھىرىنى ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ئۇ يەرگە بېرىۋالىدۇ. ھېنرىك (汉尼希) ھىتلېرنىڭ كەينىدە يۈرگەندىن بۇرۇنقى ئاددى مالايلىق ئىشىنى تاشلىغىسى كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ھىتلېر بىلەن ئۇ يەرگە بىللە بارغىلى ئۇنىمايدۇ. بۇ رايون ۋيېنانىڭ 20-رايونى بولغان بولۇگىتنوۋ (布里吉特瑙) رايونى ئىدى. بۇ يەر ئەسلىدە بىر سانا’ئەت رايونى بولغاچقا، ئولتۇراق ئاھالە بەكلا قالايماقان، يەھۇدىلار سانى ليوپولد (利奥波德) رايونىدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ بىر رايون ھېساپلىناتتى.
بۇ يەرمۇ بىر ۋاقىتلىق ئاھالىلار رايونى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرنى ياخشىراق ئىش تېپىۋالغىچە تۇرىدىغان باشلىنىش نوقتىسى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا ئىدى. بۇ بىنا دوناي دېرياسىدىن يېرىم چاقىرىمدەك يىراقتا بىر بىنا ئىدى. ئۇ بىنا شۇ ليوپولد كوچىسىنىڭ 25~27-نومۇرلۇق قوراسى ھېساپلىناتتى. ئۇ بىنادا 500 دەك بويتاق تۇرالايتتى.
بۇ بىنامۇ زامانىۋى سېلىنغان بىر بىنا بولۇپ، سېلىنغىنىغىمۇ 5 يىلدەك بولۇپ قالغان ئىدى. بىنانىڭ ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلىرى بىر قەدەر تولۇق بولۇپ، ۋيېنالىق بەزى ئوتتۇرا ھال سىنىپ ئا’ئىلىلىرى بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە ھەشەمەتلىك بىر بىنا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشقانىكەن. ئاساسى بىنادا چوڭ بىر تاماقخانا بولۇپ، چىراقلار بىلەن يوپ-يورۇق يورىتىۋېتىلگەن؛ تامنىڭ تۈۋەن تەرىپى بىر مېتىردەك يېشىل چىنىلار بىلەن بىزەلگەن بولغاچقا، كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ بېرەتتى. تاماقلار پۈتۈنلەي سۇپىلاردا بېرىلەتتى. تاماق كارتۇچكىسىنى شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار ماشىنىسىغا كىرگۈزسىلا تاماق ئاپتوماتتىك چىقىپ تۇراتتى. تاماقلارنىڭ باھاسىمۇ بەكلا ئەرزان، سۈپىتىمۇ ياخشى، مىقدارى كۆپ ئىدى. بىر تەخسە قورۇما بىلەن بىر پارچە تاۋاكاۋىپى 19 مىس تەڭگە ئىدى. يەنە 4 تەڭگە ئارتۇق تۆلىسىلا قۇرساقنى لىق توقلاشقا بولاتتى.
بىر-بىرسىدىن ئايرىم ئۆيلەردە 10 دەك گازئۇچاق بار بولۇپ، تاماققا پۇل چىقىش قىلالمايدىغانلارنىڭ ئۆزى تاماق قىلىپ يىيىشى ئۈچۈن قويۇلغان ئىدى. ياتاقتا ياتىدىغانلار بۇ يەردە ھەقسىز قازان-قۇمۇچتىن پايدىلىنالايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرى تېخىمۇ ئاز پۇلغا تاماق ئېتىپ يىيەلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تامىقى قۇمچامغۇر (كارتۇچكا) تامىقى بولۇپ، كىشىلەر مەيلى گۆشلۈك بولسۇن بولمىسۇن، قۇمچامغۇرنى ياغدا قىزارتىپ يېيىشكە ئامىراق ئىدى. ئۇ يەردىكىلەر بىر قانچىسى بىر گۇرۇپ بولۇشۇپ، پۇلى يوقلار تاماق ئېتىشكە، پۇلى بارلار نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىشقا مەسئۇل بولىدىغان قىلىپ ئىش تەقسىم قىلىشىپ تاماق ئېتىپ يىيىشەتتى.
ئاشخانىنىڭ سىرتىدا، 3 قەدەم نېرىسىدىلا بىر قىرا’ئەتخانا بار بولۇپ، ئۇ يەرگە كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن 10 نەچچە ئورۇندۇق-ئۈستەل قويۇلغان. بۇنىڭدەك يەردىن بىرقانچىسى بار بولۇپ، يەنە كۆڭۈل ئېچىش يېرىمۇ بار ئىدى. بىنادا يەنە بىر كۈتۈپخانا، يەنە بىر يېزىقچىلىق بۆلۈمىمۇ بار ئىدى. ئۇ يەردە 10 نەچچە ئادەم ئولتۇرۇپ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى قىلىشقا بولاتتى. ئۇ يەردە بىر ۋېنگىر قاتتىق قەغەزدىن كارتۇچكا ياساپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا، قاۋاقخانىلاردا سېتىپ كېلەتتى. يەنە بىر بوۋاي گېزىتلاردا ئېلان قىلىنغان توي قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئىسمىنى كۆچۈرۈپ دۇكاندارلارغا ساتاتتى. بۇنداق ياتاق بىنالىرىدىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ياتاقلىرى يىغىۋېلىش ئورنىغا قارىغاندا كۆپ پاكىز، ھەم رەتلىك ئىدى. بۇ يەردىكى بويتاقلار ئاساسەن يالغۇز يېتىشنى خالايدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياتىقى، ئۇزۇنلىقى 7 ئىنگىلىز غېرىچ، كەڭلىكى 5 ئىنگىلىز غېرىچ كېلىدىغان ئىچىگە بىر تار كارىۋات، كىچىكىك بىر ئۈستەل، بىر كىيىم ئاسقۇ، بىر ئەينەك، بىر كېچىلىك داس سىغىدىغان بەكلا تارچۇق بۆلۈملەر ئىدى. كارىۋاتتا ئۈچ پارچە كىرلىك، يۇڭ بىلەن توشقۇزۇلغان ياستۇق، ئىككى ئەدىيال بار ئىدى. كىرلىكلەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يەڭگۈشلىنىپ تۇراتتى. بۇ يەر ھەرقانداق بىر تۆۋەن تەبىقە ئادىمى ئۈچۈن بەكلا ئالاھىدە بىر يەر ھېساپلىناتتى. بۇ ئۆيلەرنى سۆرۈنچىراي تۈرمە ئۆيىمىكىن دەپ قالماڭ. ئۆيلەر چىراق يورۇتۇلۇش بىلەنلا قالماي، ھەر بىر بۆلۈمنىڭ ئايرىم دېرىزىسىمۇ بار ئىدى. ھەر قەۋىتىدە بىر مۇنچە قاچا يۇيۇش يېرى، پۇت يۇيۇش يېرى، قول يۇيۇش يېرى قاتارلىق تازىلىق يەرلىرى بار؛ يەر ئاستى قەۋىتىدە 10 نەچچە دۇش ئالىدىغان مونچىسىمۇ بار. بۇ بىنالاردا تىككۈچىلەر خانىسى، ساچتاراچخانا، موزدوزخانا ۋە كىريۇيۇشخانىلارمۇ بار. ئۇندىن باشقا يەنە ئۇزۇن كەتكەن نەرسە ساقلاش ئىشكاپلىرىمۇ تىزىلغان بولۇپ، ئۇ يەرلەرنى نەرسە-كېرەكلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىجارىگە ئېلىش مۇمكىن ئىدى.
ئەمما بۇ ياتاق بىنالىرىنىڭ قا’ئىدە-تۈزۈملىرى بەكلا چىڭ ئىدى. بۇ ئورۇن خېرىدارلىرىدىن قا’ئىدە-تۈزۈملەرگە قەتئىي بوي سۇنۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. يەنى كۈندۈزلىرى چوقۇم سىرتقا چىقىپ كېتىشلىرى كېرەك؛ كۆڭۈل ئېچىش يېرىدە پەقەت دامكا، شاخمات ۋە قەرت ئوينىشىغىلا رۇخسەت؛ ۋارقىراپ-جارقىراش ياكى ۋاراڭچۇرۇڭ قىلغۇچىلار چوقۇم سىرتقا چىقىپ كېتىشى كېرەك. مەيلى قاتتىق كۈلكە-چاخچاق قىلسۇن ياكى ۋارقىرىشىپ مۇنازىرە قىلىشسۇن، ئۇنداقلار بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىلاتتى؛ بۇ ئورۇندا ئۈزۈم شارابى ياكى پىۋا ئىچىشكە بولىدۇ (نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يەر ۋيېنانىڭ بىر يېرى-دە!)، ئەمما كۈچلۈك ھاراق ئىچىش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاممىۋى مۆلۈكلەر قەتئى ئاسىرىلىشى كېرەك (كارىۋات ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئۆرە تۇرۇشقا بولمايدۇ دېگەندەك). بۇ ئورۇندىكى خېرىدارلاردىن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىرىنىڭ سانى بەكلا ئاز؛ مۇتلەق كۆپ كىشىلەر تىرىشىپ ئۆز ئىشىنى قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەمىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۆتىدۇ.
ئادولف ھىتلېر 1910-يىلىنىڭ غېنىۋار (فىۋرال) ئېيىدا بۇ يىتىمچىلار ئورنىغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن (كۈنلۈكى يېرىم كرون بولۇپ، ئەگەر ھەپتىلىك تۆلىسە تېخىمۇ ئەرزان)، دورىلىنىپ يۇيۇنۇپ بىر كىچىك بۆلۈمگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ (ھازىرقى بار خېرىدارلارغا نىسبەتەن ئۈچىنچى قەۋەت ھېساپلىنىدۇ). گەرچە يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلىرى بۇ يەردىكىدىن ياخشىدەك قىلغىنى بىلەن، بۇ يەردىكى ساخاۋەتخانىنىڭ ئىشلىرى ئۇ يەردىكىدەك بەك سىستېمىلىق ئەمەس بولغاچقا، ئۆزىنى ئادەمدەك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.
بىر ھەپتىگە قالماي، ھىنرىك (汉尼希) مۇ مانھىيم (曼纳海姆) غا كېلىۋالىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ خىزمەتچىلىك قىلىشى ھەپتىسىگە تۆت كۈنلا ئىدى. شۇڭا ئۇ قايتىدىن ھىتلېرغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. ئۇنى يېزىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان بۆلۈمنىڭ دېرىزە تۈۋىدە ئولتارغۇزىدۇ. رەسىم سىزىشقا لازىملىق ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ بەرگەن ئىدى. ھىتلېر دەرھال تۇتۇش قىلىپ ئاتكىرتكا چوڭلىقىدا بىر قانچە پارچە رەسىم سىزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ رەسىم سىزىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولغىنى بىلەن، بەكلا ئەستايىدىل سىزاتتى. ئۇ رەسىمىدە ئادەتتە ۋيېنا مەنزىرىلىرىدىن رەسىملەرنى سىزاتتى.
سىزىلغان ئاتكىرتكىلارنى ھېنرىك (汉尼希) دەرھال كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرى بىلەن قاۋاقخانىلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ سېتىپ بولۇپ، كىرىمىنىڭ يېرىمىنى چۆنتىكىگە سالاتتى. ئەمما ئۇ، چوڭىراق رەسىملەرنىڭ تېخىمۇ قىممەت بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ قالىدۇ.
شۇڭا ئۇ، ھىتلېرغا مەخسۇس سۇ بوياق رەسىملىرىنى سىزغۇزىدۇ. رەسىملەر يەنىلا ۋيېنا مەنزىرىسى بولۇپ، كۈندە بىر پارچە سىزاتتى. بۇ رەسىملەر ئىككى پارچە ئاتكىرتكا چوڭلىقىدا ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ تاپقان كىرىمى، شۇنىڭدەك مانھېيىم (曼纳海姆) دىكى بىر قەدەر ياخشى شارا’ئىت بۇ ئىككى ياشنى زىمىستان سوغۇق ۋە يوقسۇزلۇق ئازاۋىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش بىلەنلا قالماي، ئاخشىمى ئاچقۇرساق يېتىشتىنمۇ قۇتۇلدۇرىدۇ. ھىتلىر چىنا بىلەن بىزەلگەن دۇشتا پاك-پاكىزە يۇيۇنۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن بەكلا خوشال ئىدى. ئۇنىڭ ئاران بىرلا قۇر كىيىمى بولغاچقا، مونچىغا چۈشكەن ۋاقتىدا نەچچە كۈندە بىر يۇيىۋالاتتى. گەرچە ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاز-تۇلا پۇل كۆرگەندەك قىلغىنى بىلەن بەرىبىر يېڭى كىيىم ئېلىشقا قۇرۇبى يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم يەنىلا شۇ دورىلىغاندا كىيگەنلىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچ-ساقاللىرىمۇ بەكلا ئۆسۈپ كەتكەن بولغاچقا، كۆرىنىشى يەنىلا ئاۋارە كۆرۈنۈشتە ئىدى.
ھىتلېر ئىسسىق ئۆيدە يېتىپ، تويغىدەك تاماق يەيدىغان شارا’ئىتقا ئېرىشكىنىدىن كېيىن قايتىدىن سىياسى ئىشلارغا قىزىقىشقا باشلايدۇ. ئۇ يېزىقچىلىق ئۆيىنى پات-پاتلا مۇنازىرە قىلىدىغان ۋە نۇتۇق سۆزلەش سورۇنىغا ئايلاندۇرىۋىتەتتى. بۇ بۆلۈم مانھېيىم (曼纳海姆) نىڭ بىلىملىكلەر تەبىقىسىنىڭ يېرى، يەنى ئەدەبىياتقا، مۇزىكىغا ۋە سەنئەتكە نىسبەتەن ئاز-تۇلا قىزىقىشى بولغان كىشىلەرنىڭ يىغىلىدىغان يېرى بولۇپ، بۇ يەرگە توپلىشىدىغانلار ئاداتتە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى 15~20 دەك زىيالىلار ئىدى.
ئاق كۆڭۈل ئىشچىلارمۇ بۇ يەرگە كىرىپ مۇنازىرىگە قاتنىشىپ قالاتتى. ئادولف، بۇ كىشىلەرنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىنى قاتتىق تەنقىتلەپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە بار بولغان نامراتلار كوچىسىدىكى كىشىلەرنىڭ غېمىنى قىلىپ قايناپ كېتەتتى. بۇ نۇتۇقلىرىنى (بەزىدە ئېغىر تىللار بىلەن بەسلىشىپ ھاقارەتلەشكىمۇ ئايلىنىپ كېتەتتى) بەزى ۋاقىتلاردا ئىش ۋاقتىدىمۇ سۆزلەپ كېتەتتى. ئەگەر بۇ بويتاقلار بىناسىنىڭ نېرقى ئۇچىدا بىرەر سىياسى مۇنازىرە باشلىنىپ كەتكەن بولسا، سىزىۋاتقان رەسىمىنى تاشلاپ بېرىپ قولىدا سىزغۇچ-چوتكىلىرى بىلەن كېلىپ مۇنازىرىگە قاتنىشىپ كېتەتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئەگەر ھېنرىك (汉尼希) رەسىم سېتىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىپ قالغىدەك بولسا ھىتلېرغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى رەسىم سىزىش ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىۋالاتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ھېنرىك (汉尼希) يوقلا بولىدىكەن، ئادولف دەرھال ئۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ قوشۇلىۋېلىپ سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ رەزىللىكلىرىنى پاش قىلىپ قايناشقا باشلايتتى ياكى كارل رۇگېر (卡尔•卢格) ئىسىملىق يەھۇدى دۈشمىنى بولغان خرىستىيان سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ داھىسىنى قوللاپ سۆزلەپ كېتەتتى. بۇ يەردە، ھىتلېر نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە كۆزقاراشلىرى بىلەن جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. بۇ ھەقتە ھېنرىك مۇنداق دەيدۇ: “ئۇ بىرلا ھەياجانلاندىمۇ-بولدى، ئۆزىنى پەقەتلا بېسىۋالالماي قالاتتى. ۋارقىراپ جارقىرىغىنىچە ئولتۇرالماي قالاتتى. ئەمما ئۇ ھاياجانى بېسىلغىنىدا باشقىچىلا بىرسىگە ئايلىنىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالغان بەكلا ئېغىر بېسىق ھالغا كېلەتتى.”
ئادولف سىياسەتكە بەكلا قىزىقاتتى. ئۇ پات-پات پارلامېنىت بىناسىنىڭ تۈۋەن پالاتا زالىغا بېرىۋېلىپ سا’ئەتلەپ ئولتۇرۇپ دىپوتاتلارنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاپ كېلەتتى. ئۇ يەردىكى ھەر تۈرلۈك مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قوياتتى. دېگەندەك، پارلامېنتتىكى بۇ تۈر مۇنازىرىلەر بەزىدە شۇنداق قىزغىن مۇنازىرىلەرگە ئايلىنىپ كېتەتتىكى، بەزىدە ھەرقايسى ئۆز ئانا تىللىرىدا ۋارقىراپ جارقىرىشىپ بىر-بىرسىنى ھاقارەت قىلىشقىدەك دەرىجىگىمۇ بېرىپ يېتەتتى. ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى قىرا’ئەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ۋارقىراپ نۇتۇق سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ ئەسلىدە پان گېرمانىزم ئەقىدىسىدىكىلەرنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئاتېيىزىملىق قاراشلىرىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا چۈشىرىۋالغانلىقىنى ئەيىپلەپ كېتەتتى.
شۇنداقتىمۇ مەيلى شەخسى سۆھبەتلەردە ياكى بايىقىدەك شىددەتلىك مۇنازىرىلەردە بولمىسۇن، ھېنرىك (汉尼希)، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى بىر گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ھىتلېر ھەرگىز يەھۇدىيلارغا قارشى بىرى ئەمەس دەپ چىڭ تۇرىدۇ. چۇنكى ئۇ، ھىتلېرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىسلىرى بىلەن ناخشا چولپانلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك يەھۇدىيلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. ھەتتا يەھۇدىيلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ يۈرىشىدىن بەكلا تەسىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا قارشى جاسارىتىمۇ ھىتلېرنى قايىل قىلاركەندۇق. بىر قېتىم ئۇ يەھۇدىي كاپىتالىستلىرىنىڭ ھايانكەشلىكىنى رەت قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسىدە قېلىشىچە، ھىتلېر بىرلا قېتىم يەھۇدىيلارغا قارشى نۇتۇق سۆزلەپ باققانىكەن. ئۇ قېتىمدىمۇ يەنىلا يەھۇدىيلارغا بەك ئېغىر تەگمىگەن ئىكەن. يەنى، بىرسى ئۇنىڭدىن بۇ دۆلەتتە يەھۇدىيلارنى نېمە ئۈچۈن يات كۆرىدۇ دەپ سۇ’ئال قويغىنىدا، ھىتلېر: ئۇلارنىڭ ئىرقى باشقا بولغانلىقى، باشقىچە پۇرايدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قارىشىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى ئېسىدە قالغان.
ئادولفنىڭ مانھېيىم (曼纳海姆) دىكى ۋاقتىدا ئەڭ يېقىن تونۇشلىرىدىن ئىككىسى يەھۇدىي بولۇپ، بىرسىنىڭ ئىسمى روبىنسون (鲁宾逊) دېگەن بىر كۆزلۈك ياغاچچى ئىدى. بۇ كىشى ھىتلېرغا دا’ئىم ياردەم قىلىپ تۇراتتى. يەنە بىرسى ۋېنگىر گۈزەلسەنئەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساتىدىغان بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى يوسىف نيۇمان (约瑟夫•纽曼) ئىدى. بۇ كىشى ھىتلېرنىڭ بەكلا يېلىڭ يۈرۈپ كېتىشىدىن ئىچى ئاغرىپ ئۇنىڭغا بىر پەلتو سوغا قىلغان. ھىتلېر بۇنىڭ ئۈچۈن نيۇمان (纽曼) غا چىن قەلبىدىن رەخمەت ئېيتقان. ھەتتا ئۇنىڭغا “ھەقىقى ئىنسان مانا مۇشۇنداق بولىشى كېرەك” دەپ باھا بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن رەسىم سېتىشىپ بېرىۋاتقان ئۇلاردىن باشقا ئۈچ نەپەر يەھۇدىينىمۇ بەكلا ھۆرمەتلەيتتىكەن. ھېنرىكقا (汉尼希) نۇرغۇن قېتىم ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىپ كېلىپ، “مەن يەنىلا يەھۇدىيلار بىلەن سودا قىلىشنى خالايمەن. چۇنكى ئۇلار تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقمايدىغان ئادەملەر” دېگەن.
ھىتلېر ئۆزىنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدىمۇ ۋيېنادىكى يەھۇدىلار “رەھىمسىز، رەزىل، بەدبەشىرە فاھىشە غوجايىنى” لا بولىدىكەن، مۇزىكا ۋە سەنئەت ساھەسىدە ساپلا يەھۇدىيلار باشقا چىقىۋالىدىغانلا بولىدىكەن، ئەڭ مۇھىمى سوتسىيال دېموكرات پارتىيىلەرنىڭ گېزىتلىرىنى “يەھۇدىيلارلا تېزگىنلەپ تۇرىۋالىدىكەن”، ئاندىن ئۇ يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋيېنادا، كىشىلەر تەشكىللىك ھالدا يەھۇدىيلارغا قارشى ئۆچمەنلىك تارقىتىپ كەلگەن بولۇپ، ياش ۋاقتىدىكى ھىتلېر ئەنە شۇنداق قىممىتى يوق كىتاپلارنىڭ كىتاپخانى بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق قاراشتا بولۇپ قالغان.
پاكىتلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ھىتلېر دا’ئىم دېگىدەك «شەرق يۇلتۇزى» دېگەن زھۇرنالنى ئوقۇپ تۇراتتىكەن. بۇ زھۇرنال لىنز (林嗣) دىكى فون رىبىنفورس (冯利本弗尔斯) دېگەن بىرسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان زھۇرنال بولۇپ، بۇ كىشى سىھىرلىك بىر نەزەرىيىچى ئىدى. ئۇنىڭ نەزەرىيىلىرى بىلەن قاراشلىرى ھېتلېرنىڭكى بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتەتتى. بۇ زھۇرنال ئىلاھشۇناسلىق بىلەن سېرىق ھىكايىلەرنى باسىدىغان بىر داشقايناق ئىدى. ئۇنىڭ نەشرىياتچىلىق پىرىنسىپى “ئىرق نەتىجىلىرىدىن ئەمەلىيەت ئۈچۈن پايدىلىنىش، ئىرق ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىرقىنى بۇلغۇنۇشتىن ساقلاش” ئىدى. بۇ زھۇرنالنىڭ ئىگىسى بولغان رىبىنفورس (利本弗尔斯) تىنماي چالۋاقاپ ئوتتۇرغا قويىدىغان تېمىسى “نېگىرلار بىلەن مەرەز، شالغۇت ئىرقلارنى تازىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارىيانلارنى دۇنياغا ھۆكۈمران ھالغا كەلتۈرۈش” دېيىش ئىدى. ئۇ قارا تەنلىكلەرنى ناچار ئىرققا مەنسۈپ ئادەملەر دەپ ھاقارەت قىلاتتى. ئەمما «شەرق يۇلتۇزى» زھۇرنىلىدا بولسا ئارىيان ئاياللىرى بۇ تۈردىكى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يۇڭ قاپلاپ كەتكەن گورېل مايمۇنىغا ئوخشايدىغان نەرسىلەر تەرىپىدىن جەلىپ قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ جىنىسى جەھەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ قىزىقتۇرۇلىشىغا باش ئېگىپ كەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى (فرې’ئۇد، ۋيېنادا بۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تارقىلىپ يۈرۈدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپسا ئىدى، ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق رەنجىگەن، بۇنداق قاراشلارغا قارىتا، بۇنداق يەھۇدى دۈشمەنلىكىنىڭ كەينىدە نەرسىسىنى كېسىپ تاشلاش قورقۇنچىسى يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن دېگەن بولار ئىدى. چۇنكى، يەھۇدىيلار سۈننەت قىلدۇرىدىغان ئادىتى بار خەلق). بۇ زھۇرنال ئىرق ئەۋزەللىكىنى داۋراڭ قىلىش بىلەن بىرگە، قورققانلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ تۇراتتى. بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ قويغان مۇنۇ باش تېمىسىغا قارىساقلا بۇنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن: “سەن سېرىق چاچ، كۆك كۆز، ئاق تەنلىق بىرسىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولساڭ، دېمەك، سەن مەدەنىيەت ياراتقۇچى، مەدەنىيەت ھىمايىچىسى بىرسى ھېساپلىنىسەن! سەن سېرىق چاچ، كۆك كۆز، ئاق تەنلىك بىرسىمۇ؟ ئۇنداقتا سەن تەھدىت ئاستىدىكى بىرسى ھېساپلىنىسەن!”
«شەرق يۇلتۇزى» زھۇرنىلى مۇشتىرلىرى ئارىسىدا يەھۇدىيلىققا قارشى پۈتمەس-تۈگىمەس ئىپتىدا’ئى قورقۇتۇشنى تەرغىپ قىلىشتا يەھۇدىيلار پۈتۈن پۇل مۇ’ئامىلىلىرىنى تېزگىنلىۋالغان، سەنئەت، تىياتىر ساھەلىرىدە كۈچلىنىۋالغان، ئۇلار خوتۇن-قىزلارنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىھىرلىك كۈچىگە ئىگە دېگەندەك گەپلەرنى ھەدەپ تەرغىپ قىلىپ كېلىدۇ. بۇ زھۇرنالدا ئېلان قىلىنغان سېرىق چاچلىق، كۆك كۆزلۈك قىزلارنىڭ نېگىرلارنىڭ قوچىقىغا چىقىۋالغاندەك سېرىق رەسىملەر ئادولفنى چوقۇم غەزەپلەندۈرۈپ قۇيقا چاچلىرىنى تىك تۇرغۇزىۋەتكەن بولىشى كېرەك! ئەمما شۇ كۈنلەرگىچە ھىتلېرنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىياللىرى تېخى ئەمەلى چۈشەنچە ھالغا كېلەلمىگەن، تېخى مۇھىم نوقتا ھالىغا كېلەلمىگەن بولغاچقا، يېڭى-يېڭى قاراشلىرىنىڭ، يېڭى تېمىلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىكى يەھۇدى دۈشمەنلىك قاراشلىرىمۇ ئاجىزلىشىپ بارىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ (汉夫施坦格尔) خانىمغا مۇنداق دەيدۇ: “مېنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكىم مېنىڭ شەخسى ئىشىم.” سىڭلىسى باۋرا (保拉) غىمۇ “رەسساملىق جەھەتتە مەغلوب بولۇشىمدىكى ئاساسى سەۋەپ، سەنئەت ئەسەرلىرىنى سېتىش ئىشلىرىنىڭ يەھۇدىيلار ئىلىكىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دەپ قارايمەن” دېگەن. ھىتلېرنىڭ ئۆزى دېگىنىدەك، ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ شەخسى ئىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىققان دېيىش مۇمكىن. بىز بۇ ھەقتە پەقەتلا بىر قىسىم پەرەزلەرنىلا قىلالىشىمىز مۇمكىن. يەنى ئۇنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكىم مېنىڭ شەخسى ئىشىم دېيىشىدىكى مەقسەت، مەلۇم بىر سەنئەت ئەسەرلىرى ئېلىپ-ساتارى ياكى قايسى بىر گۆرۆخانا خوجايىنىنى؛ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى قايسى بىر ئەمەلدارنى؛ ياكى بولمىسا بۇ تۈر كىشىلەر ئىپادىلىگەن ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى؛ ھەتتا ئۇنىڭ چوڭقۇر قەلبىگە يوشۇرۇنغان قايسى بىر ئىشنى كۆرسەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ۋە بەلكىم دوختۇر برۇك (布洛克) قا نىسبەتەن قانداقتۇ بىر ئۆچمەنلىك شەكىللىنىشكە باشلىغانلىدىنمۇ بۇنداق قاراشقا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بولىشىنىمۇ پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئاپىسى كلارا ئۆلۈپ كېيىنكى يىلى، ئۇ دوختۇرغا رەخمەت ئېيتىپ ئىۋەرتكەن يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش ئاتكىرتكىسىدا ئۇنىڭدا “سىزنىڭ ئاپامغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن” دەپ يازغانلىقىدىن قارىغاندا ئۇنىڭغا قارىتا بۇنداق بىر ئۆچمەنلىكنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىمالىنى يوق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئادەتتە يېقىنلىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكىنىدە گۇناھنى دوختۇرغا قويىدىغان ئۆچمەنلىكلەر كۆپ كۆرىلىدىغان ئەھۋال. بۇنى ئاز دەپ بۇ داۋالاشقا بىر يەھۇدىي دوختۇر چېتىلىپ قالغان، شۇنىڭدەك ئۇ دوختۇرنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ھەممە قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن خەتەرلىك بىر داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇنداق ئۆچمەنلىكنىمۇ يوق دەپ قارىيالمايمىز (كېيىنكى يىللاردا ئۇ دوختۇر كلارانىڭ داۋالىنىشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، يودىتلىق داۋالاش ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ ئاچماي يۇشۇرۇپ ئۆتىدۇ).
ھىتلېرنىڭ ۋيېنادىكى ۋاقىتلىرىنى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن ياش ۋاقىتلىرى دېيىش مۇمكىن. ئۇ بىر دوستىغا يازغان خېتىدە بۇنداق جىسمانى ئازاپلىنىش تەسىرىنى پەيدا قىلىشلارغا دارىتمىلاپ تۇرۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ (“ئۇزۇن پەرىجە كەيگەنلەرنى كۆرسەملا يىرگىنىپ كېتىمەن” دېيىشى)، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ دوختۇرغا ئۆچ ئىكەنلىكىگە يەنە بىر مىسال، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بولىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ: “… مەيدەمنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشى زەدەم قايناپ قالغانلىقىدىن بولغان ئىش بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن يەڭگىل تاماقلارنى يېيىش (مەسىلەن مىۋە-چىۋە، كۆكتات قاتارىدىكى) ئارقلىقلا ئوڭشىلىپ كېتىشىم مۇمكىن. بۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ دوختۇرغا يۈگىرەش ھاجەتسىز. دوختۇر دېگەننىڭغۇ ھەممىسىلا ئەقلى يوق كالۋا نەرسىلەر. مېنىڭچە، مېنى نېرۋا سىستېمىسىدا كاشىلىسى بار دېگىنىنىڭلا ئۆزى ئۇچىغا چىققان دۆتلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ ئاشقىزىنىمدىن باشقا يەرلىرىم پۈتۈنلەي ساق. قانداقلا بولمىسۇن، مەن قايتىدىن قولۇمغا چوتكامنى ئېلىپ رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ كىتەلىدىم. گەرچە ماي بوياق رەسىم ماڭا بەكلا تەس بىلىنگەندەك قىلسىمۇ رەسىم سىزالىغانلىقىمدىن ئۆزەمنى يەنىلا چەكسىز خوشال ھېس قىلىمەن. سەنمۇ بىلىسەن، ئاشۇرىۋەتتىڭ دەپ قالما، مېنى سەنئەت ئىنىستىتۇتقا رەسىم ئۆگۈنۈشكە قوبۇل قىلمىغانلىقى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەكلا چوڭ يوقۇتۇش ھېساپلىنىدۇ. ياكى تەغدىرىم مېنى باشقا ئىشلارغا ساقلاۋاتقانمىدۇ-يا؟”
(بۇ خەت، شۇنىڭدەك بۇ كىتابىمدا ئۇچىرايدىغان ھىتلېرغا مۇناسىۋەتلىك بەزى خەت-چەكلەر بىلەن باشقا بىر قىسىم ھۈججەتلەر ۋيېنادىكى دوختۇر جون فون مولۇن سۋېنخاۋسىن (约翰•冯•穆仑•施恩豪逊) نىڭ شەخسى ئارخىۋىدىن ئېلىنغان بولۇپ، راس-يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۇ دوختۇر بۇ ماتېرىياللارغا “ھ. ب. ب. خۇسۇسى ئارخىبى” دەپ ئات قويغان.)
1910-يىلى باھار ئايلىرىغا كەلگەندە، ھىتلېر سىياسىغا ۋە خەلقارا ۋەزىيەتكە ھەددىدىن ئارتۇق قىزىقىدىغان ھالغا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ ئەندى ھېنرىك (汉尼希) نىڭ بويرۇتمىلىرىنى سىزىپ پۈتتۈرۈشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغىدەك ھالغا كېلىدۇ. دوستى ئۇنى ئەيىپلىگىنىدە، بۇندىن كېيىن ئىشىمنى چوقۇم تىرىشىپ ئورۇندايمەن دەپ ۋەدە قىلسىمۇ، ھېنرىك (汉尼希) سىرتقا چىقىشى ھامانلا دەرھال قولىغا گېزىت-زھۇرناللارنى ئېلىۋالاتتى. گەرچە ئۇ رەسىم سىزىش ئىشىنى باشلىۋالغاندەك قىلسىمۇ، قايسى بىر مەسىلە ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەر يەنىلا ئۇنى جەلىپ قىلىۋېلىپ، قىلچە خوشياقمايدىغان ئۇ رەسىملەرنى جىم ئولتۇرۇپ سىزىشقا پەقەتلا كۆڭلى بارمايتتى. ئاخىرى ئۇ ھېنرىك (汉尼希) نىڭ كەينىگە كىرىۋېلىشىدىن زىرىكىپ، ياز ئايلىرى كىرىشى بىلەن تەڭ يەنە بىر يەھۇدىي دوستى، ۋېنگىر دوستى نيۇمان (纽曼) بىلەن بىرلىشىپ ئۇ ياتاقتىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ ئىككىسى گېرمانىيىگە بېرىپ تۇرۇپ قېلىش توغرىلىق كۆپ پىلان تۈزەشەتتى. شۇڭا، ئۇلار ئىككىسى بىرلىكتە ئۆز غايىلىرىنى دەپ يولغا چىقىدىغان بولىدۇ. ئەمما ۋيېنادىكى ئۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەر، بولۇپمۇ ئادولف بەكلا ياخشى كۆرىدىغان مۇزىيغا بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىشىنى توساپ تۇرىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇ ۋيېنادىن بىر قەدەممۇ ئايرىلالماي، بەش كۈندەك كۆڭۈل ئېچىپ ئويناپ يۈرىدۇ. ئاخىرىدا، يېنىدا بىر تىيىنمۇ پۇلى قالماي، 26-ئىيۇن كۈنىسى ئىلاجىسىز مانھېيىم (曼纳海姆) غا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ قىسقىغىنە ئىختىيارى ئايلىنىپ يۈرگىنى ئۇنى خېلىلا ئارام ئالدۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قايتا زىھنىنى قويۇپ رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تاپقان پۇلى ئارانلا بىر ھەپتىلىك خەجلەشكە يېتەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ھېنرىك 汉尼希 بىلەن بۇزۇلۇشۇپ ئايرىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر يەنە ئۆز بېشىغا يالغۇز قالىدۇ.
شۇ يىلى كۈزدە، ھىتلېر سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا كىرىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بېرىدۇ. ئۇ لىق بىر سومكا رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ خوف (霍夫) مۇزىيىدىكى پروفىسسور رىچېرنىڭ ئىشخانىسىغا بارىدۇ.
پروفىسسور رىچېر (里切尔) ھەر تۈرلۈك رەسىملەرنى ساقلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ھىتلېر ئۇنىڭدىن سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا كىرگۈزۈپ قويىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرۇپ باقىدۇ. گەرچە بۇ پروفىسسور ھىتلېرنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى بىناكارلىق نوقتىسىدىن ئالغاندا ئىنتايىن ياخشى سىزىلغان رەسىملەر ئىكەن دەپ ئېيتسىمۇ، ئۇنىڭ رەسىملىرى پروفىسورنى ئازىراقمۇ قىزىقتۇرالمايدۇ. ئادولف يەنە بىر قېتىم روھى چۈشكەن ھالدا مانھېيىم (曼纳海姆) غا قايتىپ كېلىپ داۋاملىق رەسىم سىزىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما ھېنرىك (汉尼希) تىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن سىزغان رەسىملىرىنى زادىلا ساتالمايدۇ. يېنىدا پۇلىمۇ قالمىغان، ئامال يوق ھاممىسى جونىيە (约翰娜婶婶) غا يالۋۇرماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا، يەنى شىپورتار (希皮塔耳) غا بارىدىغان بولىدۇ.
نەچچە يىل ئاۋال، ئۇ ئىككىسى قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىپ كىلىشەلمەي ئايرىلغان ئىدى. مانا ئەندى، ئۇ ئايال بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ قالغان ئەھۋالدا بولۇپ، بۇرۇن ھىتلېرغا شۇنچە قوپاللىق قىلغانلىقىدىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم ئىدى. 1-دېكابىر كۈنىسى، ئۇ يىغقان بارلىق پۇلىنى بانكىدىن ئېلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ پولى خېلىلا جىق پۇل ئىدى. يەنى ئۇنىڭ تىجىگەن پۇلى 3500 كرون بولۇپ، بۇ پۇلنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى بۇ نەۋرە (侄儿) بالىسىغا تاپشۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 1911-يىلىنىڭ باشلىرىدا ۋەسىيەتمۇ قالدۇرالماي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
ئانگىلا، ھاممىسىنىڭ مىراسىدىن ھىتلېر ئەڭ كۆپ ھەسسىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئادولفقا بېرىلىۋاتقان يىتىملار ياردەم پۇلىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىشىنى تەلەپ قىلىپ دەرھال لىنز سوتىغا ئەرز قىلىدۇ. ئانگىلانىڭ بۇ تەلىۋى ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق بىر تەلەپ ئىدى. چۇنكى ئۇ، يېڭىدىن تۇل قالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن بىرگە سىڭلىسى باۋرا (保拉) نىمۇ بېقىشى كېرەك ئىدى. ھىتلېر، ئا’ئىلە بېسىمى سەۋەبىدىنمۇ ياكى نومۇس قىلخانلىقىدىنمۇ ئەيتەۋىر، نەچچە يىلدىن بېرى تۇرمۇشىغا ياردەمچى كىرىم بولۇپ كېلىۋاتقان ئايلىق 25 كرونلۇق ياردەم پۇلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇنى ھەدىسىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولىدۇ. بۇ ئىش ئۈچۈن ئۆزى بىۋاستە لىنزغا بېرىپ يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە كىرىپ، “بۇندىن كېيىن ئۆزەمنى ئۆزەم بېقىپ كېتەلەيمەن، شۇڭا بارلىق يىتىملار ياردەم پۇلىنىڭ سىڭلىسىغا مەنسۈپ قىلىنىشىگە قوشۇلىمەن” دەپ بايانات بېرىدۇ. سوت مەھكىمىسى دەرھال مىروۋ (梅洛福) ئەپەندىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئادولفقا تەۋە ياردەم پۇلىنىڭ باۋرا (保拉) غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، بالىلارغا مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىمۇ ھىتلېردىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇ خەتتە ھىتلېر بۇندىن كېيىن ئۆزىگە بېرىلىۋاتقان يىتىملار ياردەم پۇلىغا ئېھتىياجى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن (شۇ چاغدا، مىروۋ (梅洛福) مۇ قىزىغا بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ، بۇ ئىشتا ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىش قىلدى دەيدۇ) ئىدى.
گەرچە ھىتلېرنىڭ بۇ ياردەم پۇلى بولمىغان تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدىكى تۇرمۇشىنى بويتاقلار ياتىقىدا يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى. شۇنىڭدەك يەنە، ھىتلېر بۇنچە پۇللۇق بولۇپ تۇرۇغلۇقمۇ يەنىلا بۇرۇنقى تۇرمۇش ئادىتىنى بۇزماي ساقلايدۇ. ئۇ يەنىلا ئۆزى تاماق ئېتىپ يەيتتى، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىمۇ يەنىلا شۇ بۇرۇنقى كونا كىيىملەر ئىدى. شۇڭا ئۇ ياتاق باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن پات-پاتلا رەنجىشىشىپ يۈرەتتى. ھىتلېر، ھاممىسىدىن مىراس ئالغان شۇنچە كۆپ پۇلنى تىياتىرخانىلاردا خەجلەپ تۈگىتىۋەتتىمۇ قانداق، بۇنىڭدىن زادىلا خەۋەر تاپالمىدۇق. ياكى ئۇ سەبداشلىرى بىلەن بىرگە تۈزۈشكەن پىلانلىرى ئۈچۈن خەجلىۋەتكەنمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمىز. ئەسلىدە، بۇ بويتاقلار ياتىقى تەۋەسىدە ياتقانلار ئارىسىدا مەيلى قانۇنلۇق، مەيلى قانۇنسىز بولسۇن، ياكى پۈتۈنلەي يامان ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدىغان ھادىسىلەر بەكلا كۆپ ئىدى. بەلكىم بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك ئاخماقانىلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا داۋراڭ قىلىپ يۈرۈپ بۇ پۇللىرىنى پۈتۈنلەي خەققە تاتتۇرۇپ قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. يەنە بىر ئېھتىمال، ئۇ پۇلىنى باشقا بىر يەرلەرگە يوشۇرۇپ قويۇپ، ئاز-ئازدىن ئېلىپ خەجلەپ يۈرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ھىتلېر، رەسسام بولىمەن دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ھەر دا’ئىم شۇنداق قىلاتتى.
ئادولف ئۆز ئالدىغا كۈن ئېلىش شارا’ئىتىغا ئېرىشكىنىدىن كېيىن، ھېلىقى تارچۇق ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ھېرىپ چارچاشقا قارىماي رەسىم سىزىش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. ھىتلېردا رەسمى بىر سەنئەتكار قىياپىتى نامايەن بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەمىرالىرىمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولغان ئىدى. ئۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە بەكلا ئەدەپلىك مۇ’ئامىلە قىلاتتى. ئۇ ھەر دا’ئىم ئىشچىلارغا ياردەم قىلىپ ياكى ئۇلارغا مەسلىھەتلەر بېرىپ يۈرەتتى. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ خەقنىڭ چىشىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلماي، ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشاتتى. ئەمما گەپ سىياسى ئىشلارغا بېرىپ تاقالدىمۇ-بولدى، دەرھال ھاياجانلىنىپ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كېتىشىگىمۇ پەرۋا قىلماي باش سىلكىپ، قولىنى شىلتىغىنىچە ۋارقىراپ-جارقىراپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ ھەردا’ئىم شۇنداق سۆزلەپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ياتاقتىكىلەرمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭدىن قېچىشقا باشلايدۇ. بىر كۈنىسى، ئادولف ئاشخانىدا تاماق قىلىۋاتقىنىدا ئىككى ھاممال ئىشچىنى رەنجىتىپ سالىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىككى ئىشچى سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئىشچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. شۇڭا ھىتلېر ئۇلارنى دۆت، ئاخماقلار دەپ قاتتىق ھاقارەتلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئاغزىنى بۇزۇپ سۆزلىشىنىڭ بەدىلى بەكلا ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدا تاياقتىن بىر مۇنەك ئىششىپ چىقىدۇ. قولىمۇ يارىلىنىپ يۈز-كۆزى ئىشىپ كۆكۈرۈپ، بۇرنىمۇ يېرىلىپ كېتىدۇ.
كوبېشىك 库比席克 بىلەن ھېنرىكتىن 汉尼希 كېيىن تونۇشقان بىر دوستى ھىتلېرنى ئاگاھلاندۇرغان ھالدا، “بۇ تاياق ساڭا قىلچىمۇ ناھەق بولمىدى. سەن پەقەتلا نەسىھەت كار قىلماس بىرسى ئىكەنسەن، بۇنداق كېتىۋەرسەڭ، ساڭا ھېچكىم يانتاياق بولمايدۇ.” دەيدۇ. بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، باش كۆتەرمەي بىر چىركاۋ رەسىمى سىزىۋاتقىنىدا، جونس گرىنا (约瑟夫•格莱纳) ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئاجايىپ خىيالپەرەس بىر يىگىت ئىدى. ھىتلېر بىلەن پات-پاتلا سا’ئەتلەپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ كېتەتتى. ئۇلار ئىككىسى بەكلا كەڭ دا’ئىرىلەر بويىچە مۇڭدىشىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئىقتىسات توغرىسىدا، دىن توغرىسىدا، ھەتتا ئاسترونومىيەدىن تارتىپ ئىلاھىيەتشۇناسلىقلارغىچە كېڭىيىپ كېتەتتى. ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ ئادەملەرنىڭ بەكلا ئاسان ئالدىنىپ يۈرىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىمۇ كەڭ دا’ئىرىدە تالاش-تارتىش قىلىشاتتى. مەسىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پاراڭلىرىدىن بىرسى گېزىتتا ئېلان بېرىلگەن بىر رېكلام ئۈستىدە بولىدۇ. بۇ ئېلاندا يەرگە تەككىدەك ئۇزۇن چاچلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا “بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاننا سراش (安娜•西拉希)، ئۇنىڭ خۇددى دوناي دەرياسىدەك ئۇزۇن سوزۇلۇپ تاپىنىغىچە چۈشىدىغان چىرايلىق چاچلىرى بار. بۇ گۈزەل چاچ قانداق ئۆسۈپ چىققانلىقىغا قىزىقامسىز؟ بۇ چاچ، مېنىڭ كەشىپ قىلغان بىر خىل چاچ مېيىنى قوللىنىپ بۇ ھالغا كەلگەن. ئەگەر بۇنداق بىر چاچقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار بولسا ئېلاندىكى بۇ قىزغا خەت يېزىڭلار. سىلەرگە ھەقسىز چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى بىلەن بىر پارچە رەخمەت خېتى ئىۋەرتىلىدۇ.” دېگەنلەر يېزىلغان ئىدى.
“مانا بۇ مەن دېمەكچى بولغان رېكلام. – دەيدۇ ھىتلېر. گرىينا نىڭ دېيىشىچە، ھىتلېر – تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ دۇنيادا بۇنداق يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدىغانلا ئادەم تېپىلىدىكەن چوقۇم تەشۋىقاتتىن زېرىكمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى” دەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا توختىلىپ كېلىپ، تەشۋىقات دېگەن بۇ نەرسە، ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى گۇمانلىنىشلارنى ئالا قويماي سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنى سادىق ئىشەنگۈچىلەردىن بىرسى ھالىغا كەلتۈرەلەيدىكەن، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەنمۇ ئەڭ ئاخماقانە بىر نەرسىنى، مەسىلەن ئەينەكنى ئۇرۇپ چاققىلى بولمايدىغان قىلىۋىتەلەيدىغان مەلھەم كەشىپ قىلدىم دەپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن خېرىدار تاپالىشىم مۇمكىن، دەيدۇ.
“تەشۋىقات ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش ئىكەن. تەشۋىق قىلىش ئارقىلىقلا ھەممىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىكەن.”
1911-يىلىنىڭ قالغان قىسمىدا ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىل ئىچىدە ھىتلېر ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالغا كېلىدۇ. ئۇ ئەندى باشقىلار بىلەن قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان تۈگىمەس تالاش-تارتىشلارغا ئالدىراپ كىرىشمەيدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا رەسىم سىزىش بىلەنلا مەشغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ رەسىم سەۋىيىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ بارماقتا ئىدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ سىزغان سۇ بوياق رەسىمى «ۋيېنا مىنوكتا چىركاۋى» (明诺科特) دېگەن رەسىمى ھەقىقەتەنمۇ ھەممە تەرەپتىن ماختاشقا ئەرزىگىدەك بىر رەسىم بولۇپ، بىر ھېساپتا ئۇنى رەسمى فوتوگراپ رەسىمى دېيىشكە بولاتتى. تېخنىكا نوقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ رەسىمنى مەخسۇس كەسىپ ئەھلىنىڭ قولىدىن چىققان بىر رەسىم دېيىشكىلا بولاتتى. ئۇ رەسىم ھەقىقەتەنمۇ قالتىس سىزىلغان ئىدى. ئەمما بۇ رەسىمنى سىزغان ئادەم ھېچقاچان رەسىم سىزىش تەلىمى كۆرمىگەن ئاددى بىر ياش ئىدى. بىنا رەسىملىرىنى سىزىشتا ھىتلېرنى ھەقىقەتەنمۇ تالانتلىق بىرسى دېيىشكە بولاتتى. ئەمما ئادەم رەسىمىنى سىزىشقا توغرا كەلگەندە ئۇنىڭ قابىلىيىتى بولماي قالاتتى. ئەگەر رەسىم ئۈستىگە بىرەر ئادەم رەسىمى قويۇشقا توغرا كېلىشى بىلەن، بۇ ئادەمنى پەقەتلا كىلىشتۈرەلمەي، نىسبىتىنىمۇ بۇزىۋىتەتتى. ئۇنىڭ بىر مۇنچە رەسىمىنى سەنئەت قىممىتى بەك يوقۇرى بولمىسىمۇ يەنىلا چىرايلىق دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىدىن قارايدىغان بولساق، ھىتلېردا ھەقىقەتەنمۇ رەسساملىق قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما تەربىيىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. قىسقىسى، ھىتلېرنى بىر سەنئەتكار دېگەندىن كۆرە ئۇنى ئۇستا بىر تېخنىك دەپ قاراشقا بولاتتى. يەنى ئۇنى بىر رەسسامغا ئەمەس بەلكى بىر بىناكارغا ئوخشىتىش مۇمكىن ئىدى. 1912-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ قېرىنداشتا سىزغان رەسىملىرىمۇ ئالاھىدە ياخشىلىنىپ، سۇ بوياق رەسىم سىزىش سەۋىيىسىمۇ خېلىلا يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى، ماي بوياق رەسىم سىزىشى ئەڭ ياخشى ئىدى.
ئۇ تىنماي سىزاتتى. ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرى ياكوب ئاردىنبۇرگ 雅各布•阿尔登伯格 ۋە باشقا رەسىم سودىگەرلىرى تەرىپىدىن سېتىلىپ تۇراتتى. ئەندى ئۇ ئۆزىنىڭ رەسساملىق جەھەتتىكى قابىلىيىتىدىن غەم قىلماس ھالغا كېلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەمىرالىرى ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىۋېلىپ سىزغان رەسىملىرىنى ماختىشىپ كېتەتتى. ھىتلېر بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلارغا كىچىك پىيىللىق بىلەن مەن بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن، مەن تېخى رەسساملىق ساۋادىنى تولۇق ئىگەللىگىنىم يوق دەيتتى. ئۇنىڭ ئويىچە، ئۇنىڭدىكى ئەسلى تالانت، بىناكارلىقتا يوشۇرۇنغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ بەزى يېقىنلىرىغا مەن رەسىمنى پۇل ئۈچۈنلا سىزىپ يۈردۈم، ئەسلىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم بىنا رەسىملىرى، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى سەل ياخشىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىياپىتىدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ كىيىم-كىچىكى بەكلا كونا بولغىنى بىلەن، بۇرۇنقىسىدىن كۆپ پاكىز، رەتلىك ئىدى. ساقىلىنىمۇ چۈشەرتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئەندىلىكتە ئادەمدەك ياشاشقا باشلىغان ئىدى. ھەتتا بويتاقلار ياتىقىنىڭ مەسئولىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكىدەك بولغان ئىدى. “بۇنداق شەرەپكە ياتاقتىكىلەر ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيتتى.”
ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرىشىمۇ كۆپ ئۆزگەرگەن ئىدى. گەرچە ئۇ تىنماي سىياسى مۇنازىرە قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە مۇھىم تەجرىبە-ساۋاق ئالغان ئىدى. “مەن ئۇ يەردە كىشىلەر ھەر قانچە سەۋىيىسىز گەپ قىلىشسىمۇ ئاز گەپ قىلىپ كۆپىرەك ئاڭلاپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.” دەيدۇ. ئۇ، ئۆزىگە دۈشمەن كۆپەيتىۋېلىش بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
ھىتلېرنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى كۆرسىتىدىغان يەرلىرىدىن بىرسى، ئۇنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئورنىنىڭ ھېچ كىم تەرىپىدىن ئىگەللەنمەيدىغان ھالغا كەلگەنلىكىدىنلا كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ دېرىزە تۈۋىدىكى ئورنىغا ھېچ كىم يېقىن يولىمايتتى. ئەگەر يېڭىدىن كەلگەنلەردىن بىرەرسى بۇ ئورۇنغا ئولتۇرماقچى بولغىنىدا، چوقۇم بىرسى كېلىپ “ئۇ ئورۇننىڭ ئىگىسى بار، ئۇ يەر ھىتلېر ئەپەندىگە تەۋە ئورۇن.” دەپ جېكىلەپ قوياتتى. يېڭى كىرگەنلەردىن كارل ھېنىرىچ (卡尔•霍尼希) ئىسىملىك بىرسى ھىتلېرنىڭ ھېچ كىمگە ئوخشىمايدىغان ئالاھە بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى دەرھاللا پەرق قىلىدۇ. “ئۇ كۈنلەردە، بىز ھەممىمىز ھېچ نېمىنى چۈشەنمەي كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈرەتتۇق. … ئارىمىزدا پەقەت ھىتلېرلا ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان ئادەم ئىدى.” دەيدۇ. ھىتلېر، بۇ يېڭى مىھمانغا، سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا كىرىش تەلىۋىم رەت قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇزۇنغا قالماي مىيونخېنغا بېرىپ بۇ مەقسىدىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، دەپ ئېيتقان.
بۇ قىرا’ئەتخانىدا، ھىتلېر بىلىمى بار كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بىرسى ھېساپلىناتتى. ھېنىرىچ (霍尼希) بۇ ھەقتە ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ ھەركۈنى شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇيتتى. بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ شۇ ئورۇندا كۆرۈنمەي قېلىشىنى ئۇچرىتالمايتتۇق. ئۇ رەسىم سىزىشقا ماڭغان ۋاقىتلىرىدىلا بۇ ئورۇن قىسقا بىر ۋاقىت ئۈچۈن بوش قالاتتى. ئۇنىڭ مىجەزىمۇ بەكلا غەلىتە ئىدى. ئومۇمەن ئالغاندا، ھىتلېر كىشىلەرگە بەكلا سىلىق مۇ’ئامىلە قىلاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا ئامىراق ئىدى. ئۇ ئۆزىدەك مۈشكۈل تەغدىرگە دۇچار بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر تۈرلۈك قىزىقىش بىلەن مۇ’ئامىلە قىلاتتى.” گەرچە ھىتلېر كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدىغاندەك قىلسىمۇ، ھېينرىچ (霍尼希) بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلە مەلۇم دا’ئىرىلىك مۇناسىۋەت بىلەنلا چەكلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى دەپ كېلىپ: “ھېچ كىم ئۇنىڭدىن پايدا ئۈندۈرىۋالاي دېمەيتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ھىتلېر ھەرگىزمۇ مەغرۇرلىنىپ كېتىدىغان، ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشكە ئۇرۇنىدىغان بىرسى ئەمەس ئىدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ قەلبى بەكلا يۇمشاق، كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرسى ئىدى. ئەگەر بىرەرسى 50 تەڭگە پۇلغا ئېھتىياجى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىمۇ بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاچ قالغىدەك قىلسىمۇ رازى ئىدى. بىر قېتىم ئۇ شەپكىسىنى گۆرۆگە قويۇپ بولسىمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم.” دەيدۇ
ئادەتتىكىچە سىياسى مۇنازىرىلەردە، ھىتلېر رەسىم سىزىشتىن توختىماي تۇرۇپ ئارىلاپ گەپ قىستۇرۇپ قوياتتى. ئەگەر بىرەر قىزىلپاچاق، بىرەر ئىيسا جەمىيەت ئەزاسى ئوتتۇرغا چىقىپ قالغانلىقىنى كۆردىمۇ-بولدى، ئۇنداق بىرسى بىلەن تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلىپ، قاتتىق زەردە بىلەن سۆزلەپ كېتەتتى. ئاندىن قولىنى شىلتىغىنىچە ئورنىغا قايتىپ بېرىپ، “ئىسىت، سېنىڭدەك بىرسى بىلەن تاكالىشىمەن دېيىش ھەقىقەتەنمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش بولىدىكەن. ساڭا پەقەتلا گەپ ئۆتمەيدىكەن” دېگىنىچە رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ كېتەتتى.
مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ھىتلېر ۋيېنالىقلار ۋە ئۇ يەردىكى تۆۋەن قاتلام كىشىلىرى بىلەن ئىچ قويۇن، تاش قويۇن بولۇپ يۈردى. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن مەلۇماتلارغا، نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىغا نىسبەتەن باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلىگەن ئىدى. ئەندى ئۇنىڭغا ۋيېنادا ئۆگەنگىدەك تۈزۈك بىر نېمە قالمىغان دېيىشكە بولاتتى. يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان، ئۇنىڭ قەلبى گېرمانىيە دېگەن بۇ “ۋەتەن” گە تەلپۈنۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىدا، ئەينەك رامكىغا ئېلىنغان مۇنداق بىر شۇ’ئار بار ئىدى:
بىزنىڭ ئەركىنلىك يولىمىز پارلاق. ئىشەنچىمىز پۈتۈن.
بىز ۋەتەنگە تەلپۈنىمىز! ياشىسۇن ۋەتەن!
ھابىسبۇۋرۇكلارنىڭ بۇ سىھىرلىك پايتەختىدە، ئۇ بەش يېرىم يىللىق سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كۆچۈردى. بۇ جەرياندا ھىتلېر ۋىيېنانى ھەم ياخشى كۆردى ھەم ئۇنىڭدىن نەپرەتلەندى. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇ بىر پەردىلىك كەچۈرمىشىنى “ۋيېنا ئوقۇش ئۈچۈن تارتقان جاپالىق كۈنلىرىم” دەپ نام بېرىش مۇمكىن ئىدى. ئۇ، بۇ دەرت-ئەلەملىك كۈنلەرنى “ھاياتىمدىكى ئەڭ پاجى’ئەلىك كۈنلىرىم” دېيىش ئارقىلىق، ئۇ يەردە ئالغان بىلىملىرىنى ھەر قانداق ئالى مەكتەپتىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا ئۇ، “بۇ يەردىكى ھاياتىم مېنىڭ ئەڭ جاپالىق، ئەڭ مۇكەممەل مەكتەپ ھاياتىم ھېساپلىنىدۇ” دەيدۇ.
1913-يىلى 24-مايدا، ھىتلېر پۈتۈن مۈلكى سىغدۇرۇلغان كونا بىر تاغارنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ، بويتاقلار ياتىقى ئورنىنىڭ قوش قاناتلىق دەرۋازىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چىقىدۇ. بۇ ۋاقىت ھەققىدە ئەسلەپ ھېنرىك (汉尼希) مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەممىمىز قاتتىق مەيۈسلەندۇق. “بىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر سەبدىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان، ھەممىگە ياردەم قىلىشقا تىرىشىدىغان بىرسى ئىدى.”
ئادولف ھىتلېر ۋيېنادىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن مىيونخېنغا قاراپ سەپەر قىلغان ئىدى. “بۇ شەھەرگە كىرىپ كەلگىنىمدە تېخى ياش بىر يىگىت ئىدىم. ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىمدا بولسا رەسمى بىر ئادەم بولۇپ يېتىشكەن ئىدىم. مەن ۋيېنادا ئۆزىنى تۇتىۋالغان بىرسىگە ئايلانغان ئىدىم. ئۇ يەردە مېنىڭ پەلسەپەلىك قاراشلىرىم، بولۇپمۇ سىياسى قاراشلىرىم دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلىنى سېلىئىشقا باشلىغان قاراشلىرىمنى ھەرگىزمۇ تاشلىمىدىم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەقەت ئۇلارنى تولۇقلاش بىلەنلا ئۆتتۈم.” دەيدۇ ھىتلېر تەرجىمىھال كىتاۋىدا.
ھىتلېر ھېلىقى بويتاقلار ياتىقىدا ساق ئۈچ يىل ئۈچ يېرىم ئاي ياتىدۇ. ئۇ يەر ئۇنىڭ ئا’ئىلىسىگە، ئۇنىڭ سېغىنىدىغان ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدىكى مەنزىرىنى ھېنرىك (汉尼希) مەڭگۈ ئۇنىتالمايتتى. ئۇ، ھىتلېر بىر ھەمىرايى بىلەن (ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ھىتلېر بىلەن بىرگە كېتىۋاتقان ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئېسىگە كەلتۈرەلمىدى) بىرلىكتە پىيادە سەپەرگە ئاتلانغان ۋاقتىدىكى كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولغان ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭ بىرلىكتە يولغا چىققان ھەمرايى ئەگەر يەھۇدىيلاردىن بولغان يوسىف نيۇمان (约瑟夫•纽曼) بولغىنىدا (ئۇمۇ ئۇزۇندىن بېرى ئىمپىرىيە تۇپراقلىرىغا كۆچۈپ كېتىشنى نىيەت قىلىپ يۈرگەن بىئېسى ئىدى)، بۇ ئىش ھىتلېر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شاڭخو بولۇپ ھېساپلىناتتى. |
|