- تىزىملاتقان
- 2012-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1682
- نادىر
- 1
- يازما
- 68
ئۆسۈش
68.2%
|
ئۈچىنچى باب
خوشاللىقتىن يايراپ كېتىش
1913.5~1918.12
(2)
ھىتلېر 7-ئۆكتەبىر كۈنىسى پوپ (波普) ئەر-خوتۇنغا، تۇرىۋاتقان ھەربى قىسىمىنىڭ مىيونخېندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، ئۆي غوجايىنى ئەپەندىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە، ئەگەر جەڭدە ئۆلۈپ كەتسەم، سىڭلىمغا خەت يېزىپ خەۋەر قىلىپ قويارسىز، بەلكىم ئۇ يوق ھېساۋىدا بولسىمۇ مېنىڭ بەزى نەرسىلىرىمنى خاتىرە ئۈچۈن بولسىمۇ ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئېلىشنى خالىمىسا سىزلەردە قالسۇن دەپ ئۆتۈنىدۇ. ھىتلېر ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىككى بالىسىنى قۇچاغلاپ سۈيۈپ خوشلىشىۋاتقىنىدا، پوپ (波普) خانىم رەسمىلا ئۈن چىقىرىپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇچاغلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، ھىتلېر كەينىگە بۇرۇلۇپلا يۈگەرگىنىچە كېتىپ قالىدۇ. ئەتىسى، 16-پىيادىلار پولكى پادىشا مۇھاپىزەتچىلەر پولكىغا بېرىپ، داغدۇغىلىق سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
ئەسكەرلەر ئۈچىنچى لودىۋىك (路德维希) ئالدىدا ئۇنىڭغا ۋە گېرمانىيە پادىشاھى ۋېلھىلم (威廉) غا سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلىشىدۇ. ئاندىن، ھىتلېر بىلەن بىرگە بىر قانچە ئاۋىسترىيىلىك ئەسكەر ئايرىلىپ ئۆز پادىشاھى بولغان ئاۋىسترىيە خانى فرانشىز جوسف (弗朗兹•约瑟夫) غا ساداقەت قەسىمى قىلىشىدۇ. ھىتلېرنىڭ شۇ قېتىمقى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان مۇراسىمدىكى تەسىراتى توغرىلىق بار بولغان بىردىن-بىر خاتىرىگە قارىغاندا، ھىتلېر سەپداشلىرىغا مۇنداق دېگەن: “8-ئۆكتەبىر كۈنىنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتالمايمەن، چۈنكى، مەن شۇ كۈنىسى ئىككى تال قاتلىما نانغا ئېرىشتىم، شۇنىڭدەك يەنە مەززىلىك چۈشلۈك تاماق يېگەن بولدۇم. ئۇ تاماقتا مەززە قىلىپ توڭگۇز گۆش قوردىقى بىلەن سوغۇق سالات يىيەلىگەن ئىدىم.”
ئەتىسى سەھەردە، 16-پىيادىلەر پولكى مىيونخېندىن يولغا چىقىپ، 40 كىلومېتر يىراقتىكى رىسفىرد (勒希菲尔德) گازارمىسىغا قاراپ ئاتلىنىدۇ. ئەسكەرلەر يۈكتاقىلىرىنى ئۆشنىسىگە ئېلىپ، ئون بىر سا’ئەتلىك جاپالىق ھەربى يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ھەربى يۈرۈشتە چىلەكتە قويغاندەك يامغۇردا پاتقاق كېچىپ ئاساسەن پىيادە يول يۈرىدۇ. “گازارمىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن بىر ئات ئېغىلىدا ياتتىم. – دەپ يازىدۇ ئادولف، (波普) خانىمىغا يازغان خېتىدە، − كىيىم-كىچەكلىرىمىز چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، كېچىچە كۆزۈمگە پەقەتلا ئۇيقۇ كەلمىدى.” ئەتىسى يەكشەنبە ئىدى. ئۇلار يەنە 13 سا’ئەتلىك جىددى ھەربى يۈرۈشى قىلىپ، ئاخشىمى ئوچۇق دالىدا چۈشكۈن قىلىشىدۇ. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئەسكەرلەر يەنە بىر كېچىنى ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۇلار دۈشەنبە چۈشتىن كېيىنلا ئاندىن نىشانغا يېتىپ بارىدۇ. گەرچە ئەسكەرلەر ھارغىنلىقتىن تۇرغان يېرىدىلا يېتىپ قالغىدەك چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان فرانسۇز ئەسىرلىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن مەغرۇر قەدەملەر بىلەن مەشكە دەسسەپ گازارمىغا كىرىپ كېتىشىدۇ. بۇ گازارمىدا ئۆتكۈزگەن بەش كۈن، ئۇنىڭ كۆرگەن ئەڭ جاپالىق كۈنلىرىدىن بىرى ھېساپلىناتتى. “بەكلا ئۇزۇن مەشق قىلدۇق. ئاخشىمى بېرىگادىنىڭ مەشىق قىلىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە ھەربى يۈرۈشى قىلدۇق. پولكىمىز يەنە بىر پولك بىلەن بىرلىشىپ يېڭى بىر بېرىگادا تەشكىل قىلغان ئىدى.” بۇ ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىلا بىرلىشىشنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى ئىدى. يېڭى ئەسكەرلەر تۇلا مەشىق قىلىپ چارچاپ ھالىدىن كەتكىدەك ھېرىپ كەتكەن بولىشىغا قارىماي، ھىتلېر 20-ئۆكتەبىر كۈنىسى بوش ۋاقىت چىقىرىپ پوپ (波普) خانىمغا خەت يازىدۇ. ئۇ خېتىدە “بىز بۈگۈن ئاخشام ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدىغان بولدۇق، … بۇنىڭدىن شۇنداق خوشالمەنكى، خوشاللىقىمدىن يېرىلىپ كەتكىدەك بولۇپ كەتتىم، … مەن سىزگە نىشانغا بارا-بارمايلا قايتا خەت يازىمەن. شۇ چاغدا ئادرىسىمنى سىزگە ئىۋەرتىمەن. شۇ يۈرۈشىمىز بىلەن ئەنگىلىيىگىچە بارالىشىمىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم.” دەپ يازىدۇ. شۇ ئاخشىمى بۇ يېڭى ئەسكەرلەر پويىز بىلەن يولغا چىقىدۇ. ئاۋىسترىيىلىك بۇ چوڭ ۋەتەنپەرۋەر ئادولف ھىتلېرمۇ ئاخىرى گېرمانىيە ئۈچۈن جەڭ قىلىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.
ئادولف بىلەن سەپداشلىرى پويىز ئارقىلىق يولغا چىقىرىلغاندا، بېرىگادىنىڭ بىر ئوفىسسېرى، فلىز ۋېدمان (弗里兹•魏德曼) دېگەن كەسىپى ھەربى بىرسى بۇ يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ھاياجانغا تولغان بۇ ھالىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. بۇ پولكنىڭ پولكوۋنىكى ئۇزۇن يىل مابەينىدە ھەربى سەپتە بولۇپ باقمىغان بىرسى بولغاچقا، ھەرقايسى روتىلار زاپاس ئوپىسسېرلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئالدىراش ھەربى تەلىم ئالغان ساپلا يېڭى ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. پولكتا پىلىموتنىڭمۇ تايىنى يوق، قىسىمنىڭ تېلېفونلىرىمۇ بۇرۇنقى نيۇرېنبېرگ شىركەتلىرىدىن بىرسىنىڭ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ياسىغان كونا تېلېپونلار ئىدى. ئەسكەرلەردە مىس قالپاقمۇ يوق ئىدى. ئۇلار ئالدىنقى سەپتە كېيىشىگە كىلىيونكا شەپكىلا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى خۇددى 1812~1813-يىللاردىكى ئازاتلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان پىدا’ئىلارغىلا ئوخشايتتى. بۇ بېرىگادىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئۇلارنىڭ قۇرال-ياراق جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى ئۇنتۇلدۇرىۋەتكەندەك قىلاتتى. ۋاگۇنلار بىكەتتىن قوزغىلىپ مېڭىشىدا ئەسكەرلەر خوشاللىقىدىن ناخشا توۋلىشاتتى. ئۇلار خۇددى چوڭ بىر كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇلار قەھرىمانلارچە جەڭ قىلسا ئۇرۇش بىر قانچە ھەپتىدىلا ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل بايرىمىدىن بۇرۇن غەلىبە قازىنىپ ئۆيلىرىگە قايتالايدىغاندە ئويلىسا كېرەك؟ ئەسكەرلەرنىڭ بۇ خوشاللىقىغا گەپ كەتمەيتتى.
گۈگۈم چۈشىشى بىلەن تەڭ، ھىتلېر ئولتۇرغان پويىز رېيىن دەرياسى بويلىرىغا يېتىپ كېلىپ دەريا بويلاپ تولغۇنۇپ يولىنى داۋام قىلىدۇ. باۋارىيىلىك ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رېيىن دەرياسىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئەتىگەن سەھەردە تۇمانلار ئىچىدىن شەپەق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا نېدىرۋارد (尼德瓦尔德) دا گېرمان ئىمپىرىيىسىنىڭ زەپىرىنى خاتىرلەپ تىكلەنگەن ھەيۋەتلىك خاتىرە مۇنارىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ خاتىرە مۇنارىسىنى كۆرگەن ۋاگونلاردىكى بارلىق ئەسكەرلەر ئۆزلىكىدىنلا «رېيىن قوغدىغۇچىلىرى» مارشىنى باشلىۋېتىدۇ.
شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ كېلىپ ھىتلېر مۇنداق دەيدۇ: “يۈرىكىم خوشاللىقتىن قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك گۈپۈلدەپ سوقماقتا ئىدى.”
ئارىدىن 8 كۈن ئۆتكەندە، ھىتلېر تۇرىۋاتقان روتا ئەيپرۇس (伊普列斯) ئەتراپىدىكى جەڭگە قاتنىشىدۇ. ئەسكەرلەر ئەتىگەنلىك تۇمان ئىچىدە قورشاۋدا قالغان قىسىملارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلگىنىدە، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى بىلەن بىلىگىيە قوشۇنلىرىنىڭ سىنارىيەت ئوقلىرى ئۇدۇلدىكى ئورمانلىق ئىچىدە شىددەتلىك پارتىلىماقتا ئىدى. “شۇ چاغدا، كەينى كەينىدىن ئېتىلىۋاتقان توپ ئوقلىرى ئۈستىمىزدىن غۇيۇلداپ ئۆتكىنىچە ئورمانلىق ئەتىراپىغا چۈشۈپ پارتىلىماقتا، دەرەخلەر خۇددى بىر تۇتام ئوتقا ئوخشاش تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرلۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشمەكتە ئىدى.” مىيونخېنلىق مۇ’ئاۋىن سوتچى بىر تونىشى بولغان ئېرنست ھېنىرىچ (恩斯特•赫) قا يازغان خېتىدە ھىتلېر مۇنداق دەيدۇ: “بىز ئاكوپلاردا بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىپ ياتاتتۇق. بىز ئۇ ۋاقىتلاردا قانچىلىك ئېغىر خەتەر ئىچىدە تۇرغانلىقىمىزنى پەقەتلا ھېس قىلالمىغان ئىدۇق. شۇڭا ھېچقايسىمىزدا قورقۇش دېگەن نەرسە يوق ئىدى. ھەممىمىز “ئالغا” دېگەن بويرۇقنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ياتاتتۇق. … بىز ئۈزۈم تاللىرى بىلەن توسالغان ئورمانلىق بىر يەرگە تارقىلىپ جايلاشقان ئىدۇق. بېشىمىزدىن غۇيۇلداپ توپ ئوقلىرى ئۇچۇپ ئۆتۈپ تۇراتتى. ئەتىراپىمىزنى توپ ئوقىدا ئۆرىلىپ چۈشكەن دەرەخ ۋە شاخ-شۇمبىلار قاپلاپ كەتمەن ئىدى. توپ ئوقلىرى ئورمانلىقنى بويلاپ پارتىلاپ پۈتۈن ئەتىراپنى ئىس-تۈتەك قاپلاشقا باشلىدى، تاش-تۇپىلار ھەر تەرەپكە چېچىراشقا باشلىدى، شۇنچە يۇغان كونا دەرەخلەرمۇ يىتىزىدىن قومۇرۇلۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىدى. بىز بۇ ئاكوپلاردا يەرگە چاپلىشىپ يېتىپ بويرۇق كۈتۈشكە زادىلا تاقىتىمىز قالمىغان يوق ئىدى، ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈشنى خالايتتۇق.” ئاخىرى، نېمىس قوشۇنلىرى قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. “بىز ئۇدا تۆت قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولساقمۇ بولمىدى. ھەر قېتىمدا چېكىندۈرۈلدۇق. بىزنىڭ روتىدىكى ئەسكەرلەر بىر-بىرلەپ يېقىلىپ، ئاخىرى مەن ۋە يەنە بىر سەپدىشىملا ساق قالدۇق. كېيىن ئۇ ھەمرايىممۇ يېقىلىپ چۈشتى. بىر پاي ئوق كېلىپ مېنىڭ ئوڭ يېڭىمنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما ماڭا بىر نېمە بولمىغان ئىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇجىزە ئىدى. كېيىن بىز بەشىنچى قېتىملىق ھۇجۇمغا ئۆتتۇق. بۇ قېتىم بىز ئورمان بويلىرى بىلەن يېزىنى بېسىۋالدۇق.”
بۇ جەڭ ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. پولك كوماندىرى پولكوۋنىك ئۇرۇشتا قۇربان بولىدۇ. پودپولكوۋنىكمۇ ئېغىر ياردار بولغان ئىدى. ھىتلېر بۇ چاغدا پولك شىتاۋىنىڭ ئالاقىچىلىقىغا تاللانغان ئىدى. ئۇ شىددەتلىك توپ ئوقى ئارىسىدا ئۇ ئازگالدىن بۇ ئازگالغا، ئۇ ئاكوپتىن بۇ ئاكوپقا سەكرەپ يۈرۈپ ھەربى دوختۇردىن بىرنى تېپىپ كېلىدۇ، ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ مۇ’ئاۋىن پولك كوماندىرىنى جىددى قۇتقۇزۇش پونكىتى بار يەرگە سۆرەپ كېلىۋالىدۇ. ھىتلېرنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، يانىۋار ئوتتۇرلىرىدا 16-پىيادىلار پولكىدا ئارانلا 30 نەپەر ئوفىسسېر ساق قالغان بولۇپ، 700 دىنمۇ ئاز ئەسكەر ساق قالغان ئىكەن. ساق قالغان ئەسكەر سانى پولكنىڭ ئاران بەشتە بىرىگە تەڭ بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈش بويرىقى توختىماي كېلىپ تۇراتتىكەن. يېڭى پولك كوماندىرى پودپولكوۋنىك ئىنگىرخارد (恩格尔哈特) ، ھىتلېر بىلەن يەنە بىر ئەسكەرنىڭ ھەمرالىقىدا ئالدىنقى سەپكە كېلىپ دۈشمەن پوزىتسىيىلىرىنى كۈزىتىۋاتقىنىدا دۈشمەن تەرەپ سېزىپ قېلىپ، يامغۇردەك پىلىموت ئوقىغا تۇتۇشقا باشلايدۇ.
ئىككى ئەسكەر پولك كوماندىرىنىڭ يېنىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى خەندەك ئىچىگە تارتىپ چۈشىرىۋالىدۇ.
ئىنگىرخارد (恩格尔哈特) بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي بۇ ئىككى ئەسكەرنىڭ قولىنى ھاياجان بىلەن سىقىپ قويىدۇ. پولك كوماندىرى ئۇلار ئىككىسىگە قارا كىرىست مېدالى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، باشقىلار بىلەن مېدالىيون مۇكاپاتى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشىۋاتقان پەيتتە ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى ئاتقان توپ ئوقلىرىدىن بىرسى پولك شىتابى جايلاشقان چېدىرنىڭ نەق ئۈستىگە چۈشۈپ پارتىلايدۇ. 3 نەپەر كىشى شۇ ھامان جان بېرىدۇ. پولك كوماندىرى بىلەن قالغان كىشىلەر ئېغىر ياردارلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن بىر قانچە مىنوت ئاۋال، 4 نەپەر روتا كوماندىرى يىغىنغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھىتلېر بىلەن يەنە 3 نەپەر ئەسكەر ئۇلارنى تېپىپ كېلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋېلىپ شىتاپ جايلاشقان بۇ چېدىردىن چىقىپ كەتكەن بولغاچقا، ھىتلېر شۇ باھانىدا ساق قالغان ئىدى. بۇ ۋەقە، ھىتلېرنىڭ نۇرغۇن قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىش مۇجىزىلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. “ئۇ كۈنى ئۆمۈرۈم بويىچە كۆرگەن ئەڭ قورقۇنۇشلۇق بىر مەنزىرىنى كۆرگەن ئىدىم. – دەيدۇ ھىتلېر سودىيە دوستىغا يازغان خېتىدە، − بىز ھەممىمىز خۇددى تەڭرىگە ئىشەنگەندەك ئىنگىرخارد (恩格尔哈特) پولك كوماندىرىغا ئىشەنچ قىلاتتۇق.”
نېمىس قوشۇنلىرى ئىپرۇس (伊普列斯) نى ئوقۇشلۇق تۈردە قايتۇرۇپ ئېلىشى بىلەن ھۇجۇممۇ ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇشلار ئاكوپ ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پولك شىتاۋىدىكى ئادەملەرمۇ خېلىلا ئارام تېپىپ قالىدۇ. شۇ چاغدا، پولك شىتاۋى مىكىناس (梅辛纳斯) كەنتى يېنىدىكى بىر تېنچ يەرگە يۆتكىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھىتلېرمۇ رەسىم سىزىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ھىتلېر، رەسىم سىزىشقا كېرەكلىك نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى يېنىغا سېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە بىر قانچە پارچە سۇ بوياق رەسىمى سىزىدۇ. رەسىملىرىنىڭ بىرىدە مىكىناس (梅辛纳斯) كەنتىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئۇرۇش خارابىلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، يەنە بىرسىدە ۋېسكات (维斯切特) كەنتى ئەتراپىدىكى ئاكوپلار تەسۋىرلەنگەن. يېڭى پولكوۋنىكنىڭ كانىۋىيى ۋېدرمان (魏德曼) ھىتلېرغا باشقا بىر رەسىم ئىشىنى، يەنى ئوفىسسېرلار ئاشخانىسىنى بوياش (بۇ بىر كىچىك ئۆي بولۇپ، پولك تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا ئېلىۋالغان بىر پۇخرا ئۆيى ئىدى) ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ. بۇ تاماقخانىدا بىر پارچە رەسىم بار بولۇپ، رەسىمدە ئۆلگەن بىر ئەسكەر چېگرا سىملىرى ئۈستىدە ئارتىلغان پېتىچە ئۆلۈپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇ رەسىم ئاشخانا مۇھىتىغا بەكلا ماس كەلمەيتتى. ۋىدرمان (魏德曼) كانىۋاي پولك شىتابى ئىچىدىكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدىن بوياقچىلىق قىلالايدىغان بىرسىنى تېپىپ كىلىشى ئۈچۈن مېكس ئامن (梅克斯•阿曼) ئون بېشىغا بويرۇق قىلغان، بۇ ئون بېشىمۇ بۇ ئىشقا ھىتلېردىن باشقىسى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قاراپ ئۇنى چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.
ۋېدمان (魏德曼)، بۇ ئاشخانا ئۆيىنى زەڭگەر رەڭدە بوياش كېرەكمۇ ياكى قىزىل رەڭدە بويىغان ياخشىمۇ دەپ بىر قارارغا كېلەلمەي تۇراتتى. ھىتلېر كۈن نۇرى چۈشۈپ ئۆي ئىچى سۇس قىزىل بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆينى زەڭگەر رەڭدە بوياشنى مەسلىھەت قىلىدۇ. ھىتلېر دەرھال شۇتا، بوياق-چۆتكىلارنى تېپىپ كىرىپ ئۆينى بوياشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆي ئاقلىغاچ ۋېدمان (魏德曼) بىلەن پاراڭغا چۈشىدۇ. “مەن دەسلىۋىدە ئۇنىڭ كۆرۈنىشى پەقەتلا ئەسكەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شىۋىسىمۇ ئاۋىسترىيە شىۋىسىدە ئىكەنلىكىنى سەزگەن ئىدىم. – دەيدۇ كانىۋاي ۋېدمان 魏德曼، كېيىنچە، − ئەڭ مۇھىمى، ئۇ بەكلا ئەستايىدىل بىرسى ئىدى. دېمەك، بۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى بەكلا مول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى” دەيدۇ.
كاپىتان (魏德曼) بىلەن ئامن (阿曼) ئون بېشى ئىككىسى، ئوردىن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان كىشىلەرنىڭ تىزىمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
ئۇ ئىككىسى ھىتلېرغا بىرىنچى دەرىجىلىك قارا كىرىست ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاش قارارىغا كېلىشىدۇ. ئەمما ھىتلېر پولك شىتابىنىڭ ئادىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمىنى تىزىملىكنىڭ ئەڭ كەينىدە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇكاپاتلىنىدىغانلار تىزىملىكىدىن يوقۇرىدىن باشلاپ تاللاش ۋاقتىدا ئاخىرىدىكىلەر ئۆزلىكىدىنلا تەغدىرلىنىش تىزىمىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر ئىككىنچى دەرىجىلىك قارا كىرىست مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۇنىڭدىن ھىتلېر يەنىلا ئىنتايىن خوشال ئىدى. ئۇ ئىككى كۈن ئۆتكەندە پوپ (波普) خانىمىغا يازغان خېتىدە “بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ خوشاللىق كۈنلىرىم. ئەپسۇسكى مېدالغا ئېرىشىشكە تېگىشلىك سەپداشلىرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قۇربان بولۇپ كەتتى. – ھىتلېر بۇ خېتىدە بۇ قېتىمقى ئۇرۇش بايان قىلىنغان گېزىتنى ساقلاپ قويۇشىنى ئۆتۈنىدۇ، − ئەگەر ئۇلۇغ تەڭرىم ماڭا رەھىم قىلىپ ئۆلمەي قايتالىسام، ئۇ گېزىتنى خاتىرە قىلىپ ساقلىۋالماقچىمەن.” ئۇ يەنە ئون بېشىلىققا، يەنى ۋوزىۋود كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئايىقىنى چىگىپ قويىدىغان ئەسكەر دەيدىغان پەس كۆرۈش نامىدىنمۇ قۇتۇلۇپ، جەڭچىلەر تەپ تارتىپ ھۆرمەت قىلىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ.
مىيونخېندا ھەربىلىككە قاتناشقىنىدىن بېرى بالداقلىق ئەسكەر خانس مېندر (汉斯•孟德) ھىتلېرنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
مىيونخېندىكى ۋاقتىدا ئادولفنىڭ بەدىنى بەكلا ئاجىز بولۇپ، سومكىسىنىمۇ تەستە كۆتۈرۈپ يۈرەلەيتتى. مانا ئەندى، قولىدا مىلتىق، بېشىدا قىيپاش كىيىۋالغان مىس قالپاق، شاپ بۇرۇتلۇق، كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان، تىنماي ئۇياق-بۇياققا چېپىپلا يۈرىدىغان چەبدەس بىر جەڭچىگە ئايلانغان ئىدى. قالغان ئالاقىچى ئەسكەرلەر ئۇنى قاتتىق ھۆرمەت قىلىشاتتى. ئۇلار، ھىتلېرنىڭ ئاۋىسترىيىلىك بىر ئەسكەر تۇرۇغلۇق باۋارىيە قوشۇنى ئىچىدە شۇنچە خىيىم خەتەرگە قارىماي چېپىپ يۈرىشىگە زادىلا ئەقلى يەتمەيتتى. “ئۇ راستىنلا غەلىتە بىرسى، − دەيدۇ ئۇلاردىن بىرسى مېندر (孟德) غا، − مېنىڭچە ئۇ باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا شۇنداق ئاكتىپ ئىشلەپ يۈرەمدىكىن دەپ ئويلايمەن. بولمىسا ئۇ ياخشى ئادەمدەك قىلىدۇ” دەيدۇ.
گەرچە ئۇ سەپداشلىرىغا دا’ئىم دېگىدەك تاماكا چېكىش زىيانلىق، ھاراق ئىچىش ناچار ئادەت دەپ تىنماي تەربىيە بېرىپ كەلسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى يەنىلا “ئادولفىم” دەپ ياخشى كۆرەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردە ئۇنىڭچىلىك ئىشەنچىلىك باشقا بىرسىنىڭ يوقلىقى ئىدى. ئەگەر بىرەر ياردارلانغان ئەسكەرگە يولۇقۇپ قالسا ئۇ ئەسكەرنى ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويمايتتى. خەتەرلىك ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغىنىدىمۇ ھەرگىز يالغان كېسەل بولۇپ يېتىۋالمايتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېرىكىشلىك ئۇرۇش ئارىلىقلىرىدا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرگە يېقىن بىرسى ئىدى. ئۇ بىر رەسسام بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلىشاتتى. ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىرەر كۈلكىلىك ئىشنى ئۇچرىتىپ قالسىلا ئۇ ئىشنى دەرھال رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقاتتى. مەسىلەن، بىر قېتىم قايسى بىر ئەسكەر توشقان تۇتىۋالىدۇ. ئۇنى يۇرتىغا قايتاشىدا ئۆيىگە ئالغاچ كەتمەكچى بولۇپ سومكىسىغا سېلىۋالغان. كېيىن ئۆيىگە بارغاندا سومكىسىغا قارىسا توشقاننىڭ ئورنىدا بىر پارچە خىش پارچىسى چىققان. بىرسىلىرى ئۇنىڭ توشقىنىنى ئوغرىلىۋېلىپ ئورنىغا خىش سېلىپ قويغانىكەن. بۇ ۋەقەنى ئۇ ئىككى پارچە ھەجىۋى رەسىم قىلىپ سىزىپ ئۇ سەبدىشىغا ئىۋەرتىپ بېرىدۇ. رەسىمنىڭ بىرسىدە ئۇ ئەسكەر ئۆيىگە بېرىپ سومكىسىنى ئېچىپ قارىسا بىر پارچە خىش تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغانلىقى، يەنە بىر رەسىمدە بولسا ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئالدىنقى سەپتە مەززە قىلىپ توشقان گۆشى ياۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
ھىتلېرنىڭ ئەھۋالى باشقىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. قالغان ئەسكەرلەردەك ئۆيىدىن كونسىئېرۋا دېگەندەك يەيدىغان نەرسە ئالغاچ كەلمىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مەڭگۈ تويماس ئىشتىيىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئامال يوق بېرىپ ئاشخانىدا ئاشپەزلەرگە ياردەم قىلىش ھېساۋىغا نورىمىدىن سىرىت بىر نەرسىلەر سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇڭا ئۇ پولك بويىچە پىشقەدەم ئاشپەز دېگەن نامغىمۇ ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادولف باشقىلارنىڭ كونسىرىۋالىرىغا ئېغىز تىگىشنىمۇ نومۇس دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلىشلىرىنىمۇ چىرايلىقچە رەت قىلىۋىتەتتى. بەك قىستاپ كەتسە، مېنىڭدە سىلەرنى مېھمان قىلىپ جاۋاپ قايتۇرالىغىدەك ئىمكانىيەت يوق، دەپ ئوچىقىنى ئېيتاتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان لېتىنات ۋېدرمان (魏德曼) (يوقۇرىدا بۇ كىشى كاپىتاندەك قىلىۋىدى، ئەندى لېتىنانت بولۇپ قالدى؟ − ئۇ.ت) ئۇنىڭغا روزھدىستىۋا بايرىمىدا تۇرمۇش پۇلىدىن 10 مارك ئايرىپ ھىتلېرغا بېرىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، ھىتلېر بۇنى رەخمەت ئېيتىپ چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ.
دەم ئېلىش پۈتكەندىن كېيىن پۈتۈن پولك قايتىدىن ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇشلاردا ھىتلېر پەقەتلا خۇماردىن چىقالماي كەلمەكتە ئىدى. “بىز ھازىرغىچە يەنە شۇ كونا ئاكوپلىرىمىزدا ياتماقتىمىز. ئارىلاپ فرانسىيە سېپى بىلەن ئەنگىلىيە سېپىگە ھۇجۇم قىلىپمۇ قويىمىز. – دەپ يازىدۇ ھىتلېر 1915-يىلى 22-يانىۋاردا پوپ (波普) خانىمغا يازغان خېتىدە، − ھاۋالار بەكلا ناچارلىشىپ كەتتى. ئادەتتە دۈشمەن توپ ئوقى زەربىسىدىن ئۆزىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن چوڭقۇر سۇغا تولغان ئاكوپلاردا نەچچە كۈنلەپ باش چۆكۈرۈپ ئولتۇرۇپ چىقىمىز. بىز يەنە قانچىلىك ئۈمىرىمىز قالغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي تەڭرىگە دۇ’ئا قىلىپ ياتتۇق. يېقىن كۈنلەردە پۈتۈن سەپ بويىچە قايتارما ھۇجۇمغا ئۈتىشىمىزنى كۈتۈپ ئولتاردۇق. بۇ ئۇرۇش بۇنداق تۇرغۇن ھالىتى بىلەن كىتىۋەرمەسلىكى كېرەكتە!”
ئەنە شۇنداق تىرىكىشىش جېڭى بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاق يۇڭلۇق بىر كىچىك كۈچۈك (شۆبىھسىزكى، بۇ ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى يەتكۈزگەن بىر سوشا ئىدى.) توشقان قوغلاپ يۈرۈپ ھىتلېر تۇرغان ئاكوپقا سەكرەپ چۈشىدۇ. ھىتلېر بۇ كۈچۈكنى تۇتىۋېلىپ بېقىشقا باشلايدۇ. دەسلىۋىدە بۇ كۈچۈك قاچىمەنلا دەپ تۇراتتى. “مەن ئۇنىڭغا سەۋىرچانلىق بىلەن قارىدىم. (بۇ كۈچۈك نېمىسچە بىلمەيتتى) ئاخىرى ئاستا-ئاستا ماڭا كۆنۈپمۇ قالدى.” ھىتلېر ئۇنىڭغا “تۈلكە” دەپ ئات قويۇپ قويىدۇ. ئۇ يەنە بۇ كۈچۈككە شۇتىغا چىقىشقا ئوخشاش ئۇيۇنلارنى ئۆگۈتۈشكە باشلايدۇ. كۈندۈزلىرى بۇ “تۈلكە” ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرەتتى. ئاخشىمى ئۇنىڭ قولتىقىغا كىرىۋېلىپ خورۇلداپ ئۇخلايتتى.
نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ھىتلېر، پوپ (波普) لارغا يەنە بىر پارچە خەت يېزىپ، قارشى چوققىلارنى جانلىق شەكىلدە تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تەسۋىرلىگىنى پاجى’ئەلىك ئۇرۇش مەنزىرىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى:
“… توختىماي يامغۇر ياغماقتا (بۇ يىل قىش كەلمەمدىكىن تاڭ؟)، ئۇرۇش مەيدانى دېڭىزغا يېقىن، ھەمدە چوڭقۇر بىر يەر بولغاچقا، بۇ يەرلەر خۇددى تېگى يوق ساسلىقتەكلا بىلىنەتتى. كوچىلار مىلىچلاپ تۇرغان پاتقاقلىق، پىيادىلارنىڭ ئاكوپلىرى، توپ-زەمبىرەك سەپلىرى، قاتناش جىلغىلىرى ۋە چېگرا سىم توساقلىرى، “بۆرە ئۇۋىلىرى”، مىنا كۆمۈلگەن يەرلەر، … ھەممىلا يەر ئەنە شۇنداق پاتقاقلىق بىلەن قاپلانغان. بۇ ئۇرۇش سېپى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا غەلىتە بىر ئۇرۇش سېپى ئىدى.”
فىۋرالدا ئۇ سوتچى خوپ (赫普) قا خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ جەڭ قىلىش جەريانىنى بايان قىلىدۇ. قىزىق، ھىتلېر خېتىنىڭ ئاخىرىدا سىياسى ئىشلار ھەققىدىمۇ توختالغان ئىدى:
“مىيونخېن پات-پات ئېسىمگە كېلىۋالىدۇ. كاللامدا بىرلا خىيال بار ئىدى: بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ ھېساۋىنى ئۇ يەردىكى مەلئۇنلاردىن چوقۇم تۆلىتىپ ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلايمەن. ھەر قانچە بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ، ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشقا توغرا كەلسىمۇ، بۇ ھېساپنى ئۇلاردىن سورىشىمىز كېرەك. ئارىمىزدىكىلەردىن تەلىيى كېلىپ يۇرتىغا قايتالايدىغانلار بولغىنىدا، يۇرتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پاكىز كۆرۈنۈشتە بولىشىنى، چەتئەل تەسىرى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلانغان بولىشىنى كۆرەلىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئادەملەر بۇ يەردە قۇربان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى، ياردار بولىۋاتقانلىقى، ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىغا، خەلقارا دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى قانلىرى دەريا بولۇپ ئېقىتىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا گېرمانىيىنىڭ تاشقى دۈشمەنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈش بىلەنلا قالماي، ۋەتەن ئىچىدىكى ئىنتېرناتسيونالچىلارغىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.”
بىرەرسى، سەن ئەسلى نەلىك دەپ سوراپ قالسا، ھىتلېر ھەر دا’ئىم : مەن ئاۋىسترىيىلىك ئەمەس. مېنىڭ ئا’ئىلەم 16-پولك، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىيونخېندا ياشايمەن دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاۋال بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى شەرت ئىدى! بۇ ھەقتە ئۇ بەكلا چىڭ تۇراتتى. ئەگەر بىرەرسى چاخچاق قىلىپ بولسىمۇ بۇ ئۇرۇشتا بىز ھەرگىز يېڭىپ چىقالمايمىز دەپ سالسا، ھىتلېر غەزىۋىدىن يېرىلىپ كەتكىدەك بولۇپ ئالدى-كەينىگە مېڭىپ كېتەتتى: “ئەنگىلىيە چوقۇم مەغلوپ بولىدۇ. ئۇلارنى يېڭىش خۇددى دۇ’ئا قىلغاندا ئامىن دېگىنىمىزدەكلا ئاساسان بىر ئىش!” دەپ قايناپ كېتەتتى.
سەپداشلار ئوتتۇرسىدا يىمەك-ئىچمەك بىلەن خوتۇن خەق ئۈستىدە گەپ باشلىنىپ قالغىدەك بولسا، ئادولف ئۇلارغا قۇلاق سالماي قولىغا كىتابىنى ئېلىۋېلىپ ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتەتتى ياكى رەسىم سىزىپ ئولتۇراتتى. ئەگەر گەپ رەسمى مەسىلىلەر ئۈستىگە كېلىشى ھامان قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ قايناپ سۆزلەشكە كىرىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ساۋاتسىز ئاددى كىشىلەر بولغاچقا، ئۇنىڭ تىنماي دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ جىمىپ قېلىشاتتى. “بىز ئۇنىڭ سەنئەت ھەققىدە، بىناكارلىق ھەققىدە سۇدەك راۋان سۆزلەپ كېتىشلىرىنى ياخشى كۆرەتتۇق. ئۇ سۆزلەۋېتىپ دا’ئىم دېگىدەك بىرەر كىتاپنى پولاڭلىتىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ بىلىملىك بىرسى ئىكەنلىكى كۈنسايىن كۈچىيىپ ئوتتۇرغا چىقماقتا ئىدى. ئۇنىڭ سومكىسىدا ھەر ۋاقىت بىر قانچە پارچە كىتاپ بولۇپ تۇراتتى. ئۇ كىتاپلىرى ئارىسىدا شوپىخاۋر (叔本华) نىڭ «ئۇ مېنىڭ ئۇستازىم» دېگەن كىتاۋىمۇ بار ئىدى. بۇ پەيلاسوپ قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئوتتۇرغا قويغان قاراملىق قىلىشتەك جاسارەت كۈچى، چوقۇم غالىبىيەتكە يېتەكلەيدۇ، دېيىشى ھىتلېرنىڭ كاللىسىغا قاتتىق ئورنىشىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن” دەيدۇ، ئۇنىڭ بەزى سەپداشلىرى.
1915-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھىتلېر پولك شىتابىنىڭ كام بولسا بولمايدىغان ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. ھەر قايسى روتىلار بىلەن شىتاپنى باغلاپ تۇرىدىغان تېلېپون سىملىرى دۈشمەن توپ ئوقىدا پات-پاتلا ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئالاقىچىلارغا تايىنىپ خەۋەر يەتكۈزمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى. “بىز پاتلا ھېس قىلدۇقكى، − دەيدۇ لېتىنات ۋېيدرمان (魏德曼) ئەسلەپ كېلىپ، − پەقەت ئادولفلا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالاقىچىمىز ئىدى.” (1935-يىلى، فرىز ۋېيدرمان (弗里兹•魏德曼) ھىتلېرنىڭ كانىۋىيى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندە، داھىسىغا، يەنى فيۇرېرىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە قارشى چىققىنى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
ۋېيدرمان (魏德曼) كېيىنچە يازغان كىتابىدا، ھىتلېرنىڭ شۇ قېتىمقى ئۇرۇش ھەققىدىكى خاتىرىسى بەكلا پۇختا ئىدى، ئۇ، ئۇرۇشتا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلىگىنىدە كۆپتۈرۈپ ياكى يوشۇرۇپ يالغان سۆزلىگىنىنى بىرەر قېتىممۇ ئاڭلاپ باقمىدىم، دەيدۇ) قالغان ئالاقىچىلار ئۇنىڭ سەزگۈرلۈكى، چاققانلىقى ئالدىدا قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيتتى. ئادولف خۇددى بالا ۋاقتىدا ئوقىغان ھىندىيانلار ھەققىدىكى ھىكايىلارغا ئوخشاش چەبدەسلىك بىلەن ئالدىنقى سەپلەرگە قوقماي ئۆمىلەپ بارالايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان بەزى نەرسىلەر باشقا ئەسكەرلەرنى ئەنسىرتەتتى. ئۇ باشقىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ مەسئولىيەتچانلىقى بەكلا كۈچلۈك ئىدى. “خەۋەرنى جايىغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بەكلا مۇھىم بىر ۋەزىپە، − دەيدۇ بىر قېتىم يېڭى ئالاقىچىلارنى تەربىيىلەش ۋاقتىدا، − شەخسى غۇرۇر ياكى قىزىقىشىڭلاردىنمۇ مۇھىم!” ئۇ ھەر دا’ئىم ئالدىنقى سەپكە بېرىشقا ئىنتىلىپلا تۇراتتى. ئۇ دا’ئىم دېگىدەك باشقىلار ئۈچۈنمۇ خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ تۇراتتى.
6~7-ئايلارغا كەلگىنىدە ئۇرۇش سۈرئىتىنى ئارتتۇرۇشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە خەۋەر يەتكۈزۈش ئىشلرىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق جىددىچىلىك ھىتلېرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ چىرايى ساغرىپ ئۇرۇغلاپلا كەتكەن ئىدى. ھەر كۈنى تاڭ يۇرىماي تۇرۇپلا ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ توپقا تۇتىشى بىلەن تەڭ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرغىنىچە قولىغا قورالىنى ئېلىپ ئالدى-كەينىگە ماڭغىنىچە يۈگىرەشكە تەييار تۇرغان ئارغىماقتەك جىم تۇرالمايلا قالاتتى. ئاندىن ئۇ ھەممىنى بىر-بىرلەپ ۋارقىراپ ئويغۇتاتتى. ئۇلارنىڭ ھۇرۇنلىقى ئادولفنىڭ بەكلا ئاچچىقىنى كەلتۈرىۋىتەتتى. ئەگەر بىرەرسى تويغىدەك تاماق بېرىلمەسلىكىدىن دەرت تۆككىدەك قىلسا، ئۇ ئەسكەرگە: “1870-يىلقى جەڭدە فرانسۇز ئەسكەرلىرى يەيدىغان نەرسىسى يوق چاشقان تۇتۇپ يەپتىكەن!” دەپ رەددىيە بېرەتتى.
25-سىنتەبىر كۈنىسى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى ھۇجۇمنى كۈچەيتىدۇ. ئاخشىمى گۈگۈم ۋاقتىدا 16-پولك پۈتۈن سەپ بويىچەقاتتىق تۇرۇپ تىركىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئالدىنقى سەپ بىلەن بولغان تېلېپون ئالاقىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ھىتلېر بىلەن يەنە بىر ئالاقىچى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. ئۇ ئىككىسى ساق قايتىپ كېلىپ تېلېپون سىمىنىڭ پارتىلاشتا ئۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. دۈشمەن تەرەپنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن ھىتلېرنى ئالدىنقى سەپكە رادى’ئو ئارقىلىق ھەر قايسى قىسىملارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئىۋەرتىدۇ. ئۇ بۇ ۋەزىپىنىمۇ غەلىبىلىك ئورۇنداپ شۇنچە كۈچلۈك دۈشمەن توپ ئوقىدىن يەنە بىر قېتىم ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ قايتىپ كېلىدۇ.
ھىتلېر ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۆلۈم بوسوغىسىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ ئامالىنى قىلىپ ساق چىقالىغان ئىدى. ئۇنى قانداقتۇ بىر پەرىشتە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلىۋاتقاندەكلا ئىدى. ھىتلېر “بىر قېتىم، ئاكوپتا بىر قانچە سەپدىشىم بىلەن تاماق يەپ ئولتۇراتتىم، − دەيدۇ بىر ئېنگىلىز مۇخپىرى بولغان ۋارد پرىس (华德•普赖斯说) قا خېلى يىللاردىن كېيىن ئەسلەپ كېلىپ، − تۇيۇقسىز بىرسى قۇلىقىمغا چاققان بول، دەرھال نېرىسىغا يۆتكىلىپ ئولتۇرىۋال، دەپ ۋارقىرىغاندەكلا بىلىندى. قۇلىقىمغا كەلگەن ئاۋاز بەكلا ئېنىق ئاڭلانغان ئىدى. خۇددى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىلا جاراڭلىغاندەك ئىدى. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن يۆتكىلىپ نېرىسىغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدىم. بۇ ئاۋاز راستىنلا بىر ھەربى بويرۇقتەك بىر ئاۋاز ئىدى. قولۇمدا تاماق قۇتىسى ئىتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاكوپ ئىچىدە 20 قەدەمدەك يىراققا بېرىۋالغان ئىدىم. يېڭى ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ قايتا تاماق يېيىشقا كىرىشتىم.
كۆڭلۈممۈ خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالغاندەك ئىدى. ئەمما مەن ئەندىلا تاماققا قوشۇق سېلىپ تۇرىشىمغا كۆز ئالدىمدا بىر ئوت ئۇچقۇنى چاقنىغاندەك بولۇپ، بايا ئولتۇرغان يېرىمگە بىر توپ ئوقى چۈشۈپ شىددەت بىلەن پارتىلايدۇ. ئۇ يەردە قالغان سەپداشلىرىمنىڭ ھەممىسى تىتما-تىتما بولۇپ بىرسىمۇ ساق قالماي ئۆلۈپ كەتتى”.
بەلكىم ئۇ ۋاقىتلار ئالدىن كۆرەلەيدىغان، ئالدىن ھېس قىلالايدىغان تۇيغىلىرى ئۇيغانغان ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك؟ شۇ يىلى كۈزدە، بىر ئاخشىمى پۈتۈن ئەتىراپنى ئاق قراۋ قاپلاپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ بىر شى’ئېر يېزىپ چىقىدۇ. شۇ پەيتتىمۇ ھىتلېر ئۆز تەغدىرىنىڭ قانداق بولىشىنى ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن ئىدى.
ھەر قېتىم زىمىستان قىش يېتىپ كەلگەندە،
تىپ-تىنىچ ساسلىقتىكى دەرەخ تۈۋىدە يالغۇز ئولتۇرىمەن.
قاراڭغۇلۇق كۈچلىرى پولات پەردىلەردەك،
ئاي شولىسى شەپىسى
شىمالى ياۋروپا قەۋرىلىرى ئۈستىنى قاپلاپ،
كۈندۈزلىرى كۆڭۈللۈك،
كېچىلىرى ۋەھىمىلىك.
چاقناپ تۇرغان پولات ئەنە شۇنداق تاۋلانغان
جەڭدە ئەمەس نەيزىلەردە.
شۇڭا مەن راس بىلەن يالغاننى ئايرىپ،
ھەرپ-رەقەملەر بىلەن تور توقۇيمەن،
بەخىت تىلەپ، تەنتەنە قىلىپ،
ھەققانىيەتچى كىشىلەرگە ئاتايمەن.
(بۇزۇلغان تەرجىمە! – ئۇ.ت)
ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندە ئۇ سەپداشلىرىغا ھەيران قالارلىق بىر پەرىزىنى جاكارلايدۇ: “مەن سىلەرگە شۇنى جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن جاكارلايمەنكى، ھەممىڭلار مېنىڭ دەۋرىمنىڭ كېلىشىنى كۈتۈڭلار!”
شۇ يىلى دېكابىردا، قار ئورنىغا توختىماي سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلايدۇ. پۈتۈن پولكنىڭ ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان ئاكوپلىرىنىڭ ھەممىسىلا چىلىق-چىلىق سۇغا توشۇپ كېتىدۇ. ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇرۇش باشلانغاندىن بېرى كەلگەن ئىككىنچى قېتىملىق روزھدىستۋا بايرىمى بىرىنچىسىدىنمۇ بەتەر ئېچىنىشلىق ئۆتىدۇ. پۈتۈن ئەسكەرلەر ئۆيلىرىدىن خالتا ۋە ھال سوراش خېتى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، يالغۇز ھىتلېرغىلا ھېچ نېمە كەلمەي ئۆزى يالغۇز بېشىنى چۆكۈرۈپ كارىۋىتىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇ، ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش جەريانىدا ھېچ كىمگە گەپ قىلمايدۇ. سەپداشلىرى ئامالىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار ئا’ئىلىسىدىن كەلگەن ھېيتلىق خالتىلىرىنى ئېچىپ بىرگە تەڭ يىيىشنى تەكلىپ قىلىشىدۇ. ئەمما ھىتلېر ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم-ئايرىم رەخمەت بىلدۈرۈپ يىيىشنى رەت قىلىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئورنىغا بېرىپ يېتىۋالىدۇ. دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىتلېر غەم-ئەندىشىلىرىنى بىراقلا ئۇنۇتۇپ قايتىدىن خوشخوي ھالىغا كېلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھېيتىنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزىۋالغانلىقىنى تەبرىكلەپ بىرمۇنچە چاخچاقلارنىمۇ قىلىدۇ. ھەتتا ھەممىنى قاھقاھلىتىپ كۈلدۈرۈپمۇ ئالىدۇ.
1916-يىلىنىڭ ياز ئايلىرى كىرىشى بىلەن، ھىتلېر تۇرىۋاتقان بېرىگادا جەنوپقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ ھەل قىلغۇچ دالا ئۇرۇشى ھېساپلانغان سوم ئۇرۇشىغا ئۈلگۈرۈپ ئالدىنقى سەپكە يېتىپ بارىدۇ. ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىسىدىلا 20 مىڭغا يېقىن ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى ئەسكىرى ئۆلتۈرىلىدۇ ياكى ياردار قىلىنىدۇ. 14-ئىيۇل ئاخشىمى، فېرومېللەر (弗隆美尔) ئەتىراپىدا 16-پولكنىڭ پۈتۈن تېلپون سىملىرى توپ ئوقىدا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ھىتلېر بىلەن يەنە بىر ئالاقىچى ھەر قەدەمدىكى ئۆلۈم خەۋىپىگە قارىماي بېرىپ سىم يولىنى تەكشۈرۈشكە چىقىدۇ. ئۇلار لىق سۇغا تولغان ئاكوپ ياكى توپ ئوقى ئۇيىۋەتكەن ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ سىم تەكشۈرەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىققان ئالاقىچى ئەسكەر ھارغىنلىقتا بەرداشلىق بېرەلمەي يېتىپلا قالىدۇ. ھىتلېر ئامال يوق بۇ ھەمىرىيىنى سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاكوپقا قايتۇرۇپ كېلىۋالىدۇ.
20-ئىيۇل كۈنىسى، فېرومېللەر ئۇرۇشى بەكلا شىددەتلىك بولىدۇ. ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپتىن سانسىزلىغان ئەسكەر چىقىم بولىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي ھېچ قايسى تەرەپ بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. شۇندىن كېيىنكى ئىككى ئاي جەريانىدا جەڭلەر ئاساسەن ئاكوپ ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ قېلىپ، بىر-بىرسىنى شىددەت بىلەن توپقا تۇتىشىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپلا بىر غېرىچمۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ ياكى كەينىگە چېكىنمەيدۇ. دەل شۇ پەيتتە ھىتلېر يېقىن بىر سەبدىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. خانس مېندىر (汉斯•孟德) ئارقا سەپكە يۆتكەپ ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە تەرجىمانلىق قىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ ھىتلېرنىڭ يەنە ئېرنىست سىمىت (恩斯特•施密特) بىلەن ئىگىنات ۋېستىنىشنا (伊格纳斯•维斯登基希纳) دېگەن ئىككى نەپەر يېقىن سەپدىشى بار ئىدى.
بۇلاردىنمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭ ھېلىقى سۈيۈملۈك كۈچىكىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان ئىدى. “ئاھ شۇ كىچىك تۈلكەم، − دەيدۇ ھىتلېر ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەن بىر قىش ئاخشىمى ئىتىنى ئېسىگە ئېلىپ، − بەكلا ئۇماق ئىت ئىدى-دە! − ئۇ تۈلكە ئىسىملىك ئىتى توغرىلىق گەپ بولۇپ قالغىنىدا ئۇنىڭ ئىتنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىننى تۇتىمەن دەپ قىلغان ئۇيۇنلىرى ئېسىگە كېلىپ كېتىدۇ. كۈچۈك دەسلىۋىدە خۇددى گىپنوز قىلىنغاندەك تىتىرەپ قاشلىرىنى تۈرۈپ كەتسە، يەنە تۇيۇقسىز سەكرەپ قوپۇپ چېئىۋىننى چىشلىمەكچى بولىدۇ. – مەن ئۇنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. ئۇ كۈچۈك خۇددى بىر ئادەمدەك قىلىقلارنى قىلىپ ئاچچىقى كېلىپ خېقىراپ كېتەتتى.” ھىتلېر تاماققا ئولتۇرغىنىدا ئۇنىڭ كىچىك تۈلكىسى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى.
ئەگەر ھىتلېر 5~6 قوشۇق كاپ قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا بىر كاپام بىر نېمە بەرمىسەم كۈچۈك دەرھال تىكلىنىپ ئولتۇرغىنىچە غوجايىنىغا تىكىلىپ قاراپ، “ماڭا بەرمەمسەن؟” دېگەندەك قىلىقلىقلارنى قىلاتتى. “قىزىق، مەن ئۇ كۈچۈككە ھەقىقەتەنمۇ ئامىراق بولۇپ قالغان ئىكەنمەن.”
ئارىدىن ئۈچ ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، سوم ئۇرۇشى ئاخىرى چىقماس بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىدۇ. ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى تىنماي ھۇجۇم قوزغاپ تۇراتتى. بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپتىن 614 مىڭ ئادەم چىقىم بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ قىلچە مەنىسى يوق قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا نېمىس قوشۇنلىرى ھەپتىلەپ نۇرغۇن قېتىم قىيىن ئەھۋالغا چۈشىرىلگەن بولسىمۇ يەنىلا بىر قەدەممۇ كەينىگە چېكىنمەي تىركىشىپ تۇرغان ئىدى. بۇ جەرياندا ھىتلېر يەنىلا پەرىشتىلەرنىڭ ھىمايىسىدە تۇرغاندەك ساق ئىدى. 7-ئۆكتەبىر كۈنىسى، ئۇنىڭدىن تەلەي قاچقان بىر كۈن بولىدۇ. ئۇ قالغان ئالاقىچىلار بىلەن بىرلىكتە پولك شىتابىغا تۇتىشىدىغان تار بىر ئۆڭكۈردە ياتاتتى.
تۇيۇقسىز بىر پاي توپ ئوقى يەر ئاستى ئاكوپنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ پارتىلاپ، ئالاقىچىلارنى تېرە-پىرەڭ قىلىۋېتىدۇ. ھىتلېر پاقالچىقىدىن يارىلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي لېتىنات ۋېدرمان (魏德曼) بىلەن تالىشىپ يارام ئېغىر ئەمەس، ئالدىنقى سەپتتىن قايتۇرماڭ دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. “لېتىنات، قاراڭ، مەن يەنىلا ئۆرە تۇرالايمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ − دەيدۇ ھىتلېر، − مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن، مېنى پولك شىتابىدىن ئارقا سەپكە قايتۇرىۋەتمەڭ، ماقۇلمۇ؟” دەپ يالۋۇرىدۇ. |
|