- تىزىملاتقان
- 2012-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1682
- نادىر
- 1
- يازما
- 68
ئۆسۈش
68.2%
|
(3)
1923-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئىككىسى “ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلىتىش كومىتىتى” دىكى تالاش-تارتىش نەتىجىسىدە ئەنگىلىيە ۋەكىللىرى بۇ كومىتىتتىن چېكىنىپ چىقىدۇ. بۇ ھادىسە، فرانسىيىگە ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلىتىش مەسىلىسىنى قۇراللىق كۈچكە تايىنىپ ھەل قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. 11-يانىۋاردا، فرانسىيە قوشۇنلىرى بىلەن بىلىگىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ لور رايونىغا باستۇرۇپ كىرىدۇ. بۇ ھەرىكەت پۈتكۈل گېرمانىيە مىللەتچىلىرىنىڭ روھىنى ئۇيغۇتۇپلا قالماي، ماركنىڭ پاخاللىشىشىنىمۇ تېزلىتىۋېتىدۇ. ئىككى ھەپتىگە قالماي ماركنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبىتى 6750:1 دىن 50000:1 گە چۈشۈپ قالىدۇ (1918-يىلى “ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى ئىمزالانغان كۈنى” دىكى نىسبىتى 7.45:1 ئىدى). ۋىمار (魏玛) ھۆكۈمىتى بىر قېتىملىق بېرلىن سەپىرى ئۈچۈن “كاپالەت كومۇتىتى” نىڭ پويىز بىلىتى ئۈچۈنلا “بىر مۇنچە يەشىككە 20 ماركلىق پۇلدىن قاچىلاپ 7 نەپەر ئىشخانا خادىمىغا كۆتەرتىپ پويىز ئىستانسىسىغا ئاپارغان.” ئەندىچۇ؟ بۇ بىلەت پۇلىنى كۆتەرگۈزۈش ئۈچۈن 49 كىشىلىك ھاممال لازىم.
لور رايونى ئىشغال قىلىنىشى بىلەن، مال باھاسى ئارتىپ، ئىشسىزلىق كۆپىيىپ، مىللەتچىلەرنىڭ ئىجتىما’ئى ئاساسىنى كۈچەيتىپ بېرىش بىلەنلا قالماستىن، ھىتلېر ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچى توپلاپ بېرىدۇ. ھىتلېر “سوتسىيالىزمچىلار كۆپ سانلىقى” دېگەندەك باشقا پارتىيە-گۇروھلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويماي، ئۆز ئالدىغا نارازىلىق مىتىنگى تەشكىللەشكە كىرىشىپ، 27-يانىۋار كۈنى، يەنى نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلۇش كۈنى خاتىرلىنىشى ئۈچۈنلا 7 ئورۇندا ئاممىۋى مىتىنگ ئۇيۇشتۇرىدۇ.
گەرچە باۋارىيە ساقچى باشلىقى ئالدىن-ئالا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇ تۈردىكى مىتىنگلەرگە قەتئى رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ھىتلېرنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھىتلېر “ئەگەر ساقچى دا’ئىرىلىرى ئوق چىقارماقچى بولسا، مەرھەمەت، ئوق چىقارسۇن!” دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ئۇ بەرىبىر مىتىنگنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ھىتلېر بۇنداق تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالمايتتى. مىتىنگ كۈنى كەلگىنىدە، ھىتلېر ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بۇ مىتىنگ مەيدانىدىن يەنە بىر مىتىنگ مەيدانىغا چېپىپلا يۈردى. “مەيلى ئۇرۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن ياكى ئىنقىلاپ مەزگىللىرىدە بولسۇن، مەن ھېچ قاچان ھۆكۈمەتكە بۇنچە غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسىغا دۈچ كېلىپ باقمىغان ئىدىم” دەيدۇ ھىتلېر. ئىلگىرى، لوۋېنبراخاۋس (卡尔•亚历山大•冯,米勒) پىۋىخانىسىدا مىتىنگكە قاتنىشىپ باققان تارىخشۇناس كارل ئالكساندېر فون مىل شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھىتلېر چوڭ قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كورىدورغا كىرىپ كەلگىنىدە پۈتكۈل يىغىن مەيدانىدىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ “خايل، ياشىسۇن!” دەپ توۋلىشىپ كەتتى. ئۇ يېنىمىزدىن ئۆتكىنىدە، مەن ئۇنىڭغا بەكلا يېقىن بىر يەردە تۇراتتىم. ئۇنىڭ كۆرۈنىشى مەن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ياتىقىدا كۆرۈشكىنىمدىكى ھالىتىدىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى. ئۇنىڭ ساغرىپ كەتكەن چىرايىدا قەلبىنىڭ ئۆركەشلەپ تۇرغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كېتىۋېتىپ خۇددى يوقۇتۇشقا تېگىشلىك بىرەر دۈشمەن ئاختۇرىۋاتقاندەك كۆزى بىلەن ئەتىراپنى كۈزىتەتتى. ئەجىبا، ئۇنىڭدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە كۈچنى مۇشۇ خەلق بەرگەنمىدۇ؟ مەن دەرھال ‘سۇنغان غۇرۇرى بىلەن ھەددىدىن ئاشقان، ھېستىرىيىلەرچە رومانتىكلىك ئىچىگە پېتىپ قالغان ئادەم’ دەپ خاتىرەمگە يېزىپ قويدۇم.”
ئەتىسى، ئۇلار يەنە بىر قېتىم ساقچىلارنىڭ چەكلەش بويرىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، 6 مىڭ كىشىلىك ئېس-ئاچىلار قوشۇنى بىلەن بايراق كۆتۈرۈشكىنىچە ماسفېرد (马斯弗尔德) قا يېتىپ كېلىدۇ. ئېس-ئاچىلار قارلىق مەيداندا غالىلداپ تىتىرىشەتتى. بەزىلىرى بېشىغا كۆك رەڭلىك چاڭقى تېيىلىش شەپكىسىنى كېيىۋالغان، ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك كازھانكا كېيىشكەن، پۇتىغا كۆجەي باغلىغان بولۇپ، قالغانلار كاستيۇملۇق ئىدى. ئۇلار كۆتۈرىۋالغان بايراقلارمۇ رەڭگارەڭ بولۇپ، كىرىست بەلگىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ بىر-بىرسىگە ئوخشىمايتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ كېيىم-كىچەكلىرى ھەر تۈرلۈك بولسىمۇ، “دىققەت!” دەپ كوماندا بېرىلىشى بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياغاچتەك تىك تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇ دىققەتتە تۇرۇش قىياپىتىنى گېرمانىيە پادىشاسىنىڭ پارات قوشۇنلىرىغىلا ئوخشىتىشقا بولاتتى. گەرچە ساقچىلار قالايماقانلىق تېرىش تەييارلىقىنى كۆرۈپ قويغان بولسىمۇ، مەيداندا ھېچ قانداق تەرتىپسىزلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا مىتىنگ مەيدانلىرى كىشىنى بەك جەلىپ قىلغىدەك كۆرۈنمىسىمۇ، يەنى ھېچقانداق بىر ئۇرۇش-جىدەل چىقمىغان، ئاشكارە توپىلاڭمۇ كۆتۈرۈلمىگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي بۇ نارازىلىق مىتىنگلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىدى. ھىتلېرنىڭ ساقچى دا’ئىرىلىرىنى كۆزگە ئىلماي تۇرىۋالغانلىقى، نۇرغۇنلىغان بىتەرەپ مەيداندا تۇرىۋاتقان پارتىيە-تەشكىلات يىتەكچىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا مايىللاشتۇرىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدەك مىيونخېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ستۇدېنتلىرى تېخىمۇ ھاياجانلىق يولغا قاراپ يىتەكلەنمەكتە ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن ئىدى. ھۈكۈمەت دا’ئىرىلىرى بىلەن قاتتىق تىركىشىش جەريانىدا ئاخىرى غالىپ كەلگەن تەرەپ يەنىلا ھىتلېر بولغان ئىدى.
“ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تەڭداشسىز بىرسى ئىدى. – دەيدۇ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ھىتلېرنىڭ مىتىنگىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىق مۇخبىر لۇدىۋېيېر دانىي (卢德威尔•丹尼) بەرگەن بىر خەۋىرىدە، − ئۇنىڭ نۇتقى ئاددى ئەمما كۈچلۈئۈك ئىدى. ئۇ مۇشتۇمىنى ھېلى تۈگۈپ ھېلى ئېچىپ تىنماي قول شىلتىيتتى. ئۇ مېنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ بەكلا نورىمالسىز بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى؛ ئۇنىڭ غەلىتە بىر جۈپ كۆزى، بىنورىمال شىلتىپ تۇرىدىغان ئىككى قولى، غەلىتى بىر شەكىلدە باش چايقاشلىرى ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە ئىدى.” ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ نورىمال ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنىلا شۇ دېر () كوچىسىدىكى قاراڭغۇ بىنادا تۇراتتى. ئۇنىڭ تۇرغان ئۆيى سەل چوڭ كېلىپ قالغاندەك قىلسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ئۇنداق سوغۇق ئەمەس، ئەمما ئۆي سايمانلىرى يەنە شۇ بۇرۇنقى ئۆيىدىكىدەك بەكلا ئاز ئىدى. بۇ ئۆيىنىڭ كەڭلىكى 10 غېرىچتەكلا بولۇپ، كارىۋات بېشىدا بۇ ئۆينىڭ كىچىك بىر دېرىزىسىمۇ بار ئىدى. يەردە ئەرزان باھالىق كونا كىلىيونكا سېلىنغان؛ كارىۋىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئاددى بىر كىتاپ ئىشكاۋى بار ئىدى. تاملار ھەر تۈرلۈك رەسىملەر، گېزىت رەسىملىرى بىلەن قاپلانغان كىتاب ئىشكاۋىنىڭ ئۈستى قەۋەتلىرىدە ھەر تۈرلۈك كىتاپلار دۆۋىلەنگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىنى تەسۋىرلىگەن كىتابلار، گېرمانىيە تارىخى توغرىلىق كىتابلار، شۇنىڭدەك يەنە رەسىملىك ئانسىكلوپىيىدىن بىرىمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە بىر پارچە كراۋىشيۇس (克劳塞维茨) نىڭ يازغان كىتاۋى، ئىمپراتور فرىدېرىخ تەرجىمىھالى، بىر پارچە خوستون ستېۋن جامبولۇن (本豪斯顿•司徒•张伯伦) يازغان «ۋاگنېر تەرجىمىھالى»، بىر پارچە سۋېن خېدن (斯文•赫丁) نىڭ «ئەسلىمىلەر» كىتابى، بىر قانچە پارچە قەھرىمانلار رىۋايىتى، بىر پارچە جوك فون خاردىنبىرگ (约克•冯•华尔登堡) نىڭ «دۇنيا تارىخى»، بىر پارچە «يەر شەكلى خەرىتىسى» دېگەندەكلەر بار ئىدى.
خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) نىڭ دېيىشىچە ئىشكاپنىڭ ئاستىنقى قەۋەتلىرى رومان بىلەن تولغان بولۇپ، رومانلار ئىچىدە ئېدۋارد يوشىس (埃杜阿德•伏希斯) (ئۇ بىر يەھۇدىي) يازغان يېرىم سېرىق ھىكايىلار كىتابىمۇ بار ئىدى. يەنە بىر پارچە «شەھۋانە سەنئەت تارىخى» دېگەن كىتابمۇ بار ئىدى.
ھىتلېر ئولتۇرغان ئۆينىڭ غوجايىنى رېچىت (赖彻特) خانىمنىڭ دېيىشىچە، ھىتلېرنىڭ ئۆيى ھەددىدىن ئارتۇق جىمجىت ئىكەنمىش. “بەزى ۋاقىتلاردا، نەچچە ھەپتىلەپ قاپىقىنى تۈرۈپ ماڭا گەپمۇ قىلماي ئۆتۈپ كېتەتتى. ھەتتا بەزىدە مەن بۇ دۇنيادا يوقتەك چىرايىما قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتەتتى.
… گەرچە ئۇ ئۆي ئىجارىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ياكى ئالدىن تۆلەپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئۇ بەرىبىر كەمكۈستىسىز بىر پوسىمىيىلىك ئىدى.” شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۇ بەرىبىر ياخشى بىرسى بولغاچقا، ئۆي غوجايىنى ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئەيىپلىرىنى توغرا چۈشىنىپ كەچۈرىۋېتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ رويالدىن بىرسى قويۇلغان كورىدوردىن پايدىلىنىشقىمۇ يول قويغان. ھىتلېرنىڭ تۇرمۇشى بەكلا ئاددى بولۇپ، ئادەتتە “ئورف” (乌尔夫) (بۆرى) ئىسىملىك يۇغان بىر بۆرى ئىتى ئۇنىڭ كەينىدە ئەگىشىپلا يۈرەتتى. ئۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە “كىچىك تۈلكەم” بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغىنىدىن بۇيان، ئىتنىڭ سادىقلىقىغا ئامىراق بولۇپ قالغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئىتلارنى بۇنچە ياخشى كۆرىشى ھەقىقەتەنمۇ پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال ئىدى. “بەزى ئىتلار بەكلا دۆت كېلىدۇ. ئەمما ئەقىللىقلىرىمۇ كىشىنى قىزغاندۇرىدۇ” دەيدۇ. بۇنداق قاراڭغۇلۇق بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان ئادولف، ئاپىسىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئادولف «ئويلان!» دېگەن بىر شى’ئېر يېزىپ چىققان ئىدى. بۇ شى’ئېر ئىشتىن سىرتقى قىزىققۇچىغا خاس پۇراقلار كېلىپ تۇرغان بىر شى’ئېر بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، يەنىلا مەنىلىك بىر شى’ئېر ھېساپلىناتتى:
ئاپا ياشىنىپ قالدى، دېمەك،
مەنمۇ كىچىك ئەمەسمەن دېگەن گەپ.
كىچىگىڭدە ئويناپ-ئەكىلەپ يۈردۇڭ،
ئەندى ئېغىر مەسئولىيەت ئاستىداسەن.
ئاپاڭنىڭ سەمىمى سادىق كۆزلىرى،
كۈنسايىن خۇنۇكلىشىپ بارىدۇ.
پۇت-قوللىرى تېلىپ،
ئۆزىنى ئارانلا كۆتۈرمەكتە −
قوللىرىڭنى ئۇزات ئاپاڭغا، باشلىرىنى سىلاپ قوي،
كۆڭلىنى خوش قىل.
قايغۇلۇق كۈنلىرىڭ يېقىنلاشتى،
ئاخىرقى قەدەملىرىگە ھەمرا بول.
سورىغىنىغا جاۋاب بەر،
يەنە سورىسا يەنە جاۋاب بەر!
يەنە جاۋاب بەر
ھەرگىز جاۋابسىز قويما.
ھەرگىز تىرىكمە،
مۇلايىم بول، سىلىق بول!
ئاڭلىيالمىسا، ئۇقالمىسا،
قايتىلاپ چۈشەندۈر، زىرىكمە.
يامان كۈنلەر بوسوغۇڭدا،
ئۇنىڭ يوقىدا، ئاۋازىغىمۇ زار بولىسەن!
(ئانا ياد ئېتىلگەن بۇ تەسىرلىك شى’ئېرنى قانداق تەرجىمە قىلسا بولار؟ − ئۇ.ت)
ھىتلېر، ياش ۋاقىتلىرىدا كىشىلەرگە ئارىلاشماي يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن بۇنداق يالغۇزلۇققا ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ بۇ قاراڭغۇ ئۆيى ئۇنىڭ يالغۇز قالىدىغان تۈرمىدەك بىر يەر بولسىمۇ، مىيونخېندىكى ئەرزان ئاشخانىلاردا، سالونلاردا، قەھۋىخانىلاردا ۋە قاۋاقلاردا پۈتۈنلەي باشقىچە ياشايتتى. ئادولف، ۋىساد رېستۇرانتى (威查德 خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ يېنىدىكى ئاشخانا)، كالدۇن چايخانىسى (卡尔顿 بۇلىيانا كوچىسىدىكى يوقۇرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ يىغىلىدىغان بىر جاي) ۋە خوك رېستۇرانتى (赫克گالىلى كوچىسىدا) قاتارلىق جايلارنىڭ دا’ئىملىق خېرىدارلىرىدىن بىرسى ئىدى. ئۇ پات-پات دېگىدەك خوك (赫克) رېستۇرانتىغا كىرىۋېلىپ تېنىچ بىر بۇلۇڭنى تېپىپ سا’ئەتلەرچە ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ھىتلېر ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئەنە شۇنداق يەرلەردە كۈزىتىپ يۈرەتتى.
ئۇ، ھەر دۈشەنبە كۈنى نيۇۋانېر (纽迈埃尔) رېستۇرانتىدا يېقىن كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى. بۇ رېستۇرانت كونا پاسوندىكى بىر قەھۋىخانا بولۇپ، پورد (彼得) مەيدانىدىكى بىر كوچا دوخمۇشىغا جايلاشقان، ۋېكتۇرالىيان (维克图阿利安) بازىرىنىڭ يېنىدا بىر يەر ئىدى. بۇ رېستۇرانت ئۇزۇن بىر كارىدور شەكلىدىكى ئاشخانا بولۇپ، تاملىرى تاختايلىق، ئورۇندۇقلىرى پولغا مىخلىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ يەردە دا’ئىملىق خېرىدارلار ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلىدىغان ئورۇندا ئادولف ھىتلېر ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئويلىرىنى مورتلىرىغا سۆزلەپ بېرەتتى (ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردىن تەشكىل تاپاتتى)، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالاتتى. يەنە شۇ يەردە ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەرزان پۇللۇق كەچلىك تاماقلارنى بويرۇتقاچ (بەزىلىرىنى ئۇلار يېنىدا بىرگە ئالغاچ كەلگەن بولاتتى)، سۆزلىشىپ، چاخچاقلاشقاچ ئولتۇرۇپ غىزالىناتتى.
قالغان ئاخشاملىرى، ئادولف، فرانسىز يوسىف (弗朗兹•约瑟夫) كوچىسىدا تۇرىدىغان دىترىخ ئەيكارت (底特里希•埃卡特) نىڭ ئۆيىدە ۋاقتىنى ئۆتكۈزەتتى. “ئۇنىڭ ئا’ئىلىسىدىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېھرىبان كىشىلەر ئىدى. قاراڭلار، ئۇ كىچىك قىزى ئاننا (安娜) نى ئەكىلىتىشلىرىگە!” بۇ قىزىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئانار (安纳尔) بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆي غوجايىنى ئىدى.
ئېيكارت ئايالى بىلەن ئايرىم ئۆيدە تۇرىدىغان بولغىنىدىن كېيىن، ئانار (安纳尔) بىلەن بىرگە ياشىماقتا ئىدى. ياردەمچىسى بولغان خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) بەلكىم بۇ كۈنلەردە ھىتلېر بىلەن ئەڭ كۆپ بىرگە ئۆتىدىغان ئادەم ھېسابلانسا كېرەك. ئۇمۇ پات-پاتلا ھىتلېرنى ۋېلخىلم باۋرد خال (威廉•巴雅德•哈勒، پرىزدېنت ۋېلسوننىڭ پرىستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر سىنىپتا ئوقىغان ساۋاغدىشى بولۇپ، ھېست (赫斯特) گېزىتخانىسىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئەڭ مۇھىم مۇخبېرى) ۋە ۋېلخىلم ۋونك (威廉•冯克 ئۇنىڭ سالونى نۇرغۇنلىغان مىللەتچى باي سودىگەرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇراتتى) دېگەندەك مۇھىم كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ قوياتتى. ئادولف، دا’ئىم دېگىدەك خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) بىلەن بىرگە ئېرسا برۇكمان (埃尔莎•布鲁克曼) خانىمىنىڭ كەچلىك زىياپەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇراتتى.
بۇ ئايال ۋېنگىرىيىدىكى ئاق سۈڭەك بىر ئا’ئىلىنىڭ قىزى بولۇپ، بىر نەشرىياتچى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇ ئايال ھىتلېر دېگەن بۇ ئادەمنىڭ سىياسى ساھەلەردىكى جەلىپ قىلىش كۈچىدىن بەكلا تەسىرلىنەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھىتلېرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرىۋىتەتتى.
خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئۇنى بېيشتېيىن (贝希斯坦) نىڭ تۇرىۋاتقان يېرىگە باشلاپ بارغىنىدا (مىيونخېندىكى بىر مېھمانخانىدا تۇراتتى) ھىتلېر ياردەمچىسىگە: كىيىۋالغان شۇ كۆك چاپىنىمغا قاراپ بەكلا نومۇس قىلىپ كەتتىم، بېيىشتېيىن (贝希斯坦) ئەپەندى كەچلىك كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىلا كاستوم-بۇرۇلكا كىيىپ يۈرىشىدىكەن، كەچلىك زىياپەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ساپلا شامپان ئىچىشىدىكەن. “سەن تېخى ئۇنىڭ مونچىسىنى كۆرمىدىڭ، مونچا سۇيىنىڭ ئىسسىقلىقىمۇ ئاپتوماتتىك تەڭشىلىدۇ.”
خانفشتانگېر، (汉夫施坦格尔) دى’ئېر (荻埃尔) كوچىسىدىكى ھىتلېرنىڭ كىچىك ھۇجرىسىنىڭ دا’ئىملىق مىھمانلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى، ھىتلېر ئۇنى كارىدورغا چىقىپ (ئۇ يەردە بىر رويال قويۇلغان ئىدى) بىرەر نەرسە چېلىپ راھەتلىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) بۇ كونىراپ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان رويال شۇنچە كۆپ پەدە قاچۇرۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، يەنىلا بىر ئاماللارنى قىلىپ باخنىڭ پارچىلىرىدىن بىرنى ئورۇنداپ بېرىدۇ. ھىتلېر مۇزىكا ئاڭلىغاچ تىنماي باش لىڭشىتىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى باشقا يەردە ئىكەنلىكى بىلىنىپلا تۇراتتى. خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) پەدە يۆتكەپ «شا’ئىرلار كېچىلىكى» نىڭ باش مۇزىكىنى چېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن چالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن رويالنىڭ پەدىلىرى تۆكۈلۈپ يۈرمىسۇن دەپ ئېھتىيات قىلىپ تۇراتتى. ئۇ پەدىلەرنى باسقاچ “خۇددى لىست (李斯特) كە ئوخشاش كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ ئالاھىدە رومانتىك قىياپەتتە” چېلىشقا كىرىشىدۇ. ھىتلېر مۇزىكىدىن رەسمى ھاياجانلىنىشقا باشلاپ، تار كارىدوردا ئالدى-كەينىگە مېڭىشقا باشلايدۇ. ھەتتا قوللىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ خۇددى بىر ئوركىستېر ئۆمۈكىگە رىزھىسسورلۇق قىلىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. “بۇ مۇزىكا ئۇنىڭ روھىنى ئۇيغۇتىۋەتكەن بولۇپ، مەن چېلىپ پۈتتۈرگىنىمدە ئۇ رەسمى ھاياجان ئىچىدە قالغان بولۇپ، بايىتىنقى غەم-ئەندىشىلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.”
خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔)، ھىتلېرنىڭ «شا’ئىرلار كېچىلىكى» نى سۇدەك يادقا بىلىدىغانلىقىنى، “غەلىتە بىر ئىسقىرىق ئاۋازى بىلەن مۇزىكىنىڭ ھەربىر پەدىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقى” دىن بەكلا ھەيران قالىدۇ. ھىتلېر يەنە شيۇمان (舒曼)، شوپېن (肖邦) ۋە رىچارد ستراۋس (有理查•施特劳斯) نىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بېتوۋىن بىلەن ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئادولف، ئۇنىڭ ئورۇندىغان بىر مۇنچە داڭلىق سىمپونىيە پارچىلىرىنى ئاڭلاپ پەقەتلا زىرىكمەيتتى.
خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) نىڭ پەزىلىتى ھىتلېرنى قىزىقتۇرغاچقا ئەتىراپىدىكى باشقا يېقىنلىرىغا ئۇنى ماختاپ تونۇشتۇرۇپ چىقىدۇ. “ئۇ، يېنىدىكى كىشىلەرنى ھىم ئىتىگلىك ئۆيىگە قاماپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ياكى كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. – دەپ يازىدۇ خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئەسلىمىسىدە، − ئەمما ئۇ يالغۇز مېنى يېنىغا ئېلىپ ئۆيمۇ-ئۆي ئايلىنىپ يۈرۈپ مېنى مۇزىكا ئوقۇتقۇچۇم، ماڭا رويال چېلىشنى ئۆگۈتىۋارىدۇ دەيتتى.” بىر قېتىم، فوتوگرافچى ھېنرىچ خوپمان (汉利希•霍夫曼) نىڭ ئۆيىدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇتپولچىلار مارشىنى چېلىپ بېرىدۇ. ئۇ چۈشەندۈرۈپ كېلىپ، رىغبەتلەندۈرگۈچىلەر ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن مۇزىكانتلار ئەترىتى ئاممىنى ھاياجانلاندۇرالايدىكەن. ھەتتا تاماشىبىنلارنى نېرۋىسى ئاجىزلاشقان كېسەل كىشىلەردەك ۋارقىرتىپ جارقىرايدىغان ھالغا كەلتۈرىۋېتىشىدىكەن. شۇنداق دەپ كېلىپ ھىتلېرمۇ دەرھال ھاياجان ئىچىدە قالىدۇ. شۇڭا ئۇ خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) نى رويال بىلەن قايتا ئورۇنداپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گېرمانىيە مارشىنى ئامېرىكا مۇزىكىلىرىغا ئوخشاش ھاياجانلىق پەدىلىلەر بويىچە قايتا ئۆزگەرتىپ چىقىش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. “شۇنداق. – دەيدۇ ھىتلېر بىر تەرەپتىن ۋارقىراپ يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى دۇمباقچىلار ئەترىتىنىڭ رېزھىسسورلىرىدەك قوللىرىنى ئويناتقىنىچە، − بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بىزمۇ مۇزىكا ئارقىلىق خەلقنى ھاياجانلاندۇرۇشنى ئۆگۈنىۋېلىشىمىز كېرەك!”
شۇنداق قىلىپ، خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) بۇ خىل ئاھاڭلارغا ئاساسەن ھۇجۇمچىلار ئەترىتى ئۈچۈن بىر قانچە خىل مارش نوتىسى ئىشلەپ چىقىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش قىلغىنى خارۋارد مارشىدىكى “ئۇر، ئۇر، ئۇر” دېگەن سۆزلىرىنى “خايىل، خايىل!” دېگەنگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئىدى.
خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) شوۋبىن (施霍宾) دا تۇراتتى. يەنى 1914-يىلى ھىتلېر ئوقۇماقچى بولغان شۇ چوڭ تىپتىكى مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر بىنادا تۇراتتى. ھىتلېر ئۇنىڭ دا’ئىملىق مېھمىنى ئىدى. بەلكىم ھىتلېرنى بەكىرەك قىزىقتۇرىدىغىنى ئۇنىڭ ئايالى ھېلېنا (赫仑纳) بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئايال ئامېرىكىلىق نېمىسلاردىن بولۇپ، ئىگىز بويلۇق، چاچ، كۆز ۋە تەنلىرىنىڭ رەڭگى جىگەر رەڭدە كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلالايدىغان بىر ئايال ئىدى. ھىتلېر ئۆيگە كېلىشىدە ئۇچىسىدا ئۆزىگە ئىنتايىن ياراشقان كۆك سارجا كاستوم-بۇرۇلكىسى بار ئىدى. “ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاملاشقان سالاپەتلىك، ھەتتا سەل-پەل ياسالما كۆرۈنۈشىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. – دەپ يازىدۇ خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئەسلىمىسىدە، − گەپ قىلغىنىدا خۇددى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەردەك بەكلا تارتىنچاق قىياپەتتە ئىدى. ئەسلىدە گېرمانىيىدە ئۇ دەۋرلەردە يوقۇرى بىلىملىك، ئاقسۈڭەكلىك ئۈنۋانى نىسبەتەن يوقۇرى بولغان ئەربابلار ياكى ئىلمى جەھەتتە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ گەپ قىلىش شەكلى ئومۇملاشقان بىر دەۋرلەر ئىدى.” روشەنكى، ھېلېنا (赫仑纳) نىڭ قىزغىن مۇ’ئامىلىسى، سالاپەتلىك كۆرۈنىشى بىلەن ئۇنىڭ گۈزەللىكى باشتىن تارتىپلا ھىتلېرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. ھىتلېر بۇ ئايالنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى. ھەتتا ئۇنىڭغا چوقۇناتتى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيتتى. شۇنىڭدىن 10 يىل ۋاقىت كېيىن ھېلېنا (赫仑纳) ئېلان قىلىنمىغان ئەسلىمىسىدە 1923-يىلى باھاردا مىيونخېن كوچىلىرىدا ھىتلېر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان ۋاقتىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ: “ئۇ چاغدا ھىتلېر بەكلا ئۇرۇق، تارتىنچاق بىر يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىق كۆزلىرىدىن كۆڭلى بىر يەردە ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىمۇ بەكلا ۋەيرانە بولۇپ، ئەرزان باھالىق ئاق كۆڭلەك كىيىپ بوينىغا قارا رەڭلىك گالۇستۇك تاقىغان، ئۇچىسىدىكى پەلتوسىمۇ بەكلا ياراشمىغان قېنىق كۆك رەڭلىك خۇرۇم پالشوپكىسى ئۈستىگە كىيگىچىلىكى قالمىغان كونا كۈلرەڭ قوڭۇر ھەربى پەلتو بار ئىدى. پۇتىغا ئەرزان باھالىق قارا ئاياق كىيىۋالغان، بېشىدىمۇ سۇس كۈلرەڭ كونا شەپكە بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆرۈنىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتاتتى” دەپ يازىدۇ.
ھېلېنا شۇ كۈنى رەتسىز كىيىملىك بۇ ھىتلېر دېگەن كىشىنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ. “شۇ كۈندىن باشلاپ، ھىتلېر ئا’ئىلىمىزنىڭ دا’ئىملىق مېھمىنىغا ئايلىنىپ ئا’ئىلىمىزنىڭ راھەت مۇھىتىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىشقا باشلايدۇ. ئۆيدە بالىلىرىم بىلەن ئوينايتتى، گېرمانىيە ئىپىرىيىسىنىڭ قايتا تىرىلىشى ھەققىدىكى پىلانلىرى، ئۈمىدلىرى ئۈستىدە سۆزلەپ كېتەتتى. باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىزنىڭ ئۆيدە بولۇشنى خالايتتى. چۇنكى بىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا باشقىلاردەك ئۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ سۇ’ئاللار بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ يۈرمەيتتۇق. شۇنىڭدەك بىرەرسىگە ئۇنى كەلگۈسىدىكى قۇتقازغۇچىمىز دەپ تونۇشتۇرۇپ قۇرۇق ماختاپمۇ يۈرمەيتتۇق. ئۇ ئۆيىمىزدە كۆڭلى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايتتى. مەسىلەن بىر چەتتە ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇش ياكى خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن خاتىرجەم شوغۇللىنالايتتى. بىز ئۇنى ئۆز بىلىپ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق مېھمان مۇ’ئامىلىسى قىلمايتتۇق.”
ھېلېنا، ھىتلېرنى يۇمشاق كۆڭۈللۈك بىر ئادەم دەپلا قارايتتى. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، ھىتلېر ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى ئېيگىن (埃贡) گە بولغان ئامراقلىقى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. “ئېنىقكى، بۇ ئادەم بالىلارنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئادەمنى ئىنتايىن ئۇستا بىر ئەرتىس دېيىشلا مۇمكىن.” بىر كۈنىسى، ئوغلى ئىشىككىچە يۈگىرىپ بېرىپ ھىتلېرنى قارشى ئالماقچى بولغىنىدا بىر ئورۇندۇققا ئۈسىۋېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ. “بۇ چاغدا ھىتلېر بالىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ‘سەن مېنىڭ ئاپپاق ئوغلۇم ئېيگىن (埃贡) نى نېمىشكە يارىلايسەن’ دېگىنىچە ئورۇندۇقنى تۇتىۋېلىپ ۋارقىراپ ئۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن بالا خوشال بولۇپ يىغىدىن توختاپ بۇ ئويۇننى تاماشا قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ھىتلېر ئۆيگە كېلىشى بىلەن، چوقۇم بۇ ئويۇننى بىر قېتىم تەكرارلىماي قويمايتتى. ئەيگىن (埃贡) مۇ بولۇشۇپ ‘ئادولف تاغا، بۇ ئورۇندۇقنىڭ سۆڭگۈچىگە ئۇرۇپ بەرسىڭىز’ دەپ يالۋۇرىدىغان بولىدۇ.”
كۈز كەلگەندە، ھىتلېر بىلەن خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئا’ئىلىسىدىكىلەر پۈتۈنلەي ئۆزلىشىپ تېخىمۇ قىزغىن مۇ’ئامىلە قىلىشىدىغان بولىدۇ. ھىتلېرمۇ بۇ ئا’ئىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقا مورتلىرىنىڭ قىلىقلىرىنى دوراپ (مەسىلەن ئۇنى بەكلا ئەتىۋارلىشىدىغان گيورىڭلار ئا’ئىلىسىدىكىلەرنى) بېرەتتى ياكى بولمىسا يەردە ئۆمىلەپ ئېيگىن (埃贡) بىلەن بىرگە ئويناپ كېتەتتى. ھىتلېر ئادەتتە بىر تەرەپتىن شاكىلات ئارىلاشتۇرۇلغان قەھۋە ئىچكەچ پاراڭغا چۈشسە سا’ئەتلەپ گېپى تۈگىمەيتتى. بەزىدە ئۇ “جونىسبۇرگ ھارىقى” نىمۇ ئىچىپ قوياتتى. ئەمما ئۇنىڭغا لىق بىر قوشۇق قۇم شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچەتتى. ئۇلار ئادەتتە بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپمۇ كېلەتتى. بىر كۈنى ئاخشىمى بىرگە كىنوغا بېرىپ «فرىدېرىخكاس لېكس» (弗里德里卡斯•烈克斯) دېگەن كىنونىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈپ كېلىشكەن ئىدى. ھىتلېرنىڭ بۇ كىنو فىلىمدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەھنىسى ياشانغان كىنەزنىڭ تەھدىت قىلىپ تۇرۇپ شاھزادىنى كاللاڭنى ئالىمەن دەيدىغان يېرى ئىدى.
كىنودىن چىقىپ قايتىش يولىدا: “بۇ نېمە دېگەن مەرتلىك، ئىنتىزامنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ ياشانغان پادىشا ئۆز ئوغلىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشتىنمۇ يانمىغىنىنى قاراڭ!” دەپ كىنونى باھالاپ كېتەتتى.
“گېرمانىيىنىڭ قانۇنىنىمۇ ئەنە شۇنداق تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. يەنى يا ئۆز ئىختىيارىغا قويىۋەت، يا كاللىسىنى ئال!”
خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئەر-خوتۇن، ھىتلېرنىڭ بۇ تۈردىكى ئىنتايىن رەھىمدىل بىرسىدىن بىراقلا ئىنتايىن ۋەھشى بىرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا قاراپ ئۇنىڭدىن قورقۇپمۇ قالاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەرمۇ بەكلا كۆپ ئىدى. مەسىلەن ئالايلى، ھىتلېر ئاياللار بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالايدۇ؟ دەيدىغان سۇ’ئاللار بەكلا كۆپ ئوتتۇرغا چىقىپ تۇراتتى. بىر كۈنى ھىتلېر ئۇلارغا “مېنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسى، پۈتكۈل خەلق، نەق بىر ئايال كىشىگىلا ئوخشايدۇ” دېگەن ئىدى. ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغۇچىلارنى ئايال كىشىگىلا ئوخشىتاتتى. “ئەگەر كىمدە-كىم ئاممىنىڭ ئايال مىجەزلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدىكەن، ئۇنداق بىرسى ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ناتىق بولالمايدۇ. سەن ئۆزەڭدىن سوراپ باق، ئاياللار ئەرلەردىن زادى نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى كەسكىنلىك، ئىرادىلىك، كۈچ-ھوقۇق، ھەركەت قىلىش … ئەگەر سەن ئۇلار بىلەن مۇۋاپىق تۈردە سۆزلىشەلەيدىغانلا بولىدىكەنسەن، ئايال خەق مەغرۇر ھالدا ئۆزىنى ساڭا قۇربان قىلالايدۇ، چۇنكى، ھەر قانداق بىر ئايال خەق ھېچقاچان مېنىڭ بەرگەن پىداكارلىقىم چېكىگە يەتتى دەپ قارىمايدۇ” دەيتتى. يەنە بىر قېتىمدا ئۇ، مەن ئۆمۈر بويى توي قىلمايمەن دەپ ئوچۇق ئېيتىدۇ. “ۋەتەن مېنىڭ بىردىن-بىر سۆيگۈنۈم، بىردىن بىر ئوبىكتىۋىم” دەيتتى. ئۇنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى ھەممە ئاغزىدىن چۈشەرمەيدىغان “دۆلەت ئاتا” (گېرمانىيىنى كۆزدە تۇتماقتا) ئىدى. خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئۇنىڭدىن چاخچاق قىلىپ “سەن نېمىشكە بىرەر ئاشنا تېپىۋالمايسەن؟” دەپ سورىۋىدى، “سىياسەتنىڭ ئۆزى بىر ئايال دېمەكتۇر. – دەيدۇ ھىتلېر جاۋابەن، − ئەگەرسەن ئۇنى خوشاللىق بىلەن ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن، ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى غاجىلاپ تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ” دەيدۇ.
ھىتلېرنىڭ بەزى يېقىنلىرى ئۇ شوپۇرىنىڭ قىزى ئوۋن خوك (詹妮•霍希) نى ئاشنا قىلىپ يۈرىدۇ دەپ گۇمانلىناتتى. ئۇ قىز ھىتلېرغا بەكلا سادىقمىش؛ ھەتتا ئۇ قىز ھىتلېرنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوغدىغۇچىسى بولۇپ قوغداش ئۈچۈن قولتۇقىغا بىر تاپانچا يوشۇرۇپ يۈرگىدەكمىش. ھېلېنا خانفشتانگېر (赫仑纳•汉夫施坦格尔) خانىم بۇنداق گەپلەرگە ئىشەنمەيتتى. “ماڭغىنە، ئادولف بۇ جەھەتتە ئۇنچە بەك ھەددىدىن ئاشىدىغان شاللاق بىرسى ئەمەس!” دەيتتى.
ھىتلېرنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرسى بۇنداق قاراشقا قوشۇلمايتتى. ھىتلېرنىڭ يەنە بىر شوپۇرى، ئېيمىل مورىس (埃米尔•莫里斯) مۇ “بىز بىرلىكتە قىز قوغلاپ يۈرگەن ئىدۇق” دەيدۇ كېيىن ئەسلەپ كېلىپ. ئۇلار ئىككىسى پات-پاتلا بىرلىكتە سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ياكى رەسىم كۆرگەزمىخانىلىرىغا بېرىپ يالىڭاچ مودېللەرنى كۆرگىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەزىدە ھىتلېر ئىسمىنى “ئورف (乌尔夫) ئەپەندى” دەپ ئاتاپ مورىس (莫里斯) بىلەن بىرگە ئاخشاملىرى كوچا-كويلاردا ئايلىنىپ قىز ئاختۇرۇپ يۈرەتتىكەن. شۇنىڭدەك مورىس (莫里斯) قىزلارنى ئۆزىگە قارىتىشقا ئۇستا بىرسى بولۇپ، ھىتلېرگە قىز تونۇشتۇرپ يۈرەتتىكەن. مورىس (莫里斯) نىڭ ئېيتىشىدىن قارىغاندا، قولغا چۈشىرەلىگەنلىرىنى ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىپ كۈتىۋالاتتىكەن. ھەتتا يېنىدا بىر تىيىنمۇ پۇلى قالمىغان ۋاقىتلىرىدىمۇ پات-پاتلا گۈل سوۋغا قىلىپ تۇراتتىكەن. ئۇ يەنە “بىز پات-پات بالېت تىياتىرىدىكى قىزلارنى زىيارەت قىلىپ تۇراتتۇق” دەيدۇ.
بۇ كۈنلەردە خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ناتسىتلار پارتىيىسىگە خىزمەت قىلىشىنى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشى ھالىتىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.
ھىتلېر مەسلىھەتچى بولغان روسىنبېرگ (罗森堡) نىڭ بۇرۇتۇڭنى سەل چوڭايتىۋالساڭ بوپتىكەن، ھازى بۇنداق كىچىك بۇرۇتلار بەك مودا ئەمەس دەپ ئېيتقان مەسلىھەتىگە قارىتا ئۇنى مەڭسىتمىگەن ھالدا (ئۇنىڭ يالغانچىلىق پەلسەپەسى سەۋەبىدىن ئۇنى كۆزگە ئىلىپ كەتمەيتتى): بۇنداق بۇرۇت ھازىر مودا بولمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، بۇنداق بۇرۇت قويغىنىم سەۋەپلىك كەلگۈسىدە چوقۇم مودا بولۇپ كېتىدۇ. دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ھىتلېرنىڭ بۇ تۈردىكى ئاسانلىقچە مەسلىھەتكە قۇلاق سالماسلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) يەنىلا ئۇنىڭغا قورقماي مەسلىھەت بېرىپ يۈرەتتى. ھىتلېرمۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالمىسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۇنىڭدىن قەرزگە پۇل ئېلىپ تۇراتتى. بىر قېتىم ھىتلېر ئۇنىڭدىن ئۆسۈمىمۇ يوق مىڭ دوللار قەرز ئالىدۇ. شۇ كۈنلەردە خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئاتا-ئانىسىنىڭ نيۇيوركتا ئاچقان سەنئەت رەسىملەر دۇكىنىدىن ئۆزىگە تەۋە پايدا ئۆلىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. بۇ پۇلنى پاخاللاشقان ماركقا ئالماشتۇرغىنىدا ئۇنىڭ بەكلا كۆپ پۇلى بار بولغان ھېسابلىناتتى. ھىتلېر ئۇنىڭدىن ئالغان بۇ قەرز پۇلغا ئىككى يۈرۈش ئامېرىكىدا ياسالغان شىپىگىراف ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىنى ھەپتىلىكتىن كۈنلۈك گېزىتقا ئۆزگەرتىدۇ.
خانفشىتانگېر (汉夫施坦格尔) ھەقىقەتەنمۇ ھىتلېرغا مەرتلىك قىلىپ ياردەمدە بولۇپ يۈرگەن ئىدى. ئەمما ھىتلېر ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ ئۇ بەكلا يامان كۆرىدىغان دۈشمىنىنى داڭلىق بىرسىگە ئايلىنىدىغان ئورۇنغا تەيىنلەيدۇ. يەنى ھىتلېر، ھەپتىلەپ ئىشقا كەلمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ «كۈزەتكۈچىلەر» گېزىتىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئەيكارت (埃卡特) نىڭ قولىدىن ئېلىپ روسىنبېرگ (罗森堡) كە تاپشۇرىدۇ. بۇ ۋەزىپە، روسىنبېرگ (罗森堡) نى شەرق مەسىلىلىرى بويىچە پارتىيىنىڭ مۇتەخەسسىسى ھالىغا كەلتۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئۇنى شرىنا رېشىد (施勃纳•里希特) قا ئوخشاش روسىيىدىن قېچىپ چىققانلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىمۇ كۈچەيتىپ بېرىدۇ. رېشىد (里希特) دېگەن بۇ كىشى بەكلا سىرلىق بىرسى بولۇپ، گېرمانىيىدىكى كاپىتالىستلار بىلەن يوقۇرى تەبىقە جەمىيىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار بىرسى بولۇش بىلەن بىرگە، لۇدېندورف ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت باغلىغۇچىلىق رولىنى ئويناشتىن باشقا ھىتلېرنىڭ بارغانسىرى ئەتىۋارلىق مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرسىگە ئايلانماقتا ئىدى.
بارلىق روسىيە مۇساپىرلىرى بولشېۋىكلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا كاللىسى چار پادىشانىڭ يەھۇدىيلارنىڭ يوقۇتۇش ھىلىمىكىرلىرى بىلەن تولغان ئىدى. يەنى يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى تېررورلۇق ۋە زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىش دەپ قارايتتى. بۇ تۈردىكى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ قارىشىدا يەھۇدىيلارغا قارشى ئىجتىما’ئىي ياكى ئىقتىسادى تەدبىرلەرنىڭ ھېچقايسى كارغا كەلمەيدىغان چارىلار ھېسابلىناتتى. يەھۇدىلارنى كەڭ كۆلەمدە قىرىپ تاشلاش ئارقىلىقلا ئۇلاردىن قۇتۇلۇش مۇمكىن دېيىشەتتى. |
|