قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: semenyoli

ئادولف ھىتلېر سەرگۈزەشتىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

1736

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 487
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 23:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىمىا بوپتۇ! ئاخىرغا تەشنا بولىۋاتىمىز قېرىندىشىم!

4

تېما

0

دوست

6358

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1527
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 19:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەنيولى قېرىندىشىمىز چەتئەل.دىكەن.......................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

0

دوست

6358

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1527
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 19:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلكىتابقا ئايلاندۇرلۇپلا يوللانسا ھەممىمىزگە قولايلىق بولاتتىغۇ؟؟؟؟؟

1

تېما

2

دوست

5241

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1432
توردىكى ۋاقتى: 389
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 13:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەن يولى قېرىندىشىم ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭىزمۇ؟ تېمنىڭ ئاخىرىغا قاراپ قالدۇق.

1

تېما

2

دوست

2355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7732
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 413
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 15:54:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك ئەسەركەن ، رەھمەت ....
ھەربىر تال گۈرۈچنىڭ سورىقى قىلىندىغان كۈنلەر كېلىدۇ !

2

تېما

0

دوست

1682

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11700
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:56:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتىنچى باب


پىۋىخانا ئىسىيانى


1923

(1)


1923-يىلى سىنتەبىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، ھىتلېر كۆڭلىنى بەكلا پاراكەندە قىلىدىغان بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ خەتنى “پارتىيىڭلارنىڭ پىشقەدەم ئەزاسىدىن بىرسى، پارتىيىنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغان بىر پارتىيىلىك” يازغان. بۇ خەتنى يازغان كىشى، داڭلىق يۇلتۇز پالچىسى ئېرسپورت ئېپتىن (埃尔斯伯特•埃伯汀) خانىم تۈزگەن داڭلىق پالچىلىق كالىندارىدا، كىشىنى چۈچىتىدىغان بىر ئالدىن كۆرۈش يېزىلغانلىقىنى ئېيتقان. “1889-يىلى 10-ئافرېل كۈنى تۇغۇلغان مەلۇم بىر سىياسى ھەرىكەتچى، − دەپ يېزىلغان بۇ كىتابتا، − ھەرىكىتىنى ئېھتىيات بىلەن قانات يايدۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك قەتئى تېزگىنلەش مۇمكىن بولماي قالىدىغان بىر ئېغىر بوھران پەيدا قىلىۋېتىشى مۇمكىن؛ شۇڭا بۇ كىشى ئەستايىدىللىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. كەلگۈسى يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشتا بۇ كىشى داھىلىق رول ئالىدۇ؛ شۇنىڭدەك بۇ كىشى يەنە ئاخىرى نېمىس مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ.” دەپ يېزىلغان.

گەرچە پالچى ئايال ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئۇ ئېيتقان ئادەمنىڭ ھىتلېر ئىكەنلىكى ئوپ-ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ ئايال ئۇ كۈننىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. يەنى، ئەگەر يېقىنقى كۈنلەردە ھەرىكەتتە بەك ئالدىراخسانلىق قىلىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ كەلتۈرىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. يەنە بىر پالچى بولغان ۋېلھىلم ئورف (威廉•乌尔夫)، (بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ پالچى ھىتلېرنىڭ مەخپى ساقچىسى ئىچىدە پالچى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ) مۇ ھىتلېرنىڭ شۇ يىلى كەچ كۈزلەردە ئوتتۇرغا چىقىدىغان تەغدىرى ھەققىدە تولۇقلىما پال باققان بولۇپ، ئۇنىڭ پالى قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان. ئۇمۇ ئوخشاشلا قورقۇنۇشلۇق پال چىقارغان بولۇپ، 1923-يىلى 8~9-نويابىرلاردا، ئەگەر زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللانغىدەك بولغىنىدا ئۇنىڭمۇ ئاقىۋىتى يوقۇلۇش خاراكتېرلىك ئاپەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان.

پالچىلاردىن كەلگەن بۇ تۈردىكى ئالدىن خەۋەرلەر، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەستايىدىل مۇ’ئامىلە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قانچە گېرمانىيە پسىخو’ئالىزچى دوختۇرلىرى بىلەن پسىخولوگلارمۇ “پسىخىكىلىق پالچىلىق” مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. تېخى يېقىندىلا، دوكتور ئو. ئا. ھ. شىمىت (施密茨)، بۇ كىشى شىۋىتسارىيە روھى كېسەللىكلەر دوختۇرى كارل گوستاپ جيۇڭنىڭ سادىق مورتلىرىدىن بىرسى، پالچىلىق، بەلكىم ئادەم مىجەزى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئېھتىياج بولىشىمۇ مۇمكىن دەپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھىتلېر، ھېلىقى پالچى ئېيپودىننىڭ پالىغا بەرگەن باھاسىدا: “پالچى ئايال بىلەن، يۇلتۇز پاللىرى بىلەن مېنىڭ نېمە ئىشىم؟” دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ھىتلېر بۇنداق پاللارغا مەيلى ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن، ئەمما ئۆزىنىڭ تەغدىرى چوقۇم ئۇنى غەلىبىگە يېتەكلەپ بارالايدىغانلىقىغا ھەقىقەتەنمۇ تولۇق ئىشىنەتتى. شۇنىڭدەك يەنە، خۇددى ھېلېنا خانفشتانگېر (赫仑纳•汉夫施坦格尔) نىڭ دىققىتىنى تارتقىنىدەك، كەسكىن گەپلەردىن باشقا ھېچ قانداق گەپكە قۇلاق سالمايتتى. ھىتلېر، ئېيپورتىن (埃伯汀) نىڭ يۇلتۇز پالچىلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىسىمۇ شۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان ئىدى. ھىتلېر، ۋاگنېرنىڭ يۇرتىدىكى ۋاقتىدا، بېلېت (白莱特) نىڭ ۋانفورد (万弗里德) داچىسىدىكى ۋاقتىدا، شۇ يەردىكى مەرھۇم ۋاگنېرنىڭ 86 ياشلىق تۇل ئايالى كېشما (科西玛) نى يوقلاپ كىرگەن ئىدى. ۋاگنېرنىڭ ئوغلى پېنگۋېي (品格菲) نىڭ ئېنگىلىز ئايالى ۋېنفلېد ۋاگنېر (威尼弗雷德•瓦格纳) ھىتلېر ۋە ئۇنىڭ ناتسىتلار پارتىيىسىدىكىلەرگە تولۇق قايىل ئىدى. شۇڭا ئۇ ھىتلېرنىڭ يوخلاپ كېلىشىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىدۇ. ئۇنىڭ 6 ياشلىق قىزى فرېدىرېين (弗莱德莱茵)، باۋارىيە پاسونىدا قىسقا ئىشتان، قېلىن يۇڭ پايپاق، قىزىل-كۆك نەقىشلىق كۆڭلەك، كۆك رەڭلىك ئاجايىپ چاپان كېيىۋالغان ھېتلېرنى كۆرۈپ بەكلا كۈلكىلىك ھېس قىلىدۇ. “ئۇنىڭ ئىككى مەڭىز ئۇستىخىنى ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ چىققان، چىرايى تاتارغان، كۆزىنىڭ كۆكلىكىمۇ بەكلا غەلىتە، مۇنداق قارىغاندا خۇددى يېرىم ئاچ-يېرىم توق بىرسىگىلا ئوخشايتتى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭدا قانداقتۇ بىر نەرسە، ھاياجانلىق بىر نۇر چاقناپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى.”

ھىتلېر بەكلا سۇنئى قىلىقلارنى چىقىرىشقا باشلايدۇ. مۇزىكا ئۆيى بىلەن كۈتۈپخانا ئۆيىدە خىجىل بولۇپ ئۆزىنى ئەپلەشتۈرەلمىگەندەك بىر شەكىلدە تەمتىرەپ ئالدى كەينىگە مېڭىپ كېتىدۇ. ئۇ تەمتىرىگەنلىكىدىن خۇددى بىر چىركاۋغا كىرىپ قالغاندە بەكلا ئېھتىيات قىلىپ مېڭىپ يۈرەتتى. كېيىن ئۇ گۈللۈكتە ۋاگنېرلار ئا’ئىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئويلىغان كەلگۈسى پىلانلىرىنى سۆزلىگەن ۋاقتىدا “رېتىملىق، ئېنىق قىلىپ سۆزلەيدۇ. ئاۋازىمۇ بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ بارىدۇ.” كېيىن، بىز ھەممىمىز ھۇزۇر بىلەن مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان قۇشقاچلاردەك ئۇنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋالغان ئىدۇق. ئەمما بىز ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىدىن ھېچ نېمىنى ئۇقالمىدۇق.” ھىتلېر كەتكەندىن كېيىن، ۋاگنېر خانىمى “سىلەر بۇ ئادەمنىڭ چوقۇم بىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ قۇتقازغۇچىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىڭلارمۇ؟” دېگىنىدە، پېنگۋىي (品格菲) ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاتتىق كۈلۈپ كەتكەن. چۇنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ بىر ئالدامچى، تۇيۇقسىز بېيىپ كەتكەن بىر بايىۋەتچى ھېسابلىناتتى.

ھىتلېر كوچىنىڭ نېرقى تەرىپىگە ئۆتۈپ ئاجىزلاپ غالتەكلىك ھارىۋىغا چۈشۈپ قالغان ياشانغان ھوستون ستو يان (豪斯顿•司徒•张伯伦) نى يوقلايدۇ. ستويان (张伯伦)، ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرال پولكوۋنىكىنىڭ ئوغلى بولۇپ، گېرمان مىللىتى ئەڭ ئېسىل مىللەت ئىكەن دەپ قاراپ گېرمايىنىگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان بىرسى ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تالانتلىق ئەمما بەكلا تىرىككەك بىرسى ئىدى. كىشىلەر ئۇنى بىردەك دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەدىپلىرىدىن بىرسى دەپ قارىشاتتى. ئۇ بىر ۋاگنېر ھەۋەسكارى ئىدى. شۇڭا ئۇ ۋاگنېرنىڭ قىزى ئېۋا بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇ ئەنگىلىيىلىك ئىرقچى ئالدىن كۆرەر ئادەم ھىتلېردىن شۇنداق قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىكى، شۇ ئاخشىمى “بەكلا خاتىرجەم، بەكلا مېزلىك ئۇخلىيالىغان” لىقىنى، يەنى 1914-يىلى ئاۋغۇستتا قاتتىق زەربە يىگىنىدىن بۇيانقى ئەڭ ھۇزۇرلۇق بىر ئۇيقىغا غەرق بولالىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ھىتلېرغا يازغان بىر خېتىدا، “بۇ ئۇشتۇمتۇم ۋەقە مېنىڭ روھى ھالىتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. گېرمانىيە، تازا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرىۋاتقان كۈنلىرىدە ھىتلېر بارلىققا كەلدى. بۇ، گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن جانلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى” دەپ يازىدۇ.

ستويان (张伯伦) نىڭ بۇ گەپلىرى ھىتلېرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ بەرگەن. يەنى، ئۇ ئۆزىنى تەغدىرنى قولىغا ئالغان بىرسى دەپ قارىيدۇ. تەخمىنەن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندە، ھىتلېر بىلەن روزىنبېرگ (罗森堡) ۋە خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئەر-ئايال تۆتەيلەن باۋارىيىنىڭ  تاغلىرى ئىچىدە ماشىنىلىق كېتىۋاتقىنىدا، يولنى قۇيۇق تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە، ئۇلار ئولتۇرغان قىزىل رەڭلىك مەرسەدەس پىكاۋى بىر ئازگال ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. مىيونخېنغا قايتىشىدا يول بويى ھېچ كىم ئۈن چىقارماي جىمىپ كېتىشىدۇ. كېيىن، ھىتلېر ھېلېنا (赫仑纳) غا “بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە قىلچە ھۇلۇقماي ئولتۇرغانلىقىڭنى سەزدىم. راس، بىزگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، مېنى يارىلاندۇرالمىغان ۋەقە بۇ بىر قېتىملىقلا ئەمەس. مەن ھەر قېتىمدا خەۋىپتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئۆز پىلانىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرلىمەكتىمەن” دەيدۇ.

2

تېما

0

دوست

1682

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11700
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:57:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(2)


مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى نىقاۋى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان بۇ ۋەزىيەت، يەنە بىر تەرەپتىن ھىتلېرغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بېرلىنغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپمۇ كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئۆكتەبىر باشلىرىدا، ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى بىر ماركنىڭ قىممىتى بۈگۈن 601430 ماركقا تەڭلىشىپ قالغان ئىدى. بىر تۇخۇمنىڭ باھاسى 1913-يىلقىنىڭ 30 مىليون ھەسسىسىگە تەڭلىشىپ قالىدۇ. نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ھەمدە سودا-سانا’ئەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە تەۋە “جىددى ھالەت پۇلى” نى بېسىشىپ قەرزىنى تۆلەشكە كىرىشىدۇ. ئىمپىرىيە بانكىسى بۇنداق “جىددى ھالەت پۇلى” نى قەتئى قوبۇل قىلالمايتتى ياكى ئۆزىنىڭ تارقاتقان پۇلى بىلەن ئايرىۋاشلاش ئۆلچىمىنىمۇ ئوتتۇرغا قويالمايتتى. ھۆكۈمەت دا’ئىرىلىرىنىڭ ئۆز پۇلىنى ئۆزى بېسىپ تارقىتىشىمۇ بىر شاڭخوغا ئايلانغان ئىدى: ئۆتكەن يىلى دېكابىردا بېسىپ تارقاتقان مىڭ ماركلىق قەغەز پۇلىغا بۈگۈن بىر مىليارد مارك دېگەن قىزىل تامغا بېسىلغان ئىدى. باۋارىيە بانكىسى بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى تارقاتقان 500 مىليونلۇق قەغەز پۇلغىمۇ 20 مىليارد مارك دېگەن تامغا بېسىپ ئۆزگەرتىدۇ. بۇ 20 مىليارد مارك پۇلغا ئەسلىدە 800 دوللار پۇل تېگىشكىلى بولسىمۇ، ئاسترونومىيىلىك رەقەمدىكى كۆرۈنىشى بەك چىرايلىق بولمىغان بۇنداق بىر ۋاراق پۇلنى كۆتۈرۈپ پۇل تىگىشىدىغان يەرگە كەلگىچە، پۇل پاخاللىق دەرىجىسى بويىچە تىگىشىدىغانغا ماقۇل دەيدىغان بىرەرسىنى تاپالىغىنىدىمۇ ئۇنىڭ قىممىتى بىر دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان نەچچە سىنىت دوللارغا چۈشۈپ قالاتتى. كىشىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئېلىشىپلا كەتكەن بولۇپ، پۇلى بارلاردىن ھېچ كىم يېنىدا پۇلىنى بىرەر سا’ئەت ساقلاپ تۇتالماس ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەگەر بىرەرسى بانكىغا بارىدىغان بىر ترامۋايغا ئۈلگىرەلمىدىمۇ-بولدى، ئۇ كىشىنىڭ بىر ئايلىق ما’ئاش پۇلى ئەسلىدىكىسىنىڭ تۆتتە بىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاز پۇلغا ئايلىنىپ قالاتتى. بادىن (巴登) دا، بىر ياش يۈگەر-يىتىمچى، ئامېرىكىلىق مۇخپىر ئېرناست ھېنرىگ (埃纳斯特•海明威) كە: “مەن رەسمى بىر مېھمانخانا سېتىۋالالىغىدەك پۇل يىغقان ئىدىم، مانا ئەندى، ئۇ پۇلۇمغا ئارانلا تۆت شىشە شامپانىسكى ئالالايدىغان بولدۇم. … گېرمانىيىدىكى بۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ پەيدا قىلىنىشى ئەسلىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئالداشنىلا مەقسەت قىلىپ پەيدا قىلىنماقتا. – دەيدۇ ھېلىقى كۈتكۈچى، − ئەمما بۇنىڭدىن ماڭا نېمە پايدا؟”

مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ يۈكى نەق پۇل تۆلەشكە كۈچى يەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئىشچىلار بىلەن قېرىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىدى. ئىشچىلار ئاچارچىلىق گىرۋىكىدە قىينالماقتا، ياشانغانلار بىر كېچىدىلا قەلەندەر ھالغا چۈشۈپ قالماقتا ئىدى. پىنسىيە پۇلىغا تايىنىپ كۈن ئالىدىغان پۇخرالار ياكى پاي چېكى ئۆسۈمى بىلەن ستراخۇۋانىيە ئۆسۈمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكىزىدىغان كىشىلەر پۈتۈنلەي يالىڭاچلىنىپ قالغان ئىدى. ئالتۇن بىلەن قىممىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ كېلىنگەن مارك بىلەن ئاكىتسىيە سېتىۋېلىش ئىشلىرىدىمۇ بۈگۈن نەق پۇلغا سېتىۋېلىش يولغا قويۇلغاچقا، تۆلىنىدىغان قەغەز پۇل تىنماي قىممىتىنى يوقۇتۇپ تۇراتتى. بۇنداق ئەھۋالنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار، ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنە شۇنداق ۋەقە بېشىغا كەلگەن جەنۇپلۇق ئا’ئىلىلەرلا بۇنداق پۇل پاخاللىقىنىڭ قانداق بىر ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلەتتى.

بۇ ئىشلاردىن ئەڭ بەك خوشال بولغان كىشىلەر بۇرۇن ئېغىر قەرز ئاستىدا بۇغۇلۇپ قالغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەندى قەرزلىرىنى قىلچە قىممىتى يوق بۇ پاخال پۇللارنى تۆلەش بىلەن شۇنچە ئېغىر قەرز رەقەملىرىدىن بەكلا ئاسانلا قۇتۇلۇپ قالماقتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشتىن ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلار يەنىلا ئاكىتسىيە بازارلىرىدىكى چوڭ غوجايىنلار، ھايانكەش ئېلىپ ساتارلار، ھەمدە پۇرسەتنى تېزگىنىگە ئالالايدىغان چەتئەللىكلەر بولۇپ، ئۇلار كۈلكىلىك ئەرزان باھالاردا زىبۇ-زىننەت ۋە مۇقىم مۈلۈكلەر سېتىۋېلىشاتتى. ئۇلار بىر قانچە يۈز دوللار خەجلەپلا چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار بىلەن چوڭ-چوڭ بىنا-مېھمان سارايلارنىڭ غوجايىنلىرىغا ئايلىنىۋالاتتى. كىشىلەرنىڭ ئۈنچە-مارجان دېگەندەك ئا’ئىلە مىراسلىرىنىڭ پۇلىغىمۇ ئارانلا بىرەر ھەپتىلىك يەيدىغان نەرسە كېلەتتى. بەزى ئىشلارغا ئادەمنىڭ زادىلا ئەقلى يەتمەيتتى: بىر ئايال يولدا بىر سېۋەت پۇلنى ئۇنتۇپ قېلىپ كېتىپ قالغان. سەل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئايال پۇلىنى ئىستەپ بايىقى يەرگە كەلسە بىرسى ئۇنىڭ سىۋىتىنى ئوغرىلاپ كەتكەن بولۇپ، ئەمما پۇلنى يول ياققىسىدىكى پاسكىنا ئېرىققا تۈكىۋەتكەن؛ ھەپتىلىك ما’ئاشى 2 مىليارت بولغان بىر ئىشچى ئارانلا ئا’ئىلىسى بىر كۈن يىگىدەك قۇم چامغۇر سېتىپ ئالالىغان. ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنلىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن قانۇن ئىنتىزامغا قاتتىق رى’ئايە قىلىپ ئادەتلىنىپ كەلگەن نېمىسلاردا ئېتىزلىقلاردىن قۇمچامغۇر ئوغۇرلايدىغان ھادىسىلەر پات-پاتلا پەيدا بولۇپ تۇراتتى (ئۇ كۈنلەردە ئەڭ بازىرى ئىتتىك كىنو فىلىملىرىنى ھەرگىزمۇ نېمىسلار ئۆزلىرى لېنتىغا ئالغان فىلىملەر ھېسابلانمايتتى. ئۇ كۈنلەردە د. ۋ. گرىفىس (格里菲斯) تەرىپىدىن لېنتىغا ئېلىنغان فىلىملەر ئەڭ بەك بازارلىق كىنو فىلىمى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ لېنتىغا ئالغان بىر كىنو فىلىمىنىڭ ئىسمى «ھايات – نېمە دېگەن گۈزەل» دېگەن فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدا نيېل خاممېردۇن (尼尔•汉密尔顿) بىلەن كارۇل دېمىست (卡洛尔•德姆斯特) ئىككىسىنىڭ رول ئېلىشىدىكى كەلگۈسىدە كىچىك بىر پارچە قۇمچامغۇر ئېتىزىغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان نېمىس ئەر-خوتۇن تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنو فىلىمىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق سەھنىسىدە، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن يېرىم كېچىدە ئوغۇرلۇقچە بېرىپ قۇمچامغۇرلۇقىغا بېرىپ قۇمچامغۇرلىرىنى يىغىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى ھارۇۋىغا قوشۇپ ھارۇۋا سۆرەپ ئورمانلىق ئىچىدە كېتىۋاتقىنىدا ئالدىغا بىر توپ قاراقچى چىقىپ قۇمچامغۇرلۇرىنى پاك-پاكىزە بۇلاپ كېتىشكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ كۈنلەردىكى ئەڭ ياخشى نېمىس كىنو فىلىمى «تىم-تاس كوچا» دېگەن كىنو ئىدى. بۇ كىنو فىلىمىدا ئاساسلىق رول ئالغان گرىت گابوۋ (格丽泰•嘉宝)، ۋيېنالىق بىر كاپىتالىسنىڭ قىزى رولىنى ئوينايدۇ. ۋەقەلىكتە ئاكىتسىيە بازىرىنى تېزگىنىگە كىرگۈزىۋالغان كىشى جاھاننى مالىماتاڭ قىلىۋېتىپ بۇ ئا’ئىلىنى پۈتۈن مال-مۈلكىدىن ئايرىلغان قەلەندەر ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاچقا، بۇ كاپىتالىست ئا’ئىلىسى ئاچارچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنونىڭ يەنە بىر سەھنىسىدە كىشىلەر گۆش دۇكىنى ئالدىدا كۆش ئېلىش ئۈچۈن كېچىچە ئۆچۈرەت تۇتۇپ چىققانلىق ۋەقەسى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىنو فىلىمى قاتتىق غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ كىشىلەرنى قاخشىتىپ يۈرۈپ بېيىپ كەتكەن قاسساپقا ھۇجۇم قىلغانلىق سەھنىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).

شۇ يىلى يانىۋاردىن باشلاپ ھىتلېر پارتىيىسىگە 35 مىڭ نەپەر يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىدۇ. ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگىنىدە، ھىتلېر، ئەندى خەلقىمىز بىر مەيدان ئىنقىلاپ قوزغاشقا تەييار ھالغا كېلىپ بولدى، دەپ ھېسابلايدۇ. “مېنىڭ غەزەپلىك ئارزۇيۇم، ھەمدە نېمىس خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى مېنى ئەنە شۇنىڭغا مەجبۇرلىماقتا. – دەيدۇ ھىتلېر نيۇرېنبېرگ (纽伦堡) مىتىنگىدە، − ئەندى مەن ھەرىكەت باشلىماقتىن باشقا چارەم قالمىدى.” ھىتلېر نۇتۇق سۆزلەپ ھېچقاچان بۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدى. “ھەيران قالىسەن، بۇ ئادەم نۇتقىنى باشلىغىنىدا مەيداندىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ تىم-تاس بولۇپ ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاشقا باشلايتتى. – دەپ يازىدۇ، ھىتلېرنىڭ ئەسەبى مورتىغا ئايلانغان بىر قىز شۇ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئا’ئىلىسىگە يازغان خېتىدە، − پۈتۈن مىتىنگ مەيدانىغا يىغىلغان خەلق نۇتۇقنى ئاڭلىيالماي قالماي دەپ ھەتتا نەپەسمۇ ئالماي ئۇنىڭ نۇتقىنى تىڭشىماقتا ئىدى. مېنىڭچە، ھىتلېر قېرى-ياش، ئەر-ئايال بارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا يىغىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەپسۇن ئوقىسا كېرەك؟” يەنە بىر ئۇنىڭ نۇتقىدىن مەس بولۇپ كەتكەن بىرسى ھىتلېرنىڭ تۈكۈرۈكلىرى چاچىرىغىدەك ئۇنىڭغا يېقىنلىشالىغان. “بىز ئۈچۈن بۇ ئادەم قۇيۇنتازدەك كېزىپ يۈرىدىغان بىر جاپاكەش راھىپ. ئەمما ئۇ خەلقنىڭ قەلبىدە يېنىپ تۇرغان ئوت يالقۇنىنى قانداق قىلغاندا يالقۇنجىتىشنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان بىرسى. ئۇ نۇتقىدا مۇنازىرە ئۇسۇلىدىن پايدىلانمايدۇ. چۇنكى ئۇنداق مۇنازىرە شەكلى كىشىلەرنى قىساس ئوتى ئىچىدە يالقۇنجىتىش جەھەتتە كارغا كەلمەي قالىدۇ. ئۇ ئەسەبىلەرچە قاتتىق ۋارقىراپ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىناتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا قۇلاق پەردىلىرىنى تىتىرتىپ پاڭ قىلىۋەتكىدەك قايتا-قايتا تەكرارلاشلار، شۇنىڭدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرەلىگىدەك ئاھاڭ بويىچە رېتىملىك  سۆزلەر بىلەن نۇتۇق سۆزلەيتتى. ھىتلېر بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش يولىنى تولۇق ئىگىلىگەن بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق نۇتۇق سۆزلەش ئۇسلۇبى كىشىلەر قەلبىنى كۈچلۈك ئىسكەنجىگە ئېلىۋالالايتتى، شۇنىڭدەك ئىپتىدا’ئى، ياۋايىلارچە ھاياجان يارىتىش تەسىرىنىمۇ پەيدا قىلالايتتى.”

باۋارىيىدە، بۇ تۈردىكى كۈشكۈرتۈش خاراكتېرىنى ئالىدىغان نۇتۇقلار پەيدا قىلغان كۈچلۈك بېسىم، قولىدا شۇنچە كۆپ مۇستەبىتلەرچە ھوقۇق بولۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، فون كارل (冯•卡尔) نى ئۆز ۋەزىپىسىنى پەقەتلا ئىجرا قىلالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا ئىدى. يوقۇرىدىن ئۇنىڭغا ھىتلېرنىڭ توپىلاڭ قىلىشلىرىنى باستۇر دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرسىمۇ، باۋارىيىدىكى نۇرغۇنلىغان يېتەكچىلەر ھىتلېرغا سىلىق مۇ’ئامىلە قىل دەپ بېسىم ئىشلىتىپ تۇراتتى. باۋارىيىلىكلەرنىڭ تېنچلىق دېگىنى ئەسلىدە مىللەتچىلىك ۋە كونسىرىۋاتىپلارنىڭ تېنچلىقى بولۇپ، ھىتلېرنىڭ بۇنچە قوپال ھەرىكەتلىرىنى، ئۇنىڭ بۇنچە ئېغىر نۇتۇقلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر تەنقىت قىلىپ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئۇلارمۇ خۇددى ھىتلېرغا ئوخشاش قۇدرەتلىك بىر گېرمانىيە چۈشىنى قىلىشىدىغان، بۇنى تېزىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئىدى. “بىر قىسىم كىشىلەر  ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان تۇيغۇلار كىشىلەرنى ئۆزلىكىدىنلا ناتسىتچىلىق يولىغا باشلاپ كېتىپ قالاتتى. – دەيدۇ باۋارىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېبرالىست بىر ئەزاسى، − ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، بۇ كىشىلەرمۇ ئەسلىدە راستىنلا ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەمىمى كىشىلەردىن ئىدى.” شۇ سەۋەپتىن، باۋارىيە ساقچى دا’ئىرىلىرى شۇنچە قۇرساق كۆپىكى قىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ھىتلېرنىڭ بۇنچە زوراۋانلىق قىلىشلىرىغا بەك قول ئۇزارتىپ كېتىشمىگەن ئىدى. باۋارىيىنىڭ قۇرۇغلۇق ئارمىيە قۇماندانى گېنېرال ئوتتو فون روسۇف (奥托•冯•洛索夫)، بېرلىندىن ھىتلېرنى چەكلەش، ئۇنىڭ گېزىتنى پىچەتلەش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلشتىن باش تارتىپ قارشى چىقىدۇ. روسۇفنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ بۇيرۇققا بوي سۇنماي كەلگىنى ئۈچۈن ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. ئەمما بۇ ئىش چوڭىيىپ باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ غەزەپلەندۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا، باۋارىيە ھۆكۈمىتى بۇ سابىق گېنېرالنى باۋارىيە شىتاتى دۆلەت مۇداپىيە باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ.

ئەتىسى، باۋارىيىدە تۇرۇشلۇق بارلىق قوشۇنلار بىرلىكتە بۇيرۇققا ئىتا’ئەتسىزلىك كۆرسىتىدۇ. يەنى بىر ھېساپتا پۈتۈن ئارمىيە ئىسيان كۆتەرگەندەك بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.
قىسىملار باۋارىيە ھۆكۈمىتىگە قەسەم بېرىپ، ۋىيمار جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەنلىكىنى ئېيتىپ: “باۋارىيە بىلەن ئىمپىرىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن تەڭشەلگەن كۈنىسىلا ئاندىن يوقۇرى دەرىجىلىك ئوپىسسىرغا بوي سۇنۇش پىرىنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن” دەپ قەسەم قىلىشىدۇ. بۇ بىر قانۇنلۇق، رەسمى بىر ھەرىكەت بولۇپ، زوراۋانلىق كۈچىدىن پايدىلانماي قوزغىغان، ئەمما يەنىلا كەم-كۈستىسىز بىر ئىسيان ھېسابلىناتتى. “بۇنىڭلىق بىلەن ئىچكى ئۇرۇش چىقمايدۇ. – دەيدۇ باۋارىيە ئىچكى كابېنت ئەزالىرىدىن بىرسى روبېرت مورفى (罗伯特•墨菲) بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبىتىدە، − بۇ دۆلەتنىڭ رولى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا سولغا قېيىپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق قېيىپ كېتىشتىن ساقلاش ئىشى بۇرۇن ۋە ھازىرمۇ يەنىلا باۋارىيىلىكلەرنىڭ بىر ۋەزىپىسى بولۇپ قالماقتا.”
ھەيئەت ئەزاسى فون كارل (冯•卡尔) مۇ ماقالە ئېلان قىلىپ فېدېراتىپ ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ، «مىيونخېن گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بۇ ماقالىسىدا باۋارىيىنىڭ بويرۇققا بوي سۇنماسلىقىنى ئاقلاپ كېلىپ، باش مىنىستىر گۇستاۋ ستېرسمان (古斯塔夫•斯特莱斯曼) نىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش چاقىرىقىنى چىقىرىدۇ. ستېرسمان (斯特莱斯曼) بولسا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا، ئەركىنلىك بىلەن سىياسى ھوقۇققا چىن قەلبىدىن ئېتىقات قىلىدىغان بىرسى ئىدى.
شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىمۇ بىر مىللەتچى ئىدى. ئۇ قاتتىق تەنقىتلەپ كېلىپ، پرۇسىيىدە 32 مىڭ نەپەر ماركسىزمچى ھەر خىل مەمورى ئورۇنلارنى ئىگەللەپ ئېلىشقان، “شۇنداق بولغاچقا، مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسەت يۈرگۈزۈش ئىشلىرى پۈتۈنلەي ماركسىزملىق ئۇسۇلدا كېتىۋاتماقتا، يەنى ماركسىزمچىلار شەيئىلەرنىڭ تەبى’ئى تەرەققىيات قانۇنىغا زىت ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ مەقسىدى قوزغىتىش، كۈشكۈرتۈش ۋە كوچا جىدىلى پەيدا قىلىشتىنلا ئىبارەت. ھازىر تاشقى سىياسەتلەر خەلقئارالىشىش يولىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە، ئەمما دېپلوماتىيە ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغانلار ھەممىلا يەردە ۋەھىمە تارقىتىشىپ گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىشىگە يول قويماي كەلمەكتە.” ئۇنىڭ بۇ تۈر قاراشلىرى بىلەن بۇ گەپلىرى خۇددى ھىتلېرنىڭكىنىڭ ئەينى ئىدى.

ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، گەرچە ۋىيمار ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولىشىغا قارىماي يەنىلا ئۆز قىسىملىرىغا قۇماندانلىق قىلىپ يۈرگەن گېنېرال فون لوسۇف (冯•洛索夫)، بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا “ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا بولىشى ئۈچۈن، يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن ھارۇۋىنى يەنە شۇ بۇرۇنقى كالا سۆرەش؛ باۋارىيە بىلەن ئىمپىرىيە بىر-بىرىدىن ئايرىلىش؛ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىپ، مەملىكەت بويىچە دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشنى ئېلان قىلىشلاردىن بىرىنى تاللىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ” دەيدىغان ئۈچ تۈرلۈك پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ھىتلېر بۇ ئۈچ تۈرلۈك پەرەزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى، يەنى بېرلىننى ئىگەللەش يولىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىپ چىقىدۇ. باۋارىيىنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ئاجرىتىۋېلىش ئېھتىمالى ھىتلېرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر يول ھېسابلىناتتى. چۇنكى باۋارىيە مۇستەقىل بولىۋېلىشى ھامان، شاھزادە رۇبلېيشت (卢伯莱希特) پادىشالىقىدىكى مۇنارخىيە ھاكىمىيىتى تىكلىنىشى مۇمكىن دەپ قارايتتى (ھىتلېرغا تەۋە ئىچكى قىسىمدىكىلەرنىڭ پىكىر بىرلىكى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، كاپىتان روم، شاھزادە روبلېيشت ( 卢伯莱希特) بىلەن ئىككى قېتىم ھەمكارلىشىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشتا، ئۇ روبلېيشت (卢伯莱希特) نىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ھىتلېر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى يالۋۇرۇپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، شاھزادە “بەك دوستانە بولمىغان” قىياپەتتە قوبۇل قىلمىغان ئىدى. يەنە بىر قېتىمىدا، روم شاھزادىگە ھىتلېر، لۇدېندورف ۋە شاھزادە ئۈچى بىرلىشىپ باۋارىيىگە ھۈكمۈرانلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ شىتاتنى بازا قىلغان ھالدا ھەر قايسى ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ شىمالى گېرمانىيىگە قۇراللىق بېسىپ كىرىپ ئىگەللەش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. “ شاھزادە رومغا نېمە دەپ جۆيلۈپ يۈرىسەن؟” دېگەن ئىدى دەيدۇ شاھزادىنىڭ سىياسى ئىشلار مەسلىھەتچىسى كېيىن ئەسلەپ كېلىپ). ئەگەر، باۋارىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلمىسا، دېپوتات فون كارل بىلەن گېنېرال فون لوسوف (冯•洛索夫) ئىككىسىنى بىزنىڭ سېپىمىزدا تۇرۇپ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىشقا ماقۇل قىلالامسەن؟ دەپ سورايدۇ. روزېنبېرگ (罗森堡) بىلەن شرىنا رېشىد (施勃纳•里希特) بۇنىڭغا جاۋابىنى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانى بويىچە، 4-نويابىر “گېرمانىيە كۈنى” نى خاتىرلەش كۈنىدە شاھزادە بىلەن كارل ئىككىسى قاچۇرۇپ كېلىنىدۇ. ئاندىن يۈزلەرچە ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر فرېدېرخلون (弗尔德赫仑) زالى ئەتىراپىدىكى يوللارنى قامال قىلىۋالىدۇ. بارلىق مۇھىم كىشىلەر زالغا يىغىۋېلىنىدۇ. ئاندىن ھىتلېر ئوتتۇرغا چىقىپ تۆۋەندە تۇرغان بۇ ئەسىرلىرىگە “قىزىللار ھاكىمىيىتىگە چەك قويۇش ئۈچۈن، باۋارىيىنىڭ ئىمپىرىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا چەك قويۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالدىم، دەپ چىرايلىقچە ئېلان قىلىدۇ. روزىنبېرگ (罗森堡) نىڭ دېيىشىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ، “بەكلا سىلىق ۋە بەكلا قىسقا ۋاقىت” ئىچىدە تاماملىنىدىغان بولىدىكەن. شۇڭا كارل بىلەن شاھزادە روبلېيشت (卢伯莱希特) ئىككىسى ھەمكارلاشماقتىن باشقا چارىسى قالمايدىغان بولىدىكەن.

خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) بۇ پىلاننى “خام خىيال” دەپ قارايدۇ. ئۇ، شاھزادىغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان ھەر قانداق بىر ھۇجۇم، چوقۇم قۇرۇغلۇق ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ قىساس ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ تالىشىپ تۇرىۋالىدۇ. خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔)، بۇنداق بىر ئۇرۇنۇشنىڭ نەقەدەر ئەقىلسىزلىق بىلەن تۈزۈلگەن بىر پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، روزىنبېرگنىڭ شەخسىيىتىگىمۇ بىرمۇنچە ھاقارەتلەرنى قىلىدۇ. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، ئەگەر ھىتلېر بۇ تۈردىكى بالتىقلىقلارنىڭ ھىلىمىكىرلىرى كەينىدىن كېتىۋەرگىنىدە بۇ پارتىيە چوقۇم بىر كۈنى يوقۇلۇپ كېتىدۇ، دەيدۇ. ھىتلېر ئادەم بۇلاش پىلانىنىڭ رەت قىلىنىشىغا قوشۇلماسلىققا ماقۇل كەلگەن بولسىمۇ، روزىنبېرگ دېگەن ئىشلارغا دەرھال بىر نېمە دېمەي تۇرىۋالىدۇ (ھىتلېر ئادەتتە ئادەملىرىگە بىر خىل گەپ قىلمايتتى. خۇددى ئۇنىڭ خانفشتانگېرغا ئېيتقىنىغا ئوخشاش، ئادەم قاچۇرۇش ئىشىدىن ھەر دا’ئىم ۋاز كېچەلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، روزىنبېرگ بەرىبىر قوزغىلاڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنەتتى. بۇ ئىش تا “گېرمانىيە كۈنى” گە يېتىپ كەلگىنىدىلا، روزىنبېرگ ئۇ يوللاردا بەكلا كۆپ ھەربى پاتروللار ئايلىنىپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ، ھىتلېرغا “بۇ سىياسى ئۆزگىرىش پىلانىدىن ۋاز كەچسەك بولغىدەك” دەيدۇ. ھېلېنا خانفشتانگېر (赫仑纳•汉夫施坦格尔) ھىتلېرنىڭ مۇنداق بىر ئادىتىنى ئۇزۇندىن بېرى كۈزىتىپ كەلمەكتە ئىدى: ئادەتتە ئەتىراپىدىكى مەسلىھەتچىلىرىگە ھېچ نېمىنى ئۇقتۇرماي ئۇلارنى ئاخماق قىلىپ يۈرەتتى. “ئۇ مەلۇم بىر پىلاننى، قايسى بىر قېتىملىق زىيارەت قىلىشىنى ياكى يېڭىدىن تونۇشقان كىشىلەرگە بەرگەن بىرەر ئىشىنى ھەرگىزمۇ ھەممىگە تەڭ سۆزلەپ يۈرمەيتتى. ھەر خىل پارتىيە ئەزالىرى تۇيۇقسىزلا پۈتۈن ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلىقىنى سېزىپ قالدىغان بولغاچقا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ تۇراتتى. بۇنداق قىلىش، ئۇنىڭ پارتىيىنى بىر قول بىلەن باشقۇرۇپ تۇتۇش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىناتتى.”). “بىزنىڭ ئويلىشىدىغان ئەڭ ئالدىنقى مەسىلىمىز بېرلىنغا يۈرۈش قىلىش ئىشى بولىشى كېرەك. – خانفشتانگېر ھىتلېرغا شۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ، − بىز ئەڭ جىددى ئىشىمىزنى ھەل قىلىۋالغىنىمىزدىن كېيىن، روزىنبېرگ ئۈچۈن باشقا بىر ۋەزىپە تاپشۇرمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.”

2

تېما

0

دوست

1682

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11700
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 06:59:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(3)
بۇ كۈنلەردە، باش مىنىستىر فون نېلىن (冯•尼林) غا قاراشلىق باۋارىيە ھۆكۈمىتى كارل، روسوف (洛索夫) ۋە پولكوۋنىك خانس رىت فون سېيزېر (汉斯•里特•冯•赛塞尔) قاتارلىق ئۈچ نەپەر “فون” ئۈنۋانلىق سىياسى كاتىۋاشنىڭ قولىدا ئىدى. بۇلاردىن سېيزېر (赛塞尔) دېگىنى باۋارىيە ساقچى باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا قابىل ھەم ياش مەسلىھەتچىلەر توپلانغان ئىدى. بۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ھەممىسىلا ياش كىشىلەر بولۇپ، سېيزېر (赛塞尔) بۇ مەسلىھەتچىلىرىدىن “ھوقۇقۇمغا كۆز تىكىپ يۈرەرمۇ” دەپ ھەرگىزمۇ ئەنسىرىمەيتتى. قېدىمقى رىم باشقۇرغۇچىلىرى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۈچ نەپەر سىياسى كاتىۋاش، ھەقىقەتەنمۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا ئوخشايتتى.
گەرچە بۇ ئۈچ نەپەر ئادەم ھەر تۈردىكى كۈچلۈك كونسىرۋاتىپ كىشىلەر بىلەن ئوڭچىل رادىكال كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئۇلار، ھىتلېرنىڭ ئىنقىلاب ستىراتىگىيىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ئەمەس، شۇڭا ئۇنى مۇۋاپىق دەرىجىدە يىتەكلەش ياكى قانۇن بويىچە چەكلەپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارىشاتتى. 30-ئۆكتەبىر كۈنى، ئۈچ كاتىۋاش ئارىسىدا كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۇ كۈنى، ھىتلېر چېركېس كرونا (济尔卡斯•克罗纳) دا ھاياجان ئىچىگە تولغان مىتىنگ قاتناشقۇچىلىرىغا مۇنداق دەپ ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ: بىز بېرلىنغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك! “مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، - دەپ توۋلايدۇ ھىتلېر، − بېرلىن سارىيى ئۈستىدە قارا-ئاق-قىزىل ئۈچ رەڭلىك كىرىست بايرىقىمىز لەپىلدىگەن كۈنىسىلا گېرمانىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولىدۇ! بىز بۈگۈن بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت پىشىپ يېتىلدى دەپ قارايمىز. بىز خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى جەڭچىلەرگە ئوخشاش نېمىس خەلقىگە بولغان بۇ مەسئولىيەتتىن قەتئى قاچماسلىقىمىز كېرەك. بىز بىر نىيەتتە، بىر خىل قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك!”
ھىتلېر، بۇ ئۈچ نەپەر سىياسى كاتىۋاشلار ئارىسىغا زىدىيەت سالماقچى بولۇپ پولكوۋنىك فون سېيزېر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. 1-نويابىر كۈنى، ھىتلېر بۇ پولكوۋنىك بىلەن بىر مال دوختۇرىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشىدۇ. بۇ مال دوختۇر، “ئوپلان (奥伯兰) ئىتتىپاقى” (جەڭگىۋارلار ئىتتىپاقىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك - ئۇ.ت) دەپ ئاتالغان، ھەربى قىياپەتتە يۈرىدىغان مىللەتچىلەر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئىدى. ئۇ يەردە ھىتلېر، سېيزېرنى كارل باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئۇيۇنچىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېگەنگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا بىر ھەپتە بۇرۇن ئوتتۇرغا قويغىنىغا ئوخشاش، لوسۇف (洛索夫) ئىككىسى لۇدېندورف بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساڭلار دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئەمما سېيزېر (赛塞尔) دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەتىۋارلىنىپ كېلىنگەن ھەر قانداق بىرسى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىمايدىغانلىقىنى، قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ھېچ قايسى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتمايدىغانلىقىنى  قايتا تەكىتلەيدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا، گەرچە گېنېراللارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك لۇدېندورفقا قارشى بولغىنى بىلەن، پولكوۋنىك دەرىجىسىدىن تۈۋەن بولغان ئوفىسسېرلار لۇدېندورفقا مۇئامىلە قىلغىنىدا باشلىقلىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ يۈرىشى ناتايىن؛ ئۇلار چوقۇم گېنېرال لۇدېندورف تەرىپىدە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ؛ “بۈگۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ تازا پەيتى، − دەيدۇ ھىتلېر، − خەلقىمىز بەكلا ئېغىر ئىقتىسادى بېسىم ئاستىدا قالماقتا. ئەگەر بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلانمىغىنىمىزدا، خەلقنىڭ كومۇنىستلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشى ئېھتىمالى بەكلا كۈچلۈك.”
گەرچە سېيزېر (赛塞尔) بىلەن كارل ئىككىسى ناتسىتلارنى بىر دۆۋە “ئەخلەت” تىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇ جەھەتتە پائالىيەت قلىشقا كىرىشىدۇ. 6-نويابىر كۈنى، بۇ ئۈچ نەپەر سىياسى كاتىۋاش ھەر قايسى مىللەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىشىدۇ. بۇ باش قوشۇشتا كارل، نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددى ۋەزىپىمىز، يېڭىدىن مەملىكەتلىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش بولىشى كېرەك، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ۋىيمار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قوشۇلسىمۇ، ھەممە بىرلىكتە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەكلىكىنى، ھەرگىزمۇ بەزى تەشكىلاتلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ھەممە ئۆز خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك دەپ بىرلىككە كېلىدۇ. كارل بۇ يەردە ئىسمىنى ئاتاپ كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ يەردە دېيىلگەن بەزى تەشكىلاتلار دېگىنىدە ھىتلېرنى كۆزدە تۇتقانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ ئىدى. كارل يەنە، ئادەتتىكى يوللاردىن پايدىلىنىپ سترېيسمان (斯特莱斯曼) نى تەختتىن چۈشۈرۈشكە بولۇش-بولماسلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، “بۇنىڭ ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىر چارە قوللىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق كېتىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كەلگىنىدە، كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى بەكلا مۇھىم” دەيدۇ.
ئۇنىڭ كەينىدىن روسۇف (洛索夫) سۆز ئالىدۇ. ئۇ، كارلنىڭ تۇتقان يولىنى، شۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر قوزغىلاڭنى قۇراللىق باستۇرۇش كېرەك دېگىنىنى قەتئى قوللايمەن دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ. “ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلىسەك، مەن ئوڭچى بىر ھۆكۈمەت تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. - دەيدۇ بۇ گېنىرال. يەنى، ئەگەر بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش ئېھتىمالى يۈزدە 51 لا بولىدىكەن، بۇ ھەركەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. − شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشنى پاراكەندىچىلىكنى قوزغىلاڭغا ئايلاندۇرۇش شەكلى بىلەنلا قوزغايدىغان بولىدىكەنمىز، بۇ ھەرىكىتىمىز بىرەر ھەپتىگە قالمايلا مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداق ئىش بولسا مېنى بۇ ئىشتا يوق ھېساپلاۋېرىڭلار” دەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇ پولكوۋنىك فون سېيزېر (冯•赛塞尔) دىن “جەڭگىۋارلار ئىتتىپاقى” بىلەن نوقتىلىق ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، يەنى بۇ جەھەتتە بىرەر ئىش قىلىپ تۇرۇش كېرەك دېگەن خۇلاسىسىغا كېلىدۇ.
شۇ ئاخشىمى، ھىتلېر، ئۆزىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن شىرىنا رېشىد (施勃纳•里希特) نىڭ ئۆيىدە بىر قانچە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن باش قوشىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە كېلەر يەكشەنبە، يەنى 11-نويابىر كۈنىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرىمىز دەپ كېلىشىدۇ. بۇ كۈننى ھەرىكەت باشلىنىش كۈنى قىلىپ تاللىۋېلىشىدا مۇنداق تارىخى ۋە رىيال ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار ئىدى: ئۇ كۈنى، گېرمانىيىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى؛ شۇنىڭدەك ئۇ كۈن يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا، بارلىق مەمورى ئىشخانىلار دەم ئېلىشتا بولۇپ، قۇراللىق ساقچى-پاتروللارمۇ بەكلا ئاز بولاتتى. شەھەر ئىچىدىكى قاتناشمۇ يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنى سەۋەبلىك بىر قەدەر راھەت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېس-ئاچىلار توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرلىيەلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ سۈيىقەستچىلەر يەنە بىر قېتىم باش قوشۇش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قېتىمقى باش قوشۇش يىغىنىغا “جەڭگىۋارلار ئىتتىپاقى” نىڭ ياشانغان يىتەكچىسىمۇ قاتنىشىدۇ. شۇ قېتىمقى باش قوشۇش يىغىنىغا لۇدېندورفمۇ قاتناشقان بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ يىغىلىشقا قاتناشقانلىقىنى قەتئى ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ يىغىلىشقا ھىتلېر، گيورىڭ ۋە شىرىنا رېشىد (施勃纳•里希特) قاتارلىقلار چوقۇم قاتنىشىدۇ. ئۇلار قوزغىلاڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى پۈتتۈرىدۇ: ئۇلار باۋارىيىنىڭ ھەر قايسى مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ پويىز ئىستانسىلىرىنى، پوچتا ئىدارىلىرىنى، تېلېگراف ئىدارىلىرىنى، رادىئو ئىستانسىلىرىنى ۋە شۇنىڭدەك جامائەت ئورۇنلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ۋە ساقچى ئورۇنلىرىنى ئىگەللەش؛ كومۇنىست ۋە سوتسىيالىست رەھبەرلەرنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىنى ھەمدە ماگىزىن مەسئوللىرىنى قولغا ئېلىش قاتارلىق قارارلارنى ئېلىشىدۇ. مىيونخېندا بولسا، ھىتلېر ئۈستۈنلۈكتە بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا 2 مىڭ 600 قۇراللىق ساقچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغان 4 مىڭ نەپەر قۇراللىق قوزغىلاڭچى كۈچى بار ئىدى.
شۇ ئاخشىمى قاراڭغۇ چۈشمەيلا ھىتلېر ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىغىنغا يەنە بۇرۇنقى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پونار (波纳) بىلەن ھىتلېرنىڭ بۇرۇنقى ياردەمچىسى ۋېلھىلم فلىك (威廉•弗里克) مۇ قاتنىشىدۇ. فلىك (弗里克) ھازىرمۇ ساقچى ئىدارىسىدا ۋەزىپىسى بار بولۇپ، ھىتلېر بىلەن ئۇنىڭ مورتلىرىنى يۇشۇرۇنچە قوغداپ يۈرەتتى. بۇ سۈيىقەستچىلەر يېڭى بىر ۋەزىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىشىدۇ. بۇ تۈر يېڭى ۋەزىيەت، ئۇلارنىڭ بۇرۇن تۈزگەن پىلانلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئەسلىدە، كومىتىت ئەزاسى كارل، تۇيۇقسىزلا ئەتىسى كەچتە بېيگبىراۋ (贝格勃劳) پىۋىخانىسىدا “ۋەتەنپەرۋەرلىك نامايىش” ھەققىدە ئاممىۋى يىغىن چاقىرىش ئۇختۇرۇشى تارقاتقان ئىدى. بۇ مىتىنگنىڭ كۆرۈنۈشتىكى مەقسىدى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشتەك قىلغىنى بىلەن، بىر ئېھتىمالدا، ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئادەملىرى بىلەن، ھەربى قوماندانلار ۋە شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يوقۇرى كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئېھتىمالىنى توساشنى ئاساسى مەقسەت قىلماقچى ئىدى. بۇ مىتىنگكە ھىتلېرنىمۇ تەكلىپ قىلغانلىقى، چوقۇم بىر ھىلە بولۇشى ئېھتىمال ئىدى. بەلكىم، بۇ ئۈچ سىياسى كاتىۋاش باۋارىيىنى بېرلىندىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىپ، ۋىتېرسباخ (维特尔斯巴赫) خاندانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىمۇ پىلانلاۋاتقان بولىشىمۇ ئېھتىمال ئىدى.
ھىتلېر، بۇ ئىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بىر پۇرسەت بولىشى مۇمكىن دەپ قاتتىق تۇرۇپ مۇنازىرە قىلىدۇ. ئۇ، مىتىنگ كۈنىسى ئۈچ سىياسى كاتىۋاش، مىنىستىر فون نىل ()، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ قالغان مۇھىم ئەزالىرى بىرلا سەھنە ئۈستىدە يىغىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى بىراقلا يىغىپ بىر ئۆيگە قامىۋېلىپ بىزنىڭ دېگىنىمىزگە، يەنى بىرلىكتە سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنمايمىز؟ ياكى بولمىسا، ئۇلار باش تولغاپ تۇرىۋالغىدەك قىلسا ئۇلارنى بىراقلا قاماپ قويالايمىزغۇ؟ ئېنىقكى، ھىتلېر ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىگە بەكىرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىدى. ھىتلېر شۇنى ئېنىق ھېس قىلاتتىكى، ئەگەر بۇ ئۈچ نەپەر سىياسى كاتىۋاشنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگىنىدە، ئۇنىڭ قوزغىماقچى بولىۋاتقان قوزغىلىڭى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھىتلېر باۋارىيە ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىش خىيالىدا ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدى، شىددەتلىك بىر ھەرىكەت قوزغاش ئارقىلىق باۋارىيە خەلقىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش، شۇ ئارقىلىق بېرلىن دائىرىلىرىگە ئۆنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان كۈچىنى قولغا كەلتۈرۈشنىلا ئويلايتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۇزۇننى كۆزلەيدىغان ئۇنچە تولۇق بىرەر ھەرىكەت پروگراممىسىمۇ يوق بولۇپ، بىر قېتىم تەلەي سىناش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىشنىلا ئويلايتتى.
ئەمما ھىتلېرنىڭ قالغان شىرىكلىرى بۇنداق تەۋەككۈل قىلىش پىلانىغا پەقەتلا قوشۇلمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ يىغىن مۇنازىرىسى بىر قانچە سائەت داۋام قىلىدۇ. ھىتلېر دېگىنىدە قەتئى چىڭ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 8-نويابىر تاڭغا يېقىن سائەت ئۈچ بولغاندا، كۆپچىلىك مىڭ تەستە ھىتلېرنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدۇ: ئەڭ كېچىككەندىمۇ بېگبىراۋ (贝格勃劳) پىۋىخانىسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سەھەرنىڭ سوغۇقىدا غايىپ بولىشى ھامان شىرىنا (施勃纳) خىزمەتچىسىگە مۇھىم نەشرىيات ئەپكارلىرىغا يېزىلغان بىر مۇنچە خەتنى تاپشۇرۇپ، ئىشخانىلار ئىشقا چۈشىشى ھامان ئۇلارنىڭ مەسئوللىرىغا تاپشۇرۇشنى جىكىلەيدۇ.
ئەتىسى، ھاۋا سۈڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق بولۇپ، بىر ياندىن شىۋرىغان بار ئىدى. ئۇ يىلى، باۋارىيە شۇنداق زىمىستان سوغۇق بولۇپ كەتكەنكى، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قار شىۋرىغان ئىچىدە قالغان ئىدى. ھىتلېرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈن بولغان بۇ كۈنلەردە باش ئاغرىقىغا قوشۇلۇپ چىش ئاغرىقىمۇ مىڭىسىگە چىققان ئىدى. ھەمرالىرى ئۇنى دەرھال دوختۇرغا كۆرۈن دەپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ، “ياق، بۇنىڭغا ۋاقتىم يوق، پۈتۈن ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىدىغان ئىنقىلاپ بورىنى ئالدىمىزدا” دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. İش بۇ يەرگە كەلگەندە باشقا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئۇنىڭدىن “ئەگەر ئاغرىقىڭ ئېغىرلىشىپ كەتسە ئىشلىرىمىزنى قانداق قىلىمىز؟” دەپ سورايدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭغا: “ئەگەر راستىنلا ئاغرىقىم كۈچىيىپ كەتكىدەك قىلسا ياكى ئۆلۈپ كەتسەم، يۇلتۇزۇپ ئۆچكەن، كۈنۈممۇ ئاخىرلاشقان دېگەن گەپ. ئۇ كۈنلەردە ۋەزىپەمنىڭمۇ ئاخىرى كەلگەن بولىدۇ” دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
چۈشكە يېقىنلاشقىنىدا، ھەرىكەت تەييارلىقىغا ئۆتۈڭلار دەپ ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ بەزىلىرىگە تېلېفوندا، بەزىلىرىگە يېزىق شەكلىدە بۇيرۇق چۈشىرىلىدۇ. يەنە بەزىلىرىگە ئادەم ئىۋەرتىپ بۇيرۇق يەتكۈزۈلىدۇ. بۇيرۇقتا ھەرىكەت تەييارلىقى باشلانسۇن دېگەندىن باشقا ھېچقانداق بىر تەپسىلات ياكى ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ھىتلېرنىڭ نۇرغۇنلىغان يېقىن كىشىلىرىمۇ پىلاندا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز، بۇرۇنقى پىلان بويىچە تەييارلىنىپ يۈرىشەتتى. چۈش بولغاندا، روزىنبېرگ (罗森堡) (ئۇچىسىغا قېنىق بىنەپشە رەڭلىك كۆڭلەك كىيىپ، بوينىغا قىزىل گالۇستۇك تاقىۋالغان ئىدى)، يېڭىدىن بوياپ ھاكلانغان چاققان ئىشخانىسىدا خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) بىلەن شۇ كۈنكى "خەلق كۈزەتكۈچىلىرى" گېزىتىنى مۇزاكىرە قىلىشماقتا ئىدى. بۇ گېزىت بىرىنچى بېتىنىڭ پادىۋال ئۈستىگە پرۇسىيە ئارمىيىسىگە قۇماندانلىق قىلىپ رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ ناپالىيونغا قارشى تۇرگىن (托洛根) قەلئەسى ئۇدۇلىدا تۇرغان گېنېرالنىڭ رەسىمى بېسىلغان ئىدى. رەسىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە “جىددى ئەھۋال مەزگىلىدە يەنە بىر يوۋك (约克) گېنېرالنى تاپالارمەنمۇ؟” دېگەنلەر يېزىلغان ئىدى. بۇ ئىككى ئادەم، يەنى خانفشتانگېر بىلەن رۇزېنبېرگ بىر-بىرسىنى دېگەندەك ياخشى كۆرۈپ كەتمىسىمۇ، يەنىلا بىرلىكتە ئولتۇرۇپ بۇ رەسىم پەيدا قىلىشى ئېھتىمال بولغان تەسىر ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئۇلار بىرسىنىڭ ئاياق تاۋۇشى بىلەن ئۈنى پۈتكىدەك ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ: “گيورىڭ نەدە يۈرىدۇ؟” دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئىشىكنى قاتتىق ئېچىپ ھىتلېر كىرىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ھەربى پەلتو، بىلىنى كەمەر بىلەن چىڭ باغلىغان، قولىدا قامچا بار ئىدى. ئۇنىڭ رەڭگى رويى غەزەپتىن كۆكۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيگە ئېتىلغاندەك كىرىپ كەلگەن ئىدى.
“بۇ ئىشنى قەتئى سىر تۇتۇپ ھېچ كىمگە دېمەسلىك ئۈچۈن قەسەم قىلىڭلار. دەيدۇ ھىتلېر ئالدىرىغىنىچە، − ۋاقىت كەلدى. بۇ ئاخشام ھەرىكەت باشلايمىز!” ئۇ يەنە بۇ ئىككىسىگە ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. “يان قۇرالىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار، سائەت 7 دە پىۋىخانا سىرتىدا كۆرۈشەيلى” دەيدۇ. بۇ گەپتىن كېيىن خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) ئالدىراش ئۆيىگە بېرىپ ئايالىغا ئوغلى ئېيگۇن (埃贡) نى ئېلىپ تېخى يېڭىلا يېزىدا سالغان داچىسىغا بېرىۋېلىشىنى جىكىلەيدۇ. ئاندىن نىكبۇكا (尼卡博卡) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن مۇخبىرلارغا ھەر قانچە جىددى ئىشىڭلار بولسىمۇ قويۇپ تۇرۇپ بۇ ئاخشامقى مىتىنگنى قاچۇرماڭلار دەپ خەۋەرلەندۈرىدۇ.
چۈشتىن كېيىن بولغاندا ھىتلېر ھاياجىنى خېلى بېسىققان، خوك (赫克) قەھۋىخانىسىدا ئولتۇرۇپ كونا دوستى، فوتو رەسىمچى ھېنرىك خوپمان (海因里希•霍夫曼) بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ھىتلېر، بۈگۈن خۇددى باشقا كۈنلەردىكىدەك ئادەتتىكىچىلا بىر كۈن بولىدىغاندەك خاتىرجەم كۆرۈنەتتى. تۇيۇقسىز، ئورنىدىن تۇرۇپ، سېرىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئېيس (埃塞) نى يوخلاپ كەلمەيلىمۇ دەيدۇ. ئېيس (埃塞) نىڭ ئۆيىدە خوپماننى تالادا كۈتۈپ تۇر دەپ چىقىرىۋېتىپ. ئېيس (埃塞) قا، “بۈگۈن ئاخشام مەملىكەت بويىچە ئومۇمى يۈزلۈك ئىنقىلاپ قوزغايمىز، شۇڭا ياردىمىڭگە مۇھتاجمەن” دەپ پىلانىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى سائەت نەق 9 بولغاندا، ئېيس (埃塞) قولىدا بىر بايراق، لوۋېنبىراۋ (罗文布劳) پىۋىخانىسىنىڭ سەھنىسىگە ئېتىلغىنىچە چىقىپ، بىز ناتسيونال نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى بۈگۈن مەملىكەت بويىچە ئىنقىلاپ قوزغايمىز، دەپ ئېلان قىلىدىغانغا كېلىشىدۇ. شۇ ئاخشىمى ئۇ زالدا مىللەتچىلەر مىتىنگى ئېچىلماقچى ئىدى.
ھىتلېر ئۆيدىن چىقىپ خوپمانغا، ئېيس بۈگۈن خېلىلا تۈزۈلۈپ قاپتۇ، دەيدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار ئىككىسى شىلىن (施林) كوچىسىدا قىلچە مەقسەتسىز بىر مەزگىل ئايلىنىپ يۈرىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن گيورىڭ كېلىپ قوشۇلىدۇ. ھىتلېر ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ بىر ھازا سۆزلىشىدۇ. ئاندىن خوپماننىڭ يېنىغا كېلىپ چىشىم بەكلا ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، دەرھال ئۆيگە قايتمىسام بولمىغىدەك دەيدۇ. بۇ چاغدا خوپمان ھېچ نىمىنى ئۇقالماي گاڭگىرىغىنىچە بۇ ئاخشام سىلەر زادى نېمە ئىش قىلماقچىسىلەر، دەپ ھىتلېردىن سورايدۇ. ھىتلېر رەسمى تۈردە “مەن بەك ئالدىراشمەن. بۈگۈن بەكلا ئالدىراش بىر ئىش چىقىپ قالدى” دەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ مەركىزى بىناسىغا قايتىپ كېتىدۇ.
بۇ چاغدا، ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەر - ئېس-ئاچىلار ئىش كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ مەيدىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ بەلدىن باغلىنىدىغان كۈلرەڭ كاجانكا، كرىست بەلگىلىك يەڭلىك، كۈلرەڭ چاڭقىيچىلار شەپكىسى ھەمدە يان قۇرال ئاسىدىغان تاسمىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ھۇجۇمچىلار ئەترىتى، يەنى ئېس-ئاچىلار فورمىلىرىنى كىيىشىدۇ. ئۇلار يىغىلىش نوقتىسىغا بېرىش ئۈچۈن تەييار ھالغا كېلىدۇ. İككىنچى روتىدىن كارل كېنسلېر (卡尔•凯斯勒) يوليورۇق بويىچە ئاسبۇرگ (阿兹伯格) پىۋىخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغان؛ موزدوز جوسىف رېشىد (约瑟夫•里希特) بولسا خوفبىراۋ (霍夫布劳) غا تەقسىم قىلىنغان ئىدى. “ئوۋبران (奥贝兰) ئىتتىپاقى” (جەڭگىۋارلار ئىتتىپاقى بولىشى كېرەك - ئۇ.ت) نىڭ ئەزالىرىمۇ تەييار ئىدى. ئۇلار كىرىست بەلگىلىك يەڭلىك ئورنىغا نىپىز قار ماسكىسى تاقىغان بولۇپ، ھەممىسىلا مىس قالپاقلىق ئىدى. ئەڭ مۇھىم بولغان قىسىم، يەنى فيۇرېرنىڭ يۈز كىشىلىك مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى بولسا توبىراۋ (托布劳) دا يىغىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كوماندىرى ئاغزىدىن موخوركىسىنى چۈشۈرمەي چىشلەپ يۈرىدىغان بىرسى بولۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئەسكەرلىرىنى ئۇچۇغداشقا كىرىشىدۇ: “قايسىڭ چىن قەلبىڭدىن ساداقەت كۆرسەتمەيدىكەنسەن، دەرھال يوقۇلۇش! - دەيدۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، − بۇ ئاخشام بېگبىراۋ (贝格勃劳) پىۋىخانىسىدا ھەر قانداق بىر ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قەتئى نەزەر، سىلەرنىڭ بىردىن-بىر ۋەزىپەڭلار ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش! بىز بۈگۈن ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز!”
قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، پىكاپتىن بىرسى شىرىنا رىشىد (施勃纳•里希特) نىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختايدۇ. ماشىنىدىن لودىندورۇف چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ شىرىنا رېشىد (施勃纳•里希特) بىلەن بىر قانچە مىنۇت سۆزلىشىپ كېتىپ قالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، رېشىد (里希特) مۇ خىزمەتچىسى بىلەن بىرگە ماشىنىلىق ئۇچقاندەك يۈرۈپ كېتىدۇ. “خانسېر (汉斯尔)، − دەيدۇ شىرېنا رېشىد شوپۇرىغا، − ئەگەر بۈگۈن ئىشلار كۈتكىنىمىزدەك بولماي قالسا، ئەتە ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تۈرمىدە كۆرىمىز،” ئۇلار پارتىيە باش شىتابىدا ھىتلېر بىلەن پارتىيىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنى ئۇچۇرتىدۇ. بىر ھازا تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەر ئىككى كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بېگربىراۋ (贝格勃劳) پىۋىخانىسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار يولغا چىققان ۋاقىت كەچ سائەت 8 ئەتىراپى ئىدى. ئۇ پىۋىخانا ئېيسىن (伊撒) دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بىر يەردە بولۇپ، مىيونخېن شەھەر مەركىزىدىن يېرىم چاقىرىمدەك يىراقلىقتا ئىدى. بۇ بىنا رەتسىز سېلىنغان بىر بىنا بولۇپ، ئىككى يېنىدا بىرەردىن كىچىك باغچىسى بار بىر يەر ئىدى. بىنا ئىچىدە بىر مۇنچە رېستۇرانت ۋە قاۋاقخانا بار ئىدى. ئاساسلىق زالنىڭ چوڭلىقى شەھەر ئىچىدىكى “چىكاس” (济卡斯)، “كرونا” (克罗纳) دىن قالسىلا ئەڭ چوڭ ھېساپلىناتتى. زال ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مەزمۇت يۇمۇلاق شەكىللىك ياغاچ ئۈستەللەر تىزىۋېتىلگەن بولۇپ، 3 مىڭ كىشى سىغىدىغان بىر زال ئىدى. ئەمەلدارلار بىرەر چاتاق يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى پەرەز قىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئاممىسىنى قالايماقانچىلىق چىقارتقۇزماسلىق ئۈچۈن شەھەر ئىچىدىن 125 نەپەر ساقچى كەلتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىغا بىر ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن خېلى كۆپ ساندا ئوفىسسېرلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئولتارغۇزىۋەتكەن ئىدى. ئەگەر بىرەر جىددى ۋەقە يۈز بەرگىدەكلا قىلىدىكەن، چارەك چاقىرىم يىراقلىقتىكى ھەربى گازارمىدا كۆك فورمىلىق شىتاتلىق ساقچىلارنىمۇ تەل قىلىپ قويغان ئىدى.
ھىتلېرنىڭ ماشىنىلىرى ئىسېر (伊撒)  دەرياسىدىن ئۆتۈپ بۇ ياققا قاراپ يولغا چىققان ۋاقىتلاردا يىغىن زالىنىڭ ئىشىكى ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ، مۇھىم كىشىلەردىن باشقا ھېچ كىمنى ئىچىگە ئالمايتتى. بارلىق ئورۇنلار ئىگەللىنىپ بولۇنغاچقا، خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) باشلاپ كەلگەن بىر مۇنچە چەتئەللىك مۇخپىرلارنى زالغا كىرگۈزەلمەي قالىدۇ. سائەت 8 دىن بىر قانچە مىنوت ئۆتكەندە، ھىتلېرنىڭ قىزىل رەڭلىك مەرسەدەس ماركىلىق پىكاۋى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان شىرېنا رېشىد (施勃纳•里希特) نىڭ پىكاۋى پىۋىخانىنىڭ تۈۋىگىلا كېلىپ قالىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى كۈزىتىپ ئايلىنىپ يۈرىشەتتى. بۇنىڭدىن ھىتلېر بەكلا ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ماشىنا ئەترىتى بۇ كىشىلەر ئارىسىدىن بۈسۈپ ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ؟ İككى پىكاپ دەرۋازىغا قاراپ ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ ئىشىك بىر مۇنچە ساقچى تەرىپىدىن ساقلىنىۋاتقان ئىدى. ھىتلېر، كەينىدىن يېتىپ كېلىدىغان ماشىنىلىرى ئۈچۈن يول ئېچىپ تۇرىشى ئۈچۈن ساقچىلارغا بۇ يەرنى بوشىتىڭلار دەيدۇ. ئاندىن يېنىدىكى ئادەملىرى بىلەن بىرگە پىۋىخانا زالىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىدۇ. İشىككە ھېس (赫斯) نى پوسقا قويۇپ قويىدۇ. İچىدە گەپ تالىشىپ قالغاچقا، ھىتلېر ئىچىگە كىرىشى ھامان ئىشىكلەر ئىتىۋېتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئامېرىكىلىق بىر ئايال مۇخپىرنى يىتىلەپ كەلگەن خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔) مۇ ئىشىكتىن كىرەلمەي سىرتتا قالىدۇ. ئۇ، ئەگەر سىلەر چەتئەللىك مۇخپىرلارنى كىرگۈزمەيدىغان بولىدىكەنسىلەر، چوقۇم بىر چاتاق چىقىدۇ” دەپ ساقچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارغا يول ئاچتۇرغان ئادەم، ئاغزىغا گېرمانىيىدە ئاز تېپىلىدىغان ئامېرىكا تاماكىسىنى قىستۇرىۋالغان ئامېرىكىلىق مۇخپىرنىڭ ئۆزى بولىدۇ. زال ئىچىدە مېھمانلار ئولتۇرىدىغان يەردىكى بىر تۈۋرۈك يېنىدا تۇرغان ھىتلېر، سەھنە ئەتىراپىدىكى مىغىلداپ تۇرغان ئادەملەرنى كۈزىتىشكە كىرىشكەن ئىدى. سەھنىدە، كارل نۇتۇق سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ زىرىكىشلىك بىر خىللا ئاۋازدا سۆزلىمەكتە ئىدى. كارل، ماركسىزمنى تەنقىتلەپ كېلىپ، گېرمانىيىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن كىشىلەرگە چاقىرىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىياپىتى خۇددى پىشقەدەم بىر ئوقۇتقۇچىغىلا ئوخشاپ كېتەتتى. گويا ئۇ نۇتۇق ئەمەس دەرس سۆزلەۋاتقاندەكلا سۆزلىمەكتە ئىدى. زالدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن تىنىچ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا، ئارىلاپ پىۋا بىلەن زىرىكىشىنى باستۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىدى.
خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔)، چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ھىتلېرمۇ خەققە ئوخشاش پىۋا ئىچكەچ ئولتۇرغان بولسىمىغۇ كاشكى، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇ كۈتكۈچى بوتكىسىدىن دەرھال 3 مىليارت ماركقا 3 شىشە پىۋە سېتىۋالىدۇ. ھىتلېر قوڭۇر كىيىملىك ئادەملىرىنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەچ پوتولكىسىدىن يۇتۇملام قوياتتى. لىق ئېس-ئاچىلار ئولتۇرغان قارا ماشىنىمۇ پىۋىخانا سىرتىدا ھەرىكەتكە تەييار كۈتۈپ تۇرۇشماقتا ئىدى. ئۇلار سائەت سەككىز يېرىم بولىشى ھامان ھۇجۇم قىلىشقا تەييار تۇرىشاتتى. مىس قالپاقلىق قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكىلەرمۇ ئاخىرى يېتىپ كېلىدۇ. بۇ، ئەسلىدە ھەركەت باشلاش سېگنالى ئىدى. ئاپتوموبىللار تولۇق بوشاپ، قۇراللىق ناتسىتلار بۇ بىنانى قاتمۇ-قات قورشاۋ ئاستىغا ئېلىۋالىدۇ. سان جەھەتتە بەكلا ئاز ساقچىلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۈن چىقارماي جىمىپ قېلىشىدۇ. ئۇلار سىياسى كۈرەش ئۈچۈن قىلچە تەييارلىقى بولمىغاچقا، جىم تۇرۇپ بېرىشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى.
گيورىڭ يىتەكچىلىكىدىكى قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكىلەر قاتىرىغا ئېتىلىدىغان تاپانچىلىرىنى تۇتقىنىچە بىناغا باستۇرۇپ كىرىدۇ. ھىتلېرنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئوۋبۇلىش گراف (乌布里希•格拉夫) قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ كىيىم ساقلاش بۆلۈمىدە تۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇمۇ دەرھال ھىتلېرغا يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ. ھىتلېر ئۇچىسىدىكى ھەربى پەلتوسىنى سېلىپ تاشلاپ باۋارىيىلىكلەر پاسونىدىكى ئۇزۇن قويرۇقلۇق قارا پەرىجىسى بىلەنلا ئوتتۇرغا چىقىدۇ. گراف (格拉夫) دەرھال ھىتلېرنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەر دەپ پىچىرلايدۇ. يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، خۇددى خېرىدارنىڭ ئاشخانا غوجايىندىن ياخشىراق بىر ئورۇن تەلەپ قىلغىنىدەك بىر مەنزىرە ئىدى بۇ. 20 دەك ساقچى يولنى توسىۋالىدۇ. قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ كوماندىرى “يولنى بوشات! نېرىغا ئۆتۈش!” دەپ ۋارقىرايدۇ. ساقچىلارمۇ راھىشلىق بىلەن كەينىگە بۇرۇلغىنىچە، خۇددى ئامېرىكا ساقچى كەسىپداشلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشىتىپ رەتلىك قەدەملەر بىلەن ئالدى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىشىدۇ.
ھىتلېر قولىدىكى پىۋا قۇتىسىنى بىر چەتكە قويۇپ، يېنىدىن براندىن (勃朗宁) تاپانچىسىنى چىقىرىدۇ. ھۇجۇمچىلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ “خايل ھىتلېر! - ياشىسۇن ھىتلېر!” دەپ توۋلاشلىرى ئىچىدە، بۇرۇن قاسساپلىق قىلغان گراف (格拉夫)، شىرىنا رېشىد (施勃纳•里希特) (ئۇنىڭ يىراقنى كۆرمەس كۆزلىرى ئىس-تۈتەككە تولغان زالدا بىر تەرەپكە قېيىپلا قالغان ئىدى)، ئۇنىڭ سادىق خىزمەتچىسى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن ستۇدېنت خانفشتانگېر (汉夫施坦格尔)، بۇرۇنقى ساقچى ئىدارىسىدا ئىشپىيونلۇق قىلىپ بەرگەن، ھازىر سودا شىركىتى مۇدىرى بولغان مېكس ئامېن (梅克斯•阿曼) ۋە شۇنىڭدەك سىياسى جوغراپىيە پاكولتېتىنىڭ ستۇدېنتى، كۈچلۈك خىيالپەرەست رۇدولف ھېس (鲁道夫•赫斯) قاتارلىقلارنى ئەگەشتۈرۈپ زالغا كىرىپ كېلىدۇ. ھەر تۈرلۈك كېيىنگەن بۇ نوچىلار قوللىرىدىكى قۇراللىرىنى شىلتىغىنىچە كىشىلەرنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ نۇتۇق سەھنىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا بىر يول ئاچىدۇ. بۇ چاغدا، قوڭۇر كۆڭلەكلىك پارتىيىلىكلەر چىقىش ئىشىكلىرىنى قامال قىلىۋېلىشىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى پىلىموتلارنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا قارىتىپ تىكلەپ تەق قىلىشىدۇ. بۇ قالايماقانچىلىق ئىچىدە بىر مۇنچە ئۈستەللەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، قايسى بىر كابىنىت ئەزاسى ئۆزىنى ئۈستەل ئاستىغا ئېتىپ يوشۇرىنىۋالغان ئىدى. بەزى كابىنت ئەزالىرى قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ چىقىش ئىشىكى تەرەپكە ئېقىن قىلىشىدۇ. ئەمما ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ يەردىنمۇ قايتىشىدۇ. قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر تاياق يەيدۇ ياكى يەرگە بېسىۋېلىنىپ باش كۆزىگە ئۇرۇپ تېپىپ ياتقۇزىۋېتىلىدۇ.
ھىتلېرنىڭ يولىنى بىر قىسىم كىشىلەر توسىۋالىدۇ. بۇ قالايماقانچىلىق ئىچىدە، ھىتلېر بىر ئۈستەل ئۈستىگە چىقىۋېلىپ تاپانچىسىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرايدۇ: “تىنچ! تېنچلىنىڭلار!” شۇنىڭغا قارىماي قالايماقانچىلىق داۋام قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ شىپقا قارىتىپ بىر پاي ئوق چىقىرىدۇ. ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ كىشىلەر قورققىنىدىن ئۈنىنىمۇ چىقارماي جىمىپ قالىدۇ. ھىتلېر: “ناتسيونال سوتسىيالىزم ئىنقىلاۋى پارتىلىدى! زال پۈتۈنلەي قورشاۋ ئاستىدا! زالدىن ھېچ كىمنىڭ چىقىشىغا رۇخسەت يوق!” دەپ ۋارقىرايدۇ. ھىتلېرنىڭ تاتىرىپ كەتكەن يۈزىدىن تەر قۇيۇلماقتا ئىدى. بەزىلەر ئۇنى رەسمى ئېلىشىپتۇ دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ياق، ئۇ ئېغىر مەس، دېيىشەتتى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا بۇ مەنزىرىگە قاراپ كۈلىشەتتى. ئۇلارغا، قولىغا تاپانچا ئېلىپ ئوتتۇرغا چىقىۋالغان بۇ ئىنقىلاپچىنىڭ ئۇچىسىدىكى سەھەرلىك كېيىم ئۇنىڭغا شۇنداق ياراشماي قالغانكى، ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك بىلىنەتتى. كۆرۈنۈشتە ئۇنچە كۈلكىلىك تۇيۇلغىنى بىلەن، ھىتلېر بەكلا جىددى تۈستە ئىدى. ئۇ، ئۈچ نەپەر سىياسى كاتىۋاشقا مېنىڭ بىلەن ياندىكى بۆلۈمگە كېلىڭلار، قورقماڭلار، سىلەرگە بىر ئىش بولمايدۇ، دەيدۇ. ئەمما ئۇ ئۈچ كاتىۋاش قىمىرمۇ قىلماي تۇرغان يېرىدا جىم تۇرىشىدۇ. ھىتلېر بىر ئۈستەلنى ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۇلارغا يېقىنلىشىۋىدى، كارل كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىدۇ. سېيزېر (赛塞尔) نىڭ كانىۋىيى بىلەن يەنە بىر مايور ئالدىغا چىقىدۇ. ئۇلار يان قۇرالىنى چىقىرىدىغاندەك قولىنى يانچۇقىغا سالىدۇ. ھىتلېر تاپانچىسىنى دەرھال ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تىرەپ تۇرۇپ: “يان قۇرالىڭنى تاپشۇر!” دەيدۇ.
ھىتلېر بۇ ئۈچ نەپەر سىياسى كاتىۋاش بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئالدىدا، بۇ ئىش 10 مىنوتلۇقلا بىر ئىش، خاتىرجەم بولۇڭلار، دەيدۇ. بۇ چاغدا، ئۈچ سىياسى كاتىۋاش بىلەن يەنە ئىككى نەپەر كانىۋاي ھىتلېر بىلەن ياندىكى ئۆيگە كىرىدۇ. “چاندۇرماي دېگىنىگە ھە دەپ تۇرۇڭلار” دەيدۇ لوسۇف (洛索夫) يېنىدىكىلەرگە پىچىرلىغاچ. ئۆيگە كىرىشى بىلەن تەڭ ھىتلېر تېخىمۇ جىددىلىشىشكە باشلايدۇ: مېنىڭ بۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلغىنىمنى كەچۈرگەيسىلەر. - دەيدۇ ھىتلېر، − شۇنداق قىلماي باشقا ئامالىم يوق.” سېيزېر (赛塞尔) ئۇنىڭغا قوزغىلاڭ كۆتەرمەيمىز دەپ ۋەدە قىلمىغانمىدىڭ، نانكۆر دەپ ھاقارەت قىلىدۇ. ھىتلېر ئۇنىڭدىن كېچىرىم سورىغاچ “بۇ قىلغىنىم گېرمانىيىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن.” ھىتلېر ئۇلارغا: سابىق ساقچى باشلىقى پورنا (波纳) باۋارىيە باش مىنىستىرى بولىدۇ؛ ئوڭچى ئاكتىپ تەشكىلات ‘جەڭگىۋارلار ئىتتىپاقى’ نى ئاساس قىلغان يېڭى خەلق ئارمىيىسىگە لۇدېندورف قۇماندانلىق قىلىدۇ ھەمدە قوشۇن باشلاپ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىدۇ” دەيدۇ. ئۇ يەنە قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ كاتىۋاش تېخىمۇ چوڭ ئورۇنغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بولىدۇ: كارل (卡尔) باۋارىيىنىڭ ھاكىمى بولىدۇ؛ روسوف (洛索夫) ئىمپىرىيە قۇرۇغلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولىدۇ؛ سېيزېر (赛塞尔) بولسا ئىمپىرىيە ئامانلىق ساقلاش مىنىستىرى بولىدۇ، دەيدۇ.
بۇ ئۈچ كاتىۋاش ھىتلېرنىڭ دېگىنىگە ئۇنىمايدۇ. ھىتلېر دەرھال تاپانچىسىنى چىقىرىدۇ (كېيىن ئۇ شاھىتلىق قىلغان ۋاقتىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر چاخچاق ئىدى دەپ تۇرىۋالىدۇ). “قورالىمدا بەش پاي ئوق بار. - دەيدۇ ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، − تۆت پېيى ۋەتەن ساتقۇچلار ئۈچۈن، قالغان بىر پېيى، ئەگەر بۇ ئىشتا مەغلوپ بولسام، ئۆزەمنى ئېتىۋېلىش ئۈچۈن” دەيدۇ. ھىتلېر تاپانچىنى گرافقا ئۇزارتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا ئاپتوماتىك ماۋزوردىن بىرسى بار ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جاننىڭ ھېچ بىر مەنىسى يوق، دەيدۇ كارل سوغوققانلىق بىلەن. “مېنىڭ خىيالىمغا بۇ ئىشتا لۇدېندورفنىڭ قانداق رول ئويناۋاتقانلىقى كەلدى” دەيدۇ. ھىتلېر بۇ گەپكە قۇلىقىنى يۇپۇرىۋالىدۇ. ھىتلېر ئالدىراشلىق بىلەن بىر قانچە يۇتۇم پىۋا ئىچىۋالغاندىن كېيىن، كارلغا قاراپ قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورايدۇ. ئاندىن سالماق قەدەملەر بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. زالدىكىلەر بەكلا قالايماقانلىشىپ كەتكەن بولۇپ تېزگىنلەش مۇمكىن ئەمەستەكلا كۆرۈنەتتى. ئوتتۇرلۇقتا بىرسى قاتتىق ۋارقىرايدۇ: “خالايىق، بۇ بىر ئويۇن ئىدى!”
يەنە بىر ئادەممۇ: بۇ بىر مېكسىكا پاسونى ئىنقىلاپ! دەپ ۋارقىرايدۇ. زال ئىچىدە قۇلاقنى يارغىدەك ئىسقىرىق ۋە كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرىلىيدۇ. گيۇرىڭ خۇددى خوجايىنىغا ئوخشاش شىپقا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئېتىشىدىلا ئاندىن زالدىكىلەر تىنجىيدۇ. ئۇ، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىمىزنىڭ نىشانى ھەرگىزمۇ كارلغا، ئىمپىرىيە دۆلەت ئارمىيىسىگە ياكى ساقچىغا قارىتىلغان ئەمەس، دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ كىلىشتۈرەلمىگەندىن كېيىن، قىزىقچىلىق قىلىپ “پىۋاڭلار تۈگىمىگەندۇ، يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىلەر؟” دەپ ۋارقىرايدۇ.
زالدىكى بۇ قالايماقانچىلىق ھىتلېرنى ئۈمىدسىزلەندۈرەلمەيدۇ. گەرچە زالدىكىلەر قالايماقان توۋلىشىپ غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ تىللاشسىمۇ، ھىتلېر ئۇلارنى ئىتتىرىپ يول بوشىتىپ سەھنىگە قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. زالدىكىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى تېخى بېسىقمىغان ئىدى. ھىتلېر غەزەپ بىلەن ۋارقىرايدۇ: “ئەگەر يەنە تىنجىماي ۋارقىرايدىغان بولساڭلار، ئۈستى قەۋەتتىكى پىلىموتچىلارغا ئوق چىقىرىڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىمەن!” شۇنداق قىلىپ زالدىكىلەر ئۇنى شاڭخو قىلىشتىن دەرھال ۋاز كېچىدۇ. “شۇنىڭدىن كېيىن، − دەيدۇ، كونسىرىۋاتىپ تارىخچى پروفىسسور فون مىلېر (冯•米勒) كېيىنكى بىر ئەسلىمىسىدە، − ھىتلېر ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ نۇتقى بۈگۈنگىچە ھەر قانداق بىر ئارتىسمۇ قىزغانماي تۇرالمىغىدەك بىر نۇتۇق ئىدى. ئۇ نۇتقىنى ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا باشلايدۇ. نۇتقىدا قىلچىمۇ نەپرەت يوق ئىدى.” ھىتلېرنىڭ نۇتقى خۇددى غەلىبە يېقىنلاشقاندەك بىر ۋەزىيەتتىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. ئۇ زالدىكىلەرگە، مەن كارلغا تولۇق ئىشىنىمەن، ئۇ باۋارىيە ھاكىمىيىتى ئۈستىدە تۇرىدىغان پادىشا بولىدۇ دەپ ئاممىغا كاپالەت بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئارمىيە لودېندورفنىڭ قۇماندانلىقىغا تاپشۇرىلىدىغانلىقى؛ لوسۇف (洛索夫) قۇرۇغلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە قويۇلىدىغانلىقى؛ سېيزېر (赛塞尔) ساقچى باشلىقلىقى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ۋەدە بېرىدۇ. “گېرمانىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسى، جىنايى ئورۇن بابىل (巴别) غا، يەنى بېرلىنغا يۈرۈش قىلىپ، گېرمانىيە خەلقىنى قۇتقۇزۇش بولىدۇ!” (بابىل، "ئىنجىل. دۇنيانىڭ يارىتىلىشى" دا تىلغا ئېلىنغان بىر شەھەر ئىسمى)
خانفشتانگېر () ئەسلىمىسىدە، ھىتلېر نۇتقىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى باشلىشى بىلەن تەڭ، بۇ غەلىتە كىيىنىۋالغان ئادەم، خۇددى باۋارىيە يېزىلىرىدىكى رەسىمخانىلاردا ئۇچرىتىشقا بولىدىغان ئۈستى بېشى چاڭ-توزاڭ بېسىپ كەتكەن ئەينەك دېرىزە ئىچىدىكى “شەھەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق نىكاھ يىگىتى” ھەيكىلىگە ئوخشاپ قالغان ھىتلېر، دەرھال خاسىيەتلىك بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. “بۇ ئەھۋال، سترادىۋال (斯特拉迪瓦利) ئىسكروپكىسى قېلىپىدا جىم تۇرغاندا بىر قانچە تاختاي پارچىسىدىن يېپىشتۇرۇپ ياسالغان، ئۈستىگە ئۈچەيدىن ياسالغان بىر قانچە تال تارا تارتىلغان ئادەتتىكى بىر نەرسىدەك تۇرغىنى بىلەن، ئەگەر بۇ نەرسە ئۇستا سازەندىنىڭ قولىغا چۈشۈپلا قالىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مۇڭلۇڭ مۇزىكىلار ياڭراپ كېتىدىغاندەكلا بىر ئەھۋال ئىدى.” پروفىسور فون مىلېر (冯•米勒) پۈتۈن ئۆمۈرى بويىچە “بىر نەچچە مىنوت ئىچىدىلا، ھەتتە بىر قانچە سېكونت ئىچىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ شۇنچە تېز ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى” پەقەتلا چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇ كېسىپ ئېيتىدۇكى، “نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىغىچە قارىشىنى تولۇق ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھىتلېرغا بولغان قارىشى تۈپتىن ئۆزگەرگەن ئىدى. ھىتلېر بىر قانچە جۈملە سۆز بىلەنلا ئۇلارنى تولۇق ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى. بۇ كىشىلەر خۇددى ئالقىنىنى ئۆرىگەندەكلا تېز ئۆزگەرگەن ئىدى. بۇ ئىشتا بىرەر ئەپسۇن باردەكلا بىلىنەتتى. ياكى بىرەر سىھىر بارمىدۇ؟ كەينىدىنلا ھەممە تەنتەنە ئىچىدە قەدەھ سوقۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ سادا ئىچىدە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاۋازى چۆكۈپلا قالىدۇ.”
“كارل، روسوف (洛索夫) ۋە سېيزېر (赛塞尔) ئۈچىسى يان ئۆيدە. − دەيدۇ ھىتلېر سەمىمىلىك بىلەن، − ئۇلار ھازىر قايسى يولنى تاللىساق بولار دەپ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىشىۋاتىدۇ. مەن ئۇلاردىن، سىلەر ئۈچەيلەن خەلقنىڭ تەلىۋىنى قوللامسىلەر دەپ سورىسام بولامدۇ؟” دەپ زالدىكىلەردىن سورايدۇ. تۆۋەندە ھەممە بىردەك: “بولىدۇ، شۇنداق سورا!” دەپ چۇقۇرۇشۇپ كېتىدۇ.
“ئەركىن بىر گېرمانىيە ئىچىدە، − دەيدۇ ھىتلېر قىزغىنلىق بىلەن، − ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان باۋارىيە چوقۇم سىغىپ كېتەلەيدۇ! مەن سىلەرگە شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئەگەر بىز بۈگۈن گېرمانىيە ئىنقىلاۋىنى قوزغىيالمىساق، ئەتە تاڭ يۇرىشى بىلەن تەڭ ھەممىمىز ئۆلگەن بولىمىز!” ھىتلېر خەلق ئاممىسىنى قولغا كىرگۈزىۋالغانلىقى ئۈچۈن، دەرھال ياندىكى بۆلۈمگە كىرىپ ئۈچ نەپەر كاتىۋاشنى چاقىرىپ چىقىدۇ.
ئەسلىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ئادەم، ھىتلېرنىڭ مەرسەدەس ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بېگبىراۋ () پىۋىخانىسىغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. بۇ كىشى دەل گېنېرال لۇدېندورف ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ سادىق ئىزباسارى (ئۇ، يالقۇنلۇق قوزغىلاڭچىدىن بىرسى ئىدى) بىلەن بىرگە كېلىۋاتقان بولۇپ، يېنىدا يەنە شىرىنا رىشىد () مۇ كەينى ئورۇندا بىرگە ئولتۇراتتى. گەرچە جاھاننى قۇيۇق تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ماشىنا يەنىلا ھەيران قالارلىق تېزلىكتە شەھەر ئىچىدىن چىقىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ. گېنېرال لۇدېندورفنىڭ پىۋىخانا ئىشىكى ئالدىدا كۆرىنىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن خەلق “خايىل!” دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ. لۇدېندورف ئىشنىڭ بۇنچە چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان ئىدى. ھىتلېر دەرھال بايىقى بۆلۈمدىن چىقىپ لۇدېندورف بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ. ئۇ ئىككىسى قىسقىچە بىر نېمىلەر دېيىشىپ سۆزلىشىۋالغاندىن كېيىن، لۇدىندورف قاپىقىنى تۈرگىنىچە ئۇچ نەپەر كاتىۋاشنى قايىل قىلىشقا ماقۇل بولىدۇ. ئۇلار يان ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ.
گەرچە ھىتلېرنىڭ ئۆز ئالدىغا قوزغىغان بۇ ھەرىكىتىدىن لودىندورف خاپا بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىككى نەپەر كەسىپدىشىگە ئۆزىنىڭ ئورنى بىلەن ئابرويىنى ئىشقا سالىدۇ. “بولدى قويۇڭلار ئەپەندىلەر. - دەيدۇ لۇدېندورف ئۇلارغا، − بىز بىلەن ھەمكارلىشىڭلار. قېنى بۇنىڭغا قول بېرىڭلار” دەپ قولىنى ئۇزارتىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ ئاۋال قول بەرگەن كىشى گېنېرال ئىدى. روسوف (洛索夫) مۇ قولىنى ئۇزارتىپ، “ماقۇل ئەمىسە” دەيدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن پولكوۋنىكمۇ لۇدېندورفقا قولىنى ئۇزارتىدۇ. مەمورى ئەمەلدار بولغان كارل ئەڭ ئاخىرى قايىل بولغان بىرى ئىدى. ئەمما ئۇلار سەھنىگە كەلگىنىدە، بىرىنچى بولۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن كىشى يەنە شۇ كارل بولدى. ئۇ سەھنىدە چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي تىك تۇراتتى. ئۇ يىغىندىكىلەرگە قاراپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان خان سۈپىتىدە باۋارىيە خاندانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەيداندىكى بىر ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سۆزى ئەسەبىلەرچە ئالقىش سادالىرى بىلەن ئۈزۈلۈپ تۇرغاندىن باشقا ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرۈلمىگەن.
ھىتلېر ئاممىنىڭ بۇنچە قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىدىن خوشال ئىدى. ھىتلېر ھاياجانغا تولغان ھالدا “بۇندىن 5 يىل بۇرۇن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بالىنىسىدا ياتقان بىر قارغۇ ۋاقتىمدا، ئۆز ئۆزەمگە نويابىر جىنايەتچىلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بۈگۈنكىدەك خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەن گېرمانىيە خارابىسى ئۈستىدە قۇدرەتلىك، ئۆزىگە ئۆزى خوجا پاراۋان بىر گېرمانىيە قۇرمىغىچە ھەرگىز يولۇمدىن قايتمايمەن. دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم. قارىغاندا، مەن بۇ قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىغا قەدەم قويغاندەك قىلىمەن” دەيدۇ.
ئۇنىڭ كەينىدىن چىرايى تاتىرىپ كەتكەن لۇدېندورف ئەستايىدىللىق بىلەن قىسقا بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. مەيداندىكى پروفىسسور مىلېر (米勒) بۇ يىغىندىكى تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، لۇدېندورف شۇنى ئېنىق ئۇققان ئىدىكى، “بۇ مەسىلە ئۆلۈم-كۆرۈم مەسىلىسى، ياكى ساق قالغانلاردىن ئۆلىدىغانلار كۆپ بولىدىغان بىر مەسىلە” دەپ قارىغان. ھىتلېر ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆز تېزگىنىگە ئېلىۋالغىنىدىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن كۆتۈرۈلگەن ئالقىش ئاۋازلىرى ئىچىدە كىشىلەر بىلەن بىر-بىرلەپ قول كۆرۈشۈپ يىغىن زالىدىن ئايرىلىدۇ. كىشىلەر بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە، بەلكىم ئىچكەن پىۋىنىڭمۇ كۈچى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇپ ئالالماي تەنتەنە قىلىشماقتا ئىدى. سەل ئاۋال كۆرۈلگەن مەسخىرە قىلىپ تىللاشلىرىنى پاك-پاكىزە ئۇنۇتقان ئىدى. زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، "گېرمانىيە تەڭداشسىز" مارشىنى ئېيتىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجاندىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆز يېشى قىلىشىدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر ھاياجاندىن ناخشىغىمۇ ئېغىزى كەلمەي قالىدۇ. ئەمما شىتات ساقچىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان بىرسى كەينىگە ئۆرۈلۈپ: “بۇ يەردە ساراڭلار دوختۇرىدىن بىرسى بەكلا كاملىق قىلىۋاتىدۇ!” دېگىنى ئاڭلىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )