قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7010|ئىنكاس: 76

ئادولف ھىتلېر سەرگۈزەشتىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1682

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11700
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:

ئۇستازىمىز بىلىمخۇمار بۇ ئەسەرنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى يوللىغان بولسىمۇ، قىزىققۇچىلارنىڭ ئانچە تايىنى بولمىغاندەك. شۇ سەۋەپتىن ئاخىرىنى يوللاشنى توختۇتۇپ قويغان بولسا كېرەك. مەن ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن قىسمەن تۈزىتىش بىلەن قايتا يوللىدىم. بۇ ئەسەرگە قىزىققۇچى ئۇيغۇرنىڭ  چىقماسلىقىدىن غەم قىلمايمەن. چۈنكى، ھىتلېرغا قىزىقمايدىغان مىللەت يوق. ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يىگەن ئادەملەر تېخىمۇ قىزىقىدۇ. ئەسەرنىڭ تايىنى ئوقۇغانسىرى بىلىنىدۇ. 



يىتىمچىلىكتىن داھىلىققا


− ئادولف ھىتلېر سەرگۈزەشتىلىرى

−جون توراند



ئۇيغۇرچە تەرجىماندىن


بىزدىن مىڭلارچە كىلومېتر نېرىسىدىكى بىر خەلقنىڭ بۈگۈن سەلىبى بولۇپ قارىلىۋاتقان بىر داھىسىنىڭ بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان، ھەتتا بەزى خەۋەرلەردىن قارىغاندا ئەينى ۋاقتىدا بەزى تەرەپلەردىن بىزگە زىيان سالماقچىمۇ بوپتىكەن دېيىشكە بولىدىغان، بۇندىن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىش-ئىزلىرىنى قىسمەن بىتەرەپ، قىسمەن تەنقىدى ۋە قىسمەن ھەۋەسلىنىپ بايان قىلغان بۇنچە چوڭ بىر كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قىزىقىدىغان بىرەر ئۇيغۇر كىتابخان چىقارمۇ؟ ئامېرىكىپەرەست بىرسىنىڭ بۇ ھەقتە يازغان 3 توملۇق قېلىن-قېلىن كىتاپلىرىنىڭ تەرجىمىسى، يەنى «ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشى» بىزگە يېتىپ ئاشماسمىدى؟ ھىتلېرنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن قېلىن بىر كىتابىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكىنىمدىمۇ شۇنداق غەم بېشىمدا چۆگىلەپ يۈرەتتى. ياكى پۈتۈن دۇنيادا بۇ ھەقتە نەچچە ئونلىغان چوڭ ھەجىملىك كىتاپلار ئىزچىل تۈردە نەشرى قىلىنىپ ئون قېتىم، ھەتتا يۈز قېتىملاپ دېگىدەك قايتا-قايتا بېسىلىپ ۋە ھەرخىل تىللارغا زىرىكمەي تەكرار-تەكرار تەرجىمە قىلىنىپ (قىزىق ئىش، تەرجىمىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ بېسىلىشقا قىسمەن رۇخسەت قىلىنغان «كۈرەش يولۇم» نىڭ ئونغا يېقىن تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ نەچچە ئون قېتىملىق بېسىلىش نۇسخىسىنى ئۇچراتتىم!) تۇرىۋاتقانلىقىغا ھەيران قېلىپلا بۇ تۈر كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىپ قالغان ئوخشايمەن دېسەم، بەكلا سەۋىيىسىز گەپ قىلغان بولارمەنمۇ؟
 قىسقىسى، بۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئادەم، ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ يارغا قىستىشىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان خىياللاردا بولغانلىقى ۋە بۇ خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنچە قىيىن ئەھۋال ئاستىدا نېمە پىلانلارنى تۈزۈپ ھەرىكەتكە ئاتلانغانلىقىنى ئوچۇق كۆرىۋالالايمىز. بۇ ئىشلار، مىللىتىم ئۈچۈن، دەپ تېخى يېقىنقى دەۋرلەردىلا ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت مەركىزى دەپ تونۇلىۋاتقان غەربىي ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىكەن. ئەڭ قىزىقى، تۈزۈك مەكتەب يۈزى كۆرمىگەن، قولغا چىققىدەك بىرەر كەسىپىمۇ بولمىغان، بىرەر ياردەمچىسىنىڭمۇ تايىنى يوق بەكلا نامىرات، ھەتتا تىلەمچى دېگىدەك بىرسىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاجايىپ زور تىرىشچانلىقى بولۇپ، ئۆزىنى ياتلارنىڭ يوق قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا باش قاتۇرۇپ ئاۋارىچىلىق تارتقىدەك جاپا تارتىپ كەتمەي ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ ئاز باش قاتۇرسىلا مىللىتىنى قۇتقۇزۇش مەقسىدىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى بۇ كىتابتىن ئېنىق كۆرىۋالالىشىمىز مۇمكىن.

مۇندەرىجە

كىرىش سۆز
مۇقەددىمە دۈمبىسىدىن ئوق يىيىش
بىرىنچى بۆلۈم   خىيالپەرەست  
1-        باب  ئا’ئىلە جەمەتى            1889~1907
2- باب  تۇرمۇش مېنىڭ مەكتىۋىم           1907.12~1913.5 
3- باب  خوشاللىقتىن يايراپ كېتىش          1913.5~1918.11
ئىككىنچى بۆلۈم  بىخلىنىش دەۋرى – مەۋجۇدىيىتىمىز
4- باب  بىر سىياسى پارتىيىنىڭ دۇنياغا كېلىشى          1919~1922
5- باب  ھەم ئەسەبى ھەم مىھرىبان ئادەم          1922~1923
6- باب  پىۋىخانا ئىسىيانى          1923
ئۈچىنچى بۆلۈم  تاۋلىنىپ يىتىلىش
7- باب  لانسبېرگ تۈرمىسىدە             1923~1924
8- باب  ھىتلېرنىڭ مەخپى كىتابى           1925~1928
9- باب تۇققىنىدىن ئايرىلىش          1928~1931
تۆتىنچى بۆلۈم  قوڭۇر كۆڭلەكلىكلەر ئىنقىلابى
10-باب  بۇ بىر چۈشمىدى؟           1931~1933.1.30
11-باب  يېقىلىپ چۈشۈش           1933~1934.6
12-باب  ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب           1934. 2~8
13-باب  ئىرادىنىڭ زەپىرى            1934~1935
بەشىنچى بۆلۈم  ئىككى يۈزلىمە ئۇرۇش
14-باب  جۆيلىپ قىلغان قەسەم            1936.3~1937.1
15-باب  ئىنسان ھەقىقەتەنمۇ ئاجىز مەخلۇق           1937~1938.4
16-باب   قايتىش            1938. 2~4
17-باب  تىغ ئۈستىدە            1938. 5~10
ئالتىنچى بۆلۈم  خىيىم-خەتەرلىك يۈرۈش
18-باب  خرۇستال كېچىسى             1938.11~1939.3
19-باب  تۈلكە بىلەن ئېيىق           1939. 8.24 ~1
20-باب  تەڭداشسىز ئاپەت             1939. 8.23 ~ 9.3
يەتتىنچى بۆلۈم  قۇراللىق قىمار 21-باب  غەربى سەپتىكى غالىبىيەت            1939.9.3 ~ 1940.6.25 
22-باب  غالىپنىڭ غەلىبىدىن ئۇجۇقۇپ كېتىشى           1940. 6~10.28
23-باب  دۇنيا نەپىسىنى تۇتماقتا            1940.11.6 ~ 1941.12.19
24-باب  قاراڭغۇلۇققا ئېچىلغان ئىشىك           1941. 6.22~12.19
سەككىزىنچى بۆلۈم  تۆتىنچى چەۋەنداز
25-باب  جەھەننەم سايىسى            1941~1943
26-باب   ئا’ئىلىسى بىلەن جەم بولۇش            1943
27-باب  ياۋۇز ھەمرا           1943.4 ~ 1944.4
توققۇزىنچى بۆلۈم  پاتقاققا چوڭقۇرلاپ پېتىش
28-باب  قۇرۇقلۇق ئارمىيە پارتىلىتىش پىلانى            1943.11 ~ 1944.7.21
29-باب  ئەڭ ئاخىرقى قايتارما ھۇجۇم           1944.7.21 ~ 1945.1.17
30-باب  تۈن يېرىمىدىن بۇرۇن تەسلىم بولمايمەن           1945.1.17 ~ 1945.4.20
31-باب تۈن يېرىمىدىن كېيىنكى يوقۇلۇش          1945. 4.20~30
خاتىمە


ئاپتوردىن


ئادولف ھىتلېر، بەلكىم يىگىرمىنچى ئەسىردىكى تارىخنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئەڭ داڭلىق بىرسى دەپ قارىلىشىمۇ مۇمكىن. دېمىسىمۇ، بۇ دەۋىردە شۇنچە نۇرغۇن جاننىڭ بېشىغا چىققان، شۇنچە زور غەزەپ-نەپرەتنى پەيدا قىلىۋىتەلىگەن ئۇنىڭدەك يەنە بىرسى كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ ئادەم دەسلىۋىدە كەڭ كۆلەملىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالىغان، ئەينى ۋاقتىدا مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئۈمىدى ۋە غايىسى ھالىغا كەلگەن بىرسى ھېساپلىناتتى. ھىتلېر ئۆلۈپ ئوتتۇز نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مەيلى ئۇنىڭ دوستلىرى ياكى دۈشمەنلىرىدىن بولسۇن، ئۇنىڭغا بولغان قاراشلىرى ئاساسەن ئۆزگەرمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇنىڭ دەۋرداشلىرى بولغان باشقا داھى كىشىلەردىن روزۋېلت، چېرچىل، مۇسسولىن، ستالىن قاتارلىقلارغا بولغان قاراشلىرىمىزنى نەچچە قېتىملاپ ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيەتكە نىسبەتەن ئۇيغۇنىراق ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بۇ جەرياندا ھىتلېرنىڭ ئوبرازىغا بولغان قارىشىمىز قىلچە ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭغا سادىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ھىتلېر بىر قەھرىمان، ئاخىرقى غالىبىيەتكە ئېرىشەلمىگەن ئۇلۇغ قۇتقازغۇچى ھېساپلىناتتى؛ ئەمما قالغان كىشىلەر ھىتلېرنى ئۇچىغا چىققان تەۋەككۈلچى، ساراڭ-قېتىش، ھەربى ۋە سىياسى جەھەتلەردە ئەڭ ھاماقەت، ئۆزگەرمەس قاتىل، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم ئۇتۇقلىرىمۇ پۈتۈنلەي ياۋۇزلۇق يولىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر دەپ قارىماقتا.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش، مەنمۇ ھىتلېرنىڭ بىۋاستە زەربىسىگە ئۇچرىغان بىرسىمەن. مەن ئۇنىڭ توغرىلىق كىتاب يېزىش ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ ھېسسىياتلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بېسىپ، ئۇنى، مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىپتىدا’ئى ئادەم قاتارىدا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ تەسۋىرلەشكە تىرىشتىم. مەن بۇ جەرياندا ھىتلېرنى ئەتراپلىق بىلىدىغان، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان ياكى ئۇنى مازاق قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتىم. بۇ كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۇ بەخىتسىز ئۆتمۈش كۈنلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى قەتئى ئەنسىرىمەي قورقماستىن تەپسىلى سۆزلەپ بەردى. ئۆتمۈش يىللاردىكىدەك ئۇنداق فيۇرېر (داھى) دېسىلا، شۇ قورقۇنۇچلۇق دەۋرلەر كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ گەپنى باشقا تەرەپكە بۇراپ دۇدۇقلاپ بىر نېمە دېيەلمەيدىغان روھى ھالەت بۈگۈن كەلمەسكە كەتتى. مەن ھىتلېرنىڭ كانۋويلىرىدىن پوكامىر 普卡梅尔، برېل 贝罗، ئىنگېر 恩格尔، گېنس 根舍، ۋېنس 温舍 ۋە شورتس 舒尔兹؛ كاتىپلىرىدىن تراۋدېر جيۇڭ 特劳德尔•容格، گېلدا كرىستىيان 格尔达•克里斯蒂安، ليوتچىكى پول 波尔، دوختۇرلىرىدىن جىس 吉辛، ھاسىرباخ 哈塞尔巴赫، ئۇنىڭغا يېقىن ئوفىسسېرلاردىن سكىرسنى 斯科尔兹内، رودىل 鲁德尔، ئۇنىڭغا يېقىن ئېنجىنېرلاردىن شپىيېر 施佩尔، گېسلېر 杰斯勒، بىرىنچى نومۇرلۇق باياناتچىسى خاۋستېنگر 汉夫施坦格尔، ھەربى رەھبەرلەردىن مانستېيىن 曼斯坦因، مېلچ 米尔契، دېنس 邓尼茨، مانتفور 曼特福尔، ۋالموند 瓦力蒙، شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئاياللاردىن رېنى لېفىنستار 里妮•莱芬斯达尔، پروفېسسور تروست 特鲁斯特 خانىم، ھېلىنا خافستېيىنگر 赫仑纳•汉夫施坦格尔 خانىم قاتارلىقلار بىلەن كامىدا 250 قېتىمدەك كۆرۈشۈپ چىقتىم. بۇ كۆرۈشۈشلىرىمدىن ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالغانلىرىمنىڭ ئۆزىلا نەچچە ئون قېتىمغا يېتىدۇ. بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ھازىر پارلامېنت كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. كۆرۈشۈش جەريانىدىكى سۆھبەتلەردىن بۇ كىتاپقا كىرگۈزگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك سۆھبەت ئىگىلىرى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتى. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇلار يازغانلىرىمغا تۈزىتىش بېرىش بىلەنلا قالماي، نۇرغۇنلىغان پايدىلىق مەسلىھەتلەرنىمۇ بېرىشتى.
مەن ھىتلېرنىڭ سىرىنى ئاشىكارىلاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈججەت، دوكلات ۋە مەخسۇس تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پايدىلاندىم: ئا ق ش ئارمىيىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى بۆلۈمى (美军反情报部的) نىڭ ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بىر ئىشپىيونىنىڭ (特工人员) ھىتلېرنىڭ سىڭلىسى باۋرا (保拉) بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسى؛ دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى (国家档案局) نىڭ ئېلان قىلىنمىغان ھۈججەتلىرىدىن 1918-يىلى ھىتلېر ھەققىدە تەييارلانغان روھى كېسەللىكى ھەققىدىكى مەخپى دوكلاتقا ئوخشاش ھۈججەتلەر؛ ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسىدىكى ئېلان قىلىنمىغان ھۈججەتلەر؛ يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىقىرىلغان گيورىڭ (戈林) بىلەن ناگرەيلى (纳格莱里) نىڭ 1924~1925-يىللاردا ئۆزئارا يېزىشقان خەتلىرى، بۇ خەتلەر ناتسىتلار بىلەن فاشىستلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە يېڭى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىمەكتە؛ ھىملېر (希姆莱) نىڭ مەخپى سۆھبەتلىرى؛ ئۇنىڭ ئېلان قىلىنمىغان كۈندىلىك خاتىرىلىرى، تىزىسلىرى، ئەسلىمىلىرى قاتارىدىكى ماتېرىياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھىتلېرنىڭ ئەڭ ياش كاتىۋى تراۋدېر جيۇڭ (特劳德尔•容格) ئەسلىمىلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئەسلىمە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاشىكارىلاپ بەرمەكتە.
مېنىڭ بۇ كىتاۋىم قانداقتۇ بىر مەقسەتنى كۆزلەپ يېزىلغان ئەسەر ئەمەس. ئەگەر بۇ كىتاۋىمدا ھەر قانداق بىر باھالاشتا بولغان بولسام، بۇ باھالىرىم ئاساسەن كىتاپ يېزىلىش جەريانىدا ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، بۇ تۈردىكى باھالىرىمنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى: ھىتلېرنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق مۇرەككەپ، زىدىيەتلىك بىرسى بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. گراھام گرىن (格拉汉姆•格林) ھىكايىلىرىدىكى بىر پېرسۇنازھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەڭ ئۇلۇغ غەلىتى كىشىلەر، ئەزەلدىن بېرى پەۋقۇلئاددە ۋەھشىلىك قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەر بولۇپ، ئەڭ رەھىمسىز كىشىلەر بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ غەلىتى ھېسسىياتلاردا بولىدۇ.” چۈنكى، جەننەتتىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ھىتلېردەكلەر دوزاخ يولىنى تاللىۋېلىشقان. ئەسلىدە، ھىتلېرمۇ جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ پەرقىنى ياخشى بىلىدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ، يەھۇدىيلارنى ياۋرۇپا قىتئەسىدىن تولۇق تازىلىۋېتىش خىيالىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ يەنىلا كىرىست بەلگىلىك كاۋاللېر (骑士)، روھى جەھەتتە غەلىتىلەشكەن، پرومىتوس (普罗米修斯) بىلەن لېيتۇس (柳西胡) نىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر ئالۋاستى ھېساپلىنىدۇ.
               −جون توراند




مۇقەددىمە


ئارقىمىزدىن پىچاقلاندۇق


(1)


1918-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ۋاگونلىرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىگە ئىنقىلابى شۇ’ئارلار چاپلانغان، ياردار ھەربىلەر بىلەن لىق تولدۇرۇلغان ھەربى پويىز گېرمانىيە چېگراسىدىن ئىلاندەك تولغۇنۇپ ئۆتۈپ، ئىمپىرىيىنىڭ شەرق چېگرىسىدىكى بىخەتەر دەپ قارالغان رايونلارغا قاراپ ھارغىن پۇشۇلداپ كېتىۋاتاتتى.
بۇ ۋاگونلار تىزمىسىدىكى يۈزلىگەن ياردار ھەربىلەر ئارىسىدا، تېخى يېڭىلا بىلىگىيىدە يۈز بەرگەن زەھەرلىك گاز ئۇرۇشىدا زەھەرلىنىپ ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان بىر ياردارمۇ بار ئىدى. شۇ كۈنىسى، يەنى 13-ئۆكتەبىر ئاخشىمى، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ كۈچلۈك توپ-زەمبىرەكلىرى گېرمانىيە ئالدىنقى سەپلىرىنى شىددەت بىلەن توپقا تۇتىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىنلا زەھەرلىك گاز بومبا ھۇجۇمى باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى توپ ھۇجۇمى، گېرمانىيە قوشۇنلىرى بۇرۇنقى ئۈچ ئايلىق ئۇرۇشتا تېز سۈرئەت بىلەن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغىنىدىن بۇيان دۈچ كەلگەن بىر قاتار شىددەتلىك زەربىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك زەربىلەردىن بىرى ئىدى. گەرچە گېرمانىيە قوشۇنلىرى كەينىگە چېكىنگەن، ئۇرۇش سەپلىرى ئەگرى-توقاي، ئىلگىرى-كېيىن ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار قىلىنغان ھېساپلانمايتتى. بۇ قېتىمقى دالا ئۇرۇشىدا ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىۋاتقان قىسىملاردىن بىرى باۋارىيە ئون ئالتىنچى زاپاس پىيادە پولكى ئىدى. بۇ پولك تاغ ئارىلىرى ۋە ئېتىزلىقلاردىكى ئاكوپلاردا بېشىنىمۇ چىقىرالماي قىسىلىپ قالغان ئىدى. ئۇرۇش سەپلىرى بۇزۇلۇپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەممە يەر توپ ئوقلىرى ئۇيىۋەتكەن ئازگاللار بىلەن تولغان، پۈتۈن ئۇرۇش سېپى پاتقاقلىق ئىچىگە كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى. ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئەسكەرلەر ئاكوپلاردا بېشىنىمۇ چىقىرالماي تۈگۈلۈپ يېتىشتىن باشقا قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيتتى. ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقان توپ ئوقلىرى پۈتۈن ئاكوپ ئەتراپىدا يەر يېرىلغاندەك دەھشەتلىك پارتىلاشلارنى پەيدا قىلىپ جاھاننى زىلزىلىگە سالاتتى. بۇ كۈنلەردە نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەر تۈرلۈك ئېغۋالار يامىراپ كەتكەن بولۇپ، ۋەتەندىكى نۇرغۇنلىغان ھەربى سانا’ئەت ساھەلىرى ئىش تاشلاپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ئاكوپلاردا قۇلاقتىن-قۇلاققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. بۇنداق سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىمۇ ئەسكەرلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ روھىنى چۈشۈرمەكتە ئىدى. كونا ئەسكەرلەر ھېچ نېمىدىن ئەنسىرىمەيدىغان خامۇش ھالغا كېلىپ قالغان بولسا، يېڭى ئەسكەرلەر قورققىنىدىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى.
قولاقنى يارغىدەك توپ ئېتىشلار تۇيۇقسىزلا قايتا باشلىنىپ، ئەتراپقا تارقالغان بۇرۇننى ئېچىشتۈرىدىغان كۈچلۈك زەھەرلىك گازنىڭ غەلىتى پۇرىقى ئاكوپلارنىمۇ تولدۇرۇشقا باشلايدۇ. كىمدۇ بىرسى “زەھەرلىك گاز! بۇ زەھەرلىك گاز!” دەپ كۈچىنىڭ بېرىچە ۋارقىراپ سەبداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەسكەرلەر تۇنجى قېتىم بۇنداق خاردال گاز پۇرىقىنى پۇرىماقتا ئىدى. بەزى ئەسكەرلەر ئەتراپتىكى ھاۋانى پۇراپ بېقىپ، بۇ بىر ئەتتىر پۇرىقىمۇ قانداق دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ياق، بۇ لازىنىڭ پۇرىقى دېيىشەتتى. ئەمما ئەسكەرلەرنىڭ بۇرنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئالدىراپ-سالدىراپ گاز ماسكىلىرىنى تاقىشىپ ھەممە كىشى ئاكوپ بويىدا تامغا قاراپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋېلىشتى. ئارىدىن بىر قانچە سا’ئەت ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ گاز ماسكىلىرىدىن تېخىچىلا زەھەرلىك گاز پۇرىقىنى ئىلغىغىلى بولاتتى. قاتاردا بىر يېڭى ئەسكەر بۇ ئەھۋالغا ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلمىدى-ئەتىمالىم، گاز ماسكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ ھاۋانى ئىچىگە تارتىپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆپكىسى شۇ ھامات زەھەرلىك ھاۋاغا تولۇپ تۈگۈلگىنىچە يېقىلىپ چۈشتى.
“زەھەرلىك گازدىن نەپەسلىنىشى بىلەن تەڭ، ئۇ ئەسكەر ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈك چىقىرىپ تۈگۈلۈپ يەردە سوزۇلۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ ئەسكەر بىر ھازا خاقىراپ ياتقىنىدىن كېيىن جېنى چىقىپ جىمىپ قالدى.”
گۈگۈم ۋاقتى كېلىشى بىلەن، زەھرلىك گاز پۇرىقى ئاستا-ئاستا تارقىلىپ ھاۋا تازىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا توپ ئېتىش قايتىدىن باشلىنىپ كېتىدۇ. جەڭچىلەر ماسكىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى ھاۋادىن نەپەسلىنىشكە باشلايدۇ. “شۇنىڭغا قارىماي ھاۋادا يەنىلا خاردال پۇرىقى تۈگىمىگەن ئىدى. − دەپ يازىدۇ بىرسى، − ھاۋادا خاردال گاز پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ كۈچلۈك پارتلىغۇچى دورا پۇرىقىمۇ تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما بىز ئۈچۈن پارتلاتقۇچ پروخنىڭ پۇرىقى خاردال پۇرىقىغا قارىغاندا جەننەتنىڭ ھاۋاسىدەك مىزلىك بىلىنەتتى.” بۇنداق جىمجىتچىلىق ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. بۇ چاغدا دۈشمەن تەرەپ تېخىمۇ ئەسەبىلىشىپ، تېزلىكتە قايتىدىن ھاۋانى خاردال ۋە نىترىت پۇرىقى بىلەن توشقۇزۇشقا باشلايدۇ. گاز ماسكىسى تاقاشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر، خۇددى بايىقى يېڭى ئەسكەرگە ئوخشاش تىك چۈشۈپ بىر ھازا خارقىراپ ياتقاندىن كېيىن جان بېرىدۇ. تەلىيى ئوڭ كېلىپ ساق قالغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك كۆزى كۆرمەس قارغۇ بولۇپ كېتىدۇ. ئارىدىن بىرسىنىڭ كۆزى يەنىلا ئاز-تۇلا بىر نەرسىلەرنى ئىلغىيالىغىدەك غۇۋا كۆرەلەيتتى. ئۇ ئەسكەر قالغان سەبداشلىرىغا، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارنىڭ كىيىمىگە ئېسىلىپ كەينىمدىن مېڭىڭلار، دەپ ۋاقىرايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسكەرلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سۇڭدۇشۇپ ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ يولغا چىقىدۇ. چالا قارغۇ بولغىنى قالغانلارنى يېتىلىگىنىچە ئەڭ يېقىندىكى جىددى قۇتقۇزۇش پونكىتى بار يەرگە يېتىپ كېلىۋالىدۇ.
بۇ زەھەرلىك ئەجەل ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئەسكەرلەر ئارىسىدا 29 ياشلىق بىر ئون بېشىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى − ئادولف ھىتلېر ئىدى.
ھىتلېر پويىزدا ياتقىنىچە شەرققە قاراپ كېتىۋاتماقتا. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھېلىغىچە ھېچ نېمىنى كۆرەلمەيتتى. بۇ چاغدىكى ھىتلېر روھى چۈشكەن، ھارغىن، پۈتۈنلەي تۈگەشكەندەك بىر ئەھۋالدا ئىدى. باشقا زەھەرلەنگەنلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ ھەر ئىككىلا كۆزى قىزىرىپ ئىشىپ كەتكەن بولۇپ، يۈز-كۆزىمۇ تۇلۇمدەك ئىشىپ يۇمبۇلاق كاۋىدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئاۋازى خۇددى ئالۋاستىنىڭ ئاۋازىدەك شۇنچە كۈچىسىمۇ گاراڭلاپ گېپىنى زادىلا ئۇققىلى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق ئىدى. ئەگەر بىرەر سېستىرا كېلىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن دېسىمۇ ۋارقىراپ-جارقىرىشىپ يېقىن يولاتمايتتى.
ئۇلار ھېچنېمە يېمەيتتى. دوختۇرلارنىڭ كېلىپ يىرىڭداپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەكشۈرۈشىگىمۇ يول قويۇشمايتتى. دوختۇرلار ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، كۆزۈڭلار تېز ئارىدا ساقىيىپ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، دەپ شۇنچە يالۋۇرسىمۇ كار قىلمايتتى. ئۇلار، شۇنچە يىلدىن بېرى ئاخماق قىلىنىپتىكەنمىز دېيىشىپ، زارلىنىپ دەرت تۆكىشەتتى. ئۇلار دوختۇردىن، ئەندى جىمجىت يېتىپ تەغدىرگە تەن بېرىشىمىزگە، ئازاپتىن قۇتقازغۇچىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشىمىزگە، يەنى ئۆلۈم ئارقىلىق بۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇشىمىزغا يول قويۇڭلار دەپ يالۋۇرىشاتتى.
شۇنىڭدىن ئون بەش يىل ۋاقىت ئۆتكەندە ئىمپىرىيىنىڭ بىردىن-بىر داھىسى ئورنىغا كۆتۈرۈلىدىغان بۇ ئون بېشى، پۈتۈن ۋۇجۇدى يارىلانغان، ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ ياتقان بۇ روھسىز ئەسكەر، بۇ كۈنلەردە گېرمانىيىنىڭ قايسى دەرىجىدە تارمار كەلتۈرۈلگەنلىكىدىنمۇ خەۋىرى يوق ياتاتتى. بۇندىن تۆت يىل ئاۋال، نېمىس قوشۇنلىرى تۇنجى قېتىملىق كۈچلۈك ھەربى قۇۋەت بىلەن ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىلىگىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن ۋاقتىدا ھىتلېر تۇرىۋاتقان پولك، يەنە شۇ يەردە تۇنجى قېتىم قانلىق جەڭگە قاتناشقان، بىر ھەپتىگە قالماي مۆلچەرلىگۈچىسىز دەرىجىدە چىقىمغا ئۇچراپ، پولكنىڭ 80% گە يېقىن ئادىمى جەڭدە ئۆلگەن ئىدى. شۇ چاغدا قانلىق جەڭگە تۇنجى قاتنىشىۋاتقان ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنچىلىك چىقىم مەيۈسلىنىشكە ئەرزىگىدەك پاجى’ئە ھېساپلانمايتتى. ئەكسىچە بۇ ئەھۋال نېمىس قوشونلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق ئىرادىسىنىلا كۆرسىتەتتى، خالاس. شۇ چاغدا ھىتلېر ميونخېندىكى ئۆي خوجايىنىغا يازغان خېتىدە “… مەن سىزگە مەغرۇر ھالدا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، جەڭگە كىرگەن بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا بىزنىڭ پولىك ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى، يەنى پولكىمىزدىكى كۆپسانلىق ئوفىسېرلار ئۇرۇشتا قۇربان بولدى، بىزنىڭ روتىدا ئارانلا ئىككى كىشى ساق قالدۇق. ئۇرۇش ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەندە پولكىمىزدىكى 3600 نەپەر ئوفىسېر-جەڭچىدىن ئاران 611 نەپەر ئادەم ساق قالدۇق.”
شۇ كۈنلەردە، نۇرغۇنلىغان نېمىسلار كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مۇنداق دېيىشتى: گېرمانىيىگە خاس قەھرىمانلىق روھ ئەنە شۇنداق بولىشى كېرەك. ئەمما ئايلار بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇرۇش ئىچىنى پۇشۇرىدىغان زىرىكەرلىك ئاكوپ ئۇرۇشىغا ئايلانماقتا ئىدى. ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى بىر-بىرسىگە خىرىس قىلىپ ياتقان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئادەمسىز بوش ئېتىزلىق، پەقەت قايسى بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ سېپىنى بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولۇپ ئاتاكىغا ئۆتكەندىلا توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇراتتى. ھەر چاقىرىملىق ئىلگىرلەش، ھەتتا ھەر قەدەم ئالغا سىلجىش ئۈچۈنمۇ مىليونلارچە ئەسكەر ياردارلىناتتى ياكى قۇربان بولاتتى. شۇڭا، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىكىدەك ئۇنداق ئۈمىدۋارلىقلار ئاستا-ئاستا يوقۇلۇشقا باشلايدۇ. غەلىبە قازىنىشتىن ئۈمىدسىزلىنىش روھى ھالىتى خۇددى مۆكىۋالغان چاشقاندەك ئەسكەرلەرنىڭ چوڭقۇر قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئىدى. ۋەتەن ئىچىدە بولسا، ئېنگىلىزلارنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلىدىن ئاساسلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ تەمىنلىنىشىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان، ئاچارچىلىق، قىيىنچىلىق نېمىس خەلقى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە يامىرىماقتا ئىدى. ئۇرۇش ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى يىلىغا كىرىشى بىلەن نېمىس قوشۇنىدىكىلەرنىڭ ئويلايدىغىنى غالىبىيەت قازىنىش ئورنىغا قانداق قىلىپ جېنىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۆزگەرگەن ئىدى. ئەسكەرلەر يوقۇرى دەرىجىلىك قوماندانلىق شىتاپىدىكىلەرنىڭ دۆتلىكىدىن زارلىنىپ، داۋاملىق ئۇرۇشۇشنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلىقىنى ھەر يەردە سۆزلەپ يۈرىشەتتى. ھىتلېرغا ئوخشىغان يەنە بىر قىسىم كوماندىر-جەڭچىلەر بۇ تۈردىكى مەغلوبىيەتچىلىك قاراشلىرىغا پەرۋايى پەلەك ئىدى. گەرچە ھىتلېرمۇ ئىزچىل تۈردە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بىر جەڭچى ھېساپلانسىمۇ، تەسىر كۆرسىتىش دا’ئىرىسى بەكلا تار، گېپى ئۆتمەيدىغان ئادەتتىكىلا ئون بېشىدىن بىرى ئىدى، خالاس. ھىتلېر ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالماي كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ ھەر دا’ئىم سەبداشلىرىنى قاتتىق تەنقىلىپ يۈردى. ۋەتەندىن زەھەر تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەنلەر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن يېڭى ئەسكەرلەرنى بەكىرەك تەنقىتلەيتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپمۇ كېتەتتى. ھىتلېرنىڭ بىر سەبدىشى، “ئۇ غەزەپلەنگىنىدە قولىنى ئىككى يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ ئالدى-كەينىگە مېڭىپ ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۈمىدسىزلىكنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنى تىللاپ كېتەتتى.” دەيدۇ.
بەلكىم ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغۇچىلار راستىنلا خاتالاشقانمۇ قانداق، 1918-يىلىغا كىرىشى بىلەن 4 يىلدىن بېرى ئىزچىل بىر يەردە مۇداپىيىلىنىپ ياتقان نېمىس قوشۇنلىرى، غەرب ئۇرۇش سېپىنىڭ تۇرغۇن ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا قارىماي ئۆزىنى ئوڭشاپ يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. شۇڭا غەرب ئالدىنقى سېپىدىن باشقا سەپلەردە نېمىس قوشۇنلىرى ئومۇمى يۈزلۈك غەلىبە قازىنىدۇ. سىربىيە، رومىنىيە، ئاخىرىدا روسىيە قاتارلىق ئەللەر نېمىسلاردىن يېڭىلىدۇ. روسىيە، نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئىچكى قىسىمدىكى ئىنقىلاپنىڭ پارتىلىشى بىلەن مەغلوپ بولىدۇ. يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىققان سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن تېنچلىق كىلىشىمى ئىمزالىنىپ، نېمىسلار ئۇكرا’ئىنانىڭ بىر مۇنچە تۈزلەڭلىكلىرىنى – ياۋرۇپانىڭ بولكا ئامبىرىنى قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. شەرق ئۇرۇش سېپىدىكى دۈشمەن كۈچلىرى پۈتۈنلەي تارمار كەلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، نېمىس قوشۇنلىرى شەرق ئۇرۇش سېپىدىن غەربى سەپكە بىر مىليون كىشىلىك ئەسكەر يۆتكەپ فرانسىيىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار بۇ تولۇقلانغان ھەربى كۈچىگە تايىنىپ فرانسىيە ئۇرۇش سېپىدە مۇقىملىشىپ قالغان تۇرغۇنلۇق ۋەزىيەتنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئومۇمى يۈزلۈك قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ئالىي قۇماندانلىق شىتاۋىدا دەرىجىسى ئەڭ تۈۋەن گېنېرال بولغىنىغا قارىماي ئەڭ مۇھىم ئادەم ھېساپلىنىدىغان گېنېرال ئېلىكس لودىندورف (埃里希•鲁登道夫) تەرىپىدىن “ئىمپراتور سەپىرى” دەپ نام بەرگەن ئومى يۈزلۈك ھۇجۇم ھەرىكىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.
شۇ يىلى ئەتىيازدا نېمىس قوشۇنلىرى 4 قېتىم كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە كۈچلىرىنى ئىلگىرى-كېيىن چېكىنىشىگە مەجبۇر قىلغان ئىدى. جان تۇمشۇققا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكىرى قالغىچە جەڭ قىلىش دېگەن بويرۇقنى ئېلان قىلىدۇ. 15-ئىيۇل كۈنىسى، ھەل قىلغۇچ جەڭ رېيم (莱姆斯市 − رھەئىم) شەھىرى ئەتراپىدا باشلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش چوقۇم ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ يېڭىپ كىمنىڭ يېڭىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى ھەر ئىككى تەرەپلا بىلەتتى. “ئەگەر مەن رېيمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالالىسام، − دەيدۇ لودىندورف، − بۇ ئۇرۇشنىڭ غالىبى بىز بولىمىز.” ئىتتىپاقداش قوشۇنلىرىنىڭ باش قۇماندانى مارىشال فۇگ (福煦) مۇ شۇنداق دەپ قارىماقتا ئىدى. گېزىت خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ مارىشال مۇنداق دېگەن: “ئەگەر نېمىس ئارمىيىسى رېيم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى قولغا چۈشىرەلىسە، بۇ ئۇرۇشتا بىز يېڭىلگەن تەرەپ بولۇپ قالىمىز.” ئەمما نېمىس ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. نېمىس قوشۇنلىرى ئارقا سەپ تەمىناتىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئامېرىكا دىۋىزىيىسى بىلەن كۈچەيتىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ قورال-يارىقى بىلەن يىمەك ئىچمىكىمۇ ئا ق ش دىن ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى.
نېمىس قىسىملىرىدا ئەسكەردىن قېچىش ئەھۋالى بەكلا ئېغىر ئىدى. نەگىلا بارسا ئىسيان، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاش مۇمكىن ئىدى. ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى ئاميېنس (亚眠) ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ ھۇجۇمدا نېمىس قوشۇنلىرى بىر پايمۇ ئوق چىقىرالماي دېگىدەك پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولىدۇ. بەزى يەرلەردە پەرىشان بولۇپ چېكىنگەن قوشۇنلاردىن بەزىلەر قارشى تەرەپنىڭ بىرەر ئەسكىرىگە ئۇچراپ قالسىلا قول كۆتۈرۈپ بىرلىكتە ئەل بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە ئىدى. كەينىگە چېكىنىۋاتقان قىسىملار ئالدىنقى سەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ياردەمچى ئەسكەرلەرگە قاراپ “بۇزغۇنچىلار!” دەپ ۋاقىراشقانلىقىنى ھەر دا’ئىم ئاڭلاش مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئىشلار شۇنىڭ بىلەنلا پۈتمەيدۇ. نېمىس قوشۇنلىرى كەينىگە چېكىنگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرى يەنىلا جايىدا ئىدى. ئەمما مەغلوبىيەت قارىشىدىكى كىشىلەر بىردە-يېرىم كۆرۈلۈپ قالغاندەك قىلغىنى بىلەن، ھەربىلىك ۋەزىپىسىگە سادىق ئەسكەرلەر يەنىلە يۈزلەپ-مىڭلاپ بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ۋەتەندىن كېلىدىغان ئىشەنچىنى ئۆستۈرۈش تۇيغۇلىرى تەدرىجى يوقۇلۇشقا باشلىماقتا ئىدى. ئىش تاشلاش دولقۇنلىرى دولقۇنسىمان داۋاملىشىپ، شەھەر ئىچىدىكى ئەسەبى سوتسىيالىزمچىلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئىنقىلاپ توغرىلىق تالاش-تارتىش ئىچىگە پېتىپ قىلىشقان ئىدى. ھىتلېرگە ئوخشايدىغان جاھىل ئۇنسۇرلارغا تەۋە كىشىلەر بولسا بىخەتەر، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان ئارقا سەپتىكىلەر، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلىكتىن چۈشۈپ قالغانلار، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ شىتاپلارغا سوقۇنىۋالغانلار، يالغان كېسەل بولىۋېلىپ ۋەزىپىسىدىن قاچقانلار، ۋەتەن ساتقۇچلار، شۇنىڭدەك يەنە گېرمانىيە دېگەن بۇ ۋەتەننى سۆيۈپ كەتمەيدىغان، ئۇنىڭغا ھۆرمەتمۇ قىلىپمۇ كەتمەيدىغان يەھۇدىيلار ئېغىر شارا’ئىتلاردا جەڭ قىلىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكىلەرنى سېتىۋەتتى دەپ قارىشاتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئەڭ قورقۇنچاق ھېساپلىنىدىغىنى يەنە شۇ لودىندورفنىڭ ئۆزى ئىدى. مەمورى ئەمەلدارلارنى كۈچىنىڭ بېرىچە كۈشكۈرتۈپ ھۆكۈمەتنى تېنچلىق شەرتنامىسىگە قول قويغۇزۇشقا مەجبورلىغان كىشىمۇ يەنە شۇ لودىندورف ئىدى.
گەرچە ۋاقىت كېچىككەن بولسىمۇ، ھىتلېرگە ئوخشىغان قاتتىق قول كىشىلەر يەنىلا ئۆز كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار، ئاخىرغىچە قەتئى چىڭ تۇرىدىغانلا بولساق، غەلىبە قازىنىشتىن يەنىلا ئۈمىد بار، چوقۇم چارە تېپىلىدۇ دەپ قارىشاتتى. ئالدىنقى سەپلەر تېخى تولۇق تارمار قىلىنغىنى يوق، كەينىگە چېكىنىشلەرمۇ ئومۇمى يۈزلۈك ئەمەس دەپ قارىشاتتى. مەغلوبىيەت ئىچكى قىسىملاردىن كەلمەكتە، مەغلوبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلار دەل شۇ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ شىتاپلارنى ئىگەللىۋالغانلار، يالغان كېسەل بولىۋېلىپ مەسئولىيەتتىن قاچقانلار، يەنە شۇنىڭدەك بىر قىسىم يەھۇدىلار دەيدىغان قارىشىدا چىڭ تۇرىشاتتى.
(2)


ھىتلېرنىڭ قارغۇلارچە چىڭ تۇرۇپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن غالىبىيەت خىيالىنىڭ پاجى’ئەلىك ئاقىۋىتى، شۇنىڭدەك ئۇ قەتئى ئىككىلەنمەي ھىمايە قىلىپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق ھادىسىلەر، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىش خىيالى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيا، كونا خاندانلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولغان كىشىلەر، يەنى ئاقسۈڭەكلەرلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلەيدۇ دەيدىغان قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دۇنيا ئىدى. بارلىق يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەللەر، دېپلوماتىك ۋەزىپىلەر، شۇنىڭدەك ئارمىيە ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى پۈتۈنلەي كونا ئاقسۈڭەك سۇلالىسىدىن كەلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن، ئالاھىدە يوقۇرى تەربىيە كۆرگەن، مەدەنىيەتلىك ئاقسۈڭەكلەر تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن بولىشى كېرەك دەپ ئويلايتتى. ئۇرۇش، ئۇنىڭ بۇنداق قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئاكوپلاردا، ئاقسۈڭەكلەر ئا’ئىلىسىدىن كەلگەنلەر بىلەن تۈۋەن تەبىقىلىك كىشىلەر ئوخشاش شارا’ئىتلاردا مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلالىغانلىقىنى، ئاقسۈڭەكلەر سۇلالىسىغا مەنسۈپ كىشىلەرلا ئۈستىگە ئالالايدۇ دەپ قاراپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان ۋەزىپىلەرنى تەدرىجى شەكىلدە ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۆستىگە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.
ئەسلىدە، پۈتكۈل ياۋرۇپادا ئاقسۈڭەكلەر تەرىپىدىن ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئىسمى بار جىسمى يوق كىشىلەر ئىدى. قىلچىمۇ ئابرويى يوق ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ خۇددى ھىتلېرگە ئوخشايدىغان ھاكىمىيەت ئوگانلىرىنى بەرپا قىلالايدىغان كىشىلەر بار ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەر دەسلىۋىدە بەكلا ئادەتتىكىچە ياشاپ كەلگەن، ھەتتا بەكلا جاپالىق مۇھىتلاردىن كەلگەن كىشىلەر بولىشىغا قارىماي، ئۇنداق ئادەملەر خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى شەپقەتسىز دولقۇنلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، جاھاننى سىرىپ-سۈپۈرۈپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا يېتەكچىلىك قىلالىشىنىڭ سىرى، خەلق ئاممىسى كىشىلەرنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۆزىنى پىدا قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان بۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرالىشى ئىدى.
پويىز، ھىتلېر ئولتۇرغان ۋاگوننى سۆرەپ ئۇنى پوفلانىيە (波默拉尼亚) شىتاتىنىڭ كىچىك بىر شەھىرى بولغان باسۋارك (巴斯瓦尔克) تىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قاتتىق ئاغرىق، روھى جەھەتتىكى يىمىرىلىش ئۇنىڭ كاللىسىدىكى يۈكسەك غايىلىرىنى پۈتۈنلەي توزىتىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزى بىر قانچە ھەپتىلىك داۋالاشتىن كېيىن تەدرىجى شەكىلدە ساقىيىشقا باشلاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
كۆز پەردە يالۇغى (角膜炎) ساقىيىشقا باشلىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىكى ئىشىقلارمۇ يېنىپ، كۆز چانىقىدىكى چىدىغۇسىز ئاغرىقمۇ پەسىيىشكە باشلايدۇ. ئۇ ئەسلىمىسىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى “ئاستا-ئاستا ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى پەرق قىلالىغىدەك ھالغا كەلمەكتە ئىدى.” شۇنداق قىلىپ ھىتلېرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىپ، ئۈمىدسىزلىك روھى ھالىتىدىنمۇ قۇتۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەسلىدە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، نېرۋا كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ئېدۋارد فرۇستېر (埃德蒙•福斯特) نىڭ مەخسۇس داۋالىشى نەتىجىسىدە، دياگنوزدا كۆرسىتىلگەن روھى چۈشكۈنلۈك كېسىلى (精神恍惚症) مۇ تولۇق ساقىيىدۇ. دوختۇر فروستېر، خاردال گازى ھەققىدە تۈزۈك مەلۇماتى يوق بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھىتلېرغا قويغان دىياگنوزىدا ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىشى ھېستىرىيىلىك (ئېغىر نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى – ئۇ.ت) بىر ئالامەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئوتتۇرغا چىققان ھادىسە دەپ قارايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ھىتلېرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى يەنىلا ئىزاھلاش مۇمكىن بولمىغان ئالاھىدە بىر ئەھۋال دېيىشكە بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ دوختۇرنىڭ دىياگنوزى بىردىن-بىر توغرا دياگنوز دەپ قوبۇل قىلىندى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ھىتلېر ئەسلىدە خاردال گازى تەرىپىدىن يەڭگىل زەھەرلەنگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئىگە ئىدى: قىزىتمىسى ئۆرلەش، قىزىرىپ ئىشىپ كېتىش، كىرىشىش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە شۇنىڭدەك بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تۈزۈلۈپ كېتىشى قاتارلىقلار يەڭگىل زەھەرلىنىشنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى.
كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھىتلېرغا باشقىلاتىن ئۈمىدۋارلىق بەخىش ئېتىپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەرگە بولغان قىزىقىشى قايتا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. بېرلىن ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنغان بولۇپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مىنىستىر، گېرمانىيە ئىمپىراتورىنى خانلىق تەختتىن چېكىنىشكە قىستاش ئارقىلىق ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمىگە قول قويۇشقا شارا’ئىت يارىتىلغان ئىدى. گەرچە ھىتلېر گېرمانىيە تەۋەسىدە ئىسيان كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى دولقۇن ھالىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بۇ گەپ-سۆزلەرنى پۈتۈنلەي ئۇيدۇرۇلغان يالغان-ياۋداق گەپلەر دەپ قارىغان ئىدى. نويابىر ئېيىنىڭ بىر ئەتىگىنى، بىر ئۇچۇم “كومۇنىست دېڭىزچى” ئۇ ياتقان بالىنىسقا بېسىپ كىرىپ، ياردارلارنى ئىنقىلاپقا قاتنىشىڭلار دەپ مەجبورلايدۇ. شۇ چاغدىلا ھىتلېر كوچا خەۋەرلىرىنىڭ راس گەپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلايدۇ. ھىتلېر بۇرۇندىن تارتىپلا بولشېۋىكچىلىققا قارشى بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرگەن دېڭىزچىلارنىڭ باشلامچىلىرى بولغان ئۈچ نەپەر كىشىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ باقمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بولشىۋىكچىلىققا بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
“ئەندى ئۇلار ۋەتىنىمىزدىمۇ قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدىغان ھالغا كېلىۋاپتۇ!” ھىتلېر غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكىدەك بولۇپ قايتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. “مەن قاتتىق ئازاپلىنىپ ئورنىمدىن تۇرغىدەك ماجالىم قالمىغان ھالدا كارىۋېتىمدا يېتىپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭدەك ھېسياتىمنىمۇ تولۇق ئىپادىلىيەلمەي قالدىم. مەن ئەسلىدە باشقىلار گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى تۇيۇپ يىغلاپ كەتسە، مەن ئۇنداقلاردىن نەپرەتلىنىدىغان بىرسى ئىدىم.” ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 9-نويابىر كۈنىسى سالاپەتلىك، ياشانغان بىر پوپ دوختۇرخانىغا ئۇلارنىڭ زىيارىتىگە كېلىدۇ. بۇ پوپ، ئىسيان ۋەقەسىنىڭ راس ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ھەتتا مىيونخېندىمۇ ئىسيان پارتىلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدا ياردارلار دوختۇرخانىنىڭ كىچىك مەجلىسخانىسىغا يىغىلغان. “پوپنىڭ ‘خۇخېنزورىنلار بۇندىن كېيىن شەھەرلىك پارلامېنتقا ئۆزلىرىنىڭ گېرمانىيە خاندانلىق گىرىبىنى ئاسالمايدىغان بولدى، گېرمانىيە بۈگۈندىن باشلاپ جۇمھۇرىيەت بىلەن باشقۇرىلىدىغان بولدى’ دەپ ئېيتقىنىدا، كۆپچىلىك خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك لاسسىدە چۆكۈپ قېلىشتى. ھەممە غالىلداپ تىتىرەيتتى.” ئۇ ياشانغان پوپ خۇخېنزورىنلار سۇلالىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ بىر-بىرلەپ مەدىھلەپ تىلغا ئالغان ۋاقتىدا، ھىتلېر “ئىختىيارسىز ھالدا كۆزىگە ياش ئېلىپ يىغلىغانلىقىنى، بۇ زالدىكى ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى، ھەممە كىشى دېگىدەك كۆز يېشىنى تۇتىۋالالماي يىغلىغانلىقىنى” ئەسلەيدۇ. پوپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۇش دەرھال توختىتىلىدىغان بولدى. گېرمانىيە ھەممىنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇندىن كېيىن نېمىس خەلقى غالىپ چىققان ئىتتىپاقداشلار ئالدىدا تىزلىنىپ كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر. بۇ گەپلەر بولىۋاتقاندا ھىتلېرنىڭ كاللىسىدىن، بۇ ئىنقىلاپقا ھەرگىزمۇ يول قويۇش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن خىياللار ئۆتىدۇ. “مەن ئۇ يەردە داۋاملىق ئولتۇرۇشقا، ھەتتا بىر مىنوتلۇققا بولسىمۇ ئولتۇرۇشقا چىدىمىدىم. ئۆتكەن ھەممە ئىشلار قايتىدىن كۆز ئالدىمدىن تىزىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن دەلدەڭشىپ ماڭغىنىمچە ئۇ يەر-بۇ يەرنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ ياتىقىمغا كىرىۋالدىم. ئۆزەمنى كارىۋىتىمغا تاشلاپ، بېشىمنى ئەدىيال بىلەن ياستۇق ئاستىغا پۈركەپ يېتىۋالدىم.”
ھىتلېر، بۇندىن 11 يىل بۇرۇن ئاپىسىنىڭ قەۋرىسى ئالدىدا تۇرۇپ (ئۇنىڭ ئاپىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى)، يەنى ئاۋىسترىيىنىڭ لىنز (里昂丁) كەنتىدىكى قەۋرىستانلىقتا يىغلىغىنىدىن بۇيان، بۈگۈن تۇنجى قېتىم يىغلىماقتا ئىدى. ھىتلېر، “ھېچ نېمىگە پەرۋا قىلماي بىغەم ياشاش” جەريانىدا ئىككى كۆزىنىڭ قارغۇ بولۇپ قېلىش غېمى، شۇنچە نۇرغۇن يولداشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەرتلەرگە چىداپ كەلگەن ئىدى. “ئەمما مەن بۇنداق بىر پاجى’ئەگە زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم. ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بەخىتسىزلىك ئالدىدا، شەخسى ئازاپ ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى مانا ئەندىلا ئېنىق تونۇپ يەتمەكتە ئىدىم.” ئەنە شۇنداق چېكىدىن ئاشقان ئۈمىدسىزلىكلەرگە قارىماي، ئۇ قايتىدىن غەيرىتىنى توپلايدۇ: “سىياسەت بىلەن شوغۇللىنىش يولىغا كىرەيمۇ ياكى بىناكار ئىنجىنېرى بولۇش ئۈچۈن يولۇمنى داۋاملاشتۇرايمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۇزۇنغىچە ئىككىلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. شۇ كۈنىدىن باشلاپ قەتئى قارارغا كەلگەن ئىدىم. شۇ كۈنى ئاخشىمى، مەن ئۆزەمگە شۇنداق قەسەم بەردىم: ئەگەر كۆزۈم ساقىيىپلا قالسا چوقۇم سىياسەت يولىغا كىرىمەن!”
ھىتلېرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك قارغۇ بولۇپ قالغانلىقىغا مىدىتسىنادا زادىلا ئىزاھات تاپقىلى بولمايتتى. دوختۇر فرېست ئۆزىنىڭ دەسلەپكى دى’ئاگنوزىنىڭ توغرىلىقىغا تېخىمۇ بەكىرەك ئىشىنىشكە باشلايدۇ. يەنى ئۇنىڭ بۇ بىمارى “ھىستىرىيە ئالامىتى كۆرۈلگەن نېرۋا كىسىلىگە گىرىپتار بولغان.” ئەمما ھىتلېر ئۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك قارغۇ بولۇپ قالغانلىقىغا قەتئى ئىشەنگەن ئىدى.
11-نويابىر كۈنىسى، گېرمانىيە، كامپا’ئىن (康比恩森林) ئورمانلىقىدا تەسلىم بولىدۇ. تەسلىم بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان نومۇستىن ھىتلېر چەكسىز ئازاپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ شۇ كۈنى ئاخشىمى، بەلكىم ئەتىسى ئاخشىمى، ئۈمىدسىزلىنىپ كارىۋىتىدا ئۈن-تۈنسىز ياتقىنىدا، قانداقتۇ بىر “تەبى’ئەتتىن ھالقىغان بىر خىيالى كۈچ” (بەلكىم دوختۇر فرېست ئۆزى  خىيال قىلدۇرغان بولىشىمۇ مۇمكىن) (ئىزاھات: ھىتلېرنىڭ بۇ تۈر خىيالى، ئېھتىمال دوختۇر فرېستنىڭ گىپنوز قىلغانلىقىدىن ئوتتۇرغا چىققان بولىشىمۇ مۇمكىن. «نەق مەيداندىكى ئادەم» دېگەن بىر روماندا بۇنداق گەپكە ئىشىنىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ رومان، ھىتلېر بىلەن فرېستنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر رومان بولۇپ، رومان ئاپتورى دوختۇر فرېستنىڭ دوستى ئېرنىست ۋېس (埃恩斯特•威斯) دېگەن كىشى ئىدى. بۇ كىشى ئەسلىدە بىر دوختۇر بولۇپ، كېيىن كەسىپىنى ئۆزگەرتىپ يازغۇچى بولىۋالغان. ئۇنىڭ يازغان بۇ رومانىدا مۇنداق بىر ۋەقە تەسۋىرلەنگەن: 1918-يىلى، ‘ئا. ھ’ ئىسىملىك بىر ئەسكەر باسۋارك (巴斯瓦尔克) تىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئەسكەر ئۆزىنى زەھەرلىك گازدا ياردارلاندىم دەپ تونىتىدۇ. ئۇ يەردىكى بىر نېرۋاكېسەللىكلەر دوختۇرى، يەنى بۇ ۋەقەنى ھىكايە قىلىپ بەرگۈچى، ئۇ ئەسكەرگە دىياگنوز قويۇپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرەلمەسلىكى ھىستىرىيە دەيدىغان بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىققان دەپ قارىغان. ئۇ دوختۇر بۇ ئەسكەرنى گىپنوز قىلىپ ئۇنى خىيالى دۇنيادا ساياھەت قىلدۇرغان.) ھىتلېرنى بۇنداق دەرتتىن قۇتۇلدۇرغانمىش. خۇددى ئىلاھى پەرىشتە (贞德) غا ئوخشاش، ئۇمۇ گېرمانىيىنى قۇتقاز دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازنى تۇيغان. تۇيۇقسىز بىر مۇجىزە كۆرۈلگەن – ھىتلېرنى قورشىۋالغان قاراڭغۇلۇق بۇلۇتى ئۇشتۇمتۇتلا تارقىلىپ بىردىنلا ئەتراپ يۇرۇپ كەتكەن! ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى! ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىدەك، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق دەپ قەسەم قىلغان: “چوقۇم بىر سىياسەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىمەن، پۈتۈن زىھنىمنى بۇ ۋەزىپەمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەرىپ قىلىمەن!”
شۇ كۈنى ئاخشىمى، باسۋارك (巴斯瓦尔克) دىكى تىپ-تىنىچ دوختۇرخانىدا، يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ ۋەھشى ئادىمى ئەنە شۇ شەكىلدە دۇنياغا كېلىدۇ. ھىتلېر سىياسەتكە ئەمەس بەلكى سىياسەت ھىتلېرغا بېغىشلانغان ئىدى.

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:28:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
24 سائات ئىچىدە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 15:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن ئەڭ قىزىقىدىغان تىما ،چۇنكى مۇشۇنداق نەزىريەدىن ئەمەلىيەت كىلىپ چىقىدۇ . 

2

تېما

0

دوست

3027

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 615
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 15:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادولىف ھېتلىرنى چۈشىنىش ئۈچۈن گىرمانىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىش كېرەك.
ma arip.jpg

2

تېما

0

دوست

1682

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11700
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 15:46:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسى:

http://www.wetinim.org/forum/viewthread.php?tid=12537

بۇ تور بېتىدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەت سورىماي خالىغان تور بەتلىرىگە يوللاشقا بولىدۇ. ۋەتىنىم تور بېتىنىڭ مىزانى شۇنداق.بۇ يەردە 300 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ۋە ئېلكىتاپ بار. خالىغانلار چۈشۈرىۋېلىپ پايدىلانسا بولىدۇ. كىتاپ ئادرىسى:

http://www.wetinim.org/forum/forumdisplay.php?fid=85

5

تېما

1

دوست

7251

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1768
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 17:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېتلىر 2-دۇنيا ئۇرۇشى قوزغاپ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قانچە؟
دۆلىتىمىزدە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ۋە مەدىنيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە بىگۇناھ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قانچە؟ بۇنى كىم دەپ بىرەلەيدۇ؟

2

تېما

0

دوست

1682

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11700
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 19:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى بۆلۈم
بىر خىيالپەرەست
بىرىنچى باب
ھىتلېرلار جەمەتى
1889~1907
(1)
ھىتلېر ئائىلىسى توغرىلىق ئارتۇقچە گەپ قىلىپ يۈرمەيتتى. شۇنداقتىمۇ بەزى ئۇششاق-چۈششەك قۇرساق كۆپۈكلىرىنى چىقىرىشتىنمۇ نېرى تۇرمايتتى. مەسىلەن، ئاتىسى بىلەن پەقەتلا چىقىشالماي ئۆتكەنلىكىنى، ئاتىسى ھەقىقەتەنمۇ زالىم مۇستەبىت بىرى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاپىسى ئىنتايىن مۇلايىم، ئارتۇق گىپى يوق بىر ئايال ئىدى. ھىتلېر ئاپىسىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان بىرسى بولسىمۇ، ئا’ئىلىسىنىڭ ھۈكمۈرانى ئۇنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا ۋاردىۋېرتېر (瓦尔德维尔特尔) لىق ئىدى. بۇ يەر ئاۋىسترىيىنىڭ بىر يېزىسى بولۇپ، ۋيېنانىڭ غەربى-شىمالىدىكى بىر يەر، بۈگۈنكى چېخسلوۋاكىيە (شەرقى ياۋرۇپا سوتسىيالىزىمى يىمىرىلىپ بۇ دۆلەت چېخىيە ۋە سلوۋاكىيە دەپ ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. – ئۇ.ت، يەنى ئۇيغۇرچە تەرجىماندىن) چېگرىسىغا يېقىن بىر يەر ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئا’ئىلە جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئا’ئىلىسىدە موراۋىيە (摩拉维亚) لىكلەرنىڭ قېنى بارمىش. ئاۋىسترىيىدە، ھىتلېر دېگەن بۇ ئىسىم بەكلا ئادەتتىكى بىر فامىلە ئىسىمى بولۇپ، ئېھتىمال چېخلاردىكى “ھىدلېر” (希德拉) ياكى “ھىدلېرچىك” دېگەندىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. 1430-يىلىدىن بېرى، ۋاردىۋېرتېر (瓦尔德维尔特尔) كەنتىدىكىلەردە فامىلىسى ھىدلېر بولغانلار بۇ ئىسىمنى نەچچە خىل شەكىلدە يېزىشاتتى. مەسىلەن “ھيدلەر” دىن “ھيتلەر” غا، ئۇنىڭدىن يەنە “ھىدلەر” غا ئۆزگەرتىپ يېزىشاتتى. 1650-يىلى، ئادولف ھىتلېرنىڭ ئانا تەرەپ بىۋاستە ئەجداتلىرىدىن بىرسىنىڭ ئىسمىمۇ گيورگ ھيېدلېر (گەئورگ ھىئەدلەر) ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمۇ بەزىدە فامىلىسىنى “ھىتتلەر” ياكى “ھىتلەر” شەكلىدە يېزىشاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا خۇددى شېكىسپيېر دەۋرىدىكى ئېنگىلىزلارغا ئوخشاش، ئىملا ئۇنچە بەك مۇھىم ھېساپلانمايدىغان، تۈزۈك ئىملا قا’ئىدىلىرىمۇ يوق بىر دەۋر ئىدى.
ۋاردىۋېرتېر (瓦尔德维尔特尔) كەنتىنىڭ مەنزىرىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ، كەنت جايلاشقان يەر ئىگىز تاغلىق، ئورمانلىق بىر يەر ئىدى. تاغ يامزاللىرى قويۇق ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئارىلىرىدا ئەمگەكچان، تىجەشلىك ئىش قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ بوزيەر ئېچىپ تېرىلغۇ يېرى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئېتىزلىقلارمۇ بار ئىدى. ھىتلېرنىڭ ئاتىسى 1837-يىلىنىڭ 7-ئىيۇن كۈنىسى سترونس (斯特隆斯) كەنتىدە تۇغۇلغان، ئاپىسى ئۇنى تۇغقان ۋاقتىدا 42 ياشلىق توي قىلمىغان بىر قېرى قىز ھېساپلىناتتى. ھىتلېرنىڭ بۇ ئاتا تەرەپ چوڭ ئانىسى مارىيە ئاننا شىكىرگروب (玛丽亚•安娜•施克尔格鲁勃) دەپ ئاتىلاتتى. سترونس (斯特隆斯) دېگەن بۇ يېزا كىچىك بىر كەنت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا بىرەر چىركاۋسىمۇ يوق ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلار ئومۇمەن دراسام (多拉萨姆) دا سۈننەت مۇنچىسىدا يۇيۇندۇرۇپ ئەنگە ئالدۇرۇلاتتى. ھىتلېرنىڭ ئاتىسى بولغۇچى بۇ بوۋاقمۇ شۇ يەردە نوپۇسقا تىزىملىتىلغان بولۇپ، “ئىسىم-فامىلىسى: ئالويىس شىكىرگروب (阿洛伊斯•施克尔格鲁勃)، ئا’ئىلىسى: نىكاھسىز تۇغۇلغان” دەپ يېزىلغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئالويىسنىڭ ئاتا ئىسمى يېزىلىدىغان كاتەكچە داۋاملىق بوش قالدۇرۇلغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ مەسىلە تا بۈگۈنگىچە يىشىلمەي كەلگەن بىر سىر ھالىدا قالدى: ئۇنىڭ ئاتىسى بولغان كىشى بەلكىم شۇ كەنت ئەتىراپىدا ياشايدىغان بىرسى بولىشىمۇ، ياكى بولمىسا ھىتلېرنىڭ چوڭ بوۋىسى بولغۇچى كىشى بەلكىم شۇ يەردىكى باي بىر يەھۇدىي بولىشىمۇ ئېھتىمال ئىدى. بەزى پەرەزلەردىن قارىغاندا ئۇ يەردىكى يەھۇدىينىڭ ئىسمى فرانكىلنبىرگ (弗兰肯伯格) ياكى فرانكلىند (弗兰肯雷德) دېگەندەك بىرنېمە بولىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى، مارىيە ئاننا بۇرۇن بىر مەزگىل گراس (格拉兹) دېگەن يەردىكى بىر يەھۇدىيلار ئا’ئىلىسىدە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، بىر ئېھتىمالدا مارىيە بەلكىم شۇ غوجايىننىڭ ياش ئوغلىدىن ھامىلە قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
ئالويىس 5 ياشقا كىرەي دەپ قالغان ۋاقىتلاردا، شىپوتار (希皮塔耳) دېگەن خوشنا كەنتلىك جون گيورگ ھىدلېر (约翰•格奥格•希德勒) ئىسىملىك تىنماي كۆچۈپ تۈگمەنچىلىك قىلىدىغان بىرسى مارىيە بىلەن توي قىلىدۇ. مارىيە توي قىلغىنىدىن كېيىنمۇ بالىسى ئىككىسىنىڭ كۈنى بەكلا جاپالىق ئىدى، ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئالويىسنىڭ ئاپىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئالويىسنىڭ ئۈگەي ئاتىسى قايتىدىن سەرگەردانلىق ھاياتقا قايتىپ كېتىدۇ. شۇندىن كېيىن، ئالويىسنى (希皮塔耳  شىپوتار كەنتىنىڭ 36-نومۇرلۇق قوراسىدا ئولتۇرۇشلۇق) ئۈگەي كىچىك ئاتىسى جون تايپومك (约翰•奈波穆克) بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. بۇ كەنتتىكى قورا بىلەن خوشنا كەنتتىكى قورا، ئادولف ھىتلېرنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قورا ھېساپلىناتتى. چۇنكى، ھىتلېر بۇ قورالاردا 5~6 قېتىمدەك يازلىق دەم ئېلىش ۋاقىتلاردا كېلىپ تۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
كېيىنچە، شىپوتار (希皮塔耳) كەنتىدە ئالويىس بەكلا جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدە قالغانلىقى سەۋەبىدىن، 13 ياشقا كىرگەن يىلىسى “كىچىك بىر سومكىغا كىيىم-كېچەكلىرىنى قاچىلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.” بۇ ھادىسە (ئەگەر راس شۇنداق يۈز بەرگەن بولسا)، كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ ئوغلى ئادولف ھىتلېر يازغان «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتاۋىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرەرلىك بىر ھىكايە قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ: “ئۇ پۈتۈنلەي ئامالسىزلىق ئىچىدە بۇنداق بىر قارارغا كەلگەن ئىدى، − ئۇ سەپەرگە چىقىدۇ، يېنىدا ئارانلا بىر قانچە زوردىنلىق تەڭگىسى (左尔登، زوردىن، ئەينى ۋاقتىدىكى گېرمانىيە-ئاۋۇسترىيە ئىككى دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىلگەن تەڭگە پۇل) بولغان ئاتام، شۇ تەڭگىلەرنى يول خىراجىتى قىلىپ قاراڭغۇ بىر دۇنياغا قاراپ سەپەر قىلغان ئىكەندۇق.” ئالويىس يول بويىچە مەدىكارلىق قىلىپ يۈرۈپ تەۋەككۈلچى ياشلارنىڭ تەلپۈنىدىغان مەككىسى – ۋيېناغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇ، ۋيېنادا موزدوزلۇققا شاگىرت بولۇپ كىرىدۇ. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئاياق تىكىش ھۆنىرىنى ئىگەللەپ ئۇستا موزدوز بولۇپ يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ ئىشىدىن رازى بولماي، تېخىمۇ يوقۇرى بىرەر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىش خىيالىغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالويىس ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ ھەربى سەپكە قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چېگرا مۇداپىيە ئەسكىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن رەسمى دۆلەت كادىرىغا ئايلىنىپ، كەسىپى جەھەتتە يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلەپ باش كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ.
ئالويىس، تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ دەرىجە ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتىۋالىدۇ. ئۇ 24 ياشقا كىرگىنىدە تەپتىش ئەمەلدار دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنداق دەرىجە، ۋاردىۋىئېرتر (瓦尔德维尔特尔) كەنىتىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا پەۋقۇلئاددە ئابرويلۇق بىر ئەمەل ھېساپلىناتتى.
پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ئالويىس، شۇندىن ئىتىۋارەن مۇددەت بويىچە دەرىجە ئاتلاپ، 1875-يىلىغا كەلگىنىدە، ئۇ دوناي دەرياسى بويىدىكى گېرمانىيىنى ئايرىپ تۇرىدىغان قارشى قىرغاق باراۋن (布劳瑙) تاموزھنىسىدا باش تەپتىشلىك (督察) دەرىجىسىگە ئۆستۈرىلىدۇ.
ئالويىسنىڭ بۇنداق يوقۇرى دەرىجىلىك كادىر ھالىغا كېلەلىگەنلىكى، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان جون ناپومك ھىدلېر (约翰•奈波穆克•希德勒) نى ھەممىدىن بەك مەغرۇرلاندۇرىۋېتىدۇ. چۇنكى، ھىتلېرلار جەمەتى ئارىسىدا بۇنچە يوقۇرى مەمورى ئەمەلدارلىققا كۆتۈرۈلگەن بىرمۇ ئادەم چىقىپ باقمىغان ئىدى. ئا’ئىلىسىنىڭ ھىتلېر دېگەن بۇ فامىلىسىنى داۋاملاشتۇرالىغىدەك بىرەر ئوغۇل بولمىغان بۇ ئا’ئىلە جەمەتىنىڭ بېشىدا تۇرىۋاتقان ناپومك (奈波穆克)، 1976-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ بېشىدا بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىپ بۇ ئىشنى بېكىتىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. (بۇ ئىشنى چۇۋۇپ ئوتتۇرغا چىقىرىشتا بەلكىم ھىتلېرنىڭ باشقىچە مەقسىدى بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ دېيىشى بويىچە، كەنتتىكى غەيۋەت-شىكايەتلەردىن قارىغاندا ئالويىس ناپومك 奈波穆克 دىن بولغان بالىمىش؛ ھىتلېرنىڭ ياشلىق دەۋرى ھەققىدە كىتاپ يازغان يازغۇچى فرانس يورگ (弗朗兹•耶钦格) نىڭ ئېيتىشىچە، بەلكىم ھىتلېر ئاتىسى ئالويىسنى قانۇنلۇق بالا ھالىغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىشى ئېھتىمال ئىكەن. “ئەگەر ئۇنى تاپقان كىشى بىر يەھۇدىي بولۇپ چىققىدەك بولسا، ئۇنىڭ بۇنداق سۇلالە ئۆزگەرتىش قىلىشقا ئۇرۇنىشىدىكى مەقسىدى ئېنىق ئوتتۇردا دېگەن گەپ.”) بۇ ئىش ئوتتۇرغا چىققىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈيوغلى بىلەن يەنە ئىككى نەپەر تۇققىنى 6-ئىيۇن كۈنىسى، ۋېيترا (维特拉镇) ناھىيە بازىرىغا بېرىپ نوتارىيىچىلەر ئالدىدا يالغاندىن “بىز ھىتلېرنىڭ ئاكىسى” دەپ شاھىدلىق قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ناپومك 奈波穆克 مۇ ئالويىسنى ھىتلېرلار جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە، سەكراتتا ياتقان ۋاقتىغا كەلگىنىدە (1857) تۈزگەن ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىسىدا ئۇنىڭ بىر قانۇنسىز بالىسى بولغانلىقى، ئۇ بالىسىنىڭ ئىسمى ئالويىس ئىكەنلىكىنى يازدۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئالويىسنى قانۇنلۇق بالا قاتارىغا ئېلىپ، ھىتلېر دېگەن فامىلىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ.
  “ھىدلېر” سۆزىنىڭ “ھىتلېر” غا ئۆزگىرىپ قېلىشى، بەلكىم دىققەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققان بىر ئىش بولىشىمۇ مۇمكىن. ياكى بولمىسا بۇ ئىش يېزىلىقلارنىڭ ئوينىغان قۇۋلۇق ئويۇنلىرىدىن بىرى بولىشىمۇ مۇمكىن. يەنى ئۇلار بۇ تۈردىكى ھەرپ ئۆزگىرىشى قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ نەدىن كېلىپ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە قالايماقانلاشتۇرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەتىسى، جون ناپومك ھىدلېر (约翰•奈波穆克•希德勒) ئۈچ نەپەر تۇققىنى بىلەن بىرگە دراسام (多拉萨姆) غا كېلىدۇ. ئالويىس تۇغۇلغاندا ئۇنى ئەنە شۇ يەردە ئەنگە ئالدۇرغان ئىدى. شۇ يەردىكى چىركاۋنىڭ ياشانغان پوپى كەلگەن ئۈچ نەپەر گۇۋاھچىنىڭ ھۈججەتلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن شۇ يەرنىڭ نىكاھقا تىزىملىتىش جورنىلىغا كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، 1842-يىلى ھەقىقەتەنمۇ گيورگ ھىدلېر دېگەن بىر ئەر شكىرگلوپ (施克尔格鲁勃) ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىق تىزىمىنى تېپىپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ پوپ ئالويىسنىڭ تۇغۇلۇش جەدۋىلىنى ئۆزگەرتىشكە ماقۇل بولىدۇ. ئەمما ياشانغان پوپ، زىھنى كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىنمۇ ياكى ئۆزىچە ئېھتىيات قىلغانلىقىدىنمۇ ئەيتەۋىر، كاتەكچىدىكى “نىكاسىز تېپىلغان” دېگەن سۆزنى “نىكاھلىق تۇغۇلغان” دېگەنگە ئۆزگەرتىپ، بوۋاقنىڭ فامىلىسى بولغان شىكىرگلوپ “ 施克尔格鲁勃” دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئورنىنى ئاق تاشلاپ قويىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى كاتەكچىگە ئىجىر-مىجىر قىلىپ “ئىمزالىغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بۇ جەدۋەلدە تىزىملىتىلغان ‘ئاتىسىنىڭ ئىسمى’ دېگەن يەردە يېزىلغان گيورگ ھىدلېر گۇۋاھلىق بەرگۈچى تەرىپىدىن پىششىق تونۇيدىغان بىرسى بولۇپ، بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە، ئالويىسنى بالىسى دەپ تونۇيدىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ چىركاۋدا بوۋاققا يۇيۇنۇش سۈننىتى قىلىنغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.” دەپ يازىدۇ.
ئۈچ نەپەر شاھىتنىڭ ئىمزاسىنى پوپ ۋاكالىتەن يېزىپ، ئۇلارغا بارمىقىنى باستۇرۇپ كىرىس بەلگىسىنى قويغۇزىدۇ.
تىزىملىتىش جەدۋىلىنى ئۆزگەرتكەنلىك ئىشى، يا ئىمزاسى يوق، يا چىسلاسى يوق بولغاچقا، تەبى’ئى ھالدا پوپنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. پوپ بوۋاقنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى توي قىلىش تىزىملىكىدىكى بويىچە “ھىدلېر” دەپ يازماستىن “ھىتلېر” دەپ يېزىپ قويغان. پوپ، بۇ ئىشلارنىڭ باشتىن-ئاخىرى قانۇنسىز ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۇنكى، ئۆلۈپ كەتكەن بىرسىنىڭ ئاتا بولىشىنى ئېتراپ قىلىشى سوتنىڭ قارارى بولماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاپىسىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشى شەرت ئىدى.
بۇ ئىشتىكى يەنە بىر مۇجىمەل تەرەپ، ئالويىس شىكىرگلوپ بۇ يېڭى فامىلىگە ماقۇل دەمدۇ-دېمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئىدى. نىكاسىز تېپىلغان دېيىش ئۇنى ئۇنچە بەك رەنجىتىپ كەتمەيتتى. ئاۋىسترىيىنىڭ جەنوپ تەرەپلىرىدە بۇنداق ئىشلارغا ھېچكىم ھەيران بولۇپمۇ يۈرمەيتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا يىراق تاغلىق يېزىلاردا نىكاسىز تېپىلغان بالىلارنىڭ سانى ھەتتا 40 پىرسەنتتىنمۇ ئارتۇق ئىدى. يېزىلاردا، بالا دېمەك، بىر ئامەت ھېساپلىناتتى. ئۇ يەرلەردە بەستلىك، قاۋۇل ئەمگەك كۈچى بولالىغىدەكلا بىرسى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ھېچكىممۇ ياق دېمەيتتى. شۇڭا، ئۇنداق بىر بالا ئۈچۈن قانداق تۇغۇلغانلىقى ئۇنى بى’ئارام قىلماستىن، بەلكى فامىلىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۇنى تېخىمۇ بەكىرەك بى’ئارام قىلىشى مۇمكىن ئىدى. چۇنكى، ئالويىس، (شىكىرگلوپ) دېگەن فامىلە بىلەن يۈرگىنىدە بىر مۇنچە ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، شىكىرگىلوپ دېگەن بۇ فامىلىسىنى ياخشى كۆرەتتى.
ھەر قانداق بىر مەقسەت يوشۇرۇنغان بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئاتىسى ھېساپلانغان جون ناپومك ھىدلېر (约翰.奈波穆克.希德勒)، ئالويىسقا فامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەپ كەلگەن ئىدى {كەنىتتىكى كىشىلەر بوۋاي ۋەسىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ماقۇل كەلتۈرۈلۈپ، شۇ باھانىدا ئۇنىڭ فامىلە ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلغان دەپ يۈرىشەتتى. 
ھىدلېر ئۆلۈپ ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندە، ئالويىس بەش مىڭ كرون (弗罗令، ئەينى ۋاقتىدىكى ئاۋىسترىيە پۇلى، بىر كرون تەخمىنەن ئىككى شىللىڭغا تەڭ) پولغا بىر قورۇق سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى يېزىدىكىلەرنىڭ گەپ تارقىتىپ يۈرىشىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە}. نېمىلا بولسا بولسۇن، ئالويىس “ھىتلېر” دېگەن بۇ فامىلىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كېلىپ بەكلا ياخشى ئىش قىلغان ئىكەندۇق. ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇنداق بولماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا 70 مىليونلۇق گېرمانىيە خەلقى يىغىنچاق قىلىپ “خايل ھىتلېر!” دېيىش ئورنىغا “ياشىسۇن شىكىرگلوب!” (施克尔格鲁勃) دەپ شۇ’ئار توۋلىماقچى بولسا قانچە بەك قىينىلىپ كېتەر بولغىيدى؟ ئۇنى بىر دېمەڭ!
شىپوتار (希皮塔耳) دىكى قىزلارنىڭ كۆزىدە ئۇچىسىغا مەخسۇس فورما كىيگەن، ھەربىلەردەك قىسقا چاچ قويىۋالغان، قۇيۇق قاشلىق، چوڭ كۆزلۈك، شاپبۇرۇت، ساقاللىرى پاكىز قىرىلىپ قويۇق چىكە ساقال قويىۋالغان ئالويىس، قامەتلىك يىگىت بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. تەبى’ئىكى، ئالويىسمۇ پوماكىز (波马客栈) دا قىزلارنى رازى قىلىپ تۇرۇشتىنمۇ كېيىن قالمايتتى. كېيىن ئۇمۇ قانۇنلۇق ئاتىسىغا ئوخشاش نىكاسىز تۇغۇلغان بىر قىزنىڭ ئاتىسى بولغان ئىدى. گەرچە ئۇ ئىمپىرىيە ئىگىلىكىدىكى تاماكا شىركىتىنىڭ بىر پريومچىكىنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلەنگەن بولسىمۇ، ئۇچرىغانلا گۈلنى پۇراپ كۆرۈشتىن يانمايدىغان بىرسى بولغاچقا، ئايالى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ھېساپلانمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايالىمۇ ئۇرۇق كېسەلچان بىرسى بولۇپ، يېشىمۇ ئۇنىڭدىن تۆت ياش چوڭ ئىدى.
شپورتار (希皮塔耳) كەنتىدە، جون ناپومك ھىدلېر (约翰.奈波穆克.希德勒) نىڭ قىز نەۋرىسى كلارا بوسىر (克拉拉.波尔兹尔) ئەڭ جەلىپ قىلارلىق قىزلاردىن ھېساپلىناتتى. ئۇ قىز ئەندىلا 16 ياشنىڭ قارىسىنى كۆرگەن، مۇلايىم، چىرايىمۇ قاملاشقان، بەدەنلىرى تولۇق، بويىمۇ قامەتلىك ئالويىسنىڭ بويىغا ماس بىر قىز ئىدى. ئۇ قىز بەكلا قاملاشقان بولۇپ، قويۇق قوڭۇر چاچلىرى ئۇنىڭغا بەكلا ياراشقان ئىدى. بىر كۆرۈپ ئاشق بولۇپ قالغانلىقىدىنمۇ ياكى كېسەلچان ئايالىغا بىر خىزمەتچى لازىملىقىنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەيتەۋىر، ئاتا-ئانىسىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ ئۇ قىزنى باراۋئىن (布劳瑙) غا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ قىز ئالويىس ئا’ئىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. ئەسلىدە، ئالويىسمۇ جىم يۈرمىگەن بولۇپ، ئاشپەز ياردەمچىلىكىنى قىلىپ كېلىۋاتقان فرانسىسكا مازورسبىرگ (弗兰西斯卡.马佐尔斯伯格) (كەلگەن مىھمانلار ئۇنى فانىيە (法妮) دەپلا ئاتىشاتتى) بىلەنمۇ يوشۇرۇنچە مۇناسىۋەت قىلىشىپ يۈرگەنىكەن.
يولدىشىنىڭ بۇ تۈردىكى ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىنىدىن ھىتلېر خانىم بەكلا خاپا ئىدى. شۇڭا ئالويىستىن ئاجرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قانۇنلۇق بىر شەكىلدە ئايرىم ئۆيدە يېتىپ-قوپۇپ يۈرىدۇ. مانا ئەندى، ھىتلېرلەر ئا’ئىلىسىدە فانىيە قىز ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. بۇ قىز ئۆي ئىچىدە ھەرگىز بىر ئاشنا سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن سالاپەتلىك بىلەن رەسمى نىكالىق ئايالىدەك يۈرەتتى. ئۇ، ئالويىسنىڭ چىرايلىق بىر قىزنى كۆرگىنىدە چىداپ تۇرالماسلىقىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇنىڭ كلارا بىلەن يېقىنلىشىشىغا ھەرگىز پۇرسەت تۇغدۇرماسلىققا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىرىنچى پىلانى ئامال قىلىپ بۇ يېڭى كەلگەن قىزنى ئۆيدىن يوقۇتۇش ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى 1882-يىلى، فانىيە بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. بۇ ئوغۇلمۇ خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش نىكاسىز تۇغۇلغان بالا ئىدى.
كېيىنكى يىلىسى، ھىتلېرلار ئۆيىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال توبىركوليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالويىسمۇ فانىيە بىلەن رەسمى نىكالىنىپ توي قىلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ توي قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ دەل ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى. توي قىلىپ ئىككى ئاي بولمايلا ئىككىنچى بالىسى ئانگىلا (安吉拉) تۇغۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گەرچە نىكاسىز ھامىلدار بولسىمۇ ئالويىسنىڭ قانۇنلۇق بىر قىزى بولغان ئىدى. ئۇ يەنە ئالويىس ھىتلېر دېگەن بىر ئوغۇلنىڭمۇ قانۇنى مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. فانىيە بولسا قانۇنلۇق ئايالى ئورنىغا ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، ئالويىس ھەر دا’ئىم ئەتراپىدىكى قىزلاردىن كۆزىنى ئۈزمەي يۈرىدىغان بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن بەرىبىر ئۇنچە بەك بەخىتلىك بولالمايدۇ. ئۇمۇ خۇددى ئالدىنقى ئايالىغا ئوخشاش ئېغىر ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ براۋئىن (布劳瑙) كەنتىدىن ئايرىلىپ، ھاۋاسى ساپ بولغان قوشنا يېزىغا بېرىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئالويىس يېنىغا ئىككى بالىنى ئېلىپ كونا مەھەلىسىدىكى ئۆيىنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە تۇرىدۇ. ئۇ يەردە چىرايلىق قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ يۈرىشتىن نېرى تۇرمايدۇ. بۇ چاغدا بۇرۇنقى ئاشنىسى كلارامۇ ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كېلىۋالىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ سالاھىتى ئۆي خىزمەتچىسى، بالا باققۇچى ۋە ئاشنا بولۇش ئىدى. ئادولف ھىتلېرنىڭ ئاپىسى بولغۇسى بۇ ئايال، بەكلا كۆڭلى يۇمشاق بىر ئايال ئىدى. ئۇ پات-پات فانىيەنىڭ يېنىغا بېرىپ يۇخلاپ ئۇنىڭ تېزىراق ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ. قىزىق يېرى، فانىيەمۇ كۈندىشىنىڭ بۇ تۈردىكى ياردىمىنى ھەرگىز رەت قىلمايدۇ.
1884-يىلى يازدا، بىچارە فانىيە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. دېگەندەك، ھىتلېرلەر ئا’ئىلىسىنىڭ كېيىنكى خانىمى بولىدىغان ئايالنىڭ ئېغىر ئاياقلىقىمۇ كۆزگە چېلىققىدەك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئالويىسمۇ ئىككى بالىسىغا قارايدىغان باشقا بىرسى بولمىغاچقا، دەرھال كىلارا بىلەن نىكاھلىنىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ كلارا بىلەن بەكلا چىقىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئەمما يەرلىك چىركوۋ بۇرۇن كۆرسەتكەن يالغان ئىسپات بويىچە ئالويىسنىڭ ئاتىسى بىلەن كلارانىڭ بوۋىسى ئاكا-ئۇكا ھېساپلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىككىسىنى نىكاھلاپ قويۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئامال يوق، ئالويىس پوپ ئۈستىدىن رىم پاپىسىغا ئەرز سۇنۇپ، ئالاھىدە ئەھۋال بويىچە بۇ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈتۈنىدۇ. بىرەر ئايغا قالماي ئۇنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلىنىدۇ. رۇشەنكى، كلارانىڭ ئېغىر ئاياقلىقى سەۋەبىدىن بۇ تەلەپ دەرھال تەستىقلانغان. شۇنداق قىلىپ، 1885-يىلى 7-يانىۋار كۈنىسى، ئالويىس بىلەن كلارا ئىككىسى پوماكىز (波马客栈) رەسمى نىكاھلىنىپ توي قىلىشىدۇ. ئۇلار توي قىلىۋاتقان سورۇندا ئالويىسنىڭ ئوغلى كىچىك ئالويىس ۋە قىزى ئانگىلامۇ بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە كلارانىڭ سىڭلىسى جوھونا (约翰娜) بىلەن ئىككى نەپەر تاموزھنا كادىرىمۇ نەق مەيداندا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇپ بېرىدۇ. نىكاھ مۇراسىمىنىڭ بارلىق تەييارلىق ئىشلىرىنى يېڭى ئۆي خىزمەتچىسى قىز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ خىزمەتچى ساراي ئۆينى ئوت قالاپ بەكلا ئىسىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، پۈتكۈل مۇراسىم بويىچە ئالويىس ئۇ قىزنى ئۆينى بەك ئىسىتىۋەتتىڭ دەپ چاخچاق قىلىشتىن توختىمايدۇ. بۇ يېڭى جۈپتىلەر نىكا ساياھىتىنىمۇ قىلماي، ئادەتتىكىچە تاماقلانغاندىن كېيىن، ئالويىس تاموزھنىدىكى ئىشىغا قايتىپ كېتىدۇ. كلارا كېيىن شۇ كۈنىنى ئەسلەپ كېلىپ، “يېڭى يولدۇشۇم چۈش ۋاقتى بولماي تۇرۇپلا ئىشىغا كەتكەن ئىدى” دەيدۇ.
مۇھىمى، گەرچە ئالويىس شەخسى تۇرمۇشىدا ئۇنچە بەك پاكىز ھېساپلىنىپ كەتمىسىمۇ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا بەكلا ئەستايىدىل ئىدى. ئۇ ۋەزىپىسىنى ئىزچىل تۈردە ساداقەتلىك بىلەن ئورۇنداپ، ئىشىنى تولۇق پۈتتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن سادىق مەمورى خىزمەتچى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ باشلىقلىرى بىلەن خىزمەتداشلىرى ئۇنى داۋاملىق ھۆرمەت قىلىپ تەغدىرلەپ تۇراتتى. گەرچە مەھەلىسىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ بەك ئىناۋىتى بولمىسىمۇ، − ئادەتتە بۇنداق ئۇششاق مەھەلىلەردە بىرەرسىنىڭ ئاشنا ئويناپ يۈرىدىغان قىلىقىنى چايخانىلاردا مازاق قىلىپ سۆزلىشىپ يۈرسىمۇ، − ئالويىس يەنىلا ئۆزىدىن رازى ئىدى. 
ئوتتۇرلۇقتا ئۇنىڭ ئۈستىدە توقۇلغان گەپلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان گەپلەردىن بىرسى، ئۇنىڭ بىرىنچى ئايالى تېخى ئۆلمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تاۋۇت تەييارلاپ قويۇپتۇ دېگەن گەپلەر ئىدى.
كلارا بۇ ئا’ئىلىنىڭ رەسمى ئايال غوجايىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئىشلار يولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۆي ئىشىغا كەلگەندە، كلارا ھەقىقەتەنمۇ ئۇستا ئىدى؛ ئالويىسچىك بىلەن ئانگىلا ئىككىسىنى ھەقىقەتەنمۇ چىن قەلبىدىن سۆيۈنۈپ ئۆز بالىسى ھېساپلاپ كۆڭۈل بۆلەتتى. توي قىلىپ تۆت ئايدىن كېيىن ئۇمۇ بىر بالا تۇغۇپ بېرىدۇ؛ ئىككى يىلغا قالماي يەنە بىر قىز ۋە بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. كىچىك ئوغلى تۇغۇلۇپ نەچچە كۈن بولمايلا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قالغان ئىككى بالىسىمۇ سىل (白喉) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ پاجى’ئەلەرگە كلارا ھەقىقەتەنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى كىچىك ئالويىس بىلەن ئانگىلا ئىككىسى بار ئىكەن. 
كلارا بۇ ئىككى بالىغا ئانىلىق مىھرىنى بېرىپ ئانىلىق دەردىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكلا غەلىتە ئىدى. كلارا باشتىن تارتىپلا ئالويىسنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر ئادەم دەپ تونۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆي خىزمەتچىلىكىدىن ئاشنىلىققا، ئاشنىلىقتىن يەنە نىكالىق ئايالى بولۇشقا ئۆزگىرىش جەريانىدا شىپوتار (希皮塔耳) لىق ئادەتتىكى بىر قىز ئۈچۈن بەكلا مۇرەككەپ بىر جەريان ھېساپلىناتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ جەريانلاردىكى ھادىسىلەرگە تۇلا بەك ئەقىل ئىشلىتىپ بولالماي، يولدىشىنى يەنىلا تاغا دەپ ئاتاپ يۈرىۋېرىدۇ.
ئۈچ بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۇنىڭ تۇغۇت قابىلىيىتىنى بەكلا ئېغىر زېدىلىگەن بولسا كېرەك، 1889-يىلى 20-پرېل كۈنىسىگە كەلگىنىدىلا ئاندىن تۆتىنچى بالىسىنى تۇغالايدۇ (شۇ  كۈنلەر ميولىن 梅耶林 دا شاھزادە رۇدولف (鲁道夫) ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان كۈنلەر ئىدى). بۇ يېڭى بوۋاق نەسەپ جەھەتتە چارەك پىرسەن ھىتلېرلار سۇلالىسىغا مەنسۈپ، يەنە چارەك پىرسەن شىكىرگلوب (施克尔格鲁勃) لارغا مەنسۈپ، قالغان قېنىنىڭ يەنە چارەك قىسمى (波尔兹尔) لارغا تەۋە ۋە ئاخىرقى چارەك قىسمى بولسا ئېنىق بولمىغان سۇلالىلارغا مەنسۈپ بىرى ھېساپلىناتتى.
سۈننەت يۇيۇنۇش مۇراسىم جورنىلىدا (تىزىملىك دەپتىرىدە) ئۇنىڭ ئىسمى ئادولف ھىتلېر دەپ يېزىلغان ئىدى. كلارا بۇ ھەقتە ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “كىچىك ۋاقتىدا ئادولفىم بەكلا ئۇرۇق، كېسەلمەن بىر بالا بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ھەر دا’ئىم قورقۇپلا يۈرەتتىم.” ئەمما ئۇلارنىڭ ئايال خىزمەتچىسى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە گەپ قىلىدۇ: “ئادولف ئىنتايىن ساغلام، شوخ بالا بولۇپ، ئىنتايىن بىجىرىم چوڭ قىلىنغان ئىدى” دەيدۇ.
قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ھىتلېر خانىم بۇ ئوغلىنى بەكلا ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان بولغاچقىمىكىن، ھىتلېر بەكلا ئەكە بولۇپ چوڭ بولغانىكەن.
ھىتلېر ئا’ئىلىسىنىڭ پوماكىز (波马客栈) دىكى تۇرمۇشى ئادەتتىكىدەك ئۆتەتتى. ئاتا بولغۇچى ئالويىسمۇ پات-پات دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ كۆڭلىنى خوش قىلاتتى. شۇنىڭدەك يەنە ھەسەل ھەرىسى بېقىشقىمۇ بەكلا قىزىقاتتى. شۇڭا بۇ ئىشلارغا ئا’ئىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەپىلىشىشتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلاتتى. ئەمما بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ جىنىسى ھەۋىسىمۇ كۆپ جىمىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكىلەرگە كۆز تىكىپ يۈرىدىغان ئادىتىمۇ ئاساسەن ئۆزگەرگەن ئىدى. ئايال خىزمەتچىمۇ ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ “كىشىلەرگە قاتتىق مۇ’ئامىلە قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن، ھەممە كىشى بىلەن چىقىشىپ ئۆتەتتى” دەيدۇ. 
نامراتلارغىمۇ بەكلا يۇمشاق مۇ’ئامىلە قىلاركەندۇق. مەسىلەن، بىر كۈنى ئەندىلا يۇپ تۈزىلانغان پولنى پاسكىنا قىلماسلىق ئۈچۈن قىلچە نارازىلىق بىلدۈرمەي ئۆتىكىنى سېلىپ ئۆيگە كىرگەن ئىدى، دەيدۇ ئايال خىزمەتچىسى. ئەمما تاموزھنىدا يېڭىدىن مەسئۇل بولۇپ كەلگەن تەپتىشنىڭ قارىشى بويىچە، ئالويىس ھىتلېر بەكلا سوغوق چىراي بىرسى ھىساپلىنىدىكەن: “ئۇ بەكلا چۇرۇس بىرسى بولۇپ، بىرنى بىر دەپ قەتئى چىڭ تۇرىۋالاتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا غەلىتى مىجەزلىك بىرسى ئىدى. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى، … خىزمەت فورمىسىنى كىيىۋالسا مەغرۇرلىنىپ تېرىسىگە پاتماي قالاتتى. ھەر قېتىم يېڭى فورما كەيگىنىدە چوقۇم رەسىمگە چۈشۈپ ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشقا ئۇرىناتتى.”
ئادولف ئۈچ ياشقا كىرىپ تۆت ئاي ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئاتىسى يەنە بىر قېتىم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئا’ئىلىسى بويىچە پاسساۋ (巴索) غا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەر خېلى چوڭ بىر شەھەر ھېساپلىناتتى. پوماكىز (波马客栈) دىن سەل تۆۋەن تەرەپتە دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، تاموزھنا ئىشخانىسى ئەنە شۇ شەھەرگە جايلاشقان ئىدى. گېرمانىيە شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە ئولتۇراقلىشىپ، نېمىس بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولىشى، بالا ۋاقتىدىكى ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى. مەسىلەن، باۋارىيىنىڭ جەنۇبىدىكى نېمىس شىۋىسى ئۇنىڭ تىلى چىققان شىۋە ھېساپلىناتتى. ھىتلېر ئۇ دەۋرىلىرىنى ئەسلەپ كېلىپ، ئۇ ۋاقىتلار ھەققىدە ئىسىمدە كۆپ بىرنىمە قالماپتۇ دەيدۇ.
ھىتلېر خانىم ئۇزۇنغىچە ھامىلدار بولماي بالا بېقىپ ئۆتىدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، كلارا ئاجىز، ئۇرۇق ئوغلىنى بەستلىك، كۈچلۈك چوڭ قىلىمەن دەپ ئادولفنى نەچچە يىلغىچە ئەمچەكتىن ئۆزمىگەن ئىكەن. شۇڭا، بۇ ئوغلى 5 ياشقا كىرگىنىدىلا ئاندىن ئېدمۇند (埃德蒙) دېگەن ئوغلىنى تۇغقان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئادولفمۇ ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ ئاساسەن ئەركىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانمىش. ئالويىس ئا’ئىلىسى كىچىك ئوغلى تۇغۇلغىچە بولغان ۋاقىتلاردا يەنىلا شۇ پاسساۋ (巴索) دېگەن يەردە ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئادولف بۇ جەرياندا شۇ يەرلىك نېمىس بالىلىرى بىلەن يەتكىچە شوخلۇق قىلىپ ئوينىۋالغانىكەن.
ئادولف، بۇنداق ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش ئىچىدە يەنە بىر يىل ياشايدۇ. 1895-يىلى باھاردا، ھىتلېرنىڭ ئا’ئىلىسى خافىرد (哈菲尔德) قا كۆچىدۇ. بۇ كەنت لىنز (林嗣) نىڭ غەربى جەنۇبىدىن 30 چاقىرىم يىراقلىققا جايلاشقان كىچىك بىر كەنت ئىدى. ئۇلار تاغ يامزىلىدىن ئىچىدە بىر سەھرا ئۆيى بار 9 كۈرىلىك يەر سېتىۋېلىپ جايلىشىدۇ.
ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، 6 ياشقا كىرگەن ئادولف  باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىلىدۇ. بۇ مەكتەپ ھىتلېرلار قوراسىدىن بىر قانچە چاقىرىم يىراقلىققا جايلاشقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ھىتلېر ئاپىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىنمۇ قۇتۇلۇپ مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ مەكتەپكە كىرىپ بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاتىسى ئالويىس پىنسىيىگە چىقىدۇ. كىچىك ھىتلېر ئەندىلىكتە مەكتەپنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىگە بوي سۇنۇشىدىن باشقا، ئاتىسىنىڭمۇ قاتتىق باشقۇرۇشى ئاستىغا ئۆتىدۇ. بۇنداق چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇلىۋاتقان ئادولف، ھەقىقەتەنمۇ باش كۆتۈرەلمەيلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى 40 يىللىق مەمورى خىزمەتچىلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ يېزىغا كېلىشى بىلەن ئۆزىنى خېلىلا ئەركىن ھېس قىلىپ يۈرىدۇ. ئالويىس، بۇ يېزىدا كىچىك بولسىمۇ بىر باي ھېساپلىناتتى.
ئۇلارنىڭ بۇ قورا-جايى ئۈنچە بەك چوڭ ھېساپلانمايتتى. ئەمما يېزا بويىچە ئەڭ چىرايلىق سېلىنغان بولۇپ، ئەتراپى ئالما-ياڭاق دەرەخلىرى بىلەن پۈركەلگەن بىر تاغ يامزىلىغا جايلاشقان ئىدى. قورانىڭ ئالدىدىن تۈپتۈز بىر ئۆستەڭ سۇ ئېقىپ ئۆتەتتى. سۈپ-سۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى كۈن بويى شارقىراپ ئېقىپ تۇراتتى. بۇنداق مەنزىرىلىك بىر يەردە تۇرىۋاتقان ئادولف، شۇنچە قاتتىق باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىغا قارىماي كۈنلىرىنى بەكلا كۆڭۈللۈك ئۆتكەزگەنلىكى ئېنىق. قوشنىلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينىشاتتى.
ئادولف مەكتەپ يولىدا ئاتا بىر ئانا باشقا ئۈگەي ھەدىسى بىلەن بىرگە بىرەر سا’ئەتتەك بىرگە يۈرەتتى.
كىچىك بىر بالا ئۈچۈن بۇ يول ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن يول ھېساپلىناتتى. بۇ مەكتەپ كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن ئىككى سىنىپلىق بىر بىنا ئىدى. سىنىپلارنىڭ بىرىدە ئوغۇللار، يەنە بىرسىدە قىزلار ئوقۇيتتى. ھىتلېرلار ئا’ئىلىسىنىڭ بۇ ئىككى بالىسىنى مەكتەپ مۇدىرى بەكلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
بۇ مۇدىر شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئادولف “زىھنى ئۆتكۈر، ئوقۇتقۇچىلىرىغا بەكلا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەمما شوخ بىر بالا ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى كىتاپلىرىنى سومكىلىرىغا ئىنتايىن رەتلىك سېلىپ يۈرىشەتتى. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئۈلگە بولارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى.”
“مېنىڭ دەسلەپكى كۆزقاراشلىرىم ئەنە شۇ دەۋرلەردىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى، − دەيدۇ ھىتلېر ئۆزىنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىدا. بۇ كىتاب، ئەسلىدە ھىتلېرنىڭ تەرجىمىھالى قاتارىدىكى بىر كىتاب بولۇپ، كىتاپتا نۇرغۇن ئىشلار بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرۈپ بايان قىلىنغان، – دالالاردا يۈگىرىشىپ ئويناش، ئۇزۇن مەكتەپ يولىدا مېڭىش، بولۇپمۇ ئۇ يەردىكى شوخ يېزا بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناشلار، … مەن ھەرگىزمۇ ئۆيدە قامىلىپ ئولتۇرالمايتتىم.” ئادولف شۇ يېشىدىن تارتىپلا جاراڭلىق ئاۋازدا سۆزلەپ ئۆز مەقسىدىنى ئىپادىلىيەلەيتتى. شۇڭا ئۇ، ئۇزۇنغا قالماي بۇ كەنتتىكى بالىلارنىڭ يېتەكچىسگە ئايلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ئا’ئىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بارغانسىرى ناچارلىشىشقا باشلايدۇ. ئالويىس دېھقانچىلىقتىن خەۋىرى بولمىغاچقا، پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى كۈنلىرى بەكلا زىرىكىشلىك ئىدى. 1896-يىلىنىڭ بېشىدا، باۋرا (保拉) ئىسىملىق يەنە بىر بالىسى دۇنياغا كېلىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلىشىشقا باشلايدۇ. بەش بالىنىڭ غېمى، بولۇپمۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە يىغلاپلا تۇرىشى، ئالويىسقا بۇ ئا’ئىلە تارلىق قىلىشقا باشلاپ ئۆزىنى ھاراققا ئۇرۇشقا باشلايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئالويىسنىڭ مىجەزىمۇ بەكلا تىرىككەك، بىر ئىشلارغا ئاسانلا خاپا بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. ئۇ دەردىنى ھەر دا’ئىم ئادولفتىن چىقىرىۋالاتتى. ئالويىس ئوغلىنى گەپ ئاڭلىماس بولىۋالدىڭ دەپ پات-پاتلا تىللاپ سىلكىشلەپ كېتەتتى. ئاتا-بالا ئىككىسى پات-پاتلا گەپ تالىشىپ قالاتتى، ئادولفمۇ ئاتىسىنىڭ دېگىنىگە ئۇنىماي تۇرىۋالاتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئادولف قاتتىق مەيۈسلەنگەن ھالدا دەرت ئېيتىپ، ئاتىسىنىڭ ئۇنى دا’ئىم دېگىدەك قامچىلاپ ئۇرىدىغان بولىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇ يىللاردىكى ئاۋىسترىيە مۇھىتىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرىدىغان ئەھۋاللار ئادەتتىكى ئىشلار ھېساپلىناتتى. ھەتتا تاياق بالىنى ئوڭشايدىغان دورا دەپ قارىشاتتى. دېمىسىمۇ ئادولف بەزىدە راستىنلا ھەددىنى بىلمەي قالاتتى. مەسىلەن ئۇ بىر قېتىم ئۇيۇنچاق كىيمە ياسايمەن دەپ ئۈچ كۈنگىچە مەكتەپكىمۇ بارماي ئوينىغان ئىدى.
بالىسىنىڭ بۇنداق بەڭۋاشلىقلىرىغا چىدىمىغان ئالويىس، ئوغلىنى قاتتىق جازالايدۇ. ھەتتا بىر قېتىم “ئۇنى پاتتىڭىدىن تۇتىۋېلىپ  بېشىنى ھۇشىدىن كەتكىچە دەرەخقە ئۈستۈرگەن.” يەنە بەزى گەپلەردىن قارىغاندا ئالويىس ئوغلىنى ئۇنداق قاتتىق ئۇرۇپ دەردىنى چىقىرالمىغان ۋاقىتلىرىدا بېرىپ “ئىتىنى ئۇرۇپ سىيدۈرىۋىتەر ئىكەن”. ئادولفنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، ھەتتا ئىنتايىن مۇلايىم ئاپىسىمۇ بەزىدە ئاتىسىغا بولۇشۇپ ئۇنى ئۇرۇپ كېتەتتىكەن. ئەگەر بۇ دېگەنلەر راس بولغىنىدا، ئادولفنى ئا’ئىلىسىدىكىلەردىن ھەقىقەتەنمۇ مەڭگۈ ئىسىدىن چىقمىغىدەك ئېغىر دەرتلەرنى كۆرگەن دېيىش مۇمكىن.
ئالويىسنىڭ يەنە بىر ئوغلىمۇ بۇنداق ئا’ئىلە زۇلۇملىرىدىن نېسىۋىسىنى ئېلىپ تۇراتتىكەن. شۇڭا ئۇمۇ بۇ مەھەلىدە تۇرۇشتىن زىرىكىپ كەتكەن. ئۇمۇ ئاتىسىنىڭ قاتتىق يەكلىشىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا ئۈگەي ئاپىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي تاشلىۋەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئادولفقىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. 1948يىلى، يەنى ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىرسىگە دېيىشىدىن قارىغاندا، ئادولف ئۇ ۋاقىتلاردا نېمە قىلىمەن دېسە شۇنى قىلالايتتىكەن. 
كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىككەك بىرسى ئىكەن. ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتىكەن. شۇڭا تا شۇ كۈنگىچە ئادولفقا بولغان ئۆچلىكىنى ئۇنۇتالماي كەلگەن. “ئۈگەي ئاپاممۇ ھەر دا’ئىم ئۇنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئادولف نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، قىلغان ئىشىدىن تاياق يېيىشتىن ئاپىسىنىڭ سايىسىدە قۇتۇلۇپ كەلگەن. ئەگەر ئادولف دېگىنىنى قىلدۇرالمىسا ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيەتتى. … ئادولفنىڭ بىرمۇ ئاغىنىسى يوق، ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيدىغان مۇز چىراي بىرسى ئىدى. كىچىككىنە ئىشلارغىلا ئاچچىغلاپ جاھاننى بېشىغا كىيەتتى.”
بۇ ئا’ئىلىدە بەكلا ئېغىر يەكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغان بۇ ئۈگەي ئوغۇل، ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ 14 ياش ۋاقتلىرىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىچە تا ئاتىسى ۋاپات بولغان ۋاقىتقىچە بۇ يېزىغا پەقەتلا ئاياق باسمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق رەنجىگە ئالويىسمۇ بۇ ئوغلىنىڭ مىراسىنى قانۇن رۇخسەت قىلىدىغان ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ۋەسىيەت قالدۇرغان. ئۈگەي ئاكىسىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن، ئادولفمۇ ئاتىسىنىڭ ئاچچىغىنى چىقىرىدىغان بىردىن-بىر بالىسىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ ئادولفقا بىر مۇنچە ئارتۇق ئىشلارنى يۈكلەشكە كىرىشىدۇ. ئەگەر ئادولف بۇ ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ كېتەلمىسە شۇ ھامان تاياق يەيتتى. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە، ۋارقىراپ-جاقىراپ يۈرىدىغان بۇ سەھرا بايىۋەتچىسى يېزا ھاياتىغا رازى بولماي ئۈستىگە يۈك بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ يەردىكى يەر-زېمىنلىرىنى سېتىۋېتىپ، بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ يەردىن 6 چاقىرىم نېرىدىكى لامباچ (朗巴赫) شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ بۇرۇندىن ئادەتلىنىپ كەلگەن شەھەر تۇرمۇشى كۆچۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار ئاۋال لامباچتىكى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىنىدىك (本尼狄克) چىركاۋىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گىستوف لانگىنا (格斯托夫.兰加纳旅馆) ناملىق مېھمانخانىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە يېرىم يىلدەك تۇرۇپ قالىدۇ. داچىدىكى تۈگىمەس ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادولف، بۇ يەردە خېلىلا ئارام تېپىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ زامانىغا خاس مەكتەپتىكى ئوقۇشىمۇ ئالاھىدە ياخشىلىنىپ، نەتىجىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە يوقۇرى كۆتۈرىلىشكە باشلايدۇ. 1897~1898 ئوقۇش يىلىدىكى يىللىق ئىمتىھاندا ئەڭ يوقۇرى نومۇر ھېساپلىنىدىغان ئەڭ ئەلاچىلارغا بېرىلىدىغان 12 نومۇر دېگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ئالاھىدە جاراڭلىق چىقاتتى. شۇڭا بەزى چۈشتىن كېيىنكى بوش ۋاقىتلىرىدا چىركاۋنىڭ خور گۇرۇپپىسىنىڭ ھىلاھىيەت ناخشىلىرىنى ئېيتىش كۇرىسىغا قاتنىشىدۇ. پوپ گروۋنا بىنخارد (本哈德.格罗纳) بۇ كۇرۇسنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. چىركاۋ بىلەن ئۆيى ئارىسىدىكى يولدا بىر ئاسما كۆۋرۈك بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى چىركاۋلار بەلگىسى بولغان كىرىست بەلگىسى ئۇنى ھەر دا’ئىم ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇراتتىكەن.
ھەر قېتىم بۇ نوقتىغا كەلگىنىدە “ھەيۋەت بىلەن چاقناپ تۇرغان چىركاۋ ئىچى داغدۇغىلىق مۇراسىم تۈسىنى كۆرگەندەك بولۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ” قويغىدەك ھاياجانلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ چىركاۋنىڭ ئىكىسپوپىنىڭ ئورنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئەڭ يوقۇرى تۇرمۇش سەۋىيىسى ھېسابلىنىپ، ئۇنى تۈرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆزىگە غايە قىلىپ تاللىۋالغان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭمۇ شۇ دەرىجىدىكى بىرسى بولۇپ چىقىشىنى خام خىيال قىلىپ يۈرىدىغان بولغان. قىزىق، بۇنداق خام خىيال ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئاتىسىدىمۇ بار ئىكەندۇق. ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى دىنغا قارشى بىرسى ئىدى. كېيىنچە ئادولف، ھېلىنا خافستېيىنگر (赫仑纳•汉夫施坦格尔) خانىمغا مۇنداق دەپ سۆزلەپ بەرگەن: “مەن بالا ۋاقىتلىرىمدىلا پوپ بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتىم. شۇڭا ھەر دا’ئىم ئاشخانىمىزدىكى خىزمەتچى ئايالنىڭ پەرىجىسىنى ئۈستۈمگە ئارتىۋېلىپ پوپ قىلىقىغا كىرىپ ئورۇندۇق ئۈستىگە چىقاتتىم-دە، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ھاياجانلىق ۋەز ئېيتىپ كېتەتتىم.” ئوغلىغا كۈيۈنىدىغان ئاپىسىمۇ ئوغلىنىڭ بۇنداق بىر كەسىپنى تاللىشىغا ھەرگىز نارازىلىق قىلمايتتى. ئەمما ئادولف چىركاۋغا قانچىكى تېز قىزىققان بولسا، كېيىن يەنە شۇنچە تېز سوۋۇپ كېتىدۇ. ھەتتا ئۇنى بىر قېتىم تاماكا چېكىۋاتقىنىدا باشقىلار كۆرۈپ قالغان.
بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئا’ئىلىسى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا كۆچكەن بولۇپ، بۇ ئۆي بۇرۇنقىسىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا چوڭ، ئازادە ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۆيى بىر زاۋۇتقا تام خوشنا ئىدى. ھەر دا’ئىم تەۋەككۈلچىلىكلەر بىلەن شوغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان شوخ بىر بالا ئۈچۈن ئۇ يەر ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا مۇۋاپىق قۇماندانلىق شىتاۋى رولىنى ئوينايتتى. ھىتلېر ئۇ يەردە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئامېرىكا غەرىپ نوچىلىرى بىلەن ھىندىيانلار رولىنى ئوينايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق يەر بولۇپ بېرەتتى. زاۋۇت خوجايىنلىرى (بىر جۈپ ئەر-خۇتۇن) ئۈچۈن ئادولف “كىچىك بىر لۈكچەك” ھېساپلىناتتى. دېمىسىمۇ، نەدە بىر جىدەل بولىدىكەن، ئادولف چوقۇم شۇ يەردە بار ئىدى. شۇنىڭدەك ھەر قېتىملىق جىدەلنىڭ بېشىدىمۇ ئۇ بار ئىدى. ئۇ ھەر دا’ئىم ئۈستى-بېشى يىرتىلغان، ئۇ يەر بۇيېرى يارىلانغان ھالدا ئۆيىگە كىرىپ كېلەتتى.
ھېچقانداق بىر ئىشتىن خاتىرجەم بولالماي يۈرگەن ئالويىس ئۈچۈن لامباچتىكى كۈنلىرىمۇ ئۇنىڭغا زىرىكىشلىك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا، ئۇ 1899-يىلىسى لىنز (里昂丁) مەھەلىسىدىن راھەت ياشاشقا بولىدىغان بىر قورا-جاي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ بېرىۋالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يېڭى قوراسى شۇ يەرنىڭ قەۋرىستانلىقى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتىكى ئۆيلەردىن تۇلا بەك كىچىك ھېساپلانمىسىمۇ، ئۇ ئۆي ئالويىسنىڭ كۆڭلىگە بەكلا ياقاتتى. بۇ مەھەلىنىڭ نوپۇسى 3 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆيىنىڭ يېنىدا بىر تىياتىرخانا، بىر كلوب ھەمدە لىنزنىڭ ھەشەمەتلىك ھۆكۈمەت بىناسى جايلاشقان ئىدى. شۇڭا ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى خېلىلا مەدەنىيەتلىك ھېساپلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقىمۇ ئۆزئارا ئىناق ئۆتەتتى.
ئادولف، ئۈگەي ئاكىسى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىدىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ چىڭ تۇتۇپ تەربىيىلەيدىغان بالىسىغا ئايلانغان ئىدى.
باۋرا ھىتلېر (保拉•希特勒) ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ، ئادولف “ھەر دا’ئىم ئاتامنى تىرىكتۈرۈپ يۈرەتتى. شۇڭا ئۇ دا’ئىم دېگىدەك تاياق يەپلا يۈرەتتى. ئۇ ھەرگىز تۈزەلمەيدىغان بىر كىچىك لۈكچەك ئىدى. ئاتام ئۇنى ھەر قانچە ئۇرۇپ، ھەر قانچە مەجبۇرلاپمۇ مەمورى خىزمەتچىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان قىلالمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاپاممۇ ئۇنى بەكلا ئەكىلىتىپ، ئۇنىڭ ئاتا مىھرىدىن مەھرۇم بولغان روھىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى.” دەيدۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئادولف ئاتىسىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆيىنى تاشلاپ قېچىپ كەتمەكچىمۇ بولىدۇ. ئالويىس ئوغلىنىڭ بۇ پىلانىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى بالكون قەۋىتىدىكى قازناققا سولاپ قويىدۇ. ئاخشىمى، پەنجىرىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىرى ئارىسىدىن قىستىلىپ چىقىپ قاچماقچى بولۇپ ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، پەنجىرىگە سىغمايدۇ. ئاخىرى ئۇ يالىڭاچلىنىپ پەنجىرىگە ئېسىلىۋاتقىنىدا ئاتىسىنىڭ پەلەمپەيدىن يوقۇرى چىقىپ كېلىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال يالىڭاچ بەدىنىنى دېرىزە پەردىسى بىلەن ئورىۋالىدۇ. بۇ قېتىم ئالويىس ئوغلىنى ئۇرمايدۇ. ئەكسىچە ئۇنى مازاق قىلىپ قاھ-قاھلاپ كۈلگىنىچە ئايالىنى چاقىرىپ ئوغلىنىڭ ئاق كېپەنگە ئورىنىۋالغان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھىتلېر بۇ ئىشنى خېلى ۋاقىتلارغىچە ئېسىدىن چىقىرالماي يۈرىدۇ.
خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يېنىدىكى كاتىپلىرىدىن بىرسىگە مۇنداق دەپ سۆزلەپ بېرىدۇ: شۇ كۈنى، مەن بىر چاغلاردا مۇنداق بىر قەھرىمانلىق ھىكايىسىنى ئوقىغانلىقىم ئىسىمگە كەلدى. ئۇ ھىكايىدا: 
تاياق ئاغرىقىغا چىداش قەھرىمانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى دېگەن بىر سۆز بار ئىدى. “شۇ كۈنىسى مەن قەتئى ئىرادىگە كېلىپ،بۇندىن كېيىن ئاتام مېنى ئۇرغىنىدا چىشىمنى چىشلەپ ھەرگىزمۇ يىغلىمايمەن دەپ ئۆزەمگە ئۆزەم قەسەم قىلدىم. دېگەندەك، كۈنلەردىن بىرىدە مەن بۇنداق ئىرادەمنى سىناش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئاپام قورققىنىدىن بېرىپ ئىشىك كەينىگە يوشۇرىنىۋالدى. مەن بولسام ئاتامنىڭ ئۇرغان تايىقىغا قىلچە پىسەنت قىلماي سۆڭگىچىمگە چۈشىۋاتقان پالاق سانىنى بىر خىيالدا يوق ساناپ تۇرۇپ بەردىم.” ھىتلېر، مەغرۇرلانغان ھالدا، شۇ كۈنىدىن كېيىن ئاتىسى ئۇنىڭغا پەقەتلا تەگمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ئادولف ئەندىلا 11 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي، ئۇنىڭ ئۇرۇق يۈزىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قانداقتۇ بىر ئىپادىلەر ئەكس ئەتكەندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ يىلىسى لىنز (里昂丁) باشلانغۇچ مەكتىۋىدە سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە چۈشكەن رەسىمىدە، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى رەتنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان بولۇپ، قالغان ساۋاغداشلىرىدىن نەچچە سانتىمېتر ئىگىز كۆرۈنەتتى. رەسىمدىكى شاكىچىك ئادولف غادايغىنىچە ئىككى قولى مەيدىسىدە تىك تۇرماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆرۈنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئىسيانكار روھقا ئىگە بولۇپ، بەكلا مەغرۇر كۆرۈنەتتى. قىلچە شۆبىھە يوقكى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ سىنىپىنىڭ ئەڭ ئەقىللىق بالىسى ئىدى. ئۇ دەرس تەييارلاشتا قىلچىمۇ قىينالمايتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ، رەسىم سىزىش قابىلىيىتىگىمۇ ئىگە ئىدى. 1900-يىلى 26-مارت كۈنىسى سىزغان ۋالونستان (瓦伦斯坦) ھەققىدىكى بىر پارچە رەسىمىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئۇنىڭ رەسساملىق تالانتى ھەقىقەتەنمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. سىنىپتا ئۆگۈنۈش پەيتلىرىدە يۇشۇرۇنچە رەسىم سىزىپ يۈرەتتى. بىر قېتىم ۋىنبۇرگ (温伯格) ئىسىملىك بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئىسىدە قالغانلارغا ئاساسلىنىپ شۇرىنبۇرگ (邵姆堡) قەلئەسىنى سىزىپ پۈتتۈرگىنىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئاغزى ئېچىلىپلا قالغان ئىكەن.
تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدا ياكى مەكتەپتىن قايتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇ داۋاملىق تۈردە ساۋاغداشلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ رول ئوينايتتى. ئۇنىڭ ئا’ئىلىسى بىلەن بىرگە كۆچۈپ يۈرۈپ ياشىغان جايلار شۇنچە كۆپ ئىدىكى، ساۋاغداشلىرى ئۇنداق يەرلەرنى ھەتتا بېرىپ كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدى. شۇڭا، ساۋاغداشلىرى ئادولفنى كۆپنى كۆرگەن چوڭ ئادەم قاتارىدا كۆرىشەتتى. دوستلىرى بىلەن بىرگە ئوينىغان ۋاقىتلىرىدا ئۇ ھەر دا’ئىم فنوم كوپ (弗尼摩•库伯) ۋە شۇنىڭدەك نېمىس يازغۇچى كارل مىيېر (卡尔•梅依) نىڭ سەرگۈزەشت رومانلىرىدىكى ۋەقەلەرنى تەقلىت قىلىپ ياكى شۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ ئوينايتتى. يازغۇچى كارل مىيېر (卡尔•梅依) ھېچقاچان ئامېرىكىغا بېرىپ باققان ئەمەس. شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭ ھىنديانلار بىلەن نوچى پادىچىلار (牛仔) ھەققىدىكى ھىكايىلىرى گېرمانىيە بىلەن ئاۋۇسترىيىدىكى بالىلارنىڭ غايىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئادولف، بۇ ھېكايىلاردىكى ساتخان (萨特汉) بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ھەمرالىرىنىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرىدىن بەكلا تەسىرلەنگەن ئىدى. ئۇ، ساۋاغداشلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ بۇ تۈردىكى ئويۇنلارنى ئويناشتىن قىلچە زېرىكمەيتتى. يېشى چوڭىراق ساۋاغداشلىرى بۇنداق ئۇيۇنلاردىن زېرىككىدەك بولسا، كىچىكىرەك ساۋاغداشلىرىنى تەشكىللەپ بۇ ئويۇنلارنى داۋاملىق ئوينايتتى. ھەتتا بەزىدە بۇ ئويۇنلارغا قىزلارنىمۇ قوشىۋالاتتى.
تەخمىنەن شۇ دەۋرلەردە ئۇ 1870-يىلقى پروسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان زھۇرناللار ئارىسىدىن تېخىمۇ قىزىقتۇرارلىق نەرسىلەرنى تېپىۋالىدۇ. ھىتلېر، بۇ زھۇرناللاردىكى ھىكايە ۋە چاتما رەسىم ھىكايىلىرىنى زىرىكمەي كۆرۈپ چىقىدۇ. “ئۇزۇنغا قالماي، تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ پىلان روھى دۇنيايىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى. … شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ياكى ھەربى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە بارغانسىرى قىزىقىدىغان بولدۇم.” («كۈرەش يولۇم» غا قارالسۇن. بۇ كىتاب، سىياسى مەقسەتنى دەپ بەزى يەرلىرىدە پاكىتلارنى بەكلا بۇرمىلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇلغان.)
بىر يىل ئاۋال پارتىلىغان پول (波尔) ئۇرۇشى، ئادولفنىڭ قەلبىدە گېرمان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ ئويۇن ئوينىشى ئۈچۈنمۇ تۈرتكە بولۇپ بېرىدۇ. ئۇ، ئۆزى يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان “ ئارمىيىسى” بىلەن، ئەنگىلىيە ئەسكىرى بولۇشقا تاللىنىپ قالغان تەلەيسىز قارشى سەپتىكى ساۋاغداشلىرىغا قارشى سا’ئەتلەرچە شىددەتلىك “ھۇجۇم” قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ دادىسىغا موخوركا ئالغىلى چىققان ئادولف ئەسلى ۋەزىپىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ تەرلەپ-پىشىپ ئۇيۇن ئىچىگە كىرىپ كېتەتتى. ئاتىسى تاماكىغا يولغا سالغان ئوغلىنى ساقلاپ غەزەپلىنىپ سا’ئەتلەپ قۇرۇق غاڭزىسىنى چىشلىگىنىچە ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ۋىنبۇرگ (温伯格) نىڭ ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ دېيىشىدىن قارىغاندا، بۇنداق كۈنلەردە كىچىك ھىتلېرنى ئۆيىدە كۈتىۋاتقىنى تاياق بولاتتى. بۇ ۋەھىمىلىك كۈنلەر بەلكىم ھىتلېرنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن. “ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلار – دەپ يازىدۇ ھىتلېر، − ھاياتىمدا پات-پات دۈچ كېلىپ تۇرىدىغان توقۇنۇشلاردا يېڭىش-يېڭىلىشىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان ئىدى.”
شۇ يىلىسى، 6 ياشلىق ئېدمۇند چىچەكتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. 4 بالىسىنىڭ ئۆلۈمى كلارانى تۈگۈشتۈرۈپلا قويىدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا كىچىك ئالويىسنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، بۇ ئا’ئىلىنىڭ فامىلىسىگە ۋارىسلىق قىلالىغىدەك بالىسىدىن يالغۇز ئادولفلا قالغان ئىدى. گەرچە ئادولف تېز ئارىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئا’ئىلە ئىچىدىكى پاجى’ئەلەر ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى بەكلا كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئاتىسى ئالويىس ئوغلىنى ئۆزىگە ئوخشاش بىر دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ھەر دا’ئىم ئوغلىغا كادىرلىق ھاياتى ھەققىدىكى ھىكايىلارنى سۆلەپ بېرىپ ئوغلىنى بۇ ئىشقا قىزىقتۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئوغلى بولغان ئادولف بولسا پۈتۈن خىيالى رەسسام بولۇپ يېتىشىپ چىقىشتىلا قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىنقىلاب پىلانلىرىنى ۋاقتىنچە قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە كۆمىۋېتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاتىسى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىش نەتىجىسىدە ئاتىسىنىڭ كېيىنكى ئوقۇتۇش پىلانىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ چاغدا ئادولف كلاسسىك گىمنازىيە مەكتىۋىدە ئوقۇشى (ئالى مەكتەپ ئوقۇشى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان ئادەتتىكى تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشى) ياكى بولمىسا كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى (ئاساسلىقى تېخنىك دەرسى ئالىدىغان كەسىپى مەكتەپ ئوقۇشى) دىن بىرنى تاللىۋېلىشى كېرەك ئىدى. رىياللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئالويىس ئوغلىنىڭ كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشىنى ماقۇللايدۇ. ئادولفمۇ بۇنىڭغا كۆنىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇنداق مەكتەپلەردە رەسىم دەرسى بولغانلىقى ئۈچۈن رەسىم سىزىش مەشقى قىلىش پۇرسىتىم بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ يېقىندىكى كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپ لىنزدىكى مەكتەپ ھېساپلىناتتى. 1900-يىلى 17-سىنتەبىر كۈنىسى، ئادولف كۆك رەڭلىك مەكتەپ سومكىسىنى مۆرىسىگە ئېسىپ بىرىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز يولغا چىقىدۇ. ئۆيى بىلەن مەكتەپ ئارىلىقى بەكلا يىراق بولۇپ، 3 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۇ يول بويى ئەتراپنى تاماشا قىلىپ يېرىم يولغا كەلگىنىدە، ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان لىنز شەھىرى بىلەن دوناي دەرياسىنى كۆرىدۇ. شۇ يېشىغىچە يېزا-كەنتلەردە ياشاپ كەلگەن بىر بالىغا نىسبەتەن، ئالدىدىكى بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق، شۇنىڭدەك يەنە سىھىرلىك بولۇپ كۆرىنىشى مۇمكىن. يىراقلاردا، ئىگىز تۆپىلىكتە دۇنياغا داڭلىق كومبۇرگ (昆伯堡) قورغىنى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا نىپلوگىن (尼伯龙根) شې’ئىرى (گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بىر داستان) دەل شۇ قەلئەدە يېزىلغان ئىكەن. ھازىر ئۇ يەردە قاتار كەتكەن چېركاۋلارنىڭ ئۇچلۇق مۇنارىلىرى بىلەن قاتار-قاتار ھەيۋەتلىك بىنالار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئادولف، تاغ ئارىسىدىكى ئەگرى-بۈگرى تار چىغىر يولدىن ئايلىنىپ تۈۋەنلەپ شەھەر مەركىزىدىكى كەسىپى تېخنىك مەكتىۋىگە يېتىپ كېلىدۇ. مەكتەپ بىناسى تۆت قەۋەتلىك قاپ-قارا بىر بىنا بولۇپ، تار بىر كوچا بويىغا جايلاشقان ئىدى. مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆرۈنىشى مەكتەپ بىناسىغا ئەمەس بەلكى بىرەر ئىشخانا بىناسىغا بەكىرەك ئوخشايتتى: بىنا ئىشلىتىشكە ئەپلىك ئەمما سۈرلۈك ئىدى.
مەكتەپتىكى نەتىجىسى ھە دېگەندىلا بەكلا ناچارلىشىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئەندى بالىلارنىڭ بېشى ئەمەس ئىدى، شۇنىڭدەك سىنىپتىكى قابىلىيەتلىك ئەڭ ئۆتكۈر ئوقۇغۇچىمۇ ھېساپلانمايتتى. ئۇ، بۇنداق بىر مۇھىتتا كۆڭلى بەكلا سىقىلىپ كېتىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە سەھرادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى بەك كۆزگە ئىلىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ كىچىك يېزا مەكتىۋىدە كۆرگەن ئەتىۋارلىنىشلارنى بۇنداق چوڭ مەكتەپلەردە پەقەتلا كۆرەلمەيتتى. ئۇ، بۇرۇنقى مەكتىۋىدە پۈتۈن سىنىپ رەسىمىدە ئادولف ئەڭ ئۈستىدىكى قاتاردا تۇرغان بىر ئوقۇغۇچى ئىدى. مانا ئەندى سىنىپنىڭ بىرلىكتە چۈشكەن رەسىمى ئىچىدە يوقاپلا كەتكەن ئىدى. ئەتىۋارلىنىپ ئۆسكەن ئۇنىڭ ئورنىنى قوپال سەت بىرسى ئالغان ئىدى. 
ئادولف بۇ مەكتەپتە ئاستا-ئاستا تارتىنچاق، جىمغۇر بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. بۇ يەردە ئۇنى دەرسلەرمۇ بەك قىزىقتۇرالمايدۇ. 
“ئەگەر مەن بۇ مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇماي، ياخشى نەتىجە ئالالمىسام، ئاتام، مەيلى خالىسۇن-خالىمىسۇن، مېنى ئاخىرى بىر كۈنى ئۆز ئىختىيارىمغا قويۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلايتتىم.” ھىتلېر «كۈرەش يولۇم» كىتاۋىدا نەتىجىسىنىڭ تۈۋەنلىكىنى بىر ھېساپتا ئەنە شۇنداق چۈشەندۈرمەكچى بولغان. ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلماقچى بولغان كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ كامچىلىقىنى باھانە قىلىشىپ، ھىتلېر ئەسلىدىنلا ھۇرۇن، دۆت بىرسى ئىدى دېيىشىتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق تىرىشماسلىقى بەلكىم ئاتىسىدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ بىر شەكلى بولىشى، ھېسسىياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر ئالامىتى بولىشىمۇ مۇمكىن. ۋە ياكى بولمىسا ئۆزى قىزىقمايدىغان دەرسلەرگە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كېيىنكى يىلى، ئادولف تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ دەرس نەتىجىلىرى تېزلىكتە ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ يېشى قالغان ساۋاغداشلىرىغا قارىغاندا سەل چوڭىراق بولغاچقا، ئۇزۇنغا قالماي ساۋاغداشلىرى ئارىسىدا قايتىدىن باشلامچىلىق ئورنىغا ئۆتۈشكە باشلايدۇ. “بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئامىراق ئىدۇق، دەرسلەردە، ئويۇن ئوينىغان ۋاقىتلاردا بىز ھەممىمىز ئۇنى ياخشى كۆرەتتۇق. – دەيدۇ جوھان كامپلىگ (约瑟夫•凯普林格)، − ئۇ ھەقىقەتەنمۇ سىھرىلىك بىرسى ئىدى. ئۇ ئادەتتە بەك ھاياجانلىنىپمۇ كەتمەيتتى. نۇرغۇنلىرىمىزغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنى مىھرىبان، ئاق كۆڭۈل بىرسى دېيىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ مىجەزى ئادەتتە بەكلا زىدىيەتلىك بولۇپ، ئاسانلىقچە بىر خىل بولالمايتتى. ئۇ، جىمغۇر ئەمما تەرسا مىجەزلىك بىرسى ئىدى.”
ئۇ ساۋاغداشلارنى تەشكىللەپ ئويۇن ئويناشقا ئۇستا بولغانلىقى ئۈچۈن، دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا دوناي دەرياسى بويىدىكى چىمەنلىكتە “نوچى پادىچى بىلەن ھىندى’ئانلار ئۇرۇشى” ئوينايتتى. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئادولف بالىلارنى يىغىپ پول (波尔) ئۇرۇشى ھەققىدىكى ھىكايىلارنى سۆزلەپ بېرەتتى. يەنە بەزىدە ئۆزى سىزغان پول (波尔) قەھرىمانلىرى رەسىمىنى ساۋاغداشلىرىغا كۆرسىتەتتى. ھەتتا ئۇ پول (波尔) لار قوشۇنىغا بېرىپ قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلىش خىيالىنىڭ بارلىقىمۇ ئېيتاتتى. بۇ ئۇرۇش، ئۆسمۈر ھىتلېرنىڭ قەلبىدە نېمىس ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرمەكتە ئىدى. ئەسلىدە بۇنداق ھېسسىياتلار نۇرغۇنلىغان ساۋاغداشلارغا ئورتاق بىر ھېسسىيات ھېساپلىناتتى. “بىز ئۈچۈن بىسمارك (俾斯麦) مىللىتىمىزنىڭ بىر قەھرىمانى ھېساپلىناتتى. – دەيدۇ كامپلىگ (凯普林格) ئەسلەپ كېلىپ، − ئۇ قەھرىماننى مەدىھلەيدىغان ناخشىلار بىلەن بىر قاتاردا شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ناخشىلار، ئېيتىش چەكلەنگەن ناخشىلار ھېساپلىناتتى. ھېدنس (海顿所) يازغان ئاۋىسترىيە مارشى بىلەن گېرمانىيىنىڭ  خەلق ناخشىسى «گېرمانىيە ھەممىدىن ئۈستۈن» دېگەن ناخشىنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. 
ئاۋىسترىيىدە گېرمانىيەپەرەسلەر ئادەتتە گېرمانىيە مەدىھلىنىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشاتتى. ھەتتا ئۆزئارا سالاملاشقانلىرىدىمۇ ئۆزئىچىدە بىر-بىرسىگە نېمىسچە “ياشىسۇن!” – خايل – دەپ سالام بېرىشەتتى.) ئادەتتە بىرەر پارچە بىسمارك (俾斯麦) نىڭ رەسىمىنى يېنىدا ساقلاشمۇ جىنايەت ھېساپلىناتتى. گەرچە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز ئىچىدە مىللەتچىلىك روھىنىڭ ياخشى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەشسىمۇ، كىمىدە-كىم بۇ تۈردىكى ناخشىلارنى ئېيتىشقا پېتىنىدىكەن، ياكى بولمىسا كىمدە كىم ئاۋىستىرىيىگە بولغان ساداقىتىگە زىيانلىق سۆزلەرنى قىلىپ سالىدىكەن، دەرھال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەدەپلىشىگە ئۇچراپ تۇراتتى.”
بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئادولف ھىتلېر باشقىلارغا قارىغاندا بەكىرەك گېرمانىزم ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان بىرسى ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئاتىسىغا خا’ئىنلىق قىلىشىنىڭ بىر ئىپادىسى بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ سادىق ھىمايىچىسى ھېساپلىناتتى. بىر قېتىم كامپرىگ (凯普林格) دەرستىن چۈشۈپ ئادولف بىلەن بىرگە ئۆيىگە قايتىدۇ. ئۇلار ئىككىسى تار قىيالىق يوللاردىن مېڭىپ كاپكىنا (卡普津纳) كوچىسىغا قاراپ كېتىۋېتىپ تاغ چوققىسىغا يېتىپ بارغىنىدا ھىتلېر بىر چېركوۋنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالىدۇ. “سەن گېرمان قېنىدىن تۈرۈلگەن ئەمەسكەنسەن. – دەيدۇ گېپىنى ئۇدۇللا قىلىپ، − سېنىڭ چاچلىرىڭ قارا، كۆزۇڭمۇ قارا.” ئۇ مەغرۇرلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى قارا رەڭدە بولۇپ، چېچى سۇس قوڭۇر رەڭدە ئىدى (كاپكىنا (凯普林格) نىڭ دېيىشى بويىچە).
ئۇ ۋاقىتلاردا نېمىس ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمانلارمۇ ھىتلېرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. ئەندىلا 12 گە قەدەم قويغان ھىتلېر (لىنز) تىياتىرخانىسىدا ۋاگنېرنىڭ 瓦格纳 لوھىنگرىن «罗安格林» (گېرمانىيە رېۋايەتلىرىدىكى بىر ئەپسانىۋى قەھرىمان ئوبرازى) دېگەن ئوپىراسىنى كۆرىدۇ. بۇ ئوپىرادىكى نېمىس تۇيغۇسى بىلەن ئوپىرانىڭ مۇزىكىسى بالا ھىتلېرنى پۈتۈنلەي مەس قىلىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئوپىرادىكى پادىشا ھېنىرگنىڭ قېلىچۋازلىرىغا ئېيتقان گېپى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىرقچىلىق، مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئۇرغىتىۋېتىدۇ:
ئىمپىرىيە دۈشمەنلىرى ئالدىمىزغا تىكلەندى،
قېلىچ نەيزىلىرىمىزنى ئۇلارغا قاراتتۇق.
شەرقتىكى چۆللىكتىن تۈزلەڭلىككىچە،
دۈشمەنلىرىمىز بىر غېرىچمۇ ئىلگىرلىيەلمىدى.
نېمىس تۇپراقلىرىنى نېمىس قېلىچى بىلەن قوغدايمىز،
ئىمپىرىيىمىز تەۋرەنمەستۇر!
(ئاساسى مەزمۇنى – ئۇ.ت)
بۇ قېتىم ئۇ دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدە لاياقەتلىك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنى لاياقەتلىك تۈگىتىپلا قالماي، تەنتەربىيە دەرسلىرى بىلەن ئەمەلى كەسىپ دەرسىدە ياخشى، ئەلا دېگەن نەتىجىلەرگىمۇ ئېرىشىدۇ. ئەمما ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇش باشلانغان كۈنىدىن تارتىپلا دەرسلەرگە يېتىشەلمەي قالىدۇ. ئۇنىڭ ماتېماتىكا دەرس نەتىجىسى لاياقەتسىز، كەسىپى دەرسلىرىمۇ ئوتتۇراھال سەۋىيىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما روزھدىستىۋا بايرىمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئا’ئىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر مەكتەپتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىۋېتىدۇ.
1903-يىلىنىڭ 3-يانىۋار كۈنىسى، ئاتىسى ئالويىس خۇددى باشقا كۈنلەردىكىدەك ئەتىگەنلا ئۆيىدىن چىقىپ سىتانپىل قاۋاقخانىسىغا يۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇ قاۋاقتا ئەندىلا بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇشىغا، مىجەزىنىڭ بەكلا بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىر قانچە مىنوت ئۆتمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن ۋېدالىشىدۇ. – ئالويىس، يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلگەن ئىدى. (胸膜出血)
ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنى ئۆيىگە يېقىن بىر چېركاۋ قەۋرىستانلىقىغا ئاپىرىپ كۆمۈپ قويىشىدۇ. ئۇنىڭ قەۋرە تېشىغا بۇ پىشقەدەم تاموزھنا خادىمىنىڭ سوقىچاق رەسىمى – مەغرۇر تىكىلىپ چۈشكەن رەسىمى ئورنىتىلىدۇ. لىنزدىكى «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتى ئۆلگىچىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەپ باھا بېرىدۇ: “ئۇنىڭ ئارىلاپ ئېيتقان كۈچلۈك گەپلىرى ئۇنىڭ قوپال كۆرۈنۈشلۈك ۋۇجۇدىغا جايلاشقان قەلبىنىڭ يۇمشاقلىقىنى ھەرگىزمۇ كۆمىۋىتەلمەيدۇ. ئۇ ئەزەلدىن قانۇن-ئىنتىزامنىڭ سادىق ھىمايىچىلىرىدىن بىرى ئىدى، ئۇنىڭ بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن، تەجرىبىلىك بىرسى ئىدى، ئۇنىڭ بارلىق قاراشلىرى ھەقىقەت تەرەپتە ئىدى.”

0

تېما

1

دوست

7097

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   41.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9775
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1354
تۆھپە : 1299
توردىكى ۋاقتى: 603
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 13:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق ئىشكىن تاڭ ، ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، بۇ ھېتلېر دېگەن ئادەمگە بەكلا ھەۋىسىم بار..
تىرىشىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )