قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 10329|ئىنكاس: 59

قانداق قىلىش كېرەك؟-داۋۇت ئوبۇلقاسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

2017

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 14:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ(1)
داۋۇت ئوبۇلقاسىم 

 
       ئۇ كۈنى تازا ئىچىم پۇشۇپ تۇرغان كۈن ئىدى. مەن ئۇ ئۆيدىن، بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان سىڭىلچاقنىڭ ئاشخانىدا قاچا − قۇمۇچلارنى يۇغىنىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. قاچا ئىككىنچى قېتىم چايقىلىۋاتاتتى. ئەمما قاچىلارنىڭ گىرۋەكلىرىدە ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئىچىدە يبىلىنەر بىلىنمەس ماي يۇقۇنلىرى قالغاندەك قىلاتتى. مەن ئاتايتەن بېرىپ تەپسىلىي قاراپ باقتىم. ئىش ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋەتكەنلىكىگە سەل ھەيران قالدىم. «قاچىنى مۇشۇنداق يۇساڭ بولامدۇ؟» «چىقمايدىكەن شۇ» ئارىمىزدا بولغان دىئالوگ مانا مۇشىنچىلىكلا بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا، ئۆتكەن تەقدىردىمۇ بەرىبىر ئىكەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان بولغاندەك بولدى. دۇرۇست، ئۇنىڭ قانائەت تاپىدىغان ئۆلچىمى شۇنچىلىكلا ئىدى. ئىشنىڭ جالالى،كامالى ۋە گۈزەللىكىگە بولغان ئىرادىسى ۋە شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىگە يۇرگۇزىدىغان سىياسىتى شۇنچىلىكلا ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەينى چاغدا قاچىنى شۇنچىلىك يۇيۇپلا بولدى قىلاتتى.
كېيىن بۇنداق ئىشلارنى جىق كۆردۇم.ئىمتىھان بېرىش ئۇچۇنلا ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار،مۇئاش ئۇچۇنلا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر،باشلىق بولۇش ئۇچۇنلا تېرىشىدىغان قوڭالتاقلار،مېلىنىڭ قانداقلىغى بىلەن كارى يوق پايدا قىلىۋاتقاندىكىن دەپلا مال ساتىدىغان تېجارەتچىلەر،پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتىنىلا تونۇيدىغان پۇرسەتپەرەسلەر،كاللىسى ئاددىيلىق،يۇزەكىلىك ئىچىدە ئۆتىدىغان قىياپەتۋازلارقەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردى.ئەڭ يامان بولغىنى مىنىڭ كۇزىتىشىمدە بۇلار ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەمەس ئىدى.

      توغرا ھەتتا يۇرىكىدە ئوتى بار ئەمما ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ھېس − تۇيغۇلىرىنى ياكى قايسىدۇر يولنى ئۆزىگە چاپان  قىلغان «رومانتىك» كىشىلەرنىمۇ ئۇچراتتىم.ھالبۇكى بۇلاردىن ئوغۇللار كۆز ئالدىدىكى ئەمىلىي ئىش بىلەن چاتىغى يوق «ئۇلۇق» نەرسىلەرنى مۇنازىرە قىلىشىپ ئۆتۇشنى،قوڭىدا ئىشتان يوق ئىسمىنى ماجان بۇۋى قويىۋىلىپ يۇرۇشنى،ئىش قىلىشنىڭ ئەمەس ئۆزىنى ئىسپاتلاشنىڭ كۆرسىتىشنىڭ كويىدا بولۇشنى،ئىنسانلىق شەرىپى ۋە قەدىر-قىممىتىنى بىلىدىغان ئىنسان،يۇرىشى ۋە تەمكىنى بار ئوغۇل،سۆلىتى بار ئەر بولمىسىمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابىدىكى «خوڭۋېيبىڭ»لاردەك ئۆزى چۇشەنمىسىمۇ بولىدىغان بىر چاقىرىققا قىياپەتلەر بىلەن قۇللۇق قىلىشنى زوق شوقى بىلەن خارەكتېر قىلغانلار خېلى بار ئىدى.قىزلار قىزلىق نازاكەت،كۇندۇلۇك ئاىلە تۇرمۇشىنىڭ يۇرىشى،سېلىنغان داسقاننىڭ يارىشىقى،ئۆينىڭ پاكىزە، رەتلىك، ھويلا − ئارامنىڭ ئازادە، يۈرۈشلۈك بولۇشى بىلەن كارى يوق ئىدى. ئەمما ئۆزىنىڭ باش قەھرىمانلاردەك قەھرىمانلىق كۆرسىتىشىنى ئويلايتتى. ئاشنىڭ قانداق بولسا تەملىك، كىيىمىنىڭ قانداق تىكسە يارىشىملىق بولىدىغانلىقى بىلەن كارى يوق ئىدى. ئەمما داڭلىق چولپاننىڭ قارچۇغىدا توختاپ قالغان قىياپىتىنى دوراشنى،شۇنىڭدەك ياشاشنى،ھەتتا قايسىدۇر شائىرلارنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ۋىجدان،  مۇھەببەت، ۋەتەن دىن دېگەندەك  چوڭ ئىشلاردىكى ئۇقۇملاردا ھاياجان بىلەن سۆزلەيتتى. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى كەيپكە چۆمۈلەتتى.
      توغرا بۇ ئىنسان ھاياتىدا كۆرىلىدىغان  بىر تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ھاللار، ئەمما بۇ ھال ياش چوڭايسىمۇ ئۆزىنىڭ جالالىنى تېپىپ يەنى بىر بالداققا يول بەرمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟كىشىلەر ئىزچىل «باش قەھرىمان»لاردەك جاھاننىڭ كۆزى بولالمىسا، مۇھىتى «روماندىكى پېرسۇناژلار»نىڭ مۇھىتىغا ئوخشىماۋەرسە، كېيىن قانداق بولۇپ كېتەر؟.
          مەن ھاياتىمدا بۇنىمۇ كۆردۇم. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئىشلارمۇ بولدى. بەزىلىرى بۇزۇلۇپ ئۇستىخان − ئۇستىخانلىرىدىن ئاجراپ ھاراق بىلەنلا مەۋجۇتلىغىنى ھىس قىلىدىغان ھالغا ياكى ئەخلەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىنى غودىراش بىلەنلا ئىپادىلىيەلەيدىغان ۋە بەكەرەك ياخشى سانالغانلىرى غۇدىراش ئۇستىلىرىدىن سۆيىنىدىغان،تاتلىق غۇدىراشلاردىن جېنى يايرايدىغان كىشىلەر بولۇپ قالدى. بەزىلىرى شالاقشىپ قالغان ماشىنىلارغا ئايلاندى.يەنە بەزىلىرى بۇ ماشىنىلىشىشنى خۇسۇسلاشتۇرۇش  ئارقىلىق ئۇنى شالاقشىمايدىغان قىلىشنىڭ يولىغا كىردى،راس بىلەن يالغاننىڭ ئارىسىدا بازانى شەيتان قىزىتىدۇ دىگەن ئاتا سۆزلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بازارلىرىمىز ئاۋاتلاشتى ئەمما ھەر يۇرتتا يوقىتىۋەتكەن نەرسىلەر ئاز بولمىدى.سەللا يىلتىزى بار نەرسىلەر كالاڭپاي بىلىنىپ چۆكتى.باشقىلارنىڭ ئاخىرقى قۇيرۇقلىرى بولغان ئېلىپ-ساتارلارغا مەيدان كەڭرى قالدى.نۇرغۇن ھۇنەر كەسىپ.ئۇستۇلۇق،قولى چىۋەرلىك ئوچاقلىرى ئۆچتى.پەقەت پۇل خەجلەش ماھارىتى ۋە پۇرسىتىلا زورايدى. قولىدىن كېلىدىغان ئىشقا بېقىپ كاللا بولىدىغان بۇ جاھاندا چىۋەرلىكلەر،ئۇستۇلۇقلار،كەسىپلەر بىلەن بىللە كاللىلارمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە سويما ھالدا قالدى.بۇ كىچىك بازا ۋە  يېزا ياپاڭلاردا تولا بەك بىلىنىشمىگەندەك قىلغان بىلەن غۇلجا كۇچا،قەشقەر،يەكەندەك شەھەرلىرىمىزدە پىسخىك جەھەتتىن سەھراۋىلىشىش ۋەزىيىتىنى كۆرىنەرلىك شەكىللەندۇردى. ماھىيەتتە پايدا قىلسۇن قىلمىسۇن ئۆز كەسپىنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇش ،ھەر ھالقىدا تاقا مىقىدەك تۇرۇپ ئىشلەش روھى، ھىچ بولمىغاندا مۇشۇنىڭغا مەجبۇر قىلىدىغان شارائىت تۇرتكىسىدە قايناق كەسىپلەر بىلەن بېزىلىپ شەھەر بولالايدىغان شەھەرلىرىمىز يىيىش ۋە يىدۇرۇش،دوراپ كىيىش ۋە كىيدۇرۇش،گىرىم قىلىش ۋە قىلدۇرۇش مۇئەسسەلىرى ۋە خېرىدارلىرىلا بار بىر ساھىلغا ئايلاندى.
ئەمما رېقابەتكە مەردانە يۇزلىنەلەيدىغان جەمىيەتكە بۇنداق ۋەزىيەت ئەكسىچە رول ئوينايتىغۇ؟ بىر ئىنساننىڭ بۇنداق قىسمەتكە قېلىشىدا باشقىسىنى ئويلىمىغاندا نوقۇل تۇرمۇشىمىزدا قانداقتۇر بىر سەۋەپلەر بارمۇ-يوق؟

     مەلۇمكى 80-يىللاردا ياشلار ئارىسىدا گىتار ئومۇملاشتى. ئۇ چاغلاردا مەھەللە − مەھەللە، كوچا − كوچىلاردا گىتار چېلىۋاتقانلارنى، گىتار كۆتۈرۈۋالغانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. نۇرغۇن بالىلار ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىغان ئىدى. چۈنكى گىتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىغا بولغان قىزىقىش، ئۆز ئوبرازىنى تەسىرلىك ئىپادىلەش ۋە كۆرسىتىشكە بولغان ھەۋەس بىلەن ئورگانىك ھالدا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى. مۇشۇنداق سەۋەب بىلەن بىر قىسىملار شۇ مەزگىلدە ھەقىقەتەنمۇ جان − جەھلى بىلەن مۇزىكا ئۆگەندى- يۇ بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىۋىدى، گىتاردىن ئەسەرمۇ قالمىدى.دىمەك ئېيتىلغان ئېسىل ناخشا-مۇزىكىلار، ھايۋانى تۇيغۇغا ئىنسانى شەكىلدە خىزمەت قىلىپ ئۆزىنىڭ «تارىخىي ۋەزىپىسنى» تاماملاپ بولغان ئىدى.تەبىىكى ئەمدى بۇ ھايۋانى تۇيغۇ بۇگۇنكى كۇندە باشقىلارنىڭ كۆزىنى ئۆزىگە تارتالايدىغان يەنى بىر نەرسىنى ئىزدەيتى.ئەمما ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدىغان بۇ جاھاندا ھەقنىڭ ئۆزىگە يۇغۇرۇلمايدىغان ئەمما چاپىنىدا بولىشىچە تەرلەيدىغان بۇنداق خۇينىڭ زادى ئىشلىتىشچانلىغى بار،جاجىسى يوقمىدۇ؟
         بىر كۈنى خېتى ناھايىتى سەت بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇچراتتىم. لېكىن ئۇ ئاتا − ئانىسنىڭ خاھىشىدىن ھېسلانغانمۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇماقچى ئىكەن. بەك قېتىقىنىپ تەكرار قىلىۋېتىپتىمىش. بۇنى ئاڭلاپ مىيىغىمدا كۈلۈپ قويدۇم. چۈنكى كۆڭلۈمگە ئايانكى، ئۇنىڭ خېتىنىڭ سەتلىكىگە نومۇس قىلمىغانلىقىغا، چىرايلىق خەتكە ئىنتىلمىگەنلىكىگە قارىغاندا ئۇنىڭ ئاشۇ ھاياجىنى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە قايسىدۇر بىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكىلا يېتەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن خۇددى بايىقى گىتارچىلارنىڭكىدەك بۇ "قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش"نىڭ «تارىخىي ۋەزىپىسى» تامام بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت يا ئىمتىھان سارىڭى بولاتتى، ياكى ئوخشاشلا "داشۆسىڭ كېرەكسىز" بولۇش ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيتتى. دەرەخنى كۆرمىگەن ئادەم ئورماننى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ خەتتىن گۈزەللىك ئىزدىشى شۇنچىلىك  بولسا، ئۆگىنىشتىن گۈزەللىك ئىزدىشى قانچىلىك بولماقچى؟ئىنسانلارنىڭ ئەڭ راستچىل ،ئەبىدىلىك قوزغاتقۇچىسى سۆيگۇ بولۇپ،سۆيگۇ مۇشۇنداق بىلگىلىچىلىكى ۋە تۇيغۇچىلىقى يوق گاس ۋە كورنىڭ ، زۇلمىتىدە قالسا ئىنسانلىغىمىزنىڭ ھالى قانچىلىك بولماقچىتى؟
      بىز تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقىۋاتقان چاغدا مۇەللىملىرىمىزنىڭ «ھازىر پۇتۇن زېھنىڭلار بىلەن ئۆگىنىڭلار ئويۇن دىگەننى ئالى مەكتەپكە چىقىپ پۇخادىن چىققۇچە ئوينىۋالىسىلەر »دەپ قىلغان تەربىيىلىرى ئەڭ بەك چاقىرىق كۇچىگە ئىگە تەربىيەلەر ئىدى.ئالى مەكتەپتە «ھە، يۇزمىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باش بولۇپ دۇنيانى ئىستىلا قىلىشقا يول ئالغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ يېشىدا مېنىڭ تەڭ-تۇشلىرىمنىڭ ئىنسانلىغى مۇشۇنچىلىك ئويغۇنۇپتىكەندە دىدىم.ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ شۇنچىۋىلا بالىدىن ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتقا تاللانغىنىنىڭ،قانچىسىنىڭ سەھرالىق تۇرۇپ ئۇرۇمچىدەك «چوڭ» شەھەرگە كىلەلىگىنىنىڭ جۇشقۇسىدا قانچىسىنىڭ «مۇئاشلىق» بولىدىغانلىقنىڭ خاتىرجەملىكىدە ۋە قانچىسىنىڭ تېخىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان جايغا شۆلگەي ئېقىتىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىۋاتقانلىغىنى ئىلغا قىلدىم.ھەممىدىن يامىنى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ مەسجىدكە كىرگىنىمدە بۇ گەپلەرنىڭ «ئاللاھ رىزالىغىنى ئىستىگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ جەننەتتە تەنلىرى سۇپ-سۇزۇك ھۆر پەرىلەر ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ...» دەيدىغان ۋارىيانتىنى يەنە ئاڭلىدىم.ھەتتا شۇنچىلىك چاقىرىق كۇچى بار گەپلەرنىمۇ قولاشتۇرۇپ قىلالمايۋاتقان مەسچىتلەرنى تالاي كۆردۇم.شۇڭلاشقىمۇ ناھايىتى ساددا ۋە ئاددى لېكىن پىكرى ۋە ھىسسى مەنتىقىسى جايىدا نۇتۇقلارنى كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق،ئاچقان يەرگە بارغان ھىساپلاپ ئاڭلاۋاتقىنىنى ئۇن ئالغۇ لېنتىلىرىگە كۆچۇرۇپ سۆيۇنۇش ۋە قايىللىق ئىچىدە بىر-بىرىگە ھەدىيە قىلىۋاتقانلىغىنى تالاي كۆردۇم.بىر يېرىمدىن خوش بولدۇم لېكىن ئاشۇ نۇتۇقلاردىكى تارلىق ۋە چولتىلىقنىڭ ھامان ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىغىنى ئويلاپ جىق ئازاپلاندىم.نىمە ئامال ھەر ئون مىڭ كىشىگە توغرا كىلىدىغان ستودېنتلارنىڭ ئەھۋالى ئۇ تۇرسا،مەلە-مەلىلەردە بار مىچىتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاۋامنىڭ ئىشتىھاسى بۇ تۇرسا.
بۇنداق خۇلاسە ماڭا دايىم ئۇچراپ  كۆڭلۈمنى يەتكىچە يېرىم قىلىدۇ. سەۋەپ ئىزدىگەن مىھنەتلىرىمدىنمىكىن بىلمىدىم بۇنداق چاغلاردا سەنئەت تۆكۇلۇپ تۇرغان نانلىرىمىز،يىتۇكلۇك چىقىپ تۇرغان يوسۇنلىرىمىز،چاقناپ تۇرغان ناخشا مۇزىكىلىرىمىز نۇر توپى بولۇپ ئالدىمدا پېقىرايدۇ بۇ تارىخىمىزنىڭ قۇدرىتى-دە! ئەمما ھازىرچۇ؟ دەپ ئۆزۇمگە پىچىرلايمەن. نېمىشقىكىن بىر مەكتەپ ياكى بىر مۇەسسە ھىساپلاپ مۇقامنى بەكرەك ئويلاپ  قالىمەن. گىگانت مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ ئاشىقلار شەنىگە بېغىشلانغان ئىجتىھاتلىرى بىر − بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتىدۇ. توغرا ئۇلار سۆيگۈ − مۇھەببەتنى ئىنسانلار قەلبىدىكى  ئۇرۇق، ساغلاملىق ۋە ئىرادىنى ئۇنىڭ شارائىتى؛ بىلىم، ئىبادەت ۋە پەزىلەتنى ئۇنىڭ نورمال ھەرىكىتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى دەپ بىلگەنىدى. بىلىملىك بول، ئىبادەت قىل، پەزىلەتلىك بول دەپ شۇئارۋازلىق قىلىشتىن ئاقىلانىلىك بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى ئۇرۇقنى ئويغىتىش، پەرۋىش قىلىش، مەدھىيىلەش ئۈچۈن قان − تەر سىڭدۈرگەنىدى. ئۆزلىرىنىڭ ساپ ۋە تەبىئىي بولغان مەجلىسلىرىنى تەبىئىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىپ مۇقامنى قوزغىغۇچى تەپەككۈرنى تىكلىگەنىدى. ئەمما ئەڭ ئەقەللىي خىسلەتنى ئويغىتىش ئەنئەنىسنىڭ ئۇزۇن تارىخى ۋە كامالى ئىجتىھاتى بار بىر مىللەتنىڭ قاچىنى پاكىز يۇغۇزىدىغان بالاغەتنى،ھەققە يۇغۇرۇلۇش ئىرادىسىنى تىكلەش كۈچى زادى قانچىلىك؟ ئۇنىڭ بىزدىكى ئەھۋالى قانداق؟

        دايىم 30-يىللاردىكى كونا رەسىملەرگە كۆز يۇگەركىنىمىدە بىچارە قىياپەتتە تۇرغان كىشىلىرىمىزگە قاراپ ئېچىنىمەن.ئەسكەرلىك روھىدىن ئەسەر يوق ئەسكەرلەر،ئەمىرلىك ئېرادىسىدىن بىشارەت يوق رەھبەرلەر كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.« يا ئاللاھ بوپتۇ باشقىسى تۇرۇپ تۇرسۇن خوجىنىياز ھاجى كۆكرىكىنى كېرىپ بېشىنى  تىك تۇتۇشقىمۇ قابىل بولالماي تۇرغان مۇشۇ كىشىلەر بىلەن ھەر ھالدا بىر ئىشلارقىپتىكەن» دەپ قالىمەن.ئەمما ھەرھالدا بۇ ئەھۋال رەسىمدىكى كىشىلەرنى ياكى رەسىملەرنى شىمالغا قاراپ تىزىپ ماڭغانسېرى ياكى جەنۇپنىڭ ئۆزىدە تاغقا قاراپ تىزىپ ماڭغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.تاغانىڭ تۇۋى توشىۋاتقاندەك بىلىنىشىدۇ. 40-يىللاردىكى غۇلجىلىقلارنىڭ سۇرەتلىرىدىن ئادەم سۆيۇنۇپ قالىدۇ
مەن تۇرپانلىق بىرىنىڭ كېسەل ئاكىسىغا قارىغاندىكى ئەھۋالىنى بىلىمەن. بىمارنىڭ ئاچچىقى ناھايىتى يامان بولۇپ قىلىمەن دېگەننى قىلىدىغان ئۇششۇق، جاھىل ئادەم ئىدى. ئۇ دوختۇرخانىغا ئوپراتسىيىگە چۈشۈپ سەللىمازا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، دوختۇرلار ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاچچىق دورىلارنى بەردى. سۇ ئىچىشتىن پەرىز تۇتۇشنى، دورا مىقدارى ۋە تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى. ئەمما بۇ كىشى دورىنى ئالاھەزەل 2 − قېتىم ئىچىپلا دورا ئىچىشكە قېرىق بولۇۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كارنىيىم قىزىۋاتىدۇ مۇزدەك سۇ ئەكەل دەپ توۋلايتتى. ئۇكىسى دورىلارنى ۋاقتىدا تۇلۇق ئىچىش، سۇ ئىچمەسلىك توغرىسىدا تولا گەپ قىلىپ داۋاملىق تەگىشىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇ يەنە سۇ ئىچىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. ئىنىسى ھەر قانچە گەپ قىلسىمۇ ئۇنىمىدى ۋە ئاخىرى: ھوي سەن ماڭا قارىغىلى كەلگەنكەنسەن، مېنىڭ جېنىم نېمىدە ئارام تاپسا شۇنى قىل، بولمىسا كەت، ماڭ،  دەپ ۋارقىرىدى.مەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ تۇيغۇن ۋە تۇرگۇنلىگىدىن سۆيۇندۇم ،چۇنكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىغى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىناتتى.بۇ جەھەتتە ئىنسانلار ھايۋانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ سېزىمگە ئاساسەن ئىش قىلىش جەھەتتە ھايۋاندىنمۇ كۇچلۇك بولمىغاندا ئۇنى سەنئەتلەشتۇرىدىغان ئەقىلنىڭ ئىنسانغا خاس پەزىلەت ۋە سەلتەنەت شەكىللەندۇرمىكى  ئۆلەمەن ھالغا مەھكۇم بولۇپ كەتمەي قالمايتى.ئەمما نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنىڭ مۇشۇ ياشتىمۇ ئاشۇ ھايۋانىي تۇغۇچى ئاساسىدا سېزىم ئۇستىگە ئەقىل سەلتەنىتىنى قۇرۇپ بولالمىغىنىغا كۆڭلۇم يېرىم بولدى.مەن ھايۋانلاردەك گېلىغا،سېزىمىگە پۇتۇنلەي غەرىق بولۇپ كەتمىگەن،ھەرھالدا تۇرگۇنلىكى بار.ئەمما ئەقلىي سەلتەنىتىنى تېخى تىكلىيەلمىگەن بۇنداقلار بىلەن خېلى بىر مەزگىلگىچە  قويۇق ئارىلاشقان. بۇلار ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئەڭ كەڭ ئەڭ قايناق تەركىۋى بولۇپ،ھىسسى دۇنيادا ياشايدۇ.بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا ئويلايدۇ.ئۇيان بۇياندىن ئاڭلىۋالغان گەپنى سۆزلەيدۇ.ھازىرنىلا بىلىدۇ،بىرنىمىگە ئېرادە تىكلىمەيدۇ، ئۆلچىمى بولمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا سىياسەت يۇرگۇزمەيدۇ.بىر ئىشنىڭ ئەھلىمۇ بولۇپ بولالمايدۇ.ئىش ئەھلىلىرىنىڭ ئىنتىزامىغىمۇ كۆنەلمەيدۇ. كۆزىگە  ئىرادە قىلماسلىق،ئۆزىگە سىياسەت يۇرگۇزمەسلىكنىڭ يېتىپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەردىكى نىكاھسىز بىر بولۇشلار،ئېرىنىڭ ياكى خوتۇنىنىڭ كۆزىدىن يىراق ئەرلەر ۋە خوتۇنلارنىڭ ئېنىق زاھىرى ئەخلاقلارغا خىلاپ قىلمىشلارلاردىكى ئىپادىسىلا  چېلىقىدۇ.مۆرىتى كەپ قالسا بۇلاردىن غۇدىراپ قويىدۇ ياكى شۇ غۇدۇرىغىنىچە باشقا بىر قۇتۇپقا ئۆتىۋالغۇسى كىلىدۇ.گال،تۇرمۇش،دوراش ئالدىغا سېلىپ سوكۇلداتمىسا بىر ئىشنى قىلاي دىمەيدۇ. ئىشنىڭ قاتلىمىغا خارەكتېرىگە ئېرەڭسىمەيدۇ،نىمىنىڭ ئۆزى ،نىمىنىڭ ئۆرۇپ-ئادەت ،نىمىنىڭ،دىن،نىمىنڭ تۇزۇلمە،نىمىنىڭ ھۆكىمەت تەرىپىدىن بولىۋاتقانلىغىنى ئىلغا قىلالامايدۇ،شۇنىڭ بىلەن مىللەت ۋە جەمىيەتكە ئاڭلىق ۋە تەبئى قوشۇلالماي ئايرىم بىر پلانىت بولۇپ قالىدۇ.ناۋادا ھاياجانلىنىپ قالسا بۇ مەۋجۇتلۇقلارنى ئېلىشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ ياكى نىشانلايدۇ. ئورتاق تۇيغۇدىكى ھىسسى قىممەتنىڭ ھاسىل بولغان بولمىغىنىغىلا قارايدۇ. ئىشلىرىدىن،ھادىسە ۋە نەرسىلەردىن ئەقلى خۇلاسە كالام چىقارمايدۇ،پەقەت يە كۇلىدۇ،يە ئۇركۇپ قاچىدۇ،يە بۇگۇن يەم بېرىپ ئەتىسى قۇيرىغىنى سىلاپلا تاشلايدۇ،يە ئاچچىقلايدۇ،پىلان تۇزمەيدۇ،تەكشۇرمەيدۇ،تەھلىل قىلمايدۇ بېرىپلا دوقىرىدۇ.ئىجات قىلمايدۇ،قىلايمۇ دىمەيدۇ دورايدۇ.بايقىمايدۇ،قولغا چىققىنىنى ئېلىپلا ئىشلىتىدۇ. روياپقا چىققان نەتىجىنى ساناشقا،باھالاشقا قابىللىغى بولىدۇ،ئەمما ئۇنى روياپقا چىقىرىشنىڭ،يول-يوسۇنلىرىدا يەكدىللىق بىلەن ئېقىپ بولالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىش قىلىدىغىنى ئاز گەپ قىلىدىغىنى كۆپ ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئۇۋاق تەپەككۇر قىلىدۇ پۇتۇنلۇكتە مەسىلە ئويلىيالمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن تۇققانچىلىق يۇرتداشلىق،رىشتە،كۆنۇكۇش ياكى پەتىۋا بولمىغىنىدا قۇمدەك چېچېلىپ كېتىشكە،بولغان خىېمىردەك بوشۇشۇپ كىتىشكە تەييارلا تۇرىدۇ.بۇنداقلارنىڭ ئەڭ ئىلغارلىرى ئەن-ئەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىمىزدىكى ئىزچىللىقنىڭ ھارارىتىدە ھىسسى تونۇشلار ئاساسىدا مەسلەك تۇتالايدۇ ئەمما،ئۆزلۇك،خارەكتېر،مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە بۇلارنىڭ تېگىدىكى گۇزەللىككە بولغان تۇيغۇسى،ئىكرامى  بولمىغانسېرى ئىجيىمايى ئاكتىپلىقىنى،دادىسىنىڭ سايىسىدا ياشاشتىن،قايسىدۇر قولايلىقنىڭ، قايسىدۇر جامائەتنىڭ ياكى قايسىدۇر مەبۇدنىڭ سايىسىدا ياشاش، ماھىيەتتە دومىلاپ تۇرغان جەننەت «تەڭگىلىرى»ئۇچۇن بەت يۇزىدە بۇ پەتىۋاچى بولمىدى دەپ يەنە بىرسىنىڭ پېشىنى تۇتۇش ۋە تۇتتۇرۇش ئاكتىپلىغى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئويغاتمايدۇ.«ئەقلىڭنى يىغىشتۇر بۇيرىغاننى قىل»،«مۇنداق كىتاپلاردىن باشقا كىتاپلارنى ئوقىما،پالانىدىن باشقىسىنى تونىما» دىگەندەك گەپلەر بىلەن كىشىلەرنى بىكىنمىچىلىككە ،خارەكتېرسىزلىققا مەجبۇرلايدۇ.ساپاسىنى كۆتەمەيدۇ شەخسىيەتچى بولسا شەخسىيەتچى ھالدا مەسلەكنىڭ ئىشىك باقارى بولىدۇ.لۇكچەك بولسا لۇكچەك ھالدا مەسلىكىنىڭ مۇشتى بولىدۇ،جاپ-جاپ بولسا جاپ-جاپ ھالدا مەسلىكىنى سۆزلەيدىغان بولىدۇ.خېچىر بولسا خېچىرلىغى بىلەن مەسلىكىنىڭ يۇكىنى دۇمبىسىگە ئارتىدۇ ۋاھاكازا.
بۇ سىنىپ بىزدە شۇ دەرىجىدە نوپۇسلۇقكى ئۇلار بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ھېساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە مەدىنىيەت سەۋىيەسى كۆپىنچىسىنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىن ئاشمايدۇ.ئوقۇتۇش سۇپىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى،مائارىپنىڭ ئەن-ئەنىمىز بىلەن بولغان تېركىشىشچانلىغىنى نەزەرگە ئالغاندا  ئەھۋال تېخىمۇ ناچار. ئەلۋەتتە بۇلاردىن ئەتتىگەندە خورازنىڭ چىللىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئۆتەپلا يەنە ئۇخلىماي ئىشىغا ،ئىشىنىڭ ئىنتىزامىغا چۇشۇشكە ئادەتلەنگەن، بۇخىل ياشاش شەكلىگە ئۇسقىنى توغرا كېلىپ قالغان ئىش قولاشتۇرىدىغانلارمۇ چىقماي قالمايدۇ. ئەمما كۆڭلى دەريادەك كەڭرى ،مەردانە لېكىن يۇقىرقىدەك نۇقسانى بار بۇ خىل ئىنسان تىپلىرىنىڭ كەمتۇكلىكى تارىخ كىتاپلىرىدا بەرىبىر «دىھقانلار ئىنقىلابى ئۆز خارەكتېرىنىڭ چەكلىمىسى تۇپەيلىدىن ماھىيەتتە غەلىبە قىلالمايدۇ» دەپ خۇلاسىلىنىدۇ.

        دۇرۇس ئارىمىزدا مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئىشنىڭ سېتكېسى بويىچە خىزمەت قىلىشقا كۆندۇرۇلگەن ئۇچ يۇزمىڭ ئەتراپىدا خىزمەتچى بار .ئەمما  ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىشنىڭ يوسۇنىنى چۇشۇنۇپ ئۆزىگە سىياسەت يۇرگۇزىدىغانلاردىن ئۇنى چۇشەنمەستىنلا قولىغا چۇشىدىغان ئاقچا يۇزىسىدىن «باشقىلار»نىڭ سىياسىتىگە قۇللۇق قىلىدىغانلار جىق.بۇلارنىڭ ئەھۋالى ئويغاق دېھقانلاردىن تېخىمۇ بەتتەر.شۇڭا يۇرتىمىزدا ئىش قىلىشنىڭ يول-يوسۇنلىرىدا تەربىيە كۆرگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ،كەسپكە غەرقلەرنىڭ كۇنىمىزدە خەلقىمىزنىڭ ھاياتىي كۇچىنى ئۇرغۇتۇشقا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس.ھەم بۇلارمۇ كۆپ ھاللاردا بۇنىڭغا ئۆزىنى بۇرۇچلۇق سانىمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەمىيتىمىزدىكى ئەڭ چېلىقىشلىق يېرى ئايدا ئالىدىغان مۇئاشى،ۋە ئىمتىيازى خالاس.شۇڭا بەزى جايلاردا ھەتتا مۇشۇ ئايلىق سايىسىدا ئايلىقچى قالاق دېھقاننى ياراتمايدىغان،دېھقاننىڭ سەرخىللىرى مەنىۋىي قىممىتى سەۋەپلىك ئايلىقچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋەزىيەت روشەن شەكىللىنىكلىك.تېخى بۇ ئەخمىقانە ھالدا قوساق سوقىشىغا ئايلاندۇرۇلغان يەرلەرمۇ يوق ئەمەس.

        خەلقىمىزنىڭ تارىخىدا خوتەن،يەكەن،قەشقەر،كۇچا تەڭ دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىدى.ئەمما 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئېلىپ بېرىلغان  ئاقارتىش ھەرىكىتى،چەتئەللەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىنىڭ كۇچىيىشى بىلەن قەشقەر زېھنىيەت جەھەتتە نىسبەتەن كۆزگە كۆرۇنۇپ ئۆزىدىن ئۇستۇنرەك ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن يەكەننى ئارقىغا تاشلىدى.غۇلجىغا تاتارلاربىلەن كەلگەن سودا سېتىق بولۇپمۇ مەدىنىيەت ۋە زېھنىيەت تەسىرىدە غۇلجا بىلەن چۆچەك بىردىنلا چاقناپ شەھەرلىك ئورۇنغا ئۆتۇپ خارەكتېرى يوق خۆتەن ۋە كۇچادىن چوڭ شەھەر بولۇپ قالدى.ئۇنداقتا تاتارلار ۋە ئالاقىلار بىلەن غۇلجا چۆچەككە قانداق زېھنىيەت كەلدى،خۆتەن ۋە كۇچاغا بۇ ۋاستىلار بىلەن قانداق زېھنىيەت كىلەلمىدى؟كەلگەن بولسىمۇ ئۇ قانداق زېھنىيەت ئۇستىدىن غەلىبە قىلاممدى؟ كۇنىمىزدە بىز بۇ خىل زېھنىيەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان بولدۇقمۇ؟
  داۋاملىق ئۇيەر-بۇيەرلەردە ئۇچ ۋېلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى كىشىلەر توغرىسىدىكى باھالار قۇلىغىمغا كىرىپ تۇرىدۇ.كۆپ چاغلاردا بۇ گەپلەر ئەلىخان تۆرىدىن سۆيۇنۇش،ئەخمەتجام قاسىمىدىن يامانلاش تەرىپىنى ئېلىپ توختايدۇ.ئسەۋەپ دىنىي مەيلىمىز ئارتىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە ئەلىخان تۆرىنىڭ گەپلىرى نۇرغۇنلىرىمىزغا يېقىشلىق ئاڭلىنىدۇ.ئەمما ئىشلارغا مۇشۇنداق باھا بېرىش كېرەكمۇ؟ بىر كىشىنىڭ ساڭا يېقىشلىق يېقىشسىزلىغىغا قارامدىمىز ياكى ئۇنىڭ بىز سۆيىنىۋاتقان ئىشتا قانچىلىك تۆھپىسى بولغانلىغىغا قارامدىمىز؟مەزمۇت بىر ئارمىيە سېستىمىسىنى تۇزۇپ 30مىڭ كىشىگە مۇنتېزىم تۇس بېرەلىگەن بىر ئادەم بىلەن ھەرقايسى كۇچلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى دىگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرەلمەيدىغان بىر ناتىقنى قانداقمۇ بىر يەرگە قويغىلى بولىدۇ؟ئۇچ ۋىلايەتنى سۆۋىت ئۇرانغا مۇھتاج بولۇپ قېلىپ قوزغىغانكەن-ھە توۋا! شىڭشىسەينى جازالاش ئۇچۇن قوزغىغانكەنغۇ؟ دىگەندەك بايقاشلار بىلەن ھەسرەتلىنىپ يۇرگەن ۋە بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنى يامانشىشىقا تەييار تۇرغان نۇرغۇن كىشىنى ئۇچراتتىم.لېكىن ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟روسىيە سېنىڭ داداڭمىتى يېغلىساڭلا كېلىپ بېشىڭنى سىلايدىغان.ئۇنىڭ مەلۇم بىر مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئۇچ ۋېلايەت ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىدىغانلىغى ئەقەللى ساۋاتقۇ؟بۇنى ھەدىسە ئاللاھنىڭ گىپىنى قىلىدىغان ئەلىخان تۆرە نىمىشقا بىلمەيدۇ؟بىلسە نىمىشقا بىلگەنگە چۇشلۇق ئىش قىلاممايدۇ؟ شۇ مەزگىللەردە قۇرئانغا توم-توم شەرھى يازغان مەشھۇر زېرىپ قارىھاجىمۇ غۇلجىدا بار ئىدىغۇ؟ ئوينى نىمىشقا ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ قىلىدۇ ،بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىمىز،ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئەڭ ياخشى قىلغان كىشىمىز كىم؟ دەپ قىلىپ كىلەلمەيمىز؟.بۇنىڭغا نەرىمىز يەتمەيدۇ.ھەممىدىن يامىنى بىر ئۇقۇمنى،بىر تىمىنى تېپىۋالسا ھەر سورۇندا «فىقھىچە»،«شائىرچە»،«لۇكچەكچە»ئومۇمەن تۇرلۇكچە ناتىقلىق قىلىپ ھارمايدىغانلار كۇرمىڭ ئەمما بىرەر مەسىلىنى ئۆز ئىنچىكىلىگى ،بالاغىتى ۋە جەريانى بىلەن چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ ئۇنى ھەل قىلىشقا تۇتۇنىدىغانلارنى سانىسا بارماق ئېشىپ قالىدىغان ئەھۋال ھازىرمۇ نىمىشقا ئۆزگەرمەيدۇ؟

        1995-يىلى خوتەنگە بارسام خوتەندە «قاراقاشلىىقنىڭ چىشى ئوتتۇز ئىككى» دەيدىغان گەپ باركەن.تېبابەتتىن ئاز تولا خەۋىرىم بولغاچقا بۇنىڭ؛مىنىڭ ئېغىزىمدا گىپىم بار،ئەقلىم بار ،بىلىمىم بار دىسىلا بولىۋېرىدىغان ئىش يوق.ھەقىقەتەن ئەقىل بولسا ئەقىل چىشى چىققان بولىدۇ.بولمىسا ئۆزەڭنى مىڭ تەرىپلىگىنىڭ بىلەن بىكا.بۇ جەھەتتە قاراقاشلىققا شەك يوق دىگەن گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.سوبىكتىپچانلىق بىلەن ئەمىلىي مۇئەسسەنى پەرىقلەندۇرىدىغان،سۇنئى كەيپىياتقا ئەمەس تەبئى ئەقلىي مۇەسسەگە ئېتىبار بېرىدىغان  بۇ ئەن-ئەنە مېنى سۆيۇندۇردى.ئۇنىڭدىكى «تەبئىلىك» تەرەپنىڭ كامالەتكە  توغرا كىلىدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن بىر ئىشقا ھازىرلىنىۋاتقىنىمدا ئوبرازلىق قىلىپ ئۆز-ئۆزۇمگە توختا،ئالدى بىلەن چىشىڭنى بىر ساناپ باققىن دەيدىغان بولدۇم.ئۆزۇمدە شۇ ئىشقا قارىتا كامالى ئەقىلنىڭ بار يوقلىغىنى ھەر يۆنىلىشلەر بويىچە كۇزىتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردىم. بۇنى جەمىيەتكىمۇ،جاماەتكىمۇ تەدبىقلاپ كەلدىم.ئەمما «ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق» دىگەن ماۋزۇدا كۆرسەتكىمىزدەك ئەقلىي كامالىتىمىزنىڭ گىپىنى قىلمىغاندىمۇ ئەقەللىسى «پەرىشتە بولىتىم ياكى بولىتۇق» دەپ يۇرمەي بىلىنى سۇندۇرماستىن دەۋر ۋە شارائىتنىڭ سۇڭگۇچلىرىدىن پۆپىلەپ ئۆتۇشتىن يانمىغان،ئالدىغا كەلگەن ئىشقا كۆكرەكلىرىنى كېرىپ چىققان، ھاياتنىڭ ئاچچىق تاتلىقلىرىغا،گېزى كەلسە شەرەپكىلا ئەمەس، نومۇسلىرىغا،باتىل مەسلەكلىرىگە چېكىنمەستىن سۇۋالغان چىشى ئوتتۇز ئىككى پىشىۋالارنىمۇ ئىلغا قىلالمايۋاتقانلىغىمىزنى كۆردۇم. ھالبۇكى بۇ گەپلەرمۇ  تۇرۇپ تۇرسۇن  دىسەكمۇ  تېخى بۇنى ئاز دەپ مۇنداق كارتىنىلار ئېچىلىپ تۇرىدۇ.

         بىر كۈنى دائىم چەت ئەللىكلەر بىلەن ئاز − تولا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بىرسىنىڭ ھەسرەت بىلەن: جاھان «ئۇيغۇر» دېگەن بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن، دەپ ئۆكسىگىنىنى ئاڭلىدىم. «ئۇيغۇر» دېگەن نام 1932 − يىلى رەسمىي مىللەت نامى بولغان ئىكەن، ھەتتا رايونىمىزدىكى مەسچىتلەردە  50 ياشتىن يۇقىرى ياشلىق ئىماملار تا ھازىرغىچە ئۆز تىلىمىزدىكى كونا ئەسەرلەرنى «تۈركىي ئەسەرلەر، تۈركىي تەفسىرلەر»  دەپ ئاتىغان يەردە باشقىلارنىڭ بىلمەسلىكى تەبىئىي ئىدى. چۈنكى، ئاۋۇت دېگەن ئېسىمنى سەمەد دەپ ئۆزگەرتىۋېتىپ، مېنى خېلى يېقىنلارمۇ تونىمايدىكەن، دەپ ئۆكۈنۈپ يۈرسەم بولمايدۇ-دە. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا مۇشۇنداق ھەيران قېلىشى ھەممەيلەننىڭ پەخىرلىنىدىغىنى، سۆزلەيدىغىنى 1932 − يىلدىن بۇرۇنقى ئۆتمۈش تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىسمىدىن ئەمەس، ئۆزىدىن ئۆكۈنىدىغانلىقى مېنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ.بۇنى ماددى يوقسۇللىغى جېنىغا ئۆتۇپ كەتكەن كىشىنىڭ پۇل تاپقاندىن كىيىنكى بەتخەجلىكى،تېپىۋاتقاندىكى شۇملىقى،ئىككى تىللىقى،مەنىۋى يوقسۇللىقى جېنىغا ئۆتۇپ كەتكەن كىشىنىڭ كۆرەڭلىكى،ياسانچۇق ۋە ياسالمىلىغى،كىبرى،رادىكاللىغىنىڭ مەنىسىزلىگىگە تەققاسلايمەن.چۇنكى قارا يوقسۇلنىڭ قولىغا بىرنىمىنىڭ چۇشكىنىنىڭ ئۆزى ئالەمچە ئىش بولۇپ، قولىغا كەلگەن بۇ مال،ئىمتىياز ۋە ئۇقۇمنىڭ چىن مەنىسىنىڭ نىمىلىكى ۋە قانداقلىغىنى  كاللىغا كەلتۇرۇش ھاجەت ئەمەس.بۇنداق ئاچنىڭ تويىشىغا كىمىدە 10-20يىل كىتىدۇ.ئەممە مەسىلە 10-20 يىلدا تويىدىغان بۇ خىل كىشىلەر ئازسانلىقمۇ؟ئازسانلىق بولسا ئۇيغۇر تارىخىنى ھەر 40-50 يىلنى بىر دەۋر قىلىپ ئويلاشساق ئالدىنقى دەۋردە ھەل بولغان مەسىلە كىيىنكى دەۋرگە يەنە نىمىشقا مەسىلە پېتى  ئوتتۇرغا چۇشىدۇ؟ مىللى ئۆزلۇك مەسىلىسى،ۋەتەن مەسىلىسى،سىياسىە مەسىلىسى،پەننى مائارىپ مەسىلىسى،ئىگىلىك مەسىلىسى،كەسپى روھ مەسىلىسى نىمىشقا دەۋردىن دەۋرگە ئوتتۇرغا تاشلىنىپ ھەل بولۇپ يەنە ئوتتۇرغا تاشلىنىپ كېتىۋېرىدۇ؟ خۇددى ئۇرۇمچىدىكى بىر مىچىتنىڭ ئىمامى جۇمە خۇتبىسىدە ئاۋازىنى قەشقەر شەھەرلىكلىرىنىڭ سەرالىقلارغا خىتاپ قىلىدىغان پوسۇنىدا چىقىرىپ «سەن  ئاناڭنى سۆيسەڭ سۆيىۋەر! داداڭنى سۆيسەڭ سۆيىۋەر!بالاڭنى سۆيسەڭ سۆيىۋەر! مال-دۇنيايىڭنى سۆيسەڭ سۆيىۋەر ئاللاھنى سۆيمىسەڭ بىكا! » دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىللەتنى ئەمەس ھەتتا بىر پۇتۇن ئىنسانلىقنىڭ ھەر تەرىپىنى  بىرى-بىرىگە دۇشمەن قىلىپ ماڭىدىغان ياكى ياخشاراق ئويلىغاندا شۇنداق دۇشمەنلەشتۇرۇپ بايان قىلىشنى ۋاستە قىلىشتىن ئايانمايدىغان زېھنىيەت نىمىشقا ئاپپاق غوجىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۆزگەرمەيدۇ؟

         دۇرۇس،شۇنىڭغىمۇ تا ھازىرغىچە ئارىمىزدىن شۇنچە ئادۋوكات چىقتى-يۇ تارىخىمىزدىكى فېقىھ ۋە فېقىھشۇناسلىق روھىنى ئادۋوكاتلىق ۋە قانۇنچىلىق روھىغا يۇغۇرۇپ پۇتۇنلىشەلمىدى.شۇنچە مائارىپچىلا ئۆتتى-يۇ مىڭ يىللىق مائارىپ تارىخىمىزدىن مائارىپ روھى ۋە ئىلمىنى خۇلاسىلىيالمىدى.شۇنچىلا تىلشۇناس تەربىيىلەندى-يۇ تىلىمىزنىڭ پەلسەپەسىنى تۇرغۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بىر ئىملانىڭ 4-5 يىللىق مۇقىملىغىنى ساقلىيالمىدى شۇنچىلا تەبئى پەنچى تەربىيىلەندى-يۇ خەلقىمىزدە تەبئى پەن روھى ۋە ھاۋاسى شەكىللەندۇرەلمىدى.ئومومەن ھەر كەسىپ ھەر ئىلىمنىڭ روھى ،ئىرادىسى،ھاياتى كۇچى ۋە جاسارىتىنى كۆرسىتەلمىدى.بۇنىڭ تىگىدىكى سەلتەنەتنىڭ گۇزەللىكىنى يىلىكىمىزدىن تۇيۇشقا مۇيەسسەر بولالمىدۇق.تەبئىلا بىر قىسىم رېقابەتلەرنى سۆيەلمىگەندىكىن قورۇقتۇق.مىللىيىتىمىزنى بىلىپ بىلمەي ئۆزگەرىتتۇق .كۆپىنچەيلەن رېقابەتكە يۇزلەنمىدۇق ئەمما «بېشىغا كۇن كەلگەندە خۇدانى تونۇش» تەرزىدە رېقابەتتىن دالدىلانغانلار جىق كۆرۇلدى.نۇرغۇن يەرلەردە رەت قىلىندۇق،مەيلى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمىدۇق ئەمما ماڭا تاقشىۋاتقان يەر نە؟مېنى نىمىشقا رەت قىلالايدۇ؟دىگەن مەسىلىدىكى ئىزدىنىشتە  يەنىلا مەنىۋىي جەھەتتە يىلىكى تولمىغانلىق رولىنى كۆرسەتمەي قالمىدى.نۇرغۇن كىشى بۇ سۇئاللارنى تاشلاپ شەخسىيىتى بىلەنلا بولىدىغان بالىلىغىغا قايتىپ كەتتى.ياكى تاۋۇتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭساق ياخشىمۇ سول تەرىپىدە ماڭساق ياخشىمۇ دەيدىغان يېڭى سۇئاللار ۋە ئىشلارنى تېپىۋالدى.ھەتتا بۇلار جىنازىنىڭ ئوڭ تەرەپ ياكى سۆل تەرىپىدە مېڭىش مۇھىم ئەمەس مۇھىمى سېنىڭ جىنازىنىڭ ئىچىدە ياكى تېشىدا بولۇشۇڭ دەيدىغانلارغا ھۇرپىيەلىگىدەك جاھالەت بولۇپ شەكىللەندى.ئات مېنىۋالغان قەلەندەرنىڭ كىرمىگەن ئۆيى ،چىقمىغان دۆڭى قالمىغانلىق ھىكايىلىرىنى ھەدەپ سۆزلەپ قەلەندەرنىڭ قەلەندەرلىكىنى ئۆزگەرتىش يولىنى ئەمەس بەلكى ئۇنى كىشەنلەشنىڭ ئىنسانپەرۋەرسىز يولىنى  تەرغىپ قىلىشقا تۇتۇندى.شۇنداقتىمۇ ھەر ھالدا شۇكرىلەركى ئادىمىيلىك يولىنى مەھكەم تۇتقان ئېتىقات ۋە ئەدەبىيات بۇ جەھەتتىكى تەرەققىياتتا چۆلدە ناخشا ئوقۇپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك تەبئى سۆيۇنۇشلىرىمىز ئىچىدە بولدى خالاس.
          ھەر ھالدا بىزنىڭ خەلقىمىز قۇل مېجەز ،خورلۇققا قېن-قېنىدىن كۆنۇك خەق ئەمەس قەددىنى تىك تۇتۇشنى تەلەپ قىلساق بولىدىغان خەلق شۇڭا تا ھازىرغىچە خوجىنىياز ھاجى ئۆز خەلقى قوينىدا تۇرۇپمۇ نېمىشقا ئەسكىرىي كۈچىنى ئاۋۇتۇش ۋە مۇنتىزىملاشتۇرۇش جەھەتتە ماجۇڭيىڭدەك قاچقۇنچە بولالمايدۇ؟ پۈتكۈل ئىنقىلاب ھاياتىدا ماجۇڭيىڭدەك ئۈرۈمچىنى 30 كۈن ئەمەس، ئۈچ كۈن قورشاۋغا ئالغۇدەك بىرەر قېتىم ئۇرۇش ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ؟ ئەركەشتامدا 81 تال مىلتىق ئۈچۈن بىر ئاي ياتقاندا، قەشقەردەك ھۈنەرۋەنلەر ماكانىدا مىلتىق ياسىيالايدىغان ئادەم چىقماسمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئويلاشقا ئەقلى يەتمىگەنمىدۇ؟ دېگەنلەر خىيالىمدىن كەتمەيدۇ.لېكىن ئۇنىڭ ئادەم كۆپ دەپ قەشقەرگە بارغىنىنى ،بىراق نەچچە مىڭ ئەسكەرنىڭ تۇڭگانلارنىڭ تاراسلاپ ئات چېپىپ كېلىۋاتقان زئەپتىگە قاراپلا قوي پادىسىدەك قېچىپ ئۇنى  مات قىلغىنىنى ئەسلەپ كۇلۇپ كېتىمەن.ئەينى چاغدا ئىقتىسات،دىنىي ئۆلىمالار مەركىزى بولغان قەشقەردە نىمە كام ئىدى؟ ھەي قەشقەردە ھاجىم چوڭ بىلگەنچىلىك ئىش بولماپتىكەندە دەيمەنۇ يەنە ھاجىمنىڭ شۇنداقتىمۇ ئەمىرلىك ئىرادىسى بىلەن ئۇ سۇئاللارنى ئويلاشقا ۋە ئۇنى شۇنداق قىلىشقا سىياسەت يۇرگۇزەلمىگىنىگە ئېچىنىمەن.ئەمما ئۇنىڭدىن كىيىنكىلەر بۇ ساۋاقلاردىن دەرس ئالغانمىدۇ؟مەھمۇت مۇھىتىنىڭ دىۋىيىزىدىكى سوۋىتتە ۋە ئۇرۇمچىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن ئوفىتسىرلىرىنىڭ 1-2 يىلدا ئۆتۇلگەن «يېڭى ۋە يېقىشلىق»دەرسلەردىن كىيىن ئۆز قوماندانى،ئۇنىمۇ دېمىگەندە ئۆز تۇققىنىغا،يۇرتتىشىغا خىيانەت قىلغانلىرىدىن ساۋاق ئېلىنغاندەك ئەمەس.  ئۇچ ۋېلايەت ئارمىيىسىنىڭ  ماناس دەرياسىدا،ئاقسۇدا توختاپ قېلىشىدىن ساۋاق ئېلىنغاندەك ئەمەس.بۇگۇنكى كۇندە ئۆزىگە ئۇقۇم سېستىمىسى،دەرسلىك ۋە تىما بىكىتەلەيدىغان ۋە بۇ جەھەتتە ئۇتۇقلۇق بولغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئوقىغان بالىلارنىڭ جىقلىغىغا باققاندا ئازلىغىغا،يېڭى بىر «ئىبادەت» پىكرىنى تاپقاندا 1000 يىللىق ئىسلامى ئەن-ئەنىگە ئىگە مىللەتنىڭ ياشانغانلىرىنى «مۇشۇ بىر ئەۋلات ئۆلسە دىن تۇزىلىدۇ» دەپ قاغاشلاردىن قارىغاندا ساۋاق ئېلىنغاندەك ئەمەس.بەلكىم غەلىبە قىلسا «ئاللا نۇسرەت بەردى» دەپ، مەغلۇپ بولسا «ئاللادىن كەلگەن كەلمىش» دەپ، كەچمىشلەر قەترىلىرىدە يالتىراپ تۇرغان ئۇنچىلەر بىلەن كىلەچەك ئىشلىرىغا خۇرجۇنلىرىمىزنى توشقۇزماي قۇرۇق تاغارنى مۇرىمىزگە سېلىپ خاتىرجەم يۈرگەندۇق.
         بۇنداق چاغلاردا ھەسرەت بىلەن ئاچچىق كۈلۈپ كېتىمەن.شۇنچىۋىلا ئىنقىلاب بولۇپمۇ ئارىمىزدىن «بىز ھەربىي ئىلىمدە يوقكەنمىز» دەپ تونۇپ، ئۆز بالىلىرىنى كېرەكلىك شۇ نەرسىنى ئىگىلىشىگە ئاتىغانلارنىڭ يوقلۇقىغا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى باش قوماندان لىسكىننىڭ ئىسپات بولۇپ كېلىشى قەلبىمگە تۈگىمەس ئازابلارنى سالىدۇ.غۇدىراپ يۇرۇشتىن باشقا ھىچ ئىشقا كۇچى يەتمەيدىغان كىتاپ ئوقۇيدىغانلار،بىر قورونىڭ ئىچىدە كىچىكلەر بىلەنلا يۇرۇيدىغان ئوقۇتقۇچىلار،ئۆزىنىڭ جېنىنى ھەر ھالدا بېقىپ كېتىۋاتقان رېمونتچىلار،ساتراشلار،تۆمۇرچىلەر،ئاسما ئوكۇل سېلىپلا ئۆتىدىغان دوختۇرلار،مايلا پۇراپ تۇرىدىغان قاسساپلار،ھۆكىمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان خىزمەتچىلەر،ئالىدىغانلىكى مالنى ساتىدىغان دۇكاندارلار، دېھقانلار،بىرقەدەر قىززىق قىماۋازلار،جىددى يۇرۇيدىغان قارىملار،يۇقىرىنىڭ گىپىنى تۆۋەننىڭ تۇزىمىنى تۇتىدىغان باشلىقلاردىن تەشكىللەنگەن مەلە كەنتلىرىمىزنىڭ مۇشۇ تۇرۇقتا خاس ئويسىىز،خاس تىمىسىز،خاس  يۇرەكسىز كۆزگە تاشلىنىشى ۋە ھەممە يەردىن ئىجرا پۇراپ تۇرىشى بۇ غەشلىكنى تېخىمۇ بەك ئۇلغايتىدۇ.تېخىمۇ مۇھىمى خەلقىمىزنىڭ 70% تى مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشايدۇ.ھەيران قالارلىغى ئۇرۇمچىدە خېلى يوغان سۆزلەپ يۇرگەن كىشىلەر يۇرتنى ئۆزگەرتمەي بولمايدۇ بىز ئۆزگەرتمىسەك كىم ئۆزگەرتىدۇ دىمەيدۇ بەلكى «ھەي يۇرتتا ياشىماق تەس » دەپ خۇلاسە قىلىشىدۇ.كەيپىياتىنىڭ ئىزچىللىغى بىلەن بۇ تەسلىكلەردىن ھالقىش ئۇچۇن ئۆگىنەي دىمەيدۇ.بۇ تەسلىكلەردىن ھالقىيدىغان قوراللارنى بىلەي دىمەيدۇ ھەتتا تەس دەپۋاتقىنىدا پۇتۇن يۇرتنى كۆزدە تۇتمايدۇ بەلكى ئۆزى قىلماقچى بولغان ناھايىتى ئۇۋاق بىر ئىككى ئىشنىلا كۆزدە تۇتىدۇ.
 راس  ئىنساندىكى سەلتەنەتنى بىلمەيدىغان كىشى ئۇنىڭغا قىلىنغان زۇلۇمنىمۇ.مۇھىتنىڭ ئۇنىڭدىن كۇتكەن ئۇمۇدىنىمۇ بىلمەيدۇ ،بۇنىڭغا قارىتا قارارىمۇ بولمايدۇ.كۆرۇنگىنىدەكمۇ بولالمايدۇ،بەلكى ھايۋان كەبى مۇھىتىغا غەرىق ھالدا ياشايدۇ.مۇھىت قاياققا ئاققۇزسا شۇ ياققا ماڭىدۇ.ھالبۇكى بۇنى تۇيغانلار نىمىشقا بۇنىڭغا قارىتا سىياسەت يۇرگۇزۇشكە ئىرادە تىكلىيەلمەيدۇ؟يولنىڭ ئاسىنىغا، ناننىڭ يۇمشىقىغا ئېسىلىپ ئىنسانى بۇرچىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇش،  ئېرادىسى ئۆلتۇرۇش،ھىچبىر يېرىدە سەنئىتى يوق،پەقەت ئۆچىگىدىن بەكەرەك چىققاندا ساراڭلىغىلا بار تىرىك مۇردا بولۇش،ياكى خزمەتچى بولۇپ زىياپەت ۋە مۇئەييەن سورۇنلاردىلاا سالاپەتلىك «ئادەم» كۆرىنۇش،ۋە ياكى پەقەت ئىمان بىناسىنىڭ تاماملىغۇچىسى بولغان شەكلى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىپلا قۇلاقنى يوپۇرۇپ يۇرۇش ۋە ياكى  ئىش قىلمايدىغان،ياكى تەپرىقچىلىق قىلىپ جىدەل ئوينايدىغان  يەرگە بېرىۋىلىپ «مەن ئويغۇر» ياكى «مۇسۇلمان»دەپ توۋلاپ يۈرۇش ياخشى ئىشمۇ؟ 

       بۇنىڭ كارتىنىلىرى يەنە تۇگىمەيدۇ.ئۈرۈمچىدە دۆڭ كۆۋرۈكنىڭ ئارقىدىكى كونا كىيىم − كىچەكلەر بازىرىدىن ھەر ئۆتسەم يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشىپ كېتىدۇ. ئىچكىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كونا كىيىملەرنى ئېلىپ كېلىپ يۇرتىمىز بازىرىنى ئاشۇ ئەخلەتلەر بىلەن تولدۇرۇۋاتقان سودىگەرلەرگە ئىچ − ئېچىمدىن نەپرەتلىنىپ كېتىمەن.  خەقنىڭ ھەتتا ئەخلەتلىرىمۇ نۇرغۇن ھۈنەرۋەنلىرىمىزنى ئىشسىز قويۇشقا قۇربەتلىك بولۇپ كېتىۋاتقىنىغا ئىچ − ئىچىمدىن ئۆكۈنىمەن.  ئۆز − ئۆزۈمگە تىلىسەڭ تاپىسەن يۇلتۇزۇڭنى چۇشۇرۇپ خەقتىن ئاشقان - تاشقاننى كىيىشكە كۆڭلى كۆتۇرۇپ ساتىدىغان،ئالىدىغان بولغان بولساڭ ئاشۇنداق كۆڭۇلنىڭ دىلى سۇنۇق بىچارىلىكى  ئەتە ئۆگۇن چوقۇم ساڭا قىسمەت بولماي قالمايدۇ.ھىچ بولمىغاندا بولسا مۇشۇنداق خۇنۇك قىلمىشلار بىلەن ئارىمىزدا ئىقتىدارلىق ئادەملەر قالمىسۇن،دىمىسىمۇ  نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ساڭا بۈزۈكۋار تۇيۇلغان ئەرەبلەرمۇ «قىلچە ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلىماي ھەق ئۈستىدە تۇرۇپ»، ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان كۈچلۈك دۆلەت ئىراقنى خەققە پۇل خەجلەپ يۈرۈپ دۇمبالىتىپ، يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىپ ئەمدى ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە تەرىنى تۈرۈۋىدى ئاراپات ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان نوچى تاپالماي تەرەپ − تەرەپتە قاتراپ يۈرمەمدۇ؟ بولسا سەنمۇ ئاشۇ ئاكاڭنىڭ يولىدىن ماڭغىن، دەپ قويىمەن. ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەينى دەۋردە سەمەرقەندكە تىجارەتكە كېلىپ دەسمايىسىدىن ئايرىلغانلارغا ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىن مەبلەخ ئاجرىتىپ دەسمايىسىنى تولۇقلاپ بەرگىنىدەك بۇ ئاقىلانە تەدبىرى كۆزۈمگە گۈل بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭدىكى پەرۋىشچى روھقا سۆيۈنۈپ كېتىمەن. ئەمما يىل بويى نوپوس بېشىغا بەش فۇڭدىن توغرا كېلىدىغان يەرگە قۇلدەك ئىشلەپ قورساقتىن ئىشىنالمايدىغان دېھقانلىرىمىزنىڭ 10 كوي بىلەن بالىلىرىنى راۋۇرۇس، چىرايلىق كىيىندۈرۈۋالغىنىغا كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ ئۇھ دېيىشلىرى نېمىلا دېگەن بىلەن كۆڭلۈمگە بىر خىل ئاراملىق بېرىدۇ.شۇنداق قىلىپ،يۇقارقى ئەيىپلەش نەزەرلىرىمگە گۇمان بىلەن قارىغۇم كىلىدۇ-يۇ، شۇنداقتىمۇ يۇكسەكلىكتىن داجىغاندا كاللىغا كېلىدىغان بۇ ۋەس-ۋەسىنىڭ مەيدىسىنى ئىتتىرىپ، يەنىلا كاللامدىن ئۇلار «قاچانغىچە خەقتىن ئاشقىنىنى كىيىمەن؟» دېيەلىگۈدەك بولار؟ بۇلارغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن.  ئۆزىچە ھالال − ھارامنى ئايرىپ ياشايدىغان، تەقۋالىق دەۋاسىدا مەغرۇر ئاشۇ ئەسكى − تۈسكىلەرنى يۆتكەپ سېتىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ دىلىغا ھالال − ھارامنى ئايرىشنىڭ مىجازى ھۆكۈملىرى قاچانمۇ يېتەر؟ مۇشۇنداق ئادەملەر پۇل تېپىپ بىر جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنى پەيدا قىلسا ئۇنىڭدىن غۇرۇر ۋە ۋىجداننىڭ سەزگۈر ۋە ئاقىل ئىنكاسلىرىنى ئوچۇق بايقىغىلى بولارمۇ، ئۇلاردىكى كەم نەرسە زادى نېمە؟ دەيدىغان سۇال كەتمەيدۇ.
          مەن بىر ھاجىمنى تونۇيتتۇم، ئۇ بىر − ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغان ئادەم بولۇپ، يىلىغا ئۈچ − تۆت يۈز توننا ئەتراپىدا ئۈزۈم چىقىراتتى. چىڭدۇدىكى بىر يەرلىك سودىگەرگە 8 − ئايدىن باشلاپ نىسى مال ئۆتكۈزۈپ 3 − ئايلاردا ھېساب قىلىشىپ كېتەتتى. بىر يىلى مۇشۇ ھاجىم ھېساب قىلغىلى كەلگەن كۈنلەردە چىڭدۇغا يىغىلغان، بارلىق ھەقدارلار ھېلىقى يەرلىكنىڭ كاتتا زىياپىتىدە بوپتۇ، ساھىبخان ئۆز ئادىتى بويىچە مېھمانلارغا ھۆرمەت شارابى تۇتۇپ قىزىغاندىن كېيىن، نېمىنى ئويلاپ قالغان تولدۇرۇپ بىر رۇمكا ھاراقنى قۇيۇپ، باياتىن ئۆزرە ئېيتىپ ئولتۇرغان ھاجىمغا تەڭلەپتۇ ۋە قايتىلاپ − قايتىلاپ زورلىغاندىن كېيىن رۇمكىنى ھاجىمنىڭ ئالدىغا تاققىدە قويۇپ، ھاجى مۇشۇ ھاراقنى ئىچمىسەڭ، ئەتە سېنىڭ پۇلۇڭنى ئالغىنىڭنى بىر كۆرەي دەپتۇ. ھاجىم ئىچەلمەسلىكنىڭ ئۆزرىسىدە بىر دەم يالۋۇرغاندىن كېيىن، رۇمكىنى قولىغا ئاپتۇ − دە، گۈپلا قىلىپ كۆتۈرۈۋېتىپتۇ. توۋا دەيمەن، پۇلۇڭنى ئالغىنىڭنى بىر كۆرەي دېگەن بۇ گەپ ئېتىقادىغىغۇ تەگمىسۇن، ئەرلىك غۇرۇرىغا نېمىشقا تەگمىگەندۇ؟ ھەققانىي ھوقوق يولسىز تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئۇنىڭ مۇشتى نېمىشقا تۈگۈلمەيدۇ!



ئالىي ئەزا

2

تېما

0

دوست

2707

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 559
تۆھپە : 459
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 16:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇڭقۇر تەپەككۇر قىلىنغان تىمىكەن،بىلىمىڭىزگە ،سىزنى ئاپىرىدە قىلغان ئاتا-ئانىڭىزغا ئاپىرىن
                                                                     قانداق قىلىش كىرەك ئەمدى؟............
قۇتلان تېلفۇنلىرى

148

تېما

0

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   51.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1404
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 6527
تۆھپە : 5061
توردىكى ۋاقتى: 1309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 16:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇنى نادىر تېما دەيمىز!!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

5

تېما

0

دوست

4472

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 897
توردىكى ۋاقتى: 664
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 16:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر تىمدا دىيىلگەندەك << ئوقۇغۇچىلار،مۇئاش ئۇچۇنلا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر،باشلىق بولۇش ئۇچۇنلا تېرىشىدىغان قوڭالتاقلار>>  كۆپ جۇمۇ ..............
ئەپۇچانلىق ___ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئىسىل خىسلەت

ھاياتنىڭ قىممىت

2

تېما

1

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11436
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 445
توردىكى ۋاقتى: 221
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 16:54:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ھاجىم شۇ تاپقان پۇلىغا ئەمدى نەنى تاۋاپ قىلسا بولار؟

0

تېما

0

دوست

107

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9699
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : -48
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 18:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، داۋۇتكا! تىمىڭىزغا تەشەككۇر!
تولىمۇ ئالدىراش ھالدا تىزلا ئوقۇپ چىقتىم، چۈنكى ئازراق بولسمۇ ئىنكاس يىزىش تەقەززاسى بىلەن شۇنداق بولۇپ قالدى، بۇ تىمىڭىزنى مەن يەنە قايتىلاپ نەچچە قىتىم ئوقۇماقچىمەن.
مەن بۇ تىمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن، خۇددى بىز ھەقىقى ۋىجدان ئىگىسىنىڭ  ئۇزۇندىن بىرى ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ناھايىتى  ئېغىر  بىر يۈرەك يارىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ "رىئاللىقنىڭ ساختا خۇشاللىقلىرىغا مەستانە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقى ئازاپلىرىدا يىگانە ياشاشنى خالايدىغان"لىقىدىن قىلچە گۇمانىم يوق.
شۇنداق، زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ تىمىڭىز ماڭا خۇددى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئۈن-تىنسىز ئازاپ چىكىپ تۇرۇپ، تۇيۇقسىز  ئەلەملىك قاتتىق بىر ئۇھ تارتقان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك، ماڭا ئاجايىپ قاتتىق تەسىر قىلدى. ئىجتىمائى مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى سانسىزلىغان تۈرلۈك كىرىزىسلار ۋە مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ بىزنى "بىز ئەمدى زادى قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟" "نىمە قىلىشىمىز كىرەك" دىگەندەك تەخىرسىز سۇئاللارنى ئارقا-ئارقىدىن ئالدىمىزغا قويماقتا، بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قارشى تەدبىرىمىز قانداق بولۇشى كىرەك دىگەن مەسىلىدىن تاشقىرى، ئەڭ ئالدى بىلەن ئەشۇ كىرىزىس ۋە مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ تەخىرسىز مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىمىزنىڭ خۇددى بىزنى بىئارام قىلغان بىر دانە چىۋىن ياكى پاشىنى قوغلاش ئۈچۈن قولىمىزنى شىلتىغانچىلىكمۇ ئەمىلى بىر ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەنمەسلىكى ئادەمنى تولىمۇ ئىچىندۇرىدۇ.
شۇنداق، بىزنىڭ ئويلىنىدىغان ۋاقتىمىز ئاللىقاچان ئۆز ۋاقتىدىن كۆپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، پۇرسىتىمىز قانچىلىك بولسا، بىز شۇنچىلىك ئويلىنىشىمىز كىرەك، ۋە بۇنىڭ جاۋابىنى تىپىپ چىقىپ، شۇ ئاساستا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كىرەك.
بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يازاي، تىمىڭىزنى قايتىلاپ ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن، يەنە تەپسىلى ئىنكاس يازىمەن، ھارمىغايسىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

148

تېما

0

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   51.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1404
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 6527
تۆھپە : 5061
توردىكى ۋاقتى: 1309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 18:34:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى halalدە2012-12-05 16:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
   ئاۋۇ ھاجىم شۇ تاپقان پۇلىغا ئەمدى نەنى تاۋاپ قىلسا بولار؟  

ئۆز رازىلىقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ جەڭلەردە شېھىد كەتكەنلەرنىڭ روھىنى،...
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

0

تېما

1

دوست

2771

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6382
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 673
توردىكى ۋاقتى: 979
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 19:21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى nawkeranدە2012-12-05 16:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىر تىمدا دىيىلگەندەك << ئوقۇغۇچىلار،مۇئاش ئۇچۇنلا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر،باشلىق بولۇش ئۇچۇنلا تېرىشىدىغان قوڭالتاقلار>>  كۆپ جۇمۇ ..............  

 ئۆزلىرى قايسى قوڭالتاققا كىرىلا تەقسىر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )