- تىزىملاتقان
- 2011-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 40
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
13.33%
|
ئانا ( نەسرلەر)
ئاپتۇرى: ياسىنجان سادىق
<< ئاھ ، مۇقەددەس ئانا ، مەن ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمنى مارجان قىلىپ تىزىپ بوينۇڭغا ئاسىمەن .>>
ئاھ ، مۇقەددەس ئانا ، مەن بۈيۈك ئارمانلىرىمدىن خۇددى ھالال سۈتۈڭدەك ئاق لىچەك توقۇپ ، ئەزىز بېشىڭغا ئارتىپ قويىمەن.
ئاھ ، مۇقەددەس ئانا ، مەن ھەر كۈنى ساباھ بىلەن تەڭ ئورنۇمدىن يۇرۇپ ، كىرپىكلىرىم بىلەن كۈمۈشتەك ئاق چېچىڭنى تارايمەن .
ھاۋا ئانىمىزنىڭ سۈننىتىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، قاشلىرىڭغا ئوسما سىقىپ قويۇپ قويىمەن .
ئاھ ، مۇقەددەس ئانا ، تومۇزدا سەلكىن شاماللارنىڭ چېھرىڭنى يەلپۈپ ، ساپ ۋۇجۇدۇڭغا ئاراملىق بېغىشلايدىغىنى راست.
لىكىن ، مەنمۇ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن تۇنجى قېتىم ئاتلاپ كىرىپ << ئانام ئاش ئەتتى >>
دېگەن خەت يېزىلغان مەشىق دەپتىرىمنىڭ ۋاراقلىرىدا يەلپۈگۈچ ياساپ سىنى يەلپۈيمەن .
ئاھ . مۇقەددەس ئانا، ئاشۇنداق قىلسام ، مېنى بىر قېتىم ئېمىتكىنىڭگە رازى بولارسەنمۇ ؟
ياق ئانا ،ماڭا سىڭدۈرگەن تامام ئەجرىڭ ئۈچۈن رازىلىق تىلەيمەن.
شۇ سەۋەبلىك يىگىتلىك غۇرۇرۇم ۋە غەيرەت- شىجائىتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ، چىكەڭگە بەخىت گۈلى قىستۇرماي تۇرۇپ ،
سەندىن رازىلىق سورىمايمەن
ئاھ ، مۇقەددەس ئانا ! مەن بارلىقىمنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ ، چېكەڭگە بەخىت گۈلىنى قىسىپ قويىمەن . |
|