ئادەم يېيىش ۋە ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىش فىليەتون ماخموتجان ئىسلام تەرجىمىسى
ئىلاۋە :
ئادەم يېيىش ۋە ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىش ناملىق فىليەتون ئەدەبىي تەرجىملەر ژۇرنىلىنڭ كونا سانىدىن باغداش تورىغا كۆچۈرۈلدى ، ماقالىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمون گەرچە خەنزۇ جەمئىيتىگە مەنسۇپ بولسىمۇ لېكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىدىمۇ مەۋجۇت ، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ ئۆز جەمئىيتىمىزگە باغلىغان ئاساستە تەھلىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
ئادەم يېيىش توغرىسىدا خاتىرىلەرنىڭ قايسى زامانلاردا باشلانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ،تەتقىق قىلىپ كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن بىلجىرلىسام بولماس ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جى شۈەن يازغان <دورا -دەرمەك دۇكىنىنىڭ خاتىرىلىرى> دىگەن كىتاپنى كۆرسەم ،ئۇنىڭدا ئادەم يېيىشكە دائىر گەپلەر بار ئىكەن . شۇ كىتاپنىڭ 2-جىلىتى بولغان <لۇەن ياڭدا ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشنى داۋالاش خاتىرىلىرى>دە <ئادەم قوروش>دىگەندەك گەپلەر بار ئىكەن ش.<ئالدىنقى مىڭ سۇلالىسىنىڭ چۇڭجېن يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا خېنەن، شەندۇڭلاردا قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولۇپ ،ئادەملەر ئاچلىق دەردىدىن ئوت-چۆپلەر ،دەل -دەرەخلەرنىڭ يىلتىز ،قوۋزۇقلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىۋېتىپتۇ ئاخىرى ئادەملەرنىمۇ يەپتۇ ،ھۆكۈمەت بۇنى توسىيالماپتۇ .ئاياللار ،بالىلار بازاردا سېتىلىپتۇ ، بۇنداقلار ئادەم قورۇش دەپ ئاتىلىپتۇ ،قاسساپلار ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ ،خۇددى قوي ۋە چوشقىلارنى بوغۇزلىغاندەكلا بوغۇزلايدىكەن .......>مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ھەقىقەتەن ئادەم يەيدىغان ئىش يۈز بەرگەن بولسا كېرەك .
بىراق ،ئادەملەرنىڭ كۆپرەك مۇلاھىزە قىلدىغىنى روھى جەھەتتىكى <ئادەم يېيىش > بۇ جەھەتتە لۈشۈن ئەپەندىنىڭ چۈشەنچىسى ئەڭ چوڭقۇر ،ئۇ داڭلىق ھېكايسى <سەۋدايى خاتىرىسى>دە ، سەۋدايىنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ :<تارىخنى ۋاراقلاپ قارىسام ،يىل ، ئايلىرى يېزىلماپتۇ ،لېكىن ھەربىر ۋارىقىغا <ۋاپا،ئىنساپ،ئەخلاق ،ساخاۋەت >دىگەن خەتلەر ئەگرى -بۈگرى يېزىقلىق تۇرۇپتۇ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم ،تارىخنى تۈن ھەسسىسىگىچە دىققەت بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن خەتلەرنىڭ ئارىلىقلىرىدا پۈتۈن كىتاپ بويىچە يېزىقلىق <ئادەم يېيىش >دىگەن خەتىنى كۆردۈم!>مانا بۇ كونا جۇڭفودىكى <ئادەم يېيىش >توغرىسىدىكى ئەڭ يوقىرى بايان .
لۈشۈن قەلىمى ئاستىدىكى شياڭلىن ھەدە قاتارلىقلار بىر-بىرلەپ <يېيىۋېتىلگەن>،<چىراغ تۈۋىدىكى خاتىرىلەر>دە،لۈشۈن ناھاەيىتى چوڭقۇر ھالدا مۇنداق دەيدۇ:< جۇڭگونىڭ مەدەنىيەتلىكلىرى دىگەنلەر ، ئەمەلىيەتتە باي غوجاملارغا ئادەم گۆشىدىن زىياپەت بەرگۈچىلەردۇر ، جۇڭگو دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە ئادەم گۆشىدىن زىياپەت تەييارلايدىغان ئاشخانىدۇر............>
جۇڭگو كوممىنستىك پارتىيسى رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاپ مانا شۇنداق <ئادەم يەيدىغان >جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانىدى ، بىر قانچە ئون يىللىق قانلىق جەڭلەر ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭگو ئازاد بولدى .لۈشۈن ئەپەندى ئېيتقان <باي غوجاملارنىڭ ئىشرەتلىك سورۇنى >،<باي غوجاملارغا ئادەم گۆشىدىن زىياپەت تەييارلايدىغان ئاشخانا> بىتچىت قىلىندى ،بۇزۇپ تاشلاندى .كونا جەمئىيەتتىكىدەك ئادەم يەيدىغان ھادىسە ئاساسەن يوقالدى . ئەمما <ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىش > بەزىدە بولىۋاتىدۇ .يېقىندا مەن تېلىۋىزيە تىياتىرى <چىغرىق،ئايال ۋە قۇدۇق>نى كۆردۈم ،مۇشۇ تېلىۋىزىيە تىياتىدىدىكى باش قەھرىمان زاۋخۇانىڭ ئانىسى زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ . ئۇنىڭغا <زىيانكەشلىك> قىلغىنى قايسىدۇر بىر ئادەم ئەمەس ، بەلكىم كونا قالاق ئەنئەنىۋى قاراشتۇر .
زاۋخۇانىڭ ئانىسى ۋە جىن سونىڭ دادىسىدىن ئىبارەت ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ توي ئىشىغا ئالدى بىلەن جىن سو ئائىلىسىدىكى ئاكا-ئۇكا ،ئېپى يەڭگىلەر قارشى تۇرىدۇ ، جىنسونىڭ دادىسى ئۆيدىن ئايرىلىپ زاۋخۇانىڭ ئانىسىنىڭ قېشىغا بارغاندا ،جىن سو ئائىلىسىدىكى ئاكا-ئۇكا ،يەڭگىلەر قوغلاپ بېرىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ،يالۋۇرۇپ بۇ ئىشتىن توسىدۇ ، ئۇلار كونا ، قالاق قاراشنىڭ ئىسكەنچىسىدە ،داداىمىزنىڭ زاۋخۇانىڭ ئانىسى بىلەن بىللە ياشىشى بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆككەنلىك ، بىزنى ئۆيدىن چىقالماس قىلىپ قويغانلىق دەپ قارايدۇ ، مانا مۇشۇدناق توسۇلغا ئالدىدا بوۋاي تېز پۈكىدۇ .ئاندىن قالسا ئۇ ئىشقا زاۋخۇانىڭ تەككىنىگە ئۇزۇن بولمىغان ئېرى شىياۋگەڭ قارشى تۇرىدۇ ،قېيىن ئانىسىغا چىن كۆڭۈل بىلەن سادىق بولىدۇ ،بىراق ئۇنىڭ جىن سونىڭ دادىسى بىلەن توي قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ .ئۇنى قايتا- قايتا بۇ ئىشتىن توسايدۇ ، شياۋگىڭنىڭ ئارلىشىشى موماينىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلىدۇ ،شۇنىڭ بۇ ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ . ئاخىرى ئۆلۈپ قالىدۇ ،ئۈچىنچى توسالغۇ قالاق ئاممىنىڭ بېسىمى ،ياشانغان ئىككىيلەن خالى جايدا تېپىشىپ ،بىر نەچچە ئېغىز كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىشۋاتقاندا نۇرغۇن پىتنە پاسات تېرىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا شياۋگىڭ ئارلىىشىدۇ ،
كونا قالاق قاراشنىڭ ئىسكەنچىسىدە ،ھەرخىل كۈچلەر بىرلىشىپ ،زاۋخۇانىڭ ئانىسىنى تۇيۇق يولغا قىستاپ قويىدۇ . ئاىىرى ئېچىنىشلىق تۈردە ئۆلىدۇ ،شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلىمى كونا ،قالاق قاراشنىڭ <زىيانكەشلىكى>دىن دېيىش قىلچە ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ ، گەرچە جىن سونىڭ دادىسى <زىيانكەشلىك> تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، ئامما ئۇ چەكسىز ئازاپ تارتىدۇ.
بەزىلەر بەلكىم بۇ دىگەن تېلىۋىزيە تىياتىرى ،سەنئەت ، ئۇ چىنلىق ئەمەس دېيىشى مۇمكىن ، ئەمەلىيەتتە ، بۇ خىل سەنئەت رېئال تۇرمۇشنىڭ چىنلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇشىدۇر ، رېئال تۇرمۇشتا ،كونا ، قالاق ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ ئىسكەنچىسىدە تۇرۇپ ئاتا -ئانىلىرىنىڭ توي ئىشىغا قارشى تۇرغانلار ئاز ئەمەس ، گېزىتلەردىمۇ كۆپ قېتىم پاش قىلىنغان ،
رېئال تۇرمۇشتا كونا ، قالاق ئەنئەنىۋى قاراشلار ناھايىتى تولا ، كۆپ ساھالەردە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى بار ، بولۇپمۇ ئۆلۈم يېتىم ،توي -تۆكۈن ئىشلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك .مەسىلەن : ئۆلۈم يېتىم نەزەرلىرىنى ناھايىتى چوڭ قىلىدۇ ، بەزى جايلاردا قەبرىلەرنى چوڭ ھەشەمەتلىك ياساش ئەۋج ئالغان ،بۇنىڭدا پۇل ،مال مۈلۈك كۆپ ئىسراپ بولۇپلا قالماي يەرمۇ كۆپ ئىسراپ بولىدۇ ،
كونا قالاق ئىنئەنىۋى قاراشلار بىر خىل قورقۇنۇچلۇق كۈچ ، ئۇ قورال ياراق ،توپ زەمبىرەكلەر ئارقىلىق ئاسانلا يوقاتقىلى بولىدىغان ئېنىق دۈشمەن ئەمەس ، ئۇ شەكلىسز ، كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ مئۇ يامان ئادەملەر ۋۇجۇدۇدىمۇ ،ياخشى ئادەملەر ۋۇجۇدۇدىمۇ ، بار ، ئۇ ياخشى ئادەملەر ۋۇجۇدۇدىدا ئىپادىلەنگەندە تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ . ،تېىۋىزىيە تىياتىرى <چىغرىق ،ئايال قۇدۇق>تىكى جىن سونىڭ ئاكا -ئۇكىلىىرى ، شياۋگاڭلار يامان ئادەملەر ئەمەس ، تېخى شياۋگاڭ ئىسلاھات ئىشىكى ئېچىۋېتىشتە تۆھپە يارىتىۋاتقان ئادەم ، دەل مانا مۇشۇنداق ئادەملەردە ئىپادىلەنگەن قالاق ئەنئەنىۋى قاراشلار زاۋخۇانىڭ ئانىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان .
بىز ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز ، كونا قالاق ئەنئەنىۋى قاراشلارنى تۈگىتىشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالماسلىقمىز ئۇنىڭ يەنە ئادەملارنىڭ جېنىغا زامىن بولىشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم
ئەدەبىي تەرجىمىلەرنىڭ كونا سانىدىن ئېلىندى ، باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ! |