<<قارا يۇمۇر پادىشاھلىقى>>دا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
قارا يۇمۇر جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان رەزىل قىلمىشلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قامچىلاپ، ئەل-جامائەتنى بىر تەرەپتىن قاتتىق كۈلۈشكە، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر ئويلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان بىر خىل ئەدەبىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل ئەدەبىي ئېقىم 18-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپا مۇدىرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى قاتارىدا تەرەققىي قىلغان. ئەدىپلەر بۇ خىل ئەدەبىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن قامچىلاپ، ياۋروپا جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ناھەقچىلىقلارنى، رەزىللىكلەرنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىغان.ئەينى دەۋردە لۇشۈن ئەپەندىمۇ قارا يۇمۇر ئەدەبىياتىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئېسىل فېليەتون ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنى قاتتىق قامچىلاپ، خەلقنى تەربىيەلەش ۋە ئويغىتىشتا زور مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن. مەن تۆەندە يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتتە كۆرگەن-ئاڭلىغان بىر قانچە قارا يۇمۇرنى مۇنبەرداشلارغا سۇنىمەن. مۇنبەرداشلارنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى مېنىڭكىدىن كۆپ، ئەلۋەتتە. مۇنبەرداشلارمۇ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇلاھىزە قىلىپ باقسا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ 3-كۆزىنىڭ تېخىمۇ روشەنلىشىشىگە ياردىمىمىز تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
1. بىر نەچچە يىل بۇرۇن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدە مۇخبىر يول بويىدىكى نۇرغۇن سۇ <<قۇدۇقلىرى>>نى كۆرۈپ، ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش ئىچىدە بۇ <<قۇدۇقلار>>نى تەكشۈرگەن. ئەمما بۇلار قۇدۇق بولماستىن، بەلكى قۇدۇققا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ساختا كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئەمەلدارلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى كوچىلاپ سورىغان. يەرلىك ئەمەلدارلار تەپ تارتماستىن: بۇ <<قۇدۇقلار>>نى يول بويىغا ياسىساق، يۇقىرىدىن باشلىقلار كەلسە، ماشىنىدىن چۈشمەيلا كۆرەلەيدۇ، تەكشۈرۈشكە قولايلىق، مەبلەغنى تىجەپ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتەلەيمىز، دەپ جاۋاب بەرگەن.
2. يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى <<جۇڭگولۇقلارنىڭ قىلىقسىزلىقى چەكتىن ئاشتى>> دېگەن تېمىدا بىر يۈرۈش يازما ۋە سۈرەتلەرنى توردا ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ياشلار توي قىلغاندا، يىگىتلەر قىزلارنىڭ توي كۆڭلىكىنى، قىزلار يىگىتلەرنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى كېيىپ، يىگىتلەر قىزلارغا تازىم قىلىۋاتقان، قىزلار تىزلىنىپ تۇرۇپ يىگىتلەرنىڭ قولىغا سۆيۈۋاتقان جاھاندىكى ئەڭ تېتىقسىز رېئاللىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. 3. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ناھىيەدە پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل خادىملار يېزىلاردىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدىغان ۋاقتتا بىر قىسىم تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئۇ يەر-بۇ يەرگە قېچىپ كېتىپ يوشۇرۇنىۋالغاچقا، ساننى تولدۇرالماي، توي قىلمىغان ۋە 60ياشتىن ئاشقان ئاياللارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەپلەپ، ھالقا سېلىش قاتارلىق تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى مەجبۇرىي قوللانغان.
4. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى نۇرغۇن دېھقانلار بۇ يەردە توك بولمىسىمۇ مودا قوغلىشىپ، توڭلاتقۇ، كىر ئالغۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى بەس-بەستە سېتىۋالغان. كىيىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالماي، ئىچىگە ئاشلىق قاچىلاپ ساقلىغان. مۇخبىر بۇ بىر ئورۇن سىز ئىسراپچىلىق بولمامدۇ؟ دېسە، دېھقانلار: بۇ نەرسىلەر بەك قولايلىقكەن، ئاشلىقلىرىمىزنى چاشقاننىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ قالدۇق دېگەن.
5. يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم نەھىيەدىكى بىر ئاھالە كومىتېت مۇدىرى ئۆز ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە باي ئائالىلەرنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبېكتىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان دەسلەپكى يىلدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن. كىشىنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغىنى شۇكى، بۇ نائىنساپ، ساختىپەز ئەمەلدار ئۆلۈپ كەتكەن بىر قانچە ئادەمنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلماي، ئۇلارنىڭ بىر نەچچە يىللىق ياردەم پۇلىنىمۇ چۆنتىكىگە سېلىۋالغان. بۇ ئىش پاش بولغاندىن كېيىن، قانۇن ئىجراچىلىرى نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ نىجىس تەپ تارتماي: نامراتلارغا ياردەم پۇلى بەرسەم، ماڭا بېرىدىغان سۆيۈنچىنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ دېگەن. نېمىشقا ئۆلگەنلەرنى مەلۇم قىلماي، ئۇلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ئالدىڭ دەپ سورىغاندا، بىر كىم سۈرۈشتە قىلمىغاندىن كېيىن بىكارلىق پايدىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمىدىم، دېگەن.
6. دۆلەتنىڭ <<ئىككى ئاساسەن>>نى قايتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاقاتقان مەزگىللەردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ يېزىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن سىرتقا ئىشلەمچىلىككە كېتىش ۋە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. مائارىپ مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تولۇق بولماي، ئۈستەل-ئورۇندۇق، تەجرىبە ئۈكۈنىلىرى ۋە تەنتەربىيە سايمانلىرى يېتىشمەسلىك ھەم <<ئۆلچەم>>گە يەتمەسلىك مەسىلىلىرى كۆرۈلگەن. يېزا باشلىقلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋىلىشىغا <<تاقابىل تۇرۇش>> ئۈچۈن بىر مەكتەپتىن يەنە بىر مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى جىددىي يۆتكىگەن.
7. ئىككى-ئۈچ يىل ئىلگىرى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ناھىيەلەردە يەرلىك يېشىل ئوغۇت ياسىدۇق دەپ چوڭ يول بويلىرىغا دېھقانلارنى تەشكىللەپ ھاشار سېلىپ، تاپقانلىرى چاۋار-چاتقاللارنى كۆمۈپ، سامان كۆمگەندەك <<يېشىل ئوغۇت>> دۆۋىسى ياسىغان، تاپالمىغانلىرى ياكى ئالدىراپ قالغانلىرى توپىنى دۆۋىلەپ، سىرتىنى چىرايلىق سۇۋاپ ياساپ قويغان. بىر كۈنى يۇقىرىدىن بىر باشلىق باشقا خىزمەتنى تەكشۈرگىلى بۇ يولدىن ئۆتكەندە شوپۇرنىڭ ھاجەت قىلغۇسى كېلىپ، ماشىنىنى يول بويىدا توختىتىپ قويۇپ، بۇ <<يېشىل ئوغۇتلار>>غا قىزىقىپ قېلىپ بىر دۆڭنى ئېچىپ كۆرسە، ئۇنىڭدىن ئوغۇت چىقماي توپا چىققان.
8. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھىيەسىنىڭ چەتتىكى بىر يېزىسىدا دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان چارۋىچىلىق كەسپىي ئائىلىسىنىڭ قورۇ-قوتانلىرى بولۇپ، بۇ يەرگە ۋىلايەت رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشكە كەلمەكچى بولغان. ئەمما بۇ قورۇ-قوتانلاردا نېمە سەۋەبتىندۇر بىرەر ئائىلە ئولتۇرۇپ، مال-چارۋا باقمىغانىدى. يېزا باشلىقلىرىنىڭ بېشى قېتىپ، تەكشۈرۈشكە <<تاقابىل تۇرۇش>> ئۈچۈن <<ئاقىلانە تەدبىر>>دىن بىرنى تېپىپ چىققان. ئۇلار بىر كۈن بۇرۇن جىددىي تۇتۇش قىلىپ، بىر قانچە ئائىلىنى بۇ يەرگە ۋاقتلىق كۆچۈرۈپ كېلىپ، يېتەرلىك بولمىغان كالا، قويلارنى باشقىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ تولۇقلاپ، قوتانلارغا ئورۇنلاشتۇرغان. ۋىلايەت رەھبەرلىرى تەكشۈرۈپ كېلىپ يېزا رەھبەرلىرىنى راسا ماختىغىلى تۇرغاندا، بىر خەنزۇ كاتىپ بۇ كالا، قويلار تىزەكلىمىدىمۇ؟ دەپ سورىغان. بۇنىڭ بىلەن چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلار تاتىرىپ نېمە قىلارىنى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان.
9. بۇنىڭدىن بەش يىل مۇقەددەم خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدە يۇقىرىدىن ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگىلى كەلگەن ئەمەلدارلار يەرلىك ئەمەلدارلار ساختىپەزلىك قىلىپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، بەلگىلىك پەن-مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە ياشلارنى ئەسلىدە ئوقۇيالماي ساۋاتسىز قالغان، بىز كۇرس ئېچىپ ساۋاتلىق قىلدۇق دەپ يالغان دوكلات قىلغان مەسىلىنى بايقاپ قېلىپ، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئەمەلدارلارغا چارە كۆرگەن.
10. بۇنىڭدىن ئىككى يىل مۇقەددەم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى بىر يېزىغا ئاپتۇنۇم رايۇندىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرگىلى كەلگەن ئەمەلدارلار يول بويىغا سېلىنغان ئىنتايىن <<رەتلىك>>، <<كۆركەم>>، چىداملىق>>، <<يېڭى ئۆيلەر>>نى كۆرۈپ باشتا يەرلىك ئەمەلدارلاردىن بەك رازى بولغان. لېكىن ئارىدىن بىرەيلەن قورۇ ئىچىگە كىرگەندە بۇ يەردە بىرمۇ يېڭى ئۆي يوقلۇقىنى، يول بويىدا ھەشەمەتلىك دەرۋازا، رەتلىك يېڭى قورۇ تاملارنىڭلا بارلىقىنى، دېھقانلارنىڭ ئەسلىدىكى كونا كەپىلىرىنىڭ ھازارلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يۇقىرىدىن كەلگەن چوڭ ئەمەلدارغا بۇ ئەھۋالنى دوكلات قىلغان. بۇ ئىشنى ھېلىقى ئەمەلدارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلمىدۇق.
11. بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىگە مەركەزدىن چوڭ بىر ئەمەلدار دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەكشۈرگىلى كەلمەكچى بولغاندا، يەرلىك ئەمەلدارلار يۇقىرى-تۆۋەنگە تونۇشلۇق، پىشقەدەم نامرات بىر دېھقان ئائىلىسىنى بىز باي قىلدۇق دەپ مەركەزدىن كەلگەن ئەمەلدارغا كۆرسەتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە گىلەم، ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى، كالا، قوي، قول تراكتۇرى، موتسىكلىت قاتارلىق نەرسىلەرنى باشقا دېھقانلاردىن ئارىيەت ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. مەركەزدىن كەلگەن ھېلىقى ئەمەلدار يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنى تېزلىكتە <<بېيىتقان>>لىقىدىن سۆيۈنگەن ۋە ھېلىقى يېڭىدىن <<بېيىغان>> دېھقاندىن ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىلىنىپتۇ، ھازىر ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭمۇ سىزدەك ئىقتىسادى يوق، بانكىدا قانچىلىك ئامانەت پۇلىڭىز بار؟ دەپ سورىغاندا، ھېلىقى دېھقان يىغلامسىراپ ۋە قورققان ھالدا: مېنىڭ بانكىدا بىر تىيىنمۇ پۇلۇم يوق، ئەكسىچە كەنتكە، بانكىغا ۋە يۇرتداشلارغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن قەرزىم بار، ئۆيۈمدىكى بۇ ۋەج-ئوقەتلەرمۇ مېنىڭ ئەمەس، بۇنى باشلىقلار باشقىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ ئەكىلىپ بەرگەن، دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەركەزدىن كەلگەن ئەمەلدارنىڭ قاتتىق غەزىپى كەلگەن ھەمدە نەق مەيداندىلا بۇ دېھقانغا ئارىيەت ئېلىپ ئەكىلىپ بەرگەن بارلىق نەرسىلەرنى بۇيرۇپ بەرگەن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئەمەلدارلارغا قاتتىق چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولدى، بۇ بىزگە قاراڭغۇلۇق.
12. يېقىندا خوتەن ۋالايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسىغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈكە كەلگەن (ئەسلىدە بۇ يېزا شۇ ئورگاننىڭ <<يۆلەش، ياردەم بېرىش ئوبېكتى>> قىلىپ بېكىتىلگەن). يەرلىك ئەمەلدارلار خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق دەپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، يۇقىرى شان-شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاجايىپ <<دانا تەدبىر>>دىن بىرنى ئويلاپ تاپقان. يۇقىرىدىن باشلىق كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇلار يېزا تەۋەسىدىن 50جۈپ قىز-يىگىتنى تەقلەپ، باشلىق كەلگەندە ئۇلارغا سوتسىيالىستىك يېڭىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان. بۇ يېزىدا يەر ئاز، نوپۇس كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن ياشلار سىرتقا ئىشلەمچىلىككە كەتكەن. يېزا باشلىقلىرى ساننى تولۇقلىيالماي، توي قىلىپ بولغان، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىر ياشقا <<خىزمەت ئىشلەپ>>، يالغاندىن بۇ يېڭىچە توي مۇراسىمىدا يىگىتنىڭ رولىنى ئېلىپ بېرىشكە كۆندۈرگەن. يۇقىرىدىن باشلىق كەلگەن كۈنى <<يېڭىچە>> توي مۇراسىمى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. ئەمما باشلىق كەتكەندىن كېيىن ھېلىقى رول ئالغان يىگىت يېزا رەھبەرلىرىدىن خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن، يېزا باشلىقلىرى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلماي، ئۇنىڭغا ئازراق روھىي تەسەللىي پۇلى بېرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى <<ئەتمەكچى>> بولغان، لېكىن بۇ يىگىت ئالىي مەلۇماتلىق ۋە قانۇننى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، يېزا باشلىقلىرىنىڭ شەرتىگە قوشۇلماي، يۇقىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يېزا باشلىقلىرى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جىددىيلىشىپ، ھەر خىل <<ئامال>>لارنى ئىشقا سېلىپ، بۇ يىگىتنىڭ ئەرز قىلىشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ ئاغزىنى <<ئېتىش>> ئۈچۈن پالاقلىماقتا. بۇ ۋەقەنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدۇ، بۇ بىزگە قاراڭغۇلۇق.
مەنبە: ئۆزۈم |