- تىزىملاتقان
- 2012-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2960
- نادىر
- 0
- يازما
- 138
ئۆسۈش
32%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان قىزىقىشىغا مەدەت بولار دېگەن ئۇمدتە بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۆۋەندىكى نەسىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ھوزۇرلانغايسىلار.
كومپاسسىز كېمە
خالزات
(نەسىر)
ھايات ھەممە ئادەمگە كۇلۇپ قارالىۋەرمەيدىكەن.بىر مەزگىل كۈلۈپ قارىغان ھايات يەنە بىر مەزگىللەردە ئادەمنى نە بىر كويلارغا سىلىپ،كىملەرگىدۇر زار،كىملەردىندۇر بىزار قىلىپ،ئەگرى توقاي كەلگەن ھايات يوللىرىدا ئەركىلىتىپ،دەشتى باياۋانلاردا پۇتكۇل نەرسىلەردىن ئايرىپ ئاپىرىپ تاشلايدىكەن.
ئىنسانلارمۇ قىززىق،ھايات كۈلۈپ قارىغاندا ئۇنىڭغىمۇ كۈلۈپ قاراش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بەلكى ئۆز-ئۆزىدىن ئاجىز تۇرقىغا تەمەننا قويۇپ يۈرىدىكەن،كىيىن بولسا قولىدىن كەتكەن خۇشاللىقنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش يولىدا قان-زار يىغلاپ،ھاياتتىن زارلىنىپ،ئۆزگىلەرگە خار بولۇپ ھاياتتىن سولغان گۈللىرىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ،مەڭگۈلۈككە يار تۇتۇپ يۈرىدىكەن.ھەتتاكى بارچى گۇناھنى ھاياتقا ئارتىپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خۇشلىشىدىكەن.
ئەسلىدە ھايات بىزگە بىقىشى كىرەك ئىدى.لىكىن ئۆز ئارىمىزدا سىردىشىپ،مۇڭدىشىپ ھەتتا يىقىن كۆرۈشۈپ بىر-بىرىمىزگە ئىچ سىرىمىزنى دىيىشكەن،قايغۇلىرىغا تەڭ يىغلاپ خۇشاللىقلىرىغا تەڭ كۈلۈپ يەنە تىخى باشقىلاردىن چارە كۆرۈپ بارلىقىمىزنى ئاتا قىلىپ قەلىب سۆيگۈمىزنى بىرىپ ياخشى كۆرۈشكەنلەر شۇنچە قىلىشساق ئاخىرىدا يەنە تۈگۈمەس باھانىلەر بىلەن ئەقىدىلىرىمىزنى يەردە قويغان تۇرسا،ھايات بىزنى قانداق چۈشۈنۈپ بىزگە ھەم نەپەس بولۇپ بىزگە باقىدۇ دەيسىلەر…!؟شۇڭا بىز بۇ ھاياتتا تەنھابىز.ئۆز ئالدىمىزدىكى يولنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي يۈگۈرەيمىزيۇ ھەرگىزمۇ ئارقىمىزدىن بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىش يولىدا بارلىقىنى بىرىپ كىلۋاتقانلار تەرەپكە ئاياق بىسىپ قويمايمىز.ھەمدە تېخى ئاياق بىسىش ئۇياقتا تۇرسۇن قاراشقىمۇ رايىمىز يۇق تېخى.شۇڭا بىز بۇخىل ئىنتىلىشچانلىقىمىز تۈپەيلىدىن ھاياتقا بېقىپ ياشاشقا مەجبۇربىز.
ئىنسان مانا شۇنداق غەلىتە،مانا شۇنداق مۇرەككەپ.توۋۋا
! بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن.ئۇلار پەقەت ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆز بىلەن كۆرسە ھىساپمىدۇر؟بەخىت ناخشىلىرىنى قۇلاق بىلەن ئاڭلىسا ھىساپمىدۇر؟بۇنداق ھاياتنى ماددىي جەھەتتىن چۈشەنگەنلەر،ئۇنىڭدىن زوق ئالغانلار مەنچە ھەقىقى ھاياتنى تونۇپ يىتەلىگەنلەر بولماسلىقى مۇمكىن.ھاياتنى چۈشۈنۈش ئۇنىڭدىن زوق ئىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆز بىلەن ئەمەس قەلىپ كۆزى بىلەن كۆرۈش كىرەك.ھايات ياڭراتقان بەخىت ناخشىلىرىنى قەلبى بىلەن تىڭشىشى كىرەك.شۇندىلا ھاياتنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ.
بەزىدە ياشاش جەريانىدا ئىرىشكەنلىرىمىزدىن يوقاتقانلىرىمىز كۆپ بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى بۇ ھاياتتا بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ توسالغۇلارغا تەۋەككۈل قىلماي تۇرۇپ قانداقمۇ ھاياتتىن مەنپەئەت ئالغىلى بولىدۇ دەيسىلەر……..؟! بىزنىڭ ھاياتتىن زارلىنىدىغان يىچ بىر يولىمىز يۇق.ھايات بىزگە ياشاش ئىمكانىيىتى ئاتا قىلىدۇ،خالاس.قانداق ياشاش ئۆزىمىزدىكى گەپ،ھاياتنىڭ ئىپكەلگەن توسالغۇلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش،ئۇنىڭغا قانداق قاراش، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە قانداق قارار چىقىرىش يەنىلا ئۆزىمىزدىكى گەپ.
ئىنسان بۇ ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەن،ئەڭ ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈنۈش ئۆز ئۈستىدىن غالىپ كىلىش كېرەك.چۈنكى بۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى ھەم ئەڭ يىقىن دوستىمۇ ئۆزى بولىدۇ.چۈنكى ئادەم ئۆزىدىكى قورقۇنۇشنى يېڭىپ چىقالمىسا،باشقىلاردىن كەلگەن خىرىس ئالدىدا ئاجىزلىق قىپ قالىدۇ.ھايات يولىدىكى ئىنساننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى دەل ئۆزى.سەن باشقىلارغا ئىشەنمەي يۈرسەڭ ئاندا-مۇندا ئۇلارغا ئالدىنىپ قالساڭ ھىچ گەپ ئەمەس،ئەمما چاتاق بولغىنى ئۆزۈڭگە ئىشەنمەي ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالداپ يۈرسەڭ مانا بۇ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئىش.ئۆزۈڭ ساقلىيالمىغان سىرنى باشقىلار ھەرگىزمۇ ساقلىيالمايدۇ.ئۆزۈڭ ‹‹قىلايچۇ››دەپ قارار چىقارمىغان ئىشنى باشقىلار ھەرگىزمۇ قىلغۇزالمايدۇ.شۇڭا ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى،ئۆزىدىكى ئاشۇ كۈچنى يىڭىپ چىقىشى كىرەك.شۇندىلا ھايات ئىپ كەلگەن توسالغۇلارنى يىڭىپ چىقالايدۇ.بولمىدى دىگەندە ھاياتنىڭ ئىلىپ كەلگەن ئىغىر بىسىملىرىنى ئاز-تولا بولسىمۇ يەڭگىللىتەلەيدۇ-دە،كەلگۈسى مىڭىش يولىغا ئازدۇر- كۆپتۇر دەسمىي سالالايدۇ،ئەلۋەتتە.
ئۇ شۇنداق بىر بالا ئىدى.ئۇنىڭ كىچىككىنە سەبى قەلبىنى بۇ ۋەھىمە ۋە قاراڭغۇلۇققا تولغان ئالەم دىڭىزىدا ھايات دولقۇنلىرى نەلەرگىدۇر ئاپىرىپ ئازاپ خادىلىرىغا ئۇرۇپ قايغۇنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىغا تاشلاپ خۇشاللىق ئاراللىرىنى بارغانسىرى يىراقلاشتۇرۋەتكەن ئىدى.
ئۇ شۇنداق بىر بالا ئىدى.ھايات دىڭىزىدا يالغۇز ئۈزۈپ ئادەتلەنگەن.ئۇ بۇخىل يالغۇزلۇقتا تالاي يىللارنى غىرىپسىنىش،خىۇرسىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى.كۈنلەر-كۈنلەرنى قوغلۇشۇپ،يىللار بىر-بىرىگە ئۇلۇشۇپ ئۆتۈپ ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان تەنھالىق-يالغۇزلۇق ئۇنىڭدىن ئايرىلماقچى بولغان ئىدى.سەۋەپ،ئۇمۇ بۇ ۋەھىمىلىك قاپلىغان ھايات دېڭىزىدا ئۆزىنى خۇشاللىق ئاراللىرىغا ئاپىرىدىغان كىمىگە مۇھتاج.ئەپسۇس،بۇ ئۇنۇڭغا ئاسان توختىمىدى،ئۇنى ئاخىرغىچە ئىلىپ خۇشالىق ئاراللىرىغا ئاپىرىدىغان كېمە چىقمىدى.ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت بىرلا كىمە بىلەن ئۆز بەختىنى تېپىش ئىدى.ھەرگىزمۇ باشقىلاردەك ئىككى كىمىگە تەڭ دەسسەش ئەمەس.ئۇنىڭ تاللىغىنى ناھايىتى ئاددىي،ناھايىتى مۇستەھكەم ۋە شۇنچىلىك كۆركەم بىر كېمە ئىدى.ئۇ شۇنچىلىك ئاددىي بولسىمۇ ئۇنىڭ قىممىتىنى قانداقتۇر بىر ماددىي نەرسىلەرگە تەڭ قىلىشقا بولمايتى.ئۇ ئارزۇ قىلغان كىمىدىن شۇنچىلىك يىراقتا بەكمۇ يىراقتا.رەزىل دولقۇن كىمىنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۋەتكەن.ئەسلى ئۇنىڭ يېنىدىكى كىمە ئۇنىڭغا تالاي چىقىش پۇرسىتىنى بەرگەن،ئەمما دىڭىزدىكى بىر قاراڭغۇلۇق ئۇنى توسۇپ قويدى.ئۇ ئەمدىلىكتە ئۆز كىمىسىنىڭ كىلىشىنى كۈتۈشتىن باشقىغا ئىلاجىسىز.ئۇ كىمىنىڭ سىرتقى شەكلى بىلەن شۇنچە تونۇش بولسىمۇ ئىچكى دۇنياسىغا تىخى كىرىپ باققىنى يۇق.ھەم ئۇ كىمىدە باشقىلارنىڭ بار-يۇقلىقى ئۇنىڭغا تىخىمۇ نامەلۇم.ئۇ كۈتۈدۇ،يەنىلا بۇرۇنقىدەك تەنھالىق ئىچىدە كۇتىدۇ.ئۇنى دولقۇن قانچىلىك قايناملارغا تاشلاپ،قانچىلىك خادا تاشلارغا ئۇرىشىدىن قەتئي نەزەر ئۇ يەنىلا كىمە تەرەپكە ئۈمۈت كۆزلىرى بىلەن قاراپ،كېمىنىڭ ھامان قايتىپ كىلىپ ئۆزىنى خۇشاللىق ئاراللىرىغا ئېلىپ بېرىپ بەخىت گۈللىرىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى مەڭگۈ شۇ كىمىدە كىيىنكى ھايات مۇساپىسىنى بىسىشنى كۈتۈدۇ.
ۋەھىمە باسقان شۇ قاراڭغۇ دېڭىز،
ئىپ كەتتى كىمىنى يىراققا مەندىن.
خۇشاللىق ئارىلىغا يېتىش ئارزۇ بوپ،
قالدىم مەن ساھىلدا قۇتۇلماي غەمدىن.
ئىنسان ھايات دېڭىزىدىن خۇشاللىق ئاراللىرىنى تېپىش ئۈچۈن دولقۇن ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ۋە قورقۇتۇشقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى،ئۆزلۈك كېمىسىنى قانداق ھەيدەشنى بىلىش كىرەك.
|
|