قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1736|ئىنكاس: 15

ئانتاركتىدىغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2056
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 13:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئانتاركتىدىغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى
ئالمۇتىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا: «ئۇيغۇر يىگىتى بەختىيار ئىبرايىم ئوغلى روزىبايىۋ  ئامىرىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكسپىدتسىيە تەركىۋىدە، ئانتاركتىدىدا كوماندىروپكىدا بولۇپ ۋە ئۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۇتۇقلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مىدال ئېلىشقا مۇيەسسەر بوپتۇ !...» دېگەن سۆز  تارقالدى.

خەلقىمىزدە «قۇلاق ئاڭلىغاننى كۆز كۆرۈپتۇ»، دېگەن گەپ بار. شۇنىڭدەك ، يېقىندا ئەشۇ بەختىيار ئىسىملىك يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم: ئۇ يازلىق دەم ئېلىش پەيتىدە ئالمۇتىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى كۆرۈشكە ئامىرىكىدىن كەلگەن ئىكەن. بىر قارىماققا ئەندىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن بالىدەك كۆرۈنىدىغان، ئوتتۇرا بويلۇق،  مېڭىش-تۇرۇشى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرى سالماق بۇ يىگىت  بىلەن كۆرۈشۈپ، تونۇشقاندىن كېيىن  خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق
.

- مەن دەسلەپتە ئامىرىكىغا بىرىپ ئوقۇشنى ئويلىمىغان ئېدىم، — دېدى بەختىيار. — ئامما كىيىن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ، دوكتورانتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن شۇ تەرەپكە قاراپ يولغا چىققىنىمدا ئىنتايىن خوشال بولدۇم. ئەنقەرە ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئۆزەم بىلەن بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن يالغۇز مېنىڭ دوكتورانتۇرىغا قوبۇل قىلىنىشىم — ماڭا تېخىمۇ چوڭ، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلەيدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم
.

بۇ گەپلەرنى قىلغان چاغدا غوللۇق، ئاق يۈزلۈك يىگىتنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ، كۆزلىرىدە شاتلىق نۇرى چاقنىدى. شۇ چاغدا مەن كېلەچەككە چوڭ ئۈمۈت باغلىغان يىگىتنىڭ ئالدىدىكى ھاياتىدا — ئىلىم-پەن دۇنىياسىدا ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدىغانلىغىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم


بىز سۆز قىلىۋاتقان بەختىيار روزىبايىۋ 1983-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ھازىرقى ئا.روزىباقىيىۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيادە 6-سىنىپقىچە ئوقۇدى. ئاندىن كىيىن شەھەردىكى قازاق-تۈرك لىسەيىغا كىرىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. قېرىنداش تۈرك مىللىتىنىڭ تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش بەختىيار ئۈچۈن ھېچ قانداق قىيىنچىلىق تۇغدۇرمىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ پۇختا ئۆزلەشتۈردى. 2000-يىلى لىسەينى ئەلا باھالارغا تۈگىتىپ، «ئالتۇن بەلگۈ» ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى ۋە شۇ يىلى  تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوتتۇرا شەرىق تېخنىكىلىق ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ فىزىكا-ماتېماتىكا فاكۇلتىتىغا گرانت بويىچە ئوقۇشقا چۈشتى
.

بۇ يەردىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي پەزىلەتلىرى، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىشى بىلەن ستۇدېنتلار ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چۈشتى. بەش يىل ئوقۇش جەرىيانىدا ئۇ پەقەتلا ئالدىنقى سەپتىن كۆرۈندى. بەختىيار ئۇنىۋېرسىتىتنى تۈگەتكەندە «فىزىكا باكلاۋۇرى»، «ئالىي بىلىم بويىچە ماگىستر» دېگەن ئىككى دىپلومنى ئېلىپ چىقتى. شۇ كۈنلىرى ئامىرىكا قوشما شتاتلىرىدىن تۈركىياگە كەلگەن بىر توپ ئالىملار بەختىيار روزىبايىۋ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى  ئامىرىكىغا ئوقۇشقا بەرىشقا تەكلىپ قىلدى
.

شۇنداق قىلىپ، بەختىيار روزىبايىۋ دېلاۋېر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ دوكتورانتۇرىسىغا ئوقۇشقا ئاتلاندى. بۇ يەردە ئۇ ئاستروفىزىكا يۆنىلىشى بويىچە «كائىنات نۇرى» — دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئىلمىي  پائالىيەت ئېلىپ باردى
.

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، بەختىيار ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقتىدا ساۋاقدىشى، ئەنقەرەلىك تۈرك قىزى ئىنژۇ بىلەن تونۇشۇپ، دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان ئېدى. كېيىنىرەك ئۇلار ئۆيلىنىپ، ئائىلە قۇردى


بەختىيار دوكتورانتۇرىغا چۈشكەن دېلاۋېر ئۇنىۋىرسىتىتىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئالاھىدىلىگى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، دوكتورانتلار ئۈچۈن بۇ يەردە نەزەرىيەۋىي ئالغان بىلىمىنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك شەرت-شارائىتلار يارىتىلغان. ئۇ دوكتورانتۇرىدا ئاستروفىزىكا ساھاسى بويىچە ئوقۇپ، بۇ ساھادا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئىشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا قويۇق ئارىلاشتى، تاللىغان ماۋزۇسى بويىچە ماقالىلارنى يېزىپ، تۈرلۈك نەشىرلەردە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرى بۇ ساھادىكى چوڭ ئالىملارنىڭ دىققەت-ئەتىۋارىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.بەختىيارمۇ ئۆزىنى قىزىقتۇرغان كۆپلىگەن سوللارغا جاۋاپ تېپىش مەخسىتىدە تۈرلۈك ئېكسپىدىسىيەلەرگە قوشۇلۇپ، ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى
.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختىيار ئامىرىكىنىڭ ئانتاركتىدىدا قوللىنىلىدىغان پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نوۋەتتىكى سەپەرگە چىقىدىغان ئېكىسپىدىتسىيە تەركىۋىگە  تەكلىپ قىلىندى
.

كېيىنكى ۋاقىتتا سىزنىڭ ئاستروفىزىكا ساھاسىدا يېزىۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىز ئالىملىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا،- دېدى ئېكىسپىدىتسىيە رەھبىرى رىد دژون. ئېكىسپىدىتسىيەمىزنىڭ تەركىۋىدە سىزدەك ياش ئالىملارنىڭ بولۇشى ئالغا قويغان مەخسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئىشىنىمىز ۋە شۇنىڭغا ئۈمۈت قىلىمىز
.

بۇ سۆزلەر بەختىيارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا چوڭ مەدەت بەردى
.

ئامىرىكا ئېكىسپىدىتسىيەسى ئانتاركتىدىغا كۆزلىگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بىردەك مۇز توڭلاپ تۇرىدۇ. ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى بەزەن  70 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. ھاۋا غۇبارسىز پاك ھەم تازا. ھازىرچە ئالىملار بۇ يەردىكى مۇزنىڭ بەش مىڭ مېترغىچە بولغان قېلىنلىغىنى ئۆلچەپ چىقتى. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر بولۇشى مۈمكىن. شۇنچە قېلىن مۇزنىڭ توغرا كەلگەن يېرىدىن بىر پارچىسىنى چېقىپ ئېلىپ، قاراپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ  خرۇستالدەك تازا ھەم سۈزۈكلۈگىنى كۆرەلەيسىز
بۇ ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئانتاركتىدىغا قىلغان دەسلەپكى ئېكىسپىدىتسىيەسى ئەمەس. ئۇلار بۇرۇنمۇ بۇ يەرگە تالاي قېتىم كېلىپ، موشۇ جەنۇبىي قۇتۇپتا ئامۇندسېن سكوتت ناملىق ستانسىياسىنى قۇرۇپ، بۇ يەردە تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بەختىيار روزىبايىۋ بۇ قېتىم ئەشۇ ئامۇندسەېن سكوتت ستانسىياسىگە بېرىپ تەجرىبىلىك ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىغا قىزغىن قاتناشتى. بۇ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيەنىڭ ئالدىغا قويغان ۋەزىپە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى— كائىناتنى، ئاسمان بوشلۇغىنى، يەنى كوسموسنى تەكشۈرەيدىغان ІCECUBE ناملىق دېتېكتور تېلېسكوپ ئاپپاراتىنى موشۇ جەنۇبىي قۇتۇپقا ئورنىتىپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتىن، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئېدى
.

ئەنە شۇنداق مۇھىم ۋە جاۋاپكارلىق ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا دوكتورانت بەختىيار روزىبايىۋ تاللاۋالغان ساھاسىنى يېتۈك بىلىدىغانلىغى بىلەن كۆزگە چۈشتى. ئۇنىڭ ئەمگىگىگە قايىل بولغان ئالىملار: «بىز سىزدىن مۇنچىلىك چوڭ ئۇتۇقنى كۈتمىگەن ئېدۇق»، دەپ نوۋەت بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى قىسىشتى. بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتۈپ، ۋەزىپە ئۇتۇقلۇق ئاياقلاشقاندا ئۆز ئىشىدا قول يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن بەختىيار روزىبايىۋ ئا ق ش مىللىي-ئىلمىي ئاگىنتلىغىنىڭ «ئانتاركتىدىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن» ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلەندى. موشۇ يەردە بۇ مېدالنىڭ 1960-يىلى ئا ق ش پارلامىنتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمدۇر
بىز جەنۇبىي قۇتۇپ — ئانتاركتىدىغا ئاياق باسقان ئۇيغۇر يىگىتى بەختىيار روزىبايىۋنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئالدىكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە ئىلمىي ئىشلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.
بۇ يەردە يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بىردەك مۇز توڭلاپ تۇرىدۇ. ھاۋانىڭ تىمپىراتۇرىسى بەزەن  70 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. ھاۋا غۇبارسىز پاك ھەم تازا. ھازىرچە ئالىملار بۇ يەردىكى مۇزنىڭ بەش مىڭ مەترغىچە بولغان قېلىنلىغىنى ئۆلچەپ چىقتى. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر بولۇشى مۈمكىن. شۇنچە قېلىن مۇزنىڭ توغرا كەلگەن يەرىدىن بىر پارچىسىنى چېقىپ ئېلىپ، قاراپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ  خرۇستالدەك تازا ھەم سۈزۈكلۈگىنى كۆرەلەيسىز.

نۇرمەھەمەت باراتوۋ. ئالمۇتا شەھىرى
مەنبە: قازاقىستاندا چىقىدىغان "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتى.«Уйғур авази» гезити 

 

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 19:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش بولدۇم ھەم بەك تەسىرلەندىم.
مۇشۇنداق ياش ئالىملىرىمىز كۆپرەك چىقسا نېمىدىگەن ياخشى .
ئاللاھ يولىنى ئوچۇق ، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلسۇن ئامىن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

529

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8328
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 21:32:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا سەھنىلىرىدە ئۆز ئۇتۇقلىرىمىزنى كۆپلەپ نامايەن قىلالىساق،بىزمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ھە ھېمايىىگە ئېرىشەلەيمىز! ئوغلانىمىزنڭ بۇندىن كىيىنكى مۇراد مەنزىلىگە خەيرىلىك تىلەيمەن،ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا مەدەت بەرسۇن!!!

2

تېما

2

دوست

4207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 507
تۆھپە : 964
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 21:44:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشا ئۇيغۇر يىگىتى! بەكمۇ پەخرلەندىم

6

تېما

0

دوست

1898

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12103
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 409
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 21:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭىز تېخدىنمۇ  ئوتۇقلۇق  بولسۇن   باتۇر  قەيسەر  بولۇڭ

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 23:17:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      دىمەك  بىزنىڭمۇ    يەر شارىدا  ئايىغىمىز    تەگمىگەن   يەر قالماپتۇدە ،  باشقىلار كەمسىتكۇدەك  دەرىجىدە  دوت ئەمەسكەنمىز . يېقىنقى يىللاردىن بېرى  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇنيا سەھنىلىرىدە كوزگە كورۇنىۋاتقانلقلىرىنى  كورۇپ ، روھىمىز كوتۇرلۇپ ، ئوزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى . " خۇدا ئادەمنى ھاسىسىدىن ئايرىسا كوزىدىن ئايرىمايدۇ " دىگەن شۇ بولسا كىرەك .

2

تېما

0

دوست

529

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8328
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 23:46:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5 - قەۋەتتىكى فىدانىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ھاھاھا...ھاياجانلىنىپ كېتىپ گەپنى ئۆرۈپ يېزىپ قويۇپسىزمۇ نېمە! ئۇ ئەسلى <خۇدايىم قارىغۇنى كۆزىدىن ئايرىسىمۇ ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ> دېگەن گەپتۇ؟

0

تېما

0

دوست

82

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12070
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 00:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياشا  ئۇيغۇر يىگىتى، ئاتاڭغا رەھمەت! بۇنداق كاتتا شان-شەرەپكە ئېرىشكىنىڭنى كۈرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن تەن ساقلىقى ۋە ئوتۇق ئامەتلەر مەڭگۈ ساڭا يار بوغاي !
```
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )