قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 881|ئىنكاس: 5

«ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»دىن سادا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9476
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 466
تۆھپە : 311
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]كارخانىچىلىق بىردەملىك ھاياجاننىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇ سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر كارخانىچى بولۇش ئۈچۈن، مۇكەممەل بولغان بىلىم قۇرۇلمىسىغا، كەسپىي ساپاغا، سەگەكلىككە، چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە ۋە توغرا بولغان رىقابەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.  ئەگەر كارخانىچىلاردا سەمىمىيەت، دۇرۇس نىيەت، مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە يىراققا نەزەر تاشلايدىغان سەگەك بىر كاللا بولمىسا، ئۇنىڭ رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!  
[align=justify]قانداق قىلغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەسپىي ساپاغا، مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي ماتېرىياللارنى كۆپرەك كۆرۈش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولۇش، كارخانىنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى ۋە دەۋرنىڭ ئىھتىياج تەلىپىنى چىقىش قىلىدىغان، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئىلغار ئىدىيەنى ئۆزىگە يېتەكلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئەخلاقىي جەھەتتىمۇ يېتىلىش زۆرۈر. 
[align=justify]چۈشىنىش كېرەككى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ئادەمگە نەپ بېرەلىگۈدەك كەسپىي ماتېرىياللارنى تاپماق بەسى مۇشكۈل. شۇڭا خەنزۇ تىلىدىكى باشقۇرۇششۇناسلىق، بازارشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، بازار ئىگىلىكى... ھەققىدىكى  كىتابلارنى كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، روناق تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كارخانىچىلار خەنزۇ تىل – يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. 
[/table]
[align=justify]
[align=justify][table=100%,#ffffff]
[align=justify]«ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»نىڭ قۇرغۇچىسى يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئاچقۇچىنىڭ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كەسپىي ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، توغرا رىقابەت ۋە ئەخلاق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشىش، ئەتراپلىق پىلانلاش، تولۇق تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق ئاخىرى  «ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. 
[align=justify]«ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»نىڭ تۈپ مەقسىتى دىيارىمىزدىكى مىللىي ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ، مىللىي كارخانىچىلارنى بىمالال ھالدا ئۆز ئانا تىل-يېزىقىدا تەييارلانغان كەسپىي بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆزىنىڭ ئەجرىگە چۈشلۇق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، دىيارىمىزنىڭ، جۈملىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش. 
[align=justify]دەۋر تەلىپىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر قىسىم مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، كارخانا باشقۇرۇش ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ساپاسىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھە دەپ شىركەت قۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىمۇ شىركەت قۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ دەرھال بىر شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئالدى-كەينىنى ئويلىماستىنلا ئىش باشلايدىغان ئەھۋاللار خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ئەمما ئۇلاردا شىركەت بىلەن ئەنئەنىۋىي سېتىقچىلىقنىڭ پەرقى نېمە؟ شىركەت دېگەن نېمە؟ ھازىرقى زامان كارخانىچىلىقى دېگەن نېمە؟ ئىلمى باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟ بازارشۇناسلىق دېگەن نېمە؟ شىركەت مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟... دېگەندەك بىر تالاي كەسپىي سوئاللارغا نىسبەتەن ئازراق خېمىر تۇرۇچمۇ يوق، بۇ سوئاللارغا نىسبەتەن ئاساسىي جەھەتتىن كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى نەشرىياتلاردەك مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.
نەشرىياتلار بۇ ھەقتىكى نەپ يەتكۈدەك كىتاب-ماتېرىياللارنى نەشردىن چىقارمىغاندىكىن، بۇ بىزنىڭ «ساپاسىز» كارخانىچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىقىنى تۈگىتىشكە ئامالسىز، ئۇلار كۆرەي دېسە كىتابخانىلاردا نەپ بەرگۈدەك كىتابلار يوق. ئەگەر ئۇلار خەنزۇچە ماتېرىياللارنى كۆرسىچۇ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، دىيارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كارخانىچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تېخى ئالىي مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، خەنزۇچە سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا خەنزۇچىنى تولۇق چۈشىنەلمەي يۈرگەندە خەنزۇچە يېزىلغان كەسپىي ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا بىزنىڭ «ساپاسىز» مىللىي كارخانىچىلىرىمىزدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق. ئۇلار ھېلىمۇ زور كۈچ بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ، مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۇلارنى ھالسىرىتىپ قويىۋاتىدۇ، ئەسلىدىنلا بىلىم قۇرۇلمىسى، كەسپىي ساپاسى يۇقىرى بولمىغاچقا ئۇلار ھامان زور دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى تەربىيەلەش كۇرۇسلىرى ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كەملىك قىلىۋاتىدۇ. 

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 10:32:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ .كارخانىلار تورىنىڭ ئېچىلغىنىغا موبارەك بولسۇن !
خەنچىنى ئانا تىلىدەك بىلىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپ بولغاندىكىن  ، خەنزۇچە ماتىرياللارنى تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە بەرسە بولىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

0

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9476
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 466
تۆھپە : 311
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 10:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى nigaranدە2012-12-12 10:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياخشى بوپتۇ .كارخانىلار تورىنىڭ ئېچىلغىنىغا موبارەك بولسۇن !
خەنچىنى ئانا تىلىدەك بىلىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپ بولغاندىكىن  ، خەنزۇچە ماتىرياللارنى تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە بەرسە بولىدۇ .  

مەسىلە ئۇلاردا ئەمەس، بەلكى نەشرياتتا، نەشريات باسمىسا، ھەر قانچە قىلغان بىلەن بىكار... شۇڭا ھازىرقى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل توردىن ياخشى پايدىلىنىش. ۋاقتى بارلار، شارائىتى بارلار بىر ئىككى پارچىدىن قىممىتى بار ياخشى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللىسا، تاما تاما كۆل تولار دەپ بىزمۇ نەشرىياتقا بېقىنمىساقمۇ كەڭ خەلقنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىشىمىز مۇمكىن....

7

تېما

0

دوست

2717

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10098
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 658
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 00:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم،ھارمىغايسىلەر. لېكىن مۇشۇ مىللىي كارخانىچىلار ،مىللىي ئىگىلىك دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر  كارخانىچىلار ، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ....دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىساق بولمامدۇ؟ بىزدىكى كىملىك ئېڭى، مىللەت ئېڭى نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدىكىن ؟  مىللىي دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا ئاتا -بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن چىرايلىق  ئۇيغۇر نامىنى قوللانساق  نىمە بۇلار ؟ سەمىمىي تەكلىپ .

6

تېما

0

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9476
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 466
تۆھپە : 311
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 23:01:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى taklimakan9216دە2012-12-13 00:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم،ھارمىغايسىلەر. لېكىن مۇشۇ مىللىي كارخانىچىلار ،مىللىي ئىگىلىك دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر  كارخانىچىلار ، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ....دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىساق بولمامدۇ؟ بىزدىكى كىملىك ئېڭى، مىللەت ئېڭى نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدىكىن ؟  مىللىي دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا ئاتا -بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن چىرايلىق  ئۇيغۇر نامىنى قوللانساق  نىمە بۇلار ؟ سەمىمىي تەكلىپ .  

ئەگەر ئۇيغۇر دەپلا ئالساق تازا ياخشى بولماسمىكىن دەيمەن. ئەگەر ھەممە ئىشقا ئۇيغۇر دەپلا ئالساق، ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشىمىز مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بەزى ئىشلاردا سەل ئاۋارىچىلىق كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن...

6

تېما

0

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9476
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 466
تۆھپە : 311
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 13:45:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودى ئېلان قىلىندى. ئەگەر سىز دائىم ۋېيشىندىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى سىكانېرلاپ، ئاممىۋىي سۇپىمىزغا ئەگىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بېكىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي سۇپىسىدا، ھەر كۈنى ئەڭ نادىر بولغان باشقۇرۇش، بازارشۇناسلىق (بېكىتىمىزنىڭ خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان) قاتارلىقلارغا ئائىت، ئىخچام ئەمما مەنىسى چوڭقۇر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان مەزمۇنلار يوللىنىپ، تورداشلارنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇشىغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودى تۆۋەندىكىدەك:
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )