جوڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقى يۇغۇرلىشىش ھادىسىسى خەن سۇلالىسىدە ئەمەس بەلكى موڭغۇللار دەۋرىدە يۈز بېرىپتۇ.
ئىچكى يېغىلىقتا ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈكرەك سەركەردە يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. جىن ۋە جەنۇبىي سوڭ سۇلالىلىرىنى يوقۇتۇپ جوڭگونى تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ " قوشقان تۆھپىسى غايەت زور" بوپتۇ.
ھەتتا بەزىلىرى يەرلىك خەلق تەرىپىدىن زىمىن ئەۋلىياسىغا ئايلىنىپ ئىبادەتخانىلاردىن ئورۇن ئاپتۇ. يۈئەن سۇلالىسى تارىخى دىگەن كىتاپتا "ئارق ھىيا(ئۇيغۇر سەركەردە) ئىستىلا قىلغان غەربىي خۇبېي، غەربىي ئەنخۇي، جياڭشى، خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا 58 ئايماق ۋە سانسىز تاغ ئاھالىلىرىنى بويسۇندۇردى. بويسۇندۇرغاندا كۆپۈنچە نەسىھەت بىلەن ئەل قىلدۇردى.قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلمىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ خەلقنىڭ سېلىقلىرىنى يەڭگىللىتىشنى مىزان قىلدى. شۇڭا، خەلق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياساپ، ئۇنىڭ ھەيكىلىگە باش ئۇردى." دىگەن گەپلەرنى يېزىپ قويۇپتۇ.
بۇ دەۋردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گۈللۈنۈپ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپتۇ.
موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللۇنۇپتۇ. بۇ يېزىقنى ئىمپىريەنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپتۇ. دۆلەت ئىچىدىكى بۇيرۇقلاردىن تارتىپ خەت-چەك ھۆججەتلەرگە قەدەر ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىپتۇ. ئۇيغۇر يېزىقى ئادەتتىكى مىللى يېزىقتىن دۇنياۋى يېزىققا ئايلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە يېزىلغان ئۇلتىماتۇملاردىمۇ قوللۇنىلىپ ياۋروپادىكى پادىشالارغىچە يېزىلىپتۇ. يەنە چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتى "ياساق"مۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرلىنىپتۇ. بۇلار ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخىدىلا ئەمەس بەلكى كەلگۈسىگە نېسبەتەنمۇ ئەڭ يۇقۇرى پەللە بولۇپ قاپتۇ.
نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچىلار خەنزۇ تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىپتۇ. ئۇ چاغلاردا خەنزۇ تىلى دۆلەت تىلى بولمىسىمۇ شۇنداق قىلىپتۇ. چۈنكى ئازادە مۇھىت، ئەركىن تەپەككۈردىكى جەمىيەت كىشىلەرنى تەبىئى بولغان يۈزلۈنۈشكە ئۈندەپتۇ. دىمەك بىراۋنى مەجبۇرلىغاندا ھەتتا ھەسەل يىيىشنىمۇ زۇلۇم ھىساپلايدىغانلىقى ئەشۇ كونا دەۋردىلا ئىسپاتلىنىپتۇ.
چىڭگىزخان قارا قوساق شامان بولسىمۇ دىنىي ئېتىقادنى ھۆرمەتلەپتۇ. ئىسلام ئۆزىنىڭ يېقىشلىق ھەم ئاۋانگارتلىق سۈپىتى بىلەن ئىمپىريە تەۋەسىدە شۆھرەت تېپىپتۇ. مانى، شامان ۋە بۇددا نىڭ قورشاۋىدا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى ساقلاپ ئىلگىرلەپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇل يۈرىشىگە تۇنجى بولۇپ ئاۋاز قوشقان قۇچۇ خانىنىڭ ئوغلى تۇرپاندا ئىسلامغا كىرگەنلەرنى مەخپى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. بۇ ئىش پاش بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. دىمەك بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئېتىقات ئەركىنلىكى دەخلىسىز قوغدىلىپتۇ.
ئويلاپ باقسام، موڭغۇللاردىن بۇرۇنقى ياكى كېيىنكى ھەرقانداق بىر دەۋردەت ئۇيغۇر مىللىتى بۇنداق مۇنبەت تۇپراققا ئېرىشىپ باقماپتۇ. ھەتتا مىڭ يىلدىمۇ كەلمەيدىغان بۇنداق قىسقىغىنە پۇرسەت، ئۇيغۇر مىللىتىنى تارىخنىڭ كېيىنكى قاراڭغۇلىقىدا يوقۇلۇپ كېتىشىدەك تىراگىدىيەدىن ساقلاپ قاپتۇ. كەلگۈسىدە باشلىرىغا يەنە كېلىدىغان زۇلمەتلىك كۈنلەر ئۈچۈن روھىي قۇۋۋەت تەييارلىۋاپتۇ.
شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى باشقا مىللەتلەر موڭغۇللارنى " دۇنيانىڭ ئاپىتى" دەپ ھىساپلىسىمۇ بىراق بىزلەرگە "ئەڭ ياخشى ھۆكۈمرانلار" دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىشتىن باشقا ئامال قالماپتۇ.
بۇ دەۋردە ئاقسۇ دىيارى قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ ؟
موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئىلىدىكى ئالمىلىققا يۆتكەلگەندىن كېيىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى،ئىسسىق كۆل، بەدەخشانلاردىن كەلتۈرۈلگەن غەللە-پاراق، سوغات-ئولپانلار ئالدى بىلەن ئاقسۇغا توپلىنىپتۇ. ئاندىن شىمالغا، تەڭرىتاغلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئالمىلىققا يوللاپتۇ. ئىلگىركى زامانلاردا ئاقسۇنىڭ مەركەزلىك ئورنى ئىككى قوچقارنىڭ ئۇسۇشىدىغان جايى بوپتىكەن. ئەمما بۇ قېتىم ياخشىلىق كەپتۇ. ئاھالە كۆپۈيۈپ سودا-تىجارەت جانلىنىپتۇ. بۇ رايوندىكى شەھەرلەر ئارىسىدا نوپوزى ھەممىدىن يۇقۇرى بوپتۇ.
كەچۈرۈڭ گەپ تولىراپ كەتتى. بىز تۈزۈك ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىغاچقا موڭغۇللار توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ ئۇزۇراپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن بىر نەرسىنى تەكىتلەپ قويۇشنى لايىق تاپتۇق. ئۇ بولسىمۇ موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە بۇ زىمىندىكى ئا زېتلىق ، چۇقانلىرى باشقا ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ ئاز بولغان. ھەتتا يوق دەپ ئېيتىشقىمۇ تامامەن بولىدۇ. موڭغۇل دەۋرىدە يۈز بەرگەن قوزغۇلاڭ ياكى توپۇلاڭلاردا ھەرقايسى مىللەتلەر شۇنداق جىپسىلىشىپ كەتكەنكى خۇددى بارچە مىللەت موڭغۇللار ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن.
دىمەك، سىرتتىن كەلگەن ھۆكۈمران مىللەت بىلەن بولغان بۇنداق چوڭقۇر تەغدىرداشلىق ئۇيغۇر تارىخىدا تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋالدۇر....
ئونسۇدا بىر مويسىپىت بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. بۇزرۇكۋار ئېغىر-بېسىق، ئىللىق تەكەللۇپلىرى بىلەن ئادەمدە ئىختىيارسىز ھۆرمەت قوزغايتتى. ئۇ قىرمىش ئاتام توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەچ ئاقسۇنىڭ قەدىمدە ئەردەۋىل(جىن-ئالۋاستىلار ماكانى) دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ساخاۋەتلىك تەڭرىتاغنىڭ ئالقىنىغا جايلاشقان، باتۇر ئەمگەكچان جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ئانا تۇپرىقى نىمە سەۋەپلەردىن شۇنداق نالايىق نامدا ئاتالغاندۇ ؟
يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ. دىگىنىدەك بۇ دىياردىكى مەنسەپ خاپىلىقىنىڭ كېسىلى يەنە تۇتۇپتۇ.
كېيىنچە چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلاتلىرى تۇغۇلىۋېرىپ كۆپۈيۈپ كېتىپتۇ. ئەمما بوۋىسى قالدۇرغان مەنسەپ كۆپەيمەپتۇ. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئادەم كۆپ مەنسەپ ئاز بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا مەنسەپ تالىشىش باشلىنىپتۇ....
موڭغۇللاردىن ئارىق بۇقا بىلەن ئارغۇننىڭ قوشۇنلىرى 1264-يىلى 4-ئايدا ئاقسۇ خۇنباش(كېيىنكى جاھانگىر خوجا بىلەن چىڭ مانجۇلىرى تۇتۇشقان مەشھۇر جەڭدىكى قۇمباش، ھازىر قۇمباش دەپ ئاتىلىدۇ)تا تۇتۇشقاندىن باشلاپ تاكى تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ھۆكۈمرانلىققا چىقىشىغا قەدەر ئاقسۇ ۋادىلىرى مەنسەپ جودالىرىنىڭ جەڭگاھىغا، تۈركۈم-تۈركۈم خەلىقنى ئوتۇن قىلغان زۇلۇم-يېغىلىقنىڭ ئوچىقىغا ئايلىنىپتۇ....
چىڭگىزخاندىن كېيىن چاغاتاي سوراپتۇ. چاغاتايدىن كېيىن باشلانغان ھوقوق تالىشىش تاكى شەرق چاغاتاي خانلىقى تىكلەنگىچە بۇ زىمىندىكى ئىلگىركى مەمۇرچىلىق يىراقتىكى چۈشكە ئايلىنىپتۇ. "كىيىك ئۇ قىزغا ئۇچرايدۇ. بالا بۇ قىزغا" دىگەندەك ئۇرۇشتىن ئامان قالغانلارنىڭ بېشىغا يۇقۇملۇق كېسەل دىگەن خالىس قاراقچى باستۇرۇپ كەپتۇ.
خۇددى ئاقسۇلۇق شائىرىمىز موللا شاكىر "زەپەرنامە" ئېيتقاندەك؛
.....كىرىپ ئەردەۋىل شەھرىگە بىر ۋابا،
بۇرەڭ كەلگەن ئەركەنكى قاتتىق بالا.
قېنى ئەردەۋىل شەھرى يوق ئۇندا جان،
ۋابادا ئۆلۈپ كەتتىلەر ھەرقايان.....
دىگەندەك ئورۇقنىڭ، گاداينىڭ ئاخىرقى مېلى بولغان جېنىنى ئالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل يامراپتۇ......
شۇڭا بۇ دەۋردىكى ۋەيرانلىقلار سەۋەبىدىن ئاقسۇ "ئەردەۋىل" دەپ ئاتىلىپتۇ.
ئاقسۇدا جالالىلىددىن دىگەن ئەۋلىيا توغرىسىدا نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار ئىكەن. رىۋايەتلەردە جالالىددىن ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان قۇم بېسىپ كەتكەن يۇرتتىن خەلقنى ئېلىپ چىقىپ، باياۋانغا ئايلانغان ئەردەۋىلنى قايتىدىن كۆكەرتىدىكەن.
تارىختا بۇ رىۋايەتنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر ۋەقەلىك بار.
چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلاتلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇنىڭ ئايكۆل ئەتراپلىرىغا ئوۋغا چىقىپتۇ. ئوۋ قائىدىسىدە قورشاۋدىكى ئوۋ رايونىغا ھەرقانداق ئادەمنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىكەن. ئەمما جالالىددىن ئۇقۇشماستىن ئوۋ رايونىغا كىرىپ قالىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان جالالىددىننى چاقىرىپ سۆزلىشىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان كۈچلۈك ۋە ئوتلۇق سۆزلەرنى ئاڭلاپ بۇ "خوتۇن"(موڭغۇلچە ئۇيغۇر)غا قىزىقىپ قالىدۇ.....سۆھبەتنىڭ ئاخىرى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ..... |