پەرھادنىڭ ھوجرىسى
سىز " پەرھاد-شېرىن" داستانىنى ئاڭلىغانمۇ ؟ مەنمۇ ئاڭلىغان. ھەممىمىز ئاڭلىغان. پەرھاد-شېرىننى ھەممىمىز بىلىمىز. بىراق ئۇلارنىڭ ئاقسۇلۇق ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيمىز. ئاقسۇدىكى ساناقلىق چوڭلارنىڭ ئېغىزىدا بىر رىۋايەت بار ئىكەن. بۇ رىۋايەت زامانلارنىڭ شاماللىرىدا ئۇپۇراپ ھازىر بىر غېرىچلا قاپتۇ. بۇ پەرھاد بىلەن شېرىننىڭ رىۋايىتىكەن. بۇ ۋەقەلەر بىزنىڭ ئاقسۇدا، ئاقسۇدىكى باي بىلەن كۇچاردا يۈز بەرگەن ئىكەن.... ئېھتىمال كىشىلەر پەرھاد بىلەن شېرىن قانداق بولۇپ ئاقسۇلۇق بولۇپ قالىدۇ دىيىشى مۇمكىن. سۇلتان سەئىدخان، تۇغلۇق تۆمۈرخان، مەھمۇت غەزنەۋىنىڭ، ئەھمەت يەسەۋىلەرنىڭ كۇچادىكى مازىرىغا مەنمۇ ئىشەنمىدىم. ئەمما پەرھادنىڭ ياتقان جايى باينىڭ قىزىل دىگەن يېرىدە ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندىم. .......چۆلتاغنىڭ باي بىلەن كۇچا ئۇچراشقان يېرىدە بىر كام مىڭ ئۆيدىن قۇرۇلغان بىر شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ پاراڭلىرى يايلاقلاردىن، قۇملۇقلاردىن، قېلىن ئورمانلاردىن ئۆتۈپ سوغۇق پەرەڭ ۋىلايەتلىرىگىچە يېيىلغان ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ شۆھرىتىنى ئىگىز تاغلار، ھەيۋەتلىك دەريالار، بىپايان دېڭىزلار توسالمايدىكەن. شۇڭا جاھاننىڭ يەنە بىر قېتىدىكى قەۋملەرمۇ بۇ شەھەرنى بىلىدىكەن. مەغرىپ-مەشرىقتىمۇ يوق بۇ شەھەر بىزنىڭ ئاقسۇدىكەن. بۇ شەھەرنى پەرھاد دىگەن يىگىتىمىز كۇچارلىق شېرىن دىگەن قىزىمىزغا ئاتاپ ياسىغان ئىكەن... كۇچار خانىنىڭ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزى بارئىكەن. سەۋزىرەڭ ھۆسنى، ھىلال قاشلىرى، كىيىكتەك مۆللىتە قاراپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن. بىر قارىغاننىڭ يەنە قاراشقا جۈرئىتى قالمايدىكەن. ئۇنى كۆرگەن سۈتمۇ قېتىققا ئايلىنىپ قالىدىكەن. بىر پارچە مۇزدىنمۇ ئىسسىق ھور ئۆرلەيدىكەن. ئەمەليەتتە شېرىننى شېرىن قىلغان ئۇنىڭ خۇلقىكەن. ئۇنىڭ خۇلقىدىن تاراۋاتقان نازاكەت بىلەن مۇلايىملىق باينىڭ بايلىقىنى، گاداينىڭ گادايلىقىنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن. شېرىنغا ئاشىق بولغانلارنىڭ سانى يوقكەن. ئادەملەر توي-تۆكۈندە، نەزىر-چىراقتا، ئېتىزدا، مەھەلىدىكى دوقمۇشتا بىر شېرىن بىلەن ئۇنىڭغا كۆيۈۋاتقان مىڭ ئاشىقنىڭ پارىڭىنى سالىدىكەن. باشلىرىنى چايقىشىدىكەن. ئىشىق ئوتى يامانكەن. پالانچى بەگنىڭ بالىسى، پۇستانچى ئاخۇنۇمنىڭ نەۋرىسى.....كېسەلكەن. ئۇلارنىڭ چىرايى سېرىق، كۆزلىرى خۇنۈك، چىرايى نۇرسىز ئىكەن. ئىشىق دىگەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىكەن. بايدا سايرام دەيدىغان بىر يۇرت بار ئىكەن. بىز سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ۋەقەدىكى يىگىت مۇشۇ سايراملىق پەرھادكەن. پەرھادنىڭ غەيرىتى ئۈستۈنكەن. كۆزى ئۆتكۈركەن. يېققىنىلا ئەمەس، يىراق-يىراقنىمۇ كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ كۆڭلى كۆپ-كۆك ئاسماندا ئەركىن ئۇچۇۋاتقان بۇركۈتكەن. پەرھادمۇ شېرىنگە ئاشىقكەن. ئەمما چىرايى سېرىق ئەمەسكەن. كۆزىدىن ئوت يانىدىكەن. بىراق شېرىنغا ئەلچى ئېۋەتەي دىسە خان بىلەن تەڭلەشكۈدەك ھەشەمىتى ياكى بايلىقى يوقكەن. بوپتۇلا دەي دىسە يىگىتلىكى "بوپتۇ" دىمەيدىكەن. ئۇ چاغلاردا تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ كەلگەن تەلۋىچۈك دەرياسى، قىزىل دەرياسى ۋە قاراسۇ، مۇزارت دەريالىرى ھازىرقى چۆلتاغقا بېرىپ توسۇلىدىكەن. تۆت دەريانىڭ سۈيى بۇ يەردە بىرلىشىپ قىزىلدىن ياقىئېرىققىچە چەكسىز دېڭىزدەك دولقۇنلاپ يېيىلىدىكەن. كونىلارنىڭ دىيىشىچە شۇ كۈنلەردە كۇچار خانى شېرىنغا خېرىدار بولغانلارغا پەرمانى شەرت ئېلان قىلغان دەيدۇ. ئارسىلانخاننىڭ پەرمانىدا شېرىننىڭ مەھرى ھەققىگە ئەشۇ دېڭىزنىڭ سۈيىنى كۇچارغا باشلاپ كېلىش تەلەپ قىلىنغان دەيدۇ. ئارسىلانخاننىڭ تەلىۋى ئەتراپقا يېيىلىپتۇ. نۇرغۇن ئاشىقلارنىڭ قۇلىقىغا كىرىپتۇ. ئادىمىزات ئاڭلاپ باقمىغان بۇنداق تەلەپ ئۇلارنىڭ يۈرىگىدىكى ئوتنى سوغاق سۇدەك بېسىپتۇ. خاننىڭ شەرتى پەرھادنىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپتۇ. ئارسىلانخاننىڭ شەرتى كۆيۆئوغۇلدىن بايلىقنى ياكى گادايلىقنى تەلەپ قىلمايدىكەن. مەردانە يۈرەك بىلەن يانماس بىلەكنى تەلەپ قىلىدىكەن. خۇدايىم پەرھادقا بايلىق بەرمىگەن بىلەن بۇلارنى بېرىپتىكەن. پەرھاد ئالدى بىلەن دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئېتىنى مىنىپ كۇچاغا بېرىپتۇ. ئاتنى سېتىپ كۇچادىكى ئەڭ ئۇستا تۆمۈرچىگە دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق مېتىن ۋە سۈمبىلەرنى ئەڭ مۇستەھكەم بازغانلارنى سوقتۇرۇپتۇ. پەرھاد بايغا قايتىپ كېلىپ روزىغارىدىكى ئاخىرقى قۇناق ئۇنىنىڭ ھەممىسىنى تالقان قىلىپ قورۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ جاھاننى زىل-زىلىگە سالغان تاغنى يېرىپ سۇ باشلاش ۋەقەسى بايدا باشلىنىپتۇ. پەرھادنىڭ تاغنى يېرىۋاتقانلىقى بايغا، بايدىن چىقىپ كۇچارغا، جىمىكى يۇرت-خالايىققا مەشھۇر بوپتۇ. ئادەملەر ئارسىلانخاننىڭ شەرتىنى ئاڭلىغاندىلا كۈلگەن ئىكەن. "شېرىنجان ئاچچىق كىشمىشكەن.ھېچكىم يىيەلمەيدىكەن" دىيىشىپتىكەن. پەرھادنىڭ ۋەقەسىنى ئاڭلاپ يەنە كۈلۈپتۇ. "بەش بازغان، بىر خالتا تالقان بىلەن تاغنى يارغۇدەك. نى-نى بايلار قىلالمىغاننى بىر گاداي قىلغۇدەك....." دىيىشىپتۇ. ئوردىدا، خىلۋەتتىكى ھەرەم-ھوجرىلاردىمۇ مۇشۇ پاراڭكەن. ئوردىنىڭ ئاكابىر-ئەشرەپلىرى كۇسۇلدىشىدىكەن. تۇمشۇقلىرىنى تۇتۇپ پىخىلدىشىدىكەن. كېنزەكلەر شىۋىرلىشىدىكەن. قاش-كۆزلىرىنى سۈزۈپ، ئۇلۇق-كىچىك تىنىشىدىكەن." توۋۋا خۇدايىم؟!.....بۇ قانداق تەلۋىلىك ؟!....بىر جېنىغا-ھە...." شۇنداقتىمۇ يۈرەكلىرى ئىسسىق بولىدىكەن. باشلىرىنى سىڭايان قىلىپ، كۆزلىرىنى نەگىدۇر تىكىپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن خىياللارنى سۈرىدىكەن. ھەرەمدىكى چاخچاق-تەنىلەر ئۇلغۇيۇپتۇ. شېرىننىڭ قۇلىقىمۇ تۆشۈكتە. ئاخىرى بۇ گەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغىمۇ كىرىپتۇ. ئۆزىگە ئاتاپ تاغنى يېرىۋاتقان پەرھادنى ئاڭلاپتۇ. بارمىقىنى بوش چىشلەپتۇ. "تاغنى-ھە......" چىرايى يېنىككىنە قىزىرىپتۇ. خالايىق نىمە دىسە دەۋەرسۇن. پەرھادنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيدىكەن. ئۇنىڭ قۇلىقىغا بازغان بىلەن مېتىن ئۇرۇلغان چاغدىكى ۋاڭىلدىغان ئاۋازلا كىرىدىكەن. ئۆيدەك قورام تاشلارنى سۈمبە قويۇپ تېشىدىكەن. ئاندىن مېتىن بىلەن يارىدىكەن. ئاخىرىدا بازغان بىلەن پارچىلايدىكەن. ئۇنىڭ پىكىر-خىيالى شېرىندىكەن. شۇنداق لەززەتلىك خىيال بىلەن قولىنىڭ ئاغرىقى، بېلىنىڭ تالغىنى يادىغا كېلەمدۇ ؟! ئىشلەۋېرىدىكەن. قوسىقى ئاچسا تالقان يەيدىكەن. بارا-بارا تالقانمۇ ئازلاپتۇ. كېيىچە سۇيىنى جىقراق قىلىپ ئىچىدىغان بوپتۇ. ئاخىرىدا ئۇمۇ تۈگەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈچۈك بۇيا شوراپ، تاغ ئۆچكىلىرىنى ئوۋلاپ قوساق توقلاپتۇ. توقمۇ ئىشلەپتۇ. ئاچمۇ ئىشلەپتۇ. ئىشقىلىپ توختىماي ئىشلەپتۇ. چۈمۈلە كىچىك بولسىمۇ غەيرىتى چوڭكەن. يەرنى تېشىدىكەن. خۇدايىم غەيرەتنىڭ جۈپتىنى مۇشاقەت قىلىپ يارىتىپتىكەن. ئۇلار بىر ئۆيدە ياشايدىكەن. ئىككىسىنىڭ بالىسى مۆجىزىكەن. پەرھاد ئىككىنچى يىلى باھاردا تاغنى يېرىپ بوپتۇ. دەريا سۈيى كۇچاغا قاراپ ئېقىپتۇ. بۇ دەريانى "ئۆگەن دەرياسى" دەپ ئاتاپتىكەن. بەلكىم بوۋىلار، پەرھادتىن "ئۆگەن" دەپ شۇنداق ئاتىغاندۇ. ئۆگەن دەرياسى كۇچانىڭ باغۇ-بوستانلىرىنى سۇغۇرۇپ ئۆتۈپ تارىم دەرياسىغا قوشۇلىدىكەن. ئۇ يەردىن تەكلىك ماكاندىكى بىپايان ئۈزۈمزارلىقلارنى سۇغۇرۇپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى لوپنۇر كۆلى(يۇلتۇزلۇق دېڭىز)گىچە بارىدىكەن. كۇچاغا ئېقىپ كەلگەن دەريا سۈيىنى كۆرگەن خەلقلەر ھەيران قاپتۇ. پەرھاد دىگەن يىگىتكە ھەيران قاپتۇ. كۇچاغا، تارىمغا، تەكلىماكانغا ھاياتلىق سۈيى كەپتۇ. ئەمما بايدىكى بىپايان سۇنىڭ ئورنىدا بۈگۈنكى كۆلچەكلا قاپتۇ. پەرھادمۇ تومۇزنىڭ ئىسسىقلىرىدا، زىمىستاننىڭ سوغ-شىۋىرغانلىرىدا ئاچ-توق ئىشلەپ چارچاپتۇ. باينىڭ ھەيۋەتلىك يىگىتى ئورۇقلاپ كىچىكلەپ قاقشال توغراقتەكلا بولۇپ قاپتۇ. سۇنىڭ كۇچاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ شەھەردە، ئوردىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ باشلىنىپتۇ. شۇنچە ۋاقىتتىن تاغ يېرىۋاتقان پەرھادنىڭ غېمىنى يىمىگەن خەلق ئەمدى شېرىننىڭ غېمىنى يىيىشكە باشلاپتۇ. " قانداق گەپ بولدى !؟....ئۇنچىلىك سۇنى بىزمۇ ئەپكېلەتتۇق....مانا ماڭايلى دىگۈچە بۇ ئىش چىقىپتۇ....خان بۇنى قانداق يىغىشتۇرار. ئەمدى نازاكەتلىك شېرىننى ئەشۇ يالاڭتۆشكە بېرىمىزما ؟!..... خەلق ھەيرانكەن. پەرھاتقا قايىلكەن. قولى دۇئادىكەن. بىراق ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، قەلەمدارلار غۇلغۇلىدىكەن. چوڭ بولۇپ ئاڭلىمىغان ئىشكەن. "خاننىڭ قىزى ئەمدى گاداينىڭ خوتۇنىمىكەن ؟! شاھانە سارايلارغا كۆنگەن شېرىن سايراملىقنىڭ كەپىسىگە كۆنەلەرمۇ؟....." ئۇلارنىڭ ئېغىزى تۆشۈككەن. تۆشۈكتىن ھەممە نىمە چۈشۈپ قالىدىكەن. بولىۋاتقان گەپ-سۆز پەرھادنىڭمۇ قۇلىقىغا يېتىدىكەن. ئەمما ئاچچىقى كەلمەيدىكەن. بىچارىلەرنىڭ ھالىغا كۈلگۈسى كېلىدىكەن. |