[table=100%,#fbd5b5][/table]
ئاقسۇدىكى قىسقىغىنە زىيارەت جەرياندا بىر ئالاھىدە ئەھۋالنى بايقاپ قالدىم. رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا دىنىي خاراكتىردىكى مازارلارنىڭ ئۇچراپ تۇرىشى نورمال ئىش. بىراق مىللى قەھرىمانلارنىڭ مازارلىرى ئاسانلىقچە ئۇچرىمايدۇ. بولۇپمۇ ئىككى يۈز قىرىق يىللار بۇرۇنقى مىللى قەھرىمانلار مازىرىنىڭ ئاقسۇدا مۇكەممەل ساقلانغانلىقى مېنى شۇنچىلىك تەسىرلەندۇردى. شۇ مىنۇتلاردا ئاقسۇ خەلقىغە نېسبەتەن قەلبىمدە چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھىسياتى كۆتۈرۈلدى. بۇنداق مىننەتدارلىق ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ئىدى. بۇ مۇقەددەس ئىزلارنى بۈگۈنگە قەدەر زاماننىڭ تۈرلۈك شىۋىرغانلىرىدىن ئامان ساقلاپ قالغان ئاقسۇدىكى خەلقىمىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر. سىلەر تارىخىمىزنىڭ مۇقەددەس قۇرلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دەريا-دەريا قانلىرىڭلار ۋە سان-ساناقسىز جانلىرىڭلارنى سەرپ ئەتتىڭلار. شۇنداقلا بۇ ئىزلارنى بۈگۈنگىچە ئېلىپ كېلەلىدىڭلار. سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز ! ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر يۇرتلىرى تىلغا ئېلىنسا ئاقسۇ ئالدىرىماي تىلغا ئېلىنىدۇ. قالغان يۇرتلارنىڭ "ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى" ئالدىدا ئاقسۇغا ئالدىراپ سان تەگمەيدۇ. بۇ بەلكىم ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئىستىكىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن كىچىك پېئىللىقىدىن بولسا كېرەك. مەدداھلىق سەنئىتى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نېسبەتەن بۇنداق كەمتەرلىك تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىنى كۈزەتسەك ھەر بىر ۋەقە ئاقسۇدىن مۇستەسنا ئەمەس. تارىختىكى ھەرقانداق ھەركەتكە قاتناشقان پىدائىلار ئاقسۇ خەلقىنىڭ نان-چېيىنى يىمىگەن ئەمەس. خوجىنىيازغا "سەكسەن مىڭ قوي" يىغىپ بەرگەن خەلقىمىز، مىللى ئارمىيەگە باي ناھىيىسىدىنلا "بىرمىڭ بەشيۈز ئىشەككە يۈكلەنگەن ماددى ئەشيانى ئېۋەتىپ بەرگەن" ئىدى. كېيىن ئاقسۇ كونىشەھەردىن يولغا سالغان ياردەمنىڭ سانىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. شۇ چاغدا ئاقسۇلۇقنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىدى ؟ ھەرگىزمۇ قازاندىن ئېشىپ چۆمۈچتىن تېشىپ كەتكەندەك باياشات ئەمەس ئىدى. بۇلار كۆك نامراتلىقتىكى مەردۇ-مەردانىلىق ئىدى. بۇ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمى. بىز ئىنچىكە ھىساۋات بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلساق ئاقسۇ خەلقىنىڭ دىيارىمىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ھەرگىزمۇ باشقا يۇرتلارنىڭ كەينىدە قالغان ئەمەس. ھەتتا ئاقسۇدا تۆكۈلگەن قاننىڭ مىقدارى ھەممە يۇرتنىڭ ئالدىدا تۇرىشىمۇ مۇمكىن. مەن نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە "يۇرتلار ئارا..." دىگەن مەزمۇننى چايناپ قالدىم؟ يازغۇچىلىرىمىز ياكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئۆز يۇرتنى سۆيۈش مەخسىتىدە يۇرتىنى "ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۆھپىكار يۇرت" دىگەندەك ياخشى نىيەتتە باھالىشى قالغان يۇرتلاردا بىنورمال چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماقتا. يۇرتىڭىزنى سۆيسىڭىز بولىدۇ. ئەمما باشقا يۇرت بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىلا ئەمەس بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدىمۇ نان يەيدۇ. شۇڭا "ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۆھپىكار يۇرت" دىگەن بۇ ۋىروسلۇق جۈملىنىڭ زۆررىيىتى يوق. ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى. ناۋادا "كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن" دىگەندەك كۈچەپ كەتسەك نىيىتىمىزنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ قالىدۇ. بۇ پەقەت "يۇرتۋازلىق" دەپلا ئاتىلىدۇ. بۇنداق يۇرتۋازلىقنى قانداقلىكى ئۇسۇل قوللانمايلى ئىلمىلىككە كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ يەلكىمىزدە تارىخىمىزنىڭ مەلۇم دەۋرىدىكى "مۇنەۋۋەر يۇرت"نى بۈگۈن ھەتتا كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق مۇنەۋۋەر ھىساپلايدىغان ۋارىسمەنلىك مەجبۇرىيىتى يوق. قانداقتۇ "زىيالىيلار قوشۇنى" ياكى "كارخانىچىلار توپى" دىگەندەك ئىسسىقى يوق ئۇقۇملارمۇ كېرەك ئەمەس. مەسىلەن؛ زىيالىيلار توپىنى نوپۇسقا نېسبەتلەشتۈرسەك قومۇلغا يېتىدىغان يۇرت يوق. قومۇلدىكى ئەۋزەللىك ھىساپلىنىدىغان "زىيالىلار نىسبىتى" ھېچنىمىنى بەلگىلىيەلمىدى ھەم بەلگىلىيەلمەيدۇ. "ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقىنى ياخشى مۈشۈك." بىزگە ھىممىتى يوق زامانىۋى كارخانىچىلاردىن ئىسسىقى تېگىدىغان ئاۋۇ مەرھۇم مامۇت ئاكىمىزدەك ئادەملەر. ئەشۇ ئاقسۇلۇقتەك ئەزىمەتلەر كېرەك. مائارىپ كۆلەملەشكەن" دىگەن رەڭنى باشقىلاردىن پەرقلىنىشنىڭ بەلگىسى قىلىۋالمايلى. بولمىسا "ئۇيغۇر مەدەنىي-مائارىپىنى قىسىر قىلغان" دىگەن قالپاققا قالىمىز. يەنە "ئىقتىسادى ئاڭغا ئىگە" دىگەن سۈپەت بىلەنلا ھىممەتسىز توختاپ قالمايلى. بولمىسا بۇنداق سۈپەت "ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇغداشقا ئېپى بار" دىگەن ئىزاھاتقا ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇن. بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى دىموكىراتىك ئىنقىلاپنىڭ بۆشۈكى بولسا يەنە بەزىلىرى يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى. يەنە بەزى يۇرتلىرىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەزىنىسى بولسا بەزى يۇرتلىرىمىز قانلىق تارىخىمىزنىڭ موزىيىدۇر. بۇنداق سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلىغان يۇرت مەۋجۇت ئەمەس. ئەجەبا بۇنداق چەمبەرچەس باغلانغان ئۇيغۇر يۇرتلىرى ئارىسىدا يەنە قايسى يۇرت ئايرىلىپ چىقالايدىكەن ؟! بىر يۈرۈش ئۇيغۇر تارىخى تەرەقىياتىنى قانداق "ئىقتىدارلىق يۇرت" ئۆز زىمىسىدە كۆتۈرەلەيدىكەن !؟ ئۇنتۇپ قالمايلى، بىزنىڭ يۇرتلىرىمىز يامان كۈنلەردە يۆلەك بولۇشقان. بىر ناننى تەڭ يەپ، بىر ئاكوپتا تۇرۇشقان. بىر قىلىچتا چېپىلىپ بىر لەھەتتە يېتىشقان..... ئاقسۇ، دىيارىمىز تارىخى بىلەن شۇنچىلىك باغلىنىپ كەتكەنكى بۇ يۇرتقا نۇرغۇن يۇرتلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئاقسۇدىنمۇ باشقا جايلارغا ئاھالە كۆچۈرگەن. قىسقىسى ئاقسۇ خەلقىنىڭ يىلتىزى ھەر-بىر يۇرت بىلەن باغلانغان. مەن ئاقسۇدا قومۇلدىكى (قارامۇقچا ۋە قارادۇۋە) بەزى ئاز ئۇچرايدىغان جاي ناملىرىنىمۇ ئۇچراتتىم. لۇتپۇللا مۇتەللىپ(بوۋىسىنىڭ دادىسى ئاقسۇلۇق)نىڭ ھىكايىلىرىنى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (دەسلەپكى مائارىپ تەربىيىسىنى ئاقسۇدا ئالغان) لەرنىڭ قورا-جايلىرىنى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ(ئاقسۇلۇق)لارنىڭ ئىزلىرىنى ئاڭلىدىم، كۆردۈم. قومۇل خەلقى رايونىمىزدىكى باشقا يۇرتلارغا نېسبەتەن ئاقسۇغا ئەڭ كۆپ قەرزدار. ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى دەۋرىلىرىدە قومۇللۇقلار بۇ زىمىننىڭ ئاز بولمىغان تۇز-تائامىنى يىگەن. ئەشۇ يامان كۈنلەردە مۇساپىرلىق دەردىگە ئاقسۇلۇقتىن دەرمان تاپقان. كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئىنقىلاپ ئىشلىرىدىمۇ ئاقسۇلۇقلار ئېزىز بالىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئەمما ھەر-بىر قوزغۇلاڭنىڭ خاتىمىسىدىكى نەتىجىلەر ئۇلارنىڭمۇ بېشىدا ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن. ئاقسۇنىڭ كۈرەشتىن ئېشىپ قالغان جانلىرى ۋە ماللىرى دۈشمەن تەرىپىدىن قىرىلغان ھەم تالان-تاراج قىلىنغان. قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىغا ھەسسە قوشۇشتا ئاقسۇ بەزى تەرەپلەردىن ھەتتا قومۇلنىڭمۇ ئالدىدا تۇرۇشقا لايىق. شەخسەن ئۆزەمنى ئېيتسام بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن قەلبىمدە ئاقسۇغا نېسبەتەن غايىۋى بىر ھۆرمەت تىكلەنگەن ئىدى. 19 مەن ئىلگىركى يىللاردىكى مۇساپىرەتلىرىمدە ئاقسۇ خەلقىنى ئانچە كۆپ ئۇچراتمايتتىم. نىمىشقىدۇ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان باشقا يۇرتلارغا ئوخشاش سىرتقا چىققان ئاقسۇلۇقلارمۇ غولداپ كەتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا بۇنىڭ مەۋجۇت ئەھۋاللىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. بۇنى قانداقتۇ تىرىكچىلىك ئېھتىياجى نۇقتىسىدىنلا چۈشۈنۈشكە ئامال تاپالمىدىم. چۈنكى بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئارىسىدا يۇرتداشلىرىغا قارىغاندا ھال-ئوقىتى ياخشى ۋە ياكى ئاڭ-ئىدىيەسى يۇقۇرىلار ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. مەن ئاقسۇنى ئەڭ ياخشى يۇرتلىرىمىزنىڭ بىرى دەپ بىلىمەن. بۇ يەردە نورمال تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتى بولسىلا ھەرقانداق ئادەمنىڭ بەخىتلىك ياشىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن بىزنىڭ دىيارىمىزنى ئەڭ ياخشى دەپ بىلىمەن. مەنلا ئەمەس، پۈتۈن مەلىكەت خەلقىمۇ "ۋومېن شىنجاڭ خو دىفاڭ" دەپ بىلىدۇ. مەملىكەت خەلقى شۇنداق دەۋاتقان يەردە بىزدەك تۆت تال ئۇيغۇر ئەشۇ ياخشىلىقتىن بەھرە ئالالمىساق قانداق بولىدۇ ؟ ھۆپۆپمۇ ئۆز يۇرتىنى(ئەسكى سوقمىلىقنى) سۇلايماننىڭ ئوردىسىدىن ياخشى ساناپتىكەن. چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىدا قىسىلمايدۇ. "ئولتۇر، تىك تۇر، تۈز تۇر" دەك بۇيرۇقلارغا ئۇچرىمايدۇ. خالىسا ئۇچىدۇ،خالىسا قونىدۇ. ئەركىن ھاۋادىن نەپەس ئالىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولمىسا ئەشۇ ھۆپۆپ جېنىدا ئۆز يۇرتىدا تۇرمايدۇ. چۈنكى بۇ يۇرت ھۆپۆپنىڭ جېنىغا زىق بولىدۇ. بۇ يەردە قانداقلا بولمىسۇن تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلەپ قويۇشنى گىراژدانلىق مەسئۇلىيىتىم دەپ ئويلۇدۇم. بىز ئاساسى قانۇندىن ئىبارەت مۇتلەق ئادىللىقنى ھىمايە قىلغان دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز. ھەرقانداق بىر ساھەنىڭ خاس قانۇنى ياكى يەرلىك نىزام-قائىدىلىرى ئاساسى قانۇننى مەنبە قىلغان بولىدۇ. ناۋادا تارماق قانۇنلار ئاساسى قانۇن ماددىلىرى بىلەن زىتلىشىپ قالسا بىزدە زىدىيەتلىك ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز مىللىتىرازىم بىلەن ئەمەس بەلكى ئاساسى قانۇن بىلەن يۇرت سوراۋاتىمىز. شۇڭا ئاساسى قانۇننى تولۇق ئۆگۈنۈپ، ئاندىن شۇ ئاساستا قالغان نىزام-قائىدىلەرنى تۈزەش قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ بۇرچى. ئەگەر بۇ بۇرچنى ئادا قىلالمىساق بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيەتنى يەنە خەلققە يۈكلەپ قويامدۇق ؟! قومۇلدا ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا بىر مائارىپچىنىڭ رادىئو نۇتىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بەزى كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشىگە چەك قويىدىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ مائارىپچىنىڭ كاپىتالىزىمنىڭ سېسىق نەزىريەسىنى سوتسىيالىزىمنىڭ مائارىپ مەيدانىدا ئۈلگە قىلغانلىقىدەك قاپيۈرەكلىكى. ۋاستە تاللىماستىن مەخسەتكە يېتىشكە ئۇرۇنىشى. مائارىپ ئورنىدا دىنىي ئەخلاقتىن تەمسىل ئېلىپ تەربىيە قىلىش چەكلىنىدۇ. ئەمما ئاۋۇ ئەجنەبىيپەرەسنىڭ شالىنى ئېقىتىشى ھۆرمەتلىنىدۇ. بۇ قانداق مەنتىقە ؟ بۇ ئۆز قارارىغا ئىشەنمەيدىغان مەنتىقە. بىز يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قەدەر مەدەنىيلىكنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. چۈنكى مەدەنىي جەمىيەت قۇرۇلمىسىغا ھەۋەس قىلىۋاتىمىز. مەركەز مەدەنىيەتتە چوڭ دۆلەت ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەدەنىيەتنىڭ تەخىرسىز قوغدۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەركەزنىڭ پەرمانى كۈن نۇرىغا ئوخشاش ئىگىزگىمۇ پەسكىمۇ ئوخشاش تېگىدۇ. بۇ پەرمان ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە تېگىپ، بۇ يەرگە تەگمەيدىغان بۇلۇت توسىۋالغان كۇن نۇرى ئەمەس. بىز بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغىغا ئىگە دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى پەقەت چاڭچىلە بىلەن ياڭگېرنى ياكى مۇقام بىلەن ئۇسۇلنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ ھەر-خىل مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللى ئادەت-كىيىنىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا شۇنداق كۆپ مىللەتلەرنىڭ رەڭدار مەدەنىيەت ئاساسلىرى بىلەنلا جوڭگو مەدەنىيىتى دۇنيا خەلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ كۆپ رەڭلىك ۋە كۆپ قىرلىق نامايەندىلىرى ئارقىلىق شۆھرەت تېپىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەجەبا بۇنداق زور كۆلەملىك يۈزلىنىش بىزنىڭ بىر قىسىم مەدەنىيەتسىز ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىغا ھېلىغىچە تەسىر قىلمىغانلىقى بىزنىلا ئەمەس مېنىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالدى. دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ساق بىر خىل شەرھىيلىسە ساراڭ يەنە بىر خىل شەرھىيلەيدىكەن. مەس بىر خىل شەرھىيلىسە گالۋاڭ يەنە بىر خىل شەرھىيلەيدىكەن. بۇنىڭ شەرھىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 54-يىلىلا بېرىلىپ بولغان. ئەمدى قالغان گالۋاڭلارنىڭ يەنە شەرھى ئېيتىشقا ئۇرۇنىشى ئاچچىق ئۈچىيىدىكى شەخسى غەرىزىنى يوپۇتىشىدىن شۇنداقلا ئۆزىنى يەرلىكتىكى خان ھېساپلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. قانۇن دىگەن خوتۇنۇڭنىڭ كۇخۇڭ(لەۋسۇرۇخ)ى ئەمەس. مېھماندارچىلىققا سۈركەيدىغان، خاپا بوپ قالسا تاشلايىدىغان..... مېنىڭچە زور سانلىق دىنىي ئېتىقاتتىكى ئامما دۆلەتنىڭ تىنىچلىقى ۋە ئامانلىقىنى تىلەيدۇ. شۇڭا ئون ياكى يىگىرمە ئادەم مىليون ئادەمگە ئوبراز بولۇپ قالسا بىزنىڭ ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىمىز بىلەن قاملاشمايدۇ. بىزنىڭ قانۇنچىلىق دۆلىتىمىز بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. مىليون نوپوسلۇق مىللەتكە ئۇۋال بولىدۇ. مەن بۈگۈنكى جەمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى قاتلاملارغا نېسبەتەن ئېتىقات ئىگىلىرىنى ئەڭ ياخشىلىرى دەپ قارايمەن. ئۇلارنى مىللەت ئىچىدىكى يادرولۇق قاتلام دەپ ھۆرمەتلەيمەن. تۆھپىكار دىيىشكە توغرا كەلسە شۇلارنى سايلايمەن. تاللاش توغرا كەلسە شۇلارنى تاللايمەن. قوغداش توغرا كەلسە شۇلارنى قوغدايمەن. چۈنكى ئۇلار جەمىيەتكە ماددى غەرەز بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى خالىسلىقنى شۇلار ساقلاپ قالىدۇ. باشقىلارغا پەرۋەردىگارنىڭ رەھمىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. خولۇم-خوشنىلىرىغا ياخشىلىق قىلىدۇ. جەمىيەتكە ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ. (قىسمەنلىكنى ئومومىيلىققا كۆتۈرمەيلى) ئىللىق مۇئامىلە ۋە توغرا يېتەكلەش بولسىلا نەزىرىمىزدىكى بۇ مىليونلىغان "دۈشمەن" دوستقا ئايلىنىدۇ. تىنىچلىقنىڭ، ئامانلىقنىڭ تۆھپىكارلىرىغا ئايلىنىدۇ. تارىختىكى تەجرىبىلەردىن سېنىڭكى ئەمەس مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان. سەمىمى يېتەكلەش خىزمىتىنىڭ ئورنىنى گۇمانلىق پوزىتسىيە بىلەن يەكلەش ئىگەللىگەللىكتىن زىيان تارتتۇق. تارىختا يەكلەش بىلەن بىر مىللەتنى ياكى بىر ئېتىقاتنى يوقۇتالىغان بىرەر زاتى ئىنسان چىقىپ باقمىدى. چىقىپ باقمىدى. قەتئى چىقىپ باقمىدى. شۇڭا سەمىمى يېتەكلەش، يەنە سەمىمى يېتەكلەش ئاخىرىدا يەنە سەمىمى يېتەكلەشنى تەۋسىيە قىلىمىز، مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى كۆچۈرىۋېتىلگەن خەلقىمىزنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق. ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا يۇرتلاردىن ئاھالە يۆتكەپ كېلىدىغان قىلمىشلارنى يەنى "ئۇچ" نىڭ "ئۇچتۇرپان" غا قانداق قىلىپ ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقى بىز ئۈچۈن ئىبرەت. تارىخنىڭ يارىسىغا ئايلىنىپ ھېلىغىچە شەلۋەرەپ تۇرغان بۇ كونا يارىلار بىرقىسىم تەلۋىلەرنىڭ جىنايەتكىرانە مەخسەت-مۇددىئاسىنىڭ شاھىتلىرى بولۇپ قالغان. بىز تارىختىن بۇيان ئەشۇنداق ساناقلىق ئىپلاسلارنىڭ تاپقان بالاسىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز. دۆلەت تارتىۋاتىدۇ. خەلق تارتىۋاتىدۇ. بىزنى مەڭگۈ ئارام تاپقۇزمايدىغان بىر باش ئاغرىقىغا ئايلىنىپ ئاخىرى پۈت-قولىمىزنى چۈشەپ قويىۋاتىدۇ....(بۇ توغرىسىدا خاتىمىدە ئايرىم توختىلىمىز) تولا مەزىسى يوق پاراڭ سېلىپ باشلارمۇ ئاغرىپ كەتتى-ھە ؟ بىر يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي. جىددىلىشىپ كەتكەن نېرىپلىرىمىز بوشاپ قالسۇن. مانجۇلار ئاقسۇدا خوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرۇپ يۈرگەن كۈنلەردە خاندىن بىر يارلىق كەپتۇ. يارلىقنى قوبۇل قىلغان مەيداندا ئۇيغۇرلاردىن تۇرپانلىق ئىمىن خوجا(ئىمىن ۋاڭ)، قومۇللۇق يۈسۈپ خوجا(يۈسۈپ ۋاڭ) ۋە ئاقسۇلۇق سېتىۋالدى خوجا(باينىڭ بېگى)دىن ئىبارەت ئۈچەيلەن بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قومۇللۇق يۈسۈپ خوجا مانجۇلارنىڭ سۆزىنى بىلىدىكەن. مانجۇ سەركەردىسى يارلىقنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سورۇندىكى مانجۇلار بىرلىكتە توۋلاپ "جە! " دىسە "جە !" (باش ئۈستىگە! ) دىيىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ جەلىرىدىن چۆچىگەن تۇرپانلىق ئىمىن خوجا قومۇللۇق يۈسۈپ خوجىدىن " ماۋۇلار كەررۇلا ۋاقىراپ كەتتىغۇ ؟ نىمە دىيىشىۋاتىدۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ. قومۇللۇق يۈسۈپ خوجا ئۇنىڭغا " نىمە دەيتتى ئىسيانچىلارنى باستۇرالمىساق كۆتلەش بولۇپ كېتەيلى دەۋاتىدۇ" دەپ چاخچاق قىپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ تۇرغان ئاقسۇلۇق سېتىۋالدى خوجا "كۆتلەش(ھېجىقىز)" دىگەن تۇرپان شىۋىسىنى چۈشەنمەي، قومۇللۇق يۈسۈپتىن " كۆتلەش دىگەن نەچچىنجى دەرىجىلىك ئەمەل ؟ ئۇلارنىڭ ئەمىلى چۈشسە بىزنىڭ ئەمەل كۆتلەشتىنمۇ تۆۋەن بولۇپ كېتەرمۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ.
( داۋامى بار ....... ) |