قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: darya.

سوفىيانە قومۇلدىن غازىيانە ئاقسۇغا سەپەر (ئابدىرىيىم ئابلەتخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

3262

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 547
توردىكى ۋاقتى: 581
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 19:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چيەنلوڭغا بۇ ئىش ئەلەم بوپتۇ. ئۇ ئىپارخاننىڭ ئاكىسى تۇردى خوجى (خوجا جاھاننىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشتا مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇ سىڭلىسى بىلەن پايتەختكە كەلگەندە ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ئەركانبەگ مەنسىۋىگە ئېرىشكەن. يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار مەشرۇتىيىتى ئىشقىيە دىگەن تېرورچى تەشكىلاتنى قۇرغان. كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەخپى ساقچى قىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ قىسىم مانجۇ خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قىرغىنچىلىق، بۇزغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.)غا سىڭلىسىنىڭ رايى خاننىڭ مۇھىم تەشنالىقى بولۇپ قالغانلىقىنى، ناۋادا تۇرداخۇن "بۇ ئىشتا تۆھپە كۆرسەتسە قوش چىڭۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپتۇ..." بۇ مەنسەپ مەملىكەتتە خان بىلەن ۋەلىئەھدىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان مەنسەپ ئىكەن. تۇرداخۇن مىڭلىغان خەلقىنى قىرىش، مىليونلىغان خەلقىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بۇ مەنسەپ، ئەمدى بىر ئەلانۇرخېنىمنىڭ رازىلىقىغا باغلىق بولۇپ قاپتۇ.
تۇردى خوجا سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، بوغدا خان ئالىلىرىغا ئاكا بولۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بىراق ئەلانۇرخېنىم ئۇيغۇر قىزلىرىنى بۇ زالىملارغا سولاپ بېرىپ پاقىسى قانماي يەنە سىڭلىسىنىمۇ سولاپ بەرمەكچى بولغان سولامچىنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ ئەلانۇرخېنىم ۋەقەسى خان سارىيىدىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىككە ئايلىنىپتۇ. خانغا خىزمەت كۆرسۈتۈش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرگەن خان تاغىسى خېشىن (ۋەزىر ئەزەم خېشىن) چيەنلوڭنىڭ كۆيۈك ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەلانۇرخېنىمغا ئاتاپ قەشقەر ئۇسلۇبىدا بىر ھاممام ياسىتىپتۇ. بۇ ھاممامدا بىر مەخپىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئايرىم بىر ئۆيىدە يوشۇرۇن تۆشۈك ئارقىلىق مۇنچىغا چۈشۈۋاتقان بانۇ-ئايىملارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

شۇندىن كېيىن ھەرەمخانە بەگلىرى، ھەرەمخانىدىكى بانۇ-ئايىملارنى پات-پات ھاممامدا كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپتۇ. چيەنلوڭنىڭ كۈنلىرىمۇ ئەشۇ تۆشۈكنىڭ ئالدىدا نىمھوزۇر ئۆتۈشكە باشلاپتۇ.                                               بۇ كۈنلەردە چيەنلۇڭ ئوردا رەسەتخانىسىدىكى پالچىغا بۇ چەنتو كىنىزىكىنىڭ رايىنى قانداق قىلىپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تېپىش بۇيرۇقى بېرىپتۇ. پالچى چىغىناق-تاغاقتەك يېزىقلار ئارىسىدا نەچچە كۈن ھەپلىشىپتۇ. بىراق بۇ يېزىقلاردا چەنتو قىزلىرىنىڭ ئەھۋالاتى يېزىلمىغان ئىكەن. چۈنكى بۇ يېزىقنىڭ ئىگىلىرى چەنتو قىزلىرىنى بىلمەيدىكەن. پالچى بېيجىڭدىكى كارۋان سارايلارغا بېرىپ غەرپتىكى شۇ ئەلنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. غەرپكە تىجارەت بىلەن بارغان بىر ئادەم ئۇنىڭغا غەرپتە "مىۋىسى ئالتۇندىن، يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، غولى تۆمۈردىن بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ بارلىقىنى..." ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ گىياھنىڭ چېچىكى ئېچىلغاندا ئەنبەردەك پۇرىقى ئەتراپقا تارايدىكەن. رېسىدە بولغان چەنتو قىزلار بۇ پۇراققا ئامراق بولۇپ ئۇنىڭ چېچىكىنى قۇلاقلىرىغا قىسىۋالىدىكەن. پالچى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بىرگە ئوننى قوشۇپ "پال كىتاۋىدىن چىققان..." بۇ ئۇچۇرنى چىيەنلوڭغا مۇنداق يەتكۈزۈپتۇ.                        -ئالىلىرى بۇ چەنتو قىزىنىڭ يۇرتىدا بىر دەرەخ بار ئىكەن. چەنتو قىزى شۇ دەرەخنى سېغىنىدىكەن. ناۋادا بۇ دەرەخ ئۇنىڭ يېنىدا بولسا ئىشقنىڭ ئىپتىداسى پەيدا بولىدىكەن.....- دەپتۇ.                 چيەنلوڭ يىراقتىكى غەربى دىيارغا جىددى مەلۇمات يوللاپتۇ. " ئەشۇ گىياھ ئاستانىغا تېزدىن كەلتۈرۈلسۇن...."                     بۇ گىياھ جىگدە ئىكەن.                                      شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر "جىگدە يېغىلىقى" نىڭ ئۇچقۇنى ئۇچتۇرپانغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ...                          شۇ كۈنلەردە چيەنلوڭ كوڭزىنىڭ يەتمىش ئىككىنچى ئەۋلادى بولغان كوڭشەنپىيگە ياتلىق قىلىنغان قىزىنى يوقلاش ئۈچۈن شەندوڭدىكى چۈيفۇغا چىقىپ كېتىپتۇ. خان ئانىسى شاھ سانىيە (تارىختىكى شاۋشيەن ئايىم) ئەلانۇرخان ۋەقەلىكىنى ئاڭلاپ تۇرغاچقا بۇنىڭغا بەكلا ئىچى پۇشىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىر ئەزەم شۇ خېدې(بىز بىلىدىغان دوك ۋەزىر ليۇيوڭ) خان ئانىسىغا "مۇنچىغا ئورنۇتۇلغان تۆشۈك..." ھەققىدە مەلۇمات بېرىپتۇ. بۇ ئىش خان ئانىسىنىڭ سەۋرىسىنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپتۇ. چيەنلوڭنىڭ ئوردىدا بولماسلىقى ياخشى پۇرسەت بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ خان ئانىسى ئەلانۇرخان(ئىپارخان)نى چاقىرىپتۇ. ئۇ بۈيۈك چىڭنىڭ سەلتەنىتىنىڭ جاھاندا يىگانە ئىكەنلىكى، خاقان چيەلۇڭنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك خان ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇ تەرەپتىن بېرىلگەن شەرەپنىڭمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەلانۇرخانغا ئەمدى بوينى قاتتىقلىق قىلماسلىقنى پۇرۇتۇپتۇ.                                            ئەمما ئەلانۇرخان ئۆز سۆيگۈسىنىڭ ھەرقانداق سەلتەنەتكە باغلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا كۆڭلىنىڭ ھەرقانداق خاقاندىنمۇ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. خان ئانىسى ئەگەر مۇشۇنداق قىلىۋەرسە خاننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا دەخلى يېتىدىغانلىقىنى، ئەلنىڭ چوڭ ئىشىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىپارخاننىڭ ئىككى يولدىن بىرىنى تاللىۋېلىشىنى بۇيرۇپتۇ.    ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ پەخرى، تارىخىمىزنىڭ يارقىن غۇرۇرى بولغان ھۆرلۈك جەڭچىسى ئەلانۇرخان ئۆلۈم يولىنى تاللاپتۇ.  شۇنداق قىلىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا ھەرەمخانىسىنى  ھەيران قالدۇرغان بۇ " چەنتو كېنىزىكى" خان ئانىسى تەرىپىدىن " زەڭگەر شايى پوتا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە" ئەمرى قىلىنىپتۇ. ئەمما خاندانلىقنىڭ تارىخىغا ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بويىچە " كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى" دەپ پۈتۈپ قويۇپتۇ.                                            ئىپارخان ئۆلتۈرۈلگەن شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغۇلىڭى پارتىلىغان ئىدى. قوزغۇلاڭ خەۋىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەپتۇ. بولۇپمۇ قوزغۇلاڭچىلار ئارىسىدىكى قىز-ئاياللار توغرىسىدا "چەنتولارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىدىن تارتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن..." لىكىدەك مەلۇماتلار خان ئوردىسىغا ئەلانۇرخاننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇ بەلكىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باھادىرلىقى توغرىسىدا چىڭ ئوردىسىدا ساقلانغان مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىلا بولىشى مۇمكىن...........
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....

2

تېما

0

دوست

3262

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 547
توردىكى ۋاقتى: 581
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 19:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاننىڭ مۇھىم تەشنالىقى بولۇپ قالغانلىقىنى، ناۋادا تۇرداخۇن "بۇ ئىشتا تۆھپە كۆرسەتسە قوش چىڭۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپتۇ..." بۇ مەنسەپ مەملىكەتتە خان بىلەن ۋەلىئەھدىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان مەنسەپ ئىكەن. تۇرداخۇن مىڭلىغان خەلقىنى قىرىش، مىليونلىغان خەلقىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بۇ مەنسەپ، ئەمدى بىر ئەلانۇرخېنىمنىڭ رازىلىقىغا باغلىق بولۇپ قاپتۇ.
تۇردى خوجا سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، بوغدا خان ئالىلىرىغا ئاكا بولۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بىراق ئەلانۇرخېنىم ئۇيغۇر قىزلىرىنى بۇ زالىملارغا سولاپ بېرىپ پاقىسى قانماي يەنە سىڭلىسىنىمۇ سولاپ بەرمەكچى بولغان سولامچىنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ ئەلانۇرخېنىم ۋەقەسى خان سارىيىدىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىككە ئايلىنىپتۇ. خانغا خىزمەت كۆرسۈتۈش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرگەن خان تاغىسى خېشىن (ۋەزىر ئەزەم خېشىن) چيەنلوڭنىڭ كۆيۈك ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەلانۇرخېنىمغا ئاتاپ قەشقەر ئۇسلۇبىدا بىر ھاممام ياسىتىپتۇ. بۇ ھاممامدا بىر مەخپىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئايرىم بىر ئۆيىدە يوشۇرۇن تۆشۈك ئارقىلىق مۇنچىغا چۈشۈۋاتقان بانۇ-ئايىملارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

شۇندىن كېيىن ھەرەمخانە بەگلىرى، ھەرەمخانىدىكى بانۇ-ئايىملارنى پات-پات ھاممامدا كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپتۇ. چيەنلوڭنىڭ كۈنلىرىمۇ ئەشۇ تۆشۈكنىڭ ئالدىدا نىمھوزۇر ئۆتۈشكە باشلاپتۇ.                                               بۇ كۈنلەردە چيەنلۇڭ ئوردا رەسەتخانىسىدىكى پالچىغا بۇ چەنتو كىنىزىكىنىڭ رايىنى قانداق قىلىپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تېپىش بۇيرۇقى بېرىپتۇ. پالچى چىغىناق-تاغاقتەك يېزىقلار ئارىسىدا نەچچە كۈن ھەپلىشىپتۇ. بىراق بۇ يېزىقلاردا چەنتو قىزلىرىنىڭ ئەھۋالاتى يېزىلمىغان ئىكەن. چۈنكى بۇ يېزىقنىڭ ئىگىلىرى چەنتو قىزلىرىنى بىلمەيدىكەن. پالچى بېيجىڭدىكى كارۋان سارايلارغا بېرىپ غەرپتىكى شۇ ئەلنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. غەرپكە تىجارەت بىلەن بارغان بىر ئادەم ئۇنىڭغا غەرپتە "مىۋىسى ئالتۇندىن، يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، غولى تۆمۈردىن بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ بارلىقىنى..." ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ گىياھنىڭ چېچىكى ئېچىلغاندا ئەنبەردەك پۇرىقى ئەتراپقا تارايدىكەن. رېسىدە بولغان چەنتو قىزلار بۇ پۇراققا ئامراق بولۇپ ئۇنىڭ چېچىكىنى قۇلاقلىرىغا قىسىۋالىدىكەن. پالچى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بىرگە ئوننى قوشۇپ "پال كىتاۋىدىن چىققان..." بۇ ئۇچۇرنى چىيەنلوڭغا مۇنداق يەتكۈزۈپتۇ.                        -ئالىلىرى بۇ چەنتو قىزىنىڭ يۇرتىدا بىر دەرەخ بار ئىكەن. چەنتو قىزى شۇ دەرەخنى سېغىنىدىكەن. ناۋادا بۇ دەرەخ ئۇنىڭ يېنىدا بولسا ئىشقنىڭ ئىپتىداسى پەيدا بولىدىكەن.....- دەپتۇ.                 چيەنلوڭ يىراقتىكى غەربى دىيارغا جىددى مەلۇمات يوللاپتۇ. " ئەشۇ گىياھ ئاستانىغا تېزدىن كەلتۈرۈلسۇن...."                     بۇ گىياھ جىگدە ئىكەن.                                      شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر "جىگدە يېغىلىقى" نىڭ ئۇچقۇنى ئۇچتۇرپانغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ...                          شۇ كۈنلەردە چيەنلوڭ كوڭزىنىڭ يەتمىش ئىككىنچى ئەۋلادى بولغان كوڭشەنپىيگە ياتلىق قىلىنغان قىزىنى يوقلاش ئۈچۈن شەندوڭدىكى چۈيفۇغا چىقىپ كېتىپتۇ. خان ئانىسى شاھ سانىيە (تارىختىكى شاۋشيەن ئايىم) ئەلانۇرخان ۋەقەلىكىنى ئاڭلاپ تۇرغاچقا بۇنىڭغا بەكلا ئىچى پۇشىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىر ئەزەم شۇ خېدې(بىز بىلىدىغان دوك ۋەزىر ليۇيوڭ) خان ئانىسىغا "مۇنچىغا ئورنۇتۇلغان تۆشۈك..." ھەققىدە مەلۇمات بېرىپتۇ. بۇ ئىش خان ئانىسىنىڭ سەۋرىسىنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپتۇ. چيەنلوڭنىڭ ئوردىدا بولماسلىقى ياخشى پۇرسەت بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ خان ئانىسى ئەلانۇرخان(ئىپارخان)نى چاقىرىپتۇ. ئۇ بۈيۈك چىڭنىڭ سەلتەنىتىنىڭ جاھاندا يىگانە ئىكەنلىكى، خاقان چيەلۇڭنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك خان ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇ تەرەپتىن بېرىلگەن شەرەپنىڭمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەلانۇرخانغا ئەمدى بوينى قاتتىقلىق قىلماسلىقنى پۇرۇتۇپتۇ.                                            ئەمما ئەلانۇرخان ئۆز سۆيگۈسىنىڭ ھەرقانداق سەلتەنەتكە باغلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا كۆڭلىنىڭ ھەرقانداق خاقاندىنمۇ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. خان ئانىسى ئەگەر مۇشۇنداق قىلىۋەرسە خاننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا دەخلى يېتىدىغانلىقىنى، ئەلنىڭ چوڭ ئىشىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىپارخاننىڭ ئىككى يولدىن بىرىنى تاللىۋېلىشىنى بۇيرۇپتۇ.    ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ پەخرى، تارىخىمىزنىڭ يارقىن غۇرۇرى بولغان ھۆرلۈك جەڭچىسى ئەلانۇرخان ئۆلۈم يولىنى تاللاپتۇ.  شۇنداق قىلىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا ھەرەمخانىسىنى  ھەيران قالدۇرغان بۇ " چەنتو كېنىزىكى" خان ئانىسى تەرىپىدىن " زەڭگەر شايى پوتا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە" ئەمرى قىلىنىپتۇ. ئەمما خاندانلىقنىڭ تارىخىغا ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بويىچە " كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى" دەپ پۈتۈپ قويۇپتۇ.                                            ئىپارخان ئۆلتۈرۈلگەن شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغۇلىڭى پارتىلىغان ئىدى. قوزغۇلاڭ خەۋىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەپتۇ. بولۇپمۇ قوزغۇلاڭچىلار ئارىسىدىكى قىز-ئاياللار توغرىسىدا "چەنتولارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىدىن تارتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن..." لىكىدەك مەلۇماتلار خان ئوردىسىغا ئەلانۇرخاننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇ بەلكىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باھادىرلىقى توغرىسىدا چىڭ ئوردىسىدا ساقلانغان مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىلا بولىشى مۇمكىن...........
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

25

تېما

2

دوست

1990

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 21:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بۇ يازمىلىرىنى ئوقۇپ يۇرتۇمنى قايتىدىن بىر قېتىم تونۇدۇم.

2

تېما

0

دوست

3262

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 547
توردىكى ۋاقتى: 581
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 17:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 20:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
ۋەتەن ساتقان ھۆكۈمرانلار

رايونىمىز تارىخىدا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدەك مەۋھۇم تاجاۋۇزلىرى كۆزىمىزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭلا ئەمەس ھەتتا باشقا قىتئەدىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ قەدەم ئىزى بۇ دىياردا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ زىمىندا مۇشەققەت تارتىپ يۈرۈشلىرى يەرلىك خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغۇلاڭلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى تەرىپىگە قارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش ئۈچۈندۇر.
بىراق، ئۇلارنىڭ "خالىسلىقى"غا ئىشەنگەن بىچارە خەلق ئۆزلىرى كۆرۈۋاتقان زۇلۇملارغا چىدىماي قوزغۇلۇپ يامان كۈنلەرگە كەلگەندە ئاۋۇ جاھانگىرلار تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ.
ئۇلار نەگە كېتىدۇ ؟ ئۇلار ھېچ يەرگە كەتمەيدۇ.
بۇ چاغدا ئۇلار مەخسەتكە يەتكەن بولغاچقا خەلقىمىزنىڭ ئۆلە-تىرىلىشى بىلەن كارى بولماي ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە دىگەن سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى ئۇلارنىڭ سودىسىدىكى كوزىرىغا، دەسمايىسىگە ئايلىنىپ دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ نە-ھال، نە-كۈن كۆرۈۋاتقىنىمىزنى بىلىدىغان ئەشۇ خوشنىلار، دىنداشلار ۋە قەلبداشلار بۇ زىمىننىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ھەر-خىل شەرتنامىلەرنى ياكى سودا توختاملىرىنى تۈزەيدۇ. ھۆكۈمرانلارمۇ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يەرلىك قوزغۇلاڭچىلارغا ياردەم بەرمەسلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئۇيغۇر تارىخىدا زالىم كۆتلەشنىڭ ۋە پۇرسەتپەرەس ئەجنەبىينىڭ ۋەدىسىدەك تۇترۇقسىز ۋەدە بولغان ئەمەس.
بۇ تۇترۇقسىز ۋەدىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ھەر-بىر قوزغۇلاڭنىڭ خاتىمىسىدە زۇلمەتلىك ھۆكۈمەت بىلەن چەتئەل جاھانگىرلىرى قىلچە زىيان تارتمايدۇ. دارغا ئېسىلغىنى ياكى قىرغىن قىلىنغىنى يەنىلا مۇشۇ تۇپراقنىڭ بەخىتسىز خوجايىنلىرى بولىدۇ. ھۆكۈمرانلار ئەشۇ جاھانگىرلارغا تۆلىگەن خىراجەتلەرنى بىرنى ئون قىلىپ يەنە مۇشۇ زىمىندىن، قىرغىندا ئۆلمەي تىرىك قالغان يىلىكى شورلۇق خەلقتىن يۇلىۋالىدۇ.
يېقىنقى زاماندىكى خوجىلار توپىلىڭىنى مىسالغا ئالساق بۇ توپىلاڭلارغا قوقان خانلىقى بىۋاستە قول تىقىدۇ. ئۇنداقتا توپىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن قوقان خانلىقىنىڭ بۇ زىمىندىكى تەغدىرى قانداق بولىدۇ ؟
ھېچقانداق بولمايدۇ. قوقانلىقلارنىڭ توپىلاڭدىن ئىلگىركى ئىمتىيازى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوقان خاندانلىقى بىلەن سودا شەرتنامىسى تۈزەيدۇ........ ئۇلارنىڭ سودا كارۋانلىرى ھەسسىلەپ كۆپۈيىدۇ. ھەتتا قوقان ئاقساقاللىرى چېگرا تاموژنىسىغا مەسئۇل بولۇشتەك ئالاھىدە ھوقوقلارغا ئېرىشىدۇ...( چىڭنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى تاموژنا ھوقوقىنى ئەنگىلىيىلىكلەر ئىگەللىۋالغانغا ئوخشاش) قوقانلىقلار باج-خىراجسىز ئالتىشەھەردە سودا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.... ھەتتا ئوردا خاتىرلىرىگە پالانچى دۆلەت ئۆلپان تەغدىم قىلىپ بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى دەپ پۈتۈشكە ئامراق، بۇ قۇرۇق سۆلەت چىڭ ھۆكۆمىتى قوقان خانى شىر ئەلىخاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا 200يامبۇ بىلەن شايى،ماتا،فار-فۇر قاچا دىگەنلەرنى كۆتۈرۈپ بارىدۇ. مانجۇلارنىڭ خەلقارادا ئىناۋىتىمۇ بولمايدۇ. قوقان خانى بىلەن بولغان سۆھبەتتە چىڭنىڭ ئەلچىلىرىنى توغرىدىن-توغرا " كاپر" دەپ ئاتايدۇ...."
دىمەك تىللا-ئاقچىلار ئىلگىركىدىن ھەسسىلىنىپ قوقانغا قاراپ ئاققان بولسا تۈمەن ۋە ئاقسۇ دەريالىرىدا يەرلىك خەلىقنىڭ قېنى ئاقىدۇ.  
بۇلار ئەجنەبىيلەرنىڭ ئەزەلدىن بۇ زىمىنغا غەرەزسىز غەمخورلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇۋاشنى بوزەك قىلىپ ياماندىن قورقۇدىغان بىچارە سۇلالە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇلاردىن باشقا روسىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامىرىكا، گېرمانىيە باشچىلىغىدىكى ئوننەچچە دۆلەت بىلەن ئىلگىرى-كېيىن ئىمزالىغان "نېۋچىنسېك شەرتنامىسى"دىن تارتىپ تاكى "شىنچۇ شەرتنامىسى"غا قەدەر ئاز كەم يىگىرمە شەرتنامىلەرگە قارىساق بۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى قانۇنىي ئاساسىنىڭ قىلچىلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز.
نە دۆلەت  نە خەلقنىڭ تەقدىر-ئىستىقبالى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان بۇنداق سودىلار بۇ زىمىننىڭ تارىخىدا تولىمۇ كۆپ يۈز بەردى. ھەتتا تۆنۆگۈنگە قەدەر ئۈزۈلمىدى. ياڭدىن تارتىپ گومىنداڭغا قەدەر ئورۇس ھەتتا سوۋېت ئىتىپاقى بىلەنمۇ ئاشكارا ۋە مەخپى يوسۇندا نۇرغۇن ۋەتەن ساتقۇچ كېلىشىملەر تۈزۈلدى. بۇ كېلىشىملەرنىڭ سىياھى يەنىلا بۇ زىمىندىكى ھەر-مىللەت خەلقىنىڭ قېنى بولدى.
مۇشۇ ۋەقەلەرنى ئويلاۋېتىپ مەرھۇم لۇتپۇللانىڭ شېئىرىدىكى "زاماندا ئىناۋەت يوق" دىگەن مىسرانى ئەسلەپ قالدىم.
بۇ قۇرلارغا كەلگەندە چىڭدىن ئىبارەت بۇ "سېسىق تۇخۇم"نى ھەرقانچە قىلىپمۇ "ساق تۇخۇم"تى دىيەلمىدىم. چۈنكى ئۇنى "ساق" دىيىش بۇندىن كېيىنكى ھەرقانداق نەرسىنى تاللىماي يىيىشكە مەجبۇرلىنىشتىن دېرەك بېرەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سېسىق تۇخۇمنىڭ جىنايەتلىرىنى پەردازلاش، يەنە شۇ جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىگە سۈكۈت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستى.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامتى ؟ ئەلۋەتتە بولاتتى. مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك قانداقتۇر چېگرا-پاسىللاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇشلا ئەمەس ئىدى. بەلكى ھەر مىللەر خەلقىنىڭ قەلبىدە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىگە قارىتا مەڭگۈ ئېغىشمايدىغان ئەقىدە تۇرغۇزۇش ئىدى. ئەگەر بىز ئويلىغان ئەمىنلىك ئورنىتىلغان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى قوزغۇلاڭ ۋە قىرغىنچىلىقلارمۇ يۈز بەرمەيتتى.
ياڭدىن تارتىپ گومىنداڭغىچە بولغان جەرياندا دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئارزۇنى تەل-تۆكۈس ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامتى ؟ ئەلۋەتتە بولاتتى. بىراق شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلار قالپاققا تۈشلۈق قىرغىزلىق قىلالمىدى. ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىدىن بۇ "قالپاق"نى ئوڭشاپمۇ كىيەلمىدى. قالپاق تىككەن رەختتىن پايپاقمۇ تىكىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، زوراۋان مىللەتچىلىكنى يۈرگۈزگەچكە كەلگۈسىگە ئاسارەتلىك بىر تارىخنى قالدۇرۇپ كەتتى.
شۇڭا ئۇلار توۋلىغان "دۆلەت مەنپەئەتى" ھۆكۈمراننىڭ قانخورلىقى بىلەن ئاۋامنىڭ قۇلچىلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان فاشىستتىك ئىدىيە بولغاچقا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدى.
ئۇلارنىڭ ئاتالمىش دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن تۆھپىسىنى ھەرقانچە زورلىساقمۇ خەلقىمىزنىڭ قان-ياشلىق تارىخى ئۈستىدە تۇرغۇزۇش مۇمكىن بولمىدى.
مانا شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى بىز مىليونلىغان خەلىقنىڭ قاتىلى، ئىنسان بالىسىنىڭ دۈشمىنى بولغان چىڭ سۇلالىسىغا ئوخشاش ھۆكۈمرانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ زىمىندىكى قولچوماقلىرىنى ئۇلۇغلايدىغانغا ماتىريالىزىم نۇقتىنەزىرىدىن قىلچىلىك دەلىل تاپالمايمىز. بىز پەقەت ئىدىئالىزىمچىلار بولۇپ قالمىساقلا بۇنداق خاتالىقلارغا مەستانە بولۇپ يۈرمەيمىز.
بىز دۆلەت مەنپەئەتى دىگەن مەۋھۇم ئۇقۇمنى پەقەت خەلق مەنپەئەتى دىگەن روشەن ۋە مەڭگۈلۈك تېما بىلەنلا يورىتالايمىز. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى دىگەن بۇ تېمىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ ھەقىقى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ھەر مىللەت باراۋەر ھەم بەختىيار ياشايدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز. 

( داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ!)
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....

1

تېما

1

دوست

6015

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6005
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1071
تۆھپە : 1154
توردىكى ۋاقتى: 843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 00:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىرىيىم ئابلەتخاننىڭ تىنى سالامەت،ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي، داۋامىغا تەشنامەن.

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1024
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4601
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 02:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياڭ زېنڭشىن « ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قوي ئۆلتۈرسە دۇرۇت-ئايەت ئوقۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.لېكىن ، ئادەم ئۆلتۈرسە دۇرۇت-ئايەت ئوقۇمايلا ئۆلتۈرىۋېرىدىكەن» دەپ ھەيرانۇ ھەس قېلىپ، ياقىسىنى تۇتۇپتىكەنمىشلەر.

2

تېما

0

دوست

3262

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 547
توردىكى ۋاقتى: 581
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 13:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
قەھرىمان ؟!......

ئىماملىرىم يېزىسىدا بىر ياشانغان ئادەمدىن ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئاچىتاغدىكى قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئاچىتاغدا ياشاپ ئۆتكەن مەرھۇم ئەھەت قارى ھاجىمدىن جايتاغ مازىرىدىكى ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىغان ئىكەن.
بالام بىلەن ئىككىمىز جايتاغ مازىرىنى ناھايىتى تېزلا تېپىۋالدۇق.
بۇنىڭدىن ئىككى يۈز ئەللىك يىللار بۇرۇن ئۈچتۇرپان خەلقى نورۇز ئۆتكۈزىدىغان توققۇز بۇلاقنى ھۆكۈمەت تارتىۋالغاندىن كېيىن نورۇز بايرىمىنى جايتاغدا ئۆتكۈزۈپ كېلىپتۇ. ھەر يىلى ئۇچتۇرپاننىڭ يېزىلىرىدىن، ھەتتا ئاقسۇ، ئونسۇلاردىنمۇ جايتاغدىكى نورۇز بايرىمىغا، نورۇز ئېشى "ھەپتە سالام" غا ئېغىز تېگىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئادەملەر كېلىدىكەن.
ئۇ ۋاقىتلاردىكى جايتاغ، توققۇز بۇلاقتىن قېلىشقۇسىز گۈزەل ماكان بولۇپ گۈل-گىياھلارنىڭ خۇشپۇراقلىرى خېلى يىراقلارغىچە گۈپۇلدەپ پۇراپ تۇرىدىكەن. ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان توشقان دەرياسىنىڭ لاتقا ئېقىنلىرى نەتىجىسىدە دەريا بويلىرى مۇنبەت زىمىنغا ئايلانغان ئىكەن.
ھەيران قالارلىق يېرى، شۇ چاغلاردىكى جايتاغدا ھەسەل-ھەرىسىنىڭ ئۇۋۇسى شۇنچىلىك كۆپ بولۇپ، بۇلۇتتەك يۈرگەن ھەسەل ھەرىلىرىنى كەڭرى يايلاق ۋە ئورمانلاردا كۆرگىلى بولىدىكەن. جايتاغدىكى يوغان تاشلارنىڭ ئاستى ياكى توقايلىقلاردىكى ھەرە ئۇۋىلىرى ھەسەل بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. ئۇياق-بۇياققا ئۆتكەنلەر ئېھتىيات بىلەن ماڭمىسا ھەرە ئۇۋىلىرىدىن سىرغىپ چىققان ھەسەلگە ئاياقلىرى چاپلىشىپ قالىدىكەن. تاغدىن دەريا بويلىرىغا قەدەر گۈل-گىياھلار ۋە ھەر خىل ئوت-چۆپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن چەكسىز يېشىللىق ئىكەن. بۇ يېشىللىقنىڭ غەرپ تەرىپى توشقان دەرياسىنىڭ تاراملىرىنى بويلاپ توققۇز بۇلاقتىن، باشئاقمىدىكى ئىپتىدائى جىگدىلىكلەردىنمۇ ئۆتۈپ تاكى ساپارباي(ھازىر ئاقچى تەۋەلىكىدە)غىچە سۆزۇلغان ئىكەن. شەرق تەرىپى ئونسۇدىكى قارادۆۋە، پاۋانلادىنمۇ ئۆتۈپ پاقىلىق دەريا بويلىرىدىن جامغىچە بېرىپ جەنۇپقا قايرىلىپ ئاقسۇ دەرياسىنى بويلاپ تاكى ئاۋات، غۇرۇچۆل، توقاي، ئاراللار بىلەن تارىم دەريا بويلىرى ئارقىلىق كۇچاغا كىرىپ كېتىدىكەن.....
ئىككىمىز پىشىندىن بۇرۇنقى ياز ئاپتىۋىنىڭ ئوتتەك تەپتىگە قاقلىنىپ ياتقان كونا مازارلىققا كىرىپ كەلدۇق.
بۈگۈنكى كۈندىن توپتوغرا ئىككى يۈز قىرىق بەش يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلەردە ئۈچتۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرى ئاچلىق ۋە قەھرىمانلىقتىن باشقا ھەممە نەرسە يوقالغان شارائىتتا كۈرەش قىلىۋاتقان ئىدى....
قەبرىستانلىقنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە يىقىلماي جاھىللىق بىلەن كۆكلەۋاتقان بىر نەچچە تۈپ ئاقتېرەك بىلەن قارىياغاچ ھاياتلىققا ۋەكىل بولۇپ تۇراتتى.
سەزگۈلىرىم كۈننىڭ ئوتتەك تەپتى بىلەن يىللاپ كەتكەن جىمجىتلىقتىن باشقا ھېچنىمىنى سەزمەيتتى. مەرھۇم دادام كىچىك چاغلىرىمىزدا بىرەر قەبرىستاننىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە چوقۇم دۇئا قىلىش كېرەكلىگىنى، روھلارنىڭ دۇئاغا مەڭگۈ تويمايدىغانلىقىنى، يېنىدىن تىرىك ئادەم ئۆتسە دۇئا قىلىپ قويارمۇ دىگەن ئۈمۈت بىلەن خېلى يەرگىچە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. (مەن شۇ چاغدا دادامدىن باشقا مىللەتلەر ئۆتسىمۇ روھلار ئەگىشەمدۇ ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. دادام كۈلۈپ كېتىپ، " ئۇلار بىزگە باشقا مىللەت كۆرۈنگەن بىلەن ياراتقان ئىگىسىگە ئۆز كۆرىنىدۇ. شۇڭا زارەتلىكتىن ئۆتۈپ بولغىچە مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. روھلار نىمىشقا ئەگەشمىسۇن" دىگەن ئىدى.....)
ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ھاۋا نەپەسلىرىمنى بوغاتتى. ئەتراپىمدا ئاقۈش رەڭ بىلەن ئورالغان جىمجىتلىق ئىگىز-پەس سوزۇلۇپ ياتاتتى.
يۈزلىگەن، مىڭلىغان روھلار بىزگە قاراۋاتقاندەك بىلىندى. ئىچىمگە بىر تىندىم؛  
_ ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئى قەبرىستان ئەھلى، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر ۋە مۇسۇلمانلار. ئىلگىركىلەر ۋە كېيىنكىلەر . ئاللە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلسۇن. شۇنداقلا بىزنىڭ گۇناھىمىزنىمۇ مەغپىرەت قىلسۇن. سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلدىڭلەر. بىزمۇ سىلەردىن كېيىن يېتىپ بارغۇچىلارمىز........
قەبرىستاننىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا ئۇدۇلدىكى قارا تاشلىق تاغنىڭ باغرىدا ئاپپاق ئاقىرىپ تۇرغان قوش گۈمبەز كۆرۈندى؛
- ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، شېھىت بولغان قەھرىمان بېگىم !......
ئەسمىتۇللاھ بېگىم دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى ئاقسۇدىن ئاچىتاغقا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە بۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان. (بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىغاندا مانجۇ مەمۇرلىرىنىڭ بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم.)چۈنكى خەلق مۇبارەك نورۇزنى ئۆتكۈزىدىغان بۇ گۈزەل ۋادىنى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك جايىغا مۇۋاپىق ھىساپلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مازارلىق كېڭىيىپ ھازىرقى دەرىجىگە كەلگەن ئىكەن.
تاغ باغرىدا ئىككى گۈمبەز بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسى ئىكەن. قەبرىنىڭ سول تەرىپىدىكى گۈمبەز تىلاۋەتخانە ئىكەن. ئۇنىڭدىن يۇقۇرراق ئۈستى تەرىپىدە ئۇزۇنسىغا بىر تام تۇراتتى. قارىماققا ئىلگىرى نەزىر-چىراق ياكى باشقا دۇئا-تەگبىر پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆينىڭ ئىزىدەك قىلاتتى.
گۈمبەز شەكىللىك تىلاۋەتخانىغا كىردۇق. تىنىقىم يۈرەكتىكى قىززىقلىقنى بازلايدىغان بىر سالقىنلىقنى ئىچىمگە سۈمۈرۈپ كىردى. ئوتتۇرىدىكى كونا بورىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. ئوغلۇم بالىلىق قىزىقىشلىرى بويىچە گۈمبەزنىڭ ئىسلاشقان تاملىرىدىكى ئىزلارغا، كونا ئوچاق ۋە دېرىزە ئورنىدىكى تۆشۈكلەرگە قىزىقىپ قارايتتى. ئۇدۇلدىكى ئىشىكتىن بېگىمنىڭ قەبرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
تىكلەنگەن كۈن نۇرى چۈشۈۋاتقان گۈمبەز سايىدا سالقىنلىغان كۆزۈمنى قاماشتۇراتتى. تىلاۋەتخانىنىڭ ئىچىدىكى نەمخۇش تۇپراق يىللار جەريانىدا يۇمشاق ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئاپتاپتىن قېچىپ سايىدا ئارام تاپقان تېنىممۇ يۇمشاپ كېتىۋاتاتتى.
تۇرۇپلا كاللامغا ئىلگىرى كېلىپ باقمىغان بىر ئوي كىرىۋالدى.
ئۇ قەھرىمان بولۇشقا تەييارلانغان ئەشۇ مىنۇتلاردا قانچىلىك تەشۋىش ۋە قورقۇنچ ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندۇ ؟ ئۇ كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت بۇ دەھشەت ئېغىر تۇيغۇغا قانداقمۇ تېگۈشكىسى كەلگەندۇ ؟!
شۇ دەقىقە ئىچىمدىن بىر قىززىق تاۋۇش ئۆرلەپ چىقتى. "ئامالسىزلىق...."  
بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى مىللى ساتقۇن ھىدايىتۇللا ئون ئىككى مىڭ جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالىدۇ. يەكەننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەنلەرنى ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدا جۇڭغارلارنىڭ باشلىغى غالدان بوشوكتۇ ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەكەن خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى سەركەردە ئېۋەزبېگىمنى چاقىرىدۇ. بۇ جۇڭغار، بېگىمنىڭ ئۇرۇشتىكى باھادىرلىقىنى بىلگەچكە ئۆزىگە خىزمەت قىلسا ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداقلا يۇقۇرى مەرتىۋە بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ. بىراق ئېۋەز بەگ قەتئى رەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا غالدان ئۇنىڭغا " بۇ چەنتولاردىن ساڭا ئوخشاش مەردانىلەرمۇ چىقىدىكەن-ھە...." دەپ تەنە قىلغاندا ئېۋەز بېگىم " توغرا، يېنىڭدا ئولتۇرغان ئاۋۇ مۇناپىقلار چىققان ئەلدىن ماڭا ئوخشاشلار چىقمىسا، بۇ قانداقمۇ ئاللەنىڭ ئادالىتى بولسۇن ؟!...." دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇ چاغدا ھىدايىتۇللا(ئاپپاق خوجا) غالداننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىكەن....
ئېۋەز بېگىم ئېيتقاندەك ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئادىل . چۈنكى ئېۋەز بېگىم، رەھمىتۇللاھلاردىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىلدا ئاللەنىڭ ئادالىتى بىلەن قارا يۈرەكلەر ئۈچۈن قانلىق قىساسلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بوران ئوتنى ئۆچۈرگەن بىلەن چوغنى ئۆچۈرەلمىدى. زەھەرلىك يىلانغا كۈشەندە بولغان بۈركۈتلەر ھامىنى ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ تۇردى. ھەققانىيەت جەڭچىلىرىنىڭ تەغدىرى قانداق ئېچىنىشلىق بولغان بولسا، زالىم كۈچلەرنىڭ تەغدىرىمۇ ئۇلاردىن ئانچە پەرقلەنمىدى. بوۋىسىنى دارغا ئاسقانلارنىڭ بوينىغا نەۋرىسى قىلىچ سالدى. بىراق.......تىنجىماس زىمىن، تىنجىماس ئەجدات نىمىگە ئېرىشتى ؟!
ئامالسىزلىقتىن مەجبۇرلانغان بۇ كۈرەشلەرنىڭ خاتىمىسى خەلق ئويلىغاندەك ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمىدى. زۇلۇمنىڭ زەنجىرى پاچاقلانمىدى. ئاتىسى سۆرىگەن سۆرەمنى بالىسىمۇ سۆرەۋەردى. بىر زۇلۇم ئىككى بولسا بولدىكى يېرىم بولمىدى.....
خىياللىرىمنىڭ كەينى گۈمبەزنىڭ ياڭاق توختىمايدىغان چوققىسىدا توختاپ قالدى. قېلىن خىياللارنىڭ ئاستىدىن بىر سادا ئېتىلىپ چىقتى؛
- ياق ! ......
خىياللىرىم پارچە-پارچىلارغا بۆلۈندى. پارچىلاردىن ھەر-خىل قىياپەتتىكى مىڭلىغان روھلار نامايەن بولدى. گاھىلىرىنىڭ قولىدا قىلىچ، گاھىلىرىنىڭ بوينىدا تاقاق پۈتىدا ئىشكەل، گاھىلىرىنىڭ ئۈستى-بېشى قىپقىزىل قان.......
ئۇلار قەلب دۇنيايىمغا باستۇرۇپ كىردى. ئەلەڭشىپ قالغان ئىستەكلىرىمنىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ ماڭدى.....
- بۇنداق دىيىش ئادالەتلىك پەرۋەردىگارغا بۆھتان قىلغانلىق. ئۇنىڭ "ھەركىم ئەجىرىگە يارىشا نېمەتكە ئېرىشىدۇ" دىگەن ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەنلىك. ئەشۇ كۈرەشلەر مەۋجۇتلۇقنىڭ نىداسىغا ئوخشاش بۇ مىللەتنىڭ چاقىرىقىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر قۇمدەك ئادەملەرنى جەملەيدىغان يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر بۇ مىللەتنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى بىباھا داستانلىرىغا، يالقۇنلۇق ھىكايىلىرىغا ئايلىنىپ ئەۋلات بىلەن ئەجدات ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى كۆۋرۈك ئورناتتى.
ناۋادا....... ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا، مەن سېنىڭ بىلەن قانداقمۇ ئورتاقلىق تاپالايتتىم ؟! ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا سەن ئەۋلاتلىرىڭغا نىمىنى سۆزلەپ بېرەتتىڭ ؟ ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا بالام بىلەن يىراقتىكى سوفىيانە قومۇلدىن غازىيانە ئاقسۇغا نىمىنى ئىزدەپ كېلەتتىم ؟ ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا بىزنىڭ ئىسىم-زاتىمىز، يوسۇن-قائىدىمىز، نەپرەت-مۇھەببىتىمىز مەۋجۇت بولامتى ؟..........
ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ! ساڭا ھەمد ئېيتىمىز. سەن تەڭداشسىز ئادالەت ئىگىسى. سەن ئەجداتلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىنايەتنى بەردىڭ. ئۇلارغا بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى شانلىق تارىخنى بەردىڭ........  
مانا بۇ قەھرىمان ئېۋەزبەگ ئېيتقان ئاللەنىڭ ئادالىتى ئىدى.
...بىز تىلاۋەتخانىدىن چىقتۇق. بۇ چاغدا كۈن غەرپكە قىيسايغان بولۇپ، يىراقتىكى ئاچىتاغ تەرەپتىن سالقىن شامال كېلىۋاتاتتى. قەبرىلەرنى دەسسەپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ، كىرگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق.
مازارلىقنىڭ ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ كەينىمگە يەنە بىر قارىغۇم كەلدى. بىرنەچچە قەبرىنىڭ ئۈستىگە تىكىپ قويۇلغان ياغاچلاردا بىرنەرسە مىدىراۋاتقاندەك قىلدى. توختاپ قارىدىم. ئەسلىدە ياغاچقا باغلانغان رەخت پارچىلىرى شامالدا يەڭگىل سىلكىنەتتى.
-    خەير،  ئامالسىزلىقنىڭ قەھرىمانلىرى......

( داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ!)
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )