قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: darya.

سوفىيانە قومۇلدىن غازىيانە ئاقسۇغا سەپەر (ئابدىرىيىم ئابلەتخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

900

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9553
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 153
تۆھپە : 177
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 15:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇپ قانمىدىم ....ئاخىرىغا تەشنامەن.

2

تېما

0

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 21:05:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 



رەھمىتۇللاھبەگ


ئەمدىكى نىشان رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەش ئىدى.
ئۈچتۇرپانغا كېلىپلا ئىككى بېگىمنىڭ بىرەر نىشانىسىنى تاپقىلى بولۇرمۇ دىگەن ئۈمۈتتە سۈرۈشتۈرگەن ئىدىم. ئەپسۇس كۆپلىگەن كىشىلەر پەقەت يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسىنىلا بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تاساددىپى پۇرسەتتە ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ بىر سانىدىكى ئابدۇلۋاھىت مۆلجەرىنىڭ ماقالىسىدا رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم.
خۇداغا مىڭلاپ شۈكرانىلەر بولسۇن، ھەرنىمە بولمىسۇن نائۈمۈت قالمىدىم.
مەن ئوغلۇمنى ئېلىپ، كىتاپتىكى" ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قوراسى رەھمىتۇللا بېگىمنىڭ مازىرىغا ئىككى يۈز مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى" دىگەن ئۇچۇر بويىچە رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىنى ئى‍زدەپ قازانچى مەھەلىسىگە باردىم. قەبرىنىڭ ئورنىنى ئىزدەپ، قازانچى ئىككىنچى مەھەلىنى ئارىلاپ يۈرسەم ئېتىزغا ماڭغان چوڭ ياشلىق بىرەيلەن ئۇچراشتى. ئاقساقالدىن سورۇدۇم. بوۋاي كوچىنىڭ بېشىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان مەسچىتنى كۆرسۈتۈپ، مەسچىت ئالدىدا نەۋرىسىنى ئوينۇتۇپ ئولتۇرغان قامەتلىك بىر بوۋاينى يىراقتىن "رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولىدۇ" دەپ تونۇشتۇردى.
مەن ئەجداتلىرىنىڭ قامەتلىك سىياقىنى ساقلاپ قالغان بۇ بۇزرۇكۋار بىلەن كۆرۈشتۈم.
مەرھۇم رەخمىتۇللاھ بېگىمنىڭ مۇبارەك جەسىتى مۇشۇ مەسچىت ھويلىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كونا قەبرىستانلىققا قويۇلغان ئىكەن.....
ئىلاھىم بەندىلەرنى مۇڭغا سالدى،                     كۆچۈردى جىگدىلەرنى تۇڭغا سالدى.
1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى خۇپتەندىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مەشھۇر تېمىسى بولغان ئۈچتۇرپان قوزغۇلىڭى ئاچىتاغنىڭ ئېلقىش (ئېلقىش دوڭ) دىگەن يېرىدە پارتلىدى.....
رەھمىتۇللا بېگىم يامۇلدىكى كىچىك بىر ئەمەلدار ئىدى. باشقا ئەمەلدارلارغا ئوخشاش بېگىمنىڭ خاراكتىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جىنىس ئۆزگەرتىپ كەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ خۇلقى-پەيلى سۇ فامىلىلىك ئويلىغاندەك ئېگىلىشچان بولمىغاچقا ئىسمىنىڭ بېشىغا چېكىت قويۇلغان ئىدى.
يۇرتداشلىرى كۆرۈۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەت بۇ ۋىجدان ئىگىسىنىڭ قەلبىنى غەزەپ بىلەن لىق تولدۇرۇلغان سەۋرە قاچىسىغا ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئەمەلدارلار ئۆز خوتۇنلىرىنى مەھكىمىدىكى مەشرەپلەرگە ئېۋەتەتتى. خوتۇنلىرىنىڭ نەچچە كۈنلەر مەھكىمىدە قونۇپ قېلىشىنى شەرەپ دەپ بىلەتتى. نەتىجىدە سۇچىڭ ھەددىدىن ئېشىپ بۇنداق مەشرەپلەرگە خوتۇنىنى ئېۋەتكەنلەرنى "ھۆكۈمەتكە سادىق" دەپ ھىساپلايدىغان ئەنئەنىۋى پىسىخىكىسىنى بۇ زىمىندىمۇ قائىدە شەكلىدە قوللانماقچى بولىدۇ. ئۇ مەشرەپكە كەلمىگەن رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئايالىنى مەجبۇرى مەشرەپكە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش مەخسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ئايالىنىڭ مەھكىمىدە تۇتۇپ قېلىنغانلىقىدەك ھاقارەت سەۋرى قاچىسىنى لىق تولدۇرغان رەھمىتۇللا بېگىمنى بىر چارىسىزلىققا مەجبۇرلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ "خانغا قارشى قوزغۇلۇش" ئىدى.
سۇچىڭمۇ رەھمىتۇللانىڭ ئېگىلمەس بېشى چوقۇم بىر كۈنى يامۇل دەرۋازىسىنىڭ كېشىگىگە تېگىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرىدۇ.
دەل شۇ كۈنلەردە كىچىك چايان سۇچىڭغا، بېيجىڭدىكى بوغما يىلان چيەنلوڭدىن جىگدە ئېۋەتىش توغرىسىدىكى پەرمان چىقىپ قالىدۇ.
ئامبال سۇچىڭ بىلەن ھاكىمبەگ ئابدۇل بۇ پەرماندىن پايدىلىنىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماقچى بولىدۇ. يەنى جىگدە كۆچەتلىرىنى رەھمىتۇللا بېگىمنىڭ بېيجىڭغا مۇھاپىزەت قىلىپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە خانغا يوللانغان ئالاقىگە رەھمىتۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر. شۇ يەردە كاللىسىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك دىگەن مەزمۇننى يېزىپ قويىدۇ.
ھاشارچىلار يىگىرمە تۆت تۈپ جىگدە كۆچىتىنى يوغان ياغاچ تۇڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. سۇ پامىلىلىك رەھمىتۇللا بەگنى قوغدۇغۇچى ئەسكەرلەر بىلەن 240 ھاشارچى دېھقانغا مەسئۇل قىلىپ سۇچىڭنىڭ ئوغلى سۇ بايۋەچچىنىڭ باشچىلىغىدا بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. ئۇلار يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن بېگىمنىڭ دادىسىنى قولغا ئالىدۇ.
رەھمىتۇللا بېگىملەر ئاچىتاغقا كېلىپ ھازىرقى ئېلقىش دوڭدە چۈشكۈن قىلىدۇ. قاش قارايغان چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكارلاردىن بىرى  ئاچىتاغقا قوغلىشىپ كېلىپ بېگىم بىلەن يوشۇرۇنچە كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بېگىمنىڭ دادىسى ئۇلار يولغا چىقىپلا كەينىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بالا-چاقىسى ئۆز ھويلىسىغا قامالغان. چېرىكلەرنىڭ پوپۇزىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە رەھمىتۇللا بېگىملەرمۇ بېيجىڭغا بارغان زامان كاللىسى ئېلىنىدىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان رەھمىتۇللا بېگىم  نەچچە ۋاقىتتىن مانا-ئانا دەپ ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرى مەجبۇرى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
ئۇلار شۇ كېچىسى سۇ بايۋەچچە باشلىق مۇھاپىزەتچى چېرىكلەرنى قىرىپ تاشلاپ ئاچىتاغدا قوزغۇلاڭنى باشلايدۇ. قوزغۇلاڭچىلار ئەتراپقا خەۋەر ماڭدۇرىدۇ. ئۇلار رەھمىتۇللا بېگىمنىڭ باشچىلىقىدا مۆلجەرتاغ قەلئەسىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ. مانجۇ ئىستىبداتىدىن يۈرەكلىرى قان بولغان خەلىقلەر ئۇ تەرەپ يامانسۇ، بۇ تەرەپ قۇم بۇلۇڭ، ئوتبېشى، ئاقيار،جايتاغ،قارا يۇلغۇن، قوش تاغ، جىگدىلىك....لەردىن توپلىنىدۇ. سۇچىڭ ۋە ئابدۇللار بىر تەرەپتىن ئاقسۇدىكى بيەنتاخەيگە خەۋەر ماڭدۇرىدۇ. قوزغۇلاڭ خەۋىرى ئاقسۇدىن ئىلىدىكى مىڭرۈيگە ۋە قەشقەردىكى ناشىتۇڭلارغا ئاخىرىدا بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ.
ئۇچتۇرپان تەۋەلىكىدىكى مانجۇلار ۋە ئۇلارنىڭ مىللى كۈچۈكلىرىنىڭ ھەممىسى مۆلجەر تاغ قەلئەسىگە بېكىنىدۇ. ئۇچتۇرپانلىق ئەرلەر، ئاياللار، بوۋاي-مومايلار ھەتتا كىچىك بالىلارغا قەدەر ئارا-كەتمەن، تاش-تاياق بىلەن قوراللىنىپ قانلىق كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ. ئاخىرىدا مىڭلىغان ئاۋام قەلئە دەرۋازىسىنى بۇزۇپ كىرىدۇ. " بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. سۇچىڭ بوينىغا سىرتماق سېلىپ ئۆلىۋالىدۇ. ئابدۇل ئايالچە ياسىنىپ قاچقاندا قوزغۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ." ۋە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىدۇ.
ئاقسۇ خان ئامبىلى بيەنتاخەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئوننەچچە سېپىل بۇزار توپلارنى كۆتۈرۈپ ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوزغۇلاڭچىلارغا قىلغان ھۇجۇمى خەلق تەرىپىدىن چېكىندۈرىلىدۇ. "قەلئەدىن چىققان قوزغۇلاڭچى ئاتلىقلار بيەنتاخەي قوشۇنىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدۇ. چىڭ ئەسكەرلىرى شۇ قاچقىنىچە ئاقسۇغا كېلىپ سېپىل دەرۋازىسىنى سولىۋالىدۇ."
كېيىن كۇچا خان ئامبىلى ئاباۋ بىلەن ئاقسۇ ئامبىلى بيەنتاخەينىڭ بىرلەشمە قوشۇنى ئۇچتۇرپانغا نەچچە قېتىملار ھۇجۇم قىلىپ ھەممىسىدىلا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولىدۇ.
موللا شاكىرنىڭ زەپەرنامە داستانىدا:
.....گۈركىرەپ تەۋرىدى يەرۇ-جاھان،
تۈتۈن بىلەن ئوت پۇرقىرار ئاسمان.
بۇ مەنچىڭلاردىن قالمىدى ھېچ ئەسەر،
ھەممىسى جەھەننەمگە قىلدى سەپەر....
ھاۋادىن چۈشەر نەچچىسى نىمجان،
بۇيان قوشتېغى،مەھەلە ئەنجان.
بۇ دۇلدۇل ئوقۇر بەزىسى تاش ئارا
پۇتى يوق قولى يوق سۈكەنلەر تولا
بۇ ماچاڭ تەرەپتە قارا باغ يولى،
ياتۇر بۇمبىسى بىرلە ئىككى قولى...
دىگەن مىسرالار بىلەن زالىم ۋە چىرىك مانجۇ خاندانلىقىنىڭ بۇ زىمىندىكى قارا ئىتلىرىنىڭ قانداق دەھشەتلىك كۈنگە قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
چيەنلوڭ قوزغۇلاڭنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىگە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوزغۇلاڭ رايونىنى قامال قىلىدۇ. قەشقەر ئامبىلى ناشىتوڭغا قەشقەردىكى قوشۇنلارنى، مىڭرۈيگە ئىلى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ ئاقسۇ ۋە كۇچاردىكى قوشۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارغا مەشرۇتى ئىشقىيەنىڭ مەخپى ساقچىلىرىنىمۇ ھەمدەمگە كەلتۈرۈپ تېزلىك بىلەن دەرھال بۇ قوزغۇلاڭنى باستۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئون مىڭدىن ئارتۇق زامانىسىغا لايىق ئىلغار قوراللانغان مانجۇ قوشۇنى ئۇچتۇرپاندىكى ئىككىمىڭ ئالتە يۈز كىشىدىن تەركىپ تاپقان كەتمەن-گۈرجەكلىك دېھقانلار قوشۇنىغا قارشى ئاتلىنىدۇ.
ئوردىغا يوللانغان مەكتۇپلاردىكى "توپىلاڭچى جۇڭغارلار بىلەن ئىسيانچى خوجىلارنى تىنجىتقاندىمۇ بۇنىڭدەك قارشىلىققا دۇچ كەلمىگەن ئىدۇق. " دىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھۆكۈمەت قوشۇنى قوزغۇلاڭچىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. بولۇپمۇ قوزغۇلاڭچىلار ئارىسىدىكى قىز-ئاياللارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن نومۇس-ھاقارەتنىڭ كۈچى بىلەن قىلغان قەھرىمانە جەڭلىرى چىڭ ئوردىسىغا ئۇچتۇرپانلىق ئەلانۇرخاننى يەنە ئەسلىتىدۇ. چيەنلوڭ جەنۇپنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا ئۇچتۇرپاندىن ئىبارەت ئۇدا تۆت نۆۋەت قوزغۇلاڭ يۈز بەرگەن بۇ بويسۇنماس زىمىندىكى خەلىقلەرگە قارىتا "ئۈچتۇرپاندا ئادەمنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇش لازىم " دەپ پەرمان چۈشۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە چيەنلوڭدىن بۇرۇنمۇ ئۇچتۇرپاندىكى ئاھالە نەچچە رەت قىرغىنچىلىق بىلەن ئۇرۇقى قۇرۇتۇلغان ئىدى.
قوزغۇلاڭنى باستۇرۇش سۈرۈلگەنچە مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىمۇ ئوتتۇزمىڭ ھەتتا قىرىق مىڭغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇلار چىش-تىرنىقىغىچە قوراللىنىپ بۇ باستۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا قوزغۇلاڭچىلار ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن ئۆلىۋەرسىمۇ قەھرىمانە كۈرەشنى توختاتمايدۇ.
بۇ چاغدا قوزغۇلاڭنىڭ رەھبىرى رەھمىتۇللا بېگىم دۈشمەن ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈش يولىدا زەھەرلىك ئوقيا تېگىپ قۇربان بولىدۇ. قالغانلار ئەسمىتۇللا بېگىم ۋە مايسىخانلارنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

图片:34...jpg
بۈيۈك چىڭ ئىلگىركى جەنۇپنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى يۈرۈشلىرىدە ئۇچتۇرپانغا بۇرۇنمۇ بېسىپ كىرگەن. ئەمما ئۇ ھۇجۇملار بۇ قېتىمقىدەك ئۇزۇنغا سوزۇلمىغان ۋە بۇنچىلىك چىقىممۇ بولمىغان ئىدى.
قوزغۇلاڭچىلار مۇھاسىرە ئىچىدە ئوزۇقلۇقتىن قىينىلىدۇ. ھەتتا ئاخىرى " دەل-دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ." ئۇلار مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار ئىچىدە شۇنچىكى كۆپ دۈشمەننىڭ قورشاۋ ھۇجۇمىنى ئالتى ئاي ئۇزلۈكسىز چېكىندۈرۈپ تۇرىدۇ. قەشقەر ئامبىلى ناشىتۇڭ ۋە ئاقسۇ ئامبىلى بيەنتاخەيلەر قوزغۇلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ.
8-ئاينىڭ 15-كۈنى قوزغۇلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن شېرىپ ئاخۇن ۋە سابىر باشلىق مۇناپىقلار ئەسمىتۇللا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەمرۇللا، كۈيۆئوغلى تاھىر قاتارلىق قوزغۇلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرىدىن 45 نەپەرنى خەلققە تۇيدۇرماي مەخپى تۇتۇپ چىڭ قوشۇنىغا تەقدىم قىلىدۇ. شۇندىلا ئۆزلىرىنى ئاتالمىش "تەڭرى قوشۇنلىرى" دەۋالغان مانجۇ ئارمىيىسى ئۈچتۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى تىرىك تۇتۇش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ. مايسىخان باشلىق قالغان قوزغۇلاڭچىلار كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرى مانجۇلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشمەسلىك ئۈچۈن مۆلجەر تاغدىن سەكرەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ شىنجاڭنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى پۈتكۈل قوشۇنىنى ئىشقا سالغان مانجۇلار ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇشقا مۇيەسسەر بولالايدۇ.
مانجۇلار شەھەرگە كىرىپ ئۈچ كۈنگىچە قەتلىئام قىلىدۇ. شەھەردە بىرمۇ تىرىك ئادەم قالمايدۇ. موللا شاكىر " مانجۇلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇچتۇرپانلىق ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ھازا ئېچىپ يىغلايدىغان بالا، بالىلار ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدىغان ئاتا-ئانا. تۇققانلار ئۈچۈن قايغۇرىدىغان ئۇرۇ-تۇققان قالمىغان ئىدى، خەلقنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي قىرىلىپ تۈگىگەن ئىدى !......." دىگەنلەرنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.
ئەسمىتۇللا بېگىم باشلىق تۇتقۇنلار ئاقسۇ كونىشەھەرگە ئېلىنىپ كېلىنگەندىن كېيىن كونىشەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ھەممىسى دارغا ئېسىلىپ خەلقى ئالەمگە ئىبرەت قىلىنىدۇ. بۇلار بىلەن تەڭ شېرىپ ۋە سابىر دىگەن مۇناپىقلارمۇ " تۆھپىسى بولسىمۇ ئەمما ئوغرىلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ھەپنەپەس بولغان " دىيىلىپ ئوخشاشلا دارغا ئېسىلىش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
مانجۇ مەمۇرلىرى ئۈچتۇرپان ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردىن بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنى قوزغۇلاڭغا قاتناشمىغان بولسىمۇ توپلاپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. بۇ باھانىدا ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ھەتتا يىراقتىكى تۇرپان قومۇللاردىمۇ ئەقلى ھوشى جايىدا، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەملەرنى " ئۇچتۇرپان توپىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلغان" دىگەن بەتنام بىلەن مۇشۇ باھانىدا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىش مەخسىتىگە يېتىدۇ. ئۈچتۇرپان قوزغۇلۇڭىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 10 يىل ئىچىدە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئاھالە سانى سەككىزمىڭغا يېتىدۇ(تەخمىنەن نوپوس سانى ئاتمىش مىڭغا يېققىنلىشىدۇ). بۇ ئاھالىلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىدىكى ئۇيغۇر يانچىلىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرگە خاس بولغان يانچىلىق تۈزۈم دۇنيادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئويغۇنۇش دەۋرى كىرىپ كەلگەن 18-ئەسىردىمۇ بىزنىڭ زىمىنىمىزدا گۈللەپ ياشنايدۇ.
چىڭ ھۆكۈمىتى " ئاسىيلارنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش ئۈچۈن" قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، زالىم ۋە تەكەببۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسى بۇ زىمىندىكى ھۆرلۈك ۋە ئادالەت تەلەپچىلىرىنىڭ چۇقانلىرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئىلى رايونىغا پالانغان "نۇزۇگۇم"لار ئۈزۈلمەيدۇ.
بۇ كۆچمەنلەردىن ئەمىر ئابدۇروسۇل بەگ، سۇلتان ئەلاخان، سادىر پالۋان، ئالتى ئوغرى.... يېتىشىپ چىقىپ بۇ زىمىندىكى زۇلمەتلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارشى كۈرەشنى توختاتمايدۇ......    
قورقۇپ كەتكەن مانجۇ مەمۇرلىرى ئۈچتۇرپاننى مانجۇ خاندانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربى ۋە مەمۇرى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ دىياردا يەنە چاتاق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ. مەسلىھەتچى ئامبالنى قەشقەردىن ئۈچتۇرپانغا يۆتكەيدۇ. ئاقسۇدىكى ھەربى ئەمەلدارمۇ ئۈچتۇرپانغا يۆتكىلىدۇ.....
پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلايدىغان خۇدانىڭ ئىرادىسى، چيەنلوڭنىڭ ئىرادىسىدىن ئۈستۈن كېلىدۇ. ئۇنىڭ " قوزغۇلاڭچىلارنىڭ ئۇرۇقىنى قويماي قىرىش ئىرادىسى" خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يېڭەلمەيدۇ. رەخمىتۇللا بېگىمنىڭ ئوغلى بايقېزىبەگ سۈرگۈن قىلىنغانلار تەرىپىدىن يوشۇرۇنچە ئىلىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. كېيىن قىرغىزىستانغا چىقىپ كېتىپ، تەخمىنەن 1783-يىللىرى ئانا يۇرتى ئۈچتۇرپانغا قايتىپ كېلىدۇ. بايقېزىبەگ ئۈچتۇرپاندا ئۆيلىنىپ تۇغۇلغان ئوغلىغا  "رەھمىتۇللا بەگ" دەپ ئىسىم قويىدۇ.
ئابدۇل ۋە سۇچىڭنىڭ ئەۋلاتلىرى بارمىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ قەيەرگە كۆمۈلگەنلىكىنىمۇ بىلىدىغان ئىنسان زاتىچۇ ؟
دەرھەقىقەت ! قاراڭغۇلۇقنىڭ ھېچنەرسىسى ئادەمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ. ئەمما يورۇقلۇقنىڭ ھەممە نىمىسى كۆز ئالدىمىزدىن كەتمەيدۇ.


( داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ!)
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

911

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   82.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2942
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 179
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 23:05:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى يوللانمايدىغۇ؟كۈندە بىر ۋاق يوقلاپ تۇرمىسام يىگىنىم تېنىمگە سىڭمەيدىغان تېما بولغان بۇ...

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4619
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 23:02:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ئۈزىلىپ قالمىسا بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12621
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 00:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ئەسەردە تۇرمۇشتىكى كۆرۈنۈ شكە ئاددىي بولغان ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ناھايىتى چوڭقۇر تېمىلار يورۇتۇپ بېرىلگەن، ھېچ بولمىغاندا ئادەمنى ئويلاشقا، ئويلىنىشقا باشلايدۇ. سۆز - جۈملىلەر ناھايىتى جانلىق، قىزىقارلىق، دەل جايىدا ئوبرازلىق ئىشلىتىلگەن.

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 00:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاپتورنىڭ باشقا ماقالىلىرىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئۇسلۇپتا يېزىلىپتۇ ،
ئاپتورنىڭ قەلىمىدە ئازراق چېكىنىش كۆرۈلگەندەك ھېس قىلدىم ، سىلىچۇ ؟ بىلىمىدە ئەمەس قەلىمىدە جۇمۇ!

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 14:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Alamat durdanilargha tolghan yazma ikan,Abdurehim Ablathanning asarliridin uezumning tapakkur ambirimning nakadar gheribana ikanligini his kiliman,roh yuyunduridighan asar boptu,yazghuqigha rahmat,yollighuqighimu rahmat,inkasqilirimizdinmu pahirlandim,hammimiz tirixiwetiptimiz,ilgirilawetiptimiz,apirin.

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4619
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 23:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەريا ئەپەندى، ئا.ئابلەتخاننىڭ بۇ يازمىسى پۈتكەن ئوخشايدۇ. كەڭسايغا تولۇق نۇسخىسى چىقىپتۇ.نېمىشقىدۇر مېنىڭكىدە كەڭسايدىكى بۇتېمىنىڭ 1-بېتى  پەقەتلا ئېچىلمىدى.شۇڭا ئاخىرىنى باغداشقا يۆتكەپ ، باغداشتىكى تېمىنىڭ ئاخىرىنى چۈشىرىۋەتسىڭىز.

  باغداشتىكىلەر بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا بەك ئىنتىزار بوپ كەتكەندەك قىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )