قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1234|ئىنكاس: 0

مۇختار روزىنىڭ 500 قىسىملىق VB دەرسى يوللاندى،

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 20:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئالدىنقى كۈنلەردە مۇختار روزى Photoshop CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە دېگەن تېما ئارقىلىق مۇختار ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تۈزىگەن Adobe Photoshop CS5 نى ئىشلىتىش تەپسىلىي سۆزلەنگەن 95 قىسىملىق سۈرەتلىك دەرسلىكنى تورداشلار ھوزۇرىغا ھەقسىز سۇنغان ئىدۇق، تورداشلار بۇ دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ دەرسكە بولغان باھاسى ناھايىتى ياخشى بولدى .
بۇ جەرياندائەلكۇيى تورى، مىسرانىم تورى، بىلىك كۇلۇبى، ئىنتىل سەيناسى، نۇرقۇت ئەترىتى، ئىز تورى، ئۇچۇر 100 تورى، ئالپ تورى، شاھدىيار تورى، باغداش تورى، سىرلىق تورى، كەڭساي تورى، ئاشپەز تورى، رېتىم مۇنبىرى، قۇياش مۇنبىرى، تىركەش مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى، بىلىملەر مۇنبىرى، تورچى مۇنبىرى، پوسكام مۇنبىرى، ئۇچقۇن مۇنبىرى، كوئىنلن مۇنبىرى، دولانى مۇنبىرى، ... قاتارلىق تور بېكەتلەر ۋە بلوگىرلار بۇ ھەقسىز دەرسلىكتىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ ياخشى ھەمكارلاشتى . شۇ ئارقىلىق بۇ دەرسلىكتىن روھلان تور بېكىتىگە كىرىپ بولالمايدىغان تورداشلىرىمىزمۇ بەھىر ئالدى، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقارقى ھەمكارلاشقان بارلىق تور بېكەت ۋە بلوگىرلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .
بىز ئالدىنقى قېتىملىق ۋەدىمىز بۇيىچە Microsoft Visual Basic 6.0 دەرسىنى تارقتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز، بۇ Microsoft Visual Basic 6.0 دەرسى جەمئىي 500 قىسىملىق بولۇپ، بۇنىڭ بىر قىسىمى يەنى 62 قىسىم دەرسلىكى ھەقسىز تارقىىتىلىدۇ، قالغان قىسىملىرى ھەقلىق تارقىتىلىدۇ .
http://www.xmrit.com/asar.asp?id=64
ھەقلىق دەرسلىكنى بىۋاستە مۇختار ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ .
http://www.xmrit.com/asar.asp?id=64
مۇختار ئەپەندىنىڭ تور بېكەت ئادرىسى: http://www.xmrit.com بولۇپ، بارلىق تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگەىرلارنىڭ بۇ خالىس تۆھپىكارىمىزنىڭ تور بېكىتى http://www.xmrit.com نى ئۆز تور بېكىتى ۋە بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز .
مۇختار ئەپەندى يەنە يېقىندا شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر قېتىملىق تەربيلەش ئېلىپ بارماقچى ، خۇددى خىزمەتچى خادىملاردەك، ئايرىم ئىشخانا، ئايرىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدۇ، بۇ قېتىملىقى ئادەتتىكى تەربىيلەش كۇرسى بولماستىن، مۇختار ئەپەندىنىڭ بارلىق خىزمەت پىلانىغا بىردەك قاتنىشالايسىز، دەرس شۇ كىشىنىڭ سەۋىيسىگە قاراپ ئايرىم سۆزلىنىدىكەن، لېكىن بۇنىڭغا كومپيۇتېردىن خەۋىرى يوق، بېلى بوشلارنى قۇبۇل قىلىنمايدىكەن، ئۆگەتكەننى ئۆگىنەلەيدىغانلارنىلا ئالىدىكەن، ياخشى ئۆگىنىپ ئۆز ئالدىغا ئېگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغا باشتىن-ئاخىر ھەمدەمدە بولۇپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولۇپ، يېنىدا تۇرىدىكەن . بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچىلا بولىدىكەن( بۇ پەقەت توك پۇلى ۋە ئۆزىڭىز ئىشلەتكەن كومپيۇتېرنىڭ ئۇپراش پۇلى خالاس) ، ئەگەر ئۆگىنىش ئارزۇسى بار، ئېگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلۋاتقانلار بولسا بىۋاستە مۇختا ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى مۇختار ئەپەندىنىڭ تور بېكەت ئادرىسى: http://www.xmrit.com دا تولۇق بار .

تۆۋەندە مۇختار ئەپەندى تۈزىگەن Microsoft Visual Basic 6.0 نىڭ سىنلىق دەرسىنىڭ بىر قىسىمى بىۋاستە كۆرۈپ باققۇچىلار ئۈچۈن چىقىرىلدى (ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئويلىشىپ سىغىمى ئەڭ كىچىك، ۋاقتى ئەڭ قىسقا دەرس تاللاندى)

بىۋاستە كۆرەلمىگەنلەر تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ، چۈشۈرۈش قورالىغا چاپلاڭ.
    [li]http://www.rohlan.cn/bilim/Muhtar-Rozi-Vb-Dersi-Www-Xmrit-com-Www-Rohlan-Biz.swf[/li]
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشcode]Microsoft Visual Basic 6.0 نىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان دەرسلىكى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ يوللىنىدۇ، 1-بۆلەكنىڭ سىغىمى 108 مىگابايت.

Microsoft Visual Basic 6.0 نىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان دەرسىنىڭ 1-بۆلىكىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-6071-1-1.html

تورداشلارنىڭ ۋاقتى يار بەرسە ئۆزىنىڭ بلوگى ۋە بىلىدىغان، كۆپ كىرىدىغان بارلىق تور بېكەتلىرىگە يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، چۈنكى بۇ دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان، بۇلارنى چۈشۈرۋېلىپلا سودىغا ئىشلىتىدىغان ھايانكەشلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ . بۇ دەرسنىڭ ھەقسىز ئېكەنلىكىدىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلىرىمىز خەۋەر تاپسۇن .
مەنبە:http://www.iz.la/bbs/iz-9810-1-1.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )