- تىزىملاتقان
- 2012-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4146
- نادىر
- 0
- يازما
- 174
ئۆسۈش
71.53%
|
ئۇيغۇرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ھازىر زادى قانداق ھالەتتە؟ بەخت كۆرسەتكۈچى يۇقۇرىلاۋاتامدۇ ياكى تۆۋەنلەۋاتامدۇ؟ بەخت تۇيغۇسىغا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار قايسى؟ بەخت تۇيغۇسىنى باھالاشنىڭ ھەقىقى ئۆلچىمى نىمە؟ |
خەلقارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىغان بەخت تۇيغۇسى ئۆلچىمىنىڭ بار-يوقلىقى ۋە مەزمۇنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن.لېكىن مېنىڭچە ماددى شارائىت جۈملىدىن ئالى ماشىنا،سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان شەھەر،جىددى ياسىلىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك يول،يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتقان ج د پ،دۆلەتنىڭ كۈچلىنىشى....دىگەنلەر بىر خەلىقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى بۇلالمايدۇ. |
تېگىشلىك ماددى ئىمكانىيەت بىلەن مەنىۋى خاتىرجەملىكنىڭ بىرلىكى | بەخىت تۇيغۇسىنى باھالاشنىڭ توغرا ئۆلچىمى بولسا كىرەك. بىر خەلق پەقەت ئۆز ئېتىقادى،ئەنئەنىسى،ياشاش ئۇدۇمى،تۇرمۇش شەكلى ئىچىدە خاتىرجەم ياشىيالىسا،كەلگۈسى غۇۋالىق ئىچىدە قالمىسا ،بۈگۈنى ۋەھىمە قورقۇنچ ئىچىدە بولمىسا ئاندىن بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالىشى مۈمكىن. |
بىرسىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاتى ئوخشىمىغان باشقا بىرسىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە باھالىغاندا بەخت تۇيغۇسى دىگەنگە توغرا باھا بەرگىلى بولمايدۇ.مەسىلەن يېرىم يالىڭاچ بىر مانجۇ قىزى كوچىدا مېڭىۋېتىپ ئۆزىنى ناھايىتى مەدەنى، زامانغا لايىق ئادەممەن دەپ ھېس قىلىشى مۈمكىن.مۇبادا ئۇنىڭغا ھىجاپلانغان بىر ئۇيغۇر قىزى ئۇچراپ قالسا ئۇ بۇ قىزنى قالاق،مەدەنىيەتسىز ھېساپلىشى مۈمكىن.ئەمما ئۇيغۇر قىزىچۇ؟ ئۇمۇ چوقۇم يېرىم يالىڭاچ قىزنى مەدەنىيەتسىز،ھايۋان سۈپەت بىر نىمىكەن دەپ ئويلىشى مۈمكىن.بۇ يەردە يېرىم يالىڭاچ قىز بەدىنىنىڭ ئوچۇقلىقىدىن راھەتلىنىپ ئۆزىنى بەختلىك سەزسە،ھىجاپلىق قىز چۇقۇم بەدىنىنىڭ ئورالغانلىقىدىن راھەت تاپىدۇ.... |
دىمەك ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت،ئېتىقات،ئەنئەنىگە ئىگە خەلققە ئۇنىڭ مىللى قەدىرىيەتلىرى بىلەن ھېساپلاشماي باشقا بىر مەدەنىيەت ياكى ئىدلوگىيە نۇقتىسىدىن سىياسەت -تەدبىر يۈرگۈزۈپ <<بەختلىك>>قىلماقچى بولغاندا بەخت تۇيغۇسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ.
«بەخت» تۇيغۇسىنىڭ ئاددىي ھالدىكى ماددىي نەرسىلەرگە باغلىنشى بىلەن يېڭى بىر كىرزىسنى كۈتىۋالدۇقكى ، كاناينى كېرىپ «ماددىي مەدەنىيلىك»دەپ ۋاقىرىساقمۇ ئۇنىڭ سايىسىنى تاپالمىدۇق ...
چۆلدەرىگەن قەلبلەردە نىمىدۇر بىر ئۆزگۈرۈشنى كۈتۈش ۋە ئۆزگىچە تارتمىلىق يېقىملىق تۇيغۇنى ئىزدەش تەقەززالىقىدىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك گۈزەل نەرسىلە يوق ...
«ئىلمىي تەرەققىيات»نىڭ مەناسىنى چۈشەنمەيدىغان بىر توپ كىشىلەر لوزۇنكىلارغا «ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز لازىم »دىگەن خەتلەرنى يېزىپ بۇ خىزمەتنى ئىشلىگەنلىكىگە ھەم پارتىيەنىڭ بۇ ئاۋازىغا قۇلاق سالغانلىقىغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن پاكىت توپلاۋاتىدۇ؟!..
ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىغا كىرگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلىنى بىلمىگەنلىكىدىن قىينىلىپ قالمىسا ، ھەمدە ئۆز تىلىدا سۆزلەپ ، ئۆز يىزىقىدا يىزىپ ئۆز ھاجىتىدىن قىينالماي چىقالىسا ، ئۇقۇتقۇچىلار ئۆز ئانا تىلىدا ئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرەلىسە ، باھالاشلاردا خەنزوتىلى سەۋىيىسىنىڭ تۈۋەنلىكىدىن پەرىقلىق مۇئامىلىگە ئۇچۇرمىسا ، باشلىقلار ئۇيغۇرلار ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇلتۇرغان يىغىن زالىدا يىغىن مەزمۇنىنى ئويغۇرچە يەتكۈزەلىسە ، مەنىۋى تۈۋرىىكىمىز بۇلغان نۇرغۇن ئىسىل ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز قانداقتۇ ئاتالمىش ئىلغار مەدەنيەتلەر تەرپىدىن خۇراپاتلىق دەپ چەتكە قىقىلمىسا ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتەرگەن ئۇقۇغۇچىلىرىمىز ئىشلەيدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى نەلەدىن كىلىپ قالغان ئاتالمىش ئىقساس ئىگىلىرى ئىگەللىۋالمىسا ( شۇنداق تاللاپ ئالغان بەزى خىزمەتلەرگە ئالاھىدە ئىقساس ئىگىلىرىنىڭ زۆرۆريىتى يوق ، مەسلەن زاۋۇتلارنىڭ ئايرىىم سىخلىرى ، بىر ئاي تەربىلىسە تۇلۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئىگەللەپ كىتەلەيدىغان تۈرلىرى.. تېلفونىست ، پۇچتا خادىمى ، بەك كۆپ ) شەھەر ئەتىراپىدىكى ئۆيلەر ، ئىتىزلار قالايمىقان ئىگەللىنىپ كىتىلمىسە ، مانا بۇلار رىئال مەسىلىلەر ھەل بۇلغان ۋاقىتتا بىزنىڭ يۈرىكىمىز بەخىت تۇيغۇسىنى تاپقان بۇلىدۇ.
ئويلىنىپ قالىمەن كوممۇنا ۋاقتىدا،ئاددى ئىلىم بىرىمنى،سودا-تىجارەتنى، پۇل تاپماقچى بولغانلارنى چەكلەپ، ئددىيسى زەھەرلەنگەن دەپ تەنقىدلەپ،ئىشەككە تەتۈر مىندۈرگەن بولسا، ئۇزاق ئۆتمەي ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۇل تاپ دەپ پۇلغا مەجبۇرى زورلاپ، پۇل بولمىسا ياشىيالمايدىغان،پۇل ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى سىتىۋىتىدىغان،ئۆزىنىڭ ئىيمانى،ئىتقادى،بارچە مىھىر موھەببىتىنى شۇ تاماق قاچىسنىڭ ئىچىدىن ئىزدەيدىغان قىلىپ قويدى.بۇ ماڭا خۇددى بىر ئويوندەك بىلىنىۋاتىدۇ...
ئەمدى قوپوپ مۇقۇملۇق دىگەننى بانا قىلىپ يەپ ئىچىشتىن باشقا ھەممىنى چەكلەۋاتىدۇ.
مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا قولىمىزغا پۇل كىرگەندە پۇلدار دىۋانىلەردىن ھىچ پەرقىمىز قالمايدۇ.
قەلەندەر پۇل تاپقىنى بىلەن بەرىبىر مەدەنيەتسىز،ساپاسىز قالاق...
پۇلى بار دىۋانىلەرنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىۋاتىدۇ .
بىر ئادەم سوقىراتتىن ، مەن قانداق قىلسام بەحىتلىك بۇلىمەن؟ دەپ سوراپتۇ ،سوقىرات ، ئويىڭىزگە بىر كالا ،بىر ئىشەك ،بىر چوشقىنى ئەكىىرپ بىرگە تۇرۇڭ ،دەپتۇ ، بۇ ئادەم نەچچە كۇندىن كىيىن كىلىپ ، سوقىراتقا دەرت توكۇپ مەن بەك قىينىلىپ كەتتىم دەپتۇ ، سوقىرات ئۇنداق بولسا بۇگۇن كالىنى ئويدىن چىقىرۋىتىڭ ،دەپتۇ ، ئەتىسى بۇ كىشى يەنە كىلىپ ،بۇگۇن حىلى يىنىكلەپ قالدىم ،دەپتۇ . سوقىرات ئەمدى ئىشەكنى چىقىرۋىتىپ چوشقا بىلەن تۇرۇڭ دەپتۇ . ئەتىسى بۇئادەم كىلىپ بۇگۇن ئوزىنىڭ كوپ يىنىكلەپ قالعانلىقىنى ئىيتىپتۇ . سوقىرات ،بۇگۇن چوشقىنىمۇ چىقىرۋىتىپ ،ئوينى پاكىزە تازىلاپ ، يىتىشنى بۇيرىپتۇ ، بۇ كىشى ئەتىسى سوقىراتنى ئىزدەپ كىلىپ ،ئوزىنىڭ بۇگۇن ھەقىقەتەن بەحىتلىك بولعانلىقىنى ئىيتىپ ،رەحمەت ھەشقاللا ئىيتىپتۇ . دىمەك بەحىتلىك بۇلۇش ئۇچۇن ھايۋان بىلەن بىللە تۇرماسلق كىرەك
بىزنىڭ باخىت تۇيغۇمىز بىلەن خەنزۇلارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى تۇپتىن ئوخشاش ئەمەس ، بىز ماددى جەھەتتىن ئۇزىمىزگە ئانچە يۇقىرى تەلەپ قويمايمىز ، مەنىۋىيتىمىز كۈچلۈك بۇلىدۇ ، << بۇغداي نېنىڭ بولمىسا ، بۇغداي سۇزۇڭ يوقمۇ >> دىگەندەك ئەمما خەنزۇلار بولسا بىزنىڭ ئەكسىمىزچە ، مىنڭچە مەسىلە دەل مۇشۇ يەردىن چىقىۋاتىدۇ ، ھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدەش ، كىم نىمىگە بەكرەك ئىھتىياجىلىق ، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى بۇلىدۇ دىگەن مەسىللەرھۆكۇمەتتىكى تەدبىر بەلگىلىگۇچىلەر ئارىسىدا مۇلاھىزە قىلىنىشى كىرەك ئىدى،
گەرچە ياخشى تۇرالغۇ، ئوماق بالاۋاقام نورمال تۇرمۇش بويۇملۇرۇم ( ماشىنا....) دىگەندەك نەرسىلىرىم بار ھالەتتە بولساممۇ . ئەمما ئۆزۈمنى ھىچ بەختىيار ھىس قىلالمايتتىم، ئەمما نىمىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم ، بىراق تېمىنى كۆرۈپ شۇنى ھىس قىلدىمكى ؛ بىزگە جۈملىدىن ماڭا نىسبەتەن يۇقارقى تۇرمۇش ھالىتىم بولغاندىن سىرت كونكىرتلاشتۇرۇپ گەپنىڭ پوس كاللىسىنى ئېيتقاندا ، ئادىتىم بويىچە نەگىلا بارسام ئانا تىلىمدا سۆزلەپ ئىش بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە، باللىرىم ئۆز تىلىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ، تۈكلىرىمنى قانداق ئۆستۈرسەم ئىختىيارىمدا بولۇش شارائىتىغا ، ئاياللىرىم رومىلىنى قانداقسىگە ئارتىش مەيلىگە، يۇرتلىرىمىزدا بەشۋاخ نامازنىڭ ئەزانلىرى ۋاختىدا ياڭراپ تۇرۇش ھالىتىگە ، چەتكە چىققىم كەلسە بىر پارچە دۆلەت تەۋەلىگى ئىسپاتى ئېلىپلا چىقىپ- كىرەلەش مۇھىتىغا ... قاتارلىقلارغا ئېرىشىش( مانا بۇلار ئىچكى ھالىتىمدە يوشۇرۇنغان بەخت تۇيغۇم ) ئىكەن . دىمەك يەنىلا ئەركلىك ئىكەن. ئەلۋەتتە بۇلارنى قىلىمەن دەپلا قىلىۋالغىلى بولمايدۇ.
بىر ئادەم ۋە بىر قەۋىمنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى باشقىلار بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، بەختىنى باشقىلار يارىتىپ بېرەلمەيدۇ، بىر مىللەتنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى بەشقا ھەر قانداق مىللەتكە تېڭىشقا بولمايدۇ، بىرسىدىن سىز نىڭ بەخت قارىشىڭىز نېمە؟ دەپ سورىسا، مەن بايرامدا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ چوشقا گۆشى ئارىلاشتۇرۇلغان ھامبورگ بولكىسى يىيەلىسەم ماڭا ئەڭ چوڭ بەختتۇر دېسە، بۇنى مۇسۇلمابلارغىمۇ باپ كېلىدىغان بەخت قارىشى دېگىلى بولامدۇ!؟...
بەلكىم مەن بەختلىكتۇرمەن.بىراق |
ساختا كۈلكە،ساختا مىللەتپەرۋەرلىك،ساختا چاۋاك،ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك،.......لەردىن ئىچىم سىقىلىپ ساختا دوستقا ھېجىيىپ ،ساختا دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ تولىمۇ چارچىدىم. |
ھەقىقىي خەلقمىنىڭ ھەقىقىي كۈلكىسى ،ھەقىقىي ۋەتىنىمنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسى ،مېنى ھەققىي ماڭا ئايلاندۇرغانداھەققيى دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەققيى مەغلۇبىيتى كۆز ئالدىمدا نامايان بولغان پەيتلەردە مەن ھەقىقىيى بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلاتتىممىكىن |
|
|