- تىزىملاتقان
- 2011-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 270
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
90%
|
خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن! بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!... بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چېكىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز، نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. خۇداغا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارىشا بىرىمىز قازى، بىرىمىز داموللا، بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ، يۇرت- خەلقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق. ئەپسۇسكى، بىز بۇ ئىززەت- ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋېلىپلا ئەسلىدىكى مەقسەت- مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ، نوقۇل ھالدا ھوزۇر- ھالاۋەت، راھەت- پاراغەتكە بېرىلىپ، مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق. يۇرت بولسا نادانلىق، جاھالەتتە، خەلقىمىز خار- زەبۇنلۇقتا قالدى. يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق. يۇرت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى قىلش، يۇرتنى تەرەقىياتقا، خەلقنى ئىلىم- مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق. تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدﯨن باشقا ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق. بىز نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟ نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز! بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق، چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟... نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك، مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا، مۆھۈر ھەققىگە، نەزﯨر- چىراقتىكى سەدىقە- ئىھسانغا، ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ، تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكۈۋالغانلىقىغا، ۋەتەن، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ داد-پەريادى، نالە- پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي، كۆز يۇمۇپ گاس- ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ! قېنى، نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ ھازﯨرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ، قېنى؟
نىمە دىگەن مەردانە ئىسىل گەپ ھە!!!! |
|