قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1507|ئىنكاس: 18

ئابدۇقادﯨر داموللامنىڭ بىر زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

250

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12209
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 16:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادﯨر داموللامنىڭ بىر زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتىقى



مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددىئايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى. ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم. ئەپۇ قىلىشالا! ھالا بۈگۈن ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم. مۇددىئا نىمە؟ دەپ سورالسا، شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي- زىياپەتلەر ئىچىدە مەست- مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن! چۈنكى مەست- مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر، ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر. خەلق نادانلىق، جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە. ھەممە ئىش كونا قېلىپ، كونا ئىزغا چۈشۈپ، يېڭىلىققا يول بەرمەي، ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا. ۋاقتىمىز، دەۋرىمىز، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. بۇ مىللى خارابەت، مىللى مۇنقەرزلىكتىن بىشارەت بېرىدىغان خەۋپلىك ھادىسە. ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن! بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى- مۇددەرىسلىرىمىز،   داموللىلىرىمىز، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما، قۇلىقىنى گاس قىلىپ قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن! شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىش، خەلقنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ، بەخت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ داستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەردىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر. 

ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق، بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا «بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق» دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ  بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن! بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!... بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چېكىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز، نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. خۇداغا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارىشا بىرىمىز قازى، بىرىمىز داموللا، بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ، يۇرت- خەلقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق. ئەپسۇسكى، بىز بۇ ئىززەت- ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋېلىپلا ئەسلىدىكى مەقسەت- مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ، نوقۇل ھالدا ھوزۇر- ھالاۋەت، راھەت- پاراغەتكە بېرىلىپ، مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق. يۇرت بولسا نادانلىق، جاھالەتتە، خەلقىمىز خار- زەبۇنلۇقتا قالدى. يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق. يۇرت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى قىلش، يۇرتنى تەرەقىياتقا، خەلقنى ئىلىم- مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق. تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدﯨن باشقا ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق. بىز نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟ نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز! بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق، چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟... نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك، مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا، مۆھۈر ھەققىگە، نەزﯨر- چىراقتىكى سەدىقە- ئىھسانغا، ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ، تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكۈۋالغانلىقىغا، ۋەتەن، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ داد-پەريادى، نالە- پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي، كۆز يۇمۇپ گاس- ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ! قېنى، نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ ھازﯨرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ، قېنى؟... بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ، تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ، ئاچ- يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا. بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ، توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز. ئۇنىڭ ھىسابىغا كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە. ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ ياق، ھېچنىمە قىلمىدۇق. بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق. شۇ سەۋەپتىن يېتىم- يېسىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا. نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟ مەكتەپلەر ئېچىپ، دارىلتام- دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ، كوچىدا ئاچ- يالىڭاچ، خارۇ- زارلىقتا قالغان بالىلارنى، ئاجىز- مىسكىنلەرنى نىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلاپ غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەلقنى بەخت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسىي تاپاۋەت يولىغا ماڭساق، قولغا كىرگەن تىللا- تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق، ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ...
   ئەپسۇسكى، بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادﯨن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا. ئېنگىلىز- شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە، ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدﯨن يىراقلاشتۇرماقتىمىز. ھەدىسە دەررە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز، ئەل رايىنى چېكىندۈرمەكتىمىز. بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ ھېلىمۇ كەچ ئەمەس، پۇرسەت بار، ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت- نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!...  

ئىنگىلىز- شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس، مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار جاھانگىر، تاجاۋۇزچى. ئۇلار ئوغرى، بۇلاڭچى. باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن، ئاستا- ئاستا پېيىمىزنى قىرقىپ، بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان، گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ، بىزنى داق بورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر. بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت! ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ، ئەخلەت دۇۋىسىگە چۆرﯨۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر. ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر. ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر...

    قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! بىز ئەزەلدﯨن قابىل، باتۇر خەلق ئىدۇق. تاكى پامىردﯨن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر- بارىگاھ تىكىپ، سەلتەنەتلىك ئوردا- تەختلەرنى قۇرۇپ دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى بىزگە جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى، شۇ كۈندﯨن باشلاپ زاۋاللىققا، خار- زەبۇنلۇققا يۈزلەندۇق .ھازﯨرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى. 

قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! ئويلاپ كۆرەيلى، مۇلاھﯩزە قىلايلى! ھازﯨرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس، غەپلەت ئۇيقۇسىدﯨن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ، ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا، ۋەتەن، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز!!!..

 

15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2188
توردىكى ۋاقتى: 1717
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 11:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىرىمىز ياتئەل پىرىزدىنىتلىرىنىڭ نوتۇقلىرىنى يادلىماقتا.................ئەپسۇس پىرىزدىنىتلارنىڭ نوتۇقلىرىغا ئاساس بولىۋاتقان نوتۇقلار دىققەتتىن خالى تۇرماقتا......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3237
توردىكى ۋاقتى: 834
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 13:18:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنىمۇ، تىخى تولۇق ئىچىلدى دەپ قارىمايمەن.

مەسىلەن: كۆز ئالدىدىكى ناھەقچىلىككىمۇ، مەھەللە، يۇرت، خىزمەت ئورنى ھەم يىقىن- يىراقلىقىغا قاراپراق مۇئامىلىدە بولىدىكەن.  ئاخىرىدا- قول ئىلكىدە يوق، خىزمىتى يوق، يىقىنلىرى يوق كىشىلەر ئەڭ چوڭ زىيانغا ئوچرىغۇچىلار بولىدىكەن.

يەنە دىھقانلىرىمىز ئارىسىدا سىياسىينىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار%98 گە يىتىدۇ دەپ قارايمەن.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3237
توردىكى ۋاقتى: 834
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 13:20:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىنى سەگىتكىدەك ئاۋازلاز يىتىپ كەلمىگەن ئوخشايدۇ. ھەممە يەر تىپ-تىنىچ.

خورازنىڭ چىللىغىنىغا كۆنۆپ قاپتۇ.

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 14:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە دىھقانلىرىمىز ئارىسىدا سىياسىينىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار%98 گە يىتىدۇ دەپ قارايمەن.
.....................................................................................................
    سىز بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزنى   كورمىگەن  ئوخشايسىز . ئۇلار سىياسىنى چۇشەنگەچكە ، ھاۋايى ھەۋەستىن ، ئەمەل تامىسىدن  ، زىنا ھارامدىن ، زەۋەر -ۋابادىن يىراق بۇلۇپ . ھازىرقى بۇزۇلغان جەمئىيەتتە ئاڭ ھالال ياشاۋاتىدۇ . سۇنداق ئىېيتىشقا بۇلۇدۇكى ،ئۇلار ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئەڭ ساغلام  كىشىلەر  ھىساپلىنىدۇ . بىزنىڭ بەزى ياش دىھقانلىرىمىز   ۋىژدانىنى ئىت يەپكەتكەن بەزى مەدەنىيەتلىك كىشىلىرىمىزدىن مىڭ ياخشى . چۇنكى مەن بەزى دىھقانلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىدىكى ئوزگىرىشلەردىن ھەيران قالىمەن .  دىھقانلارنى كەمسىتىدىغان بۇنداق فىئۇ  داللىق ئىدىيەنىڭ  ئاللىقاچان ۋاقتى ئوتتى .









 

0

تېما

2

دوست

5663

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 14:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى بانكىردە2012-12-14 13:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنىمۇ، تىخى تولۇق ئىچىلدى دەپ قارىمايمەن.

مەسىلەن: كۆز ئالدىدىكى ناھەقچىلىككىمۇ، مەھەللە، يۇرت، خىزمەت ئورنى ھەم يىقىن- يىراقلىقىغا قاراپراق مۇئامىلىدە بولىدىكەن.  ئاخىرىدا- قول ئىلكىدە يوق، خىزمىتى يوق، يىقىنلىرى يوق كىشىلەر ئەڭ چوڭ زىيانغا ئوچرىغۇچىلار بولىدىكەن.

يەنە دىھقانلىرىمىز ئارىسىدا سىياسىينىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار%98 گە يىتىدۇ دەپ قارايمەن.  

ھەقىقەت ئىككى نەرسىگە مۇھتاج: بىرى، ھەقىقەتنى سۆزلىگۈچى، يەنە بىرى ئاڭلىغۇچى.

0

تېما

0

دوست

795

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12166
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 187
تۆھپە : 115
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 14:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
100يىللىق ئۆلمەس نۇتۇق..ھېلىھەم ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەي!~

5

تېما

1

دوست

7251

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1768
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 15:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ۋاقتىدا بۇنداق پاساھەتلىك نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن سەۋىيە قانداق سەۋىيەدۇ ھە؟
ھازىرمۇ مۇشۇنداق پىكىر قىلالايدىغان ئادەمدىن يەنە قانچىلىكى باردۇر؟
دېھقانلىرىمىز ئارىسىدا سىياسىينىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغانلار %98 كە يىتىدۇ دىسە مەن قوشۇلىمەن، ھاۋايى ھەۋەستىن ، ئەمەل تاماسىدىن  ، زىنا ھارامدىن ، زەۋەر -ۋابادىن يىراق بۇلۇش ياخشى ئىش،  لىكىن ھەرگىزمۇ سىياسىينى چۈشەنگەنلىك ئەمەس. ئۇنداقتا كۆپىنچە دېھقانلىرىمىز نەزىرىدىكى ئىتائەتچانلىق، «پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماق ۋاجىپ» ئىدىيسى، ماڭغانغا ئەگىشىشى ئىدىيسى، كىچىككىنە كەنت سېكرىتارىنىڭ يولسۇزلارچە قىلىقلىرىغا قاراپ سۈكۈت قىلىش ئىدىيسى سىياسىينى چۈشەنگەنلىك بۇلامدىكەن؟ پىشاي دىگەن قوناقلارنى ئورۇپ تاشلاپ باشقا زىرائەت تېرىيسەن دەپ بوزەك ئەتكەندە خۇلۇم خوشنا، ئۇرۇق تۇققانلىرى ئەتراپتا تۇرۇپ «شۇنداق قىل، بىزمۇ شۇنداق قىلدۇق» دىگىنى سىياسىينى چۈشەنگەنلىك بۇلامدىكەن. بىزنىڭ دېھقانلىرىمىزدا سىياسى ئىدىيگە، قانۇن ئىدىيسىگە قارىغاندا قۇللۇق ئىدىيسى بەك كۈچلۈك.  بەلكىم پارازىت قۇرتلار، پوداقچى تەخسىكەشلەر مۇشۇنداق بۇلىشىنى خالايدىغاندۇ........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )