- تىزىملاتقان
- 2011-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1702
- نادىر
- 0
- يازما
- 118
ئۆسۈش
70.2%
|
يېقىندىن بېرى مۇنبەرلەردە يىڭىدىن تونۇلۇۋاتقان ئاتالمىش چولپانلىرىمىز ھەققىدىكى بەس مۇنازىرە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سىن ھۆججەتلەر كۆپىيىپ قالدى.ئاشۇ ئاتالمىش چولپانلىرىمىزنىڭ سەھنىدىكى يېرىم يالىڭاچ قىلىقلىرى ،يات مىللەت ئەرلىرى قۇچىقىدا نۇمۇسسىز ئەركىلەشلىرى بىزنى چۇڭقۇر ئويلاندۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ئەرلىكىنى يوقاتقان نايناق يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى قوللاپ ،ئۇلار ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتتى .......ئۇلارنى قوللايلى .........دەپ شۇئار توۋلاشلىرى ئادەمنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ئويلىنىش ئىچىگە باشلايدۇ.
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى نادىرە شەۋكەتنىڭ مۇنداقمۇ ‹‹ھۈنە››رلىرى بار ئىكەن تېمىنى كۆرۈپ ،بۇ يازمىنى يوللاپ قويغۇم كەلدى.
دەۋىر ئېقىمى،سەنئەت ساھەسى مودا ئېقىمىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىرقىسىم ياش "چولپانلىرىمىز "مەيدانغا كەلدى.ئۇلار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.ئەلۋەتتە،ئەل سۆيگەن ،خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان چولپانلارنىڭ چىقىشى ھەممىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش ئىدى.تولىمۇ ئەپسۇس ،ئۇلار ئەمدىلا شەرەپ سەھنىسىگە چىقىشى بىلەن ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ 《نادىر 》كۆرۈنۈشتىكى رەسىملىرى ،سىن ھۆججەتلىرى ،ئاشۇ چولپانلىرىمىزنىڭ يات مىللەتتىن تېپىۋالغان ئاشىقى بىلەن ھاياسىزلارچە چۈشكەن سۈرەتلىرى ئارقا - ئارقىدى ئاشكارىلاندى.بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قىلىنغان ئۆسەك سۆز دەپ قارىشى مۇمكىن.بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تېخى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا :ئۇلار ئۇيغۇرنى تونۇتۇۋاتىدۇ.ئۇلارغا مەدەت بېرەيلى ،ئۇلارنى قوللايلى .....دەپ بىلجىرلاۋاتىدۇ.
بەرھەق ،ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ،ھەرساھەدىكى داڭلىق شەخىسلەرنى قوللاش ،ئۇلارغا مەدەت بېرىش بۇرچىمىز بار.ئالدى بىلەن شۇ ئادەملىرىمىز نىمە قىلىۋاتىدۇ؟قايسى ساھەدە نام قازاندى ؟.....دىگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىپ قوللايمىز ئەلۋەتتە.
سەھنىدە يېرىم يالىڭاچ تولغىنىپ ،يات مىللەت ئەرلىرى قۇچىقىدا نازلىنىپ ئېرىشكەن ھەرقانداق نەتىجە ۋە ياڭى قانچىلىك تونۇلغان چولپان بولۇپ كېتىشتىن قەتئىي نەزەر ،ئۇ بىر سەنئەتكار ،ئۆزىنى نامايەندە قىلىدۇ خالاس.ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنى تونۇتالمايدۇ.تونۇتىدۇ،سەلبىي تەسىردە تونۇتىدۇخالاس.
ئۇيغۇرنى باشقىلارغا ،دۇنياغا تونۇتۇشتا سەنئەتتىن ،يەنە كېلىپ ئاشۇ يېرىم يالىڭاچ بەدەندىن باشقا تونۇتۇش يولى يوقمۇ؟
ئەلۋەتتە بار .
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دۇنياغا تونۇلغان نۇرغۇن ئالىملىرىمىز بار .ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى ،تالانتى ،ئەمەلىي بىلىملىرى بىلەن ئۇيغۇرنى ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادا مەۋجۇدلىقىنى دۇنياغا تونۇتتى .چەتئەلدە ۋە دۆلەت ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن دوكتۇر ئالىملىرىمىز بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى .
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى كۆزنەك 8سىستىمسىنڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تارقاتتى .بۇ ھەممە ئۇيغۇر شادلىنىشقا تىگىشلىك ئىش .مىكروسوفت شىركىتىنىڭ كۆزنەك 8سىستىمىسى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تارقاتقانلىقى ئۇيغۇرنى تونۇغىنى ،دۇنيادا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغىنى .بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئالىم ئەھەت ئاكىمىز غا ئوخشاش ئۇيغۇر مەرد ئوغلانلىرىمىزمۇ خېلى كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈردى،نۇرغۇنلىغان تەر ئاققۇزدى.
ئۇيغۇرنى سەنئەت دۇنياغا تونۇتتىمۇ ؟
سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلىرىمىز چەتئەللەردە ئويۇن قويۇپ، چەتئەللىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادا مەۋجۇدلىقىنى دۇنياغا تونۇتقان ئەمەلىيەتلەرمۇ بار ئەلۋەتتە.ئۇلار ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى ،نەپىس ئۇسۇل ماھارەتلىرى ،مۇزىلا ئورۇنداش سەنئىتى قاتارلىق ئەمەلىي ماھارەتلىرى بىلەن شان شۆھرەت قازانغان .
ئەمدىلىكتىچۇ ؟يېرىم يالىڭاچ بەدەن ،ياتلار قۇچىقىدا ئەركىلەش.............................قاتارلىق ئىشلار خېلى كۆپىيىپ قالدى.مەن بۇ يەردە ئاشۇ چولپانلار ئۈستىدە كۆپ تالاش تارتىش قىلغۇم يوق.لىكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ،ئۇلار ياتلار ئالدىدا يەنىلا ئۇيغۇر دەپ سانىلىدۇ.بىز ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى ئۇلار ئۇيغۇر ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەل سەھنىلىرىدە نامايەن بولىدۇ .شۇنداق بولغان ئىكەن ،ئاز ساندىكى ئىدىيىسى غەرپلىشىپ كەتكەن ،مۇدا ئېقىمى قوغلىشىدىغان ئۇيغۇرغا ئەمەس بەلكى ،ئەدەپ ئەخلاقلىق ،شەرمى -ھايالىق ،ئېتىقادلىق ھەقىقى ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ساپا ھازىرلىشى زۆرۈر. ئېچىلىپ قالغان كۆكرەكلىرى ،يالىڭاچ ساغرىسى ،يېرىم يالىڭاچ كاسىسى بىلەن ئەمەس ،ياڭراق ئاۋازى ،نەپىس ئۇسۇل ماھارەتلىرى ،مۇزىلا ئورۇنداش سەنئىتى قاتارلىق ئەمەلىي ماھارەتلىرى شان شەرەپ قۇچۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇرلار تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن .بىز شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ،ئۆز قەدىر قىممىتىمىزنى ساقلاپ ،ئۆزىمىزنى تونۇتايلى .قەدىر قىممەت ئىچىدە ،ئادىميىلىك ئىچىدە ،شەرمى - ھايا ،ئېتىقات چىگرىسى ئىچىدە ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى تونۇتايلى .
|
|