قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3719|ئىنكاس: 47

ئابدۇكېرەم ئابلىزغا ئۇچۇق خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

905

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10584
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 17:26:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرەم ئابلىزغا ئۇچۇق خەت


    ئابدۇكېرىم  ئابلىزگە:
    ھۆرمەتلىك ئابدۇكېرىمكا،ياخشىمۇسىز! سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟ ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بۇلىۋاتامدۇ؟ئائىلىڭىزدىكىلەر سالامەتمۇ؟
     ئابدۇكېرىمكا، ھازىر سىزنى ئۇيغۇر دىيارىدا 7ياشتىن-70ياشقىچە بولغان بارلىق ئۇيغۇر خەلقى بىلىدۇ،ھەممىمىز سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزنى شۇنداق ياختۇرۇپ كۆرىمىز،سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىز بىزلەرنىڭ ھارغان مىسكىن قەلبىمىزگە تەسەللىي بولسا،سىزنىڭ بەزى ئىتوتلىرىڭىز يەنە جەمئىيتىمىزدىكى بەزى بولمىغۇر چاكىنا ئىشلارنى قامچىلاپ جەئىيتىمىزدىكى ئاشۇ يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارغا ئىبرەت بۇلىۋاتىدۇ.مەسىلەن:‹‹ئەسكى تۇماق››دىگەن ئىتوتىڭىز ساختا،تېتىقسىز  ئېلانلارنى قامچىلىدى،‹‹ھەۋەسكارنىڭ ھەسرىتى››دىگەن ئىتوتىڭىز جەمئىيتىمىزدىكى قىمارۋازلارنى قاتتىق قامچىلىدى،بەزى قىمارۋازلارنىڭ قىماردىن قول ئۈزۈپ ياخشى ئادەم بۇلۇشىغا تۈرىتكىلىك رول ئوينىدى.‹‹ئاينىڭ 15قاراڭغۇ،15يورۇق››دىگەن ئىتوتىڭىز جەمئىيتىمىزدىكى ئازراق پۇل تېپىپ ئۇنى ھالال يوللارغا خەجلىمەي،ئەيىش-ئىشرەتكە،كەيىپ-ساپالارغا بېرىلىپ كېتىۋاتقان ئاتالمىش بايلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرسىنى ئېچىپ تاشلىدى.‹‹چۈشۈنەلمىدىم››ناملىق ئىتوتىڭىز ھازىرقى ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمەي،بۇزۇپ سۆزلەۋاتقان ئاتالمىش بۇز زۇۋانلارنى قاتتىق قامچىلاپ ،جەمئىيتىمىزدە ئاناتىلىنى قەدىرلەش،ساپ ئانا تىلدا سۆزلىشىش دولقۇنىنى پەيدا قىلدى.....ئىشقىلىپ سىزنىڭ ھەربىر ئىتوتىڭىز جەمئىيتىمىزدىكى مەلۇم بىر بولمۇغۇر قىلىقنى قامچىلىلاپ ھەر بىرىمىزنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىق قىلماقتا....
     ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىسەم،ئابدۇكېرىمكا،ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىۋاتىمەن، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا،ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى ئوقۇغۇچىللىرىمىز مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي ئاتالمىش ساختا مۇھەببەتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنىڭمۇ،ئۆزگىنىڭمۇ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىپ جەمئىيتىمىزدە ناچاربىر خىل كەيپىياتنى پەيدا قىلماقتا.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان نورمال بولمىغان ئىش پائالىيەتلەر مەيدانغا كېلىۋېتىپتۇ، بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىردا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىردەك تاشقى كۈرۈنۈش ۋە ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەت يوقاپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بەزى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاچلىرىنى غەيرى ياسىتىۋېلىشلىرى، بەزى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلار كىيشكە ماس كەلمەيدىغان غەيرى كىيملەرنى كىيشى، چاچلىرىنى پومپايتىپ يىتىلىپ قالغان 20نەچچە ياشلىق قىزلاردەك غەيرى ياستىشلىرى زادىلا ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى. ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپتارتماستىن تاماكىسىنى چىشلەپ مېڭىشلىرى، قىز -ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر بىرى بىلەن قىلىشقان سالاھىيتىگە ماس كەلمەيدىغان ئەخلاقسىز ئىش پائالىيەتلىرى ئۇنداق ئىشلار نۇرغۇن. ...(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
      شەنبە يەكشەنبە ۋە تەتىل كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ ئارام ئالىدىغان ۋاقتى، لېكىن ئوقۇغۇچىلار بۇنداق چاغلاردا دېسكوخانا، قاۋاقلارغا بېرىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. ئۆزئارا مۇھەببەتلىشىدۇ . كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيدىغان سورۇن، ئەخلاق، ھايا، ئىپپەتنىڭ يوقۇلىشى دەل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن باشلىنىدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر قاۋاقخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم پەرىزىمچە تولۇق 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەزىلىرى مەست، بىر نەچچسى مۇشت پەشۋا ئېتىشىپ كەتكەن، ساۋاقداش تۇرۇپ شۇنداقمۇ ئۇرۇشقان بارمۇ دەپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولغان. ...(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
    ياز كۈنلىرى خەلق مەيدانى ۋە ساغلاملىق باغچىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپ-توپ بولۇشۇپ يۈرگەنلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئوغۇللار چىملىقتا يېتىپ گىتار چېلىپ، ئىچىشكەچ كۆڭۈل ئاچىدۇ، غەربىنىڭ ئەخلەت مۇزىكىلىرىنى قويۇپ قىز ئوغۇللار ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بەزىلىرى ئايرىم جايدا جۈپلىشىپ ئولتۇرۇپ قىزغىن مۇھەببەتلىشىدۇ....(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
    بىزنىڭ مەكتەپتە  قىزلارنىڭ يازدا كىيگەن كىيىم كېچەكلىرىنى كۆرۈپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كىتىمەن.ئىچكىرىدىكى خەنزۇ ئوقۇچىلار ئارىسىدا يازدا قىسقا ئىشتان،قىسقا يوپكا كىيىش مودا بۇلىۋاتىدۇ،ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر قىز ئوقۇچىللىرىمىزمۇ تەپ تارتماستىن ئۇلارنى دورۇپ  قىسقا ئىشتان،قىسقا يوپكا كىيىپ ئاپئاق يۇتىللىرىنى بازارغا سېلىپ بىزنىڭ كىيىم كېچەك مەدەنىيتىمىزنى پوق قىلىۋاتىدۇ.كەچلىرى ھاراق ئىچىپ مەكتەپكە كىرىپ مەكتەپ جېدەل چىقىرىپ ئىچكىرىدەئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر داغ پەيدا قىلماقتا...يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئارىسىدا بەزىلەرقىز-ئوغوللار ئارىسىدىكى پەدىشەپكە ئەھمىيەت بەرمەي كۆزئالدىمىزدىلام قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدىدا ئاتالمىش قىز دوستىنى ....ئاندىن ياتىقىغا قايتىدۇ. يەنە شەنبە ،يەكشەنبە ئاتالمىش قىز دوستىنى مېھمانخانىغا ئەكىرىپ ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىدىغان ئەھۋاللار بەك ئېغىرلاپ كەتمەكتە...
     ئاتا-ئانىللىرىمىز باللىرىم ئىچكىرىدە پالانى يەردە ئوقۇۋاتىدۇ ،ئۈرۈمچىدىكى پالانى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ...دىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ نىمىش قىلۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ،بۇلار ئىچكىرىدە،ئۈرۈمچىدە... ئۇنداق كىيىنگەن بىلەن ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا ھىلگەرلىك قىلىپ مىللىيچە كىينىپ ئۆيىگە قايتىدۇ،مەكتەپكە قايىتقاندا يەنە ئۆز بىلگنىنى قىلىدۇ.ئۆزىنىمۇ ،ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئالداپ ياشلىق باھارىنى ئاشۇ ئاتالمىش ساختا مۇھەببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىۋىتىپ بارىدۇ... ئىچكىرىدە باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇردىگەن نامغا زىت ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى نابۇت قىلماقتا......(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
       ئابدۇكېرەمكا،ئەمدى سىزگە دەيدىغىنىم يۇقىرقى مەزمۇننى قامچىلايدىغان ئىتوتتىن بىرنى يېزىپ چىقسىڭىز،جەمئىيتىمىزدە ئومۇملاشقان بۇ نىجىس ئۆسمىنىڭ ئازلىشىدا تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان بۇلاتتى،ھەمدە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدى بولغان ئاشۇ ياشلىرىمىزنى ئاشۇ ئاتالمىش ساختا مۇھەببەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغان،ياشلىرىمىز ئارىسىدىكى  ئويۇن -تاماشا،كەيىپ-ساپاغا بىرىلىش قىلمىشىنى توسىغان بۇلاتتى...
     ئوقۇغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمى يوقالغانسېرى روھىي جەھەتتىن زەئىپلىشىپ تۇيۇق يولغا قاراپ ماڭىدۇ، بۇ بىۋاسىتە مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاخىرىدا ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرى بولغان ياش غۇنچىلارنى ۋەيران قىلىدۇ...


ھۆرمەت بىلەن:ۋۇخەن ئونىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادىلجان
2012-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى
ئەسكەرتىش:بۇتىمىدا نەچچە يەردە(بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەكرەك گەۋدىلىككەن)دىگىنىم ھەرگىزمۇ ئۈرۈمچىلكلەرنى بۇنداق،ئۇنداق دىگىنىم ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچىدە رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونىدىن كەلگەن ئادەملەرمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئۈرۈمچى دىگەن رايونىمىزنىڭ مەركىزى ھەم تەرەققى قىلغان شەھرى ، نوپۇسىمۇ ئەڭ كۆپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسەن90پىرسەنتى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى  ئۈرۈمچىگە مەركەزلەشكەن .نوقتىلىق تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ مۇشۇ شەھەردە كۆپرەك ،توغرا بۇنداق ئىشلار رايونىمىزنىڭ ھەممە رايونىدا ئۇچرايدۇ ،ئەمما ئۈرۈمچىدە بەكرەك گەۋدىلىنىپ ياكى كۆپرەك ئۇچراپ قالىدۇ خالاس .مېنىڭمۇ يەرلىك ئۈرۈمچىلىك دوستلۇرۇم بار ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئىزچىل ياخشى . تورداشلارنىڭ بۇ نوقتىنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئادىلجان

1

تېما

0

دوست

4308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 945
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەكلىۋىڭىز ناھايىتى ئۇرۇنلۇق بۇلاپتۇ ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ تەكلىپنى   ھەممىمىز قوللايمىز  . ئەمما ئىتوت ئويناشتىن ئېلان ئىشلەشنىڭ   پايدسى كوپ ھەم  ئاسان ئوخشايدۇ .  

6

تېما

0

دوست

905

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10584
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:47:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋا كۈندىن كۈنگە سوۋۇپ بىزنىڭ تاكسى تىجارىتىمىز خېلى ياخشى بولۇپ كېتۋاتاتتى، بۈگۈنمۇ بامدات نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپلا كۈندىكىدەك كوچىغا ئاتلاندىم،ماشىنىنى قىزىتقاچ ئاستا كېتۋېتىپ قارىسام ئاتەش مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا 3-4چە ئادەم قولىنى كۆتۈرۈپ تاكسى توسۋاتاتتى، تېخى ئەمدىلا يۇرۇق چۈشۋاتقان ۋاقىت بولغاچقا ماشىنىنى ئۇلارنىڭ يېنىدا توختۇتۇپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىككى جۈپ ئويغۇر قىز-يىگىتى ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىم.

-بىزنى xxئوتتۇرا مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويامسىز؟.-دىدى يىگىتلەردىن بىرى.  
-40 يۇەن بەرسەڭلار ئاپىرىپ قوياي.-دىدىم.ئۇ مەكتەپنىڭ ئارلىقى20كىلومىتىردىن ئاشاتتى.   
-يېنىمىزدا 30يۈەنلا پۇل قاپتۇ ئاكا ياردەم قىلىپ ئاپىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن،دەرىسكە ئۈلگۈرۈپ بارمىساق بولمايتتى.قاراپ باقسام ئۇنىڭ سۆزلىرى راستەك قىلاتتى.   
-چىقىڭلار ئەمسە ئاپىرىپ قوياي.-دىدىم مەن ئانچە خوشياقماي.ئۇلار ماشىنىغا چىقىشى بىلەنلا ماشىنىنى قوزغاتقاچ سورۇدۇم؛   
-سىلەر ئوقۇغۇچىما؟  
-ھەئە،تۇلۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇيمىز.  
-بۇ ئاتماس تاڭدا بۇ يەردە نىمە قىلىسىلەر؟   
-ئاخشام بىر دوستىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە چىققان....-دىدى بىرى سەل دۇدۇقلاپ.شۇ چاغدا ئارسىدىكى بىر قىزنىڭ تېلىفۇنى سايراپ گەپنى ئۈزۈپ قويدى.  
-ھە مانا ماشىنىدا كېتۋاتىمىز،مۇئەللىم سوراپ قالسا مېنى ئاخشام ئۆيىدە بىر ئىشى چىقىپ قېلىپ ئۆيىگە كەتكەنتى دەپ قويۇپ تۇر،ھە راست ئالىيەنى خوشنا مەھەللىدىكى ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى دىگىن،بىزمۇ 15مىنوتقىچە بېرىپ بولىمىز،خوش. '  
توۋۋا بۇلار مەكتەپتە مۇشۇنداق ئوقۇمدىكىنە؟،ئەينەكتىن بۇ قىزلارغا سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدىم،بۇلار ئاغزىدىن تېخى ئانىسىنىڭ سۈتى كەتمىگەن ئەمدىلا 15-14ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىك بالىلار ئىدى.ھەيرانلىقتا يەنە سوراشقا باشلىدىم؛
-سىلەر مۇشۇنداق ئوينايدىغان پۇللارنى ئاتا-ئاناڭلار بېرەمدا؟ ,
-ۋاي ياق ئاكا،ئۇلاردىن ئۇنچىلىك پۇل چىقاتتىمۇ،ئۆزىمىز ئىشلەپ تاپىمىز.- دىدى بايىقى يىگىت.  
-سىلەر مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرۈپ قانداق ئىشلەيسىلەر؟  
-بىز ھازىر ياتاقلىق مەكتەپتە بولغاچقا ئۆيگە ھەپتىدە بىرلا قېتىم بارىمىز،ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى مەكتەپكە كېلىپلا2-كۈنى دەرىسكە كىرمەي ئىشلەيمىز،بىر كۈن ئىشلىسەكلا150يۈەن تاپالايمىز،مۇئەللىملەر سورىسا ئۆيدە ئىش چىقىپ قالدى دەيمىز،شۇنداق بىر نەچچە كۈن ئىشلىسەكلا 600-700يۇەن تېپىپ مۇشۇنداق بىر ئاخشام مابەتلىرىمىز بىلەن ئويناپ كېلەلەيمىز.-دىدى يېنىدىكى قىزلارغا قاراپ كۈلۈپ.  
-مەكتەپ بۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ قىلمامدا؟  
-ئوغۇرلۇقچە چىقىمىز،بۇرۇن ئانچە دىققەت قىلمايتتى،لېكىن ئالدىنقى ئايدا تۇلۇقسىز 2-يىللىقتىكى 2قىز سىرتقا چىقىپ ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ كىرىپ مەكتەپ ياتىقىنى بىر ئاخشام مالىماتاڭ قىلغاچقا ھازىر بەك چىڭ تۇتىۋاتىدۇ،لېكىن يالغان ئېيتىپ چىقىلىۋىرىمىز.....   
ئۇلارنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ كەينىمگە ياندىم،كاللام ئاجايىپ بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى.  
-ئاھ ،كەلگۈسىمىزنىڭ ئىگىلىرى بولغان بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۈمۈدى شۇمىدى؟ خەلقىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدى شۇمىتى؟مۇئەللىملەرنىڭ..........؟   
تېخى ئەمدىلا تۇلۇقسىز ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىز،تېخى قىزلىرىمىز ھاراق ئىچىپ،مېھمانخانىلاردا يېتىپ يۈرسە،ئاتا-ئانالىرىمىز ھېچنىمىدىن بىخەۋەر باللىرىمىز ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئولتۇرىۋەرسە، بۇ مىللەت،بۇ ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى نىمە بولۇپ كىتەر؟ ئابدۇكېرىمكا،ئەجەبا بۇنىڭغا ھېچقانداق ئامال يوقمۇ؟
ئادىلجان

7

تېما

0

دوست

2717

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10098
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 658
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بۇ تەكلىپنى قوللايمەن .بولسا  شۇنداق قىلسا  «چۈشەنمىدىم» ناملىق  ئىتوتقا ئوخشاش  ئىجدىمائى ئۈنۈم كۈرۈلسە  ئەجەپ  ئەمەس. ئەممازە  يەنىلا  شۇ بالىلارنىڭ ئىتىقادى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئائىلە تەربىيەسىدىن مەھرۇم بلغان  ئۇزىنىڭ مىللى كىملىكىنى ، دىننى ئىتىقادىنى  ئۇنتىغان  بايقۇشلارنىڭ قۇلىدىن ھەربالا كىلىدۇ.

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:54:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى ۋەقەلىك،بايانلاردىن كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى،قىسمەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىكەن.
مېنىڭچە، مەسىلىنىڭ يىلتىزى نەدە؟دېگەننى ئويلىنىش كېرەك.
مەكتەپ مۇھىتى،جەمئىيەت ساپلاشسا،ئائىلە تەربىيسى(ئېتىقاد،ياخشى-يامان،ھالال-ھارام تەربىيسى) كىچىكىدىن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلسا ۋە ھەربىر ئائىلە، ھەربىر شەخىس جەمئىيەت ئالدىدا ئۆزئوبرازىنى ساقلىسا،جەمئىيەتكە مەسئۇل بولسا بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ ئائىلە ساپلاشمىسا كىچىك ئائىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئۇزاق داۋام قىلغان تەسىرلەرنى توسۇپ قېلىش قېيىن. لېكىن، قانداق قىلىش،نېمىنى قىلىپ-نېمىنى قىلماسلىقنى تاللاشتا پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن كىچىك چاغدا ئائىلىدە كۆرگەن تەربىيە  ئىنتايىن مۇھىم. بەزىلەرنىڭ 12ياشتىن بۇرۇنقى تەربىيە بىرئادەمنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ،دېگىنىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار.
ھەقىقەتەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزتەسىرىگە تاينىپ شۇنداق بىر ئىتوتنى ئويناپ جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. لېكىن،ئۇ ۋاقىتلىقلا تەدبىر. ئەڭ مۇھىمى بۇ خەتنى ھەربىرىمىزگە،ھەربىر ئائىلىگە، ئائىلە باشلىقلىرىغا يېزىلغان خەت دەپ بىلسەك،مەسىلە جاۋاپقا يۈزلىنىدۇ.  

6

تېما

0

دوست

905

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10584
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:07:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ مۇھىتى،جەمئىيەت ساپلاشسا،ئائىلە تەربىيسى(ئېتىقاد،ياخشى-يامان،ھالال-ھارام تەربىيسى) كىچىكىدىن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلسا ۋە ھەربىر ئائىلە، ھەربىر شەخىس جەمئىيەت ئالدىدا ئۆزئوبرازىنى ساقلىسا،جەمئىيەتكە مەسئۇل بولسا بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ ئائىلە ساپلاشمىسا كىچىك ئائىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئۇزاق داۋام قىلغان تەسىرلەرنى توسۇپ قېلىش قېيىن. لېكىن، قانداق قىلىش،نېمىنى قىلىپ-نېمىنى قىلماسلىقنى تاللاشتا پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن كىچىك چاغدا ئائىلىدە كۆرگەن تەربىيە  ئىنتايىن مۇھىم. بەزىلەرنىڭ 12ياشتىن بۇرۇنقى تەربىيە بىرئادەمنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ،دېگىنىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار.
ھەقىقەتەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزتەسىرىگە تاينىپ شۇنداق بىر ئىتوتنى ئويناپ جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئادىلجان

6

تېما

0

دوست

905

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10584
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىنىڭ،مەكتەپنىڭ شۇنداقلا جەمىيەتنىڭ كۈينىشى ،ئاسرىشى ،تەربىيسى يىتەرلىك بولغاندا ئىشنىمەنكى مىللىتمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئۇ باللار چۇقۇم نىمىنى قىلىش نىمىنى قىلماسلىقنى چۇقۇم بىلىپ ياشايدۇ!!!!!!!!!ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلەيلى ،ئۇلارغا چىرايلىق تەربىيە قىلايلى،ئۇلارنى ئاسرايلى ئۇلارمىللىتمىزنىڭ بۇلمىش ئىختىساس ئىگىلىرى!
ئادىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )