- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11819
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
4.55%
|
دىيارىمىزدىكى%80 دىېھقان %20 زىيالىدىن نىمىلەرنى ئۈمۈد قىلىدۇ؟
مىنىڭ بۇ تىمىنى ئويلاۋاتقىمىنغا خىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئاخىرى بۈگۈن غەيرەت قىلىپ بۇ تىما توغرىسىدا ئازدۇر كۆپتۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
بەلكىم دىھقان بىلەن زىيالىنىڭ نىسبىتى يۇقۇرقى نىسبەتتىن ئارتۇق ياكى كەم بولىشى مۇمكىن(تىخى ھىچكىم بۇ توغرىسىدا سىتاتىستىكا قىپ باققىنى يوق)ئەمما تەخمىنى شۇنداق دەپقىياس قىلساق,زادى يۇرتىمىزنىڭ چەت يىراقلاردىكى كەپىلىرىدە ياكى ناھىيە بازارلىرىدا ياشاپتۇرۇپمۇ ئەتراپىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر ۋە يىڭىدىن يىڭى پەيدا بولۇۋاتقان كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئىددىيەۋى ئىقىملاردىن بىخەۋەر قىلىۋاتقان شۇ ئاۋام خەلقمىز بىزدىن غايىبانە ھالدا نىمىلەرنىكۈتىدىغاندۇ؟
مىنىڭ قارىشىمچە ئۇلارنىڭ كۈتىدىغىنى:
1. ئۇلار ئاڭلاشقا ، كۆرۈشكەئۈلگۈرەلمىگەن ۋەقە ھادىسلەرنى، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان ئىسىل يازما ۋەرىئال ھىكايىلەرنى بىزنىڭ ۋاستىمىز بىلەن ئاڭلىۋىلىشنى، بىلىۋىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك سۆھبەت تىمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
2. ئۇلار يىڭىدىن يڭى چىقىۋاتقان مەركەزدىن بىۋاستە يىتىپ كەلگەن سىياسى بۇيرۇقلارنى ئۆز ئەينى ھالدابىلىۋىلىشنى يەنە باشقىلارنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەتسىز بىمەنە بۇيرۇقلىرىنىقانۇنلۇق ھالدا رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكنى بىلىۋىلىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
3. مەيلى ناھىيە ياكى چەت يىزىدىكى دىھقانلار بولسۇن ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ،قاراماي ،شىخەنزە ، غۇلجىدىكى قىرىنداشلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىرىشۋاتقان مائارىپ ئەندىزىسى، ئىختىيارى كۇرس شەكلىدىكى نىمە ئۈمۈد قىلسا شۇنى ئۈگۈنەلەيدىغان مائارىپ مۇھىتىنىڭ بىزنىڭ ۋاستىمىز بىلەن روياپقا چىقىشنى ئۈمۈد قلىدۇ.
4. ئۇلار بىز ھازىرئىنتىرنىتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غىمنى يەۋەتقانلىقىمىزنى ھەتتابەزىلىرىمىزنىڭ شۇلار ئۈچۈن ھازىرچە قولۇمدىن كىلىدىغنى مۇشۇلاكەن دەپ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى شەخسى راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ ئۆزئالدىغا ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ،تىرىشىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ھەم بارلىقنى ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمىغانلىقنى ھىس قىلىشقا يىڭىدىن يىڭى ئۈمۈدلەرگە تولۇپ ئىشەنچ بىلەن ياشاشنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
بەلكىم يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرى باردۇ،.مەن ئويلايمەن بىز بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىپ ،يازمىلارنىڭ چىكىلىش قىتىم سانىنىڭ ئاشقىنىنى كۆرۈپ خەلقىمىزئويغۇنۇپتۇ دىسەك تىخى بالدۇرلۇق قىلغان بولىمىز نوپوسىمىزنىڭ 80% نى تەشكىل قىلىدىغان جاپاكەش دىېھقانلىرىمىز ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرمەي تۇرۇپ، يىزا باشلىقى ياكى سىكىتارنىڭ خەلقنىڭ چاكىرى ئىكەنلىكنى ھىس قىلماي تۇرۇپ بىزنى ئويغاندى دىيىش تىخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.(ئىمال خاتالىقىنى تۈزىتىپ قويدۇم)
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ئەپەندىم،.،ئوخشاش تىمىنى ئىككى مۇنبەرگە تەڭ يوللىغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن، |
|