- تىزىملاتقان
- 2012-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3051
- نادىر
- 0
- يازما
- 84
ئۆسۈش
35.03%
|
قېرىنداشلار،كىمنىڭمۇ ئىختىلاپ قىلىشقۇسى بار دەيسىلەر.بۇ جەھەتتەمەنمۇ كۆپ سانلىق تورداشلار بىلەن ئوخشاش قاراشتىمەن.ئۆزۈمنى تۈرك قەۋمىدىن ھىساپلايمەن.بارچە تۈركى مىللەتلەرنى ئۆز قېرىنداشلىرىم، تۇققانلىرىم دەپ تونۇيمەن.بولۇپمۇ ئۆزبىكلەر ئۇيغۇرلار بىلەن قوشكىزەك ئاكا-ئۇكىلاردەك،ھەسەن-ھۈسەندەكلا يېقىن تۇيغۇ بىرىدۇ.ئەمىلىيەتتىمۇ تارىختىن بىرى ئىككى مىللەت كىشىلىرى خۇشاللىقتا تەڭ كۈلۈپ،قايغۇدا تەڭ يىغلاپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان.ئۇزاقى خۇجىلار زامانىدىن يېقىنى ئەلىخان تۈرە دەۋرىگىچە ئېغىر كۈنلەردە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر-بىرىگە باشپاناھ بولۇپ كەلگەن.شۇ دەۋىرگىچە بىر-بىرىنى مىللەت نامى بىلەن ئەمەس يۇرت نامى بىلەن ئاتاشقان.ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ئەنجانلىق، تاشكەنتلىك،بۇخارالىق دىسە ئۆزبىكلەر بىزلەرنى ،قەشقەرلىك، خۇتەنلىك،ئاقسۇلۇق دىگەن. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟چارروسلاردىن قېچىپ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كەلگەن ئۆزبىكلەر ھىچ ياتسىراش،غېرىپسىنىش ،يەكلىنىش ھىس قىلماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ باغرىغا سىڭىپلا كەتكەن.بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ مەن بۇلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزبىكلەرنى ئۇيغۇر دىمەكچى ئەمەس،پەقەت ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى باشقا تۈركى مىللەتلەردىن پەرقلىق ھالدىكى يېقىنلىقنى ئىپادىلىمەكچى. ئەھۋال ئەنە شۇنداق. ئەپسۇس، بۇگۈنگە كەلگەندە بىز ئاجىز.باغرىمىز سۇنۇق.ۋۇجۇدىمىزنى كىسەل چىرمىغان،ئېغىر تىنىپ غېرىپ كۈلبىمىزدە ياتىمىز.بۇ دەل قېرىنداشلىرىمىز يوقلايدىغان،ھالىمىزنى سۇرايدىغان،بىزگە يار -يۈلەكتە بۇلىدىغان ۋاقىت ئىدى.بۇنىڭ ئەكسىچە بىز شۇ قېرىنداشلار تەرىپىدىن يەكلەش،كەمسىتىش،تاپا-مالامەتلەرگە قېلىۋاتىمىز.ئۇلار غېرىپ-مىسكىننى يوقلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى نام-شەرەپلىرىنىمۇ بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ تالاشماقتا. ئېيتىڭلارچۇ بۇ ئەھۋالدا بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟داۋاملىق :<<ئۇنداق قىلماڭلار! سىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغۇ!>>دەپ يالۋۇرىمىزمۇ؟ياكى:يارەببىم!سەندىن باشقا يۈلەنچۈگۈم،ياردەمچىم يوقتۇر.ئۆزۈڭ بىلىسەن،مىنى قېرىنداشلىرىم تاشلىدى.مۈشكۈلچىلىكتەقالدىم .كىسەلنى ئۆزۈڭ سالدىڭ،ئەمدى سەندىن شىپاسىنى تىلەيمەن.ماڭا ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە نىجاتلىق بەرگىن!>> دەپ ئاللاھتىن تىلەيمىزمۇ؟ئىنشائاللا شۇ قېرىنداش مىللەتلەر ئىنساپقا كەلسۇن. نەزەربېك دىگەندەك ئۇيغۇرلار ھىچقاچان ئۆزىنى چوڭ تۇتقىنى يوق.ھەم ھازىر چوڭ تۇتقىدەك ھالىمىزمۇ يوق.ئۇيغۇرلار ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تارتىپ بار ئىدى دىگىنىمىز يوق.ئۇيغۇرلار تۈرك نەسلىدىن ئىكەنلىگىدىن تانغىنىمىز ھەم يوق.پەقەت ئۆزبىك مىللىتىنىڭ شەكەللىنىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى تەركىپ ئىكەنلىگىنى تارىخى يازمىلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرغا قويدۇق.بۇ ئۇيغۇرلارنى چوڭ كۆرگەنلىك ئەمەس.بەلكى ئىككى مىللەتنىڭ ئىنتايىن يېقىن تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىگىنىڭ ئىسپاتى خالاس.ئەمىلىيەتتە بۇ بەزىلەر ئاچچاقلانغۇدەك،مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە كۈتەرگۈدەك مەسىلە ئەمەس. |
|