- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6904
- نادىر
- 0
- يازما
- 608
ئۆسۈش
38.08%
|
بۇ تىما مەيلى يىزىق ئىملاسى مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن نىمانچە ساپاسىز يىزىلغان تىما؟ يا ئىملاغا دىققەت قىلمىغان، يا پەش چىكىتنى جايىدا ئىشلەتمىگەن، ئۇيغۇرچە يىزىق تۇرۇپ مەزمۇنىنى چۈشىنىش تەس ئىكەن، بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار ماڭا ئوخشاشلا تولۇق ئوقۇمىغان بۇلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق تىمىنىمۇ تەستىقلىغانغا ھەيرانمەن؟!
مىنىڭ قازاق، قىرغىز،تاتار ساۋاقداشلىرىم بولغان، بىز ئۇلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكەن، نۇرغۇنلىرىمىز بىر ياتاقتا ياتقان، ئۆز ئارا تىل ئۆگىنىشكەن. ئۇلارنى تەبىئى ھالدا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىم بىلەن تەڭ ئورۇندا كۆرەتتىم. ئەزەلدىن بىز بىر تۈركى مىللەت دىيىشمىسەكمۇ لىكىن ئارىمىزدىكى يېقىنلىق بىزگە بۇنى ئىسپاتلاپ بىرەتتى. مەن ئۆزبېك تارىخىغا، مەدىنيىتىگە قىزىقىمەن، شۇنداقلار قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدىنيىتىگىمۇ قىزىقىمەن، بۇ توغررىسدىكى ماتىرياللارنى ئىزدەپ ئوقۇيمەن. تارىخ ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىش، شان- شەرەپ تالىشىپ ئۆز ئارا ئازارلىشىش، تارىخنى دەپ ئۆز ئارا ياقا سىقىشىش ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئەخمىقانىلىق. دۇنيادىكى ھەممە ئىنسان ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ، مەدىنيىتىمىزنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسى ئادەم ئاتىمىز ۋە ھاۋا ئانىمىزدىن كىيىنكى زامانلاردىكى يەنى ئۇزاق بولمىغان دەۋرلەردىكى بىر ئاتىنىڭ، بىر ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. دىمەك بىز قېرىنداشبىز، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز باشقىلار قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن، دىمەك ئىلگىرى نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى بىرگە باشتىن ئۆتكۈزگەنبىز.
ياقۇببەك دەۋرىدىكى ئۇرۇشقا بىۋاستا قاتناشقان، شۇ دەۋرنى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» دىگەن كىتاپتا مەلۇم بۇلىشىچە ياقۇپبەگمۇ ئەنجانلىق ئىكەن، لىكىن كىتاپتا ئۇنى ئۆزبېك دىمەپتىكەن، ئەنجانلىق دەپتىكەن. شۇ ۋاقىىتتىكى ھەربىر ۋە مەمۇرى ئىشلاردىكى ئالاقىدە ئۆزبېك تىلى ياكى ئۇيغۇر تىلى دەپ ئيرىلماپتىكەن، شۇ دەۋىردە ياقۇببەگكە ئەگىشىپ كەلگەن بارلىق لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدىمۇ؟ ياق، نۇرغۇنلىرى دىيارىمىزدىكى خەلقىمىزگە سىڭىپ كەتكەن، بۇ 150 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر، ئۆزبېك دەپ ئايرىش قىلمىشلىرىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ (ئەڭ ئاددى مىسال). شۇڭا ھازىر بىزنىڭ قېرىنداش تۇرۇپ مىللەت ئايرىپ جېدەللىشىپ يۈرىشىمىزنىڭ قەتئى ھاجىتى يوق.
ئىلى دولقۇنلىرى، ئانا يۇرت، مەن كەچكەن كېچىكلەر دىگەن كىتاپلارنى ئوبدان ئوقۇڭ، شۇ ۋاقىتلاردا قېرىنداشلارنىڭ جاپالىق شارائىتلاردا ئىتتىپاقلىشىپ قانداق جەڭ قىلغانلىرىنى بىلىسىز. |
|