قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 7082|ئىنكاس: 71

ھاراق ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

3904

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 429
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 17:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار:باغداشىنىڭ يىڭى ئەزاسى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى يازمامنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.بەھىرلەنگەيسىلەر.


ھاراق ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

- مەلۇم نەرسىنىڭ چەكلىنىشى جەزمەنكى ئۇنىڭ ئىنسانغا ،دۇنياغا ،ئەخلاققا،ئاخىرەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر .
                                                     
   - نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن

    ھاراق توغورلۇق كۆپ گەپ-سۆزلەر بولۇندى ، جەمئىيەتشۇناسلار ھاراقنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۇرىدىغان زىيىننى ئەخلاق نۇقتىسىدىن،تىببىي نۇقتىدىن،ئىجتىمائىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ،رىئاللىقتىن،تارىختىن ئىبىرەتلىك مىساللارنى كەلتۈرۈپ،بۇ ھەقتە ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۇرىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتورىغا قويۇپ ، ھاراقنى دوست تۇتقانلارنى ھاراقتىن بەزدۇرمەكچى بولدى .لىكىن ھاراقنىڭ ئۇلپەتداشلىرى كۆپەيسە كۆپەدىكى ھەرگىز ئازلىمىدى .جەمئيتىمىزدە ھاراقنىڭ نوپۇزى تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ قالغان باشلىقتەك كۈنسىرى ئۆسىۋەردى .بۇ خىل ئەھۋال داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئابدۇكىرىم ئابلىزىنىڭ ‹‹ نەسىھەتنى مىخقا ئوراپ كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا قاقسا ،مىخ كىرىپ كىتىپ نەسىھەت قىپ قالىدۇ ›› دىگەن يۇمۇرلۇق  سۆزىنى ئەسلتىدۇ .
      ئەسلىدەئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان خەلق ياشايدىغان جەمئىيەتتە ھاراقتىن ئىبارەت بۇ ھارام نەرسە ئۇر-چاپ قىلىنسا توغرا بولاتتى .دىندىمۇ ،پەندىمۇ  ھەدەپ ‹‹ دۆشكەللىنىۋاتقان ›› بۇ نىجىس تۈكۈرۈككەكۆمۈلۈپ كەتسە بولاتتى .ئەپسۇس رىئاللىق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا.توي-تۈكۈن،ھىيىت-بايراملىرىمىز،تۈرلۈك يىغىن- يىغىلىشلار،ئولتۇرۇشلار ھاراقسىز ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماس بولۇپ قالدى .ئازابلانساقمۇ ئىچتۇق، خۇشال بولساقمۇ ئىچتۇق،ئۇچساقمۇ ئىچتۇق،چۈشسەكمۇ ئىچتۇق،ئايرىلساقمۇ ئىچتۇق،جەم بولساقمۇ ئىچتۇق،قايسى كەسىپتىن ،قايسى تەبىقىدىن بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھاراققا چىلبۆرىدەك ئىتىلدۇق. ئىقتىسادى ئاساسىمىزنىڭ ، مەنىۋى ساپايىمىزىنىڭ ، ئىجتىمائىي ئورنىمىزىنىڭ قانداقلىقى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمىدۇق، خۇددى ھاراق ئۇيغۇر ئۈچۈنلا،ئۇيغۇر ھاراق ئۈچۈنلا يارالغاندەك .
       دىمىسىمۇ شۈ نەرسە ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ئىقتىسادىمىز،ۋاقتىمىزئازمۇ؟شۇ تۈپەيلى قانچىلىك زىھنىمىزنى خوراتتۇق؟كىملەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن،ھۆرمىتىدىن ئايرىلدۇق؟ئۆزىمىزدىن قانچىلىك يىراقلاشتۇق؟ئەجىبا ئۇ بىزگە راستنىلا خۇشاللىق ئىلىپ كىلەلەمدۇ؟!
شۇنداق،كۆڭۈل يىقىن بىر نەچچىمىز جەم بولغاندا(بۇ چاغدا ئارىمىزغا شەيتانمۇ قىسىلىپ كىرىۋالىدىغان ئوخشايدۇ)جەم بولغانلىقىمىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن تاللاپ تۇرۇپ قايسىدۇر بىر پەيزىخانىغاقاراپ ‹‹ھۇررا››توۋلاپ يۈرۈپ كىتىمىز.شۇنىڭ بىلەن ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كىتىدۇ؛زەھەردىن قىممەت ۋە ئاچچىق ئىچىملىك،ھالال-ھارامىلىقنى بىلگىلى بولمايدىغان ھەرخىل قورىمىلار،شەھۋانىي تۈسنى ئالغان ئۇسسۇل-تانسىلار،زورلىشىپ،بەسلىشىپ ئىچىشلەر،ھايا-پەردىشەپنى قايرىپ قويوپ دىيىلىۋاتقان گەپ-سۆزلەر...ئىشقىلىپ جاھاندىكى جىمىي ھاياسىزلىقلار،بىئەدەپ ئىشلار مۇشۇ بىر توپ كۆڭۈل خوشى ئىزدىگۈچى بىچارىلەر ئوتتورىسىدا يۈز بىرىدۇ،پۈتۈن دۇنيانى...ھەممە ھەممىنى ئۇنتىغان بۇ بىر توپ بىچارە غالىپلار بىر دەملىك خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەر نىمە قىلىشقا رازى.
       ھاراقىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى،بارلىق يامان ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى ئىكەنلىكىنى ھەممىمزبىلىمىز،بىلىپ تۇرۇپ ئىچىمىز.قانداقتۇر تارتىۋاتقان ئازابىمىزغا تەسەللىي تىپىش ئۈچۈن،ۋاپاسىزدۇنيانىڭ تۈرلۈك دىشۋارچىلىقىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇش ئۈچۈن،سورىنىمىزنىڭ كەيپىياتنىڭ جۇشقۇن بولۇشى ئۈچۈن،ئىشلىرىمىزنىڭ يۈرۈششى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇراجەت قىلىمىز،ئويلاپ قالىمەن،بۇ تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتنىڭ بىزلەرگە قىلغان كۆڭۈل سوۋغىسىنىڭ نامايەندىسىمۇياكى ئىماننى،ئەدەپ-ئەخلاقنى تەرىك ئەتكەنلىكىمىزنىڭ جازاسىمۇ ۋەياكى ھالال بولوشنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ؟!
جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ ئاغىرىنىمىز،ھەممە ئىشنى ‹‹جەمئىيەت شۇنداق تۇرسا››دەپ جەمئىيەتكەئارتىپ قويىمىز،ئويلاپ باقايلى،بۇزۇلغىنى جەمئىيەتمۇ ياكى بىزنىڭ روھىمىزمۇ؟
        جەمئىيەتنى بۇزغان كىم؟
      تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ بولۇپ،ئۇنى شەيتانغا ئارتىپ قويىمىز.ئەمەلىيەتتەئۆزىمىزنى بۇزغانمۇ،جەمئىيەتنى بۇزغانمۇ دەل ئۆزىمىز.بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىت كۈچى كۈچلۈك بولسا ھەرقانداق كىسەل بىزنى بوزەك قىلالمايدۇ،روھىمىزنىڭ ئىممۇنىت كۈچى كۈچلۈك بولسا ھەرقانداق يامان ئىللەتلەردىن يىراق تۇرالايمىز.دىمەك بىزنىڭ روھىمىزنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئاجىزلىغان.ئىتىقات،ئەخلاق...دىگەندەك روھى قالقانلار روھىمىزدىكى پاسىبانلىق ئورنىنى يوقاتقان،بۇنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزدىن،ئۆزىمىزنىڭ چىركىن روھىمىزدىن كۆرسەكبولىدۇ.
       ھاراق تۈپەيلى زەئىپلىشىۋاتقان روھىمىز،يىگىلەۋاتقان تىنىمىز،ئىسراپ بولىۋاتقان ۋاقتىمىز،ئىقتىسادىمىز...ھەققىدەچوڭقۇرراق ئويلانساق بەلكىم ئۇنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغان كىچىككىنە خۇشاللىقىدىن ۋازكىچەرئىدۇق،لىكىن بىزدە بۇنى ئويلايدىغان ۋاقىت نەدە،زىھىن نەدە؟ھەممىمز قورساق غىمىدە،كەيىپ-ساپا    غىمىدە،كۈلىۋىلىش،يايرىۋىلىش،ئوينىۋىلىشغىمىدە‹‹ئىچمىسەڭ،چەكمىسەڭ،قىزلارغا كۆز قىرىڭنى سالمىساڭ،بۇ دۇنياغا نىمە بار دەپ كەلدىڭ››مانا بۇ بىزنىڭ شۇئارىمىز.ئادىمىيلىككە يىقىنلىشىپ،ئادەمدەك ياشاي دىگەن مەقسەتتەيامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتقان كىشىلەر بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئەنە ئاشۇنداق گەپلەربىلەن كەمسىتىلىدۇ.قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئاشۇ ئىددىيە ئەكسىچە مەسخىرىگە ئۇچىرايدۇ،ئۇنداقلاركۆپىنچە ئىتىراپ قىلىشقا،ھۆرمەتلەشكە،قەدىرلەشكە،سۆيۈشكە ئىرىشەلمەيدۇ.ئۇلار لامىزەللىلىكتە،تومپايلىقتا،مەتولۇقتائەيىپلىنىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ شەكىللەندۈرگەن ئىددىيە سىسىتىمىسى بۇ جەمئىيەتتەقارشى ئىلىنمايدۇ.جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلغان سىسىتىمىسى بۇ خىل زاماننىڭ ‹‹كەينىدەقالغان››يومشاق دىتالنى تونىمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئەخلاق،ئىتىقات بىلەن سۇغۇرىلغان پاكىزروھى ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ زامانىۋى روھى بىلەن چىقىشالماي خورلىنىدۇ.
          گىپىمىزگەكەلسەك:ھاراق ئىچمەڭ،ھاراقنى تاشلاڭ،بەلكىم سىز بۇ تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان ئەل-ئاغىنىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قىلىشىڭىز مومكىن،نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىڭىز يۈرۈشمەسلىكى مومكىن،نۇرغۇنلىغان پايدا-مەنپەئەت،ھوقوق-ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قىلىشىڭىزمۇ مومكىن،ھەتتا ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ سۆزى بىلەن ئىيىتقاندا ‹‹قاتاردا يوق››ئادەم بولوپ قىلىشىڭىزمۇ مومكىن. ھاراق ئىچمەسلىك تۈپەيلى سىز قىممەتلىك بىر پۇرسەتنى قولىڭىزدىن بىرىپ قويىشىڭىز مومكىن. لىكىن ھىچقىسى يوق، شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ھاراق سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى بەلگىلىيەلمەيدۇ،ئىرىشىشىكەتىگىشلىك نەرسىدىن سىزنى مەھرۇم قىلالمايدۇ،ئەكسىچە ھاراقنى ۋاستە قىلىپ ئىرىشكەنلىرىڭىزقۇم ئۈستىگە سالغان ئىمارەتتەك مۇستەھكەم بولمايدۇ.
ئاخىرىدادەيدىغىنىم ،سىز ياخشى تەنھەركەتچى بولسىڭىز روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇئالتۇن مىدالنى بوينىڭىزغا چوقۇم ئاسالايسىز
uyghuray

مەن مەندۇرمەن، م

3

تېما

1

دوست

4684

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12415
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 739
تۆھپە : 929
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 22:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان تېما يوللاپسىز ، مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز. ئاللاھ خالىسا بۇ نىجىستىن ئۆزۈمنى تارتىقىلى 4 يىللىدىن ئېشىپتۇ ، بەندىچىلىىك ئەمەسمۇ، ئازماس بىر ئاللاھ . ھازىر ئەل ئاغىىنىلىرىم بىلەن بىللە بولۇپ قالسام ئۇلارنى مۇشۇ نىجىستىن يىراق تۇرۇشقا دالالەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن ، بۇنىڭغا يېقىن يوللىمىغاندىن بېرى ئەل - ئاغىنلىرەممۇ تازا ئىزدىمەس بولۇپ قالىدىكەن ، لېكىن بۇنىڭغا مەن بەك خۇش چۈنكى ئەشۇ ھاراق سورىنىغا سەرەپ قىلغان ۋاقتىمنى كىتاپ كورۈشكە ،بالمىنىڭ ئۆگۈنىشىگە ياردەملىشىش ، بالامنى ئانا تىلدا تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىشىمگەسەرىپ قىلالايدىكەنمەن ھەم تەنگىمۇ زور يادىمى بولىدىكەن ئەمەسمۇ ،ئى ياراتقان ئىگەم ئازغان بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن.
مەن مەندۇرمەن، مەندىن ئاۋۋال ئۇيغۇرمەن

0

تېما

0

دوست

1327

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11726
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 299
تۆھپە : 203
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 22:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئوبدا تېما بوپتۇ قېرىندىشىم،مۇشۇ ھاراق توغۇرلۇق تېمىلارنىڭ،كۆپلەپ يىزىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن،بىزنىڭ بۇ دىيارمىزدا بەكمۇ ئەۋىج ئىلىپ كەتتى،بۇ ھاراق ئۇنۇڭ ئۈستىگە ھارام ئىكەنلىكنمۇ بىلىمىز،بىراق بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە پەقەتمۇ،ماسلاشمىغان نەرسە ئىكەن خەنلەر ئازىراقلام ئىشسە كۆترەلمەي،ئۈيگە كىتىپ قالدىكەن، بىز ئەخمەقلەر ئىچكەنسىرى كاللىمىز توختاپ،يەنە ئىچىپ بولمىغۇرئىشلارنى ھەتتا ئىنسان قىلىپدىن چىققان ئىشلارنى قىلدىكەنمىز،ئويلاپ باقسا ھاراق دىگەن بۇ ئىپلاس بىزگە قۇرۇلغان ۋەيران بولۇش توزىقى ئىكەن،ھەممىمىزنىڭ بۇ ئىپلاستىن يىراق تۇرشىنى ئۈمۈت قىلمەن.

2

تېما

0

دوست

2372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12213
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 229
تۆھپە : 559
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 23:29:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ ياشلار ئىچىدە كۇرنەرلىك دەرجىدە ئازلاپ ،ئوتتۇرا ياشتىكىلەرنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم ،
بۇ مىنىڭ ئەتراپىمدىكى قىسمەن ئەھۋالمۇ ياكى ئۇيغۇر جەميىتىدە راسلا مۇشۇنداق بۇرلۇش بۇلۋاتامدۇ تۇرداشلارمۇ بىر نەرسە دەپ بېقىڭلار ، ئەگەر راسلا مۇشۇ خىل يۇزلىنىش بولسا بىر نەچچە ئەۋلاتقا بارماي بىزنىڭ قېرىنداشلىرمىزمۇ  دۇرۇس كىشلەردىن بۇلۇپ كىتىدۇ.
سىلەرمۇ شۇنداق ئويلامسىلە؟
uyghuray

7

تېما

0

دوست

1785

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12397
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 297
تۆھپە : 357
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 23:35:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
一个民族的落后首先是其精英的落后,而精英落后最显著标志就是他们经بىر مىللەتنىڭ قالاقلىغى ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ سەرخىللىرىنىڭ قالاقلىغىدىندۇر،شۇ سەرخىللارنىڭ ئەڭ قالاقلىغىنىڭ ئىپادىسى بولسا ئۇلارنىڭ دائىم ئۆز خەلقىنىڭ قالاقلىغىنى سۆكۈشىدۇر!مانا بۇ خۇئاڭ جاڭ جىن 常指责人民的落后
http://blog.sina.com.cn/s/blog_7 ... 15ca680100nap3.html
كۆيمەكتە ھەممە

0

تېما

0

دوست

387

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   43.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12300
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 23:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى تولىمى ياخشى يېزىپسڭز ،  جەمىيىتىمىزدە بۇخىل ئەھۋال  ھە قىقەتەن  بەك ئېغىرلاپ كەتتى .بۇنىڭغا قارىيا بىر قىسىم رېستۇران خوجىايىنلىرى بىرلىككە كېلىپ مەرىكە ئىگىلىرىگە ھاراق بەرمەسلىكنى تەكىتلەپ رېستۇرانلاردا ھاراق ئىچىشنى قاتتىق چەكلەپمۇ   باقتى  بۇنىڭ  ئۈنۈمىمۇ  خېلى ياخشى بولغان  ئىدى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئىشتىن  خۇش بولدى  . بولۇپمۇ  ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ رېستۇراندىن ئۆز سالاپىتى بىلەن قايتىپ چىقىپ يولدا مۇڭدۇشۇپ  ئۆيىگە قايتقىنىدىن تولىمۇ  سۆيۇنگەن ئىدى.      بىراق بىر قىسىم لالما  ھاراقكەشلەر  مېنرالسۇ بوتۇلكۇلىرىغا ھاراق قاچىلاپ كىرىپ ھالال چىقىرىلغان تائاملارغا ھارامنى قوشۇپ رېستۇرانلارنى  يەنە بۇلغىدى .رېستۇران خوجايىنلىرى بۇنۇڭغا ئامالسىز قالدى . ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ سېلىپ ھاامدىن يىراق قىلسۇن .

0

تېما

0

دوست

355

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10112
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 00:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق .....ينە شۇ ھاراق ...تىمڭىز ۋە .....ئىنكاسلارغا قۇۇشلىمەن.جىسمانى ۋە روھى زھىپلىكىمىڭز ئۈچۈن بىردىنبىر دۇرا ..دەك ئىچىپتىمىز.ئەمدى بولسىمۇ ئەقلىزگە قايتايلى!

كەپتەرسىز غېرىپ

2

تېما

0

دوست

765

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12445
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 00:55:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق،،،،،،ھاراق!!!!!!سەن كىملەرنى مۇرادىغا يەتكۈزدىڭ سەن ھاراق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )