قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2277|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زوردۇن سابىر‹‹ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن›› دە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

2770

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 361
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-30
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 09:12:51 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
زوردۇن سابىر‹‹ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن›› دە 
ئابدۇرېشىت ئوسمان

[align=justify]
     مەن ھەر قېتىم ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتىنىڭ مەمۇرىيەت بىناسى ۋە ئىلمىي باشقارما بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ ئىككى قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئۈستىگە يېزىپ قويۇلغان ‹‹1954 - ›› دىگەن يىل سانىغا كۆزۈم چۈشىدۇ. ئاندىن بۇ بىنالارغا ،بىنا ئالدىدىكى تۆت تۈپ سىېدە دەرىخىگە ھۆرمەت ئىلكىدە ئۇزاق قاراپ كېتىمەن-دە ، خىيالىمدا بۇ بىنالارنىڭ ئىشىكىدىن ھىلىلا زوردۇن سابىر قولتىقىغا توم-توم رومانلارنى قىستۇرغىنچە ئالدىراش چىقىپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ.چۈنكى ئىلى پىداگۇگىكا ئىنىستېتۇتى ئەينى يىللاردا زوردۇن سابىر ئوقۇغان سابىق ‹‹ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن›› بولۇپ،ھازىرقى ئىككى قەۋەتلىك مەمۇرىيەت بىناسى ئەينى يىللاردا زوردۇن سابىر ئوقۇغان ئوقۇتۇش بىناسى ئىدى. ھازىرقى ئىككى قەۋەتلىك ئىلمىي باشقارما بىناسى ئەينى يىللاردا زوردۇن سابىر يىتىپ-قوپقان ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى ئىدى. ھازىرقى مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قەد كۆتىرىپ تۇرغان تۆت تۈپ سېدە دەرىخىنى ئەينى يىللاردا زوردۇن سابىر باشچىلىقىدىكى بىر توپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار تىككەن ئىدى. مانا بۇ ئۆتكەن يىللارنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان بۇ ئوقۇتۇش بىناسى ، ياتاق  بىناسى ۋە تۆت تۈپ سېدە دەرىخىنىڭ زۇۋانى بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا بۇلار بىزگە ياشلىق دەۋىرىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان زوردۇن سابىرنىڭ يۇلتۇزلار چىمىرلاپ تۇرغان سۈتتەك ئايدىڭ كېچىلەردە ئويقۇدىن بىدار بولۇپ ،گۈزەل كېلەچەك ھەققىدە سۈرگەن ئاجايىپ تاتلىق ،شېرىن خىياللىرىنى،ياتاقداشلىرى ئاللىقاچان ئويقۇغا كەتكەن كېچىلەردىمۇ زوردۇن سابىرنىڭ شام يورۇقىدا مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئارىيەت ئالغان توم-توم رومانلارنى تاڭغا ئۇلاپ ئوقۇغان چاغلاردىكى ھاياجانلىق دەملىرىنى، قىزغىن بەس-مۇنازىرىگە تولغان دەرسخانىدا  زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزگىچە ئوي-پىكىر كۆز قاراشلىرى بىلەن ھەممە ساۋاقداشلىرىنى ئاغزىغا قارىتىۋالغانلىقلىرىنى، زوردۇن سابىرنىڭ جانلىق، ئۆزگىچە 2 -دەرىسخانا پائاليەتلىرىنى تەشكىللەش جەريانىدىكى ئالدىراش ھالدا ھەر يان چىپىپ يۈرگەنلىكلىرىنى زوق-شۇق بىلەن سۆزلەپ بىرەر ئىدى. بۇ ئوقۇتۇش بىناسى ، ياتاق بىناسى ۋە تۆت تۈپ سېدە دەرىخى قاچانلا قارىسا قولدىن كىتاب - دەپتەر چۈشمەيدىغان زوردۇن سابىرنىڭ رەتلىك كىينىپ ، قەددىنى تىك تۇتۇپ ،قوينى ئىللىق مەكتەپ ھويلىسىدا ئالدىراش ،جىددىي مىڭىپ يۈرگەنلىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرغان بولسىمۇ ،ئېرىق بويىدا ئويچان كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىكىپ ئولتۇرغان زوردۇن سابىرنىڭ ئۆز تەقدىر ئىستىقبالى ئۈستىدە تۈزگەن تەدبىر - پىلان ،گۈزەل كېلەچىكى ھەققىدە سۈرگەن ئايىغى چىقماس خىياللىرىغا ھەمشىرىك بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىزگە سۆزلەپ بىرەلمەيدۇ.
[align=justify]          مەن زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن ››دە 1954 - يىلدىن 1957 - يىلىغىچە ئوقۇغان قايناق ئوقۇش ھاياتىنى چۈشىنىش ئىستىكىدە ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئوقۇتقۇچى ،ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداش،دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى زىيارەت قىلدىم . ئۇلار ماڭا ياشلىق چاغلىرىنى ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئىلىم خۇمار زوردۇن سابىرنىڭ كەچمىشلەرگە باي ئۆمۈر خاتىرىسىنى ھۆرمەت بىلەن ، قايىللىق ،سېغىنىش ،ئىپتىخار ئىلكىدە سۆزلەپ بەردى.[align=justify]مەن 2009- يىلى فىۋرال ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئەينى چاغدىكى « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن » نىڭ ئوقۇتقۇچىسى، غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا ( ئۈمىد ) مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى يۈسۈپ ھاشىر ئاكىنى زىيارەت قىلدىم. يۈسۈپ ھاشىر ئاكا ئەينى يىللارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : «مەن 1954- يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستېتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، غۇلجىدىكى يېڭى قۇرۇلغان ‹ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن › گە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. شۇ چاغدا بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى چەمەي ئىسىملىك بىر قازاق كىشى، مۇئاۋىن مۇدىرى ھاكىم مۇھىدىن دېگەن كىشى ئىكەن. مەن زوردۇن سابىرلارنىڭ سىنىپىغا ئالگىبىرا ، فىزىكا دەرسلىرىنى بەردىم، بۇ سىنىپقا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ماناپ قادىرى، كىۋىر نىياز، ئەنۋەر سۇلتان، ساۋۇت ئابدۇراخمان قاتارلىق مۇئەللىملەر ؛تىل – ئەدەبىيات ؛ ئابدۇسالام، روزىيوف قاتارلىق مۇئەللىملەر تارىخ؛ سالاھىدىن ، مۇكەررەم سۇلايمانىۋا قاتارلىق مۇئەللىملەر خىمىيە؛ قادىر قايتۇف مۇئەللىم مۇزىكا ،  قېيىم مۇئەللىم تەنتەربىيە ، بۇرھاندىن مەنسۇر مۇئەللىم ماتېماتىكا مېتۇدى، شەمشى مۇئەللىم قىزىكا ،مۇلداغالى ( قازاق ) پېداگوگىكا، پېسخۇلۇگىيە، خەمىت ۋەكىلى مۇئەللىم تېرگۇمېتېرىيە، گېئۇمېتىرىيە دەرسلىرىنى بەرگەنىدى. زوردۇن سابىر تىرىشچان ، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. مەكتەپ قارا تاختا گېزىتىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرى پات - پات ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا تەتىلدە ھەقسىز يازلىق ، قىشلىق كىيىم - كىچەك تارقىتىپ بىرەتتى. بىر قىسىم نامرات ئوقۇغۇچىلارغا تەتىلدە ئىش تېپىپ بىرەتتى. زوردۇن سابىر ئەنە ئاشۇ تەتىلدە ئۆيگە قايىتماي ئىشلەپ ئۆزىنىڭ پارچە خىراجەت پۇللىرىنى تاپىدىغان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى».[align=justify]     ئىلى پېداگوگىكا ئېنىستېتۇتنىڭ پېنسىيۇنېرى مولداغالى ( قازاق ) مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ: « مەن 1956- يىلى سابىق شىنجاڭ ئېنىستېتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ‹ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن » گە تەقسىم قىلىندىم. مەن زوردۇن سابىرلارنىڭ سىنىپىغا پىسخۇلۇگىيە ، پېداگۇگىكا ، دۇنيا يېڭى زامان تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. زوردۇن سابىر ناھايتى تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ مەندىن چوڭقۇر سۇئاللارنى سورايتتى. دەرسنى كۈڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئوبدان ئۆزلەشتۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ ‹ لېنىننىڭ بالىلىق چاغلىرى › ، ‹بۇ ۋەقە رونا ئەتراپىدا بولغان › ، ‹ ئېغىر كۈنلەردە ›، ‹ ئاننا – كارىننا ›، ‹ ئۆلۈك جانلار ›، ‹ ئالتۇن يۇلتۇزلۇق يىگىت › ..... قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يۈرگىنىنى كۆرگەن . شۇ چاغلاردا مەكتەپ ھەرقايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى تەرتىپ بۇيىچە ئالتە شۇئار مەھەللىسىدىكى يازلىق كىنۇخانىغا ئاپىراتتى. بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك تەكرارىغا دىجۇرنى بولۇپ ، سىنىپلارنى ئارىلاپ يۈرسەم بىر سىنىپتا يالغۇز بىر بالا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ بالا دەل زوردۇن سابىر ئىدى. ئۇنىڭدىن ‹ سەن كىنۇ كۆرگىلى بارماپسەنغۇ ؟› دەپ سورىسام ، ئۇ ‹ ماۋۇ روماننى ئوقۇۋاتىمەن ، كىنۇنىڭ ۋەقەلىكىنى ياتاقداشلىرىمدىن سوراپ بىلىۋالىمەن › دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹ ئانا يۇرت › ناملىق تېرلوگىيىسىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ، ئوقۇغۇچىمنىڭ داڭلىق يازغۇچى بولۇپ يىتىشىپ چىققانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ....». [align=justify]        مەن 2009- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى سابىق « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن » نىڭ ئەينى چاغدىكى ئوقۇتقۇچىسى ، غۇلجا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيۇنېرى بۇرھاندىن مەڭسۈر مۇئەللىمنى ئۆيىگە يوقلاپ باردىم ، بۇرھاندىن مەڭسۈر مۇئەللىم ئاغىرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن ، مېنىڭ زوردۇن سابىر ھەققىدە سۆھبەتلەشكىلى كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ خېلىلا روھلىنىپ قالدى. بۇرھانىدىن مەڭسۇر مۇئەللىم ئەينى چاغلاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: « مەن زوردۇن سابىرلارنىڭ سىنىپىغا ماتېماتىكا مېتۇدى دەرسىنى بەرگەن ھەم ئۇلارنىڭ سىنىپىغا ئوقۇش پۈتتۈردىغان يىلى سىنىپ تەربىيچىسمۇ بولغان . بۇ سىنىپتا زوردۇن سابىر، مىجىت ناسىر ، ھاشىم قۇربان ، غۇلام غەيرەت ،...... قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار سىنىپ ھەتتا مەكتەپ بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىدى. بىر كۈنى مەكتەپ مۇدىرى ئەسەيىن جاقسىلىق ( قازاق ) مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىتتى. مۇدىر ماڭا ‹ بۇ يىل مەكتىۋىمىزدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ سۇۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنۋىرسىتېتىغا ئەۋەتىمىز ، ئۇ نامزاتلارنىڭ بىرىگە سىنىڭ سىنىپىڭدىن ھېلىقى زوردۇننى بىكىتتۇق. ئەتە دوختۇرخانىغا بىرىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە بارسۇن › دېدى. مەن بۇ خۇشخەۋەرنى دەرھال زوردۇن سابىرغا يەتكۈزدۈم ، ئۇ بەكمۇ خۇش بولۇپ كەتتى . لېكىن شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىشىغا تەمرەتكە چىقىپ قالغاچقا ، دوختۇرخانىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتەلمەي ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقالماي قالدى. زوردۇن سابىر ئويچان ، ئېغىر – بىسىق ، تەمكىن خارەكتېر مىجەزدىكى بالا ئىدى. دەرسخانىدا مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە- مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇ ئالدىراپ – تېنەپ جاۋاپ بەرمەي مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ ، باشقىلار ئويلىمىغان نۇقتىلاردىن جاۋاپ بىرەتتى، ئۇ ئاخىر ئىجتىھات قىلىپ بىز پەخىرلىنىدىغان تالانتلىق بىر يازغۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق ئىچىنىمەن......».[align=justify]      زوردۇن سابىرنىڭ يىقىن دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىلى پېداگۇگىكا ئېنىستېتۇنىڭ پېنسىيۇنېرى ئابدۇۋەلى كېرىم مۇئەللىم ئەينى چاغدىكى « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن » دە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا زوردۇن سابىر بىلەن تۇنجى تونۇشقان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ۋاقتىمنى ئەسلىسەم 1955- يىلى ئۆكتەبىر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىسى يادىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى ئالدىدا سىنىپلار ئارا تەييارلانغان ئويۇنلار ئورۇندىلىپ ئاخىرسىدا ئۇسسۇل ، تانسا ئويناش ھەركەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. كېچىلىككە شەھەرلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، 2-،3- يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇلار بىلەن بىمالال ئۇسسۇل، تانسىلارغا چۈشۈپ ، بىز سەھرالىق بالىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇت چاقنىتىۋەتكەنىدى. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تام ياقىلىتىپ قويۇلغان ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئۇ يەر ، بۇ يېرىدە ئۇسسۇل، تانسىغا چۈشەلمەي ئولتۇرۇشقان بالىلارنىڭ ئىچىدە بىزدىن بىر سىنىپ ئىلگىرى ئوقۇيدىغان يېڭىدىن تونۇشقان ئاغىنىمىز غۇلام پىدا بىلەن بىللە ئوتتۇرا بوي ، دوغلاق بىر بالا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. شۇ يەردە بىز ئۇسسۇل، تانسا ئوينىيالمىغانلىقىمىزدىن خىجىل بولۇپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق . مانا بۇ بولغۇسى تالانتلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر ئىدى. [align=justify]    - ئېتىڭ نېمە ئۇكامۇي، - دېدى ئۇ چاقچاق ئارىلاش كۆزلىرىنى ئويناتقان ھالدا كۈلۈمسىرەپ .[align=justify]-  مەن زوردۇن ئاكاڭ بولىمەن ، دەپ ئىزاھلىدى ئۇ، سېنىڭدىن بىر سىنىپ يۇقىرى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاكاڭ بولىدىغاندىمەن؟ ( ھەيرانمەن ، مانا شۇ چاغدا چاقچاق ئارىلاش تاساددىپى ئاغىزىدىن چىقىپ كەتكەن بۇ ‹ ئۇكا › سۆزىنى ، ئۇ بىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقىچە بولغان قىرىق نەچچە يىللىق ۋاقىت ئىچىدە مەن بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا تاشلىماي ئىشلىتىپ كەلدى) ،- دېدى ئۇ تېخىمۇ يېقىنلىقىنى ئىپادىلىگۈسى كېلىپ . [align=justify]-  ئاكا بولساڭمۇ بولغىن، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنىدە يېقىنچىلىق قىلسام بولمايدىكەن دەپ ئۆزۈڭنى قاچۇرمىساڭلا بۇ بىزنىڭ ئاكا – ئىنىدەك يېقىن ئۆتىشىمىزنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالغاي،- دېدىم مەن .[align=justify]بىزنىڭ دەسلەپكى تونۇشىشىمىز ئەنە شۇنداق باشلانغانىدى. كېيىنرەك دەرستىن باشقا ۋاقىتلاردا مەكتەپ قىرائەتخانىسىنىڭ كىتاب ئارىيەت بېرىدىغان بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا پات – پات ئۇچۇرشۇپ قالىدىغان بولدۇق. مەكتەپ كىتابخانىسىنىڭ كىتاب ئارىيەت بېرىش بۆلۈمىدىن ئۆلمەس ئاپپاي ئىسىملىك ۋىجىك كەلگەن ئوتتۇرا ياش بىر ئۆزبېك ئايال ئىشلەيتى. چۈشتىن كىيىن دەم ئېلىش ۋاقتىدا كىتاب ئارىيەت ئالىدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن ، ئوقۇغۇچىلار قاتار ئۆچىرەتتە تورۇپ كىتەتتى. شۇنداق ۋاقىتتا ئۆلمەس ئاپپاي ئۆزى تونۇيدىغان كونا ئوقۇغۇچىلارنى ياردەم بىرىشكە چاقىراتتى . ئۇنىڭغا كۆپرەك ياردەملىشىدىغانلارنىڭ بىرسى 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى غوجاخمەت يۇنۇس ئىدى. غۇجاخمەت ئارىيەت ئىلىنىدىغان كىتابلارنى كىتاب جاۋەنلىرىدىن ئىزدەپ تىپىپ ئەكىلىپ بېرەتتى. ئۆلمەس ئاپپاي يوغان تىزىملاش دەپتىرىگە ئىدىتى بىلەن تىزىملاپ قول قويدۇرۇپ ئالاتتى. كېيىنرەك كىتاپ ئېلىپ، كىتاب قايتۇرۇش تەكرارلىنىپ ئۆلمەس ئاپپاي بىلەن تولا ئۇچۇرشۇپ يۈرۈپ تونۇشقانسىرى ئۇنىڭغا ياردەم بىرىدىغان پىدائىيلارنىڭ ئىچىگە ئالدىدا زوردۇن ، كېيىنرەك مەنمۇ كىرىپ قالدىم. [align=justify]‹ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن › مەكتىۋىنىڭ كىتابخانىسى غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ باي كىتابخانىلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇنىڭدا 30- يىللاردىن تارتىپ نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان گېزىت- ژورناللار ۋە كىتابلار تىپىلاتتى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدە كىرىپ كەلگەن ‹ شەر  ق ھەقىقىتى › ، ‹ تاشكەنت › ، ‹ قازاق ئېلى › ، ‹ يېڭى ھايات › ، ‹ ئالمۇتا › نەشىرياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر،  قازاق ، ئۆزبېك تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش رىسپوبلىكىلىرىنىڭ داڭلىق شائىر، يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ، روس يازغۇچى، شائىرلىرىدىن تارتىپ ئەنگىليە، فرانسىيە، تۈركىيە، ئىتالىيە ، ئەرەب ۋە ھىندى يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ، ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بىزنىڭ ئوقۇپ - ئوقۇپ قانمايدىغان مەدەنىي ئاقارتىش مەركىزىمىزگە ئايلانغانىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ بولساق، قازاق، ئۆزبېك تىللىرىدىكى كىتابلارنىمۇ، ئۇ كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ بولساق، سىلاۋىيان ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى يىڭى يېزىقتا نەشىر قىلىنغان ھەر خىل تىللاردىكى كىتابلارنىمۇ ئوقۇشقا باشلايتتۇق. مانا شۇ چاغدا ‹ پىتىر 1 › ، ‹ قاراغاندى › ، ‹ بوتا كۆز ›، ‹ ئاباي › ، قاتارلىق قازاقچە رومانلارنى ، ‹ ناۋائىي › ، ‹ قۇتلۇق قان › ، ‹ ئۆتكەن كۈنلەر›، ‹ مىھراپتىن چايان › قاتارلىق ئۆزبېكچە رومانلارنى بىر- بىرىمىزگە تونۇشتۇروپ تالىشىپ يۈرۈپ ئوقۇشۇپ تەسىراتلىرىمىزنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ ، بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلاردا ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىن ھەۋەس ئۇيغانغانىدى. دەرۋەقە مۇشۇ خىل ئۇيغۇنىشنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرسى زوردۇن سابىر بولۇپ ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئىشتىياق باغلاپ كىرىپ كېلىشىدە مانا شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇغان كىتابلارنىڭ تەسىرى رول ئوينىغانلىقى شۈبھىسىز ئىدى. [align=justify]    1956 – يىلى ئوقۇش باشلىنىشى بىلەن زوردۇن سابىر ك ياشلار  كومتېتىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ، مەن مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلىنىپ ، بىر بۆلۈمنىڭ خىزمىتىنى بىر يىل بىللە ئىشلەپ قالدۇق. بىز بۇ جەرياندا يىڭى ئىتتىپاق ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش ، كونا ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ، مەكتەپ ھويلىسىدىكى يىڭى يوللارنى ئېلىش، كۆچەت تىكىش ، گۈلخانلارنى ياساش ئىشلىرىغا ئىتتىپاق ئەزالىرىنى قاتناشتۇرۇپ ، ‹ خالىسانە ئەمگەك› پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان ئىدۇق . بىز شۇ چاغدا ئىككى قەۋەتلىك ياتاق بىناسىنىڭ ئالدى بىلەن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ دەرۋازىغا بارىدىغان يولنى ياساپ ‹ ياشلار يولى › دەپ نام بەرگەن ئىدۇق. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېرىق ئېلىپ سۇۋادان كۆچەتلىرى قويدۇق. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا تۆت تۈپ سىدە كۆچىتى قويغان ئىدۇق . بۇ يول ۋە بىز تىككەن شۇ ۋاقىتتىكى كۆچەتلەر 50 يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ قۇچاق يەتكۈسىز يوغۇرۇپ بۇ ئوزۇن تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تورماقتا . زوردۇن مانا شۇنداق كۆپلىگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلاردىمۇ يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشنى قالدۇرماي داۋاملاشتۇردى. ئۇ ھەمىشە ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ھىكمەتلىك ، ئىبرەتلىك ئۈزۈندىلەرنى كۆچۈرۈپ ئېلىشقا ھىرىسمەن ئىدى. ئاندىن ھەرخىل سورۇنلاردا بىزگە ئوقۇپ بىرىپ تەرىپلەيتتى. بىز بولساق ئۇ رەتلەپ يىزىپ چىققان خاتىرە دەپتىرىدىن كۆچۈرۈپ ئالىدىغان ئادەتلەرنى ئۆزلەشتۈردۇق » ( « ئىلى دەرياسى » ژورنىلى 2008- يىللىق 4- سان، 42- بەت )[align=justify]     ئەدىب غۇجاخمەت يۇنۇس زوردۇن سابىر ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « زوردۇن سابىر ھەققىدە ئۈچ قىسقا ئەسلىمە» ناملىق ماقالىسىدە زوردۇن سابىرنىڭ ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە بىرگە ئوقۇغان چاغلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:«-مەن زوردۇن سابىر بىلەن ئىلى دارىلۇئەللىمىن مەكتىپىدە 1954- يىلىدىن 1956- يىلىغىچە ئىككى يىل ساۋاقداش بولدۇم. بىرىنچى يىلى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى بىلەن ئىلى ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر مەكتەپتە –بىلىم يۇرتىدا ( ھازىرقى غۇلجا شەھەر 8- ئوتتۇرا مەكتەپ) بىللە ئوقۇدۇق.[align=justify]   ئەينى يىللاردىكى ئىلى ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ( ئىلى بىلىم يۇرتى)[align=justify]1955- يىلى 9- ئايدا ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ھازىرقى ئىلى پېداگۇگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنىغا كۆچۈپ چىقتى. مەن 3- يىللىق سىنىپتا ئوقۇيتتىم. زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىر 2- يىللىق سىنىپتا ئوقۇيتتى. زوردۇن بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى يېقىن مۇناسىۋەت مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا تىكلەندى. [align=justify]     ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان كىتابلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمما شۇ چاغدا بېيجىڭدا ۋە ئالمۇتا ، تاشكەنتلەردە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ كۆتۈپخانىسىدىن تاپقىلى بولاتتى. بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە بېجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىغان ‹ يېڭى باتۇرلار › قاتارلىق كىتابلار ۋە ئالمۇتادىكى ‹ يېڭى ھايات ›ژورنىلى نەشىرياتى ، تاشكەنتتىكى ‹شەرق ھەقىقىتى› ژورنىلى نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹ھاجى مۇراد› ( لېف تولستوي) ، ‹ئانا› ( ماكسىم گورگىي) ،‹ پولات قانداق تاۋلاندى› ( نىكولاي ئوستروۋىسكى ) ، ‹پولك ئوغلى› ( ۋالېنتىن كاتايېف) ، ‹سىرلىق سوقماقلار› ( گېئورگى برەنسېف) ، ‹ئالتۇن يۇلتۇز كاۋالىرى› ( سېميون بابايېۋىسكىي)، ‹ئالتۇن ۋادىدىن شاماللار›( ئايبېك ) ، ‹قۇتلۇق قان› (ئايبېك ) ، ‹قۇللار› ( سەدىردىن ئەينى )، ‹كېلىدۇ بىر كۈن › ( مىرزا ئىبراھىموف ) ، ‹ھېكايىلەر› ( لۇشۇن، روسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ) ، ‹ئېغىر كۈنلەردە› ( ئۆمەر مۇھەممىدى) ، ‹ئىسىيان› ( فۇرمانوف ) قاتارلىق كىتابلار بار ئىدى. [align=justify]    ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ كۇتۇبخانسىغا كىرىپ ، ئۆزىگە كېرەكلىك كىتابلارنى كۇتۇپخانا مەسئولى ئۆلمەس ئاپپايغا تىزىملىتىپ قويۇپ ، يەكشەنبە كۈنىدە ۋە ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرى كەچتە ياتاقتا ئوقۇيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۈتۇپخانىغا پات – پات كىرىپ كىتاب ئارىيەت ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بۇ كىتابخۇمار ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مېنىڭدىن باشقا ، مەرھۇم تۇرسۇن زىردىن ، ئابدۇكىرىم مەخسۇت ، زوردۇن سابىر ، ئابدۇۋەلى كەرىملەر بار ئىدى. زوردۇن كىتابنى باشقىلىرىمىزغا قارىغاندا تېز ۋە كۆپ ئوقۇيتتى. ئۇ چاغلاردا ھەر شەنبە كۈنى كەچتە بەشىنچى كورپۇس كولۇبى ( ھازىرقى ھەربىيلەر كولۇبى )  قاتارلىق جايلاردا تانسا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى، زوردۇن مۇنداق پائالىيەتلەرگە كەمدىن – كەم قاتنىشاتتى. شۇڭا ، ئۇنىڭ كىتابنى تېز ۋە كۆپ ئوقۇشى تەبئىي ئىدى. مەن كىيىنكى چاغلاردا زوردۇن سابىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن ھېكايىلىرى ، پوۋېسىتلىرى ، رومانلىرىنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇغان ۋاقتىمدا ، ئۇنىڭ ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان كىتاپلاردىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كۈچلۈك ئىلھام ئالغانلىقى ۋە ياخشى ئاساس سالغانلىقىنى ھېس قىلدىم » ( ماخمۇت مۇھەممەت : « ئابرال ئوغلى » ناملىق كىتاب ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشىياتى ، 261- 263- بەتلەر  ). [align=justify]     مەن يەنە زوردۇن سابىر بىلەن « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارلمۇئەللىمىن» دە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق  قۇ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىرى ، غۇلجا ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدۇراخمان شىرىپ ، غۇلجا ناھىيە ئارابوز دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ سابىق مائارىپ مەسئولى غەنى ۋەكىل ۋە « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارلمۇئەللىمىن» دە زوردۇن سابىر بىلەن يىقىن ئۆتكەن غۇلجا ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پېنسېيۇنىرى پىشقەدەم بالىلار ئەدەبىي توختاش بەكىرى  قاتارلىق ئاكىلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم .[align=justify]    ئۇلار زوردۇن سابىرنىڭ « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارلمۇئەللىمىن» دىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ھەققىدە تەسىرلىك ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى. زوردۇن سابىر « تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 1990- يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلغان « مەن بىسىپ كىلىۋاتقان مۇساپە ۋە ئىزدىنىش » ناملىق ماقالىسىدە : « مەن 1957- يىلى ‹ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارلمۇئەللىمىن› نى پۈتتۈرگەندە زىرەكلىكىم بەدىلىگە دەۋىر روھى بىلەن قوراللانغان غايىلىك ، ئىنتىزاملىق ، جۇشقۇن يىگىتكە ئايلاندىم . 300 پارچىدەك رومان ئوقۇپ ئەسەر قەھىرمانلىرى توغرىسىدا خاتىرە يىزىش، پاۋىل كورچاگىندەك ئەڭ قىيىن ، ئەڭ شەرەپلىك جايلارغا ئىنتىلىش ، ئەتراپلىق تەرەققى قىلغان كومسۇمۇل دىگەن نامغا ئىرىشىش ئۈچۈن تەنتەربىيە ، مۇزىكا ، رەسىم ، ناتىقلىق، پائاليەتلەرگىمۇ قىزغىن قاتنىشىش مېنىڭ ئۇ چاغدىكى ئاڭلىق ھەركىتىمگە ئايلانغانىدى» دەپ يازغىنىدەك زوردۇن سابىر« ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارلمۇئەللىمىن» دە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا كىيىنكى مول ئەدبىي ئىجادىيىتىگە پۇختا ئاساس سالغانىدى.
bagdax

بۆرە

4

تېما

0

دوست

5592

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5484
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1218
تۆھپە : 901
توردىكى ۋاقتى: 255
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-4
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 15:22:01 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت،ياخشى تىما يوللاپسىز.....................................................................................................

11

تېما

0

دوست

7729

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1775
تۆھپە : 1157
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 18:12:17 |ئايرىم كۆرۈش
‹‹ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن> دىگەن ئىسمىنى نىمىشقا ئۆزگەرتىۋەتكەندۇ؟

مەن مەندۇرمەن، م

3

تېما

1

دوست

4684

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12415
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 739
تۆھپە : 929
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-7
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 21:00:06 |ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپ ئىستىداتلىق يازغۇچىمىز ئىدى ، ئىست! ھايات بولغان بولسا «ئانا يۇرت»نىڭ 4 - قىسىمىنىمۇ بىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتشرگەن بولاتى ، ھەي پەلەك.
مەن مەندۇرمەن، مەندىن ئاۋۋال ئۇيغۇرمەن
bagdax

0

تېما

0

دوست

4863

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11602
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
5#
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 22:07:01 |ئايرىم كۆرۈش
ساقلىۋېلىپ كېيىن ئوقۇپ چىقاي.

يىراقتا تۇرۇپ جا

42

تېما

21

دوست

6781

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1033
تۆھپە : 1406
توردىكى ۋاقتى: 331
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 15:26:26 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت.
غۇلجىدىن ئانا يۇرتنىڭ 4- قىسمىنى يېزىپ چىقىدىغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پاتراق مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

2

تېما

12

دوست

6779

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1551
تۆھپە : 1017
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 16:11:38 |ئايرىم كۆرۈش
غۇلجىغا ئىككى قېتىم باردىم .ھەر قېتىم غۇلجا توغرىلىق ئويلانغىنىمدا ئىچىمنى بىر ئاچچىق چۇلغىۋالىدۇ ، مىللى ئىنقىلاپنىڭ پىلتىسىنى ياققان ،ئەينى يىللاردا مائارىپ ،مىللى سانائەت ،مەدىنىيەتنىڭ باشلامچىسى بولغان بۇ زىمىن بۇگۈنكى كۈندە شىنجاڭدا ئەڭ گۈللەنگەن رايون بولۇشقا تېگىشلىك . ئەمما ....
مەنمۇ غۇلجىغا ئوزۈممۇ بىلمىگەن بىر خىل ئىشەنچ بىلەن قارايمەن ھەم نىگاران ئېيتقامدەك ئىلىدىن ئانا يۇرت رومانىنىڭ 4- 5...... قىسىملىرىنى يازىدىغان ئۇيغۇر ئوغلانى چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12134
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-2
8#
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 00:02:56 |ئايرىم كۆرۈش
ھەي.....
ئۇيغۇر خەلقى بەك كۆپ بىباھا گۆھەرلەردىن ئايرىلدى.......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )