مائارىپ ئېڭىدىكى يىتىشسىزلىك
2. مۇقامىغا يېتەلمەيۋاتقان ئادەم چۈشەنچىسى
موزدۇز ئۆزى ماتېرىيال قىلىدىغان تېرە خۇرۇم ھەققىدە بىر نېمە بىلمىسە بولمايدۇ. ماشىنىچى رەخت − پۇچەك ھەققىدە بىر نېمە بىلمىسە بولمايدۇ. بىزگە مەلۇمكى، مائارىپ ئادەم تەربىيىلەيدىغان ئورۇن. ئادەم ئۇنىڭ مەركىزى. مۇشۇنداق بولغانىكەن يۇقىرىقىغا ئوخشاش مائارىپمۇ ئادەم توغرىسىدا ئىزدىنىشنى ئۆزىنىڭ ساپ نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈشى لازىم. بىراق بىزنىڭ مائارىپ قوشۇنىمىز ۋە تەتقىقاتىمىز «ئادەم ئىجتىمائىيلاشقان مەخلۇق» دېگەندەك ناھايىتى ئابستراكت ئۇقۇملار ۋە ئومۇمىي پسىخولوگىيىدىكى شەرتلىك رېفلېكس، شەرتسىز رېفلېكس، ئىختىيارى دىققەت دېگەندەك نەرسىلەرنى بىلىشلا كۇپايە بولىدىغاندەك ئادەم توغرىسىدىكى بىلىمنى ئاكتىپ بېيىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئىلمىي نەتىجىلەرنى قوبۇل كۆرۈشتە ناھايىتى قاشاڭ پوزىتسىيىدە بولدى.
ئەلۋەتتە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى كۆپ تەرەپتىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. يىغىپ كەلسەك، بىز 19- ئەسىردىكى ئىنسانىيەت بىلىمىنى قوبۇل قىلىپ كېلىپ ئىدىيە جەھەتتە يېڭى بېكىنمىچىلىككە ئۆتتۇق. بۇ خىل ھالەت تاكى ئىسلاھات شامىلى باشلانغۇچە داۋاملاشتى. ئەكسىچە بۇ مەزگىلدە خەلقئارادا ئىلىم ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ ئىنسانىيەت 20-ئەسىرگە كىرىپ دەسلەپ ئادەم دېگەن زادى نېمە؟ دېگەن سوئال ئالدىدا ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۆزلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ مابەينىدە ئۆزىدىن باشقا بارلىق نەرسىلەر توغرىسىدا قىممەتلىك بىلىشلەرنى توپلاپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى سەزدى ۋە بۇ ئۆتكەلگە شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئارقا - ئارقىدىن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەبىئىيكى بىز مانا مۇشۇ نەتىجىلەردىن بەھرىمەن بولالمىدۇق. پەقەت ھازىر چوڭ قىلغان بولساق گويا پەردىنى قايرىۋېتىپ، ئەسلىي قىقراڭ بىر يەردە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە كۆز يەتكۈسىز بىر ئورمانلىق پەيدا بولۇپ قالغانغا ھەيرانۇ- ھېس بولۇپ قالغان ئادەمدەك ئېغىزىمىزنى ئېچىپ قاراپ تۇرۇپتىمىز ياكى بىلىپ − بىلمەي ئورمانلىققا قاراپ ماڭغىلىۋاتىمىز.
باشقىسى تۇرسۇن ئۆزىمىزنىڭ 15يىللىق ھاياتىمىزدا ئۆگەنگەنلىرىمىزنىڭ ئۆزىگىلا نەزەر سالساق مەلۇمكى، بىز قۇللۇق تۇزۇمنى تىللىدۇق، فېئوداللىق تۇزۇمنى تىللىدۇق. چۈنكى بۇ تۈزۈملەر ئۆزىنىڭ بولۇمسىز ئاساسى بازىسلىغى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىدىكى كىشىلەردە بولۇمسىز خاراكتېر ۋە چەكلىمىلىك پەيدا قىلىدۇ دېدۇق. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىنساندىكى قۇللۇق، فېئوداللىق ئاڭ تۇيغۇلارنى ھارغىچە تىللىدۇق. ئەمما بۇلارنى ياراتماي، باشقىچە بولماقچى بولغان بىز ھازىر قانچىلىك بولۇپ كەتتۇق؟ يېقىنقى زامانلاردىكى ئۆتمۈشلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بىزدە دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغىنى يالغۇز شەخسىي مۈلۈك ۋە كارخانىلا ئەمەس، بەلكى كاللىمۇ بار. چۈنكى گالغا كىرىۋاتقان تاماق تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تۇرۇۋاتقان ئۆي تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، خەجلىنىۋاتقان پۇل تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، قىلىۋاتقان ئىش تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولىدىغان بولسا كاللىنىڭ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولماسلىقى ھەددىمۇ؟ باشقىچە كاللىنىڭ بىر ئاۋارىچىلىك بولۇپ قالماسلىقى، ھەقىقىي ئىشنىڭ نېمە بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر كۆز ئالدىدىكى ئىشنىڭ راۋان، كېلىشىملىك، بۆلىشى ئۈچۈن بۇنداق كاللىنى دەرھال تورمۇزلاپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن شاپاشلىماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ھالبۇكى ئۆتمۈشتە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بوغۇلغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقتۇرغانلار دەل مۇشۇنداق كىشىلەر ئىدىغۇ؟
راست بۇ سوئاللار بىزنى مەجبۇر قىلىپ تۇرغاندىكىدەك، ھەقىقىي ئىش قىلماقچى بولساق ئىشنىڭ يولى ھەقىقەتەن بۇ ئەمەس. ئىنسانلار تارىخىغا قاراپ باقىدىغان بولساق مەلۇمكى، قۇللۇق تۈزۈم ھەرگىز دەھشەتلىك قامچىلاش، قۇللارنى كىشەنلەپ ئۆلگۈچە ئىشلىتىش دېگەنلەر بىلەن خاراكتېرلەنمەيدۇ. بەلكى، قۇلدارنىڭ قۇلنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە قۇللاردىكى مۇستەقىل كاللا بىر ئاۋارىچىلىك بولۇپ، ئۇنى گال ۋە گول تۇرغۇزۇش مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىكنى پەيدا قىلمايدىغان ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە مەلۇملۇق بولغان "خەيرلىك" ئىشتۇر. ئادەتتە سېزىم ۋە تۇيغۇ زورلۇق − زومبۇلۇقسىز كوللېكتىپلىشالمايدۇ بەلكى، ئۇلار ھەربىر كاللىغا خاس قىلىپ تەقسىملەنگەن بولۇپ، ئىشلار ئالدى بىلەن خاس كاللىدا مۇتالىئە بولۇپ ئاندىن خۇلاسە كالام بىلەن ئومۇملىشاتتى. دېمەك بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا جاھاننىڭ ھەقلىق يولىنىڭ ئۆز تەبىئىتىدە بولمىقى ئالدى بىلەن ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىش تەھلىكىسىدە جىمىقىپ كەتمەي، ئەكسىچە ئۆز تەبىئىتىدە مۇقامىغا يىتەلىشى تەستەك قىلىدۇ شۇنداقتىمۇ روھىمىزنى چۈشۈرمەي بۇ ماقالىدا گەپنى بولسىمۇ مۇقامىدا قىلايلى.
مەن ھازىرقى مائارىپتىكى ئادەم توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى مۇشۇنداقراق مۇھىتقا قويۇپ سۆزلىسەك دۇرۇسراق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. تەبئېكى بۇ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش تەپەككۇر ئەستىرىمىزدە بولسىلا بىزنىڭ بۇ ماقالىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىشىش ھاسىل قىلىشىمىز سەل ئاسان بولىدۇ. خوش ئەمدى نەق گېپىمىزگە كېلەيلى؛ مېنىڭچە بىز ئىشلەۋاتقان مائارىپنىڭ ئىنسان توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى مىجەز خۇلقنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئەنئەنە، سىرتقى ئىدىيىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبەدىن كەلگەن بولۇپ، سىرتقى تەسىر ئىدىيە ۋە سىياسىي نەقتەن بولۇپ تەسىر قىلغان بولسا، ئەنئەنە ئادەت ئۆرپ، ئېتىقاد پوتېنسىئالى بولۇپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلدى. بۇلارنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈشتە ئالدى بىلەن مەيلى ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولسۇن ياكى ھازىر داۋاملىشىۋاتقان بولسۇن ئومۇمەن بارلىق رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تەسىرچان كىتاب قۇرئانى كەرىمىنىڭ ئىنسان توغرىسىدىكى ئايەتلىرىنى، ئىسلام مۆتىۋەرلىرىنىڭ پەتىۋالىرىنى كۆزدىن كۆچۈرمەي بولمايدۇ.
«ئاللا يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار شەيئىلەرنى جەريانسىزلا بىلەلەيدىغان پەرىشتىلەرگە "مەن يەر يۈزىدە ئۆز ئورۇنباسارىمنى يارىتىدىغان بولۇۋاتىمەن"ئۇنى راۋۇرۇس ياراتقان، يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار.دېدى «پەرىشتىلەر يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان ئورۇنباسار تۇرغۇزامسەن؟ ھالبۇكى بىز بولساق سېنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز» دېۋىدى ئاللا جاۋابەن قەتئىيلا «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن دېدى دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئىنسان ئۆز جېنى بىلەن قەدىرلىكتۇر، ئەزىزدۇر. بۇنىڭ ئەكسى بولغان ئۆلۈمتۈكلۈك ئاللاھقا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. ئەمما پەرىشتىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئىنساننىڭ خەيرلىك بولالىشىدىن ئەنسىرىمەي بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئەنسىرەشكە نېمە كاپالەت بولالايدۇ؟
شۈبھىسىزكى، ئادەم يارىتىلدى، شەكىلگە كىرگۈزۈلدى. "ئاللا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئۆگەتتى. ئاندىن بۇنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار؟» دېدى. ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى مۇئەسسەلەرنىڭ خەيرىيەتتە ئۆزىگە يەتمەيدىغانلىقىغا زەن قويۇپ ھەي قانداق بولار؟ بىزلا بېجىرسەك بوپتىكەن دەپراق قالغان پەرىشتىلەرگە ئىنساننىڭ ئىلىم ئېلىش ئىستېداتىنى، پەرىشتىلەردىنمۇ ئەزىز بولۇش ئىمكانىيىتىنى ھېس قىلدۇردى. پۈتۈن كائىناتتىكى ئەزىزلىقنىڭ نەسەب، تەبىقە، خىزمەت ئورنى، يۈز-ئابرۇي، يېقىن مۇناسىۋەتكە قاراپ ئەمەس بەلكى ئىلىمگە مۇيەسسەر بولۇش بولماسلىق بىلەن بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پەرىشتىلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ «سېنى نۇقسىنى سۈپەتلەردىن پاك دەپ تونۇيمىز. سېنىڭ بىزگە ئۆگەتكەنلىرىڭدىن باشقىنى بىلمەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئالىم ۋە ھاكىم سەندۇرسەن» دېدى.
ئاندىن پەرىشتىلەرگە «سىلەر ئادەمگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن سەجدە قىلىڭلار» دېيىلدى. دېمەك بۇنىڭدىن مەلۇمكى ئىلىم ئىنسان ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر تولۇقلىما بولۇپ ئىلمى يوقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دىنى يوق بولاتتى. شۇنداقلا ئىلىم ئېلىش ئىنسانغا ئاللا ئاتا قىلغان ئەزىزلىققا مۇيەسسەر بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىدى. ئەمما ئەبەدىيلىك مۇقامىدا "شەيئىلەرنىڭ ناملىرى" دەپ ئېيتىلغان بۇ ئېلىم ھەر دەۋر كىشىلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىدە نېمە دەپ تونۇلدى؟
مۇفەسسىرلەر بۇ ئىجتىھاتلىرىدا "ئىنسانغا سۆزلەشنى ئۆگەتتىدېگەن ئايەتنى بۇنىڭ شەرئىسى دەپ بىلىپ بۇ ئىلىمنى بېزىلەر تىل ئىلمى دېسە بېزىلەر مەنتىق ئىلمى دەپ تونۇپ كەلدى. ئەمما مەيلى تىل ئىلمى دېگەنلەر بولسۇن ياكى مەنتىق ئىلمى دېگەنلەر بولسۇن ئۇلار بۇ چۈشەنچىلىرىنى بېكىتكەن چاغدا مىللىي تىللاردا بېكىپ بولغان سۆز مەزمۇنىنىڭ قانائىتىدە ئىدى. ئالما دېيىلگەن بولسا ئەرەبلەر ئەرەبىستاندىكى مەلۇم بىر ئالما سورتىنى ئالما دەيتتى. تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا بىر سورتنى ئالما دەيتتى. ئەمما ئاللانىڭ ئۆگىتىۋاتقىنى ئېنىقكى مۇنداق چەكلىمىلىكى بار نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇڭا مۇشۇ مەنىدە بۇ ئىلىم تىل ۋە مەنتىق ئىلمىنىلا ئەمەس پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھالبۇكى زۇلمەتلىك تارىخلىرىمىزدا ئىنساننىڭ كامالىتى ۋە ئىززەت ئىكرامىغا تاقىلىشىدىغان بۇ ئىلىملەرگە بولغان تونۇش ئىزچىل ھالدا كەمتۈك بولۇپ كەلدى.
ئىنسانغا سەجدە قىلىش مەسىلىسىدە ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئاللا ئېيتتى: «ئىبلىس مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتا ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؟ بۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەبۇرلۇقۇڭمۇ ياكى مەرتىۋىدارلىقىڭمۇ؟» ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» "ئەجەبا سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر قىيامەتكىچە ۋاقىت بېرىدىغان بولساڭ ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىدىن باشقىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن، دېدى". ئىبلىس پۈتۈن كائىناتتىكى ئەزىزلىقنىڭ نەسەب، تەبىقە، خىزمەت ئورنى، يۈز ئابرۇي، يېقىن مۇناسىۋەتكە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئىلىمگە مۇيەسسەر بولۇش بولماسلىق بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىدىمىدى. ئەينى چاغدىكى مۇقام، ھال ۋە كەيپىيات ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاللىقاچان شۇنىڭغا مۇناسىپ خۇينى يېتىلدۈرۈپ بولغان بولۇپ، شۇنىڭلىق بىلەن پەيدا بولغان ئىسيانغا ئەدەپ كۈچ ئېلىشالمىدى. ئاللا بۇ ئىسياننى بىلمەي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىسياننىڭ بېشى ئادەمنىڭ يارىتىلىشى پەرىشتىلەرگە خەۋەر قىلىنغان چاغدىلا بار ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئەدەپ بۇزۇلدى. ئاللا ئىبلىسقا ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن چۈشۈپ كەت. سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ. بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ. يوقال، ساڭا قىيامەتكىچە لەنىتىم بولسۇن. سەن ھەقىقەتەنمۇ پەسكەشلەردىنسەن». ئىبلىس پەرۋەردىگارىم ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلىدىغان كۈنىگىچە مۆھلەت بەرسەڭ، دېدى. ئاللا ماقۇل بېرەي، دېدى. ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن، سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرۇۋالىمەن. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئالدىدىن، ئارقىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى، ئۇنچىلىك ئىززەتلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن» دېدى. ئاللا ئېيتتى: «جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە رەھمىتىمدىن مەھرۇم بولغان ھالدا چىق ئىنسانلار ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلىرىنى قوشۇپ ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن شۇنداق قىلىپ ئىبلىس ئىنسانغا دۈشمەن بولغان ھالدا ئىمانسىزلاردىن بولۇپ كەتتى. كىشىلەر ئىنسان- ئۈچۈن ئەدەپ- ئەخلاقنىڭ قانچىلىك مۇھىم نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەمما ئىجتىمايەتتە چوقۇم شەكىللىنىدىغان، شەكىللىنىپ بولغاندىن كىيىن ئىنساننى يارىتىشقا ھەرىكەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئورۇن، ھال ۋە كەيپىياتلارنى ئۇنتۇدى. بۇنداق مۇرەككەپ ۋە پۈتۈن نەرسىلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ يول-يوسۇنلىرىنى تۇرغۇزۇشقا دائىم ئاجىز كېلىپ تۇردى.
ئاللا ئىي ئادەم سەن خوتۇنۇڭ ھاۋا بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتتىكى نەرسىدىن خالىغانچە كەڭتاشا يەپ − ئىچىڭلار، ئەمما ئاۋۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (مېۋىسىنى) يېمەڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر، دېدى.[ شەيتان يىلان سۈرىتىدە جەننەتكە كىرىپ «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، دېدى ھەم ئۇلارغا «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى. ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق"ئۇ ئىككىسىگە چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى. تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى.. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئىنسان ماھىيىتىدىنلا سەۋەب نەتىجە ئىزدەيدىغان مەخلۇق بولۇپ، شەيتاننىڭ مۇشۇ تەرزدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى ئۇنى ئويلاندۇرۇپ، خاتا نەتىجىگە ئېلىپ بارغان ئىدى. ئاللا سىلەر بىر − بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار توشقۇچە يەرلىشىڭلار ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار، دېدى. ئادەم پەرۋەردىگاردىن بىر ئىلھامغا ئىگە بولدى ۋە دەرھال تۆۋە قىلدى[
ئىنسان ھەقىقەتەنمۇ جاپا- مۇشەققەت ئىچىگە يارىتىلدى (سۈرە بەلەد 4 − ئايەتكە قاراڭ). بىراق ئۇ[ئالدىراڭغۇ] (سۈرە ئەنبىيا 37 − ئايەتكە قاراڭ)، چىدامسىز (سۈرە مائارىج 19 − ئايەتكە قاراڭ) يارىتىلغان ئىدى] (سۈرە نىسا 28 − ئايەت) بىرەر زەخمەت يەتسە ياتاتتى. [زارلانغۇچى ئىدى] (سۈرە مائارىج 20 − ئايەتكە قاراڭ). ئولتۇرسا − قوپسا ئۇنى دەپئى (يوق) قىلىشىمىزنى تىلەپ ئاللاغا دۇئا قىلىدۇ. ئەمما زىيان − زەخمەت كۆتۈرۈۋېتىلسە گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ (سۈرە يۇنۇس 12 − ئايەتكە قاراڭ)[بېخىللىق قىلىدۇ](سۈرە مائارىج 21 − ئايەتكە قاراڭ)، ئەگەر ئاللا بىرەرسىگە رەھمىتىنى تېتىتىپ ئاندىن تارتىۋالسا، ئۇ چوقۇم ئاللانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ. ئىنسانلارغا تۈرلۈك نېمەتلەر بېرىلسە ئۇ «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلىمىمدىن يەنى پەزىلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىكىمدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سىناقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ، مۇبادا قىيامەت بولۇپ مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن، دەيدۇ" (سۈرە فۇسسىلەت 50 − ئايەتكە قاراڭ) "پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چوڭچىلىق قىلىپ پەرۋەردىگارىدىن يىراقلىشىدۇ. ھەممىلا ئادەم ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا ئۆزى بىلگەن يول بويىچە ئىش قىلىدۇ." (سۈرە ئىسرا 83 − 84 − ئايەتكە قاراڭ) كۆپ مىساللار بايان قىلىنىدۇ. ئىنسان بۇ توغرىدا جېدەللىشىدۇ، دەتالاش قىلىشىدۇ. يەنى كۆپ جېدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر (سۈرە كەھف 54 − ئايەتكە قاراڭ)، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى، مەبۇدلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى قىلىۋالىدۇ. ئۆلىدىغىنىنى ئۇنتۇپ، قۇرۇق شۆھرەت ۋە پۇچەك سەلتەنەت يىغىدۇ ۋاقتى يىتىپ كەلگەندە جازا بېرىدۇ (35 − سۈرە 45 − ئايەتكە قاراڭ) ئىنسان ھەقىقەتەن ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچى (سۈرە ھەج 66 − ئايەت)
"شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا شاھىت قىلىپ «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. يەنى ئاللا ئۆزىنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئىقرار قىلدۇردى. ئۇلار ئىقرار قىلىپ «ھەئە سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، ساڭا گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىقى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ «بىز بىلمەي قاپتىمىز، دېمەسلىكلىرى ياكى ئاتا − بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى ساڭا بۇتلارنى شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار. مۇشۇنداق ئۆزرە تۇرۇپ بىزنى ھالاك قىلامسەن دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن ئىدى" (سۈرە ئەرەف 172 − 173 − ئايەتكە قاراڭ). شۇنداق قىلىپ ئاللا بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى بىتىم ئىنسان پەيدا بولغاندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلدى. ئاللا رەھمان ۋە رەھىملىكىدىن ئىزچىل ھالدا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كىشىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىپ كەلدى. ئاخىردا ئىنسانلار ئاللانى [جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا خاستۇر، ئاللا ناھايىتى مېھرىباندۇر ۋە شەپقەتلىكتۇر، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر (سۈرە فاتىھە 1 ~ 4 − ئايەت) دەپ تونۇپ بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز (سۈرە فاتىھە 5 − ئايەت) دەپ ئانت ئىچتى. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ، ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن (سۈرە فاتىھە 6 ~ 7 − ئايەت) دەپ تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
ئاللا يول كۆرسەتكۈچى قۇرئانى كەرىمىنى ۋەھىي قىلدى. ئۇنى تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر (سۈرە بەقەرە 2 − ئايەتكە قاراڭ) دەپ بېكىتتى ۋە تەقۋادارلارغا ئۇلار غەيىپكە ئىشەنگۈچىلەردۇر، نامازنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر، بىز بەرگەن مۈلۈكنى خۇدا يولىغا سەرپ قىلغۇچىلاردۇر، مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە، نازىل بولغان كىتابلارغا ئىشەنگۈچىلەردۇر (سۈرە بەقەرە 3 − ئايەتلەرگە قاراڭ) دەپ بەش بەلگىنى تەڭلا ساناپ ئېنىقلىما بەردى. ئۇنىڭ ئىبلىس بىلەن تەڭ ھالاك بولمايدىغان ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئاگاھلاندۇرامسەن − ئاگاھلاندۇرمامسەن بەرىبىر بولىدىغىنى ھەممە سەزگۈسى يوقتەك دىللىرى پېچەتلەنگەن كۇففارلارنى، ئاغزىدا ئىشىنىمەن دەپ دىلىدا ئىشەنمەيدىغان مۇناپىقلارنى، پاسىقلارنى، مۇشرىكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك خۇلق − مىجەزىنى ساناپ ئۆتتى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇلار ھىدايەتنى تاشلاپ گۇمراھلىقنى ئالىدۇ. ئۇلار گويا كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللا ئۇلارنىڭ يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ. گويا چاقماق سوقۇپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ ۋە چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ، قاراڭغۇلۇق قاپلىغىنىدا تۇرۇپ قالىدۇ (سۈرە بەقەرە 17 − 20 − ئايەتكە قاراڭ) دەپ بايان قىلدى.
[1] بۇ ماۋز2003-يىلى ئىلگىركىدىن كۆپ بېيىتىلدى.
[2] (سۈرە بەقەرە 30 − ئايەت،سۈرە ساد 71 − ئايەتكە قاراڭ.
[3] 《قۇرئان كەرىم》سۈرە ساد 72 − ئايەتكە قاراڭ.)
[4] (سۈرە بەقەرە 30 − ئايەتكە قاراڭ)
(سۈرە بەقەرە 31- ئايەت)[5]
[6] (سۈرەبەقەرە 32- ئايەت)
[7] (سۈرە رەھمان 4- ئايەت)
[8] (سۈرە ساد 75 − 76 − ئايەت
[9] (سۈرە ئىسرا 62 − ئايەت)
[10] رەھمەت ئاللانىڭ پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا بېرىدىغان ھىممىتى-ئاپتوردىن
[11] (سۈرە ئەئىراق 14 ~ 18 − ئايەتلەر ۋە سۈرە ساد 77 ~ 82 − ئايەتلەرگە قاراڭ
[12].(سۈرە بەقەرە 18 − ئايەتلەرگە قاراڭ)
[13] (سۈرە ئەئىراف 20 − 21 − ئايەتلەرگە قاراڭ
[14] سۈرە بەقەر 36 ~ 37 − ئايەتلەرگە قاراڭ
داۋامى بار
مەنبە؛
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2330 |