- تىزىملاتقان
- 2012-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1675
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
67.5%
|
) يەنە ئېرسىي قۇرلۇش قورالى ياكى DNA قورالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.گېن قورالىدا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىرسىيەت قۇرلۇش تېخنىكىسى قوللىنىلدىغان بۇلۇپ،قۇرلۇش لاھىيىسى بۇيىنچە ئىنسانلارنىڭ گېن تەركىبىنى قايتىدىن گۇرۇپپىلاش،كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتىرىيە ياكى ۋىروس ئارقىلىق ئادەتتىكى ۋاكسىنىغا ياكى دۇرىغا قارشى تۇردىغان ياكى ئەزەلدىن كېسەللىك پەيدا قىلمايدىغان مىكروئورگانىزىمنى بەدەن ئىچىگە كىرگۈزۈپ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان بىئولوگىيىلىك قورال.بىرىكمە بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارغا ئەززەلدىن تەبىئەت دۇنياسىدا بولمىغان ۋىرىسلارنى سىنتىزلاپ يېڭىدىن ۋېروس پەيدا قىلدىغان مۇمكىنچىلىكنى مەيدانغا چىقاردى.گېن بومبىسى كېسەللىك پەيدا قىلمايدىغان مىكروئوگانىزىمدىكى ئېرسىيەت ماددىسىنى ئۆزگەرتىپ،شۇ ئارقىلىق كېسەل باكتىرىيسىنى پەيدا قىلىدۇ،ئادەملەردىكى گېن پەرقىدىن پايدىلىنىپ،يوپاتماقچى بولغان مىللەت ياكى قۇۋۇمغا نىشانلىق ھۇجۇم قىلىپ،دۇشمەننىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ. |
1.زەرىچە گېن قورالىنىڭ ئېنىقلىمىسى |
گېن قورالى بولسا گېن قۇرلۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن مايدانغا كېلىدىغان بىئولۇگىيىلىك ئۇرۇش قورالى،ئۈچىنچى ئەۋلاد بىئوئۇرۇش قورالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. |
گېن قورالى بىئولوگىيىلىك قورال ئامبىرىدىكى كۆپ ئۇچىرايدىغان ئەزا،ئۇ گېن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىئوئۇرۇش قورالى ياساش،گېننى قايتىدىن گۇرۇپپىلاپ كېسەللىك پايدا قىلغۇچى گېننى مەيدانغا چىقىرىش ۋە گېن يوتكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. |
گېن قورالى تەبىئەت دۇنياسىدا تەبىئىي پەيدا بولىدىغان بىئولوگىيىلىك تېخنىكا ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈلگەن زەھەرلىك ۋىروس. |
يىمەكلىك گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق گېنى يۆتكەلگەن يىمەكلىك ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى تۆۋەنلەش تۈرۈپ جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىدىغان قورالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. |
قورالى گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدىغان ۋە ئۆلتۇردىغان (ئادەم ئۆلتۈردىغان ھەرە)،(ئادەم يەيدىغان چۈمۈلە)ياكى (ئادەمخور پاقا) قاتارلىق سىنتىزلانغان ھايۋانلار ئارقىلىق كەلگۈسى ئۇرۇشتا دۇشمەننى ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرتىدىغان قورال. |
زەررىچە گېن قورالىنىڭ كۈچ-قۇددىرىتى تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: |
1.ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى،يەنى پەقەت دۇشمەنگىلا ئەجەللىك زەربە بىرىش. |
2.ئالدىنى ئالالماسلىق،دۇرىغا قارشى تۇرۇش،تارقىلىشچانلىق خۇسۇسىيەتكە ئېگە.گېن قورالىنى يۇشۇرۇن قۇيۇپ بېرىدۇ،دۇشمەن تەرەپ ھېس قىلالمايدۇ؛كىشىلەر پەقەت ئەتىراپىدىكى ئوخشاش گېن سېستىمىسىغا ئېگە كىشىلەرنىڭ بىر خىل كېسەل ئارقىلىق تۇيۇقسىز كۆپلەپ ئۆلگەندىلا ئاندىن شۇ خىلدىكى گېن قۇرالىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. |
3.ئۆلتۈرۈش كۈچى يۇقۇرى،ياسىلىش باھاسى تۆۋەن،گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆپلەپ گېن بومبىسى ياساشقا بولىدۇ.(مىليۇن دوللار سەرىپ قىلىپ ياسىغان گېن قورالىنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچى مىليارت دوللار خەجلەپ ياسىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ ئۆلتۇرۇش كۈچىدىن نەچچە ئون ھەسسە،ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى،ھەم پەقەت دۇشمەن مىللەتنىلا يوقىدىغان ئالاھىدىلىكى بار) |
4.دۇشمەنگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پىسخىك بېسىمى پەيدا قىلالايدۇ. |
گېن قورالىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي ۋە كۆپ خىل ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بار.ئۇنى ئادەم كۈچى،ئايرىپىلان،باشقۇرۇلدىغان بومبا ۋەياكى راكىتا ئورنىتىپ ئاتسىمۇ بولىدۇ.ياكى گېن قورالىنى دۇشمەن دۆلەتنىڭ دەريا كۆللىرىگە،چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىگە،قاتناش-تۈگۈنلىرىگە قۇيۇپ بەرسە،زەھەرلىك ۋىروس تەبئىي تارقىلىدۇ ھەم تارقىلىش جەريانىدا كۆپلەپ كۆپىيىدۇ.زەھەرلەنگەن ئادەم ئىنتايىن قىسقا ۋاقت ئىچىدە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ-دە،تىزلا ئۆلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن دۇشمەن دۆلەتتە تىزلا جەڭگىۋار كۈچ قالمايدۇ.ئۇنى بايقاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.شۇڭا گېن قورالىنىڭ تەھدىت كۈچى يادىرو قورالىنىڭ تەھدىت كۈچىدىن غايەت زور چوڭ بولىدۇ. |
ئەمەلىي ئۇرۇشتا گېن قورالىنى ئىشلەتسە ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن تىزلا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ،ئۇنى پەقەت ئۇرۇش بۇلۇشتىن بۇرۇن دۇشمەن تەرەپكە ئاپىرىپ تارقىتىپلا قويسا،ئۇ ھاۋادا كۆپلەپ تارقىلىدۇ ۋە تارقىلىش جەريانىدا تىز كۆپىيىدۇ،ھەتتا بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ بىر دۆلەتنى بېسىۋېلىش تامامان مۇمكىن. |
نۆۋەتتە،ئامىرىكا،روسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گېن قورالىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.ئامىرىكنىڭ تېخنىكىسى ئەمەلىي ئۇرۇشتا ئىشلىتىش باسقۇچىغا يىتىپ بولدى.ئامىرىكنىڭ بىر قىسىم گېن قوراللىرى ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئافرىقىدا سىناق قىلىندى. |
سۇۋىت ئىتپاقى ئۆز ۋاقتىدا ياسىغان زەھەرلىك توكسىننىڭ 20 مىللىي گىرامى 5مىليارت ئادەمنىڭ ئۈلىشىگە يېتىدىكەنتۇق. |
5.گېن قورالىنىڭ كەلگۈسى ئۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى |
گېن قورالى ھازىرقى ئۇرۇش قوراللىرىغا قارىغاندا ياسىلىش تەنەرخى ئەرزان،ھەجمى كىچىك بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا،زور بولغان ھاۋا ئارمىيە كۈچى لازىم بولمايدۇ.بۇرۇنقى ئۇرۇشلارغا ئوخشاش ئاۋۋال ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ ئاندىن قۇرۇقلۇقتىن تانكا ۋە ئەسكەر ئارقىلىق شەھەرمۇ-شەھەر ئۇرۇش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيتى بولمايدۇ.ئەگەر دۈشمەن تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ گېن بومبىسىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلسە،بەلكىم ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بۇلىشى مۇمكىن.ئەگەر ئۇرۇشتا راسلا گېن قورالى ئىشلەتسە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە تەسىرى بولماي،پەقەت دۇشمەن تەرەپنىڭ ئادەملىرىنى نىشانلىق يوقىتىدۇ،شۇڭا بۇ قورالنىڭ ئۆزگە نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ. |
كىيىنكى گېن قورالى مەيدانغا كەلگەندىن كىيىنكى ئۇرۇش شەكلىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ،تانكا،ئايرىپىلان،بىرونىۋىك،پاراخۇتلارنىڭ ھەم نەچچە مىليۇن،نەچچە يۈزمىڭ ھەتتا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ھەربىيلىككە بېرىشىمۇ لازىم بولمايدۇ.پەقەت ئۇرۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ گېن قورالىغا ئىگە بولغان تەرەپ ئۇرۇشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە زەھەرلىك گېننى تارقىتىۋەتسىلا قارشى تەرەپنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىغىر بولغان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ،بىر مىللەتنى ياكى بىر دۆلەتنى بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ،بىر تامچە قان ئاققۇزماي تۇرۇپ بويسۇندۇرغىلى ياكى يەر شارىدىن مەڭگۈلۈككە يوقاتقىلى بولىدۇ. |
مەنبە-بەيدۇ تورى |
|