ھەركىمگە مەلۇم، ناتسىستلار گېرمانىيىسى يەھۇدىيلارنى قەتلىئام قىلغان. بۇ قەتلىئامنىڭ ۋەھشىيلىكى، كامپلاردىكى شەرتلەرنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدىكى ھىكايىلاردىن سانسىز ھۆججەتلىك فىلىملەر، كىنولار، رومانلار، ئەدەبىي ئاخباراتلار مەيدانغا كېلىپلا قالماي، يەنە بۇ كامپلاردىن مۇزېيلار قۇرۇلدى. بۇ مەۋزۇدىكى ماتىرىياللاردىن كۈتۈپخانىلار، كۆرگەزمىلەر،... مەيدانغا كەلدى. قىسقىسى دۇنيا جامائەت پىكرىدە شۇنى ھاكىم قىلدىكى، «يەھۇدىيلار دۇنيادا ئەڭ كۆپ زۇلۇم چەككەن مەزلۇم خەلقتۇر»!
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى ۋە گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ قىزىققۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرى دۇنيا ئۇرىشى ھەققىدىكى خاتىرىلەرگە، ۋاقەلەرگە، ئەسلىمىلەرگە، فىلىملارغا قىزىققىنىدەك، مەنمۇ بۇنىڭ مەستانە قىزىققۇچىلىرىدىن بىرى ئىدىم. گېرمەنىيىگە قىلغان زىيارىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن، ميونخېن يېقىنلىرىدىكى «داخو» يەھۇدىي كامپىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىم بولدى ۋە مۇشۇنداق پۇرسەتكە يەتكۈزگەن ئاللاھقا ھېساپسىز ھەمد، بۇنىڭغا ۋەسىلە بولغان ئىنىلىرىمگە كۆپ رەخمەت ئېيتماي تۇرالمىدىم.
چۈنكى مەن بۇ يەردە ئىلگىرى كاللامدا شەكىللەنگەن تەسەۋۋۇرلارغا تامامەن ئوخشىمايدىغان مەنزىرىلەرنى كۆردۈم. شۇنداقلا بۇنى سېلىشتۇرما سۈپىتىدە (40-يىللاردىكى ئەسىرلەر كامپى بىلەن 2000-يىللاردىكى جەمىيەتنى) كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن دەپ قارىدىم.
يەھۇدىي كامپىدا تۇتقۇنلارنىڭ ياتقان كارۋاتلىرى ئۈچ قەۋەتلىك ياغاچ كارۋات ئىكەن. بۇنى بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا سېلىشتۇرۇش مۈمكىن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىككى قەۋەتلىك تۆمۈر كارۋاتلاردا ياتىدۇ. پەرق: يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ تاختاي كارۋاتتا ياتقان ئارتۇق تەرىپى بىلەن، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىككى قەۋەتلىك كارىۋاتتا يېتىشتەك ئارتۇقچىلىقى بالانس قىلىنسا، باشقا شەرتلىرى بىلەن يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ كامېرلىرى ئارتۇق قالىدۇ: ئۇلارنىڭ قاچا – قۇچىلىرىنى قويىدىغان ئايرىم شىكاپلىرى بارىكەن. بۇنىڭ رەتلىكلىكى ئۇ قەدەركى، بۇنداق ھالەت بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزدىمۇ ئاسان تېپىلمايدۇ. شىكاپلار ھەققىدە ئويلاش بىزنىڭ ئۇزاق ياقىلاردىكى يېزىلىرىمىز ئۈچۈن ھالا بىر فانتازىيە بولۇپ كېلىۋاتماقتا!
كامپتا بىر كاتولىك چىكاۋى، بىر سىناگوك (يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى)، بىر پروتېستانت چىركاۋى بارىكەن. ئەگەر بۇ يەردە ياتقان تۇتقۇنلار ئىچىدە مۇسۇلمانلار بولغان بولسا، جەزمەنكى بىر مەسجىدنىڭمۇ بولۇشى جەزمەندەك قىلىدۇ. بۇ تەرىپىنىمۇ بىز تۈرمىلەرگە ئەمەس، مەكتەپلىرىمىزگە، جەمىيىتىمىزگە سېلىشتۇرساق بولغىدەك ئىكەن.
ھەربىر كامېردىكى كارۋات قويۇلغان يەرلەرنىڭ سىرتىدا ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغان بىر سەيناسىمۇ بارىكەن، بۇ تۇتقۇنلارنىڭ يېتىشتىن سىرتقى بوش چاغلىرىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىغان يېرى ئىكەن! بۇنىمۇ قىستاڭچىلىقتىن نەپەسمۇ ئالماق زور بولغان مەكتەپ ياتاقلىرىمىزغا سېلىشتۇرساق بولىدىكەن.
كۆرگەزمە بويۇملىرى ئىچىدە يەنە بىر ئاجايىپ مۆجىزىنى كۆردۈم: بىر پوچتا يوللانمىسى! بۇ ھوللاندىيىدىن ئەۋەتىلگەن خالتا ئىكەن. كامپتىكى بىر تۇتقۇنغا ئەۋەتىلگەن ئىكەن. كامپتىكى تۇتقۇنلار پات-پات باشقا كامپلار بىلەن ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلىدىغان بولغاچقا، بۇ خالتىنىڭ تاپشۇرىۋالغۇچىسى يوق بولۇشى سەۋەبىدىن، ئۈستىگە ئىگىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىر قەغەز چاپلىنىپ، قايتۇرۇلۇپتىكەن. بۇنداق ئالىجاناپ پوچتا ئەخلاقىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزىلەردىن كۈتكىلى بولمايدىغان يەنە بىر تەرەپ، ئەلۋەتتە. چەتئەلدىن كەلگەن بىر خالتا ياكى چەتئەلگە ئەۋەتىلىدىغان بىر خالتا بۈگۈنكى پوچتىچىلىقىمىزدىمۇ دائىم نورمالسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. شەخسەن مېنىڭ كەچمىشىمدە بۇنداق مىساللاردىن بىرمۇنچىسى بار؛ باشقىلارنىڭمۇ پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشى، ئېچىۋېتىلىشى،... قاتارلىق نورمالسىزلىقلارغا ئۇچرىغان كەچمىشى بارلىقىدىن گۇمانلانمايمەن.
يەھۇدىي كامپلىرىدىكى قول يۇغۇچ جۈمەك دىققىتىمنى تارتتى. چاقچۇقتىن ياسالغان يۇمۇلاق چىلاپچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىققان تۇرۇببا يوقۇرىدا بىرنەچچە شاخلىغان بولۇپ، بىرنەچچە جۈمەك بارىكەن. يۇمۇلاق چىلاپچا ئەتراپىدا تۇرۇپ بىرنەچچە ئادەم قول يۇيۇشقا بولىدىكەن. شۇنداقلا بۇ كامېرنىڭ يېنىدا بولۇپ، تۇتقۇنلار خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ قول يۇسا ياكى سۇ ئىچسە بولۇدۇكەن.
بۇ بۆلۈمنىڭ يېنىدا تۇتقۇنلار خالاسى بارىكەن. خالامۇ يوغان بىر ئۆي بولۇپ، ئىچىدە بىر قاتار چاقچۇق خالا بارىكەن. سۇ بىلەن تازىلىنىپ تۇرىدىغان بۇنداق خالا بىزنىڭ جەمىيەتتىكىلەردىمۇ تەسەۋۋۇر تېشى بىر غارايىپ بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. چاقچۇق (پار-پۇر) خالا بىزنىڭ 90 پىرسەنت ئاھالىمىز ئۈچۈن يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئالائىددىننىڭ غارىدەك ئاجايىبات بولۇپ تۇرماقتا.
كامپلارنىڭ تۇتقۇنلار كامېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئىشلىتىشكە ئۇيغۇن بولۇشنى ئاساس قىلىپ سېلىغان ئىكەن؛ ئادەم قىيناشقا باپ بولۇشنى ئاساس قىلغان ئەمەسكەن. تورۇسى پاكار، تار، نەپەسنى سىقىدىغان ئەمەس، كىچىك تۆمۈر پەنجىرە ئەمەس، نورمال ئۆيلەرنىڭكىدەك دەرىزىلىرى بارىكەن. يەنە بىر ئوپچى مۇنچىسىمۇ بارىكەن! مۇنچا — جەمىيىتىمىزدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ كاتتا بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۆيلەردىمۇ كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان ئەۋزەللىكلەردىن بولۇپ، بۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە باياشاد ئائىلىلەر جەمىيىتىمىزدە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا!