- تىزىملاتقان
- 2012-8-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2011
- نادىر
- 0
- يازما
- 66
ئۆسۈش
0.37%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، |
سىلەرگىمۇ مەلۇم، ئىلقۇت كارخانىچىلار تور بېكىتى مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى (2012-يىلى 12-دېكابىر) ئېلان قىلىنغان. گەرچە بېكىتىمىزنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا ئەمدىلا 11 كۈن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتىن بىرى تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ بېرىشى نەتىجىسىدە، بېكىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، زىيارەت ئەھۋاللىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. |
تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، بېكىتىمىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىگە تىلەكداشمىز. |
ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك، تورداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودى ئېلان قىلىندى. ئەگەر سىز دائىم ۋېيشىندىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى سىكانېرلاپ، ئاممىۋىي سۇپىمىزغا ئەگىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. |
بېكىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي سۇپىسىدا، ھەر كۈنى ئەڭ نادىر بولغان باشقۇرۇش، بازارشۇناسلىق (بېكىتىمىزنىڭ خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان) قاتارلىقلارغا ئائىت، ئىخچام ئەمما مەنىسى چوڭقۇر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان مەزمۇنلار يوللىنىپ، تورداشلارنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇشىغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. |
بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپا ئىككى ئۆلچەملىك كودى تۆۋەندىكىدەك: | |
ئاممىۋىي سۇپىمىزدا «كارخانىچىلىقتىن كۈندە مىكرو بىر ساۋات»، «ساغلاملىقتىن كۈندە بىر مىكرو ساۋات» ۋە «تۇرمۇشتىن كۈندە بىر مىكرو ساۋات» تېمىسىدا ھەر كۈنى بىردىن مەزمۇن يېڭىلىنىدۇ. ئەگەر سىز تور بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپىسىغا ئەگەشكەن بولسىڭىز، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «1»، «2» ۋە «3» رەقىمىنى قايتۇرۇپ شۇ كۈنلۈك ئەڭ يېڭى «كارخانىچىلىقتىن كۈندە مىكرو بىر ساۋات»، «ساغلاملىقتىن كۈندە بىر مىكرو ساۋات» ۋە «تۇرمۇشتىن كۈندە بىر مىكرو ساۋات» تېمىسىدىكى مەزمۇندىن بەھرلەنسىڭىز بولىدۇ! |
تورداشلارنىڭ كۆپرەك قوللاپ بېرىشىنى، ئاممىۋىي سۇپىمىزغا قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشىنى، تور بېكىتىمىزنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپىسىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز! |
ئەڭ ياخشى مىكرو ساۋات سۇپىڭىز: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ۋېيشىن ئاممىۋىي سۇپىسى بولۇپ قالغۇسى! |
24-دېكابىردىكى مەزمۇنلار: |
«كارخانىچىلىقتىن كۈندە بىر مىكرو ساۋات» |
«ساغلاملىقتىن كۈندە بىر مىكرو ساۋات» |
«تۇرمۇشتىن كۈندە بىر مىكرو ساۋات» |
ئاممىۋىي سۇپىمىزنىڭ ھەر كۈنلۈك مەزمۇنى ھەر كۈنى ماس قەدەمدە مەزكۇر مۇنبەردىمۇ يېڭىلىنىدۇ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن! |
|
|