- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-8-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1767
- نادىر
- 0
- يازما
- 74
ئۆسۈش
76.7%
|
1943-يىلى9-ئاينىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئارمىيىسى نىمىسلارنىڭ دىنپىر دەرياسى مۇداپىىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ،كىيىفقا ھۇجۇم قىلىشقېڭىنى باشلايدۇ . مۇستەھكام ئىستىھكام ۋە دولقۇنلۇق دىنپىر دەرياسىىنڭ سۈيىدىن ئىبارەت تەبئىي تۇساق بىلەن مۇستەھكەم مۇداپىئەلەنگەن نىمىسلار زور ئىشەنچ بىلەن دەريا يۈزىنى يامغۇردەك پىلىمۇت ئوقلىرى ۋە زەمبىرەك توپلىرىغا كۈمۈپ تاشلاپ ،سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قارشى قىرغاققا ئۈتۈشىگە قەتتى يول قويمايدۇ ،ئەنە شۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتتە مەسۇم ياقۇپوف 24نەپەر جەڭچىنى باشلاپ ،قۇلۋاق بىلەن دەريادىن ئۈتۈشتىن ئىبارەت ىەتەرگە تەۋەككۇل كىلىدۇ .يامغۇردەك پىلىمۇت توپ ئوقلىرىنىڭ دەھشەتلىك پارتىلاشلىرى ئىچىدە ئاخىرى دەريادىن ئۈتۈپ دۈشمەننىڭ مۇداپىئە تۇسۇقىنى ئىشغال قىلىپ ،دۈشمەنگە ئوت ئىچىپ سەپنى كېڭەيتىدۇ ،دۈشمەن بۇ ئەترەتنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن نەچچە ئون قېتىملاپ ھۇجۇمغا ئۆتسىمۇ ،لېكىن مەسۇم ياقۇپوف ئەترىتى دۈشمەننىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى چىكۈندۈرۈپ ئىشغال قىلىدۇ ۋە ئىستېھكامنى بىر سوتكا قوغداپ ،پۈتۈن بىر باتالىيۇننىڭ دەريادىن ئۈتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .باتالىيۇن دەريادىن ئۆتكەندىن كىيىن ،نىمىسلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ دەريا بۇيىدىكى نىمىسلارنى يۇقۇتۇپ پۈتۈن سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ كىيىۋ شەھىرىگە كەڭ كۈلەمدە ھقۇم قىلىشىغا ئاساس يارىتىدۇ .بۇ باتۇر مەسۇم ياقۇپوف باشچىلىقىدىكى ئەترەت ۋە باتالىون بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا .ئاجايىپ زور تۆھپە كۆرسىتىدۇ .مەسۇم ياقۇپوف نىڭ نەچچە يىرى ئېغىر يارلانسىمۇ سەپتىن قالماي ئىلگىرلەپ ئۈزى يالغۇز دۈشمەن بىلەن سۇقۇشۇپ 12نەپەر نىمىس ئەسكىرىنى ئەسىر قىلىپ پولك كوماندىرىنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ بېرىپ يېقىلىدۇ .مەسۇم ياقۇپوفنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك بۇ ئاجايىپ قەھرىمانلىقى پۈتۈن سوۋېت ئارمىيەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ .بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ھۈكۈمىتى ۇنىڭغا دەرھال <سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى >دىگەن ئالى ئىنئامنى بېرىدۇ . ئەڭ قىزىقارلىق يىرى شۇكى ،بۇ باتۇر جەڭچى چالا ئۈلۈك ھالدا دوىتۇرخانىغا ېلىپ كىلىنىپ ،داۋالانغاندىن كىيىن ھەربى سەپتىن چىكىنىپ يۇرتى -ئالمائاتاغا قايتىپ كېلىدۇ ،لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىق ئوردىنىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالىدۇ .چۇنكى پولك كوماندىرى ۇنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ قالىدۇ .بىراق كوپ ئىزدەشلەردىن كىيىن ،ئارىدىن 15يىل ئۆتۈپ ئاخىرى بۇ قەھرىمان تېپىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ھۈكۈمىتى بىۋاستە بۇيرۇق چۈشرۈپ مەسۇم ياقۇپوفقا ئالمائاتادا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ،<سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى >دىگەن ئوردىننى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئالمائاتادىكى بىر .وتتۇرا مەكتەپ جۈملىدىن بىرقانچە كۇچىلارنىڭ نامىنى مەسۇم ياقۇپوف نامى بىلەن ئاتاشقا بۇيرۇيدۇ . |
|