- تىزىملاتقان
- 2012-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 399
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
49.5%
|
تەڭرىتاغ تورىدا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتتە رادىل ئابلا ھاياجىنىنى باسالماي كۆپ سۆزلەپ قويۇپ سۆزدە خاتا كىتىپقاپتىمىش، ئەلكۈيى تورىدا بۇ توغرىسىدا قاتتىق بىر قېتىملىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ، شۇ چاغدا رادىل ئابلانىڭ ياردەمچىسى بۇ ئىنكاسلارنى بىرمۇ بىر بېسپ چىقىرىپ رادىل ئابلاغا كۆرسەتكەنكەن، تورداشلار ناتوغرا ئىشلارنى بايقاپ شۇ توغرىسىدا تىما يوللىسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىما ئىگىسىنى غاجايدىغان ئىشنى قىلمىساق، بايقىغاننى ئوتتۇرىغا قويغانننىڭ نەرى يامان، بەزىلەر رادىل ئابلانىڭ پەزىلىتىدىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قوشقان تۆھپىسىدىن ھاياجىنىنى باسالماي تىما ئىگىسىنى تىما يوللىغانغا پۈشايمان قىلدۈرۋىتىپتۇ.
ھاياجاننى بېسىۋالايلى تورداشلار، بەلكىم سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا يۈكسەك ئورۇنغا ئىرىشكەن شۇ كىشىلەرنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بۇلۇشى مۇقەررەر، ئۇ ئادەملەر بىلەن ئارلىقىمىز يىراق بولغاچقىلا بىزگە شۇنداق سىرلىق تۇيۇلىدۇ ، بۇ يەردە مەن ئۇلارنى تىللايلى دىمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت ئاشۇنداق نا توغرا ئىشلارنى بايقاپ دادىل ئوتتۇرىغا قۇيساق ، قانداق قىلساق تېخىمۇ ياخشى بۇلۇش توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ بارا بارا ئۇلارنى كۆندۈرسەك بۇلىدۇ ئەمەسمۇ.
ئىخلاس تاللا بازارلىرىغا ھاراق سالماي، ئارمان ھاراق سېلىپ ساتقان، بارا بارا جامائەتنىڭ پىكىرلىرىنى توپلاپ يۈرۈپ ئاخىرى ئارمانمۇ شۇ ھاراقنىڭ ھارام پايدىسىدىن ۋاز كەچتى. ۋاز كەچمىسە بولمايتى چۈنكى ئارماننىڭ ماللىرىنى پەقەت شۇ ھاراق ئىچىشنى ياختۇرمايدىغان كىشىلەرلا سېتىۋالاتتى، ئەگەر قۇۋۋەت تالقىنى ئۆلكە ئاتلاپ ياكى دۆلەت ئاتلاپ ئىزچىل سودا كۆتۈرۈلگەن بولسا ئىدى بەلكىم ئارمان ھاراقنى چىقىرۋەتمەس ئىدى. |
|