- تىزىملاتقان
- 2012-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8596
- نادىر
- 0
- يازما
- 517
ئۆسۈش
71.92%
|
سىياسىينىڭ رەزىللىكى لوئىس.پروۋېل (فىرانسىيە) نىڭ ‹‹سىياسىينىڭ رەزىللىكى›› ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى
(ئاپتورنىڭ مۇقەددىمىسى)
سىياسىي ئەسىلدە ئىنتايىن يۈكسەك ۋە ئىنتايىن مۇھىم بولغان،ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك سەنئەت ئېدى. بىراق، سىياسىينىڭ بۇ گۈزەل ئوبرازى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان نۇرغۇن خاتا سىياسىي پىرىنسىپلار تەرىپىدىن بۇلغۇنىپ كەلمەكتە.
نۇرغۇن خاتا پىرىنسىپلار قانون تونى ئاستىدا سىياسىينى يالغانچىلىق ۋە قويمىچىلىقنىڭ، ھەتتا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە شىلۋېلىشنىڭ زوراۋانلىق ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۋالدى.
نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىرانىنى ئىزدەپ كەلدى. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىزدەپ تاپقىنى ھەمىشە ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويمايدىغان قاسساپلار، جاللاتلار، تەلۋە، بۇلاڭچى، ساختىپەزلەر، ۋەيران بولغۇچىلار، ساراڭلار، ئەخلاقى بۇزۇلغۇچىلار ۋە رەزىللىك تاراتقۇچىلار بولۇپ چىقتى.
ئىنسانيەتنىڭ ئىجدىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىلەر ئېھتىمال سىياسىي سەھنىدىكى جىنايەتچىلەر بولۇشى مۈمكىن. سىياسىي سەھنىدىكى جىنايەتچىلەر دائىملا ئۆزلىرىنىڭ قارا نىيىتى، ئاچ كۆزلۈكى ۋە ھوقوق مەنپئەت تالىشىشى ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تەپرىقچىلىك ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بالايىئاپەتلەرگە ھەرقانداق بىر جىنايەت سەۋەپ بولغان بالايىئاپەتلەر تەڭ تۇرالمايدۇ.
ئىنسانيەت مەدەنيىتى ھەرقايسى ساھەلەردە غايەت زور مۇۋاپىقيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈنسايىن مۇكەمەللىشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، پەقەت سىياسىيلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ كەلمەكتە. سىياسىي ساھەدە يەنىلا قويمىچىلىق ۋە ھېيلە-نەيرەڭلەر دەۋر سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ھوقوق-مەنپىئەتى ۋە ئەركىنلىكى يەنىلا كەمسىتىلمەكتە ۋە ئىنكار قىلىنىپ كەلمەكتە.
سىياسىي مەسىلىمۇ خۇددى ئىجدىمائىي مەسىلىگە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن بىر ئەخلاق مەسىلىسىدۇر.
كىشىلەرنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئۆزئارا تايىنىش مۇناسىۋىتىگە ياكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى بىركىشىگە، ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ۋە ياكى ئۆزگىرىشچان قانونغا تايىنىپ جەمئيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ. جەمئيەتنى ئىلگىرى سىلجىتىشتا تايىنىدىغان نەرسە كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى پاك-غۇبارسىز مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغ يۈكسەك ئىدىيىدۇر، ھاكىميەت بېشىدىكىلەرنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن تىكلىگەن سەمىمىي ئوبرازىدۇر.
تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر ئىشتا مۇۋاپىقيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، پەقەت سىياسىي تەشكىلاتلارلا بۇنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كەلدى. بىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىمىزدا يەنىلا قىرغىنچىلىق، بۇزۇقچىلىق ۋە نادانلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە، بۇ سىياسىي رەزىللىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق تەرەققىياتلارنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقارماقتا.
پەقەت مەلوم پەلەسىپىۋى ئەقىل ۋە دىنىي ئېتىقاد پىرىنسىپىغا ئىگە ئادەملەرلا سىياسىي ھوقوق يۈرگۈزۈش سالاھيىتىگە ئىگىدۇر. چۈنكى، پەقەت ساپ بولغان مەنىۋى كۈچلا جەمئيەتنى چىرىكلىشىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان ‹‹تۇز›› دۇر.
|
|