قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5364|ئىنكاس: 25

ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1061
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 17
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2011-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 17:39:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى
                                شەمشىنۇر ئىبراھىم

— جاۋيەنشى (ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) دىكىلەرنىڭ پۇل تاپقۇسى كەپقالغان گەپ! بولمىسا، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى دەيمەن؟
— شۇنى دەيمەن، مانا بىر ئوبدان سۆزلىيەلەيمىز، بىر ئوبدان يازالايمىز.
— بىز يا قاشقالىق، يا خوتەنلىك بولمىساق خاتا گەپ قىلىدىغان...
— 135 سومنى بىكاردىن بىكارلا ئېلىۋالىدىغان بولدى. قىپقىزىل زىيان–دە، زىيان.
— ئاز كەم ئون كىلو گۆش كېلەتتى!
— يىغىلىپ ئولتۇرغان بولساقمۇ راۋۇرۇس بىر سورۇننىڭ پۇلى دېگىنە!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى (ئوبلاستلىق تىلكوم [2005] 12 – نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش، سىناق ئېلىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم غۇلجا ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، ئانا تىلغا بولغان مېھىر–مۇھەببىتى سۇس بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەنە شۇنداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغاچقا، ئۇلار ئۇچرىغان يەردە ئەنە شۇنداق سۆزلەپ، ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەتلەپ يۈردى.
20–مارت (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن دەرس ئۆتۈش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. بۇ قېتىم تەربىيىلىنىپ سىناققا قاتنىشىدىغانلار ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بولغاچقا، دەرس تەييارلىقىغا خېلى كۈچ چىقاردىم ۋە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدىم. ئەمما ناھىيىلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 300 دىن كۆپ ئادەم سىغىدىغان ياسىداق، ئازادە يىغىن زالىنىڭ ئۇ يەر–بۇ يېرىدە غۇجىمەك–غۇجىمەك بولۇشۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن، 100 گىمۇ يەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىغا قاراپ سەل خۇرسىنىپ قالدىم. بەش–ئون مىنۇتلۇق تەشكىللەشتىن كېيىن زال ئىچى تىنچلاندى. دەرسنى رەسمىي باشلىۋەتتىم. دەرس مەزمۇنى سۆزلىنىپ بىرەر سائەتكىچە ئىنتىزام ياخشى بولدى. ئەمما كىرىپ–چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكىدىنمۇ ياكى مۇنۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىدىنمۇ، ھەر قىسما قىلىقلار چىققىلى تۇردى:
ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان بىر قىسىم ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپىدىكى شۇنچە كۆپ ئايال مۇئەللىمەلەرنى پارقىرىتىپ قويۇپ تاماكا تۇتاشتۇرۇشقا، يەنە بەزىلىرى يانفونلىرىنى چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىشىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ياش ئوقۇتقۇچىلارغا بولۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن گازىر، سېغىز كەمپۈتلەرنىڭ قارسىلداشلىرى، ئاران بىر كۆرۈشكەنلەرنىڭ ھال–مۇڭ ئېيتىشىشلىرى، پىخىلداپ كۈلۈشلىرى، يانفونلارنىڭ بەسلىشىپ سايراشلىرى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭ تاقىلداپ مېڭىشلىرى زال ئىچىنى بىر ئالدى. قايتا–قايتا تەشكىللەش ۋە بارلىق دىققىتى بىلەن دەرس ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانلارنىڭ مەنىلىك قاراشلىرى نەتىجىسىدە تۆت سائەتلىك دەرسنى سۈپەتلىك ئۆتۈۋالدىم. ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ سىناق ئېلىش باشلاندى. سىناقنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى يېزىقچە، ئېغىزچە شەكىلدە ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىمتىھان تۈزۈمى قاتتىقراق بولدى. ئىمتىھان مەيدانلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش ۋە سىناقنى كۆزگە ئىلمىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزىتىپ باقتىم: ئۇلار ئىمتىھان نازارەتچىلىرى بىلەن تاكاللىشاتتى. ئوقۇش تارىخىنى، خىزمەت ستاجىنى، كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى، ئۆز مەكتىپىدىكى مەنسەپ–دەرىجىلىرىنى پەش قىلىشاتتى.  ئوغرى مۆشۈكتەك مارىلايتتى.ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. چۈنكى ئۇلار ئەپلاتۇن ئېيتقان «باي بولۇپ تۇرۇقلۇق كەمبەغەلگە ئايلانغان كىشىلەرگە، ئۇلۇغ بولۇپ تۇرۇقلۇق خارغا ئايلانغان كىشىلەرگە، ئالىم بولۇپ تۇرۇقلۇق نادانلار سۆھبىتىگە قاتناشقان كىشىلەر» گىلا ئوخشاپ قالغانتى.
دۇرۇس، «ۋەزىپىمىز ئېغىر، مائاشتىن باشقا كىرىمىمىز يوق، نەچچە يىل بولدى، ‹ئىككى ئاساسەن› نىڭ دەردىدە شەنبە، يەكشەنبە، تەتىل دېگەنلەرنى كۆزىمىزگە سۈركىدەك بوپكەتتۇق، باش تاتىلىغۇدەك ۋاقتىمىز يوق تۇرسا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىدىن ئىمتىھان بېرىپ نېمە كەپتۇ؟!» بىز ئاشۇ خىل ھېس–تۇيغۇدا بولۇۋاتقىنىمىزدا، بىزنىڭ مۇبارەك قولىمىزدا بەش–ئالتە يىل ھەتتا يەتتە–سەككىز يىل ئوقۇپمۇ تۈزۈكرەك ساۋاتى چىقماي «دۆت–كالۋا» ئاتىلىپ، جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قايسى تىل، قايسى يېزىقتا ساۋاتى چىقمىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ساۋاتسىز بوپقالغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ زادە كىمدە ئىكەنلىكىنى ئەتراپلىق ئويلىشپ باقتۇقمۇ؟ پەرزەنتلىرىمىز خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئىككى–ئۈچ يىل ئوقۇپلا ساۋاتىنى چىقىرالايدۇ–يۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىمىزدىن چالا ساۋات قالىدۇ؟ بىزنىڭ تىلىمىز يا ئاشۇنداق ئۆگىنىش تەس، مۇرەككەپ تىلمۇ؟ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى يوق، ئۆگىنىش، بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق تىلمۇ؟ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ باقتۇقمۇ؟!
ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، بىزنىڭ تىلىمىز قەدىمىي، باي، پاساھەتلىك، گۈزەل تىل. ئۇنى خالىغانچە پەس كۆرۈشكە، ھاقارەتلەشكە، ئۆگەيلەشكە، ئۇنىڭ بۈيۈك ئوبرازىغا قارا سۈركەشكە ھەرگىز بولمايدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجى بىلەن خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىش، ئىنگلىزتىلىنى ئۆگىنىش چىڭ تۇتۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى تېخى يوقالغىنى يوق. ئۇنى داۋاملىق كۈچەيتىش، يېڭىلاش، كەلگۈسىگە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ھازىرقى زامان دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىدىكى پەرقىنى تۈگىتىش، خەنزۇتىلى ۋە باشقا تىللارغا ئوخشاش قېلىپلاشتۇرۇشتا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ قوشۇلۇشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، كادىرلار نازارىتى، رادىئو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيىسىدىن سىناق ئېلىش» خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ غۇلجا ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشى ئەسلىدە پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەگەر ئۇ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 2002–يىلدىن باشلاپ تۆت قارار كۇرس ئېچىپ، مۇشۇ تۈردىلا 170 نەپەر خادىمنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىناق ئالغۇچىلىققا تەربىيىلىمىگەن ۋە تەيىنلىمىگەن بولاتتى. ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ ئاجراتمىغان بولاتتى. «ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا 2005–يىلدىن باشلاپ ‹دەرىجە گۇۋاھنامىسى› بىلەن ئىشقا چىقىش يولغا قويۇلىدۇ» غانلىقى ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقارمىغان بولاتتى. شۇڭا مەن بەزى كەسپداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش ۋە سىناققا ئۆز قىزغىنلىقى، ئىختىيارلىقى ۋە ۋىجدانى بىلەن تولۇق قاتنىشىپ، «بوينىنى باغلىغان ئىتنىڭ ئوۋغا يارىمايدىغان» لىقىدەك ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئوبدانراق ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، تىل–يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا توغرا تونۇش ۋە پوزىتسىيىدە بولمايۋاتقان، تىلىمىزنى ھاقارەتلىگەن، تىلىمىزغا خىيانەت قىلغان، تىلىمىزنى بىلىپ–بىلمەي خاتا ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىشكە يول قويغان، سۈكۈت قىلغان، بىپەرۋالىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا كىشىلەرگە تۆۋەندىكى بايانلارنى ھەدىيە قىلىشنى لايىق كۆردۈم:
«رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا ئاقىل بىر ئادەمنىڭ گۈزەل قىزى بولغانىكەن. شۇ دىلبەرگە ئىككى پەرىشتىنىڭ ئىشقى چۈشۈپتۇ. قىز ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە كۆڭۈل بېرىشنى بىلمەي قاپتۇ. پەرىشتىلەر قىزنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدە ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. لېكىن قىز ئۇلارغا شۇنداق دەپتۇ:
— مەن يۇرت پەرزەنتى بولالايدىغان ئوغۇلغا ئانا بولۇشنى خالايمەن. شۇڭا سىلەرنىڭ ئۇنى قانداق تەربىيىلەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىشىم كېرەك. ئەنە شۇنىڭغا قاراپ، سىزلەرگە قارارىمنى ئېيتىمەن.
— بۇ ئىش پەقەت مېنىڭ قولۇمدىنلار كېلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتىمەن. ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىدىن دەرس ئالىدۇ. سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەجنەبىي تىللارنى ئىگىلەيدۇ، دۇنياغا ئۆز نامىنى تارقىتىدۇ، — دەپتۇ بىرىنچى پەرىشتە.
نۆۋەت ئىككىنچىسىگە كەلگەندە، ئۇ دەپتۇ:
— ئىنسان ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان بايلىق — تىل. ئانا تىل بولىدىكەن، ۋەتەن، خەلق بولىدۇ. خەلقنىڭ ئۆمۈر ئۆلچىمىنى ئۇنىڭ تىلى بەلگىلەيدۇ. دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك ۋە سېھرىي كۈچ تىلدا بولىدۇ. ئىنسان ئانا ئەللىيىنى تۇنجى بولۇپ ئەنە شۇ ئانا تىلدا ئاڭلايدۇ. مەن ئوغلۇڭنى تىلغا خىيانەت قىلماسلىققا ئۆگىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا ناخشا، چۆچەك ۋە داستانلارنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنىڭ لاتاپىتىڭگە لاتاپەت قوشۇپ تۇرغان ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئۆگىتىمەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئالىم پەرىشتە قاقاقلاپ كۈلۈپ، رەقىبىنى ئەقلى كەملىكتە ئەيىبلەپتۇ. ئوتتۇرىدىكى تالاش–تارتىش ئاخىر جاڭجالغا ئايلىنىپتۇ.
— جېدەللەشمەڭلار، — دەپتۇ قىز، — يۇرتىمىزدا بىر ئۇلۇغ دانىشمەن بار، ئۇنىڭ يېنىغا بارىمىز، ھەممە نەرسە شۇ يەردە ھەل بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمى مەن ئۈچۈن قانۇن.
ئۇلار ھېلىقى دانىشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن ھەممە گەپ–سۆزنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ھېلىقى ‹كەم ئەقىل› پەرىشتىگە دەپتۇ:
— قىز سېنى ياخشى كۆرەمدۇ–يوق، بىلمەيمەن. ئەمما ئاتىلىق شەرىپىگە سەن لايىقسەن». («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» جۇرنىلى 1992–يىل 1–سان، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2003–يىل 1–سانىدىن).
دەرھەقىقەت، ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى بۈگۈنمۇ يوقالغىنى يوق. شۇڭا ب د ت مائارىپ، ئىلىم–پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 21–ئەسىردىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇنداق ئۈچ تەلەپ قويۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەن: بۇلار — بىرىنچى، ئانا تىل قابىلىيىتى؛ ئىككىنچى، چەت ئەل تىللىرى قابىلىيىتى؛ ئۈچىنچى، ئۇچۇر قابىلىيىتى.
دېمەك، دۇنيا تەرەققىي قىلىپ ئاخباراتچىلىق، رادىئو–تېلېۋىزىيە، ئىنتېرنېت دېگەنلەرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىپ، تەرەققىيات ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇتىلى بىلەن چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگەنمەي بولمايدۇ. ئەمما ئاشۇ تىللارنى ئۆگىنىشتە ئۆزىگە خاس تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلىگۈچى، يېڭىلىققا، ئىجادىيەتكە يېتەكلىگۈچى ئاچقۇچنىڭ بىزنى تۇغقان، بىز بىلەن تەڭ يارىلىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ۋە بېيىپ بۈگۈنگە كەلگەن بىر زامانلاردا بىزنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان نەرسىنىڭ باشقا نەرسە ئەمەس، دەل بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى!
ھەر خىل تىل ئۆتكەللىرىدە ئۆزىمىزنىڭكىنى جۇلالاندۇرالماي، باشقىلارنىڭكىگە يېتەلمەي، ئوتتۇرىدا گاڭگىراپ قالماسلىق ئۈچۈن «قوش تىل» ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۆز تىلىمىزنىڭ شان–شەرىپى، ساپلىقىنى قوغداش يولىدا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2006–يىل 1–سان


ئالاقىلاشقۇچى:
غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىن:شەمشىنۇر ئىبراھىم   13139993014  
ئۆي: 0999-4020534
ئىدارە: 0999-4026128              




       

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 20:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ،بۇ كىتاپنى ئوقۇتقۇچىلار پايدىلانسا بولغىدەك،رەھمەت سىزگە،مۇنبىرىمىز ئارقىلىق كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى سەگىتتىڭىز سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز،ۋە پاكىز يۇرۇگىڭىزدىن چىققان ئىلىم دۇردانلىرى مۇنبىرىمىزدىن ئۇزۇلمىسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1062
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2011-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 20:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يا قاشقالىق، يا خوتەنلىك بولمىساق خاتا گەپ قىلىدىغان...
__________________________________________

مۇ شۇنداق يۇرتۋازلارنى كۆرسەم،تىرىك كۆمىۋەتكۈم كېلىپ كېتىدۇ.

بۇنداقلار ياشىسا مىللەتنىڭ شەنىگە داغ چۈشىرىدۇ،كەلگۈسى پەرزەنتلىرىگە ئۆزىنىڭ ناچار ئىللىتىنى ئۇدۇم قالدۇرۇپ قويىدۇ.

ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ، ئۇيۇشماق،بىرلىشىش،ئىتتىپاقلىشىش دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان نا ئەھلىلىرى،ياشىسا ھاۋانى ئىسراپ قىلىپ،ئۆلسە تۇپراقنى...

0

تېما

0

دوست

82

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1068
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 21:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش تورىغا تۇنجى باسقان قەدىمىمدە ياخشى يازمىلاردىن بەخىر ئالدىم ، ھەقىقەتەن قىممەتلىك تېما ئىكەن ... رەھمەت ! ...

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 16:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن. قوش تىللىق مائارىپنى يەسلىدىن باشلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىلىمىزنى پۇختا ئۈگنتندىغان تىل -ئەدەبىيات دەرسىگە سەل قارساق ئەڭ ئېچىنشلىق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ .ئانا تىلنى ياخشى بىلمىگەندە باشقا تىللارنىمۇ ياخشى ئۈگەنگىلى بولمايدۇ .چۈنكى :«كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت !»
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

18

تېما

0

دوست

7435

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1071
توردىكى ۋاقتى: 410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 17:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش تىل ئوقۇتۇشى جەھەتتە غۇلجىدا قايتا ئويغۇنۇش بولۇپ، ئىشلار تەرتىپكە چۈشىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم. ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنابىز.
  باغداش تورى ئارقىلىق ھەمكارلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈرەيلى.

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 17:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىم


ساداقەتجان ھاجى


دۇنياغا ئېچىلغاندا مېنىڭ كۆزۈم،
ئېيتىلغان سېنىڭ بىلەن تۇنجى سۆزۈم.
ئەي مېنىڭ ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلىم
سەن بىلەن يورۇق بولۇپ كەلدى يۈزۈم.

سەن بىلەن قىلدىم بايان پىكرىمنى مەن،
سىڭدۈرۈپ پىكرىمگە دىل مىھرىمنى مەن.
قاناتقا ئىگە قىلدىم سۇنمايدىغان،
سەن بىلەن تەپەككۇرۇم – زېھنىمنى مەن.

سەن بىلەن سىرلىرىمنى ساقلاپ كەلدىم.
سەن بىلەن ھەقىقەتنى ياقلاپ كەلدىم.
سەن بىلەن ئىجات قىلىپ ئاز بولسىمۇ،
خەلقىمنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ كەلدىم.

سەندىدۇر ئەجدادلارنىڭ يۈرەك سۆزى.
سەندىدۇر بەختىمىزنىڭ بىر يۇلتۇزى.
بەختىمنى تىلەر ئىدى كىچىكىمدە،
سەن بىلەن ئەللەي ئېيتىپ ئانام ئۆزى.

سەنسىز مەن ئېيتالمايمەن ناخشىلارنى.
سەنسىز خۇش قىلالمايمەن ياخشىلارنى.
خەلقىمگە چۈشەندۈرۈپ ئادالەتنى،
سەنسىز پاش ئېتەلمەيمەن ۋەھشىلەرنى.

سەنسىز مەن ئۇيغۇر بولۇپ يۈرەلمەيمەن.
جەننەتكە ئۇيغۇر بولۇپ كىرەلمەيمەن.
سەن ماڭا ئاتا-ئانام ئامانىتى.
يوقاتسام سېنى جاۋاپ بېرەلمەيمەن.



(مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى 1997-يىللىق 10-سان)
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

29

تېما

8

دوست

8209

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  111
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1945
تۆھپە : 1184
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 17:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى تېما ئىكەن. ھازىر مەكتەپلەردە «قوش تىل» ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغاچقا ، ئانا تىلغا سەل قاراپ قويۇش ئەھۋاللىرى ھەقىقەتەن بولىۋاتىدۇ. چوقۇم مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك. شۇلار ئارقىلىقلا ئانا تىلىمىزنى راۋاجلاندۇرالايمىز. بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا نىسبەتەن،ئوقۇغۇچىلارنى كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، تەسىرات يېزش ، ماقالە يېزىش ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت شەكلى، ئىملاسىنى توغرىلاش جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش  يوقۇرى تەلەپ قويىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )