- تىزىملاتقان
- 2012-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4524
- نادىر
- 0
- يازما
- 210
ئۆسۈش
84.13%
|
ئىسلامدا ئەقىدە ئۇقۇمىنىڭ ماھىيىتى
ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلغان دىنى بولۇپ، ئىسلام ئىمان ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن تەركىب تاپقان.
ئىماندىن ئىبارەت بۇ ئاساس ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە قىسمىنى، شۇنداقلا شەرىئەتلەر ئۇ ئاساستا بىنا بولىدىغان ۋە شاخچىلىرى ئۇ ئارقىلىق كۆكلەيدىغان ئەسلى ئۇلى ۋە يىلتىز قىسمىنى تەمسىل ئەتسە، ئىسلامدىكى ئەمەل ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت، ھەمدە ئىمان ۋە ئەقىدىگە نىسبەتەن شاخچە سۈپتىدە قارىلىدىغان فەرئى-ئەھكام قىسمنى تەمسىل ئېتىدۇ.
ئىمان ۋە ئەمەل، ياكى ئەقىدە ۋە شەرىئەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىگە نىسبەتەن گويا مېۋە دەرىخىنىڭ ئۆز مېۋىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋەياكى بولمىسا سەۋەبنىڭ نەتىجە بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋەياكى بولمىسا مۇقەددىمىنىڭ خۇلاسە بىلەن بولغان باغلىنىشى كەبى بىر-بىرىگە زىچ چېتىلغاندۇر.
ئىمان ۋە ئەمەل ئارىسىدا بۇقەدەر زىچ باغلىنىشنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە «ئەمەل» دائىم دېگۈدەك «ئىمان» بىلەن بىرگە يانمۇ-يان كەلتۈرۈلگەن. «(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.» [بەقەرە 25-ئايەت]
ئىسلامدا ئىمان ئۇقۇمى، يەنى ئىسلامدا ئەقىدە ئۇقۇمى تۆۋەندىكىدەك مۇنداق ئالتە تۈرلۈك ئىشنى تەشكىل قىلغاندۇر. بۇلار:
1- ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك مەنىگە ئېگە سۈپەتلىرىنى تونۇش، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئۇ زاتنىڭ بۈيۈكلىكىنىڭ كائىنات ۋە تەبىئەتتىكى كۆرۈنۈشلىرىگە ئالاقىدار پاكىت-دەلىللىرىنى تونۇش.
2- تەبىئەت ئارقىسىدىكى ئالەم ۋە ياكى بىزلەرگە مەنزۇر بولمىغان ئىككىنچى بىر دۇنيانىڭ بارلىقىنى تونۇش ۋە ئۇ ئالەمدىكى پەرىشتىلەردە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ياخشىلىق كۆچلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىدا گەۋدىلىنىدىغان يامانلىق كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىش، ھەمدە بۇ ئالەمدىكى جىنلار دۇنياسىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى بىلىش.
3- ھەقىقەت ۋە سەپسەتە ئارىسىدىكى، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى، ھالال ۋە ھارام ئارىسىدىكى، ھەمدە گۈزەللىك ۋە قەبىھلىك ئارىسىدىكى چەك-چېگرالارنى ئايرىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كىتابلىرىنى تونۇش.
4- ھىدايەت تۇغلىرى، ھەمدە مەخلۇقاتلارنى ھەقىقەتكە يېتەكلىگۈچى رەھبەر بولۇشلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەخسۇس ئىختىيار قىلىپ تاللىغان پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنى تونۇش.
5- قىيامەت كۈنىنى ۋە ئۇندىكى تېرىلىش، مۇكاپات-جازالار، ساۋاب ۋە ئازاب، جەننەت ۋە دەۋزەخ قاتارلىقلارنى بىلىش.
6- يارىتىش ۋە ئىدارە ئېتىشتا كائىنات ئىنتىزامى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ئاساسىدا يۈرۈيدىغان تەقدىرنى بىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، مانا بۇلار ئىمان ئۇقۇمىدىن ئىبارەت.
ئىمان دېمەكلىك ئۇ: ئەقىدىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنى نازىل قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتكەن، ھەمدە بۇ ئەقىدىنى ئۆتمۈش ۋە بۇندىن كىينكىلەر ئارىسىدا تەۋسىيە قىلغاندۇر.
مانا بۇ ئەقىدە شۇنداق يېگانە ئەقىدىدۇركى، بۇ ئەقىدە زامان ياكى ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەسكىپ قالمايدۇ، شەخس ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار!»[شۇرا سۈرىسى 13-ئايەت]
ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە دىن جۈملىسىدىن شەرىئەت قىلىپ بېكىتكەنلىرى، ھەمدە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىگە ۋەسىيەت قىلغىنى كەبى بىزگىمۇ ۋەسىيەت قىلغانلىرى ھەرگىزمۇ دىننىڭ فۇرۇئات-ئەھكاملىرى ۋەياكى ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك بېكىتكەن شەرىئەتلىرى بولماستىن، بەلكى ئەقىدىنىڭ ئاساسى-پرىنسىپلىرى ۋە ئىماننىڭ تەدىل-ئەركانلىرى بولغان.
چۈنكى ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك شەرىئەتلەر ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن شۇ ئۈممەتنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ۋە ھال-ئەھۋالىغا، شۇنداقلا پىكرى ۋە روھى ساپاسىغا مۇناسىپ كېلىدىغان رەۋىشتە ئايرىم قىلىپ بەلگىلەنگەندۇر. «(ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق.»[مائىدە سۈرىسى 48-ئايەت]
دېمەك ئەقىدىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ روشەن، ھەمدە شەخس ۋە جەمىيەتكە نىسبەتەن ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى ئىنتايىن ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ ئەقىدىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئومۇم ۋە قىيامەتكە قەدەر مەڭگۈ قىلىپ بېكىتكەن. مەسىلەن ئاللاھ تائالانى تونۇشتىكى مەرىپەتنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە كەلسەك، ئۇشبۇ مەرىپەت ئىنساندىكى ساپ تۇيغۇلارنى ئۇرغۇتۇپ، ياخشىلىق سەزگۈلىرىنى ئويغۇتىدۇ. كىشىدە ئۆزلۈكىدىن كۈزىتىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈپ، يۈكسەك ۋە شەرەپلىك ئىشلارغا نىيەت باغلاشقا تۈرتكە بولىدۇ، ھەمدە تەبئىتى پەس ۋە ئەرزىمەس ئىشلاردىن كىشىنىڭ يىراق بولىشىنى تەمىنلەيدۇ.
شۇنىڭدەك پەرىشتىلەرنى تونۇشتىكى مەرىپەت، خۇددى كىشىنى مۇكەممەل ئاڭلىقلىق ۋە تولۇق ئويغاقلىققا چاقىرغىنىدەك، كىشىنى پەرىشتىلەر كەبى بولۇشقا، ھەمدە ئۇلاردەك ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق ئۈستىدە ئورتاق ھەمدەمدە بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
ئىلاھى كىتابلارغا بولغان مەرىپەت بولسا، بۇ مەرىپەت ئىنسانغا ئۇنىڭ ماددى ۋە ئەخلاقى مۇكەممەللىككە يېتىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ سىزىپ بەرگەن توغرا يولىنى تونۇشنى تەمىنلەيدۇ.
پەيغەمبەرلەرنى تونۇشتىكى مەرىپەت بولسا، بۇخىل مەرىپەت ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈزەل قىممەتلەرنى تەمسىل ئەتكۈچى بولغانلىقى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان پاكىزە ھاياتنى تەمسىل ئەتكۈچى ئىكەنلىكلىرى ئىتىبارى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئېزىنى بېسىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشى، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىشى مەقسەت قىلىنغاندۇر.
قىيامەت كۈنىگە قارىتا مەرىپەت بولسا، بۇ مەرىپەتتە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە يامان ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.
تەقدىرگە قارىتا مەرىپەتكە كەلسەك، ئۇشبۇ مەرىپەت كىشىگە ھەرخىل ئاقىۋەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا نىسبەتەن كۈچ ۋە تاقەت ئارتتۇرسا، قىينچىلىق ۋە ئاقىۋەتلەرگە نىسبەتەن كىشىنى ھەرخىل يۈز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان تونۇشقا كەلتۈرىدۇ.
دېمەك يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇشبۇ ئەقىدىلەر ئىشەنچىلىك ھەقىقەتلەر بولىشىدىن سىرت، بەلكى بۇ ئەقىدىنىڭ مەقسەت-نىشانىنىڭ ئىنسانى ئەمەلنى تۈزەش، روھىيەتنى پاكلاش ۋە ئۇنى بۈيۈك خىسلەتلەر ئىگىسى بولغان زات تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش بولغانلىقىدۇر.
ھالبۇكى بۇيەردە ئەقىدە مەرىپىتىنى مۇتلەق ھالدا مەرىپەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىيسى دېمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ مەرىپەتنىڭ ئىنسانىي مەرىپەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك مەرىپەتلەر قاتارى سانىلىدىغانلىقى مۇھەققەقتۇر.
ئاپتور: مەشھۇر "فىقھۇسسۈننە" كىتابىنىڭ مۇئەللىپى:
شەيخ سەييىد سابىق رەھىمەھۇللاھ
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
sajiye.org |
|