ئاتامغا خىتاب
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئۈچۈن ھۆرمەتلىك بولغان ،ئانامنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولغان ،ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرىكى بولغان ،پانى دۇنيادا جاپانى يەتكىچە تارتقان،ھەققانىيەت يولىدا قىلچە باش ئىگمەي مەردۇ - مەردانە ياشاپ كەلگەن،غەزەپ نەپرىتى ئىنىق بولغان قەدىرلىك ئاتا ،سېنىڭ ماڭا مىراس قالغان مۇشۇ سۈپەتلىرىڭ بىلەن ئويلىنىش ئىچىدە ياشاپ ھەقىقەتنى تونۇغان ئوغلۇڭ مانا بۈگۈن ئۆز ئاتىسىغا ئاللاھ يولىدا ، بۇ دەۋەت خېتنى يېزىشقا مەجبۇر بولماقتا .
بەلكىم سەن ئويلايدىغانسەن -‹‹ بۇ بالام نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن قالىدىغاندۇ ؟ ئىبادەتنى ئۆزى قىلىپ يۈرىۋەرسە بولمامدۇ؟›› دەپ. پەيغەمبىرىمىز : ‹‹مېنىڭدىن بىر ئايەت ياكى ھەدىس بولسىمۇ باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار ›› دېگەن،ئويلاپ باققىن ھەممە ئادەم ئۆزى – بىلەن ئۆزى بولۇپ ، ئىسلامنى ئۆزىلا چۈشىنىپ ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەنلەرنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلمىسا ، ناماز ئوقۇمىغان ،ھاراق ئىچكەن ،تاماكا چەككەن ۋەباشقا گۇناھى مەئىنشەتكە تولغانلارنى كىم توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ ، ئۇلار گۇناھلىرىغا قاچان تۆۋە قىلىدۇ ، قاچان ناماز ئوقۇيدۇ ،قاچان ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغان ،قاچان كىتاب ئوقۇيدىغان ، قۇرئاننى قاچان چۈشىنىدىغان بولىدۇ ئەجىبا ئۆلگەندىمۇ ، ۋەياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىۋاستە -‹‹ھەي ئەمىتاخۇن ناماز ئوقىغىن ،ھەي سەمىتاخۇن ھاراق ئىچىمىگىن ۋەھاكازا ›› دەمدۇ نەدىمۇ بۇنداق بولسۇن ، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسالامدىن باشقا ھېچانداق پەيغەمبەرلەرگە بىۋاستە گەپ قىلمىغان تۇرسا ئادەتتىكى ئادەملەرگە قانداقمۇ بىۋاستە گەپ قىلسۇن ، سەن شۇنداق بىر نوقتىنەزەرنى بىلىشىڭ كېرەككى دادا ئىسلام يەنى ئىنسانىيەت تۆۋەندىكىدەك قانۇنىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ،بۇ قانۇنىيەت ئاللانىڭ قانۇنىيىتىدۇر ، دۇنيادا ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيىتىدىنمۇ ئۈستۈن يەنە بىر قانۇنىيەت بولمىسا كېرەك ، ئۇبولسىمۇ ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› . ئاتا سېنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان ئىشىنىشىڭنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، گەرچە ئاللاھقا ئىشەنسەڭمۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنمەسلىكىڭمۇ مۈمكىن ، چۈنكى سەن قىيامەتكە ئىشەنمەيدىكەنسەن ئەمەسمۇ ، ئەمما 6236 ئايەتتىن تۈزۈلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ 2378 ئايەتتە قىيامەت تىلغا ئېلىنغان، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئىشەنمەيدىغانلىقىڭدىن دېرەك بېرىدۇ ئاتا.
سەن بىلىسەن پەيغەمبىرىمىز بىر ساۋاتسىز ئىنسان ئىدى ، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن 1400يىل بۇرۇن يېزىلغان كىتابتا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنى تەتقىقاتچىلار ھازىر ئىسپاتلاپ چىقىپ ، ئۇنىڭ قۇرئاندا بارلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانۇھەس بولماقتا ، بۇيەردە شۇنوقتىنى بىلىشكە بولىدۇكى پەيغەمبىرىمىز ھەدىسىلىرىنىڭ ئۇنىڭ شەخسى پىكىرى ئەمەس بەلكى ئاللانىڭ بىلدۈرۈشى بويىچە سۆزلەنگەن سۆزلەردۇر ، شۇڭا بىز تۇرمۇشىمىزدىكى نىكاھ ، زاكات ،مىراس ، ئىلىم ئېلىش ، ئەر ئاياللانىڭ كىيىنىشى قۇربانلىق روزا ،زاكات قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا پەيغەنبىرىمىز نىمىگە بۇيرىغان بولسا شۇنى قىلىمىز ، نىمىنى چەكلىگەن بولسا شۇنىڭدىن باش تارتىمىز ، چۈنكى ئۇئاللانىڭ قانۇنى ، سەن ئويلاپ باققىن بىر سائەتتىن كېيىن نىمە ئىش يۈز بېرىدىغىنىنى بىلمەيدىغان بىر بەندە قانداقمۇ ئىنسانلارغا بىر ياشاش قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلىسۇن ، ئەمما ئاللاھ ئىنساننى ئىنسان ئۆزىدىن بەكىرەك چۈشەنگۈچىدۇر ، ئىنسانغا نىمە پايدىلىق ، نىمە زىيانلىق بۇنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر ، شۇڭا ئاللاھ بۇنىڭدىن 1400يىل بۇرۇن ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولغان ، تاكى قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ، ئەمەلدىن قالمايدىغان قۇرئان ۋە ھەدىسنى مۇكەممەل ھالدا چۈشۈرۈپ بەردى ، ئۇنىڭغا شەكسىز ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك .
بىز قۇربانلىقنىڭ گۆشى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالغان ئىدۇق ، پەيغەمبىرىمىز قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى 3كە بۆلۈپ بىر ئۈلۈشنى ھەدىيە قىلىڭلار ، بىر ئۈلۈشىنى ئۆزۈڭلار يەڭلار ، بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىڭلار دېگەن .بۇنى پەيغەمبىرىمىز ھېچقاچان ئۆزىچىلام ئويلاپ دەپ قويغان گەپ ئەمەس بەلكى ئاللانىڭ ۋەھى ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىلىمىدۇر ، بۇلمىسا بىر ساۋاتسىز ئىنسان ئۇنداق نۇرغۇنلىغان قائىدە مىزانلارنى نەدىن بىلسۇن، مانا شۇ چاغدا بۇ ئاللاھ يولىدىكى قۇربانلىق بولىدۇ ، بولمىسا بۇنىڭ ئادەتتە قوي سويۇپ يىگەن بىلەن نىمە پەرىقى بولسۇن ؟ بۇلار ھېچقاچان موللاملار ئىچىدىن چىقىرىپ دەۋالغان گەپ ئەمەس ئاتا.
سەدىقىگە كەلسەك: ھازىر غەرىب مۇتەپپەكۈرلىرى ‹‹ئەگەر بايلار بايلىقنىڭ مەلۇم ئۈلۈشنى ئايرىسا دۇنيادا نامىراتلار تەلتۆكۈس تۇگەيدۇ›› دىگەن ئىستاستىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، ئەمما بۇنىڭدىن 1400يىل بۇرۇنلا قۇرئان ھەدىستە بايلىقى 85 گىرام ئالتۇننىڭ قىممىتىگە يەتكەن ئادەم( ھازىرقى باھادا پۇلى 30نەچچە مىڭغا يەتكەن ئادەم) 2.5 پىرسەنىت زاكات ئايرىشى كېرەك دەپ بېكىتىپ بولغان ، ئەجىبا بۇ ئىستاستىكىنى پەيغەمبىرىمىز ساۋاتسىز تۇرۇپ قانداق ھېسابلاپ چىققاندۇ ، مانا بۇمۇ ئاللانىڭ ۋەھىسى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇ ‹‹ مەن ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتىم ›› ئۇنداقتا بۇيەردىكى ئىبادەت سۆزىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟
ئىبادەت : ناماز ئوقۇش ،زاكات بېرىش ،روزا تۇتۇش ،ھەج قىلىش ، كىشىلەگە ياخشىلىق قىلىش ، دىن ئۆگىنىش -ئۆگىتىش ، پەن ئۆگىنىش –ئۆگىتىش ، گۇناھى كەبىرلەردىن ئۆزىنى تارتىش ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتتۇر ، بەلكىم سەن ئويلايدىغانسەن ‹‹ ناماز ئوقىمىغانلارمۇ قالغان ئىشلارنى قىلسا ئىبادەت قىلغان بولىدىكەنغۇ ›› دەپ ، لېكىن ئاللاھ دەيدۇ ، ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئەڭ مۇھىمى ، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى ،ئوقۇمىسا مۇسۇلمان ھېسابلانمايدىغىنى ئەڭ چوڭ پەرھىز قىلغىنى ناماز ، يەنىلا ناماز ، بۇ بىر ئىلاھى بۇيرۇق بۇنى ئېجىراقىلماسلىققا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق ، ئېجىرا قىلمىغانلارنىڭ دۇزاققا كىرىدىغانلىقى قۇرئان كەرىمدە ناھايىتى ئىنىق دېيىلگەن ، ئاتا شۇڭا مەن بەك ئەنسىرەيمەن ، سېنىڭدىن ۋە ساڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇمايدىغان بارلىق تۇققانلىرىمدىن ۋە بارلىق ئۈممەتلىرىمدىن ۋە شۇنداقلا ئۆزەمدىنمۇ ئەنسىرەيمەن ، (گەرچە ناماز ئوقۇساممۇ ، لايىقىدا ئوقىيالمىغان بولىشىم مۈمكىن) بەلكىم سەن بۇخەتلىرىمنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىۋاتقانسەن ياكى مېنى ئەخمەق چاغلاۋاتقانسەن ، سەن ئويلاپ باق ئاللاھ ئىنساننى ئا ب مەنىدىن ياراتتى ،ئۇئىنسان دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى ،بەزىلەر راھەت پاراغەت ئىچىدە ياشىدى ، بەزىلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلدى ، خارلىدى ،قېينىدى ،يەنە بەزىلەر ساڭا ئوخشاش جاپا مۇشەققەتلەرنى چەكتى ، يېرىم ئۆمۈر ئاغرىق ئازابىنى چەكتى ، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلدى، قىساس ئىلىشقىمۇ قادىر بولالمىدى،ئەجىبائاللاھ جاھاننىڭ ھەق ناھەقنى ئايرىيدىغان سوت مەيدانىنى ھازىرلىماسمۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا بۇ تولىمۇ تەڭسىزلىك بولمامدۇ؟ بۇدۇنيا ئۆزىدە گۇناھ ئىشلارنى سوت مەيدانىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ئەجىبا ئاشۇ قۇدىتى ئۇلۇغ ،ئەڭ ئادىل ئاللاھ قىيامەتتە بۇنى ھەل قىلماسما تەپەككۇر قىلايلى دادا ، يوقتىن يارىتىشقا قادىر بولالىغان زاد ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرەلمەسمۇ ؟ بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن نۇرغۇن پاكىتلار بار ئاتا ، سەن پەقەت گىزىت ئوقۇش ، شىنجاڭ تارىخى كىتابلىرىنى ۋە باشقا كىتابلارنى ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنگەن بۇنداق دېگىنىم سېنى ھەرگىز بىلىمىڭ يېتەرسىز دېگىنىم ئەمەس ، مەن بىلىمەن ، ھەم سەندىن پەخىرلىنىمەن سەن ئوقۇغان ئالى مەكتەپلەردە مەن ئوقۇيالمىدىم ، سەندە بار سەۋىيەنى مەن ھازىرلىيالمىدىم ، لېكىن مەن ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ھەقىقەتنى تونۇدۇم ، مانا بۇ ئىنساننىڭ تۇنجى قەدىمى ۋە ئەڭ توغرا قەدىمىدۇر ، چۈنكى ئاللاھ ئىمان ئېيىتمىغان ، ناماز ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ بىلىمىگە ، ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرىغا ، سەدىقىسىگە ، ھېچقانداق ئىشىغا مۇھتاج ئەمەس ، ھەتتا بىلگايتىستەك باي بولۇپ بارلىق بايلىقىنى سەدىقە قىلىۋەتسىمۇ ئەگەر ئۇناماز ئوقۇمىسا ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ ئاتا ، بۇ مېنىڭ گېپىم ئەمەس ،يەنە بىر موللامىنىڭ ، يەنە بىر قارىنىڭ ،يەنە بىر ئۆلىمانىڭ گېپى ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ گېپى ، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ ‹‹ سىلەر بارلىق ئىنسانلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئەڭ چوڭ ھاجىتىڭلارنى تىلىسەڭلار مەن ھاجىتىڭلانى راۋا قىلسام ، مېنىڭدىن دېڭىزغا سانجىپ ئېلىۋالغان يىڭنىنىڭ ئۇچىغا يۇققان سۇچىلىك نەرسە كەملەپ قالمايدۇ ›› ، ئاللاھ ئۈچۈن ھېلىغۇ بىلگەيتىسكەن ، ئۇنداق بىلگايتىستىن نەچچە مىليونى بولسىمۇ ئەگەر ناماز ئوقۇمىسا ، قىيامەتكە ئىشەنمىسە بەرىبىر ئېتىراپ قىلىنمايدۇ .
ئاللاھ ئېيتىدۇ: ‹‹شۆبىھىسىزكى ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاققا كىرگۈزىمىز ،ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورىنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز.ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر ،ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر›› ( سۈرە نىسا 56- ئايەت)
دوختۇرلار ئاغىرقنى تېرىنىڭ سېزىدىغانلىقىنى يېقىندا ئىسسپاتلاپ چىققان ، لېكىن يوقۇرقى ئايەتتە 1400 يىل بۇرۇن بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان .
ئاللاھ كائىناتتىكى نەچچە مىليونلىغان يۇلتۇزلارنى ،سامان يول سېستىمىلىرىنى يارىتىپ ، ئاخىرىدا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار ،قىيامەتكە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇڭلار دەۋەتسا ، ئۆزىگە بىر كۈننىڭ ئىچىدىكى 24 سائەت ئىچىدە بەش قېىتىم بىر سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ ئىگىلىپ قويمىغان بەندىنى ئاللاھ ئېتىراپ قىلارمۇ ئاتا ، ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاكامنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ، ھېچكىمگە ئىگىلمەيدىغان ئىنسان ئاشۇ ساۋۇتبەكنىڭ يېنىغا قانچە قېتىملاپ ساغىرىپ باردىڭ ، ئەجىبا تارىخىڭدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئاللاھ پەرھىز قىلغان جۈمەنامىزىغا دەسسەپ باقتىڭمۇ ؟ ۋاقىت يۇقمۇ ؟ ياق بار،
سەن شاھماتنى بەك ياخشى كۆرىسەن ، بۇبىر كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدىكى ، كاللاھ ئىشلىتىدىغان سىتىراتىگىيە ئويۇنى ئەمما شۇمەزگىللەردە شاھماتقا ئولتۇرساڭ سائەتلەپ،كۈنلەپ ئولتۇراتتىڭ ،ھېلىمۇ ھەم شۇنداق بۇنىڭغا ۋاقىت ، ئىنىرگىيە ، سالامەتلىك كېتەتتىغۇ ، ئەمىسە نامازغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ ؟ بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسەن ئاتا ، مەن دەيمەن ئاتا - ئەگەر بىر پادىشاھ قول ئاستىدىكىلەرگە بىر بۇيرۇقنى چۈشۈرسە ئۇنى ئېجىرا قىلماسلىققا كىمنىڭ ھەددى ، ئېجىرا قىلمىسا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ ، ، شۇنداققۇدەيمەن ، ئەجىبا پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىنسانلار نىمىشكە ئېجىرا قىلمايدۇ ، ئۇپادىشاھ بۇدۇنيادا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمىغاچقىمۇ ؟ لېكىن گۆردە ۋە قىيامەتتە ئۆلۈمدىنمۇ نەچچە – نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولغان ئازاپنىڭ بارلىقىنى ئۇلار بىلمەمدىغاندۇ؟
ئويلاپ باققىن : بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ 40 نەچچە ئوقۇغۇچىسى بولسا ، ئۇلارغا كۈندە ئورۇندايدىغان ۋەزىپە تاپشۇرسا بۇۋەزىپىنى 10 نەچچە ئوقۇغۇچى ئورۇنداپ باشقىلىرى ئورۇندىمىسا ، ئۇئوقۇتقۇچى قايسى ئوقۇغۇچىلىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرە؟ ئۇنداقتا ئاللاھچۇ ؟ نامازدىن ئىبارەت تاپشۇرۇقنى ئورۇندىغان بەندىلىرىنى ياخشى كۆرەمدۇ ، ياكى ئورۇندىمىغانلىرىنىمۇ ؟ نامازغا سالامەتلىك بېجىرىملىك تەلەپ قىلىنمايدۇ ، پەقەت ئەقلى ھوشى جايىدا ئادەم بولسىلا ئۇنىڭ 7 ئەزايى پۈتۈنلەي يوق بولسىمۇ ناماز ئوقۇشى كېرەك ، كىتابتا ئۇنىڭ قولايلىق ھەركەت شەكىللىرى بار ئاتا.
دادا گەپلىرىم قاتتىق كەتتى رەنجىمىگىن ، ئۇرۇق تۇققانلار سېنىڭدىن قورقۇپ ئەيىبىڭنى يۈزىڭگە سالمايتتى ، لېكىن مەن سالىۋەردىم ، مەن بىلىمەن سەن بىر ھەققانىيەتچى جەسۇر ئاتىسەن لېكىن ھەر ئىنساننىڭ ئەيىبى بولىدۇ ، ئۇنى ھېچكىم كۆرسىتىپ بەرمىسە ، ئۇنى قانداق تۈزىتىدۇ ، ئىنسان قانداق مۇكەممەللىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ ، مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكى ، پەيغەنبىرىمىز ‹‹ مۆئمىن ئۆئمىننىڭ ئەينىكى دېگەن ››.
ئۆتمۈشنى ئەسلىگىم كېلىۋاتىدۇ ، دادا مەن 6 ياش ۋاقتىمدا سەندىن چۈچۈك تىللىرىم بىلەن ‹‹ دادا خۇدانىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسەن؟›› دەپ سورىسام سەن ‹‹ ياق ئىشەنمەيمەن ›› دېگەن ئىدىڭ، ھېلىمۇ يادىمدا شۇ چاغدا مەن مەھەللىدىكى بالىلارغىمۇ ‹‹ مەن خۇداغا ئىشەنمەيمەن ›› دېسەم مېنى كاپىردىن ، كاپىرغا سېلىپ ئەيىپلەپ كەتكەن ئىدى . مانا بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھىدايەت يولىنى تېپىۋاپتىمەن ، ئاللاھنىڭ ‹‹ ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ ›› دېگەن ئايىتى مانا بۇ كىچىككىنە تەقدىرىم ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ .
10 نەچچە ياشلىرىمغۇ دەيمەن ، دەريا بۇيىغا چۆمۈلگىلى بارغاندا ،ياكى ئېتىزغا ئوينىغىلى بارغاندا يول تۆپىسىدىكى قەبرىلەرگە قاراپ ئويلىنىپ قالاتتىم ، ئادەم ئۆلسە مۇشۇ تۇپىراققا كىرىپ توپىغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتەرمۇ ؟ خېلى ئويلانغان بولساممۇ ئادەمنىڭ دۇنيادىن مەڭگۈ يوقاپ كېتىشىنى خىيالىمدىن قەتئىي ئۆتكىزەلمەيتتىم ، خۇددى ئادەم ئۆلسىمۇ ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەي چۈشتەڭ شەكىلدە ساقلىنىپ قالىدىغاندەكلا بىلىنەتتى ، مانا بۈگۈن قۇرئان ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن روھ ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى قىيامەتتە قايتا تىرىلىپ ، ئەمىلىگە قاراپ جەننەت ياكى دوزاققا ئايرىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم ، مىنىڭ ھېسسى تەپەككۈرۈم ھەرھالدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن خاتا چىقماپتۇ ، سىلەر ۋە ھەدىلىرىم مېنى بەك خىيالى دەيتتىڭلار ، مانا بۈگۈن بۇ خىياللىقىم مېنى ھىدايەت يولىغا يېتەكلەپتۇ ، قايسى مۇتەپپەككۇر ( ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ )‹‹دۇنيانى خىيالىلار يارىتىدۇ ›› دەپتىكەن ، مىنىڭ خىياللىقىم دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ ئۆزەمنى تونۇشۇمغا ياردەمدە بوپتۇ ، بەلكىم جوڭگۇ مائارىپى بىزدەك خىيالىلارغا ماس كەلمىگەن بولسا كېرەك . ئىدىسون ، ئىينىشتىنلار خىياللىقىدىن نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان مەن بولسام ھەرھالدا خىياللىقىم بىلەن ئۆزەمنى يارىتىپتىمەن ، ئەگەر توغرا مائارىپ بولغان بولسا بىزمۇ ئاللاھ يولىدا ئاز تولا ھەسسىلەرنى قوشار ئىدۇق . ئەمما شۇنى تەكىتلەيمەنكى ھەقىقەتنى تونۇمىغان ۋە ئەمەل قىلمىغان ئادەم ھەرقانچە داڭلىق بولۇپ كەتسىمۇ ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ ، گېپىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي غەرىپ پەيلاسوپلىرىنىڭ قۇرئاندىكى ئىسپاتلىغان مۆجىزىلىرىنى قوشۇپ يازسام تولىمۇ كۆپ ئىدى لېكىن خېتىم بەك ئۇزىراپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ .
ئەسلىدە سەن بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ، سۆھبەتلىشىشىنى تولىمۇخالايتتىم،لېكىن بىرىنچىدىن: دىننى نوقتىدىن پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقمايدىكەن ، ئىككىنچىدىن: سېنىڭ قۇلۇقۇڭ بەك ئېغىرلاپ كەتكەچكە ۋارقىراپ گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن ،بۇچاغدا جېدەللەشكەندەك كەيپىيات شەكللىنىپ ساڭا ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدىكەن ، شۇڭا بۇخەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم ، ،ئەگەر سەندىكى ھەققانىلىك سۈپەتلىرىگە ئاللاغا ئىشىنىش ، ناماز ئوقۇش، قىيامەتكە ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئەمەللەر قېتىلسا تېخىمۇ مۇكەممەللككە يۈزلەنگەن بولاتتىڭ ئاتا ، ئاللاھ ساڭا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، بىز بەندىلەرنىڭ قولىدىن پەقەت دەۋەت قىلىش ۋە سەۋەپ قىلىشلا كېلىدۇ ، ھىدايەت قىلغۇچى پەقەت ۋە پەقەت يەككە يىگانە ئاللاھدۇر . ...ئامىن.
|