- تىزىملاتقان
- 2011-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 25
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
8.33%
|
ھامىلدار ھەم يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىق تۇرمۇش بىلىملىرى
پايدىلىنىشىڭلار ئۇچۇن : ھامىلدارلىق ۋاقتىدا يەنى توغۇتتىن بۇرۇنقى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
(1) قۇرساقتىكى ھامىلىنىڭ ئالاھىدە يوغىناپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياخشى ئوزۇقلىنىش ،ئاز ئۇخلاش ،يىنىك ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش.
(2) قورساق ،كۆكسى ،يوتا ،سۆڭگەچ قىچىشسا تاتىلىماسلىق.
(3) ھامىلدار ئاياللار ئارشاڭغا چۇشۇش ۋە ھۇر مۇنچىسىدا ئۇزاق ھۇردانماسلىقى كىرەك.
(4) ھامىلدار ئاياللار ئائىلە سايمانلىرى يەنى مىكرۇ دۇلقۇنلۇق ئۇچاق،چاڭ تۇزان سۇمۇرگۇچ،توك ئەدىيال،تېلىۋىزۇر ۋە كۇمپيۇتېر،يان تېلېقۇن قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىكىنى ياكى ئاز ئىشلىتىشنى ئەسكەرتىدۇ(خەيدەي،موگونىڭ رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش رولى بار ھەم رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيىش،رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش يۈز مېيى ئىشلەتسىمۇ بۇلىدۇ.مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ بېرىڭ.
(5) ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم،قالايمىقان دورا ئىشلەتمەڭ،ئىشلەتكەندىمۇ دوختۇردىن مەسلىھەت سۇراڭ
(6) يېمەكلىكلەرنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.ھامىلدار ئاياللار پالەكنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك
(7) ئۆي ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ،پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يېتىڭ،ھامىلدارلار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە بالىسىغا پايدىلىق
(8) كىيگەن كىيىم كەڭ،ئازادە بولۇش،لىپتىك تاقىماسلىق،قورساقنى سىقىۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك لازىم.ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ،ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەر پاختا رەختتىن بولىشى كېرەك.
(9) ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنى ئېغىر، ئېغىرلىق مەركىزى تۇراقسىز بولغاچقا،بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
(10) ھامىلدار ئاياللارنىڭ قەھۋە ئىچمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈنمەس كۆزەينەك تاقىماڭ.
(11) تۇغۇتتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان ئاياللار بالا ئېمىتىش مەزگىلدە ،ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئەمچەك توپچىسىنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك .
(12) كۈن نۇرىغا قاقلىنىپ تۇرۇش لازىم.كۈن نۇرى تەركىبىدىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇش، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى تىزلىتىش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار.
بالىنىڭ تەربىيىلىنىشى ھامىلە تەربىيىسىدىن باشلانغان بولغاچقا ، ھامىلدارلىق مەزگىلدە ، دائىم مۇزىكا ئاڭلاش ، روھى كەيپىياتنى خوشال تۇتۇش كېرەك ، ئاچچىقلىنىش ، قايغۇرۇش ، ھەسرەت چېكىشتىن ساقلىنىش لازىم.
توغۇتتىن كىيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
(1) يىتەرلىك ئۇيقۇ ۋە دەم ئېلىش كىرەك.تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
(2) قايناقسۇنى كوپرەك ئىچىڭ،ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ،مىۋە-چىۋەلەرنى كۇپرەك ئىستمال قىلىڭ،ئەتىكەنلىك تاماققا ئەھمىيەت بىرىڭ،قەۋزىيەت بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ.
(3) ئانىنىڭ يەيدىغىنى سۈت ،تۇخۇم ،گۆش ،شورپا ،يەلسىز تۈگۈلگەن تاماق، تۇغۇپ بىر ھەپتە بولغاندا كاللا - پاقالچەك يېگەندە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق،
(4) ئاچچىق يېمەكلىكلەر يەنى ئاپېلسىن، پىياز، سامساق ۋە باشقا ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
(5) بالياتقۇنىڭ يۇقىرىغا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن كاسسا تەرەپنى سەل ئىگىزرەك قىلىپ تۈز يېتىپ ياخشى ئارام ئىلىڭ
(6) نورمال قېلىن كىيىنىڭ ،بوۋاققا كاسىسنى يىپىپ تۇرغىدەك پاختىلىق كەنجا كىيدۇرسە مەيدىسىگە سوغۇق ئۆتمەيدۇ ،كىندىكدىن سوغۇق ئۆتۇپ ئىچى سۈرۇپ قالمايدۇ.
(7) ئوماق بۇۋىقىڭىزنى ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بۈشۆكتە بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز،بۇشۇكتە بىقىلسا ساغلام،بىخەتەر بۇلۇپلا قالماي تۇرمۇش بىسىمى يۇقىرى بۇلغان ئاياللارنىڭ ئەڭ يىقىن ھەمراھ بۇلالايدۇ،بۇۋاقنىڭ ئۇيقۇسىنى تەڭشەپ سىزدىكى ھارغىنلىقنى يۇقىتىدۇ،سىزگە كۆپ قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ،
ھامىلدار ھەم يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى،دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى تۇغرىسىدىكى ماتىرىيال ئاز بۇلغانلىقى ئۇچۇن خانىم-قىزلىرىمىزغا سەمىمىي مەسلىھەت بىرىپ كىلىۋاتقان تۇردىخان ھەدىمىزنىڭ ھامىلدار،يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى،دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى تۇغرىسىدىكى چۇشەندۇرۇشلىرىنى ئاددىي ئىخچام قىلىپ يۇللاپ قۇيدۇم.
ئەگەر تەپسلىي بىلمەڭچى بۇلسىڭىز ياكى ئاخىرىدابۇۋىقىڭىزنى بېقىش جەھەتتە قىينالسىڭىز سىزگىمۇ سەمىمىي مەسلىھەت بىرىدىكەن.
تۇردىخان ھەدىمىزنىڭ نۇمۇرى 0991-8092051 ،تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينىدە چۇقۇم مەسلىھەت سۇراڭ.QQ:410139643
ھامىلدار خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئۇڭۇشلۇق يەڭگىشىنى،يېڭى تۇغۇتلۇق خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تىنىنىڭ تىزدىن ئەسلىگە كىلىشىنى،ئۇمىدى بۇلغان پەرزەنتىنىڭ ساغلام،ئەقىللىق چۇڭ بۇلۇشىنى تىلەيمەن.ھەممىمىزگە ‹ئىللىق ئائىلە› يار بۇلسۇن!!\
قالايمىقان ئۆزگەتمەڭ ھەم كۇچۇرمەڭلار، چالا يەرلىرىنى تۇلۇقلاپ قۇيارسىلەر رەھمەت |
|