قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3525|ئىنكاس: 13

ئۆڭۈك ئادالەت (پوۋېست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

2734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5441
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 593
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 02:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىن بىلىنەر.
               —خەلق ماقالى

بۇ ئالەمدە ھېچ نەرسە بەختسىزلىكتەك مۇكەممەل بولمايدۇ.
             —بالزاك «ساغرا تېرە»

 
         ۋىلايەتتە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشخانىسى» ھېلىدىن ـ ھېلىغا يېڭى مېھمانلار بىلەن تولۇپ تۇراتتى. ئاندا – ساندا كىشىلەر رەڭگىگە كۈلگە يۈگۈرتكەن ھالدا قايتىپ چىقسا، كۆپچۈلۈكى مەيۈس ۋە سۇلغۇن ھالدا قايتىپ چىقىشاتتى.

— ئىش شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ، «مۇزاكىرە، مۇزاكىرە» نېمانداق تۈگىمىگەن مۇزاكىرە بۇ؟!
— ئالتە يەردىن خەت، تونۇشتۇرۇش، ئىسپات ئېلىپ كەلسەم، يەنە تۆت يەرنىڭ چالا قاپتۇ دەيدۇ، قانداق گەپ بۇ؟
 ھېلىدىن - ھېلىغا غۇدىرىغان ئاۋازلار، نارازىلىق سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دېمىسىمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بالايى- ئاپەت ئاز بولمىغان ئادەملەرگە ۋابال قىلىپ، ناھەق دىلولار ئۆمۈچۈك تورىدەك چېگىلىشىپ كەتكەنىدى. بۇلارنى يېشىپ ھەقنى — ھەق، ناھەقنى — ناھەق قىلىپ ئايرىماق ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ـ تە!
       مەھىكىمىلەر جايلاشقان يوغان قورانىڭ ئىچىدىكى زىننەت ئورمانلىرى تېگىدە يىراق- يىراقلاردىن كېلىپ، ئايلاپ يېتىپ، دەۋا قىلىۋاتقانلار مىغىلىدىشاتتى، ئۇلار ۋەيران بولۇپ، نامراتچىلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان غېرىپ كەپىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مېھمانخانىلاردا يېتىشقا پۇلى يوقىدى. بەزىلەرنىڭ قايتىپ كېتىشكىمۇ پۇلى قالماي، چىرايلىرىنى سارغايتىپ ماغدۇرسىز ھالدا كۆلەڭگىدە يېتىشاتتى.
ئىشخانىغا كىرىپ چىققانلار سوغۇق گەپ ئاڭلاپ، يىلىمان، داڭقان پۇتى مۇئامىلىلەردىن كۆڭلى قېلىپ قايتىپ چىقسىمۇ، لېكىن «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سېلىپ» قېيداپ كېتەلمەيتتى. ئۇلار قايتا ـ قايتا ئىلتىماس قىلىشاتتى، يالۋۇراتتى، تەلەپ قىلىنغان ئىسپاتلارنى تېپىپ يەنە كېلىشەتتى، يەنە قانداق باھانىلەر كۆرسۈتۈلۈشىگە قۇلاق سالاتتى، جېنى قاشايدىغانلىرى ۋارقىرايتتى، تىللايتتى، بولدى قىلىپ قايتىپمۇ چىقاتتى، بۇ ئىش دەسلەپ ئىنسانپەرۋەرلىك قىلىش نوقتىسىدىن باشلىنىپ، بېجىرگۈچىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر خەيرىخاھلىق، ئېچىنىش تۇيغۇسى بىلەن چىن ۋە قېتىرقىنىپ ئىشلىگەن بولسا، بارا ـ بارا  «جاھاننىڭ رەپتايى» نى چۈشۈنۈۋېلىپ، ئىشقا ساختىپەزلىك ئارىلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. ئەسلىدە ئىش بىجىرگۈچىلەردىغۇ ئەيىپ يوقىدى، بىراق، ھەمىشە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىدىغان كاززاپلار بۇ ئىشتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئادەملىرىنى (يېزىدىكى تۇققانلىرى، خىزمەتسىز يېقىنلىرى، ۋاھاكازا) مۇشۇ پۇرسەتتە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ئاللىقانداق يالغان ئىسپاتلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ھەقىقىي دەرتمەنلەردىن چاپسانراق «سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ» كېتىشەتتى. ئىسپات بەرگۈچىلەر، ئىش بىجىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىدە تېنىمسىز گال — قوشۇقلاپ ئالسىمۇ توننىلاپ ئاشلىقنى يەپ تۈگىتىدىغان گال بولغاچقا ئۇلار «سوغات» ئۈچۈن «قولىدىن كېلىدىغان ياردىمى» نى ئايىماي بىرەر پارچە ئىسپاتنى يېزىپ بېرەتتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي دەرتمەنلەرگە نىسبەتەنمۇ ئەنە شۇنداق «سوغات» تەلىپى پەيدا بولۇپ، بۇ «يول»بىلمەيدىغان بىچارىلەر قىينىلىپ قېلىشقا باشلىغان كېيىنكى مەزگىللەر ئىدى.
    — قارى، سىلىنىڭ ئىشلىرىنى نېمە دەيدا؟ — دەپ سورىدى كۆلەڭگۈدە ياتقانلاردىن بىرى كارىدۇر ئىشىكىدىن چىقىپ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقان ئۇستىخانلىق، بۇلجۇڭ گۆشلىرى بۆرتۈپ چىققان، چىرايى ھېلىلا خامانلىقتىن كەلگەندەك قىزغۇچ قارامتۇل، چاچلىرىغا مەزگىلسىز ئاق كىرگەن كىشىگە قارىتىپ.
     — ھېچ نۆۋەت تېگىدىغاندەك ئەمەس، ئاغىنە، تاماكىلىرى بارمۇ؟ يېنىمدا بىر تىيىنمۇ پۇل قالمىدى، بالىلىرىم سەھرادا يېرىم ئاچ، يېرىم يالىڭاچ قالغان، ئۇلار نېمە ئىش تۇتۇۋاتقاندۇ، دېسىلە،... — ئۇسقانلىق كىشى تاماكا يۆگىگەچ سۆزلەيتتى، — ھەرھالدا مېنىڭ بۇ يەردە ساۋاقداشلىرىم، ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرىم كۆپ بولغاچقا، بىر ئاز قېلىنلىق قىلىپ بولسىمۇ نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭكىدە ئانچە ـ مۇنچە جان بېقىپ كېتىۋاتىمەن، لېكىن- زە، ياندا پۇل بولمىغاندىكىن ئالغان قەدەملىرىمۇ بوش، جانسىزدەك، يۈرەك پوك ـ پوك بولۇدۇكەن...
— سىلى بۇ يەردە چۆگىلەپ ژۈگىلى خېلى  بولدى، تېخى ئەھۋاللىرىنى ئېيتمىدىلىما؟
— ئىش بىجىرگۈچىلىرىگىغۇ ئېيتتىم، ئۇ خەق شۇ، ھېلىقىدەك يىلىمان گەپ بىلەن ئاغا تارتىپ تۇرىدۇ، چامامدا بىر نېمە تاما قلىشىۋاتسا كېرەك، مەندە نېمە بولاتتى؟ »كانايغا يوق، سۇنايغا نەدە؟« دېگەندەك گەپ-تە! مېنىڭ ھازىر كۈتۈۋاتقىنىم بۇلارنىڭ باشلىقى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ بېقىش...
— خۇدانىڭ بىر بۇيرىقى باردۇر، كەلسىلە، بۇ يەردە مۇڭدۇشۇپ ئوتتۇرىمىز، ئىنشائاللا، تاماكام بۈگۈن كەچكىچە راۋىرۇس يېتىدۇ.
ئۇلار شۇ يەردە كونا پاختىلىق چاپانلارغا يامپاشلاپ پاراڭغا چۈشتى، يېزىغا پالانغاندىن كېيىنكى كۆرگەن كۈنلىرى ھەققىدە، تارتقان رىيازەتلىرى ھەققىدە، دەسلەپ بارغاندا جىسمانى ئەمگەك ئېغىر كېلىپ ۋەزىپىنى پۈتتۈرەلمەي قىينالغانلىرى،... ھەممە نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلۈشۈپ كۈننى كەچ قىلدى.
      كەچكە يېقىن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر گۇمانلىق ئادەم ئايلىنىپ قالدى، ئۆزى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، يېڭى بايلاردەك راۋىرۇس كىيىنگەنىدى. ئۇ پات ـ پات دەرەخلىك ئىچىدە يامپاشلاپ ياتقانلارغا قاراپ قوياتتى. گىپى باردەك، ھېلىلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىدىغاندەك قىلاتتى- يۇ، يەنە چۆرگىلەپ نېرى كېتىپ قالاتتى. يامپاشلاپ ياتقان دەرتمەنلەر ئۇنىڭ بىركىمنى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى قىياس قىلغان بولسىمۇ، بىرىنچى بولۇپ گەپ سوراپ بېقىشقا ئېغىرلىق قىلدى.
    مەھكىمىلەر ئاللىقاچان ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەنىدى. يوغان گەۋدىلىك كىشى ئورنىدىن تۇردى.
— بۈگۈن بىر تونۇشۇم ئۆيگە كېلىپ كەتكىن دېۋىدى... —دېدى ئۇ تەقدىردىشىغا قاراپ،— سىلىمۇ تونۇملىكىن، مەتتۇردى، ساقچى. ئىلگىرى بىزنىڭ ناھىيىدە ئىشلىگەن، خىزمەتدىشىم ئىدى، مەن ھېلىقى كۈنلەرنى كۆرۈپ سەھرادا يۈرگەن چاغلاردا ۋىلايەتكە يۆتكۈلۈپ كەپتىكەن، شۇ ئاغىنىمىز كەچتە كېلەرسەن دېۋىدى،... — ئۇ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ يامپاشلاپ ياتقان ھەمراھىغا ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن،— ژۈمەملا بولمىسا، بىللە بېرىپ كېلىلى،... — دېدى.
— خوش، سىلى بېرىىپ كەلسىلە، «ئۆزەم پاتمىغان كاماغا، غەلۋىر باغلاي قوڭامغا» دېگەندەك ئىشنى قىلمايلى، رەخمەت، ياخشى كۆڭۈللىرىگە، پاتراق كەلسىلە پاراڭلىشىپ ياتىمىز.
— خۇدا بۇيرىسا،... بىر بولسا قونۇپ قالارمەنمىكىن...
ئۇ كەتتى، ئۇ كېتىشى بىلەنلا ھېلىقى ئالىپتە كىيىنگەن، «ئالالمىغان سادەك» ئايلىنىپ يۈرگەن كىشى يامپاشلاپ ياتقان كىشىنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كەلدى.
— يەنجىمىشىلە، ئاكا، بى گەپ سوراي دىۋىدىم... —ئۇنىڭ تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشى تازا توغرا ئەمەس ئىدى.
— سورىسىلا، مەنمۇ سىلىنى ھەقىچان بىژنېمە سورىماقچى دەپ تۇغانتىم.
— ھېلى بۇ يەردىن كەتكەن كىشى تونۇشلىرى بولامدۇ؟
— ئىلگىرى تونۇشمايتۇق، خۇدا تەغدىرىمىزنى ئوخشاش قىلغانىكەن، مۇشۇ يەدە سۆرىلىپ ژۈگەن جەرياندا تونۇشۇپ قالدۇق، قانداق دەيلا؟
— ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئابلەي ئەمەستۇ؟
— شۇنداق، شۇنداق دېگەنىدى.
— ئىلگىرى ساقچى بولغانمىكەن؟
— ھە، ھە، شۇنداق ! سىلى؟...
— ئۇ قاياققا ماڭدى؟ بىلەملا؟
— ئۇ بىر دوستىنىڭكىگە... مەتتۇردى دېگەندەك قىلىدىغۇ دەيمەن.
— شۇ، ئەمسە شۇ! مەتتۇردى! خەير، سىلىنى مالال قىلدىم،— يوچۇن كىشى ئالدىراپ كېتىپ قالدى.

***
 
ئەتىسى قاق سەھەردىلا كارىدۇر ئىشكىدە تەقدىرداشلار ئۇچرۇشۇپ قالدى.
— ئاخشام كېلەلمەي قالدىم، —دېدى ئابلەي ئەيىپكاردەك،— بۈگۈن نەدىن بولسا باشلىق بىلەن كۆرۈشۈمەن دەپ، سەھەر كېلىۋاتىمەن.
— تاماكا چېكەملا؟ ئاخشام ھېلىقى ئەگىپ ژۈگەن بايۋەچچە سىلىنى سورىغانىدى ئۇچراشتىلىما؟
— ياق، ئىشى بولسا يەنە ئىزدە، ماقۇل ئەمسە... — ئۇ ئىزلىگەن ئادەمنىڭ كىملىكىگە ئېرەن قىلمىغان بولۇۋالدى. تەقدىردىشىنىڭ سۆزى ئۇنىڭ خىيالىغا ئاخشام مەتتۇردى دېگەن گەپلەرنى كەلتۈرۈپ، كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ قويدى، مەتتۇردى ئۇنىڭغا «ئۆمەر ھازىر ئىدارە باشلىقى بولۇپ قالدى. سېنىڭ ئىشىڭنىڭ ئاقلىنىپ چىققىنى ئۇنىڭ ئىناۋىتى ئورنىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا ئۇ قارشى ھەرىكەت قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمەس، ئىشقىلىپ سېنىڭ ئىشىڭ كاشال، ئاغىنە، مېنىڭ ھېچ كۆزۈم يەتمەي تۇرىدۇ،... ھەرھالدا ئانچە بەك داۋراڭ قىلماي يول ماڭارسەن...» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانىدى.
ئۇلار شۇ تەقلىدتە خادىملارنىڭ ئىشقا چۈشۈشىنى كۈتتى خادىملار ئىشخانىلىرىنى ئېچىشى بىلەنلا گۈلدۈرلۈشۈپ ئارقىدىنلا كىرىشتى، ئابلەي باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا، ھەمراھى ئىش بىجىرگۈچىلەر ئالدىغا كىرىپ كەتتى. ئابلەينىڭ كۆڭلىگە بىر خىل دەرماننى سۇسلاشتۇرغۇچى تۇيغۇ چاڭگال سېلىۋالغانىدى. نىھايەت باشلىق ئىشخانىسىغا بىرلا ۋاقىتتا بىر توپ ئادەم كىرىۋالمايتتى. شۇڭلاشقا ئابلەي ئۈچۈن قولاي پۇرسەت كەلدى.
— ئولتۇرسىلا،— باشلىق ساپانى كۆرسۈتۈپ قويۇپ، ئۆزى شىرەنى سۈرتۈش، ئاللا نېمىنى ئاختۇرۇش بىلەن بولۇپ، ئۇنى تازىمۇ تەقەززا قىلدى. ئاندىن بىر تال سۈزگۈچلۈك تاماكىنى ئاغزىغا قىستۇرۇپ تۇتاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىرىماي جايىغا كېلىپ جايلاشتى ۋە ئۆز دەۋاگىرىگە بۇرۇلۇپ قارىدى،— سىلىنىڭ ئىسىملىرى نېمە ئىدى؟
— ئىسمىم ئابلەي.
—  ھە،... ئابلەي، ئابلەي... خوش، نېمە ئىش بىلەن كەلدىلە؟
— ھېلىقى، شۇ، خەقنىڭكىدەك، مېنىڭمۇ شۇ، بىر داۋا ئىشىم بار ئىدى،— ئابلەي ھە دېگەندە مەڭدەپ كەتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئاساسى جەھەتتىن سەھرالىققا ئايلىنىپ بولغان، ۋۇجۇدىدا ھۆكۈمەت مەھكىمىلىرىدە قورۇنۇدۇغان ئالەمەتلەر پەيدا بولغانىدى،— شۇ ناھەت دىلو- دە! شۇ ئىش بىلەن...
— ھە، قانداق دەۋا دېدىلە؟
— ناھەق دىلو... مەن ئىلگىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ رازۋىتكا بۆلۈمىدە ئىشلەيتتىم، ھە، ئەلۋەتتە ۋىلايەتتە ئەمەس، ناھىيىدە، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ...ـ ئابلەي سەل ئۆزىگە كېلىپ، ئالدىرىماي سۆزلەشكە باشلىدى،— يامان ئەمەس رازۋىدچىك ئىدىم، كېيىن... شۇ «كەلمىگەن سودىگەرچىلىك» دېگەندەك ئاق يەردىن بالاغا ئۇچراپ...
— خاتالىشىپ قالغانمىدىلە؟ نېمە بولغان؟
— ئىشقىلىپ خاتالاشتۇرۇشتى، داۋايىم ئاقمىدى، ھايت- ھۇيت دېگۈچە ئۈچ يىللىق كەستى، ئائىلەمنى يىراق بىر يېزىغا تارقاقلاشتۇرۇۋەتتى، تۈرمىدىن چىقىپ شۇ يېزىغا باردىم، يەتتە يىلدىن بېرى شۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن، ئىش دېسە ئىشخانىدا ئولتۇرۇدۇغان ئىش دەپ قالمىسىلا، كەتمەن چاپتىم، تۈگىمەس ھاشار!...
— نېمە گۇناھ  قويغانتى؟
— نېمە گۇناھىم بولاتتى، شۇ، خاتانى توغرىلىغان، ناھەقنى ھەق قىلغان، بىر ئادەمنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان جايىدىن قۇتقۇزۇۋالغان گۇناھىم بار! ئۇلارنىڭ ماڭا ئارتقىنى «خەلق سودىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى، قانۇنسىز ھالدا ماشىنا بۇلاپ،... جىنايەتچىنى ئېلىپ قاچتى... » دېگەندەك شۇ، ئىشقىلىپ تاغاردا بىر!
باشلىق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قىزىقىپ قالدى، چۈنكى بۇ سۆزلەر تولىمۇ قارىمۇ – قارشى، غەلىتىدەك قىلاتتى.
— نېمە؟ نېمە؟ نېمىلەرنى دەۋاتىلا؟ تەپسىلىراق سۆزلەپ باقسىلىچۇ؟ نېمە گەپ بۇ؟ — باشلىق دەرھال يانچۇقىنى كوچىلاپ ئىلتىپات كۆرسۈتۈپ ئابلەيگە بىر تال سىگارت تۇتتى، دېمىسىمۇ بۇ بەختىيار سوتسىيالىستىك دۆلەتتە، ساقچى بولغان بىر ئادەمنىڭ »ماشىنا بۇلىغان«نى، يەنە تېخى »جىنايەتچىنى ئېلىپ قاچقان«نى خۇددى »مىڭ بىر كېچە« چۆچەكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىش بولۇپ، بۇلار قىزىقارلىق بولغىنى بىلەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىشلار ئىدى، — سىلىگە ئارتىلغان »جىنايەتچىنى ئېلىپ قاچقان« دېگەن جىنايەتتە ئاشۇ ئۆزلىرى دەۋاتقان ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان جىنايەتچىنى ئېلىپ قاچقاننىڭ گېپىمۇ؟ ياكى باشقا بىرسىمىدى؟
— شۇ، دەل شۇ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان جىنايەتچىنى ئېلىپ قاچقانتىم.
— توۋا، دېسىلە، — دېدى باشلىق رەسمىي قىزىقىپ، — ئۇنى سىلىگە ساقلىتىۋاتقان پۇرسەتتە ئېلىپ قېچىپلا-دە؟ ئۇ بۇرۇنقى بايلاردىن بىرى بولغان بولسا، سىلىگە كونا مازارلىققا كۆمۈپ قويغان كوزىنىڭ گېپىنى قىلغان بولسا ھەقىچان، نەپس شەيتان، مال-دۇنيانى دەپ،... ھەي، كىم ئازمايدۇ شۇ ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىت يېمەيدىغان پۇلغا...
— نېمە دەيدىغانلا، ماڭا دەپە-دۇنيا ۋەدە قىلغان ئىشمۇ يوق، ئۆزى يالاڭ تۆش بىر دىھقان ژىگىت ئىدى، ھىچكىم ئۇنى ماڭا ساقلاشقىمۇ بەرمىگەن. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەيداندىن ئېلىپ قاچتىم. قىلنىڭ ئۈستىدە قالغان بىر پەيتتە دېسىلە، يەنە كېلىپ!
— نېمە دەيدىغاندۇ ما ئادەم! ھە، گەپ قىلسىلا، چۈشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مېنى ئاۋارە قىلمىسىلا ھەر ھالدا، جۇما؟ توختىسىلا، — باشلىق ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىككە مېڭىۋىدى، ئابلەي قورقۇپ كەتتى، بۇ ئادەم مېنى چىقىرىۋېتەمدىغاندۇ، دەپ ئويلىغانىدى، باشلىق ئىشكنى رەسمىي ئىچىدىن قۇلۇپلاپ قويۇپ ئورنىغا قايتىپ كېلىپ ئولتۇردى، — ھە، ئەمدى باشلىسلا، قېنى، قۇلقۇم سىلىدە، — ئۇ بۇ ھىكايىگە ھەقىقەتەنمۇ قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئابلەي سىگارتنى تۇتاشتۇرۇۋېلىپ، ھۇزۇرۇلۇنۇپ بىر تارتىۋالدى- دە، گەپ باشلىدى:
— بۇ مۇنداق گەپ:


بىرىنچى باب. جىددى تېلىفون
 

      مەلۇم ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىژۇرنى بۆلۈمىدە بىر مۇنچە ياش ساقچىلار قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا بۇ تەقلىدتە ئولتۇرۇشلىرى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇلار ۋەزىپىلىرىنى ئالدىراپ ـ تىنەپ، قول ئۇچىدىلا «تەپمە ھالال» قىلىشاتتى ـ دە، پاراڭ ئۈچۈن ۋاقت ئاشۇراتتى.
        ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگىنىگە بىر يېرىم يىلچە بولۇپ قالغان ئابلەي ئاللىقانداق روھى خۇمارلىق ئىچىدە ياشايتتى. ھاردۇقى چىقمايۋاتقاندەك ئېغىر ـ ئېغىر تىناتتى. ئۇنىڭ بەيگە مەيدانىدا راسا چېپىپ چەۋاندازلىق ماھارىتى كۆرسەتكۈسى بارىدى ـ يۇ، ئەمما ئۆزى تار قەپەزگە ئوخشاش مۇھىتتا سىقىلىش ئىچىدە تۇراتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ پۇخادىن چىقماي كۆڭۈل خاھىشى چالا قىلىۋاتقان ئادەمدەك ھامان كەڭلىكلەرگە تەلپۈنۈپ تۇراتتى.
ئۇ شۇ تاپ بىكارچىلار توپىدا ئۇلارنىڭ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ ئىچىدە قارت ئوينىشىغا قاراپ، بۇلۇڭدا ئولتۇراتتى. بەزىلەر ئورۇندۇق يېتىشمىگەنلىكتىن شىرەنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، قىستىلىشىپ ئولتۇرۇشقاچقا، ئابلەيگە ئوخشاش ھەم پەستە، ھەم بۇلۇڭدا ئولتۇرغانلارنى كۆرگىلىمۇ بولمايتتى. ئابلەي جەينىكىنى شىرەگە تايىنىۋېلىپ، ئالقىنىدا چېكىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، مەكتەپ ھاياتىنى ئويلاپ كەتتى. ئۇ چاغلاردا ئۇ ئەلا ئوقۇغان، غايىسى ئۇلۇغ يىگىت ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھولمېسى بولۇپ چىقىشنى خىيال قىلاتتى. بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنى «گەپنى بەك يوغان قىلىۋەتتىڭ، بۇنىسى پوچىلىق بولارمىكىن» دېيىشكىنىدە، ئۇ ناپالىئوننىڭ «مارشال بولۇشنى ئويلىمايدىغان ئەسكەر — ياخشى ئەسكەر ئەمەس» دېگەن سۆزى بىلەن رەددىيە بېرەتتى. بىر جەڭچىدە مارشال بولۇشتەك بۈيۈك نىشان بولغاندىلا ئۇ جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ جەڭ قىلىدۇ، نىشاننىڭ يۈكسەكلىكى كىشىدە تىرىشچانلىق، سەۋر ۋە چىدام پەيدا قىلىدۇ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ....
      ئۇ خىزمەتكە چىققان ھامانلا ئۆزىنىڭ غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت ئازلىقىنى ھىس قىلدى. قابىلىيەتسىز كىشىلەر شوئارنى كۆپ توۋلاپ باشلىق بولۇۋېلىشقان، قولىدىن ھەقىقىي ئىش كەلمەيدىغان بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا يول قويۇشمايتتى. خۇددى ئەقلى ۋە كۈچى بىلەن شەھەر بىنا قىلغانلار شەھەر پۈتكەندە پۇخرا بولۇپ، ئاغزىدا شەھەر سالىدىغانلار شەھەرنىڭ تۆرىگە چىقىپ ( ھاكىم بولۇپ) لېنتا كەسكەندەك، بۇ يەردىمۇ ئەنە شۇنداق ئىدى. قانۇن ئىجرا قىلىدىغان بۇ ئورۇندا قانۇنسىزلىق جەمئىيەتتىكىدىنمۇ ئېغىرىدى. خۇددى كارۋانلارنىڭ ئادىتىدىكىگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈدۇغان قاۋۇل تۆگىلەر پاكار ۋە نىمجان ئىشەكلەرنىڭ قۇيرىقىغا چېتىپ قويۇلاتتى. بۇنداق مۇھىتتا ئۇ ئەگەر بىرەر يېڭىلىق ياراتسىمۇ ـــ مۇرەككەپ دىلولارنى يەشسىمۇ شەرەپ «يول باشلىغۇچى» نىمجان جانۋارغا مەنسۇپ بولاتتى.
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇ بىر قانچە دىلونى پاش قىلىشقا قاتناشتى لېكىن «پىشقەدەم» ياكى «تەجرىبىلىك» كونا رازۋىدچىكلارغا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىدى. «تەجرىبىلىك»لەرنىڭ ئاڭسىز ۋە نادانلىقى، قوپال ۋە بولۇمسىزلىقى تۈپەيلى، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان... ئاخىرىدا بۇنىڭ «ھەشقاللىسى» ئۇنىڭغا تەگمىدى.
     تېلىفوننىڭ قاتتىق جىرىڭلىشى ئابلەينىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. قارت ئويناۋاتقانلار، پاراڭ سېلىۋاتقانلارمۇ ئىتتىك تېلىفون ئاپپاراتى تەرەپكە قاراشتى.
— ئاناڭنى!... ئەجەب چۆچۈپ كەتتىما، قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەكلا...
— دېسەم ـ دېمىسەم بىر يەردە بىر ئىش بولدى.
تېلىفونغا يېقىن ئولتۇرغان بىرى تىرۇپكىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ «ھە، ھە» دەۋاتقاندا باشقىلار شاۋقۇن بىلەن ئۆز پەرەزلىرىنى سۆزلۈشۈۋەردى.
— خۇشياقمىغاندا بۇ نەدىن كەلگەن تېلىفون بولدى، دەڭلا...
— نېمە دەيدۇ؟ دېمەمسەن.
— توختا، ھە، ھە، ماقۇل، مەن بۆلۈم باشلىقىغا ئېيتاي،— تېلىفوننى ئالغۇچى تىرۇپكىنى قويۇپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى ۋە ئىشىك تەرەپكە كېتىۋىتىپ،— دىلو، قاتىللىق دىلوسى! تالتىرەك يېزىسىدىن كەپتۇ، بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈپ چوڭ يولغا تاشلاپ قويۇشۇپتۇ!... — ئۇ چىقىپ كەتتى.
ئەمدى قارتمۇ، پاراڭمۇ توختىدى، ئۇلار بۆلۈم باشلىقى ھېلىلا كىرىپ كېلىپ ئىشقا بۇيرۇيدۇ دەپ ئويلاپ، مۇشۇ ھەقتە غۇلغۇلا قىلىشىپ، كۈتۈپ ئولتۇرۇشاتتى.
ئابلەي ھامان رومانتىك خىياللارغا بېرىلىپ، ئۆزىنى شېرىن ئويلىرى بىلەن بەزلەشكە ئادەتلىنىپ قالغاچقا، بۇ خەۋەر ئۇنىڭدا يەنە خىيالى كارتىنىلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى.
       «ئەگەر بۇ دىلو ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ـ مەن دېگەنلەرمۇ پاش قىلالمىسا، ئاخىر ئۆزەم پاش قىلىپ چىقسام... ئەنە شۇ چاغدا ئۆمەردەك نېمىلەرنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كېتەرمىدى؟... باشلىق دېگەن پوق قوساقمۇ شۇنىڭدىن كېيىن ›ۋاي ئابلەي‹ دەيدىغان بولار ئىدى. ھە دېسە ›ئىنقىلابى پىشقەدەم يولداش ياكى تەركىۋى ساغلام، ئىدىيىسى قىزىل، پارتىيە ئۆزى تەربىيىلىگەن ئىنقىلابى يولداشلار باشلامچىلىق، ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىشى،... ‹ ۋاھاكازا دەپ، ھەممە ئىشتا ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغانلارنى ئىشنىڭ بېشىغا قويۇدۇغان ئادىتىنى تاشلارمىدى؟ ھەي، خۇدا،  كونىلار دەيدىكەن، ›بۇ دۇنيادا ئادالەت يوق، بار دېسەكمۇ سەن كۆرگەنچىلىكلا، شۇڭلاشقا خۇدا باقى دۇنيادا جەننەت بىلەن دوزاقنى تەييارلاپ قويغان، پانىيدا ئادىللىق بولسا ئۇنىڭ ھاجىتى بولماس ئىدى‹... راست، دېگەندەك، قاچان ئادەمنىڭ مەنىۋى قىممىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش، كەسپىي ئىقتىدارىغا قاراپ ئىشقا قويۇش بولۇدۇغاندۇ؟...»
       ئابلەي ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەر، باشلىقلارنىڭ خۇشامەت تاما قىلىشى، ئۇنى بىجا كەلتۈرمىگەنلەرنى بىر ئامال قىلىپ چېقىۋېلىشقا، پۇتلاشقا تىرىشىشلىرى كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، تېلىفون خەۋىرىنى بۆلۈم باشلىقىغا يەتكۈزۈشكە چىقىپ كەتكەن ساقچى قايتىپ كىردى.
— ئېيتتىڭمۇ؟ ئۇلار كىمنى ئەۋەتكۈدەك؟
— كىمنى ئەۋەتىش تېخى ئەتتىگەنكى گەپ، ھازىر ئۇلار جىددى يىغىن چاقىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئىدارە باشلىقى بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ ئاۋال ياچايكا يىغىنى، ئاندىن دىلونى قانداق قىلىمىز دېگەندەك ئىشلار ھەققىدە يەنە بىر نېمە يىغىنى ئاچقۇدەك.
—  قېنى ئەمسە، بىز قارتىمىزنى ئويناۋەرسەكمۇ بولغۇدەك.
— راست، ئۇلار يىغىنىنى بىر كۈنسىز تۈگەتمەيدۇ، ئەمدى تامامەن خاتىرىجەم بولۇشقا بولۇدۇ.
»راست، دەپ ئويلىدى ئابلەي يەنە خىيالغا پېتىپ،— ئۇلار يىغىننى بىر باشلىۋالدىمۇ، بولدى، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، گېزىتلەرنىڭ بىرىنچى بەتلىرىگە بېرىلىدىغان «مۇھىم ماقالە» لاردىكى سۆزلەرگە ئوخشاش، بىر تەرتىپتە تىزىۋېلىنغان سىياسى گەپلەرنى بىلجىرلىشىدۇ...»
— مېنىڭچە، بۇ سىنىپى كۆرەشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن...ـ  دەيتتى بىرى گويا بىر پەيلاسوپتەك، يېڭى بىر نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندەك ياكى ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە بىر كەشپىيات يارىتىپ ئېلان قىلىۋاتقاندەك كىبىرلىنىپ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ سۆزلەر ئاللىقاچان كۈچىنى يوقاتقان، تولا تەكرارلاش نەتىجىسىدە تەسرىمۇ قالمىغان كونا موقام ئىدى.
— توغرا، پىكرىڭىز ئورۇنلۇق! بۇ سىنىپى كۈرەشنىڭ يېڭى يۈزلۈنۈشى...
— بىز ئاممىنى دادىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىچكى- تاشقى ئاغدۇرمىچىلارنىڭ، سىنىپى يات ئۇنسۇرلارنىڭ، كونا- يېڭى بۇرژۇئازىيە داشقاللىرىنىڭ ... بۇزغۇنچۇلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ...
—قەتئى نىيەتكە كېلىپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي...
— ھە، قېنى يولداشلار، ئىپادە بىلدۈرەيلى،— دەيتتى. باشلىق گويا ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىن ئۈستىدە تۇرغاندەك،—  ھەربىر يولداش ئىپادە بىلدۈرۈپ باقسۇن، قانداق قىلىمىز؟
بۇ ئىپادىلەرمۇ ھەرقاچان تەكرارلىنىپ تۇرغان، سىلىقدىنىپ كەتكەن كىتابى سۆزلەرىدى، ئەلۋەتتە. نىھايەت بۇ رەسمىيەتلەر تولۇق ئادا قىلىنمىغىچە گويا ئىشقا كىرىشكىلى بولمايدىغاندەك قىلىشاتتى. بۇ قۇرۇق گەپلەر تولۇق بىر كۈننى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا سەل ئەمەلىيرەك مەسىلىگە،— «كىمنى ئەۋەتىش كېرەك؟» كە — كېلىشەتتى. ئەمما بۇ «ئەمەلىي ماددا» مۇ نۇرغۇن «ئىنقىلابى نەزەرىيە» لەر بىلەن بېيىتىلىپ، يەتكۈچە لاۋزىلاشتۇرۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قارار چىقىرىلاتتى.
— ئابلەي بېرىپ كەلسۇنمىكىن،...
— مېنىڭچە، ئابلەينىڭ كەسپى بىلىمى مول بولغىنى بىلەن سىنىپى كۈرەش ئاڭلىقلىقى يوقۇرى ئەمەس، ئۇنىڭ تېنىدىن ئاق ئىقتىساسلىقلارنىڭ بىر خىل پۇرىقى كېلەمدۇ قانداق؟...
— توغرا، مەن بۇ پىكرىگە قوشۇلۇمەن، مېنىڭچە ئۆمەرنىڭ بارغىنى ياخشىراق، نېمىشقا دېگەندە ئۇنىڭ مەيدانى ئېنىق، كۆزى روشەن، تەركىۋى ساغلام،...ـ  ئۇنىڭ بىر مۇنچە ئارتۇقچىلىقلىرى كۆرسۈتۈلەتتى،— شۇڭلاشقىمۇ مۇشۇنداق بىر يولداش مەسئۇل بولسا بۇ ئىش تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ بولمامدۇ، بولمىسا ئابلەي ئۇنىڭغا ياردەملەشسۇن...
       ئابلەي يىغىنلارنىڭ ئەنە شۇنداق تەرتىپتە ئېچىلىپ، ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ بۇنداق يىغىنلاردىن شۇنچىلىك بىزار ئىدىكى، كۈن بويى ھەجىۋى قىلىپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا شاڭخوغا قالدۇرغۇسى، مەسخىرىگە كۆمۈۋەتكۈسى كېلەتتى. بىراق، چىدىماي نېمە ئامال؟
ئۇ خىيالدا باشقىلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە ئۆزىمۇ قاتنىشىۋاتقاندەك ھەممىنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ قاچان تۈگەپ، نەق مەيدانغا قاچان يولغا چىقىش مۇمكىنلىكىنىمۇ تەخمىن قىلدى. چۈنكى بۇنداق تەخمىن قىلىش، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش بىر رازۋىدچىكنىڭ تەبىئى خۇسۇسىيىتى، كەسپى ئادىتى ئىدى، ئەلۋەتتە.
كەچقۇرۇن باشلىقلار يىغىندىن چىقىپ، نۆۋەتچىلەر ئىشخانىسىغا رازۋىد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىرىپ كەلدى.
— ئۆمەر! سەن ھېلىقى قاتىللىق دىلوسىنى پاش قىلىشقا مەسئۇل قىلىندىڭ، ئابلەي ساڭا ياردەملىشىدۇ.
— قاچان ماڭىمىز؟
— ئىشقىلىپ ئەتىگىچە يېتىپ بارساڭلا بولۇدۇ، بۇنى ئۆزەڭ بەلگىلە!
       ئابلەي يەنە «تۆگىنى ئىشەكنىڭ قۇيرىقىغا چېتىپ قويۇپتۇ» دەپ ئاغرىنغان بولسىمۇ، قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان ئىشخانىدىن كائىناتنىڭ قوينى — ئۇنىڭ ھەقىقى خىزمەت ئورنى بولغان جەمىيەت ياخشىراق بولغاچقا، بىر تەرىپىدە خۇشالمۇ بولدى.
ئۇنىڭ قېشىدا تۇرغان تېخنىكا بۆلۈمدىكى دوستى ۋە ساۋاقدىشى مەتتۇردى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك ئۇنى ئاستا نوقىدى ۋە ئۆمەرنى زاڭلىق قىلغاندەك ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى. ئىككىسى ھامان غۇملىرىنى ئورتاقلىشىپ تۇرغاچقا بىر ـ بىرىنى ئوبدان چۈشۈنەتتى.
ئابلەينىڭ شۇ تاپتىلا مېڭىپ كەتكۈسى بار ئىدى، بىراق ئۆمەر سائىتىگە قاراپ قويۇپ:
— بۇ چاغ بولغاندا ئىش ئاقمايدۇ، ئەمدى بىراقلا ئەتە ماڭغىنىمىز ياخشىراق، ئەتە سەھەردىرەك كېلەرسەن،— دېدى كۆرەڭلىك بىلەن.
ئۆمەر ئابلەي بىلەن تەڭتۈش كېلەتتى. بىراق ئۇياخشى ئوقۇمىغاچقا تولۇقسىزدىنلا چىقىپ كېتىپ جەمئىيەتتە يۈرگەن ۋە كېيىن دادىسىنىڭ يۈز خاتىرىسى بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشقانىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ خىزمەت سىتاژى ئابلەينىڭكىدىن ئۇزۇنراق، «تەجرىبىسى مولراق»، ئىككىنچى ئەۋلاد «پىشقەدەم» لەردىن، مىجەزى بولسا ئالدىراڭغۇراق ئىدى.
ئابلەي ئەتىسى سەھەردىلا ئىدارىغا كەلگەنىدى، بىراق ئۇنى سەھەر كېلىشكە تاپىلىغان ئۆمەر ئۆزى ساق بىر سائەت كېيىن كەلدى. ئابلەي بارلىق جىمخۇر، ئىچى كۈچلۈك ئادەملەرگە خاس ئېغىرلىق بىلەن ئۇنىڭ بۇ قېلىقىنى يۈزىگە سالماي، ئىچىگە سىڭىرىۋەتتى.
— بەرىبىر شوپۇرنى ساقلايدىغان گەپ، دەپ ئەمدى كېلىشىم،— دېدى ئۆمەر ئۆزىنى ئاقلاپ،— مانا تېخى كەلمەپتۇ، ئەتتىگەندە كەلگەننىڭ پايدىسى يوق ئىدى -دە!
— ھوي، سىلەر نېمە بۇ يەردە لەلەڭلەپ يۈرىسىلەر؟— دېدى ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن بىرى،— تېخى نەق مەيدانغا ماڭمىدىڭلارمۇ؟
— ماشىنىنىڭ شوپۇرى كۆرۈنمەيدىغۇ؟ شۇنى ساقلاپ تۇرۇپ قالدۇق،— دېدى ئۆمەر باشلىقلاردەك يوغانچىلىق بىلەن.
— ئۇ دېگەن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئايالىنى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىلى كەتمىدىمۇ؟ ساقلىغىنىڭلار بىكار، كەچكىگە ئاران كېلىدۇ، كىرا ماشىنىسىدا بېرىڭلار.
ئابلەينىڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى مۇشۇ ئىدى. بىراق ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، چىشىنى چىڭ چىشلەپ قويدىيۇ، قايناپ كەتمىدى. بىراق، »ماشىنا بىلەن بېرىپ ئىناۋەت قازىنالماسلىق» باشلىقلىق  شەنىگە تەگكەن ئۆمەر، شوپۇرنى بىر مۇنچە سۆكۈپ، بىزگە دەپ قويماپتۇ دېگەندەك ئاغرىندى، ئەمما ئىدارە باشلىقىغا ئىۋەن قويمىدى.
—  قانداق قىلدۇق ئەمدى؟ تازا نەس باستىغۇ بىزنى، ئەتتىگەندىلا كېلىشمىدى بۇ ئىش، ئاخىرى نېمە بولاركىن... — دېدى ئۆمەر.
— تۇرغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەمدى كىرا ماشىنىسى بىلەن بارايلى ياكى بىزمۇ قانداق قىلىش توغرىسىدا يىغىن ئېچىۋالامتۇق؟— دېدى ئابلەي تەلەتىنى سۈرلۈك قىلىپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئېغىز سۆزى ئىدى.
      بۇنداق تىپتىكى دىلولارغا مانا شۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇلاتتى. ئومۇمەن سىياسىي تۈسى بولمىغان جىنايى ئىشلار ساقچىلارنى ئەندىكتۈرۈۋەتمەيتى. ئۇلار خۇددى نېمە بولسا بولمامدۇ، دېگەندەك ئېرەڭشىمەي مۇئامىلە قىلىشاتتى. گويا ئۇلار ئەسلىدە پەقەت سىياسىي تۈستىكى ئىشلارغىلا مۇئەككەل قىلىنغان، باشقا ئىشلارنى قىلىش-قىلماسلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە باغلىقتەك پوزىتسىيە بىلىنەتتى. شۇنداقلا بۇنداق دېلولار قول ئۇچىدىلا ئىشلىىپ بەك تۈجۈپۈلۈنۈپ كەتمەيتى.
 

ئىككىنچى باب.  نەخ مەيداندىكى تەكشۈرۈش
 


        ئۇلار تالتېرەك يېزىسىغا يېتىپ كەلگەندە چۈش بولۇپ قالغانىدى، ئۇلارنى دادۈي رەھبەرلىرى قارشى ئالدى، سېكرىتار ياشىنىپ قالغان، ئەللىكىنچى يىللاردىكى ھەرىكەتلەردە ئاكتىپ بولۇپ تونۇلۇپ شۇنىڭدىن بېرى كادىر بولۇپ كېلىۋاتقان، لېكىن ساۋاتسىز بولغىنى ئۈچۈن ئۆسەلمەي تۇرۇپ قالغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئەينى زامانلاردىكى «زالىملار ئۈستىدىن دەرت تۆكۈش» يىغىنلىرىدا چاڭىلداپ سۆزلەپ تۇرىدىغان ئاغزى تالغاندەك، ئەمدى سەل جىمغۇر كۆرىنەتتى. دادۈيجاڭ بولسا ئۆزىنى ئەمدىلا ئۆيلۈنۈش يېشىغا يەتكەن يىگىتلەردەك تۇتۇدۇغان، شۇ زاماننىڭ مودىسى بولغان ھەربىيچە شىم ـ پەشمەت ۋە ھەربىيچە شەپكە كېيىۋالغان، كۆزلىرى ئويناق، 35 ياشلار چامىسىدىكى كىشى ئىدى.
— بىزنى نەخ مەيدانغا باشلاپ بېرىڭلار،— دېدى ئابلەي كەسپىي قىزغىنلىق بىلەن،— نەخ مەيداننى بۇزۇۋەتمىگەنسىلەر؟
— ياق شۇ پېتى، بىزنىڭ قىرغاۋۇلدەك يىگىتلىرىمىزدىن تۆتنى ساقلاشقا قويغان، ھېلىقى شۇ، ئۆزىمىزنىڭ مېڭبىڭلىرى- دە،— دېدى سېكرىتار ئالدىراپ، ھولۇقۇپ،— ئەمدى چۈشمۇ بولۇپ قالدى، قوساقنى ئاز- پاز ئەستەرلىۋېلىپ ئاندىن ئىشقا چۈشمەيلىمۇ؟ مەنغۇ سىلەرگە ھەمرا بولالمايمەن، ساقلىقىم تازا ساز ئەمەس، ئەمما دادۈيدىن بىزلەرگە ۋاكالىتەن دادۈيجاڭ ئىنىمىز سىلى بىلەن بىللە بولۇدۇ.
— ھەئە، شۇنداق قىلىمىز- دە،— دېدى ئۆمەر قوللىرىنى ئىشقىلاپ، تاماخورلۇق بىلەن كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ، ئاندىن خىزمەتدىشىغا قاراپ قويۇپ،— كېچىكمەيدۇ،—دېدى ئىزاھلاپ.
— شۇ،— دېدى دادۈيجاڭ تەستىقلاپ،—ئىش دېگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ،— ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئويۇنپەزلىك چىقىپ تۇراتتى.
ئابلەي «ياردەمچى» بولغاچقا غىڭ قىلالمىدى. قارار چىقىرىش ھوقۇقى ئۆمەردە ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئابلەي ماھارەت كۆرسۈتۈشكە تەشنا بولۇپ كەتكەن چەۋاندازدەك، ماھارەت مەيدانىغا ئالدىراپ تۇرغاچقا دادۈيجاڭنىڭ داستىخنىغا ئانچە قىزىقمىدى:
— مېنىڭ قورسۇقۇم توقتەك تۇرىدۇ، بولمىسا مەن نەخ مەيداندا سىلەرنى ساقلاپ تۇراي،— دېدى ۋە ئۆمەرگە قاراپ،— سەن بىر نېمە يىگۈڭ بولسا بېرىپ كەل،— دېدى.
— گەپ يېمەك- ئىچمەكتىمۇ؟ يۈرسىلە، بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بەرسىلىمۇ بولۇدۇ،— دېدى دادۈيجاڭ قىزغىنلىق بىلەن ئابلەينى چىڭ تۇتۇپ.
ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈلۈۋاتقان ئىلتىپاتقا تارلىقى كەلگەن ئۆمەر ئۆزىنىڭ بۇ يەردە «رەھبەر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ قويۇشنى، دادۈيجاڭغا ئۆز ئورنىنى سەزدۈرۈپ قويۇشنى زۆرۈر تېپىپ:
— مەيلى، بارمىسا بارمىسۇن، بىزنى نەخ مەيداندا كۈتۈپ تۇرسۇن،— دېدى ئۆزىگە سۈر بېرىپ،— شۇنداق قىلىمەن دېسەڭ قارشى ئەمەسمەن،— دېدى خىزمەتدىشىغا قاراپ.
دادۈيجاڭ بىللە كېلىۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرىدىن بىرىگە ئابلەينى نەخ مەيدانغا باشلاپ بېرىشىنى تاپلىدى.
ئابلەي ياش ھەمراھى بىلەن بىللە كېتىۋىتىپ، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك پاراڭ باشلىۋەتتى.
— ئۆلگۈچى ئېرى بار ئايالمۇ؟
— ھەئە، ئېرى بار، ئىككى بالىلىق بولۇشقان.
— ئېرى قانداقراق ئادەم؟
— زاھىر «كۆكەمە» نى دەملا؟ سەل قاپىقىنىڭ بېزى بار، خۇيى يامانراق ئادەم، تەرسا.
— ئايالىچۇ؟ ئۇنىڭ مىجەزى قانداقراق؟
— شىرىننىسا يېزىمىزدىكى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان چوكان ئىدى. مىجەزى ئوچۇق، ئۆزى ئوڭلۇق، كاساپەتنىڭ، ھوي، ئاپلا! رەھمەتلىكنىڭ ئۆزىمىغۇ تولا كېلىشكەن ئايالىدى. دادۈيجاڭدىن سورىسىلا ئۇ چوكاننىڭ تەرىپىنى ئوبدان دەپ بېرىدۇ،— دېدى يىگىت بىر خىل سىرلىق كۈلۈمسىرەش بىلەن، ئەمما ئۇنىڭدىكى سىرنى ئابلەيلا بايقىۋالالايتى. ئۇ ئابلەينىڭ يالت ئېتىپ قارىشىدىن ھودۇقۇپ كېتىپ، ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغاندەك،— دادۈيجاڭ دېگەن رەھبەرلىك ئەمەسما، شۇڭا بىز بىلمىگەن تەرەپلەرنى بىلىدۇـ دە،— دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ئابلەي سەلدىن كېيىن سورىدى:
— ئېرى ئۇنى كۈنلەمتى؟
— مەنغۇ تازا بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ قۇلۇم- قوشنىلىرىنىڭ دېيىشىچە كۈنلەيدىغانمۇ ئوخشايدۇ. ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆيدۈم، پىشتىم دەپ يۈرگەن بىرسى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن گېپى چىقىپ كۈنلىدىغۇ دەيمەن، زاھىر كۆكەمىنى شۇنىڭ بىلەن قىزىرىشىپ قاپتۇ دېگەننى ئاڭلىغانتىم، ئۇ كۆكەمىمۇ شۇ تومۇرچى - دە، بولمىسا شۇنىڭ بىلەن قىزىرىشامدۇ، بوزەكنى بوزەك ئېتىپ، ياماندىن قورقۇپ دېگەندەك....
«كۈنلىشى كېرەك، شۇنداق بولۇشى كېرەك...» دەپ ئويلىدى ئابلەي، بىراق، ئۇ ھەمراھىنىڭ چۈشۈنۈكسىز سۆزلىرىنى ئويلىۇنۇپ قالدى، «ئۇ نېمە دېمەكچى؟ كۈنلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر ›نوچى‹ مۇ بارمۇ؟» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى، بىراق ئۇ بۇ ھەقتە كوچىلاپ سورىمىدى. چۈنكى بۇ سۆزلەرنى دېگۈچىمۇ «نوچى» دىن قورقىدىغانلىقىنى سەزدۈرۈپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ بۇنى قويۇپ باشقا سوئالنى سورىدى:
— جەسەت بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يېقىنمۇ؟
— يېقىن دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئىشقىلىق يۈز ئەللىك مېتىرچە كېلەرمىكىن.
— يىراق ئىكەن... — ئابلەي سەل ئويلۇنۇپ قالدى، ئاندىن يەنە،— ئۆلگۈچىنىڭ ئىرى تەمبەل، جېنى بار ئادەممۇ؟—دەپ سورىدى.
خەلق ئەسكىرى ھەيرانلىق بىلەن ساقچىغا قاراپ قويدى ۋە:
— ۋىييى، سىلى ئۇنى كۆگەنما؟ — دېۋىتىپ، ئاندىن بۇ سوئالىنىڭ بىمەنىلىكىنى كېيىن سەزگەندەك، — ھەئە، ئۆزى چېلىشچى، خېلى نامى بار چېلىشچىدى، ئەمما كېيىنكى چاغلاردا چېلىش ـ پېلىش دېگەندەك ئىشلارغا ئارىلاشماس بولۇپ كەتتى.
ئابلەي ئەمدى شۈك ماڭدى، ئۇ خىيال سۈرۈپ، خىيالىدا ھالقىلارنى بىر ـ بېرىگە تۇتاشتۇرۇپ باقتى، بىراق، ھازىر زەنجىر تېخى تولۇق بولمىغاچقا، ھېچنەرسە ھاسىل قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ قىلغۇدەك گېپىمۇ يوق ئىدى. سوئالمۇ تۈگەپ قالغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ھەمراھى جىملىقنى بۇزدى:
— ئايالىنىڭ ئاغزىدىن سەل-پەل قان يۇقى چىقىپ تۇرىدۇ، باشقا بىر يېرىدە زېدە يوق، ئاغزىدا بىر نېمە باردەك...
— ئاغزىدا بىر نەرسە چىشلەكلىكمۇ؟
— ھەئە، قان بىلەن بويىلىپ كەتكەچكە نېمىلىكىنى تازا ئاڭقىرىۋالغىلى بولمايدۇ، ئىشقىلىپ، گۆش...تەك بىر نېمىغۇ...
— بارماقنىڭ ئۇچىمۇ يا؟! ـ ئابلەي جىددىيلىشىپ كەتتى، بۇنداق بولغاندا قاتىل ناھايىتى ئاسانلا تېپىلاتتى. بۇ دېمەك، قاتىلنىڭ بىر بارمىقى چولاق دېگەن سۆز ئىدى.
— بارماقنىڭ ئۇچىمۇ ـ ئەمەسمۇ، بىز ئېلىپ كۆرۈپ باقمىدۇق، نەخ مەيداننى بۇزۇۋەتمەيلى دېدۇق.
— يەنە باشقا ئالامەتلەر بارمۇ؟
— يوق، بىز بىلمىگەن بولساق ھەربىرلىرى بىلىپ بېقىشالا.
— ئاياق ئىزلىرىدىن بىر نېمىنى بىلىشكە بولامدۇ قانداق؟
— ئاياغ ئىزى جىق، قايسى بىرسىنى بىلگىلى بولۇدا، ئۇ يەرمۇ تازا تۆت كوچىدەك بىژ يە، سازلىقتىكى تۈگمەنگە قارىلىدىغان يەر بولغاچمىكىن، يەنە كېلىپ شۇ تەرەپكىمۇ شۇنداق ماڭىدۇ، شۇڭا ئۇ يەردە ئىز دېگەن تولا گەپ ـ تە.
بۇ گەپلەرگە قاراپ ئابلەي ئىزدىن ئۈمىد ئۈزدى، قاتىلنىڭ جەسەتنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ شۇ يەرگە تاشلىغانلىقىنى قىياس قىلدى، بولمىسا بۇنداق جايدا ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايتتى. «ئۇنى خالى جايدا ئۆلتۈرۈپ، مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ تاشلاپتۇ...› دېمەك، ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئاشۇ ‹خالى يەر› نى تېپىش» دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ.
         ئۇلار نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدى، جەسەت ساقلاۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرى يول بويىدىكى دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇشاتتى. جەسەت بولسا كىچىك ھارۋا يولى بىلەن چوڭ يول كېسىشكەن جايدا توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ بېشى ئاسمانغا قارىغان، قورساق قىسمى سەل يانتۇ ھالەتتە، پۇتلىرى بولسا تېخىمۇ يېنىچە بولۇپ، پەركانىڭ پۇتىدەك ئېچىلىپ تۇراتتى. جەسەتنىڭ چىرايلىق ئاق يۈزى تېخىمۇ تاتىرىپ سۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، قوشۇمىسىنىڭ تۈرۈلگەن ھالىتى، كۆزلىرىنىڭ قورقۇنۇچلۇق پارقىراپ تۇرۇشىدىن قاتتىق غەزەپ ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى. بۇ كۆزلەردە ھاياتىنىڭ دۈشمەنلىرىگە بولغان غەزەپ بىلەن بىللە ياشاش قىزغىنلىقىمۇ بىلىنەتتى. سۈزۈك لەۋلىرى سەل ئېچىلغان بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا قارىداپ كەتكەن قان ئۇيۇمىسى بار ئىدى. مۇشۇ قان سوۋۇمىغان ۋاقتىدا جاۋغىيىدىن ئازراق ئېقىپ چىقىپ، كېيىن قېتىشىپ قالغانىدى. ئېچىلىپ تۇرغان ئاغزى ۋە سەدەپتەك چىشلىرىنىڭ ئارىسىدا كىچىككىنە بىر نەرسە چىشلەكلىك تۇراتتى. بۇ نەرسىمۇ قانغا بويالغان ھالەتتە بولغاچقا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولمايتتى. ئۆي ئىچىلىك كۆينىكى قوسىقى تەرەپكە تۈرۈلۈپ كەتكەچكە، كالتە ئىشتاندىن چىقىپ تۇرغان ئاپپاق يوتىلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. يانتۇراق بولۇپ ياتقاچقا يىڭىچكە بەللىرىدىن كېيىن ئالاھىدە چوڭ ۋە يۇمۇلاق بىلىنىدىغان ساغرىسىمۇ ئوچۇقچە بىلىنىپ تۇراتتى.
      ئابلەي جەسەتنىڭ يېتىش ھالەتلىرىنى ئانچە مۇھىم ھېسابلىمىدى، چۈنكى بۇ قاتىللىق يۈز بەرگەن مەيدان ئەمەس ئىدى. ئايالنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆي ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىلا ئەمەس، ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۇ دەرھال جەسەتنىڭ قولىنى تارتىپ، ئىككى ئالقىنىنى ئاچتى... ئەگەر ئۇ مەجبۇرى ئۆلتۈرۈلگەن بولسا قارشىلىق قىلغان بولۇدۇ. ئۇنىڭ قولىدا قاتىلدىن قالغان بىر نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن... دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ.
       جەسەتنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدا چىمداپ يۇلۇۋېلىنغان بىر توپ قىسقا چاچ تۇراتتى. ئابلەي بۇ چاچلارنى قىسقۇچ بىلەن ئېلىپ خاتىرىسى ئارىسىغا سالدى. ئۇ يەنە ئىنساننىڭ ئەڭ ئاداققى قارشىلىق قورالى بولغان تىرناقلارنىڭ بىرنەرسە سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ لوپا ئەينەك بىلەن ھەربىر تىرناققا سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدى. دەرۋەقە ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنىڭ تىرنىقىدا ئاقۇش بىر نەرسە تۇراتتى. بۇ تېرىنىڭ پارقىراق قەۋىتىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ قۇرۇپ قالغاچقا ئۇۋۇلۇپ كېتىشى مۇكىن ئىدى. شۇڭا ئابلەي ناھايىتى ئاۋايلاپ ئېلىپ، ئەينەك قۇتا ئىچىگە سالدى. ئۇ جەسەتنىڭ كۆزىگە سەپ سېلىپ قارىغانىدى، ئۇنىڭدا سۈرەتلەر ئۆچكەن بولغاچقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى، ئەمدى ئۇ جەسەتنىڭ ئاغزىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ بۇنىڭ پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئېغىزدىكى نەرسىنى چىقىرىۋېلىشقا ئالدىرىمىدى. ئاۋال لوپا بىلەن بۇ نەرسىنىڭ ئېغىزغا قىستۇرۇلۇش (ياكى چىشلىنىشى) ھالىتىنى تەپسىلى كۈزەتتى. ئېغىزدىكى نەرسىنىڭ ئازراق بىر قىسمى چىش ئارىسىدا، كۆپرەكى كالپۇك ئارىلىقىدا قىسىلىپ تۇراتتى.
         « بۇ نېمىدۇر؟ بارماقنىڭ ئۇچىمىدۇ؟ ياكى...؟ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، ئەگەر ئۆلگۈچى ئۆزى چىشلەپ ئۈزۈۋالغان نەرسە بولۇدۇغان بولسا ئۇ ئېغىز بوشلۇقى ئىچىدە بولۇشى كېرەكقۇ؟ ئۇ نېمىشكە چىشنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ؟ ئەجەبا بۇنى باشقىلار قىستۇرۇپ قويغانمۇ؟ ياكى چىشلەپ ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن تىلى بىلەن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغان، ئەمما تولۇق چىقىرىۋېتىشكە ئۈلگۈرمەي نەپەستىن توختىغانمۇ؟...»
ئۇ ئۆمەرنى كۈتۈپ تۇرماقچى بولدى. ئۆمەر كەلگەندىن كېيىن جەسەتنىڭ ئېغىزىدىكى نەرسىنى چىقىرىۋېلىشنى زۆرۈر تاپتى. چۈنكى ئۇ بۇ دىلونىڭ مەسئۇلى- دە! مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇ ئازراق خاتىرە يازدى ۋە گۇمانلىق نوقتىلارنى ئەسكەرتتى. ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىردىنلا «ئەگەر جەسەتنىڭ ئاغزىدىكى نەرسە باشقىلار تەرىپىدىن قىستۇرۇپ قويۇلغان بولسا جەزمەن ئۇنىڭدا بارماق ئىزى بولۇدۇ. بارماق ئىزى بولمىسا، دېمەك، ئىككىنچى خىل ئېھتىمال مۇقىملىشىدۇ... » دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدى. ھەمدە بۇ ئويلىغانلىرىنى خاتىرىسىگە يېزىپ قويدى.
دادۈيجاڭ ۋە باشقا بىر نەچچەيلەننىڭ ھەمرالىقىدا ئۆمەرمۇ يېتىپ كەلدى. سىكرىتار ئۆزى ئېيتقاندەك ھەمرا بولالمىغانىدى. ئۆمەر بىلەن دادۈيجاڭنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق قەدىناسلاردەك چاقچاقلىشىپ كېلەتتى.
— خوش، تەكشۈرۈپ كۆردۈڭمۇ، بىر قاتارلىق؟— دېدى ئۆمەر، دېھقانلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ.
— ھە، ئازراق بىر نېمىلەرنى قىلدىم،— دېدى ئابلەي ئانچە ئوچۇق چىراي ئاچماي، ئۇ ئادەتتىمۇ ئۆمەرنى كۆزگە ئىلمايتتى، دادىسىنىڭ ئابرويىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلۇشىۋالغان بۇ يىگىت كەسپىي بىلىمى يوق، ئۆزى تەنتەك بولغاننىڭ ئۈستىگە ئەمەلدار مىجەزى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدى ئۆزىگە «باشلىق»لىق قىلىشى ئۇنىڭغا تازىمۇ ھار كېلىپ تۇراتتى.
— ئەمسە ئۆزەڭنىڭ ئېنىقلىغانلىرىنى دوكلات قىلىپ باقمامسەن،— دېدى ئۆمەر ھېچبىر خىجىل  بولمايلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ.
— ئالدى بىلەن ئۆزەڭمۇ بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقمامسەن، ئاندىن قاراشىلىرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ باقمامدۇق،...ـ دېدى ئابلەي. ئۇ ھەم رازۋېدكىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش، ھەم ئۆمەرنىڭ تەييار نەتىجىگە ئىگە بولۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق پوزىتسىيە تۇتقانىدى.
ئۆمەر تەرىنى سوغۇق تۈرۈپ، جەسەتنى ئۆرۈپ- چۆرۈشكە باشلىدى. ئاخىرىدا جەسەنتنىڭ ئاغزىدىكى نەرسىنى (چىشلىنىش ھالىتىگە قارىمايلا) چىقىرىۋالدى. ئاندىن كۆزىگە يېقىنراق ئەپكېلىپ سەپ سېلىشقا باشلىدى بارماقلىرى بىلەن مىجىپ باقتى.
— قاراپ باقە، نېمە بۇ؟ — دېدى ئاخىرىدا ئابلەيگە ئۇزۇتۇپ.
ئابلەي قانغا مىلىنىپ قېتىپ قالغان بۇ نەرسىنى قولىغا ئالدى ئۇ بۇ نەرسىنىڭ نېمىلىكىدىنمۇ كۆرە ئۇنىڭدا بارماق ئىزى بار، يوقلىقىغا دىققەت قىلدى، ئۇنىڭ ئويلىغىدەك ئۇنىڭدا رۇشەن بارماق ئىزى باركەن! ئابلەي شۇندىلا ئۆمەرنىڭ سوئالىنى ئېسىگە ئېلىپ جاۋاب بەردى:
­— بۇ ئادەمنىڭ تىلىكەن، تىلىنىڭ ئۇچى....
— ھە!؟ — ئۆمەر قولىغا ئېلىپ يېڭىۋاشتىن...«تەكشۈرۈپ» كۆردى-دە — راست، تىل ئىكەن! — دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
دېھقانلار ھەيران بولغىنىدىن ياقىلىرىنى تۇتۇشتى.
 

ئۈچىنچى باب. «نەتىجە» ۋە گۇمان
 

— توۋا، ئادەمنىڭ تىلى؟— دېدى دادۈيجاڭ ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ.
— سىنىپىي كۆرەشنى تۇتۇشۇڭلار تازا دېگەندەك بولماپتۇ، دادۈيجاڭ، سىنىپى كۈرەشنى چىڭ تۇتۇش سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى ئېچىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قاپتۇ،— دېدى ئۆمەر كۆرەڭلىك بىلەن،— ئۆزەم تۆت ئېغىز بىر نېمە دېمىسەم بولمىغۇدەك.
— شۇنداق قىلسىلىرىغۇ، دەمدىغان،— دېدى دادۈيجاڭ دوستانىلىق بىلەن،— ئەجرىلىرىنى يەردە قويمايتتۇق.
— بۇنى كېيىن قاراپ بېقىپ بىر نېمە دەي، ھە، بۇ دىلوغا كەلسەك، بۇنى پاش قىلىش ئاسانلا گەپ! — ئۆمەر كۆرەڭلىك بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە پو ئېتىشقا باشلىدى.
بۇ چاغدا ئابلەي يەنە بىر گۇمانلىق نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ جەسەت بىلەن ھەپىلەشمەكتە ئىدى. چۈنكى جەسەتنىڭ ئاغزىغا قىستۇرۇلغان نەرسە تىل بولغانىكەن بۇ جەسەتنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىمۇ؟ ياكى ئىككىنچى شەخسنىڭمۇ؟ دېگەن سوئال  تۇغۇلاتتى. ھەمدە ئۇنىڭ مۇشۇ ئايالنىڭ چىشىدا چىشلەنگەن ياكى باشقىلارنىڭ چىشىدا چىشلەنگەنلىكىنى ئېنىقلاشمۇ كېرەك ئىدى.
— ھە، سەن يەنە نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن؟—دەپ سورىدى ئۆمەر.
— بۇ تىل كىمنىڭ تىلى، شۇنى ئېنىقلاش كېرەككقۇ؟ شۇڭا مەن جەسەتنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىمۇ قانداق دەپ قاراپ باقتىم. ئۇنىڭ تىلى ساق ئىكەن.
— مەن ئۇنىڭسىزمۇ بىلەتتىم، بۇ چوقۇم قاتىلنىڭ تىلى!ـ ئۆمەر شۇنداق دېدى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە،— ئەمدى جەسەتنىڭ ئىشى تۈگىدى، يەرلىكىدە قويسا بولۇدۇ،— دېدى ئاندىن دادۈيجاڭغا،— بىز ئىشخانلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرساق قانداق؟ دىلو ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىۋالايلى.
— بولۇدۇ، بولمامدىغان قولىمىز كۆكسىمىزدە.
ئۇلار دادۈيگە قاراپ كەتتى.
دادۈي ئىشخانىسىدا ئىككى رازۋىدچىكنىڭ مۇزاكىرىسى باشلاندى. ئەمما ئۇلارنىڭ چىققان قۇتۇپلىرى قارىمۇ- قارىشى بولغاچقا ھە دېگەندىلا تالىشىپ قېلىشتى.
— مېنىڭچە، جەسەتنى تەكشۈرۈشتە بىزگە كېرەكلىك يىپ ئۇچى كۆپ بولمىدى، يەنى پەقەت ئۇنى ئاغزىدىن چىققان تىلنىڭ ئۇچىلا بىز ئۈچۈن بىردىن- بىر يىپ ئۇچى لېكىن بۇ ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچى بولغاچقا باشقىسىنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. سېنىڭچە قانداق؟
— بەلكىم شۇنداقتۇر، بىراق باشقىلىرىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بار.
— نېمە زۈۆرۈرىيىتى بار؟ بىز تىلنىڭ ئۇچىغا ئاساسەن قاتىلنى ئاسانلا تېپىۋالىمىز، ۋەسسالام!
— مېنىڭچە ئۇنچە ئاسان ئەمەس!
— نېمىشكە ئاسان ئەمەس؟ دادۈيجاڭغا دەيمىز، بارلىق ئەزالارنى دادۈينىڭ ھويلىسىغا  توپلايمىز. كىمنىڭ تىلىنىڭ ئۇچى ئۈزۈۋېلىنغان بولسا شۇنى قولغا ئالىمىز.
— شۇنداق، بىزنىڭ تىلى ئۈزۈۋېلىنغان ئادەمنى تېپىۋېلىشىمىز ئانچە تەسكە چۈشمەس، بىراق ئۇنىڭ قاتىل بولۇشى ناتايىن!
— نېمىشكە ئۇنداق بولمايدىكەن؟ ئەگەر قاتىل ئۇ ئەمەس بولسا ئۇنىڭ تىلى خەقنىڭ ئاغزىدا نېمە قىلىدۇ؟
— بىراق، ئەگەر ئۇ قاتىل بولسا خەقنى ئۆلتۈرۈۋاتقىچە «تىلىمنى چىشلىۋالغىن» دەپ تىلىنى خەقنىڭ ئاغزىغا سېلىپ بېرەمدۇ؟ ئەگەر ئۇ بارماقنىڭ ئۇچى بولغان بولسا بۇنى چۈشەندۈرۈش ئاسانراق بولغان بولاتتى. بىراق، تىل دېگەن ئېغىزنىڭ ئىچىدە، ئۇنى ئىختىيار قىلىپ چىقىرىپ بەرمىسە چىشلىۋالغىلى بولمايدۇ ـ دە!
— ئەگەر مۇنداق ئەھۋال بولغان بولسىچۇ،— ئۆمەر دانالارچە ئەلپازدا سەل توختىۋېلىپ، ھېكايە قىلىشقا باشلىدى،— ئۇلار ئىزچىل تۈردە غەيرى ئەخلاقى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، ئاخىرقى قېتىمدا ئۇلار يەنە خالىدا ئۇچراشقان، ئامراقلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان جىمى قىلىقنى قىلىشقان، شۇ چاغدا ئايال ئەرنىڭ تىلىنى شورىغان ۋە چەكتىن ئاشقان چاقچاق بىلەن «ئامرىقى» نى تېرىكتۈرۈشكە نىيەت قىلىپ قاتتىق چىشلىۋالغان. ئەر جان ئاچچىقىدا ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭ گېلىنى بوغقان ئايال نەپەس ئالالماي قېلىپ چاخچىقى ئاچچىققا ئايلانغان - دە، رەسمى چىشلەشكە ئۆتكەن، ئەرمۇ ئۇنىڭ گېلىنى تېخىمۇ بوغقان. بۇنداق يامان ئادەملەر ئەسلىدىمۇ گۇمانخۇر، بىر - بىرىگە ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولغاچقا، ئەر، «ئۇ مېنى ئەيىپناق قىلىپ قويماقچى بولسا كېرەك، ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ» دەپ ئويلاپ، تىلىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىش ئۈچۈن قاتتىقراق كۈچەپ ئايالنىڭ گېلىنى سىقسا ؛ ئايال، « ئۇ مەندىن زېرىكىپ مېنى يالتايتىش ئۈچۈن شۇنداق ئەسكىلىك قىلىۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلاپ تېخىمۇ قاتتىقراق چىشلىگەن... ئاخىرىدا ئايال ئۆلۈپ قالغان، بۇ قەستەنلىك بولماي، ئىختىيارسىز قاتىللىق بولۇپ، ھايت ـ ھۇيت دېگۈچىلا بولۇپ ئۆتكەن، ئەر قورقۇپ كېتىپ، جەسەتنى كوچا دوقمۇشىغا ئەپكېلىپ تاشلىغان...
ئابلەي ئويلۇنۇپ قالدى، بۇنداق ئېھتىمالنى يوققا چىقارغىلى بولمايتتى.
— بەلكىم...
— «بەلكىم» دەيدىكەنسەن! شۇنداق، دەل شۇنداق! يەنە نېمە؟ بىز دەرھال دادۈيجاڭغا دەپ جىمى ئەر- ئايال، قېرى- ياش ئەزالارنى مۇشۇ يەرگە يىغدۇرايلى، تىلى چىشلىۋېلىنغان ئادەمنى تاپساقلا بولدى.
— بولۇدۇ، شۇنى تاپايلى، بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كەنتنى قوزغاشنىڭ، بۇ يەرگە توپلاشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ خەلق ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرساقلا تېپىپ كەلمەمدۇ؟
—  بىراق، بىز خەلق ساقچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دېھقان قېرىنداشلىرىمىزغا بىر قېتىم سىنىپى كۈرەش دەرسى بەرسەك تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟— دېدى ئۆمەر ئۆزىنى كۆرسۈتۈشنىڭ كەم تېپىلىدىغان پۇرسىتىنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەي.
ئابلەي ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنۈپ «بىلگىنىڭنى قىل» دېگەندەك قول سىلكىپ قويدى. ئۆمەر دادۈيجاڭغا ئۇقتۇرغىلى چىقىپ كەتكەندە ئۇ جىددى تۇتۇش قىلىپ، ھېلىقى تىل ئۇچىدىكى بارماقنىڭ ئىزىنى سۈرەتكە ئالدى.
     دادۈيجاڭ بارلىق ئەزالارنى دادۈي ھويلىسىغا يىغىش ھەققىدە ئەترەت باشلىقىغا يوليۇرۇق بېرىپ، ئۆمەر بىلەن ئىشخانىغا كىرگەندە ئابلەي ئىشلىرىنى تۈگەتكەنىدى. ئۇ ئۆزى ئىگىلىگەن يىپ ئۇچلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈۋاتقان ئارىلقتا ئۆمەر بىلەن دادۈيجاڭ ئىككىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى. سىرتتا ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ كانايلىرى يىراق- يېقىندىن ياڭراشقا باشلىغانىدى. كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مىسلىسىز ئېغىر يۈك ئۈستىگە ئارتىلىۋاتقاندەك سەلبى تەسىرگە ئۇچرايدىغان دېھقانلارنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامانلا بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بېرىشقا ئۈگۈتۈلگەچكە بۇ ئىشمۇ كۆپ كېچىكمىدى.
      چوڭ ئەترەتنىڭ ھيلىسى خېلىلا كەڭ بولۇپ، ئەسلى ئازنا مەسجىدنىڭ ھويلىسى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ياقتا كىچىككىنە بىر بۇرجىكى ساق قالغاندىن كېيىن، چېقىلغان تەرىپىگە يېڭىدىن تام سوقۇپ، »چاققانغىنە« مەسجىد قىلىۋېلىنغانلىقى بىلىنىپ تۇرغان ئاشۇ خىلۋەت بۇلۇڭنىڭ ئەسلىدىكى كونا تاملىرىدىن قالغان ھەشەمەتلەر — نەقىشلەر، ھۆسنىخەت بىلەن يېزىلغان قۇرئان ئايەتلىرى، يېڭى سوقۇلغان تامدىن چىقىپ قالغان ياغاچنىڭ ئۇچىدىكى گەژخا،... بۇنىڭدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇراتتى. ئەنە شۇ مەسجىدنىڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلمىسىدا بىناكارلىق سەنئىتىنى نامايان قىلغان ئاشۇ ياغاچلارنى مانا ئەمدى چوڭ ئەترەتنىڭ ئىشخانا، ئامبار قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىدا كۆرگىلى بولسىمۇ، بۇنىسى پەقەت تامغا ياغاچنى ئارتىپلا يېپىلغان، ياغاچ ۋە ھاراقلارنى جىپىسلاشتۇرۇش، سىرتتىكى بالاۋېشىسىغا شالۋان چىقىرىش، ھىچ بولمىسا سەرقەلەم نۇسقىسىدا بولسىمۇ زىننەت بېغىشلاشقا خوشياقماستىن پەلەمما قىلىپلا يېپىلغاچقا ئەسلىدىكى مەسجىدتە بولغىنىدەك گۈزەللىكنى كۆرگىلى بولمايتى. تامنىڭ سىرتىمۇ سۇۋالمىغان بولۇپ، كېيىن تامغا شۇئار يېزىش ئىھتىياجىدىن تاملارنىڭ ئۇ يەر- بۇ يېرى سۇۋۇلۇپ، ئاقلانغان ۋە ئۈستىگە قىزىل رەڭ بىلەن شۇئارلار يېزىلغان ئىدى. ئۆڭۈپ كەتكەن شۇئارلارنىڭ بىرىدە: »ئۇلۇغ داھىمىز، ئۇلۇغ ئۇستازىمىز، ئۇلۇغ رولچىمىز، ئۇلۇغ ئالىي باشقوماندانىمىز ماۋجۇشى تۈمەنمىڭ يىللار ياشىسۇن!« دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ تېخى بىرەر يىل ئىلگىرىسىدە ئەتتىگەن-كەچتە ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ سەپ بولۇپ، يوليورۇق سوراش ۋە دوكلات قىلىش ۋاقتىدا، ئاخىرىدا ئوقۇلۇدۇغان شۇئار ئىدى.
      باشقا بىر تامدا بولسا شۇ كۈنلەردىمۇ ھالا سەپەرۋەرلىكى داۋام قىلىۋاتقان يەنە بىر ئۇلۇغ ھەركەتنى مەزمۇن قىلغان شۇئار كۆزگە چېلىقاتتى: »داجەيدىن ئۈگۈنۈپ، داجەيگە يېتىشىۋېلىپ، داجەيدىن ئېشىپ كېتەيلى!«
      ئەزالارنىڭ يىغىلىپ بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئۆمەر خۇددى يوقۇرىدىن كەلگەن باشلىقتەك كېرىلىپ ئىشخانىدىن چىقىپ، سۇپىنىڭ لىۋىگە كەلدى. ئۇنىڭ خىيالى تەسەۋۋۇرىدا مەشھۇر يىغىن زاللىرىدا- ياسىداق سەھنىدە مىكرافون ئالدىدا تۇرغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ھەر خىل، ھەر رەڭدە كېيىنگەن بولسىمۇ، توپا-تۇمانغا پۈركۈنۈشى، جۇلدۇر-كېپەنلىكى جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئەر-ئايال كوممۇنا ئەزالىرى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يىللار يىلى ھاردۇقى چىقىپ باقمىغانلىقتىن، ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان چىرايى، ئېزىلەڭگۈ روھى كەيپىياتى ئۈستىگە شۇئان بەلگىسىز بىر تەشۋىش قوشۇلغاندەك قىلاتتى. بۇ تەشۋىش ھەرقاچان يوقۇرىدىن بىرەر باشلىق كەلسە يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ كۆپۈيۈشىنى، يېڭى ئالۋاڭلارنىڭ ئويلاپ تېپىلىشىنى؛ ھىچ بولمىغاندىمۇ كەچلىرى ئۇماچ ياكى يوبدانلىرىنى ئىچىۋېلىشقا ئۈلگۈرتمەيلا كانايلار جاراڭلاپ، كەچلىك دولقۇن ياكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش، سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇن يېڭى دىھقان بولۇش سەپەرۋەرلىكلىرىنى مەزمۇن قىلغان مەجلىسلەرنىڭ ئاۋۇشىنىلا كۆرۈپ ئۈگەنگەچكە يەنە ئاشۇنداق بىرەر ئىش تېپىشىۋاتامدىكىن دېگەن تەشۋىش ئىدى. ئۆمەر ئۆز نۇتقىنى ئەنە شۇندا ئۇلۇغلۇق ئىچىدە باشلىدى:
— سىنىپى دۈشمەنلەر، كونا- يېڭى  ئەكسىلئىنقىلاپچىلار، سىنىپى يات ئۇنسۇرلار پۇرولېتاريات دىكتارتۇرسىنىڭ پولات مۇشتىدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ! بىز ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، سىنىپى كۈرەشنى چىڭ تۇتۇپ...
    ئابلەينىڭ سەپرايى ئۆرلەشكە باشلىدى، ئەمما ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ، «نۇتۇق» نىڭ تاماملىنىشى كۈتتى. بەزى دىھقانلار بولسا بۇ نۇتۇقنىڭ تەلەپپۇزى ۋە مۇقامىدىن ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان دەدىسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنۇشاتتى. كۆپلىرى بولسا بولىرى-بولا روھى ھالەتتە بولۇپ، بۇنىڭدىن يىللار بويى داۋام قىلغان روھنىمۇ، تەننىمۇ غاجىلىغۇچى ھەركەتلەر دەستىدە تېلىقىپ، ئەمدىلىكتە »نېمە بولسا بولمامدۇ، قانداق قىلاي؟« دېگەندەك ئېرەڭسىزلىك، خۇددى چۈشىدە ياشاۋاتقاندەك گۇڭگا كەيپىيات چىقىپ تۇراتتى.
— سىنىپى كۆرەش ھەرۋاقىت، ھەرسائەت بولۇپ تۇرىدۇ، دۈشمەن بىزنىڭ ئىچىمىزدە. شۇڭا بىز ھەممىمىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!... ئاممىنى دادىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ... ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىپ،... ئاممىغا تايانساقلا، بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق!...
       ئابلەي ئىختىيارسىزلا مىيىقىدا كۈلۈپ سالدى، بۇ گەپلەرنى ئەترەت باشلىقى يىغىن ئاچسىمۇ، ھاكىم يىغىن ئاچسىمۇ، ۋالى دوكلات بەرسىمۇ دەيدىغان گەپلەر بولۇپ، گېزىتلەرنىڭ بەتلىرىدىكى «مۇھىم» سەھىپىلەرمۇ مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن تولغانىدى.
— دۈشمەن بىزنىڭ ئىچىمىزدە! سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدۇ، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ! بىز ھازىر تەكشۈرۈشنى باشلايمىز...
ئۆمەر ئابلەينى چاقىردى ۋە بىر نەچچە قوراللىق خەلق ئەسكىرىنىڭ ھەمرالىقىدا دېھقانلار توپىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى چىشى ئاغرىپ قېلىپ ئاغزى- بۇرنىنى چۈمكۈۋالغان كىشىلەرنىڭ ماسكا، ياغلىقلىرى تارتىپ ئېچىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىزدەۋاتقان دۈشمىنى ئاغزى ئاغرىق كىشى ئىدى- دە!...
نىھايەت بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلار ئىزدىگەن ئادەم تېپىلمىدى.
ئۆمەر ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ھالدا دادۈيجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى:
— دادۈيجاڭ، بۇ قانداق بولغىنى؟ يا جىنايەتچى قاچقان! يا بولمىسا كەلمىگەن! كەلمەي قالغان ئادەملەر بارمۇ- يوق، ئەترەتلەر بويىچە يوقلىما قىلىڭلار!
دادۈيجاڭ دەرھال ئەزالارغا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان كاناينى ئاغزىغا تۇتۇپ، ئەترەت باشلىقلىرىغا يېڭى بۇيرۇقنى جاكالىدى. ئەترەت باشلىقلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى ئادەملەر تۈگۈل چارۋا- ماللارغىچە بەش قولدەك بىلىدىغان بولغاچقا يوقلىما قىىشقا ھاجەت بولمايلا بىرى دادۈيجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى:
— بىزنىڭ ئەزالاردىن بىرسى كەلمىگەن.
— نېمىشقا؟
— ئېغىر كېسەلكەن، باش- كۆزىنى تېڭىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپتىكەن، كېلەلمەيدىغاندەك تۇردى. شۇڭا...
— ھەي، سىلەرنىڭ سىنىپى ھۇشيارلىقىڭلار نېمە دېگەن تۆۋەن!،— دەپ ۋارقىرىدى ئۆمەر،— دۈشمەننىڭ مىكرىسى تولا بولۇدۇ، بىزگە كىرگىمۇ دەل ئاشۇنداق كېسەل كىشى! دادۈيجاڭ، دەرھال ئادەم بۇيرىسىلا، ئاشۇ ئادەمنى پۇتىنى يەرگە تەككۈزمەي ئېلىپ كەلسۇن.
— كىم ئىدى ئۇ؟— دادۈيجاڭ ئەترەت باشلىقىدىن سورىدى.
— تاھىر «شوخ».
— ھە!؟—دادۈيجاڭنىڭ چىرايىدا ھەم ھەيرانلىق، ھەم خۇشاللىق ئىپادىلەندى، بۇ شۇنداق خۇشاللىق ئىدىكى، مەخسەدكە يەتكەن ئاداۋەتچىلەر ئەنە شۇنداق خۇشاللىق تۇيغۇسىدا بولاتتى. شۇڭا ئۇ دەرھال شۇ ياققا خەلق ئەسكەرلىرىدىن تۆتنى بۇيرىدى. ئارقا- ئارقىدىن تاپىلىدى، لاۋزىلىق بىلەن بۇيرۇقنى تەكرارلاپ، تاكى ئۇلارنىڭ قارىسى كۆزدىن يوقالغىچە ۋارقىراپ، ئۈگۈتۈپلا تۇردى.
باش- كۆزلىرى تېڭىلغان «كېسەل» سورۇنغا ئېلىپ كېلىندى. دادۈيجاڭ بىلىنەر- بېلىنمەس كۈلۈمسىرىۋىدى، ئابلەي كۆرۈپ قالدى، ئارقىدىن دادۈيجاڭ ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىدى. ئۆمەر خەلق ئەسكەرلىرىگە تاھىر «شوخ» نىڭ باش كۆزىدىكى تېڭىقلارنى يېشىشنى بۇيرۇدىكى، تاھىرنىڭ بېشى، بولۇپمۇ يۈزى ئادەتتىن تاشقىرى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، ئاغزىنىڭ چۆرىسىدە قېتىشىپ قالغان قان داغلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
— ھە، نېمە بولدۇڭ؟— قەھرى بىلەن سورىدى ئۆمەر.
تاھىر جاۋاب بېرەلمىدى. ئۇ جاۋاب بېرىشكە قادىر ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئىششىپ كەتكەن قوۋزى شۇ تاپ ئۇنىڭ تىلى ئىششىپ ئېغىز بوشلىقىغا لىق كەپلىشىپ قالغانلىقىنى مانا مەن دەپلا بىلىندۈرۈپ تۇراتتى.
— نېمە بولدۇڭ دەۋاتىمەن! — تەكرارلىدى ئۆمەر.
— ئۇ سۆزلىيەلمەيدۇ، نېمىشكە بىھۇدە ۋارقىرايسەن،— دېدى ئابلەي نارازىلىق بىلەن.
— سەن قولغا ئېلىندىڭ! — دېدى ئۆمەر جاكارلاپ،— بۇنى ھازىرچە دادۈيدە بىر يەرگە سولاپ قويۇپ تۇرۇڭلار،— ئۇ خەلق ئەسكەرلىرىگە شۇ بۇيرۇقنى بېرىپ، ئارقىدىن خالايىققا سىنىپى ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشقا باشلىغاندا تاھىر «شوخ»نىڭ ئايالى ئۈن سېلىپ يىغلاپ ئۇنىڭغا ھالاقەت بەردى.
شۇ پۇرسەتتە ئابلەي تاھىر «شوخ»نىڭ يۈزىگە ئىنچىكىلىك بىلەن سەپ سېلىپ نېمىدۇر بىر نەرسىنى ئىزدىدى.
ئابلەي ئۆمەر بىلەن بىللە دادۈيجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆمەر خۇشاللىق بىلەن قوللىرىنى ئىشقىلاپ، تەنتەنە بىلەن:
— ئەمدى دىلونى نەتىجىلەندى دەپ قارىساق بولۇدۇ، قاتىلنى سوراق قىلغاندىن كېيىن دوكلاتنى يازساقلا بولىدۇ، ئىش تامام.
— تېخى ئۇنى قاتىل دېيىشكە تولۇق ئاساس يوق،— دېدى ئابلەي خاتىرىجەم ھالدا.
— نېمىشكە؟ تىلى چىشلىۋېلىنغان شەخس دەل تاھىرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ سەن؟ مەن باشتىلا بۇ سىنىپى كۈرەشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىۋى ساغلام ئەمەس بىرسىنىڭ قىلغان ئىشى بولۇشى مۈمكىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم.
— بۇنىڭدىن گۇمانلايمانمەن، بىراق، بۇ ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
— مېنىڭچە قەتئى شۇ! مەن بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن. شۇڭلاشقا دەرھال خۇلاسە ماتىرىيال يېزىش كېرەك. مەن بۇ ئىشنى ساڭا تاپشۇرىمەن!
— مەن تېخى بۇ خۇلاسەڭگە قۇشۇلغۇنۇم يوق، شۇڭا ماتىرىيال يازمايمەن.
— نېمە ؟ سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمدىن باش تارتماقچىمۇ؟
— ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئىلمى پاكىت تەلەپ قىلىدۇ. بىز تاھىرنىڭ ئايالى بىلەن سۆزلۈشۈشىمىز كېرەك. ئاندىن شىرىننىسانىڭ قوشنىلىرى بىلەنمۇ سۆزلۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۇ دىلودا ئۈچىنچى شەخسنىڭ قولى بار. دەل شۇ ئۈچىنچى شەخس قاتىل!
— مەن تاھىرنىڭ ئايالى بىلەن سۆزلۈشۈشكە قارشى ئەمەس، بىز قاتىللىق يۈز بەرگەن كېچىسى تاھىرنىڭ ئۆيىدە بولغان بولمىانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقساق يامىنى يوق، باشقىلار بىلەن سۆزلۈشۈشكىمۇ بولۇدۇ، مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قاراشلىرىمنى ئىسپاتلايدۇ.
— نېمىنى ئىسپاتلىسا مەيلى، بىراق، خۇلاسە ئالدىراپ چىقىرىلسا بولمايدۇ، ماتىرىياللار تولۇق بولغاندىن كېيىن خۇلاسە قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز.
— بولۇدۇ، ئەمسە ئاۋال تاھىرنىڭ ئايالىنى بۇ يەرگە چاقىرىتايلى.
— بۇنىسى ئانچە ياخشى بولماسمىكىن، ئۇ بۇ يەردە قورۇنۇپ ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ سۆھبەت ياخشى ماڭمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بارايلى.
ئۆمەر ئابلەينىڭ كۆزىگە نارازىلىق بىلەن بىر قارىۋالغاندىن كېيىن بېرىشقا قۇشۇلدى.
 

تۆتىنچى باب. ئىككى خىل ئەقلى خۇلاسە
 

      ئۇلارنى يىغىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، ياش جۇۋان كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ قورقۇۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس ئىدى.
— بىز سىلىگە مېھمان بولغىلى كەلمىدۇق، گەپ سورىغىلى كەلدۇق!ـ دېدى ئۆمەر داستىخان سېلىش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان ئايالغا توڭلۇق بىلەن دوق قىلىپ. ئايالنىڭ كۆزلىرى بىچارىلىك بىلەن مۆلدۈرلەپ كەتتى.
ئابلەي خىزمەتدىشىغا نارازىلىق بىلەن قاراپ قويدى ۋە:
— ئېپ كېلىۋەرسىلە، بۇ ئاغىنىمىز چاي ئىچمىسە مەن ئىچىمەن،— دېدى مۇلايىم ئاھاڭدا، دوستانىلىق بىلەن.
بىر قوللىغۇچىنىڭ بولۇشى ھەرقاچانقىدەك ئۆز رولىنى كۆرسۈتۈپ، ئايالغا جۈرئەت ۋە ئۆز ئىززەت نەپسىنى قوغداش تۇيغۇسىنى بەخش ئەتتى:
— گەپ سوراملا، سورىماملا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، ئۆيگە چىگەن ئىكەنلا، داستىخان سېلىش مۇسۇلمانچىلىق، ئادىمىگەرچىلىك قەرزىمىز، ئىچمىسىلە زورلىمايمەن، ۋىيەي!
       ئۆمەرنىڭ تېنى سەل تىكەنلەشكەندەك بولۇپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ چەك-چېگرىسى تازا ئېنىق بولمايۋاتقان خىزمەتدىشىغا نارازى بولدى، بىراق گەپ قىلمىدى. ئۇ مۇشۇ جەھەتلەردە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز شەنىگە توغرا كەلمەيدىغان ئىش دەپ قارىدى. شۇڭا پېتىدىن چۈشمەي ئولتۇرۇپ، لەۋزىگە ئەمەل قىلىپ داستىخانغا نەزەرمۇ سالمىدى. ھەقىقەتەنمۇ داستىخان كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك ئەمەس ئىدى. بۇ كۈنلەردە «مال باھاسى مۇقۇم، بازارلار ئاۋات، خەلق تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە يۈكسەلمەكتە...» دەپ گېزىت- ژۇرنال، رادىئولاردا  لاپ ئېتىلىپ تۇرۇلغىنى بىلەن، داستىخاندا ئات چىشى شەكىلدىكى سېرىق كۆممە زاغرىسىدىن باشقا نەرسە بولمايتتى. ئابلەي زاغرىنىڭ نېپىز تەرىپىدىن ئۇشتىۋېلىپ، ئىشتىھا بىلەن نان يېگەچ:
— مالال كۆرمىسىلە، سىلىدىن بىر نەچچە ئېغىز گەپ سورىماقچىمىز، بۇنىڭغا توغرا جاۋاب بەرسىلە تاھىرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن پايدىسى بار، — دېدى.
— سورىسىلا، بىلگىنىمنى دەپ بېرىمەن،— ئايال يەنە يىغلامسىراشقا باشلىدى.
— شىرىننىسانى بىرسى ئۆلتۈرۈپ كوچا دوقمۇشىغا تاشلىۋەتكەن كېچىسى تاھىر ئۆيدە بارمىدى؟
— ھە، ئۆيدە بار... مىجەزى يوق يېتىپ قالغان...
— مىجەزى نەگە كەتكىنىنى بىز بىلىمىز، يېتىپ قېلىشتىن ئىلگىرىكىنى دېسىلە! راستىنى دېسىلە، راستىنى،— دېدى ئۆمەر گەپ قىستۇرۇپ.
— راستى شۇ، مانى! بىلگەن ئادەم سورىمىسىمۇ بولىدىغۇ...،— ئايالنىڭ سەل تۈكى تەتۈر ئۆرۈلدى.
— ياخشىراق ئەسلەپ باقسىلا،— دېدى ئابلەي تېخىمۇ مۇلايىم بولۇشقا تىرىشىپ،— ئۇ  ئەمگەكتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەن، شۇنداقمۇ؟
—  ھەئە، ئاندىن كەچتە دولقۇنغا چىقتۇق...،— ئابلەينىڭ ئاۋازى ئايالنىڭ كۆڭلىنى سەل يۇمشاتتى ۋە سىر ساقلاش توساقلىرى بىر ـ بىرلەپ يىمىرىلىپ، كارغا كەلمەيۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئۆزىنىمۇ ھەيران قالدۇردى.
— كەچلىك تاماقنى ئۆيدە يىگەنمۇ ياكى شۇ چاغدا چىقىپ كەتكەنمۇ؟
— تاماقتا ئۆيدە باتى، مەن ئاشنى پىشۇغىچە قوتاننىڭ قىغىنى چىقاغان.
— تاماقتىن كېيىن...؟
— ئاشنى ئىچىپ بولۇشىمىزغىلا كاناي تولىدى، دولقۇنغا ماڭدۇق. بىزنىڭ بۇ يەردە شۇ، تاۋاق- قوشۇقنى جايىغا تاشلاپ، قازان- قۇمۇشنى يۇيۇشقا ئۈلگۈرمەيلا، دولقۇنغا توۋلايدۇ...
— سىياسەتكە نارازىلىقىڭ بار ئوخشىمامدۇ!؟ — دەپ ئۆپكىسىنى ئەستى ئۆمەر بىردىنلا »سەن«سىرەپ قوپاللىق بىلەن. ئۇ ئەنە شۇنداق جىددىي تېمىلارغا بەك سەزگۈر ئىدى.
— يوغسۇ، يوغسۇ،... — دەپ دۇدۇقلىدى قورقۇپ كەتكەن ئايال.
— دولقۇندىن كىرىپ ئۇ...؟ — ئابلەي ناھايىتى ئىھتىيات بىلەن سوراۋاتقاچقا سوئالنى تولۇق سوراشنىمۇ بىر خىل قوپاللىقتەك ھېس قىلىپ، ئاھاڭ بىلەنلا مەقسەدنى ئىپادە قىلىدىغان بولدى.
— دولقۇندىن چىرىپ مەن قازان قۇمۇشنى يىغىشتۇغىلى تۇردۇم ئۇ... ئۇ شۇ چاغدا ئۇ ... ـ ئايال مەڭدەپ قالدى ئۇ نېمە دېسەم پايدىلىقراق بولۇدۇكىن دەپ ئۇياق- بۇياققا قارىدى، ئابلەيگە، ئۆمەرگە نۆۋەت بىلەن قارىدى.
— راستىنى ئېيتىسىلا، بۇنىڭ تاھىر ئۈچۈن پايدىسى بار، تاھىرغا ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، قورقمىسىلا، ماڭا ئىشەنسىلە.
ئۆمەر ئابلەينىڭ بۇ خىل سوئال سوراش پۇزىتسىيىسىدىن يەنە ئاچچىقى كېلىپ قالدى، شۇڭا:
— راستىنى ئېيتقىنىڭ ياخشى، بىز بەرىبىر ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرىمىز، ئۇ چاغدا... — دېدى پوپوزا قىلىپ.
ئايال مەدەت تىلىگەندەك ئابلەيگە قارىدى، نېمىشكىدۇر ئۇنىڭ سەزگۈلىرى ئابلەينى ئۆزىگە ياردەم  بېرىدىغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ تۇراتتى.
— خاتىرىجەم بولۇپ راستىنى دەۋەرسىلە،— دېدى ئابلەي ئۇنىڭ روھى ھالىتىنى چۈشىنىپ .
— ئۇ ... ئۇ چاغدا بىژ يەگە چىقىپ كەتكەن..
— قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانمۇ؟
— ياق،...ھە، بىر ئاغىنەمنىڭكىدە ئولتۇرۇپ كېلىمەن دېگەندەك قىلغان.
— ئۇ يەردىن خېلى كەچ قايتتىغۇ دەيمەن؟
—  ھە،... ئانچىمۇ كەچ ئەمەس، مەن بالىلارنى ئۇخلۇتۇپ، تېخى ئۆزۈم ياتمىغان.
— بىراق، شۇ چاغ ئېغىر ياتقۇ مەزگىلىمۇ قانداق؟
— ياق، خۇپتەن بىلەن،.. خەق خۇپتەندىن يانمىغان چاغمىدىكىن...
— شۇ چاغدا ئۇ ئاغزىنى چاڭگاللاپ، ئاللا توۋا بىلەن كىرگەندۇ؟ـــ ئۆمەر سوغۇق پۇزتسىيە بىلەن مەسخىرىلىك سورىدى.
— ...
— راست شۇنداقمۇ؟— ئابلەي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سورىدى.
ئايال ئىلتىجا قىلغاندەك، كۆزلىرىنى مۆلدۈرلۈتۈپ ئابلەيگە بىردەم تىكىلدى، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. ئۇ ئابلەينىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىدىن ئىشەنچكە ئېرىشكەندەك:
—  ھەئە...،— دېدى بوش ئاۋازدا.
—  تاھىر نېمە بولغانىكەن؟— سورىدى ئۆمەر.
— ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋاپتىكەن، گەپ قىلمىدى، باش كۆزۈمنى تېڭىپ قوي دەپ شەرەت قىلدى، ئاغزىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى....
— مېنىڭ ئويغلىغىنىمدەك چىقتى،— دېدى ئۆمەر كۆرەڭلەپ، ئابلەيگە سەل ئىڭىشىپ.
— ئۇ كېيىنمۇ نەگە بېرىپ، نەدە شۇنداق بولغانلىقىنى ئېيتمىدىمۇ؟
— ياق، تىلى ئىششىپ ئاغزىغا پاتماي قاپتۇ،... ئەتىسى مەن تېڭىقنى يېشىپ ئېغىز باشلىرىنى يۇيۇپ، باشقىدىن تېڭىپ قوياي دەپ قارىسام شۇنداق... يۈز ـ كۆزىمۇ ئىششىپ كېتىپتۇ...
— سىلىنىڭچە تاھىر قەيەرگە بېرىشى مۇمكىن؟ بىرەر گۇمانلىرى بارمۇ؟
ـــ ...
— تاھىرنىڭ شىرىننىسا بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدى؟ ئىلگىرى سىلى گۇمانلانمىغانمۇ؟
— ياق، ئۇ ئۇنداق ئادەم ئەمەس، تالاغا قارايدىغان قىلىقى يوق!
— تاھىر «شوخ» دېگەن لەقەم نېمىشكە قويۇلغان ئەمىسە؟!ـ  ئۆمەر يەنە ھۆرپەيدى.
— ئۇ دېگەن ناخشا- سازغا ئامراق، ئۆزى چىقىشقاق، مىجەزى ئوچۇق بولغاچقا شۇنداغ ئاتاق ئېلىپ قالغان!... — ئۇ بىردەم چاناقلىرىنى كېرىپ، تېز- تېز نەپەس ئالغاندىن كېيىن قوشۇپ قويدى،— تاھىردەك يالاڭتۆشكە كىم قارايدا، شىرىننىسا دېگەن ئوقۇرى ئىگىز، ھالى ئۈستۈن ئايال ئىدى، رەھمەتلىكنىڭ غەيۋىتى بولمىسۇن، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ باشقا ئادەملەر بىلەن، ھېلىقىدەك نام ـ ئەمەلى بار ئادەملەر بىلەن گىپى چىققان...
— كىم بىلەن؟ كىم بىلەن!؟— ھولۇقۇپ سورىدى ئۆمەر.
— ئىشقىلىپ، كادىرلار بىلەن ـ دە...
ئابلەي كۆڭلىدە پەيدا بولۇۋاتقان ئاللىقانداق گۇمان كۈلەڭگۈسىنىڭ بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى روشەنلىشىپ قالدى.
ئۇلار سۆھبەتنى شۇ يەردە توختاتتى، سوراق خاتىرىسىگە ئايال ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئابلەي ساھىپخانغا ئۆزرە ئېيتىپ ئورنىدىن تۇردى.
— بىز يەنە كېلىپ سىلىنى مالال قىلىشىمىز مۇمكىن، كېيىنكى ئەھۋاللاردا يەنە سورايدىغان بىر ئىش چىقىپ قالسا.

************
 
ئۇلار يولدا كېلىۋاتقىچە ئۆمەر كۆرەڭلىك ۋە مەنسىتمەسلىك بىلەن ئابلەيگە:
— قانداق ؟ مېنىڭ دېگەنلىرىم راست چىققاندۇ؟
— ياق تېخى، بۇ خېلى كۆپ ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ.
— سەن تازىمۇ سېسىق زىيالى ئىكەنسەنغۇ؟ ئۆزەڭنىڭكىنىلا راست قىلامسەن؟ سەن يەنە نېمىگە ئىسپات كېرەك دەيسەن؟
— تاھىرنىڭ تىلى چىشلەنگىنى، بۇ تىلنىڭ شىرىننىسانىڭ ئاغزىدىن چىققان تىلنىڭ پارچىسى شۇ ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما ئۇنى زادى كىم چىشلەپ ئۈزىۋالدى، بۇنىسى تېخى ئېنىق ئەمەس، توغرا، بۇنى تاھىرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بىلگىلى بولۇدۇ، بىراق، بۇنىڭ قاتىللىق بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ـ يوق، بولسا قانچىلىك؟ بۇلار تېخى نامەلۇم.
— تاھىرنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن غەيرى ئەخلاقى مۇناسىۋىتى بارلىقى جەزمەن، بۇنىسى ئېنىقلانسىلا قاتىللىقنىڭ جەريانى مەن دېگەندەك بولغان بولۇدۇ، بۇنى قاتىل ئېتىراپ قىلمىسىمۇ بەرىبىر، ھەقىچان ئۇ جىنايەتنى بوينىغا ئالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىستىلى مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش تەس ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاممىغا تايانساقلا ھەممە ئىش ئۆز- ئۆزىدىن يېشىلىدۇ، دادۈيجاڭغا دەيمىز ـ دە، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن يىپ ئۇچىغا ئېرىشىمىز.
— مەن ئۆلگۈچىنىڭ قوشنىلىرى بىلەن كۆرۈش زۆرۈر دەپ قارايمەن.
— مەن ئۆز پىكرىمدە قالىمەن، بارىمەن دېسەڭ بېرىۋە، مەن دادۈي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىمەن، دادۈيجاڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاشكارا- يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىشى چوقۇم.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز يوللىرىغا مېڭىشتى. ئابلەي بۇ ئىشتا ئۆمەرنىڭ جەزمەن مەغلۇپ بولۇدۇغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزى ئېرىشكەن مۇھىم يىپ ئۇچى، نازۇك ھالقىلار ھەققىدە سۆز ئاچماي، ئۇنىڭ شەرمەندە بولۇشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار ئاللىقاچان ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرئىككىسى ئۆز ئالدىغا ئۇتۇق قازانماقچى ئىدى.
ئابلەي شىرىننىسانىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قانىتى ئوچۇق بولۇپ، ئېغىلنىڭ يېنىدىكى تونۇر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ ئەتراپنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاياقتىكى قوشنا ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ زاھىرنىڭ قوشنلىرى ھەققىدە يولدىلا بىر نەچچە دېھقاندىن سۈرۈشتۈرۈپ، بەزىبىر مەلۇماتلارنى بىلىۋالغان ھەم مۇشۇ ھويلىغا كىرىشنى قارار قىلغانىدى.
ھويلىدا بىر موماي تونۇر بېشىغا تېزرەك يېيىۋاتاتتى. ئابلەي ئۇنىڭ زەينەپخان موماي ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بىلىۋالدى.
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، چوڭ ئانا،— دېدى ئابلەي سالام بېرىپ.
— كەلسىلە، كەلسىلە بالام،— دېدى موماي سۆۋەتنى يەردە قويۇپ، قوللىرىنى قولتۇقىغا ئېرىتقاچ بۇ تەرەپكە كېلىپ،— ئۆيگە چىسىلە.
موماي كونا زاماندىن قالغان قوش قاناتلىق ئىشىكنى ئېچىپ، مەڭدىگەن ھالدا مېھماننى تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ ئۆيى بىر ئاشخانا، بىر دالاندىن تەركىپ تاپقان، ھەممە يېرىدىن غېرىپچىلىق يىغىپ تۇرغان ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭ تۇل خوتۇن ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرۈپ تۇراتتى.
— ھويلىدىلا ئولتۇرايلى،— دېدى ئابلەي ھويلىدىكى سۇپىدا بىر پارچە ئۆچكە تېرىسى ئۈستىگە ئولتۇرۇپ،— سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ئازراق ۋاقىتلىرىنى ئېلىپ، سورايدىغان گەپ بار ئىدى.
— بولۇدۇ، غۇجام، بولۇدۇ، ئۆيگە چىسىلە بولىتتى، مەيلى، ئىختىيارلىرى، توختىسىلا، كۆرپە سالاي، بىر قوشۇق چاي ئىچسىلە.
— بولدى، بولدى، چوڭ ئانا، ئاۋارە بولمىسىلا، مەن بەك ئالدىرايمەن، چاينى ئىچىشكە ئۈلگۈرىمىز، مەن تېخى يەنە كېلىمەن، ماقۇل دېسىلە.
ئابلەي موماينىڭ مېھماندوستلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنى قېشىدا ئولتۇرۇشقا ئۈندىدى.
— مەن سىلىدىن قوشنىلىرى ھەققىدە بىر نەرسە سورىماقچىدىم، بىلگەنلىرىنى ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ بەرسىلە بولدى.
— ماقۇل، بىلسەم دەپ بېرىمەن، ھۆكۈمەت دېگەنننڭ گېپىگە ياق دېسە بولمايدۇ ـ دە،
— سېلى شىرىننىسانىڭ ئۆلۈمىگە نېمە دەپ قارايدىلا؟ سىلىنىڭچە ئۇنىڭ دۈشمىنى كىمدۇ؟
— دېگەن بىلەن ئۆلگەن كەتتى، بۇ دۇنيانىڭ مۇشەققىتىدىن قۇتۇلدى، بالىلىرىغا ئۇۋال بولدى - دە، ئۇنىڭغا قەست قىلغاننى خۇدايىم پەست قىلار، ئۆزى ئوچۇق، لىۋەن چوكان ئىدى. شۇڭىمۇ زاھىر «كۆكەمە» دەرت ـ ئەلەمدە يۈزلىرىنى تاتىلاپ، تازا يىغلىغان ئوخشايدۇ، يۈزلىرىدە تىرناق ئىزى...
— يۈزلىرىنى تاتىلىۋاپتۇ دېدىلىمۇ؟— دېدى ئابلەي چۆچۈپ، ئۇ بايا بۇ ئالامەتنى تاھىرنىڭ يۈزلىرىدىن ئىزلىگەنىدى،— ئۆزى تاتىلىۋالغاندىمۇ، يا...؟
— ئۆزى تاتىلىۋالمىسا مۈشۈك تاتىلىۋالامتى ئەمسە، قىزىقكەنلا، ئادەم دېگەن دەرت كەلگەندە نېمە قىلمايدۇ دەيلا.
ئابلەي مۇماينى گومانغا كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن نىشاننى بۇرىدى:
— دېمەك، زاھىر بىچارە ئەلەمگە چىدىماپتۇ- دە؟ ئىككىسى تازا ئامراق ئەر ـ خوتۇنلار ئىكەندۇق- ھە؟
— ھەي، نېمىسىنى ئېيتىلا، «سەتنىڭ ھالى چوڭ، چىرايلىقنىڭ دەدى» دېگەندەك، دەدى باتى، ئۇ چوكاننىڭ . بۇلانىڭ ئۆيىدە جىدەل قۇرىمايتتى. قاچاندا قارىسا تالىشىپلا يۈرگەن... ئەمدى شۇ «تىرىكلىكىدە ئەيلىمىدىڭ ياد، ئۆلگەندە ئاھۇ – پەرياد» دېگەندەك گەپ بولمامدۇ.
— نېمە تالىشىپ ئۇرۇشاتتى؟ سىلىگە ئەھۋال ئېيتىدىغان بولغىيدى؟
— نېمە تالىشاتتى، كۈندەشلىك بولمامدۇ! نېمىسىنى ئېيتىلا، ئۇ چوكانمۇ ئۆزى ئۇز بولغاچمىكىن، ئالالمىغان سادەك ئايلىنىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەستى، كۆڭۈللىرىگە كەلمىسۇن، ئە كىشى خەق دېگەنچا،... ۋاييەي....
— قارىسىغىلا كۈنلەپ ئۇرۇشامتى، ياكى بىرەر گۇمانى بارمىدى؟
— ئىشقىلىپ، قارىسىغا ئەمەس،... بىرسىگە ئاغىنىسىدىن كۈنلەيتىغۇ، دەيمەن، ئىككىسى دەسلەپ جان- جىگەر ئاغىنە بولۇشتى، ھەي، مۇشۇنىڭ ئاخىرىسى ياخشى چىقمايدىغۇ، دەيتتىم، نېمىشقا دېگەندە پەھلى شەيتان، كۆڭۈل دېگەن ساراڭ نېمە، خوتۇن جىنى خىزىرنىمۇ ئازدۇرىدۇ دەپ، بىر بالاسى تاشىدىغۇ دەيتتىم...
— ئۇنىڭ قايسى ئاغىنىسىنى دەيلا؟
— تاھىر «شوخ» دېگەن بىر ئالىقاپ بار، جىمى سازنى چالىدۇ، چاقچاقنى بولۇشىغا قىلىپ، ناخشا توۋلاپ ئاغزى بېسىقمايدىغان بىر نېمە، شىرىننىساغۇ تازا شۇنىڭ خىلىدى. نېمىسىنى ئېيتىلا، خۇدايىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار، بەندىنىڭ دېگىنىدەك بولسىغۇ، ئىككىسىنى قوشۇپ قويغۇدەك.
ئابلەي چېكىپ بېقىش مەقسىتىدە ئەتەي سورىدى:
— ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى ھەممە خەلق بىلگەن يەردە دادۈي رەھبەرلىرى بىلمەمدۇ؟ بىلگەن بولسا دادۈيجاڭ ئەجەب ئۇلارغا تەربىيە بەرمەپتىكەن ـ ھە؟
— كىم؟ كىمگە تەربىيە بېرىدۇ، دېدىلە؟ دادۈيجاڭمۇ؟ ھە، ئۇ كىشى... ئۇ كىشىمۇ شىرىننىساغا »تەربىيە بەرگىلى« كېلىپ يۈرەتتىغۇ دەيمەن...
ئابلەي بۇ جاۋاپتىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
— شىرىننىسانىڭ ئۆلۈكى تېپىلغاننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى سىلى ئۆيدىمىدىلە؟
— ھەئە، ئۆيدىدىم، تۇل خۇتۇننىڭ بارىدىغان نەرى بار، دەيلا.
— شۇ ئاخشامدا زاھىر ئۆيدە بارمىدى؟
— بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ، خۇدا ئۆزى بىلەر، ئۆيدە بار بولغاي...
— شۇ كېچىسى بىرەر شەپە ئاڭلىغانمىدىلە؟
— شۇ كېچىسى دەملا؟ نېمىسىنى ئيېتىلا، قېرىغاندا شۇ، ئادەم جاھاننى سورۇپ، ئوي ئويلاپ يېتىپ، ھېچنىمىگە زەڭ ئەتمەيدىكەن ئىشىك تۈۋىدە مىلتىق ئاتسىمۇ تۇيماي ياتىدىغان بولۇپ قالىدىكەن...
— زاھىرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ شۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى شەگە كەتكەن ئىكەن، خەۋەرلىرى بارمۇ؟
— كەتسىمۇ كەتكەندۇ، ياش باللا...
— شۇ ئىككى كۈن ئىچىدىكى ئىشلارنى ئوبدانراق ئويلۇنۇپ كۆرسىلە مەن يەنە كېلىمەن، ئاۋارە قىلدىم،— ئابلەي ئورنىدىن تۇردى.
موماي ئۇنى چاي ئىچىپ كېتىشكە كۆپ زورلىغان بولسىمۇ، ئابلەي رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتى.
ئۇ دادۈيگە كەلگەندە ئۆمەر ئۇنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن قارشى ئالدى:
— ئەھۋال دەل مېنىڭ قىياسىمدىكىدەك ئىكەن، ئۇلارنىڭ غەيرى ئەخلاقى مۇناسىۋىتى بارلىقى بۇ يەردىكىلەرگە سىر ئەمەسكەن، دادۈيجاڭ ئۆز قولى بىلەن ئىسپات يېزىپ بەردى قانداقلا بولمىسۇن پارتىيىنىڭ كادىرى، ئۇنىڭ دېگىنى پولاتتەك پاكىت! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەركىۋىنىڭ پاك ئەمەسلىكى...
— شۇنداق، دادۈيجاڭ ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىدۇ- دە!... ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىمۇ راست بولۇشى مۇمكىن.
— «مۇمكىن» دەيسەنغۇ؟ دادۈيجاڭنىڭ ئىسپاتى ساڭا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟
— ياق،... مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداقراق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ قېلىۋاتىمەن....
— دېمەك، سەن ئاخىرى ئاتتىنمۇ، ئۆزەڭگىدىنمۇ چۈشۈپسەن - دە؟ ئەمدى تاھىرنى ئېلىپ قايتايلى، ئۇنى سوراق قىلغاندىن كېيىن قالغان ئىش ئايدىڭلىشىدۇ.
— قايتساق قايتايلى، بىراق، بىز تېخى بۇ يەرگە كۆپ كېلىمىز، ئالدىراپ خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ.
— قېنى كۆرەرمىز.
ئابلەينىڭ كۆڭلىدە باشقا بىر قاتىل ھەققىدىكى ئىسپاتلار تۇتۇق ھالدا كىنو - لىنتىسىدەك ئالدىن ئۆتۈۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئېنىقلىنىپ كېتىشىگە ئاللا نېمە كاشىلا بولۇۋاتاتتى. قاتىلنىڭ سايىسى قاراڭغۇلاشقان كۆزگە كۆرۈنگەندەك جۈپ كۆرۈنەتتى. شۇڭا ئۇنى جۈپتىدىن ئاجرىتىپ بىرگە مۇقىملاشتۇرۇش تەس بولۇۋاتاتتى.
 

بەشىنچى باپ.  ئاخىرلىشىش ۋە باشلىنىش
 

     ساقچىلار «قاتىل» دەپ گۇمان قىلىنىۋاتقان تاھىرنى ئېلىپ يېزا يولىدا شەھەرگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن دادۈيجاڭ قوشۇپ قويغان خەلق ئەسكىرىدىن بىرى ئۆمەرنىڭ ئىككى چارەك بۇغدىيىنى بازارغىچە ئاپىرىشىپ بېرىش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.
ئۆمەر بۇ ئىككى چارەك بۇغداي ھەققىدە نېمىشكىدۇر ئابلەيگە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تېپىپ:
— ئۆيدە ھەمىشە  نۇرمىمىز يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇناق ئۇنى كۆپرەك، دېگىنە، شۇڭا ئازراق بۇغداي سېتىۋېلىپ قوشۇمچە قىلايلى دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم، دادۈيجاڭ ئاغىنىمىز ئۆزى ئىككى چارەك سېتىپ بەردى،— دېدى .
بۇ گەپ، ئەسلىدە بۇ بۇغدايغا ھېچقانداق ئىنكاستا بولمىغان، ئەكسىچە بۇنى نۇرمال ئىش دەپ ئويلاپ ئۆزىمۇ ئازراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ باقمىغىنىغا ئۆكۈنۈپ، ئۆمەرنىڭ تۇرمۇشقا پىشقان ئادەملىكىگە قول قويۇپ كېلىۋاتقان ئابلەيگە ئەكس تەسىر بېرىپ، ئۇنىڭدا گۇمان ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى ھەم ئىلگىرىكى گۇڭگا كۆرۈنۈۋاتقان جۈپ كۆلەڭگۈنىڭ بىرى روشەنلەشكەندەك بولدى.
تاھىر ئەتىسىلا سوراق قىلىندى.
ئۆمەر خۇددى ئىدارە باشلىقىدەك كىبىر بىلەن سۈر كۆرسۈتۈپ سوراقنى باشلىدى، سوراق خاتىرىسىنى ئابلەي يازدى.
— »ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش، جاھىللىق قىلغانلارغا قاتتىق بولۇش» مانا بۇ بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز، ئۇقتۇڭمۇ؟
تاھىر قورقۇنۇچتىن جالاقلاپ تىترىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.
— ئۇنداق بولسا راستلىق بىلەن جاۋاپ بەر، بىز سېنىڭ ئىقرارىڭغا مۇھتاج ئەمەس، ھەممىنى ئېنىقلاپ بولدۇق، پەقەت سېنىڭ پوزىتسىيەڭنى كۆرۈپ باقماقچى، ئەگەر ئىقرار قىلمايدىغان بولساڭ پۇرولتارىيات دىكتاتۇرسىنىڭ پۇلات مۇشىتىنى تېتىتىپ قويىمىز. ئۇ چاغدا بىزدىن كۆرمىسەڭ بولىدۇ،— ئۆمەر ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلىۋېلىپ داۋام قىلدى،— خوش، ئەمسە ياخشى ئويلۇنۇۋېلىپ جاۋاب بەر. شىرىننىسا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بارىدى؟
تاھىر بېشىنى چايقىدى. ئۇ تېخىچە سۆزلىيەلمەيتتى. تىلىنىڭ ئاغرىقىمۇ توختىمىغانىدى. ئۆمەر قەھرى بىلەن شىرەنى مۇشتلاپ ھەيۋە قىلدى. تىترەشتىن ئىستاكاندىكى چاي داۋالغۇپ شىرە ئۈستىگە چېچىلىپ كەتتى. ئابلەي ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلەن قاراپ قويدى.
— ئېيتە! راستىڭنى ئېيت!
— ...، — تاھىر تىت- تىت بولغاندەك تەشۋىشلىك چىراي بىلەن ئابلەيگە قاراپ، باش چايقىدى. ئابلەي ئۇنىڭ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىغا چۈشىنىپ، ئۇنى باشقا بىر شىرە قېشىغا يۆتكىدى ۋە قەغەز قەلەم بەردى، شۇندىلا تاھىر تۆۋەندىكىلەرنى يازدى،— بىز ئۇنىڭ ئېرى بىلەن دوستلاردىن، كىرىپ ـ چىقىش قىلىپ قالاتتۇق، شۇڭا خەق گەپ تاپتى...
— ئەگەر ئىقرار قىلمايدىغان بولساڭ، پۇرولتارىيات دىكتاتۇرسىنى ئۇنتۇپ قالما! — ئۆمەر ئەتەي بىر نەرسە ئاختۇرغاندەك قىلىپ، شىرەنىڭ تارتمىسىنى ئاچتى ۋە كويزىنى ئېلىپ شىرەگە تاشلىدى.
قاتتىق قورقۇپ كەتكەن تاھىر توختىماي باش لىڭشىتىپ تۆۋەندىكىلەرنى يازدى:
«بىز شىرىننىسا بىلەن بۇرۇندىن كۆيۈشۈپ يۈرگەن، بىراق ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىش نىسىپ بولمىدى، مەن پومىچىكنىڭ نەۋرىسى بولغۇنۇم ئۈچۈن، قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى رازى بولمىدى، دادۈيدىنمۇ خەت يېزىپ بەرمىدى، بۇنىڭغا ھەرئىككىمىز ئېچىندۇق، كۆڭلىمىز بولغاچقا كىيىنمۇ مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزمىدۇق، كۆپ قېتىم بىر يەردە بولدۇق، پۇرسەت تاپساقلا ئۇچرۇشۇپ تۇردۇق، زاھىرنىڭ سەل گۇمانى بار ئىدى، بىراق، ئۇ مەندىنلا گۇمانلانمايتتى، ئۇ بۇ ئىشنى كوچىلىسا جىق ئادەملەرگە دەز كېتىشىدىن، كېيىن ھېچقانداق ئاساس تاپالماي، تۆھمەتچى دەپ بالاغا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىچىدە ھەسرەتلىنىپ يۈردى، يۇرتتا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ھەققىدە بولغان گەپ چۆچەكلەرنىڭ جىقى راست».
— زاھىر يەنە كىمدىن گۇمانلىناتتى؟
«بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بۇ شىرىننىسا ئىككىمىزنىڭ پەرىزى» ئابلەي كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر سورىغان سوئالنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
— سەن شۇنداق ئامراق ئاشناڭنى قانداق ئەھۋالدا ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ؟ ئۇچرۇشۇشنىڭ جەريانىنى سۆزلە!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاھىر چۆچۈپ كەتتى، ئۇ كۆرىنەرلىك ئازاپلاندى، ئابلەي ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى دىققەت بىلەن كۈزۈتۈپ تۇردى، تاھىر ئۆزىنى «قاتىل» دېيىشىۋاتقىنى ئاڭلىغان، شىرىننسا ھەققىدە سورىغىنىغا قاراپ ھەرخىل خىياللارغا كېلىپ باققان بولسىمۇ شىرىننىسانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شۇ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئۇقمىغاندەك ئىپادىلەردە بولدى.
        «ئاخىرقى قېتىم ئۇچراشقىنىمىزنى سۆزلىسەم سۆزلەي، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مېنىڭ قانداق قۇلۇم بارىدۇ؟ ئاخىرقى قېتىمدا مۇنداق بولدى، بىر كۈنى زاھىر شەگە (شەھەرگە) كىرىپ ئويناپ چىقماقچى بوپتىكەن، مېنى بىللە كىرىپ ئويناپ چىقايلى دېدى. مەن ئۇنىمىدىم، ئىشىمغۇ يوق ئىدى، شىرىننىسا بىلەن خاس قالىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بەرگىم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى ئېشەك بىلەن شەگە كەتتى، مەن ئۇنىڭ راست كەتكەن - كەتمىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن پايلاپ يۈردۈم، ئۇنىڭ سازلىق تەرەپ بىلەن ئارىلاپ يۈرۈپ كەتكىنىنى ئېنىق كۆردۈم (بۇ يول شەگە يېقىنراق ئىدى) ئاندىن خاتىرىجەم بولدۇم، كەچتە مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم، شىرىننىسا مېنى كۆرۈپلا خاپا بولۇپ قالدى، ›نېمىشكە كەلدىلە؟ ئەمدى كەلمىسىلە بولاتتى، تەقدىرگە تەن بەرمەي نېمە ئىلاج... ‹ دېدى . مەن ئۇنى مەندىن رەنجىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرۇندۇم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش يۇقى، بالدۇرقىدەك ئامراقلىق قىلماي، قولاشمىغاندەك تۇرۇۋەردى... مەن ئاخىرى ئۇنى ئىرىتتىم، ئۇ بوينۇمغا ئېسىلدى. بىراق بىر قورقۇنچسى باردەك جالاقلاپ تىترەپ تۇراتتى... ›كىرىۋاتقۇچە بىر كىم كۆرمىگەندۇ؟‹، ياق، كىم كۆرەتتى، خاتىرىجەم بول، ›ۋاي، خۇدا! زاھىر كىرىپ قالىدىغان بولسا...!‹ دېدى ئۇ ئاھ تارتىپ، ›ئۇنىڭ شەگە كەتكىنىنى ئېنىق كۆرگەن تۇرسام، ئۇ سازلىقتىن ئۆتۈپ كەتكۈچە قاراپ تۇرغان تۇرسام... ‹ دېدىم ئۇنى خاتىرىجەم قىلىپ ‹شۇنداق بولسىغۇ، ئىلاھىم! ۋايەي، ئېيتىشقا تىلىم كۆيۈدۇ، ئېيتسام دىلىم!› مەن ئۇ چاغدا ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئانچە زەڭ ئەتمەي، ئاسماقچىلاپ سورىمىدىم. ئۇ مېنىڭ تەلىۋىمنى رەد قىلدى. پەقەت تىلىمنى قاتتىق شوراشقا باشلىدى. شورىدى، شورىدى، مەن ئۆزەمچە كۆڭلۈمنىڭ مەيلىگە بېرىلىپ گەپ قىلماپتىمەن، بىر كەمدە ئۇ تىلىمنى قاتتىق چىشلىدى. بېشىم پىررىدا قېيىپ، ئاغرىق جان- جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم، ئاغزىم قانغا تولدى، ئاغزىمدىن قان چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاغزىمنى مەھكەم تۇتقىنىچە تالاغا قاراپ چاپتىم. مەن چىقىپ كەتكەندە ئۇمۇ قاتتىق ۋارقىردى. پەمىمچە قورقۇپ كېتىپ يىقىلدى بولغاي...»
بۇلارنى كۆرگەن ئۆمەرنىڭ گۈلقەلەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئابلەيگە ئەتەي ئۇلارنىڭ تىل شوراشقىنىنى ئەسكەرتىپ، شۇ قۇرلارنى قەلەمنىڭ ئۇچى بىلەن كۆرسەتتى.
— دەل مېنىڭ دېگىنمدەك بولغان!
ئابلەي يەنىلا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېشىنى چايقىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى «قوش كۆلەڭگۈ«نىڭ ئىككىنچى بىرى روشەنلەشكەندەك بولدى. بۇ بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھالقىلارنى بىر- بىرىگە يېقىن كەلتۈرۈشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈپ قويدى. ئەمما ئۇ دەرھال بىر مۇھىم نەرسىنى ھېس قىلىپ، يانچۇق دەپتىرىنى ئېلىپ تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويدى:
« زاھىرنىڭ سازلىق تەرەپكە كەتكىنىنى كۆرگەنلەر يەنە بارمۇ- يوق؟ قايتىپ كېلىۋاتقىنىچۇ؟  ئۇ ئېشىكىنى قەيەردە قويغان؟ ئۇنىڭ قوشنىسى زەينەپخان بىلەن يەنە كۆرۈشۈش كېرەك».
— سەن شۇ چاغدا جان ئاچچىقىڭدا چىدىماي ئۇنىڭ گېلىنى بوغدۇڭ، شۇنداقمۇ؟
تاھىر بېشىنى چايقىدى.
— راست گەپ قىل! راست گەپ قىلساڭلا قۇتۇلىسەن!.
تاھىر يەنە بېشىنى چايقىدى.
ئۆمەر غەزەپتىن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى ۋە تىترەپ تۇرغان ئەيىبكارغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ:
— ئەمسە، ياخشى بولىدۇ! پۇرولېتارىيات دىكتارتۇرسىنى تېتىپ باق!
ئۇ ئىككى نەپەر ساقچى چاقىرىپ، تاھىرنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، سولاپ قويۇشنى ئەگەر يەنە يوۋاش بولمىسا، دىكتاتۇرا ئىشلىتىشنى بۇيرىدى.
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئابلەي:
— زورلاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياخشى چارە ئەمەس، بۇنداق ئىقرار ئىشەنچىلىك بولۇشى ناتايىن،— دېدى.
— نېمە؟ بۇزۇقلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلساق بولامتى؟ بۇ دېگەن دىكتاتۇرا ئورنى! بىزنىڭ دىكتاتۇرىمىز سىنىپى دۈشمەنلەرگە، بۇزۇقلارغا قارىتىلىدۇ،— دېدى ئۆمەر مەنسىتمەسلىك بىلەن.
ئابلەي ئۆمەر بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنى مۇناسىپ دەپ قارىمىدى. ئۇ ئاۋال سۈرەت لېنتىلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىپ، بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقماقچى بولدى. بۇ ئېنىقلانسا، تۈگۈننى يىشىشكە ياردىمى بولاتتى. ئۇ ئۆمەرنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى.

  *****
 
     مەتتۇردى ئابلەيگە ياردەملىشىپ سۈرەتلەرنى يۇيۇپ، بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، تەھلىل قىلىشىپ بەردى. ئۇلار تىل ئۇچىدىكى بارماق ئىزى بىلەن تاھىرنىڭ بارماق ئىزىنى سېلىشتۇرۇپ، «ئوخشاش ئەمەس» دېگەن يەكۈننى چىقاردى. چاچلارمۇ ئوخشاش ئەمەس بولۇپ چىقتى. تېرە قاسرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇۋاندىلارنى «تېرە قاسرىقى» دەپ بېكىتتى. ئەمما ئۇنىڭدىن قان تىپىنى تەھلىل قىلىپ چىقىش خېلى نازۇك تېخنىكا بولغاچقا ئۇلاردىكى تېخنىكا بۆلۈمى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى.
يازما ئاساس بولمىسا كېيىن بەزى ئىشلاردا رەت قىلىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئابلەي يۇقارقى يەكۈنلەر ھەققىدە تېخنىكا بۆلۈمنىڭ يازما ئاساس بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۆمەرنى نېمە قىلىۋاتىدىكىن دەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەندە ئۆمەر ئۇنى خوشال ھالدا كۈتۈۋالدى:
— سەن ئۆزەڭنىڭ گېپىنى يورغىلىتىسەن، مانا قارا، بىز ئاخىرى ئۇنى ئىقرار قىلدۇردۇق، ئەمدى دىلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ خۇلاسە يېزىش ئىشىلا قالدى،— دېدى.
ئىقرارنامىدا تۆۋەندىكىلەر يېزىلغانىدى:
«مەن تىلىم چىشلەنگەندىن كېيىن شېرىننىسانىڭ ۋارقىراپلا يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇ قورقۇپ كېتىپ ھۇشىدىن كەتتىمۇ، يا مەن جان ئاچچىقىمدا ئۆزەممۇ بىلمەي بوغۇپ قويدۇممۇ بىلمەيمەن...»
—  قانداق؟
— بىراق، ئۇ قانداق بولۇپ كوچا دوقمۇشىغا بېرىپ قالدى؟
— .... بۇنىڭدا ئىككى خىل ئېھتىمال بار، بىرى تاھىر كېيىن قايتىپ كىرگەن ھەم ئايالغا قارىسا ئۆلۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كوچىغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىغان، يەنە بىرى ئايال تېخى ئۆلمىگەن، ئۇ ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللىقانداق مەخسەت بىلەن كوچىغا چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ جايغا كەلگەندە بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلىپ چۈشۈپ جان بەرگەن.
— ھەر «ئىككى ئېھتىمال» پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ!
— بىراق، بۆلۈم باشلىقلىرى خۇلاسە چىقىرىشقا قوشۇلدى. دىلونى ئېنىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولۇدۇ.
— مېنىڭچە بۇ دىلونى ئېنىقلاش ئىشى ئەمدىلا باشلاندى، سەن ئۆز قاراشلىرىڭدىن يانمىساڭ مەيلى، مەن بۇنى يېڭىباشتىن ئېنىقلاش كېرەك دەپ قارايمەن.
— ئۇ ئۆزەڭنىڭ ئىشى، بىراق سەن ئۆزەڭنىڭ گۇمانلىرىنى قويۇپ باق.
ئابلەي بارماق ئىزلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، چاچ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ماددى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. باشقا گۇمان ۋە ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان نوقتىلار ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى.
— ئەيىپكار ئىقرار قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمىنى كوچىلاش كېرەك؟
— ئەمما، مەن كوچىلايمەن، نەق مەيدانغا يەنە بارىمەن.
— يول بولسۇن، سەن قايتىپ كەلگۈچە بىز تاھىرنىڭ دىلوسىنى ئىشلەپ يوقۇرىغا سۇنۇپ بولۇمىز، سېنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلىرىڭ، ئەقلى خۇلاسىلىرىڭ ئىسپاتلىنىپ بولغىچە بەلكىم ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپمۇ بولار.
ئابلەي جىددىيلەشكەن ھالدا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ خىيالىدىن «جىددى تۇتۇش قىلمىسام بىر ئادەمنىڭ ناھەق جازالىنىشنى توسۇپ قالالمايمەن، دەرھال يېزىغا مېڭىشىم كېرەك!» دېگەنلەر كەچتى.
 

ئالتىنچى باب. گۇمان كۆلەڭگۈسى
 

       ئابلەي ئەتىسىلا تالتېرەككە يۈرۈپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقۇلۇپ تۇرۇۋاتقان گۇمان كۆلەڭگۈسى ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمەيتى. ئۇ بەزىدە «دەل شۇ! شۇنىڭ ئۆزى!» دەپ ۋارقىراپ سالاتتى. بەزىدە يەنە ئىككىلىنىپ: «پاكىت كېرەك، پاكىت! مەن باشقىلاردەك ھېسسىيات بويىچە ھۆكۈم چىقارماسلىقىم كېرەك، مەن ئۇنداق چالا ساۋاتلارغا ئوخشىمايمەن!...» دەيتتى.
ئۇ سېكرىتارغا يولۇقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ھېسابلىدى. دادۈيجاڭنى كېيىنرەك ئىزدىمەكچى بولدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئۈچ ئىش بار ئىدى. بىرى زاھىر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىۋېلىش، يەنە بىرى ئۇنىڭ قوشنىسى زەينەپخان بىلەن كۆرۈشۈپ قاتىللىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدىكى ئاخشامدا ئۇ قانداق سادالارنى ئاڭلىدى. دېگەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈش. ئاندىن سازلىقنى بويلاپ مېڭىپ كۆڭلىدە پەيدا بولغان يېڭى تۈگۈننى يەشمەكچى ئىدى. بۇلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن دادۈيجاڭغا يولۇقسىمۇ كېچىكمەيتتى.
ئۇ ئالدى بىلەن مۇماينى يوقلىدى. ئۇ زەينەپخانغا شەھەردىن بىر كىلو گۆش ئېلىۋالغانىدى، ئۇلار تېچلىق سورۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئابلەي ئۇنىڭغا:
— ھامماچا، بۇنى قازانغا سېلىپ قويسىلا، پىشقىچە بىردەم پاراڭلىشىمىز،— دېدى.
موماي ئوچاق بېشىدا ئاۋارە بولۇۋاتقان پۇرسەتتە، ئۇ ھويلىدا بىرەم ئايلىنىپ يۈردى، باغقا كىردى. ئاندىن ئۆگزىگە چىقىپ زاھىرنىڭ ھويلىسىغا قاراپ باقتى. ھويلا تىرىك جان باردەك ئەمەس، جىم- جىت تۇراتتى. ئابلەي ھويلىنىڭ جىم- جىتلىقىغا ئېرەن قىلماي، دەرۋازىنىڭ جايلاشقان ئورنى، تونۇر، ئۆينىڭ ئىشىكى، باغنىڭ، ئېغىلنىڭ جايلاشقان ئورنى ۋە ئارىلىقلىرىنى پۇختىلاپ ئىسىگە ئېلىۋالدى. ھويلا دەرۋازىسى زەينەپخاننىڭ ئۆيى بىلەن بىر تام ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇراتتى. دېمەك، كېچىسى دەرۋازىنىڭ ئېچىلىپ- يېپىلغان ئاۋازلىرى مومايغا ئاڭلىنىپ تۇرىشى جەزمەن ئىدى.
ئۇ ئۆگزىدىن قايتىپ چۈشكەندە موماي تۆشۈكتىن بىكار بولغانىدى.
— زېرىكىپ قالدىلىمۇ، بالام؟— دېدى موماي، ئوچاققا قاتتىق ئوتۇندىن بىر نەچچە تالنى سېلىپ قويغاندىن كېيىن سۇپىغا ئابلەينىڭ قارشىسىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ.
— ياق، نېمىشكە زىرىكەتتىم، ئەمدى پاراڭلاشساقمۇ بولدىغۇ،— دېدى ئابلەي مومايغا يېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ.
— شۇنداق بولسىمۇ، دەيمىنا... سەھرا يېرىدە، شۇ.
— سىلىدىن يەنە شىرىننىسانىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق بىر نېمە سورىماقچىدىم، مالال كۆرمىسىلە شۇ توغرۇلۇق پاراڭلاشساق بولارمۇ؟
— سورىسىلا، بىلسەملا ئىگەكىم، دەپ بېرىمەن.
— شۇ كۈنى ئاخشىمى تاھىرنىڭ بۇ ئۆيگە كەلگەنلىكى راست ئىكەن، ئۇ ئۆزىمۇ بۇنىڭغا ئىقرار قىلدى. سىلى ئۇنىڭ كىرىپ كەتكىنىنى، ئازراق شەپىسىنى بولسىمۇ سەزگەنلا؟
— مەن ئۇ چاغدا ئۆچكەمگە يۇندىغا كېپەك سېلىپ، ئاداپ قىلىپ بېرىۋاتاتتىم، داۋزىنىڭ ئېچىلىپ- يېپىلغىنىنى ئاڭلىدىم، ئەمما- زە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا زەڭ ئەتمەپتىمەن، تايىنلىق زاھىر بىر ياقتىن كەلگەندۇ دەپلا ئويلىدىم ـ دە...
— شۇ چاغدا شىرىننىسانىڭ ئۆيىدىلىكىگە جەزم قىلالاملا؟ دېمەكچى بولغىنىم، دەرۋازىنى ئاچقىنى راست تاھىرمۇ ياكى بىرسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىرگەن شىرىننىسانىڭ ئۆزىمۇ؟ بۇنى ئارىلاشتۇرىۋەتمىگەندۇق؟
— ياق، شىرىننىسا ئەمەس، مەن شۇنىڭ ئالدىدا ئۆگزىدىن كۆتىچەك تاشلىغىلى چىققانىدىم، شۇ چاغدا شىرىننىسا ئۆيدىدى، ئۇنىڭ ئۇلاغ جايلاۋاتقىنىنى كۆگەنتىم. كېيىن داۋزا ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا مەن ئۇنىڭ بالىلىرىغا ۋارقىرىغىنى ئاڭلىغانىدىم. زاھىر شەگە كىرىپ كەتكەن بولسا، دەرۋزىنى ئاچقان تاھىر بولماي كىم بولاتتى؟ ھە، راست، بىر بولسا ...
— دەۋەرسىلە.
— مۇنداقلا بىر ئىش يادىمغا كەلگەنىدى، ھېچگەپ يوق...
— بىر بولسا دادۈيجاڭ دېمەكچىغۇ سىلى؟— دېدى ئابلەي پەس ئاۋازدا.
— ياق، ياق، ئاغزىمغا تاش- تۇپراق! ھەرگىز ئۇنداق دېمىسىلە،— مۇماي جىددىيلىشىپ كەتتى.
ئابلەي ئۇنى چۈشەنگەچكە بۇ ھەقتە كوچىلىمىدى ھەم بۇنى كوچىلىغان بىلەنمۇ زەينەپخان ھېچنەرسە ئېيتىپ بەرمەيتتى.
— شۇ كۈنلەردە شىرىننىسانىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغانمۇ- يوق؟ زەڭ قويغانمىدىلە؟
— ئالدىنقى كۈندىن تارتىپلا خاپىغان كۆرۈنگەن، ياق خېلى بۇرۇن بىژ نەچچە كۈن ئاۋاللا شۇنداق خاپىغان بولاپ قاغان. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەمىشە غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپلا ژۈرىدىغان، ۋالاقلاپ كۈلۈپلا تۇرۇدۇغان بولغاچمىكىن، ئۆزگۈرۈپ قاغىنى بەكلا بىلىنىپ كەتتى، شۇڭا ھازىرقىدەكلا ئىسىمدە قاپتۇ. مەن ئۇنى زاھىر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلار پات- پاتلا ئۇرۇشۇپ تۇرىتى، شىرىننىسا بىرە كۈن شۈكلەپ قالاتتى، ئاندىن يەنە ئوخشاش قېلىپىغا چۈشەتتى، ئەمما شۇ قېتىم ئۇنداق بولماي، قاپىقى ئېچىلمايلا قالغانتى.
— ئۇ سىلىگە ئۆيدىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرى توغرۇلۇق كۆڭلىدىكىنى ئېيتامتى؟
— ئۇ ماڭا جىق گەپ قىلىپ كەتمەيتى....
— ئۇنىڭ سىرىنى ئېيتىدىغان باشقا سىرداشلىرى بولسا كېرەك؟
— بولسا كېرەك... خۇدا بىلىدۇ.
— دەرۋازا ئېچىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپلا شۇ پېتى يۈتتىمۇ ياكى باشقا بىرە شەپىنىمۇ ئاڭلىدىلىمۇ؟
— بايا سىلى ئۆيگە چىرىپ ئولتاغانچىلىك پۇرسەتتە، چېغىمدا شۇنچىلىك ۋاقت ئۆتتىمىكى، بىرسىنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. ئىشقىلىپ بىرسىنىڭ ۋارقىرىغىنى راست، ماڭىغۇ كېچىلىرى ھەرقىسما ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولۇدۇ، خۇدا كۆرسەتمىسۇن، يالغۇزلۇقنى!
— ئاندىنچۇ؟
— ئاقىدىنلا ئۆينىڭ ئىشىكى تاراقلاپ ئېچىلدى، بىسىنىڭ ھويلىدا ژۈگۈغاندەك شەپىسى ئاڭلاندى. دەرۋازا جالاقلاپ ئېچىلدى، بىسى تىپىك يىگەن كۇچۇكتەك غىڭشىپ، مېڭىپ كەتكەندەك بولدى، بىز ئىلگىرى پات - پات بۇلارنىڭ جىدىلىنى ئايرىيدىغان، ئۇلار كېچىلىرى ھەمىشە قاتتىق ئۇرۇشاتتى. قوشنىلاردىن بىر نەچچىمىز چىرىپ شىرىننىسانى ياندۇرۇپ ئاچىقاتتۇق. بولمىسا ھېلىقى تەلۋە ئۇنى ھەنىمە قىلسا قىلىۋېتەتتى. شۇ ئىشلار يادىمغا يىتىپ ئاستا كوچىغا چىقىپ باقتىم. ( ئۇنداق چاغدا مەن تېخى ياتمايتتىم، قېرىغاندا ئۇيقۇ كەم بولۇدىكەن، تاڭنى ئاتقۇزماق تەس، شۇڭا بەك كەچ ياتىمەن). كوچىدا ئەدەم يوق. قوشنامنىڭ دۋزىسى داغداما ئوچۇق تۇرىدۇ. ئاستا بېرىپ دەرۋازىدىن بېشىمنى تىقتىم، قارىسام ھويلا جىم - جىت، بىر- بىرىنى قوغلۇشۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا ئۆيگە ياماننىڭ كۆزى چۈشمىسۇن دەپ، داۋزىنى يېپىپ قويۇپ قايتىپ چىدىم.
— ۋارقىرغىنى ئەركىشى ئەمەستۇر؟ ھەقىچان شىرىننىساغۇ دەيمەن؟
— ياق، ئەر كىشىنىڭ ئاۋازىدەك قىلدى. قالغىنىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
— شىرىننىسانىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭلانمىدىمۇ؟ ئۇ ئەمەس، ئەر كىشى ئىكەنلىكىگە رەسمىي ئىشەنچ قىلالاملا؟
— بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھ... ياق راست، مەن شۇ كېچىسى تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم، كىچىككىنە شەپە بولسىلا كۆزۈم ئېچىلىپ كېتىدىغان، نېمىشقا دېگەندە، ئەر كىشىنىڭ ۋارقىرغىنىنى ئاڭلىغاچقا زاھىر بىلەن تاھىر ئىككىسى تۇتۇشۇپ قالغانمىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ، زىل ياتتىم.
— ئۇنداق بولسا يەنە بىر شەپە ئاڭلانغانمۇ؟
— ئىشقىلىپ، ئاڭلىدىم دېسەممۇ بولۇدۇ، بايا دېگىنىمدەك، ماڭا ھەمىشە بىر نەرسىلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلغاندەك بولۇدۇ، چۈشۈممۇ تولا بۇزۇلۇدۇ...
— مەيلى، قۇلاقلىرىغا كىرگەن ئاۋاز نېمە بولسا شۇنى دەپ باقسىلا.
— مەن ئۇلانىڭ داۋزىسىنى يېپىپ قويۇپ چىرىشىمگىلا ئۆينىڭ ئىشىكى تاراقلىغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ئارقىدىن يەنە جىمىپ كەتتى. بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قېلىپ، كېيىن خەلقى- ئالەم «قوشنا تۇرۇپ، ھاي بېرىپ قويماي ئۇخلاپسىلەر» دېمىسۇن دەپ، يەنە تالاغا چىقىپ دەرۋازىغا قاراپ باقتىم. داۋزا ئىچىدىن زەنجىرلاپ قويۇلۇپتۇ...
— توختىسىلا، بايا سىلى ئۇنى يېپىپ قويغان دېگەنمىدىلە؟ شۇنداققۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان ئاۋاز ئاڭلانمىدىمۇ؟
— ياق، يا مەن ئاڭلىماي قالدىممىكىن، ئەمما بۇلارنىڭ داۋزىسى ئاڭلىمىغۇدەك ئېچىلمايدۇ، شۇنداق سەت غىچىرلايدۇ. دەپ كېتىمەن، ۋايجان، شۇ خەق بەك يوقسۇزمۇغۇ ئەمەس، كىچىكىنام دۇغ ياغدا ياغلاپ قويسا تۈگەپ كېتەمدىغان بولغىيدى!
— خوش ئاخىرىنى سۆزلىسىلە.
— ئۆگزەمگە چىقىپ قاراپ باقتىم، ئىشىك ھىم يېپىقلىق، تاۋاداننىڭ [④] ئەينىكىدىن ئۆيدە چىراق يېنىقلىق تۇرغىنىنى كۆردۈم، ئەمما جىم- جىت «خۇداغا شۈكرى، تىنچىپ قالغان بولسا ئەجەب ئەمەس» دەپ ئويلاپ، قايتىپ چۈشەي دەپ تۇراتتىم. ئۆينىڭ ئىچىدە گۈلدۈر- غالاپ بولغاندەك زايا بولدى. تاۋاداننىڭ ئەينىكىدىن چۈشۈپ تۇرغان يورۇق بىرسىنىڭ گەۋدىسى بىلەن توسۇلۇپ، چاپسان- چاپسان مىدىرلىدى ۋە جىم بولدى. مەن يەنە بىژدەم تۇرۇپ قالدىم. بىژ ھازا تۇرۇپ باقسام يەنە جىملىق، چۈشۈپ كېتەي دەپ تۇرىتتىم، ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئىشىكتىن زاھىر چىقىپ كەلدى ئۇ ئالدىراپ كېلىپ داۋزىنىڭ زەنجىرىنى تۇتۇپ بېقىپ، كەينىگە ياندى، ئېھتىمال ئۇ داۋزا تاقالماي قالدىمىكىن دەپ قاراپ باققىلى چىقسا كېرەك. ئۇ كەينىگە قايتتى، لېكىن ئۆيگە چىرىپ كەتمەي، پىشايۋاننىڭ سۇپىسىدا تاماكا چىكىپ ئولتۇردى.
— راستلا زاھىر ئۆيدىمىكەن؟ سىلىنىڭ كۆرگەنلىرى تاھىر ئەمەسلىكىگە ئىشىنەملا؟
— شۇ، شۇنىڭ ئۆزى، نېمىشقا ئىشەنمەيتتىم. قوشنا تۇساق. مەن ئۇنى ئايقاراڭغۇسىدىمۇ تونۇيمەن، تىنىقىدىنمۇ، مېڭىشىدىنمۇ،...
— سۆزلەۋەرسىلە.
— شۇنىڭ بىلەن ئۆگزىدىن قايتىپ چۈشۈپ، ئۇخلاشقا ياتتىم، ئولتۇرسام زاھىر ئورنىدىن ھېلى تۇرىدىغاندەك ئەمەس.
— ھويلىدا ياتتىلىمۇ؟
— ھە، مەن قىشنىڭ بېشىغىچە ھويلىدا ياتىمەن، ئۆيدە ئىچىم تىتىلدايدۇ، گوغا كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالىمەن، ئۇنىڭدىن كۆك ئاسمانغا قاراپ يېتىپ، مېنىڭ يۇلتۇزۇم قايسىدۇ دېگەندەك خىياللار بىلەن ياتسام ئوبدانراق.
— چاپسانلا ئۇخلاپ قاللىمۇ؟
— نەدىكىنى، قوشنام توغرۇلۇق كۆڭلۈمگە يەتمىگەن ئىشلا يېتىپ، كۆز يۇممۇدۇم، يەنە كۆزەم ئىلىنسە بى شەپە ئاڭلانغاندەك بولۇپ، ئوغۇنۇپ كېتىمە، ئاشۇنداقلا تاڭ ئاتقۇزىۋەتتىم.
ـ شۇنىڭدىن كېيىن بۇلارنىڭ دەرۋازىسى يەنە ئېچىلدىغۇ دەيمەن؟ يېرىم كېچىلەر بىلەن...
—  ھەئە، سىلىگە كىم دەپ بەردى؟ كۆرگەنلەر بارىكەن - دە؟
— مەن سۈرۈشتۈرۈپ بىلدىم. يېرىم كېچە بىلەن دەرۋازا ئاۋايلاپ ئېچىلدى، شۇنداقمۇ؟
— ھەئە، تازا شۇنداق بولدى، پەم بىلەن ئاچسىمۇ يەنىلا غىچىلىدى. ئەمما ئۈزۈك ـ ئۈزۈك غىچىلىدى.
— دەرۋازا ئېچىلغاندىن كېيىن بىرسى ئۆي تەرەپكە كەتتى، بىردەمدىن كېيىن يەنە كەلدى، ئېغىر بىر نېمىنى كۆتەرگەندەك تالاغا چىقىپ كەتتى، شۇنداقمۇ؟
— توۋا، يەنە كىم بۇلارنى كۆرۈپ تۇغاندۇ؟ مەن زاھىرنىڭ ھاسىرغىنىنى ئاڭلىغاندەك بولغانىدىم.
— كېيىنچۇ؟
— كېيىن، سىلى دېگەندەك ئۇ بىر ياققا كەتتى، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن يەنە كەلدى. دەرۋازا يېپىلدى، ئەتىسى ئۇقساق، ھېلىقىدەك ئىش بوپتۇ، كۆڭلۈمگە گۈپپىدە كەلدى. ئەمما خەقلەر «زاھىر قەشقەرگە كېتىپتىكەن» دېيىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھە، ئەمسە مېنىڭ كۆرگىنىم شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر كىشى بوسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
— سىز زاھىر بىلەن قانداق؟ كىرىپ ـ چىقىش قىلامسىلە؟
— شىرىننىسا بار چاغدا زاھىر بىزنىڭكىگە كىرمەيتتى. شىرىننىسا بىلەن خېلى ئوبدان ئۆتەتتۇق، رەھمەتلىك، ئورنى جەننەتتە بولسۇن، كېيىن ئۇنىڭ بالىلىرى قىينىلىپ قالمىسۇن، ئەر كىشى دېگەن تاماق- پاماقنى تازائەپلەشتۈرەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، بىر نەچچە  قېتىم ئاش ئەچىدىم، كېيىن تارتىنماي ئاش ئىچكىلى چىرىڭلار دەپ تەكلىپ قىلدىم، ئۇ بالىلىرىنى ئېلىپ بىر نەچچە قېتىم چىدى...
— بۈگۈن ئۇنى چاقىرىپ كىرسىلە ماقۇل بولارمۇ؟
— بۈگۈن دەملا؟ ئاپلا، ئۇ ئىككى كۈن ئاۋال كېتىپ قالدى.
— كېتىپ قالدى؟ نەگە؟
— تاغ ئارقىسىغا، ئۇ يەردە ئاچىسى بار  ئىدى، بالىلىرىم بىلەن قىينىلىپ قالدىم، بالىلارنى ئاچامغا بېرىپ كېلىمەن،— دەپ كەتتى.
— شىرىننىسانىڭ ئاتا- ئانىسى بېقىپ بەرسە بولمامتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى يىتىممىدى؟
— ياق، زاھىرنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇلتۇ ئالەمدىن ئۆتكەن، شىرىننىسانىڭ ئاتا ـ ئانىسى تېخى ياشلا.
— شۇنداقمۇ؟ — ئابلەينىڭ كۆڭلىدىكى گۇمانلىق كۆلەڭگە روشەن ئادەم سىماسى بىلەن ئالماشتى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىر- بىرىدىن ئاجرالماي، گاھ بىرى ئېنىقراق بولۇپ، گاھ يەنە بىرى ئېنىقراق بولۇپ ئۇنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى كۆلەڭگۈدىن بىرى- ئىلگىرى تۇتۇقراق بولغىنى بىردىنلا روشەنلىشىپ، يەنە بىرىنىڭ ئىزىنى ئۆچەردى. تەسەۋۋۇر ئىكرانىدا يۈزى ۋە بويۇنلىرى تاتىلانغان، چاچلىرى يىرىك ھەمىشە قوشۇمىسىنى تۇرۇپلا يۈرىدىغان سۆرۈن تەلەت پەيدا بولدى. ئۇ شىرىننىسانىڭ ئاتا ـ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
ئابلەي زەينەپخان بىلەن بىللە غىزالانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى.
— ماڭا دېگەن گەپلىرىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمىسىلە، بۇنى بىز بىر تەرەپ قىلغىچە گەپ- چۆچەك بولۇپ كەتسە تەسىرى ياخشى بولمايدۇ،— دېدى ئۇ.
— خاتىرىجەم بولسىلا، قورسقىدا گەپ يانمايدىغان خوتۇن بولۇدۇغان بولسام نىۋاق داپ ئېتىپ چالمامتىم، ئەسلىدە ھېچ كىشىگە دېمەسمەن دەپتىم، قارىسام تاھىر بىچارە قارىلىنىپ، گۇنا شۇنىڭغا ئاتىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدا. ئۇ ئۆزىمىغۇ قىلىقسىز نېمە، ئەمدى، ئۇ دېگەن ياشلىق - دە،... يەنە كېلىپ سىلى كۆڭلۈمگە يېقىپ قاللا، بالامدەكلا بولۇپ قاللا، شۇڭا بىلگىنىمنى يوشۇرمىدىم...
ئابلەي مۇمايدىن شىرىننىسانىڭ ئاتا- ئانىسى قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى سورىۋېلىپ چىقىپ كەتتى. موماي ئۇنى كوچىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقتى. بۇ چاغدا قۇياش غەرپ تەرەپتىكى مەھەللىلەرنىڭ دەرەخلىرى ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇراتتى. قىزغۇچ نۇرلار شاخلار ئارىسىدىن تارام- تارام بولۇپ ئۆگزىلەرنىڭ گىرۋەكلىرىدە قىزغۇچ شولىلار جىمىرلاپ تۇراتتى.
 
***

 
ئەتىسى ئۇ سازلىق بويلاپ شەھەر تەرەپكە ئارىلاپ چىقىدىغان ھارۋا يولى بىلەن يۈرۈپ كەتتى، يول ھەمىشە چىڭدىلىپ تۇرغاچقا ئىككى تەرىپىدىكى يەر يۈزىدىن پەسراق ئىدى. سىلىقدىلىپ كەتكەن يول يۈزى قارا — قوغۇشۇن رەڭدە پارقىراپ تۇراتتى.
ئابلەي كېتىۋېتىپ: زاھىرنىڭ بارماق ئىزىغا ئېرىشەلمىدىم، بۇ ناھايىتى چاتاق بولدى، شۇنداق بولسىمۇ سازلىق يولى ماڭا بىر نەرسىنى ئېيتىپ بېرەر، دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ سازلىقنىڭ شەھەر تەرىپىدىكى كەنتكە بېرىپ ئەڭ دەسلەپكى ئائىلىدىن يىپ ئۇچى ئىگىلەش ئۈچۈن توختىدى. دېھقان خۇجايىن بارلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوخشاشلا ئۇنى ياخشى مۇئامىلە بىلەن قارشى ئالدى ۋە كاۋا باراڭلىرى ئاستىغا باشلىدى.
بۇ ئىككى كەنتنى بىر پارچە سازلىق ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا بىر ـ بىرىنى بىلىشى مۇمكىن ئىدى.
— سىلى تالتىرەكلىك زاھىر دېگەن كىشىنى تونۇملا؟— دەپ سورىدى ئابلەي سۆھبەتدېشىدىن.
— زاھىر؟ زاھىر كۆكەمە بولمىسۇن يەنە؟ يېقىندا خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمما؟
— ھەئە، بىرەر ئايچە بولۇپ قالدى.
— تونۇمامدىغان ئۇ ئىلگىرى نامى با چېلىشچى ئىدى، شۇڭا شىككى ژۇت ئارىسىدا چېلىش بولۇپ تۇرىتى. بىز ئىككى يۇرت تولا ئارىلىشىپ ئۆتىمىز. مەنغۇ ھەممىسىنى دېگىدەك بىلىمەن.
— ناھايىتى ياخشى بولدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يېقىندا خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكىنىمۇ بىلىدىكەنلا،— دېدى ئابلەي چىن دىلىدىن خۇرسەن بولۇپ.
— دېدىمغۇ، ئىككى يۇرتنىڭ توي، نەزىرىمىز بىللە،— دېدى دېھقان ماختانغاندەك.
— زاھىرنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپتۇ دېگەن خەۋەر سېلىگە ئاڭلانغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇ شەھەرگە ماڭغانىكەن، ھەقىچان سىلىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ئۆتكەندۇ، شۇنىڭغا كۆزلىرى چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟
— دۇرۇس، ئۇ چۈش- پىشىملەر بىلەن شەگە ماڭدىم دەپ چىقىپتىكەن، مەن ئۇنى ئالدىراش ئىشى بارمىكىن دېسەم، ئانچە ئالدىراشتەك ئەمەس، ئىشى يوقمىكىن دېسەم، كەچكە تەۋە بولغاندا شەگە مېڭىپتۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىپ:
— نىمانداق كەچ بولغاندا شەگە مېڭىپ قاللا؟ باللا ھەيدەپ چىقامىغاندۇ؟ — دېگەنتىم.
— قايتقانلىقىنىمۇ كۆرگەنمىدىلە؟
ـــ ھە، بىز ئاشقا ئولتۇرغانىدۇق. ئەنە دەرۋازا شۇنداق قىياكەن، يول شۇ يەردىن ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ كۆردۈم.
—     شۇ كۈنىسىلام قايتتىغۇ دەيمەن؟ ئەتىسىمۇ يا؟
— ۋاي شۇ كۈنىسىلام، كەچتىرەك.
— ئوچۇق كۆردىلىمۇ؟
— مەن ئازغاشتۇرۋەتمەيمەن، ئۇزۇن يىل كۆرۈشۈپ يۈرگەن ئادەمنى ئاي قاراڭغۇسى بولسىمۇ تونۇمامدۇ، كىشى.
— يەنە ئىشەكلىك، شۇنداقمۇ ياكى ئىشەكنى بىر يەردە تاشلاپ يېنىپتىمۇ؟
— ئىشىكى بار، ئەمما ئىشىكىنى ھەيدەپ پىيادە مېڭىپتۇ، مەن ئۇنى ئىشىكى مىتكوت بولۇپ كەتكەن بولسا ئارقىسىغا ياندىمىكىن دېدىم، ئانچە ئېتىۋار قىلماي ئۇنتۇپ كەتتىم، ئەمدى سىلى ماگەپنى ئاچقاننىڭىزنى ئويلاپ باقسام راست بۇ ئاجايىپ ئىش، ئۇ كەتكىلى خېلى بولغان، شۇنچە ئۇزۇن يولدىن كەينىگە يانغىنى قانداق؟
« ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى!» دەپ ئويلىدى ئابلەي، «ئىشەكنى بۇ كەنتتە قويمىغان بولسا قەيەردە قويۇشى مۈمكىن؟ سازلىققا تاشلاپ قويغاندىمۇ؟ ياق، كەچتە ئىشەك جەزمەن سازلىقتا تۇرمايدۇ، ئۆيگە ئۆزىمۇ قايتىپ كېتەلەيدۇ...
ئابلەي سۆھبەتدىشى بىلەن خوشلۇشۇپ يەنە سازلىق يولى بىلەن تالتېرەككە قايتتى. ئۇ يولدا كېلىۋېتىپ ئويلا ـ ئويلا، ئاخىرىدا كۆڭلى پاللىدا يورۇپ كەتتى، «تۈگمەن!» دەپ پىچىرلىدى ئۇ ۋە ئىلدام مېڭىپ تۈگمەنگە كەلدى.
تۈگمەنچى مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى:
— زاھىر شۇ كۈنى قاش قارايغاندا تۈگمەنگە كەلدى، ئۇ ياقتىكى ژۇتقا ئۆتمەكچى ئىكەنلىكىنى، بىراق دەسلەپ ئىشەكلىك چىقىپ، ئەمدى ئىشەكلىك بېرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى ئويلاپ قالغانلىقىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشقا ئېرىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۈگمەندە قويۇپ كېتىپ، كېيىن يانغاندا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. گەپلىرى سەل تاققا- تۇققىدەكمۇ قىلىدۇ- يۇ، ئۇ چاغدا كىم بىلىدۇ دەيلا، بوپتۇ، ئېغىلغا سۇلاپ قوي، ماڭا نېمە ئېغىرى دەپتىمەن...
— ئەتىسى سەھەردە ئېلىپ كەتتىمۇ؟
— ياق خېلى كېچىدە، تەڭ كېچىدە دېسىمۇ بولۇدۇ، ئەمدى ياندىڭمۇ دېسەم ئەمدى ياندىم، دېدى ـ دە، كەتتى.
— قايسى تەرەپكە كەتكىنىنى كۆردىلىمۇ؟
— ئۆيگە كەتكەندۇ، قاياققا ماڭماقچى ئىدى ؟
— سىلى ئېنىق كۆردىلىمۇ قانداق؟
— ياق، مەن ئۇنىڭغا زەڭ قويۇپ يۈرەيمۇ، ئۇيقۇلۇقتا، كەتتىم دېدى، كەتتى دېدىم، شۇ.
— ئاياق تىۋىشىدىن ئۇياققا ماڭغىنى ياكى بۇياققا ماڭغىنىنى بىلىنمىدىمۇ؟
— ھېچ...
— خەير، سىلىنى مالال قىلدىم،— ئابلەي خوشلاشتى.
— ئۇنىڭغا دادۈيجاڭ بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغاندەك تۇيۇلدى. ھازىر  قاتىل ئاساسەن مۇقۇملۇشۇپ قالغانىدى.
ئۇنى قايتىش يولىدا تاھىرنىڭ ئايالى توستى، يىغىدىن كۆزلىرى قىزارغان، بىردەمدىلا رەڭگى رۇخسارى سولۇپ، قېرى چىراي بولۇپ كەتكەن بۇ چوكان ئابلەينى كەنتتىن چىقىدىغان بىر خىلۋەت جايدا ساقلاپ تۇرغانىكەن.
— سىلىنىڭ كەلگەنلىرىنى ئاڭلىدىم، كۆدۈم، ئۆيگە كېلەمدىكىن دېسەم كەلمەيدىغاندەك قىلدىلا... ئالدىلىرىنى توسۇپ ئەدەپسىزلىك قىلدىم...
— گەپ ـ سۆزلىرى بارمىدى؟
— تاھىرنى ناھەق يەپ كېتىدىغان بولدى، ئۇمۇ زادى دۈشمەنلىك ئىدى...
— قانداق دۈشمەنلىك؟
— دادۈيجاڭ ئۇنى يامان كۆرىتى... سىلىگە كۆڭلۈمدىكىنى دېدىم، ئىشەنگەچكە... نېمە دەپ ئويلاپ قالسىلا مەيلى، ئەمدى راستىنى دەي، تاھىرنىڭ شىرىننىسا بىلەن گىپى چىققىنى راست، لېكىن، دادۈيجاڭ ئىككىسى توغرۇلۇقمۇ گەپ ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇ كادىر بولغاچقا غىدىڭ- پىدىڭ يوق، ھەممە گەپنى تاھىر كۆتۈرەتتى... سىلى بىلمەيلا، نېمىلا دېگەن بىلەن نەچچە بالىنىڭ دادىسى ـ دە!
— كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا...
— بۇزمىغىنىم بىلەن ھېلىقى غوجام مايەدىكى غۇجامنىڭ بىژ نېمىسىنى يەپ گېلىنى پوق قىلىۋالسا، مۇشۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىۋىتەمىكىن دەپ قوقىمەن.
— خاتىرىجەم بولسىلا، ئۇنداقلا قىلىۋەتكىلى بولامتى.
— گەپلىرىنى قالىسىلا، ئۆزەممۇ پەملەپ قالدىم، دادۈيجاڭ مۇناپىق ھېلىقى سوغۇق شوۋا ھەمرالىرىغا بىر نېمىلەر ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتقاندەك... سىلىدىن تىلەي... — ھۆركىرەپ يىغلىۋەتكۈدەك قىلىپ تۇرغاچقا ئىتتىك مېڭىپ كەتتى. ئابلەي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن يولىنى داۋام قىلدى.
 

يەتتىنچى باب. ئاخىرقى ئۇرۇنۇش
 

      ئابلەي ئىدارىگە كەلگەندە مەتتۇردى ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىز خەۋەر يەتكۈزدى:
— دىلو خۇلاسە قىلىنىپ ئوتتۇرا سوتقا يوللۇنۇپ بولدى، تاھىر قاتىل دەپ بىكىتىلدى، تېخى يىغىنلاردا باشلىق ئۆمەرنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى، چاققانلىقىنى كۆپ ماختىدى.
— بىراق، مەندە قاتىلنىڭ تاھىر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بار.
— ئەمدى ئۇنىڭ قانچىلىك پايدىسى بولاركىن؟ ئۆمەرنىڭ دادىسى باشلىقنى ئالاھىدە ماختاپ، ئۇنىڭ ئۆمەرگە خىزمەت كۆرسۈتۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى، ئۆمەرنى تەربىيىلەپ ياخشى رازۋىدچىك قىلىپ چىققانلىقىغا رەخمەت ئېيتىپ كىتىپتۇ. ئەمدى بىردىنلا ئۆمەر ئىشلىگەن دىلونى خاتاغا چىقىرىش تەس بولارمىكىن دەيمەن.
— بىراق، مەن ۋىجدانغا مۇخالىپ ئىش قىلىشنى خالىمايمەن، گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلۈم كۈتۈپ تۇرغاندا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ئىنساننىڭ تەبىئىتى كۆتۈرۈدۇغان ئىشمۇ؟
— «ئىنسان تەبىئىتى» دىگىنىڭنى ئۇلار ئاڭلاپ قالمىسۇن، ھېزى بول، خوش، قانداق قىلماقچىسەن؟
— بۆلۈم باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن، بولمىغاندا ئۆمەر بىلەن ئۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ باقىمىز.
— ھەي، قانداق بولاركىن، ئىدارە باشلىقىمۇ، بۆلۈم باشلىقىمۇ ھوقۇق تارتىۋالغانلار، كەسىپ ئەھلى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى جىن- شەيتان بولۇپ تۈرمىدە ياتقاندا راست گەپ قانچىلىك ئاقاركىن؟ ئەمما مەن سېنى توسىمايمەن، ئەكسىچە تېخنىكا بۆلۈمى ئىسپاتلىغان بارماق ئىزلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئەگەر يەنە ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بولسا ماڭا بەرگىن، ياردەم بېرىمەن.
— بۇ قېتىم مەن ئۆلگۈچىنىڭ ئىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى ئالماقچىدىم، بەختكە قارشى بۇ ئادەم تاغ ئارقىسىغا چىقىپ كېتىپتۇ، بولمىغان يېرى كەلگەندە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
— بۇمۇ سېنىڭ تەلىيىڭ كاج تۇرغانلىقىنىڭ بىشارىتى.
— ماقۇل، مەن بۆلۈم باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي.
ئابلەي مەتتۇردى بىلەن خوشلۇشۇپ بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.
— سىزدە باش باشتاقلىقنىڭ ئامىللىرى بىخ سۈرۈپ قېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن،— دېدى بۆلۈم باشلىقى.
— بۇ ئىشتا...
— ئۆزىڭىزنى ئاقلىمايلا قويۇڭ!
— ياق، ئۆزەمنى ئاقلىماقچى ئەمەس، مەن بۇ دىلودا ئۆمەرنىڭ خۇلاسىسىگە قوشۇلمايمەن، شۇنداقلا مەندە تاھىرنىڭ ھەقىقىي ئەيىپكار ئەمەسلىكىنى دەلىلەيدىغان پاكىتلار بار. مۇشۇنداق تۇرۇپ، بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ جازالىنىشىغا سۈكۈت قىلىش ئىنسان تەبىئىتىگە، ۋىجدانىغا مۇخالىپ دەپ قاراپ، قايتىدىن ئىزدىنىپ بېقىش ئۈچۈن تالتېرەككە كېتىپ قالغانىدىم...
— ئىنسان تەبىئىتى؟ بۇرژۇئازىيىنىڭ قارا ماللىرى! گۇناھسىز ؟! ئۇنىڭ ئىستىلى مەسىلىسى پاكىتقۇ؟ ھېچ بولمىسا- دە، بۇمۇ گۇناھ ئەمەسمۇ؟
— ئۇغۇ گۇناھ، بىراق ئۇ باشقا ئىش، ھازىرقى گەپ قاتىللىق...
— ئەمسە بىلگەنلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. گەرچە مەن سىزنىڭ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلسەممۇ، ھەم بۇ دىلو ئاللىقاچان خۇلاسىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي.
ئابلەي سومكىسىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئۇنىڭدىن دىلو ھەققىدىكى خاتىرە ۋە سۈرەتلەرنى ئالدى.
— ئۆلگۈچىنىڭ ئاغزىدىكى تىلنىڭ ئۇچى چىشلىۋېلىنغاندىن كېيىن تۈكۈرۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭدا توپا قېتىشمىسىنىڭ بولۇشى ۋە روشەن بارماق ئىزىنىڭ بولۇشى بۇنىڭ دەلىلى. بۇنىڭدىن باشقا، تىلنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ ئاغزىدا تۇرۇش ھالىتىمۇ بۇ تىلنىڭ باشقا بىرسى تەرىپىدىن كېيىن قايتا قىستۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا تىلدىكى بارماق ئىزى تاھىرنىڭ ئەمەس ھەم ئۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس! ئۆلگۈچىنىڭ بارماق ئىزى تېخىمۇ ئەمەس! بۇ ھال بىزگە بۇ يەردە ھەرىكەت قىلغان ئۈچىنچى شەخسنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ.
— ئۇ تىل پارچىسىنى تۇتۇپ باققانلار خېلى كۆپقۇ، ئۇنىڭدا سىزنىڭمۇ بارماق ئىزلىرىڭىز قالغاندۇر، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟
— توغرا، ئۇنى تۇتۇپ باققانلار ئاز ئەمەس، بىراق، مەن دەۋاتقان بارماق ئىزى قان تېخى قېتىشمىغان چاغدىكى بارماق ئىزى. ئۇنى دورا ئارقىلىق روشەنلەشتۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
— خوش داۋاملاشتۇرۇڭ، بىراق قىسقىراق سۆزلەشكە تىرىشىڭ.
— بۇنىڭدىن باشقا جەسەتنىڭ تىرنىقىدا تېرە قاسرىقىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىغانىدۇق، بۇ ئۆلگۈچىنىڭ قاتىل بىلەن قارشىلىشىپ، ئاخىرقى مىنۇتلاردا قاتىلنىڭ يۈز- كۆزىنى مورلىغانلىقىنى كۆرسۈتۈدۇ. ۋاھالەنكى، بىز بۇ تېرە قاسرىقىنىڭ ئەسلى ئورنىنى تاھىرنىڭ يۈزلىرىدىن تاپالمايمىز. باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە شۇ كۈنلەردە زاھىرنىڭ يۈزىدە بۇنداق ئىزلار پەيدا بولغان، كىشىلەر بۇنى «دەرت- ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى تاتىلاپ يىغلىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى» دەپ قاراشقانىكەن. بۇنىڭدىن باشقا جەسەتنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدا بىر نەچچە تال قىسقا چاچ بار. بۇنداق توم ۋە يىرىك چاچلارنىڭ جۈپتىنىمۇ تاھىرنىڭ بېشىدىن تاپالمايمىز، تاھىرنىڭ چاچلىرى روشەن يۇمران چاچ، رەڭگىمۇ سېرىق قۇڭۇر...
— ھەقىقەتەنمۇ چوڭ پاكىتلار ئىكەن! تىلدىكى بارماق ئىزىنىڭ جۈپتىمۇ بەختسىز ئەرنىڭ قولىدا بولمىسۇن تايىنلىق؟!ـ دېدى بۆلۈم باشلىقى تەئەددى قىلىپ.
— ئەپسۇسكى، بۇ ئاخىرقى پاكىتقا ئېرىشەلمىدۇق، ئەينى چاغدا بىز ئۇنى مۇسىبەت ئۈستىدە بولغاچقا دەرھال زىيارەت قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى كېيىنرەك ئېلىۋالساقمۇ بولار دەپ ئويلىغان، ئەمما ئۇ ئاخىرقى پاكىت قولغا چۈشكەن ھامان ھەممە ئىش قىل سىغمايدىغاندەك دەرىجىدە روشەن بولۇدۇ. مەن ھېلىمۇ بۇنى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇشقا بولۇدۇ دەپ قارايمەن... ۋىجدانەن ئېيتقاندا...
— ماڭا بۇرژۇئازىيىنىڭ ماللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى قويۇڭ، سۆزىڭىز تۈگۈدىمۇ؟
— ياق، بۇ قېتىم ئىگىلەپ كەلگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، بۇلار قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى خېلى روشەن ئىسپاتلىيالايدۇ،— ئابلەي زەينەپخان موماي بىلەن قىلىنغان سۆھبىتىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى، ئەمما بۆلۈم باشلىقىنىڭ خىيالى قايسى بىر چوڭ پىپەن يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى ئۈستىگە كېتىپ، تازا كۆڭۈل قويمىدى.
— خوش، شۇنداق بولغان بولسا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟— دېدى ئۇ ئېرەڭسىزلىك بىلەن،—بەلكىم موماي قاراڭغۇدا خاتا كۆرۈپ قالغاندۇر، كېچىچە ھويلىدا تىمىسقىلاپ يۈرگىنى دەل قاتىل — تاھىرنىڭ ئۆزىدۇر.
— ئۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ تاھىر ئۇ چاغدا ئۆز جېنى بىلەن ھەلەك بولۇپ، ئۆيىگە ئاران بېرىۋالغان تۇرسا... يەنە كېلىپ زاھىرنىڭ شەھەرگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلىدىغان بىر مۇنچە پاكىتلار بار. مەن پاكىتلارغا ئاساسەن شۇ كۈنى كېچىسى بولغان ۋەقەنى مۇنداق تىزىپ چىقتىم،— دېدى ئابلەي ھەقىقى رازۋىدچىكلارغا خاس چىچەنلىك بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنى دادىل سۆزلەپ،— شۇ كۈنى زاھىرنىڭ تاھىرنى شەھەرگە بىللە كىرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى ۋە كېيىن ئۆزى: «ئەمسە مەن كەتتىم، بىر بولسا ئەتە، بولمىسا ئۆگۈنلۈككە چىقىمەن» دەپ تاھىرنىڭ كۆزىچە مېڭىپ كەتكىنى ئەسلىدە بىر توزاق. ئۇ بۇنى بىلىندۈرۈش ئارقىلىق، تاھىرنىڭ شۇ كۈنى شىرىننىسانىڭ قېشىقا كىرىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى، ئاندىن شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە تاھىرنى تۇتۇۋېلىپ قىساس ئالماقچى بولغان. شىرىننىسانىڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئاشىنىسىنىڭ تىلىنى چىشلىۋېلىشىدىن قارىغاندا ئۇ ئىرى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان. ئىرى شۇنى شۇنداق قىلىشقا قىستىغان، بولمىسا ... قىلىمەن، دەپ تەھدىت سالغان. بۇ ھال ئايالغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەن. تاھىرنىڭ ئىقرارىدىنمۇ شۇ كۈنى ئايالنىڭ پوزتسىيىسى تازا قىزغىن بولمىغان. سولغۇن، كەيىپسىز بولغان، كېيىن گەرچە ئېچىلغاندەك بولغان بولسىمۇ بۇمۇ سۈنئى ئىدى. زەينەپخان موماينىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندىمۇ شىرىننىسا شۇ كۈنلەردە ناھايىتى جىمخور ۋە بىچارە بولۇپ قالغان. شىرىننىسا ئېرىنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولغاندىن كېيىن زاھىر «شەھەرگە كىرىش» كومىدىيىسىنى ئويناپ، تاھىرغا «ئۆيىنىڭ خاس قالغانلىقى» دىن بىشارەت بەرگەن، ئۆزى بولسا سازلىقتىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى كەنتتە كۈننى كەچ قىلغان، قايتىپ كېلىپ، ئېشىكىنى تۈگمەندە قالدۇرۇپ، ئوغۇرلۇقچە ئۆيگە كېلىپ ھويلىدا بىر يەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان. زەينەپخاننىڭ ئەسلىمىسىدىن قارىغاندا تاھىر ئۆيگە كىرگەن ۋە تىلى چىشلىۋېلىنغاندىن كېيىن يۈگرەپ چىقىپ كەتكەن چاغدا زاھىر دەل ھويلا ئىچىدە يوشۇرۇنۇقلۇق ئىدى. ياتقان يېرىدىن چىقىپ ئۆيگە كىرگەن ۋە قورقۇپ ھۇشىنى يوقاتقان ئايالىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن، دەسلەپ ئۇ بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرغان، كېيىن ئۈزۈۋېلىنغان تىل، قان ۋە ئايالى بىلەن تاھىرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەنسىرى خىيالىدا يىرتقۇچلۇق باش كۆتۈرۈپ، ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن ھەم چىقىپ دەرۋازىنى زەنجىرلاپ قايتىپ كىرىپ ئايالىغا قول سالغان، بۇ چاغدا ھوشىغا كېلىشكە باشلىغان ئايال كارنىيىنى بۇغۇۋاتقان ئادەمنىڭ يۈزىنى تاتىلىغان، چېچىنى يۇلغان، قاتىل مەقسىدىنى ئۇرۇنداپ بولغاندىن كېيىن تىلىنىڭ ئۇچىنى ئايالىنىڭ ئاغزىغا قايتىدىن كەپلەپ، يېرىم كېچە بولغاندا ئۇنى يۈدۈپ ئېلىپ چىقىپ، كوچا دوقمۇشىغا ئاپىرىپ تاشلىغان، ئۇنىڭ ئەخمىقانە تەسەۋۋۇرىدا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق...
— يېتەرلىك، يېتەرلىك، دېمەك، بىز سىزنىڭ خىيالىڭىزدا پەيدا بولغان ھېكايىگە ئاساسەن قارار چىقارساق بولۇدۇكەن ـ دە؟
— ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭدىكى پاكىتلارغا ئاساسەن، بۇ پاكىتلار قاتىلنىڭ بارماق ئىزى بىلەن ئۈزۈل- كېسىل تولۇقلىنىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۆمەرنىڭ تاھىرنى قاتىل دەپ بېكىتىشتە ئاساسلانغان «پاكىت» لىرىغا قارىغاندا مېنىڭ دېگەنلىرىم ئىشەنچىلىكراق...
— سىز پىتنىخورلۇق قىلماڭ، ئىككىڭلارنى بىر خىزمەتكە بەلگىلىسە نىمىشكە يەنە «ئۇنىڭ، مېنىڭ» دېگەنلەر پەيدا بولۇدۇ، زادى؟ خىزمىتىڭلار بىر بولغاندىن كېيىن خۇلاسەڭلارمۇ بىر بولۇشى كېرەكقۇ؟
— خىزمىتىمىز بىر بولغىنى بىلەن ماڭغان رىلىسلىرىمىز باشقا- باشقا بولغاندىكىن بېرىپ يەتكەن يېرىمىز باشقا بولۇدۇ ـ دە.
— ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىن بىر نېمىنى تولۇق خۇلاسىلەپ چىقىش كەلمەيدۇ، خەقنىڭ پۈتكۈزگەن ئىشىدىن پۇتاق چىقىرىسىز، قاملاشمىغان... ئۆمەر، ئۆمەر! ئۇ، مەن! نېمە سىز خەق بىلەن ئۆزەڭگۈ سوقۇشتۇرۇسىز؟ شەخسى كۆرەلمەسلىكنى خىزمەتكە سۆرەپ كىرىشكە بولمايدۇ.
— ھېچ بولمىسا بىز زاھىرنىڭ بارماق ئىزىغا ئېرىشكىچە دىلونى سوتقا قويۇشتىن كىچىكتۈرۈپ تۇرسا...
— بولۇدۇ! مەن شۇنداق قىلىشقا قارشى ئەمەس، بىراق سىز ئويلىغاندەك ئۇ «ئاخىرقى پاكىت» ىڭىز ئۇنداق بولماي چىقسا قانداق قىلىسىز؟ دىلونىڭ كېچىكتۈرۈلىشى، بىر يامان ئادەمگە زەربە بېرىشنىڭ كېچىكىشىدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىڭىزگە ئالالامسىز؟
— ھۆددىگە! ئەگەر...
— قۇرۇق گەپنى قىلىدىكەنسىز، بىز تاھىرنىڭ ئىستىلى بۇزۇقلىقىغا قاراپمۇ ئۇنىڭ ھەرقانداق جىنايەتنى ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز، بۇنىڭدا شەك يوق.
— بىراق، مەن ھەقىقىي قاتىلنى تاپماي قويمايمەن!
— بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، بۇ يولدىكى ئاۋارىگەرچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزگە ھېساب، بىز سىزنى بۇيرۇمىدۇق، ھەرھالدا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەي قىلىدىغىنىڭىزنى قىلىپ باقسىڭىز بولۇدۇ.
ئابلەي بۆلۈمدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن مەتتۇردىنىڭ قېشىغا كىردى ۋە قورساق كۆپۈكىنى تۆكۈشكە باشلىدى.
— ئاستىراق سۆزلە، جىن ـ شەيتان بولۇپ قالمىغىن يەنە.
— مەيلى نېمە بولسام بوپتىمەن! ئەتىلا يولغا چىقىمەن، شىمالغا بېرىپ زاھىرنى تاپىمەن!
— ئەتىگىچە ئىدارە باشلىقى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باقساڭمىكىن دەيمەن . ئۇمۇغۇ بىر ئىسيانچى باتۇر، شۇنداق بولسىمۇ تاسادىپى قوللاشقا ئېرىشىپ قالساڭ ئەجەپ ئەمەس، بۇنداق ئېھتىماللىق ئەگەر ئۇ بۆلۈم باشلىقى بىلەن تازا كېلىشەلمەيدىغان يېرى بولغاندا بولۇپ قالىدۇ . ھېچ بولمىسا رۇخسەت سوراپ ماڭارسەن .«پىتىنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سېلىپ بولماس››.
— مەيلى، دەپ قالدىڭ كۆرۈشۈپ باقاي .توۋا، بۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى! بىر يېقىن ئادىمىنى ‹‹نەتىجىگە » ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئادەمنى قۇربانلىق قىلىۋەتكۈدەكقۇ!
ئابلەي  ئەتىسى ئىدارە باشلىقىنى يولۇقتۇرالمىدى . ئۇ ناھىيە بويىچە ئېچىلغان چوڭ پىپەن يېغىنىغا كەتكەنىكەن . يەنە بىر كۈن كۈتۈشكە توغرا كەلدى . ئاخىرى ئۇ باشلىق جانابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئېيتىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى . بىراق ئۇ ئېغىزىنى ئېچىشىغىلا :
— ھە، بولدى، مېنىڭ ھەممىدىن خەۋىرىم بار، بۆلۈم باشلىقىدىن ئاڭلىدىم، سىز نىمىشقا ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا راست  قىلىسىز ؟ئىستىلى بۇزۇق بىر قاتىلنى گۇناھسىز دېيىشكە قانداق پېتىندىڭىز ؟ يەنەتېخى «ئىنسان تەبىئىتى »دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپسىز. مەن سىز بىلەن بۇ توغۇرلۇق ئوبدانراق سۆزلىشەي دەپ تۇراتتىم،— دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى.
ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئابلەي بىر نەچچە كۈن سەپەر تەييارلىقىنى قىلدى. تۇنۇش- بىلىشلىرىدىن پۇل، ئاشلىق بىلىتى قەرز ئالدى. ئاندىن دوستىلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىپ كەتتى.
 

سەككىزىنچى باب. ئاخىرقى پاكىتنى ئىزدەپ
 

       شۇنداق قىلىپ ئابلەي بىر نەچچە كۈن سەپەر قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئاندىن تولىغا (زاھىر شۇ ناھىيىدە ئىدى) بارىدىغان ماشىنا تاپالماي بىر نەچچە كۈن ئاۋارە بولدى. ئۆيدىن چىقىپ يېرىم ئايدىن كېيىن دىلو يۈز بېرىپ ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن ئاخىرى مەنزىلگە يېتىپ كەلدى.
ئۇ زاھىرنى تاپقاندا شۇنى بىلدىكى، ئۇ تۇققانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن شۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغانىكەن ئۇ ھەر ئېھتىماللىققا قارشى زاھىرنى رەسمى ئىزدەپ كەلگەن قىياپەتتە ئەمەس، تاسادىپى ئۇچرۇشىپ قالغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.
— ئەجەبا، سىلى ئاياللىرىنىڭ قاتىلىنى قانداق جازالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقاي دېمەي، بۇيەرگە كېلىۋاپلىغۇ؟— دېدى ئابلەي زاھىرغا. ئۇ ئۇنىمىنىغىنىغا قويماي زاھىرنى بىر ئاشخانىغا ئەكىرگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى شىرەدە ئىككى سائەتلىك جاپالىق ئۆچرەت بەدىلىگە سېتىۋېلىنغان تاماق ۋە تاماققا قوشۇپ سېتىلىدىغان سېرىق قوناق نېنى تۇراتتى .
— ئۇنى كۆرەپ نىمە قىلادىم ؟ ئايالىم تىرىلىپ قالامتى؟— دېدى زاھىر توڭلۇق بىلەن،— ئۇ شە ماڭا ھارام بولدى، يېنىپ كەلدىم، شۇ.
— بىراق، سىلى بالىلارنى ئاچامغا بېرىپ كىلىمەن، ئۆزۈم قىينىلىپ قالىدىكەنمەن، دەپ يېنىپ چىققانىكەنلىغۇ؟
ـــ شۇنداققۇ دېگەن، بۇيەرگە چىقىپ بولۇپ، كەتكىم كەلمىدى. تارتىشقۇدەك نىمە بار تالتېرەكتە؟ قاپ بىلەن تاغار!
ئابلەي بۇ ئارىدا بىر پارچە شىلىملىق رەختكە ئۇنىڭ ھەر ئىككى قولىنىڭ بارماق ئىزلىرىنى چۈشۈرۈۋالدى . ئۇ بۇ ئىشنى ھەقىقىي ئۇستۇلۇق بىلەن قىلدى. زاھىر زادىلا تۇيمىدى.
— راست ئېيىتىلا، ئادەم دېگەنگە نەدە كۆڭۈل ئۆسسە شۇ يەردە يۇرت،— دېدى ئابلەي ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ،— بۇ ئىشلىرىمۇ ئوبداب بوپتۇ،— ئۇ زاھىرنىڭ ھە دەپ بۇلۇڭ ئىزلەۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تەھلىل قىلاتتى.
— سىز مېنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ- يا...؟— دېدى زھىر خۇدۈكسىرىگەندەك (ئۇ ھازىر شىمال تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى ).
— ياق، مەن باشقا بىر خىزمەت بىلەن كەلگەنىدىم، قارىسام سىلى كېتىۋېتىپتىلا ئەھۋاللىشاي دەپ قالدىم.
— تۇرامسىز ؟ پاتلا كېتەمسىز ؟
— بىر ئاز ۋاقت تۇرىمەن، بۇيەردىكى ئشىم تۈگىگەن ھامان كېتىمەن.
— ئۆيگە بارارسىز؟
— قېنى، نسىپ بولسا.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە خوشلاشتى.
ئابلەي مېھمانخانىغا كىرىپلا زاھىرنىڭ بارماق ئىزى چۈشۈرۈلگەن شىملىق رەختنى بۇزۇلمايدىغان ئاماللارنى قىلىپ كونۋېرتقا سالدى . ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كوماندىروپكىسى «ئۆز بېشىمچىلىق» بولغاچقا ئۇنىڭدا ئىز  روشەنلەشتۈرۈش دورىلىرى، فوتو ئاپپارات ۋە باشقا قورال ئەسۋاب، يوقىدى. شۇڭا ئۇ شىلىملىق رەختنىڭ ئۆزىنىلا مەتتۇردىغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.
مەتتۇردى بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ نەتىجىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرقى  پاكىتقا ئىگە بولغان ھامان زاھىرنى سوراق قىلاتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئازراق قائىدىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ ئىشقىلىپ، بۇ سوراقنى قىلماي بولمايتتى. ئاندىن ئۇ ھاسىلات بىلەن قايتىپ كېتەتتى- دە، ئۆمەرنى مات قىلاتتى. ئۇ كۆڭلىدە غەلبە تەنتەنىسى قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردى.
مەتتۇردىنىڭ جاۋابى كەلمىگۈچە ئۇ ياتاقتىن نېرىغا بارمىدى. زاھىرغا قايتا كۆرۈنمەسلىككە تىرىشتى، نىھايەت 15 كۈندىن كېيىن مەتتۇردىنىڭ خېتى يىتىپ كەلدى. خەت ئىچىدە ئىككى پارچە سۈرەت بار ئىدى . بۇنىڭ بىرى تىل ئۇچىدىكى بارماق ئىزى، يەنى بىرى شىملىق رەختكە ئېلىۋېلىنغان بارماق ئىزى ئىدى. ئۇ سۈرەتكە ئىنچىكىلەپ قاراپ ئۇنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى پەملىدى .دوستىنىڭ خېتىدە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بار بولسىمۇ ئۇ ئەتەي ئۆزى سېلىشتۇرۇپ ئۆز- ئۆزىنى سىناپ باقتى. خەتتىكى مەلۇماتنى پەرەز قىلىپ بىر مۇنچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى.
ئابلەي ئاخىرى خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا كىرىشتى. مەتتۇردى مۇنۇلارنى يازغانىدى:
«...بارماق ئىزلىرى تامامەن ئوخشاش چىقتى. ئۇتۇقلىرىڭنى تەبرىكلەيمەن. بېراق، دوستۇم ساڭا شۇنى خەۋەر قىلىپ قويايكى، تاھىرنى سوتلاپ، جىنايىتىنى ئوتتۇرا سوت بېكىتىپ بولدى. مەن ئۇلارغا سەن ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى فىليونكا ۋە چوڭايتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرسۈتۈپ، ھەقىقىي قاتىلنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدىم، بىراق ئۇلار قولاق سالمىدى. قارىغاندا قاتىلنىڭ ئۆز ئىقرارنامىسى بولسا ئاندىن قايىل بولۇدۇغان ئوخشايدۇ. پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن شۇنىمۇ ئېيتىپ قوياي، تالتېرەكنىڭ دادۈيجاڭى بىلەب بىزنىڭ باشلىقلارنىڭ جۈملىدىن ئۆمەرنىڭمۇ مۇناسىۋىتى يېقىنلىقى مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. تاھىرنىڭ ئايالى ئىرىنى يوقلاپ كەلگەنىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭكىلەر تالتىرەككە خېلى كۆپ قېتىم بېرىپ دادۈيجاڭغا مېھمان بولۇپ كەپتىمىش. ئۇ ياق بولسا بۇ يەرگىمۇ كېلىپ كەتتى. ئاخىرقى سوتتىن كېيىن مەلۇم بولۇشىچە دادۈيجاڭ تاھىرنىڭ شۇ كېچىسى يېرىم كېچىلەردە شىرىننىسانىڭ ئۆيىدە، ھويلىسىدا يۈرگەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلارنى بېرىپتۇ. تاھىرنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە دادۈيجاڭ ئەزەلدىن تاھىرنى يامان كۆرىدىكەن. شىرىننىسانى ئىرىدىنمۇ بەكرەك ئۇ كۈنلەيدىكەنمىش ... ھەرھالدا ئۇ دوستلۇقنى ئىپادىلەپ بىزنىڭكىلەرگە بىرەر تاغاردىن «كەپسەن» بەرگەن ئوخشايدۇ.%80 سېرىق قوناق بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىرتاغار بوغداي ئاز سوۋغاتمۇ؟...
ئابلەي، ئەڭ مۇھىم ئىشنى تېخى ئېيىتمىدىم، بۇنى ئېسىڭدە تۇت. تاھىرنى 25- سىنتەبىر ئەتتىگەندە جامائەت ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ كېسىم ئېلان قىلماقچى ھەم شۇ مەيداندىن ئېلىپ بېرىپلا جازا ئىجرا قىلماقچى، ئاڭلاۋاتامسەن ؟ ئۆلۈم جازاسى !
25- سىنتەبىردىن بۇرۇن كېلەلىسەڭ بەلكىم بىر ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالارسەن، 25- سىنتەبىر چۈشكىچە كېلەلمىسەڭ بىر گۇناھسىز كىشى ئۆلدى دەۋەرگىن.
باشقا سۆزۈم يوق، ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تېلەپ، دوستۇڭ :
                                                             مەتتۇردى .

                                                            1971- يىل 31ـ ئاۋغۇست»

 

ئابلەي ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى . بۈگۈن يەتتىنچى سىنتەبىر ئىدى . يەنە ئون سەككىز كۈنلۈك ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئازلىق قىلاتتى. شۇڭا دەرھال زاھىرنى ئىزلەپ كەتتى. ئەمدى قائىدىگە خىلاپ بولسىمۇ زاھىرنى مەجبۇرى تۈردە مېھمانخانىدىكى ياتىقىغا ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلىشى ۋە ئۇنىڭ يازما ئىقرارىغا ئىرىشىشى كېرەكىدى.
 
***
 
ئۇلار زاھىرنىڭ يىڭى ماكانىنىڭ ئالدىدا ئۇچراشتى.
— زاھىر، يۈر، مەن بىلەن ماڭ ! — دېدى ئابلەي چىرايىغا سۈر بېرىپ.
زاھىر مەڭدپ قالدى. ئۇ سومكىنى نەگە قويسامكىن دېگەندەك ئالدى كەينىگە قارىدى. — نەگە ئاپىرىسىز؟ يۇرتقىمۇ؟...
— بارغاندا بىلىسەن. تېز ماڭ!
 زاھىر تاتىرىپ، لەۋلىرى دىرىلدەپ گېپىنى ئەپلەشتۈرۈلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.
شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنى تېتىك تۇتۇشقا تىرىشىپ:
— باللىرىم ... —دېدى
— باللىرىڭ ھەدەڭنىڭكىدىلىكىنى بىلىمەن، مىنى ئالدىماقچىمۇ سەن؟ ئەندىشە قىلما.
— سومكىنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپلا چىقايمۇ؟ ئالدىرمىسىڭىز..._ دېدى ئۇ.
—  ياق ! مۇشۇ يەردىن ھويلىغا تاشلىۋەت !تىز ماڭ!
زاھىرنىڭ زورۇقۇپ ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئاخىرقى مادارى تۈگەپ، قولىدىكى سومكا يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئابلەي سومكىنى ئېلىپ تامدىن ئارتىلدۇرۇپ ھويلىغا تاشلىۋەتتى.
— ماڭە!
ئۇلار شۇ تەرىقە تاكى مېھمانخانىغا كەلگۈچە زۇۋان سۈرۈشمىدى. ئابلەي ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا چاي قۇيدى. ئەمما سوراقنى باشلاشقا ئالدىرىمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قارشى تەرەپنى روھى جىددىلىكتىن مادارسىزلاندۇرماقچى ئىدى.
زاھىر كۆڭلىدە: «نىمە بولسىمۇ مەيلىدى، بولىدىغىنى چاپسانراق بولسا. ئىھ، خۇدا ئەجەپمۇ يۈرۈكۈم سىقىلدى ...» دېگەنلەرنى ئويلايتتى. قېرىشقاندەك ئابلەي تاماكىسىنى تارتىپ ئۇنىڭ قارشىسىدا ئۇنى كۆزىتىپ ئولتۇراتتى.
— چاي ئىچ،— دېدى ئابلەي ئۇنىڭغا مىھمانخانا تەمىنلىگەن چايداندىكى يىلىمان قايناقسۇدىن قۇيۇپ. ئۇنى تېخمۇ پاراكەندىچىلىككە، ئىككىلىنىشىگە، ئارىسالدىلىق ئازاۋىغا مۇپتىلا قىلغان بۇ سۆز ئالاھىدە مۇلايىم ئاۋازدا ئېيتىلغانىدى. باياتىن بېرى «ھەممىنى بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، ئەمدى قارىغاندا ماڭا ياخشى كۈن يوق، بېشىمغا كەلگەننى كۆرمەمدىم، بولغىنىچە بولار» دېگەنلەرنى ئويلاپ جېنى قاشىيىپ تۇرغان زاھىرغا مۇلايىم ئېيتىلغان بۇ سۆز بەكمۇ قاتتىق تەسىر قىلدى ھەم ھەيرانلىقتىن گاڭگىرىتىپ قويدى. خۇددى قىززىق ئاش كەينىدىن سوغۇق سۇ چىشنى زىڭىلدىتىۋەتكەندەك. بۇنداق قارمۇ- قارشى ئىككى خىل مۇئامىلە ئۇنى ئېلىشتۇرىۋەتتى. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولاتتىكى، بۇ سۆز يەنە ئەينى ۋاقتتا ئازاپ ئىچىدە تۇرغان كىشى ھېسداشلىققا ئىرىشكەندەك بىرخىل تۇيغۇ بىلەن زاھىرنىڭ كۆڭلىنى پەپىلەپ ئۆتتى. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ساقچىلارمۇ ئادەم بولغاچقا ئۇلاردىمۇ ئىچ ئاغرىرىش تۇيغۇسى بولىدۇ، مىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھالىمغا يىتىدۇ دېگەن ئىشەنچ پەيدا قىلدى.
زاھىر قارىمۇ ـ قارشى خىياللار ئىچىدە گاڭگىراپ كەتتى. ئىچكى كۈرەش تۇشمۇ ـ تۇشتىن تالانغاندەك ئۇنىڭ ھالىنى قويمىدى.
— زاھىر! — (زاھىر شۇنچە دېققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئولتۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا قاتتىق چۆچۈپ كەتتى)،— سېنى بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن ؟
— بۇ...نى  بىل....گەندەك.....مۇ  قىلىمەن.........
— خۇپسەنلىك قىلغىنىڭ يىتەر ! — (ئۇ يەنەبىر قېتىم چۆچۈشتىن  سىلكىنىپ كەتتى )،— بىلسەڭ ئەمدى ساختىلىق قىلماي راست ئەھۋالنى ئەينەن ئېيت، بۇ سېنىڭ پوزىتسىيەڭنى سىنايدىغان ئاخىرقى پۇرسەت! جىنايىتىڭدىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىۋېلىش بىلەن يەنىمۇ ئۆزەڭگە ئۆزەڭ ئىش تاپتىڭ مانا. بۇ قېچىشىڭمۇ ھىساپقا ئېلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
زاھىر دەسلەپ قورقۇنچتىن يىغلىۋەتكىلى، ھەم ئابلەينىڭ ئايىقىغا ئۆزىنى تاشلاپ تۇرۇپ ھەممىنى سۆزلەپ بەرگىلى تاس قالدى. بىراق سەل ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ: « راست ھەممىنى بىلىۋالغاندىمۇ ؟ پەش قىلىپ گەپ ئېلىۋاتامدۇ يا...» دېگەنلەرنى ياندۇرمىلاپ ئويلۇنۇۋەردى. گويا ئۇنىڭ خىيالىدىكى سوئالنى بىلىۋالغاندەك، ئابلەي ياتاق ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغاچ مىھرىۋانلىق بىلەن گەپ باشلىدى:
— كىم بىر ئادەمنىڭ ئازاپ چىكىشىنى خالايدۇ؟ ئۆلگەنمۇ كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئادەمنى ئازاپلاش ياكى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى ساقايتىۋالغىلى بولامدۇ؟ بىز شۇنى بىلىمىز، شۇڭا قاتىل بولسىلا ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدىغان گەپمۇ يوق. بىراق، بىز جەمىيەت ئامانلىقىغا مەسئۇل بولغان ئىكەنمىز، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بېقىشىمىز، ئۇنىڭ ئۆزگۈرۈشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىنى چېكىپ بېقىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە بىز جىنايەتچىنى بىلىپ تۇرساقمۇ بىلمىگەنگە سېلىپ بىرمەزگىل «ئاغامچىنى ئۇزۇن قويۇپ بىرىپ» ئۇنىڭ پوزىتسىيسىنى سىناپ كۈتۈپ باقىمىز. ئەگەر جىنايەتچى ئۆزگۈرۈشنى خالىسائۆزىنى پاتراق مەلۇم قىلىدۇ. بىز سىياسەت بويىچە «ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك»قىلىمىز. بىز كۈتكەن ۋاقت ئىچىدە ئەگەر ئۆزىنى مەلۇم قىلمىسا، ئۇنى ئۆزىمىز تۇتىمىز .بۇ چاغدا جازا ئېغىرراق بولىدۇ، ئەلۋەتتە... — ئابلەي خۇددى كىنو ئارتىسلىرىدەك بىر خىل ئاھاڭدا چوڭقۇر ئېچىنىۋاتقاندەك سۆزلەيتتى،— مەن سىلىگە بەك ئېچىنىۋاتىمەن دەسلەپكى قېتىم تالتىرەككە بارغىنىمىزدىلا ئاياللىرىنىڭ كىلىشكەن ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئىرى بىچارىگە ئۇۋال بوپتۇ دەپ ئېچىنغانىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىرىڭلار بار ئىكەن ... ئايالنىڭ تىرناقلىرىدا قاتىلنى تاتىلىۋالغاندا قالغان تىرە قاسراقلىرى ۋە قىسقا يىرىك چاچلارنىڭ بىرقانچە تېلىنى كۆرگىنىمدە مىنىڭ ئىشەنچىم ئاشتى. قاتىلنى جەزمەن تاپالايمەن دەپ ئويلىدىم. ئۇنى دەرھال تۇتۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئىرى بولغان بىچارىنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىشكە ئالدىردىم. شۇنداق ئويلىدىمكى، قاتىلنىڭ يۈزىدە مورلانغان ئىزلار— تىرناقنىڭ ئىزلىرى بار، ئۇنىڭ چېچى قارا، توم ۋە يىرىك. كېيىن سىلى بىلەن ئۇچراشتىم، شۇچاغدا مەن سىلىنى تاسادىپى كۆرۈپ قالدىم. سىلى مىنى كۆرمىدىلە. كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى خىيالىمدا ئاللىقاچان رەسىمى سىزىلىپ بولغان قاتىلنىڭ جىمى ئالامەتلىرىنى سىلىدىن كۆرگەنىدىم. يۈزلىرى ۋە بويۇنلىرىدا تىرناقنىڭ ئىزلىرى، چاچلىرى يىرىك ۋە قارا... بىراق، سىلىگە بولغان دەسلەپكى ئېچىنىشىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم. نىمىلا بولمىسۇن ئادەم دېگەن مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئارىسىدا ياشايدىغان مەخلۇق، بەلكىم بۇ بىچارە پەۋقۇلئاددە ئاچچىقى كېلپ، ئۆزىنى تۇتالماي قېلىپ، قىپ سالغان ئىشتۇر. بىراق، بۇنىڭ بىلەنلا ئۇنىڭ دەردى يەڭگىللەپ قالمايدىغۇ، دېگەنلەرنى ئويلۇدىم. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەيلى كىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە ئۆلتۈرۈلسۇن، ئايال سىلىنىڭ، زىيان سىلىگە، كېلىدىغان، ئەلەم سىلىگە، شۇنداققۇ؟ ئۇنداقكەن، سىز يەنىلا دەردمەن - دە! بۇلارنى ئويلاپ، سىلىگە كىلىدىغان جازانى قانداق قىلغاندا يىنىكلەتكىلى بولۇدۇ، دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. ھەم سىلىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش پۇرسىتى بىرىش ئارقىلىق جازانى يىنىكلىتىشنى ئويلۇدۇم. كېيىن بىز سىلىنىڭ شۇ قەدەر ئاچچىقلىرىنى كەلتۈرگەن ئىشنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق ئەرنىڭ غەزىۋى كەلمىسۇن ؟سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا مەن بولغان بولساممۇ ئىھتىمال ئۆزەمنى تۇتۇپ تۇرالمايتتىم ... شۇنداق قىلىپ بىز سىلىنىڭ رەقىپلىرىنى قولغا ئالدۇق. ئۇ قاتىل ئەمەس ئىدى. بىز بۇنى بىلەتتۇق. لىكىن ئۇ ھېلىقى گۇناھى ئۈچۈن قاتتىق جازاغا لايىق ئىدى سىلى، قىلىپ سالغان ئىشنىڭمۇ سەۋەبچىسى شۇ ـ دە! بىراق، ئۇنىمۇ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى گۇماننىڭ ئاساسى يوقلىقىنىمۇ بىلدۇق. ئۇ سىلىگە خېلى سادىق دوستكەن، — ئابلەي زاھىرنىڭ تاھىرغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى بىرئاز بولسىمۇ پەسەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتاتتى، — ئەمما ئەسلى چاتاق باشقا ئادەم بىلەن ئىكەن! سىلى ئۇنىڭدىنمۇ گۇمانلىنىدىغان تۇرۇقلۇق، نېمىشكە ئاغىنىلىرىنى ئوتقا تىقماقچى بولدىلىكىن؟ — ئابلەي بىر ھازا سۈكۈت قىلىپ، ئۇنى كۈزەتتى. زاھىر ھەقىقەتەنمۇ ئىككىلىنىپ قالغاندەك بولدى، — سىلىنىڭ پوزىتسىيلىرىنى كۈتتۇق ...يۇقۇرىدىكىلەر مىنى ئالدىراتتى. مەن ئۇلارغا يەنە ئازراق كۈتەيلى دېدىم ... شۇنداق قىلىپ كېيىن سىلىنى كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ قالار دەپ يېزىغا بارسام نەدىكىنى سىلى ئاللىقاچان يېزىدىن قېچىپ كىتىپلا. يەنىلا سىلىگە چىدىمىدىم. شۇڭا ئاخىرقى پۇرسەتنى يارىتىپ بىرەي دەپ بۇ يەرگە كەلدىم. ئەسلىرىدە باردۇر ؟لېكىن سىلىگە سىلىنىڭ شۇ چاغدا «شەھەرگە بارىمەن » دەپ سازلىقتىن ئۆتۈپلا قايتىپ كەلگەنلىرىنى، تۈگمەنگە كىلىپ ئىشەكلىرىنى تۈگمەنگە قويۇپ، ئۆيگە غىپپىدە يۇشۇرنۇۋالغانلىرىنى ئېيتىپ قويۇشنىڭ ئورنى بولمىدى. يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا بىر قېتىم كەلگىنىم ئەسلىرىدە باردۇر؟— ئابلەي بۇ سۆزلەرنى شۇنچىلىك ھېسيات بىلەن ئېيتتىكى، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ھېسداشلىق قىلمايۋاتىدۇ دېمەسلىككە ھېچكىم پېتىنالمايتتى. ئۇ زاھىرغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويۇپ، ئاۋازىنى قاتتىق- قاتتىق چىقىرىپ داۋام قىلدى،— لېكىن سەن شۇ چاغدا بولسىمۇ ئىقرار قىلىۋەتمىدىڭ! قانۇننى ئەخمەق دەپ ئويلامسەن؟ ساڭا ئوخشاش سولتەك دېھقاننىڭ ھەر بىرى قانۇن ساقچىلىرىنى كولدۇرلىتالايدىغان بولسا قانداقمۇ ھۆكۈمەت بولۇپ تۇرالىسۇن؟ — ئابلەي ئەمدى زەينەپخان موماي سۆزلەپ بەرگەنگە ئاساسەن ئۆزى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان زاھىرنىڭ شۇ كېچىلىك ھەركەتلىرىدىن ئاندا- مۇندا تىلغا ئېلىپ، ئۇنڭغا ھەممە ئىشنىڭ ھۆكۈمەتكە مەلۇم ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى،— تاھىر ئۆيدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، دەرۋازىنىڭ ئۇچۇق قالغانلىقىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ كىيىن كىمدۇر بىرسى يېپىپ قويغانلىقىنىمۇ ھېس قىلغان بولغىيدىڭ؟
«يا، ھەزرەت!يەرنىڭ ئاستىدا يىلان كۆشىگەننىمۇ بىلىدىكەندە بۇ خەق!»دەپ ئويلىدى زاھىر كۆزىنى چەكچەيتىپ.
— شۇنداق، شۇكۈنى بىر كىشى سىنىڭ جىمى ھەركىتىڭنى كۆزۈتۈپ تۇرغان. يەنە تېخى ھېچ ئىش بىلمەيدىغاندەك بىخارامان يۈرىسەن ...ئىسىت، ساڭا ئىشەنگىنىم!...
— كىم ماراپ تۇرۇپتىكەن؟ تايىنلىق ھېلىقى دادۈيجاڭ دېگەن خوتۇنى تالاقتۇ...
— بۇنى سەن سورىمىساڭمۇ بولىدۇ. ماراپ تۇرغان ئادەم بارلىقىغا ئىشەنگەنسەن؟
— ھەئە...
— ھە، دېمەك، ھەر يەردە بىزنىڭ كۆز-قۇلاقلىرىمىز بار، — ئابلەي ئۇنى تامامەن ئىشەندۈردى، — ئۆزەڭمۇ بەغەرەز نەرسىكەنسەن، كۈتكەن يىرىمدىن چىقالمىدىڭ! مەن ئەسلىدە سىنى قولغا ئېلىپ، قولۇڭغا كويزا سېلىپ ھەيدەپ مېڭىشنى زادىلا خالىمايتتىم بىراق، ئوزەڭنى سورىمىدىڭ - دە!
ـــ ئەمدى مېنى قولغا ئېلىپ، يۇرتقائەكىتەمسىز؟! ـــ زاھىر چۆچۈپ كەتتى،— مۇشۇ يەردىنلا ئۆيگە بىر بېرىپ باللىرىمنى كۆرۈۋېلىشىمغىمۇ ئۇنىمامسىز؟
— نىمە ئامال؟ ئۆزەڭ دەپ باقە، شۇنداق قىلماي نىمە ئامال؟
— مەن بىلمەپتىكەنمەن ...قىڭڭىدا تىنىپ قويسىڭىزچۇ، ھېچ بولمىسا...
ئابلەي بېشىنى چايقىدى.
— ئۇ چاغدا سەن يەنىلاقايىل بولمايتتىڭ، ئەسلى ئىچىڭدىن قايناپ چىقمىغاندىكىن، — ئابلەي ئۇنىڭ قورسىقىدىكىنى تۆكۈشكە ئازلا قالغىنىنى پەملەپ داۋام قىلدى،—ئەمما مەن بىلىمەن، سەن كېيىن پۇشايمان قىلدىڭ. چۈنكى شىرىننىسا دېگەن پۈتۈن تالتىرەكنىڭ كۆزى ئىدى... قانداقلا بولمىسۇن، سېنىڭ نەچچە يىلنى بىللە ئۆتكۈزگەن ياستۇقدېشىڭ ـ دە.
— راست! مەن بەك پۇشايمان قىلدىم، پەيلى- شەيتاننىڭ ئىشى! شەيتان بويۇنغا مىنگەندە ئادەم ھېچنىمىنى بىلمەي قالىدىكەن ئەمەسمۇ ...
— ئەنە خالاس! شۇڭلاشقىمۇ ساڭا يەنىلا ئىچىم ئاغرىيدۇ ـ دە.
— گەپ قىلىڭە،... ئەمدى مەن نىمە قىلاي؟ مېنى قانداق قىلىسىز؟ ئېلىپ كېتەمسىز؟ مىنى ئاتمايدىغاندۇ ؟...
— توختا، مەن ساڭا بىر يول كۆرسۈتەي،— دېدى ئابلەي،— خەت بىلىسەنغۇ؟
— بىلىمەن.
— ناھايىتى ياخشى بولدى. ئەمسە سەن بارلىق ئەھۋالنى يازغىن. مەن ئىدارىدىكىلەرگە «زاھىر بۇنى يېزىپ تەييارلاپ قويغانىكەن. بەلكىم ئەۋەتەيمۇ - ئەۋەتمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغان بولسا كېرەك، مېنى كۆرۈپلا بۇنى ماڭا تاپشۇردى، سوراق قىلىشقىمۇ توغرا كەلمىدى، دەي، پوزىتسىيسى ئۆزگۈرۈپ ياخشىلانغان بۇنداق كىشىگە كەڭچىلىك قىلىش كېرەك »دەپ چىڭ تۇرۇپ باقاي، قانداق دەيسەن؟
— شۇنداق قىلساق راستىنلا مەن كەڭچىلىككە ئىرىشەرلەمەنمۇ؟— زاھىر سۆھبەتدېشىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، يېقىن دوستى بىلەن مەسلەھەتلىشىۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىپ قالغانىدى.
— بولۇپ قالار. بۇنى مەن قالملاشتۇرۇپ باقاي.
— بولۇدۇ يازاي. خۇدايىم، دېگىنىڭىزدەك بولار.
ئابلەي ئۇنىڭغا قەغەز بەردى. ئىقرارنامىنى يازغۇچە ياتاقتا توختىماي ئۇياق ـ بۇياقلارغا مېڭىپلا تۇردى.
ئابلەي ئۈچۈن زاھىرنىڭ تەپسىلى يېزىشنىڭ كېرىكىمۇ قالمىغانىدى. مۇھىمى ئۇ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلسىلا بولاتتى. زاھىر پات- پات يېزىشتىن توختاپ ئۆزى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان نوقتىلاردىن باشلاپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئابلەي ئىلگىرى خىيالىدا قوراشتۇرۇپ چىققان «زاھىرنىڭ ھەركەت تەرتىۋى » زاھىرنىڭ سۆزلىرى بىلەن دەلىللەنمەكتە ئىدى.
— ئۆزىڭىزگە مەلۇم، كۈندەشىلىكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈدۇغان ئازاپ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتۇننى قورقۇتتۇم :«بوغۇزلايمەن، قانجۇق، تاھىردىن ئالەقەڭنى ئۈز!». «بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچ ئىش بولغىنى يوق،— دېدى ئۇ،— ئۇ دېگەن بۇرۇنقى ئىشلار. ئۇنى سىلىمۇ بىلىلا ». «ئىشقىلىپ خەقنىڭ زۇۋانى ئۆچسۇن، ئۇنىمۇ ئىسىدىن چىقمىغۇدەك چۆچۈتۈپ قويۇش كېرەك! ئۇختۇڭمۇ؟» «نىمە قىلاي دەيلا ؟» «بۇ دو ئۇ بۇ ئۆيگە يولاپ قالغۇدەك بولسا سەن ئۇنى ئەيپىناق قىلىپ چىقار. ساق چىقمىسۇن !» «مەن؟ خوتۇن كىشى، ئەر كىشىنى نىمە قىلالايمەن؟ ئۇمۇغۇ بۇئۆيگە چىمەيدۇ...» «زۇۋانىڭنى ئۆچەر قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ئىشقىلىپ بىر ھىلە ئىشلىتىپ دېگىنىمدەك قىل  بىر يىرىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالىسەن- دە! ئۇنىڭغا ئاچچىق ساۋاق بولۇپ، ئىككىنچى كوچىدا يۈرمەيدىغان بولسۇن. ئۇنىڭ ھالىنى كۆرسە باشقا كوسۇكلارمۇ كۆتىنى غىت قىسار . توختا، راست ئەڭ ياخشىسى تىلىنى ئۈزۈۋالساڭ ئىدى، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقىنىنىمۇ قولاق ئىشتمىسە...»، «تىلىنى؟» دېدى شىرىننىسا قورقۇپ «مەن دېگەننى قىل! بولمىسا ئۇنىمۇ، سىنىمۇ، ئۆزەمنىمۇ ئۆلتۈرىمەن. باللىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسا دېگىنىمدەك قىل. شۇنىڭ بىلەنلا ھەممە ئىشنى سالىۋات قىلىپ خاتىرجەم ياشايلى، ئۇ بولسا نۇمۇس كۈچىدىن ھېچ كىشىگە تىنالمايدۇ.» «تىلىنى؟— شىرىننىسا تاتىرىپ كەتتى،— تىلىنى قانداق ...؟» «بولمىسا بىر نەرسە بىلەن تۇيۇقسىزلا ئۇرۇپ بىر كۆزىنى قۇيۇۋەتسەڭمۇ بولۇدۇ. ئۆيدىن چىقالماي ئولتۇرۇپلا قالسا تازا خوپ بولاتتى» شۇنداق قىلىپ شىرىننىسانى مەجبۇر قىلدىم. گېپىدىن يېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزدۈم. ئۇ چاغدا مەن پەقەت تاھىرنى شۇنداقراق چۆچۈتۈپ قويسام، شۇندىن كېيىن ھەممە گەپ- سۆز تىنجىسا خاتىرجەم كۈنىمىزنى ئېلىپ كېتىۋېرىمىز دەپ ئويلىغانىدىم. شىرىننىساغا كۆڭلۈم بار ئىدى . ئۇنى بىرنىمە قىلامەن دەپ خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان،— زاھىر گويا جىنايىتىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىسى بولۇدىغاندەك بىردەم يازغاندىن كېيىن يەنە توختاپ سۆزلەشكە باشلىدى،— دېگىنىڭزدەك تاھىرغا ئەتەي بىلىندۈرۈپ «شەگە كەتكەن »بولدۇم. ئەمەلىيەتتە بولسا سازلىقنىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتۈپلا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، قاش قارايغاندا ئىشەكنى تۈگمەنچىگە تاپىلاپ قويدۇم – دە، غىپپىدە ئۆيگە كىلىپ تۇنۇرغا كىرىۋالدىم. چۈنكى ئەگەر مەن راستىنلا شەھەرگە كېتىپ قالسام ئۇ ۋەدىسىنى ئورۇندىمايلا قالماي، تاھىر بىلەن ئىش ئۆتكۈزۈپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيتتىم . شىرىننىسا ئەگەر ۋەدىسىنى ئورۇندىمىسا ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شەپىلەرگە قولاق سېلىپ ياتاتتىم، تاھىر كەلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتكەندە مېڭەم ئېلىشىپ ساراڭ بولۇپ قالايلا دېدىم. شۇنچىلىك كۈندەشلىكىم كەلدىكى، «نىمىشقا ئۇنى ئۆلتۈرۋەتمەيمەن ؟مەن قانداق ئوغۇل بالا بولدۇم؟...»دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. پىچىقىمنىڭ دەستىسىنى پات ـ پات تۇتۇپ قالاتتىم، لېكىن بىر قارارغا كېلەلمەيتتىم. قاتىل بولۇشۇمنى، تۇتقۇن بولۇپ ياتسام ياكى ماڭىمۇ ئۆلۈم نۆۋىتى كەلسە شىرىننىسانىڭ مەنسىز مۇشۇ دۇنيادا قېلىشىنى ئويلۇغۇنۇمدا ھېچبىر ئاساسسىزلا كۈندەشلىكىم تۇتۇپ، ئاشۇ مەن يوق چاغلاردىكى ئاللا كىملەردىن ئۇنى قىزغىناتتىم. باللىرىمنى ئويلايتتىم ... «چىدىغىن زاھىر، ئۇنى ئەيپناق قىلىپ چىقىرىۋەتكەندىن ئاقىل چارە يوق. پەقەت شۇنىڭدىلا ھەم جازاغا ئۇچرىمايسەن ھەم تۇرمۇشۇڭمۇ خاتىرجەملىككە ئىرىشىدۇ ...» دەپ ئويلايتتىم ئارقىدىن.
         — مەن تاھىرنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە بىر قارارغا كېلىپ بولغۇچىلا، ئۆيدىن ئەنسىز ۋاقىراش ئاڭلاندى ھەم ئارقىدىنلا ئىشىك جالاقلاپ ئېچىلىپ بىرسىنىڭ گۈرسۈلدەپ ماڭغىنى ئاڭلاندى. مەن تۇنۇر بېشىدىكى كۆتىچەك لەرنىڭ[⑤] دالدىسىدا ئاستا بېشىمنى چىقىرىپ، چىقىپ كىتىۋاتقۇچىنىڭ تاھىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ئاغزىنى چاڭگاللىۋېلىپ ئېڭىشكىنىچە كېتىۋاتاتتى.
شۇندىلا مەن تۇنۇردىن چىقىپ ئۆيگە كىردىم. شىرىننىسا سۇپىدا ھۇشسىز ياتاتتى. ئۇنىڭ ئاغزى قان يۇقى، چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ. چاپىنىنىڭ ئالدى يېشىۋېتىلگەن بولۇپ، كۆينىكىنىڭ ياقىسىمۇ ئېچىلىپ تۇراتتى. شۇ ئان كۆز ئالدىمغا تاھىر بىلەن ئىككىسىنىڭ قانداق سۆيۈشكىنى، قۇچاقلاشقىنى، تاھىرنىڭ ئۇنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ كۆكسىنى مىجىقلاپ ئوينىغانلىرى كەلدى. بۇ شۇنداق غەزەپ تۇغدۇردىكى، ھېچكىمنى ئەپۇ قىلغۇم كەلمىدى. شۇنداق بىرخىل ۋەھشىلىك كۆڭلۈمدە تۇغ كۆتەردىكى، ئۇچاغدا مىنى ھېچنىمە توسۇپ قالالمايتتى. مۇشۇ كۆكسىنى يېرىم - ياتا ئېچىپ، دالىيىپ ياتقان مەخلۇقنى خوتۇنۇم دەپ ئويلىسام، كەلگۈسىدە يەنە مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە بىللە ياشايدىغانلىقىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم تېنىم شۈركۈنۈپ، كۆڭلۈمدە پەيدا بولغان شەكنى — نۇمۇس دېغىنى يۇيۇپ تازىلىۋىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە كۆز يەتكۈزەلمەي قالدىم ... «ۋۇ، ئىپلاس جالاپ !سىنىڭ ئاشۇ لەۋلىرىڭنى مەن ئەڭ قىممەتلىك (لەئىلى- ياقۇتتەك كۆرۈمەن، رۇخسىتىڭسىز يېقىنلىشالمايمەن، ئۆزەڭمۇ ماڭا كەلگەندە شۇنچە بىخىللىق قىلىسەن؛ بىراق يات بىر ئەركەككە سېخىلىق بىلەن تۇتۇپ بىرىپسەنغۇ؟ باللىرىڭغا سۈت بىرىدىغان نەرسەڭنى خەق مىجىقلاپ ئوينىسا خىجىللىق ھېس قىلمىغانسەنمۇ ؟...» ئويلىغانسىرى ئوت بولۇپ ياندىم. ئويلىغانسىرى كوچىدىكى گەپ ـ چۆچەكلەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەندىم. ئىلگىرى مەن ئۆز- ئۆزەمنى بۇنداق گەپلەرگە ئىشەنمەسلىككە مەجبۇرلاپ كەلگەنىدىم. چۈنكى بۇنىڭغا ئىشەنگەندىن كىيىن بىزدە يەنە ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت داۋام قىلمايتتى- دە! شۇنىڭ بىلەن مىنى جىمى دەرد- ئەلەمگە قويۇۋاتقان بۇ خوتۇندىن بىراقلا قۇتۇلۇش نىيىتى پەيدا بولدى. پەگادا ئازراق قان يۇقى بىلەن تۇرغان نەرسىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ راستىنلا ئۈزۈۋېلىنغان تىل ئۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىنىمدە دەرھال كۆڭلۈمگە بىر شۇم ئەقىل كەلدى. «توختا، ھازىر ئۇ ھوشىدىن كېتىپتۇ، مەن بۈگۈن شەھەرگە كەتكەن دېمەك، بۇنى تاھىرغا ئارتىپ تۇرۇپ بىر نىمە قىلغىلى بولغۇدەكقۇ ...» دېگەنلەرنى ئويلاپ، دەرۋازىنى زەنجىرلەپ قويغاندىن كېيىن قول سالماقچى بولۇپ، ئاۋال دەرۋازىنى تاقاپ قويۇپ كىردىم.
       مۇشۇ پۇرسەتتىلا ئىرادەم زور دەرىجىدە بوشاپ قاپتۇ. «قويغىنا، قاتىل بولۇپ نىمە قىلىسەن، نىمىلا بولمىسۇن ئىككى بالاڭنىڭ ئانىسى، ئۆزىمۇ خوتۇنۇڭ بارمۇ دېسە بار دېگىچۈلۈكى بار خوتۇن. ئۆتكەن ئىش ئۆتتى. ھەممىگە سالىۋات. ئىنشائاللا تاھىرمۇ ئەمدى ھورىغا جىمىپ قالار. تىنچ خاتىرجەم ياشىمامسەن!» مەن شىرىننىساغا قارىدىم: تاتىرىپ كەتكەن ئاق يۈزى، قان ئېقىپ قالغان ئاغزى، كۆكسىنىڭ ئېچىلىپ تۇرۇشى، بويىنىڭ زىلۋا، ئوماقلىقى... ئۇنىڭغا سىڭىپ قالغان قاڭسىق تاماكا ھىدى... «ياق، ياق، بۇ جىنايەتنى تاھىرغا ئارتىپ قويغىلى بولۇدىغان ياخشى پۇرسەت، ‹ئۈگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقىچە ›دەپ، تالاغا ئۈگەنگەن بۇ جالاپ بەرىبىر ئادەم بولماي يۈرىكىڭنى يەيدۇ. ئۇندىن كۆرە ئوغۇل بالىدەك بولغىن ـ دە...»
       شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم قېنىم قىزىپ، تىلىنىڭ ئۇچىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىقىشقا ئۇرۇنۇپ، كالپۇكلىرىنى يىردىم ۋە يەنە بىر قولۇمدا قوۋزىنى قاتتىق مىجىدىم (ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدىكى ۋەھشىلىكىمگە ھەيران قالىمەن ). شۇ چاغدا ئۇ چۆچۈپلا ھۇشىغا كەلدى ھەم مىنڭ كۆزلىرىمدىن مەخسىدىمنى بىلىۋالغاندەك بولسا كېرەك قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى...
      شىرىننىسانىڭ نەپسى توختىغان ھامانلا ئەندىكىپ كەتتىم. راست سۆزۈم يولداش، چىن سۆزۈم! چۆچۈپ كەتتىم! قىلىپ سالغان ئىشىم ئويۇن ئەمەس، چۈشمۇ ئەمەس، راست ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلىساملا سۈر بېسىپ كېتەتتى. شۇ مىنۇتتىن باشلاپلا پۇشايمان يۇرىكىمنى تاتىلاشقا باشلىدى. ئۇنڭ قېشىدا ئولتۇرۇشتىن قورقتۇم. ئۇ ھېلىلا تىرىلىپ قالىدىغاندەك ۋە شالاققىدە يۈزۈمگەتۈكۈرىدىغاندەك تۇيىلاتتى. ئۇنىڭغا شۇنداق مۇھەببىتىم قوزغىلاتتى، ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن كۆرۈشۈۋاتقان ئاشىقلاردەك ئۇنى باغرىمغا باسقۇم كېلەتتى. ئەمما ئۇ سوغۇق مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆڭۈلنى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان ھارارەت يوق ئىدى، ھەركەت، سۆز، ھەتتا سەل - پەل مىدىرلاشمۇ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسىدى. ئىچكىركى ئۆيدە بالىلىرىم ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قېشىغىمۇ كىرەلمەيتتىم. چۈنكى، مەن قاتىللىقىمنى باللىرىممۇ بىلىدىغاندەك، مىنى ئەيىپلەپ تالاغا قوغلاۋاتقاندەك بولۇپ ھويلىغا چىقىپ كەتتىم. ھەم باش توخۇغىچە تاماكا چىكىپ ئولتۇردۇم. كۆك ئاسماندا يۇلتۇزلارنىڭ جىمىرلاشلىرىمۇ بىر قىسىملا ئىدى. ئۇنىڭدىنمۇ بىر خىل ئۈنسىز ئەيىبلەش بار ئىدى. كىچىنىڭ سالقىنلىرىدا ۋە بۇ سالقىندا بىلىنەر- بىلىنمەس ئىغاڭلاپ قويۇدۇغان دەرەخلەردىمۇ شۇنداقلا نارازىلىق باردەك ئىدى. مەن جەسەتنى تاشلىۋېتىپ ئاندىن قۇتۇلمىسام ماڭا ئاراملىق يوقتەك ئويلاپ، مۇشۇ ئارلىقتا ئۆزەم چالا ئۇيقۇلۇق، چۈش دېسە چۈشكە، خىيال دېسە خىيالغا ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن چۆچۈپ، يۈرۈگۈم چىقىپ كەتكىدەكلا بولدى. بۇ بەلكىم قارا باسقىنىدۇ ياكى نەس باسقاننىڭ سىگىنالىدۇر.
       ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيگە كىردىم ۋە شىرىننىسانى ھۆشنەمگە ئارتتىم. خۇدايا توۋا، چاشقانچىلىك جېنى بار، بۇ نازۇك خوتۇن شۇنچىلىك ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇكى، ئۆيدىن دەرۋازىغا بارغىچىلا تىلىم ساڭگىلاپ كەتتى. بەلكىم قورقۇپ تۇرۇۋاتقىنىم ئۈچۈن شۇنداق تۇيۇلغاندۇر... دەل شۇ قورقۇنچ ماڭا كۈچ بىرىپ، مىڭ تەسلىكتە ھېلىقى دوقمۇشقا ئاپىرىپ تاشلىدىم. بۇ يەر بىزنىڭ ئۆيگە قارىغاندا تاھىرنىڭ ئۆيىگە يېقىنراق ئىدى.
ئەمدى سەل خاتىرجەم بولغاندەك بولدۇم ... بىراق ھويلىغا قايتىپ كىرگىنىمدە ئۆيگە زادىلا كىرگۈم كەلمىدى. ئۇ يەردە مىنى ئەزراھىل كۈتۈپ تۇرغاندەكلا. تالاغا چىقسام ھەربىر ئادەم مىنى تۇتقىلى كېلىۋاتقاندەكلا تۇيۇلدى. مۇشۇنداق خىيال ئاخىرغىچە كاللامدىن چىقمىدى. ئۆيگە كىرىشكە بەكمۇ يۈرەكسىز بولۇپ كەتتىم، شۇڭلاشقىمۇ شۇ ئۆيدىن بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كىتىشنى ئەۋزەل كۆرگەنىدىم...
— ھېكايەڭنى يەنە بىر نۆۋەتتە ئاڭلارمىز،— دېدى ئابلەي ئۇنىڭ ئىقرارنامىسىنى قولىغا ئېلىشقا ئالدىراپ،— مەن ئالدىرمايمەن. ئاۋال دېگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ بەرگىن.
زاھىر ئالدىراپ يېزىشقا كىرىشتى.
نىھايەت ئۇ ئىقرار نامىسىنى يېزىپ بولۇپ ئابلەيگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئابلەي ئۇنى كونۋېرتقا سېلىپ سومكىسىغا جايلاشتۇرۇپ دېدى:
— مەن ھەقىقەتەنمۇ ئالدىرايمەن، شۇڭا ھازىرچە سېنى مۇشۇ يەردىكى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، مەن قايتىپ بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز. سەن بۇيەردە ۋاقتلىق تۇرۇپ تۇرىسەن.
زاھىر زەۋقى بىلەن ھېكايە سۆزلەۋاتقاندا ئاغىنىسى بىلەن بىللە تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالغاچقا، بۇ گەپ ئۇنى بىر ئاز مەڭدىتىپ قويدى. بىراق ئۇ قارشىلىق قىلماستىن ئابلەينىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ماڭدى.
 

توققىزىنچى باب.   قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا
 

        ئابلەي زاھىرنى شۇ يەرلىك ج خ ئورنىغا (شۇنداق دېيىش مۇمكىن بولسا. چۈنكى ئۇ كەملەردە قانۇن ئورۇنلىرى پالەچ بولۇپ قالغانىدى) تاپشۇرۇپ، ئەھۋالنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن كېتىش تەييارلىقىغا كىرىشتى.
قاتناش تولىمۇ قىس ئىدى، نۆۋەتچى ئابدوبوسلار يوق ئىدى. يولوچى ئۆزى ماشىنا تېپىپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلسىمۇ ئامال قىلالمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ماشىنىسى چوڭ پىپەن تەشۋىقات ماشىنىسى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقاچقا، ھېچ بولمىسا قارمايغىچە بولسىمۇ ئاپىرىپ قويالمىدى. ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ماشىنا تاپماق تەس ئىدى. ئۇ بىر كۈن يول بويىدا ماشىنا توسقان بولسىمۇ، كۈتكىنى بىكار بولدى قارمايدىن ئۈرۈمچىگە قاتناپ تۇرىدىغان ماشىنىلار كۆپ ئىدى. شۇڭا ئەتىسى ماشىنا كۈتۈپ ئولتۇرماي قارمايغا قاراپ پىيادە يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ھەم يول يۈرۈپ ھەم ئارقا تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىلارنى توسۇپ بېقىپ، توختىمىسا داۋاملىق مېڭىۋەرمەكچى ئىدى. بۇنداق قىلغاندا ۋاقىتتىن ئۇتقىلى بولاتتى.
       ئۇ سائىتىگە بەش كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭسا بۇ يولنى ئىككى سوتكىدا مېڭىپ بولاتتى.
ئابلەي ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئارقاتەرەپتىن ماشىنا كىلەمدىكىن دەپ تەلمۈرۈپ قارايتتى. لېكىن قېرىشقاندەك ھاياتبەخش ماشىنا ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. پۈتۈن سەپەر جەريانىدا ئۈچ - تۆت ماشىنا ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن ھېچقايسىسى توختىمىدى.جۇڭغار دالاسىنىڭ شامىلى ئۇنىڭغا ھەمرا بولدى...
    نىھايەت ئۇرۈمچىگە كەلگەندە 15- سىنتەبىر باشلانغان بولۇپ، ئۇنى قورقىتىۋاتقان ئەجەللىك ۋاقىتقا ئون كۈنلا قالغان ئىدى. ئۇ ئىلاج قىلىپ بىرنەچچە كۈن بۇرۇنراق بېرىشنى ئويلايتتى. لېكىن ھەممە كالون، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە قاتراشلىرى بىكار كەتتى. جەنۇپقا كېتىدىغان ماشىنا تېپىلمايتتى. مۇشۇ يوسۇن ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاشلىق بىلەتلىرى تۈگەپ كەتتى ۋاھالەنكى، ئاشلىق بىلىتىسىز تاماق تاپقىلى بولمايتتى. بىلەت تىجارەتچىلىرى ئۇنىڭ ساقچى فورمىسىدىن قورقۇپ بىلەت سېتىپ بەرمەيتتى. بىلەتسىز نان ساتىدىغان ناۋايلار بولسا ناھايىتى كەم تېپىلاتتى. ئۇ يېرىم ئاچ، يېرىم توق يۈرۈپ كۈنلەرنى  ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدىراپ تۇرغاچقا جىددىلىشىپ، تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. بەشىنچى كۈنى ئۇ ئاخىرى جەنۇبقا كېتىدىغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇچراشتى. بىراق شوپۇر ئۇنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن بىرنىمە ئۈندۈرۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئېلىۋېلىشقا ئۇنىمىدى. ئىلاجىسىز قالغان ئابلەي يېنىدا قالغان پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى قېرىق يەتتە كوي پۇلى ئىدى. ئۇبۇ ئاخىرقى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويالمايتتى .ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم باشقىلارغا ئەڭ بىچارىلىك بىلەن يالۋۇرماقتىدى خۇشامەت قىلماقتىدى.
       ئاخىرى شوپۇر ئۇنى ئېلىۋېلىشقا ماقۇل بولدى. ئىنشائاللا، ئۇلار سەپەرگە ئاتلاندى. ئابلەي ماشىنىنىڭ بۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى تىلەپ، ئۆزىنىڭ سەپەر ئۈستىدە نىمە يەپ ئىچىشىنىمۇ ئويلاپ قويمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىنمۇ قالمىغانىدى. ئەگەر ماشىنا بۇزۇلماي ماڭسا تۆت كۈندە بارغىلى بولاتتى. بۇ دېمەك، بىر كۈن بۇرۇن بېرىش دېگەن سۆز ئىدى.
بىرىنچى قېتىملىق كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان يەرگە كەلگەندە ئابلەي ماشىنىدىن چۈشمەي ئولتۇرىۋەردى .
— يۈرسىلە، مۇشۇ يەردە ياتىمىز، ياتاق ئېلىۋالمىساق بولمايدۇ،— دېدى شوپۇر
— مەن ماشىنىنى ساقلاپ كابىنكىدا ياتاي، ئۇشتام، ماقۇل دېسىلە،— دەپ ئۇنىمىدى ئابلەي
شوپۇر كىرىپ كەتتى ئۇ ئابلەينىڭ ياتاقتا ياتقۇدەك پۇلى يوقلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىغان ئىدى. ئاچ قورساق ئابلەي كابىنكىدا تۈگۈلۈپ يېتىپ بىرىنچى كېچىنى ئۆتكۈزدى. كۈن بويى ماشىنىنىڭ سىلكىشىگە چىداپ بىر خىلدا ئولتۇرۇپ كەلگەن، ھاردۇق يەتكەن بەدەن ئۈچۈن، سوزۇلۇپ يېتىپ ھاردۇق ئالماستىن يەنە تۈگۈلۈپ يېتىش ۋە ئولتۇرۇپ ئۇخلاش مىسلىسىز ئازاپ ئىدى.
— ناشتا قىلىمىز ئورۇنلىرىدىن تۇرسىلا،— دېدى شوپۇر ئەتتىگەندە.
— مەن ھېلى نان يەۋالدىم، ئۆزلىرى بېرىپ كەلسىلە،... — دېدى ئابلەي بىلىندۈرمەي.
مۇشۇ تەقلىددە سەپەر يەنە بىر كۈن داۋام قىلدى ۋە ئەنە شۇنداق جاپالىق بىر كىچە ئۆتتى. ئۇلار يەنە مېڭىشتى. ئابلەينىڭ قورسىقى ئېچىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ بېشى قېيىشقا باشلىدى. شوپۇر ئۆيىگە ئېلىۋالغان بىر سىۋەت پىششىق تۇخۇمنى ئابلەي تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى ئۇنى تارتىنىش، نۇمۇس تۇيغۇسى چەكلەپ تۇرمىغىنىدا تۇخۇمدىن قانچىنى يەرىدى؟...
بەختكە قارشى شۇ كۈنى ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى. ئابلەينىڭ جان - پېنى چىقىپلا كەتتى. بىراق شوپۇر ئېرەڭسىزلىك بىلەن:
— مانا ئەمىسە دەپ ئىككى كۈن تاماشاقىلىپ، ئالدىرماي ياسىتىپ ماڭىمىز،— دېدى.
بۇ گەپ ئابلەيگە ئوق تەككەندەك دەھشەتلىك تەسىر قىلدى.
— سىلىدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، پاتراق مېڭىپ كېتەيلى...
— ئالدىرىسىلا ئۆزلىرى كېتىۋەرسىلە!
ئابلەي ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ بىچارىلىك بىلەن يېلىندى. شوپۇر ئۇنىڭ ئاللىقانداق بىر ئىشنى ئۆزىدىن يورۇشۇپ كېلىۋاتقىنىنى، ھېس قىلغان، ئۇنىڭ كابىنكىدا يېتىشىدا نېمە سىر بارلىقىغا قىزىققان، ئۇنىڭ تاماق يەۋەتقان ياكى يېمەيۋاتقىنىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى كۈچەيگەنىدى. ئابلەي ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بالىلارچە ساددىلىق بىلەن شوپۇرغا سۆزلەپ بەردى. ئۇ شوپۇرنى تەسىرلەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئاخىرىدا ئۇ بارلىق پۇلىنى بېرىۋەتكەنلىكتىن ماشىنىدا تۈنەشكە، ئاچ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنىمۇ سۆزلىدى.
— 25 ـ چىسلا دەملا؟
— شۇنداق.
— مۇشۇ ئاينىڭ؟
— ھەئە.
— ئەتە ـ ئۆگۈن ئارىلىقىدىكى گەپمۇ؟
— شۇنداق.
— خۇدايا! ئۆزەڭگە ئامانەت! بالدۇرراق مۇنداق گەپ دېسىلە بولمامدۇ؟ بىزمۇ ئادەم بالىسى بولغاندىكىن ئەلۋەتتە... ئەستاغ... كېچىلەپ بولسىمۇ ماشىنىنى ياسايلى، سىلى قول چىراق تۇتۇپ بەرسىلە ئەمسە.
— بولۇدۇ.
— توختىسىلا، ماۋۇ پۇللىرىنى ئالسىلا...
— بولدى، مەن سىلىگە ئاتىغاندىكىن رازى بولدۇم.
— ياق، بولمايدۇ! سىلى مېنى تازىمۇ خىجىل قىلىپ قويىدىلا، بۇنداق ئەھۋالدا كىرا پۇلى ئالسام ئادىمىگەرچىلىك بولامدۇ؟ نەچچە كۈن ئاچ قورساق قانداقمۇ... ھەي! مېنى خاپا بولمىسۇن دېسىلە، دەرھال بۇ پۇلنى ئېلىپ، قورساق تويغۇزۇپ كەلسىلە. بولمىسا كابىنكىدىكى تۇخۇمنىلا يېسىلە... توۋا، قىزىق ئادەمكەنلا، باشتىراق دېمەمدىغان، سىلى تازىمۇ قىينىلىپلا ئەمەسمۇ.
ئۇلار چاپسانلا دوستلىشىپ كەتتى...
ئۇلار بىر سوتكىنى قولدىن بېرىپ قويغانىدى. شۇڭا ۋىلايەت مەركىزىگە دەل 25- سىنتەبىر تاڭ سەھەردە يىتىپ كەلدى. ئەگەر ئاخىرقى كېچىسى دەم ئالماستىن ماڭمىغان بولسا تولۇق بىر كۈن كېيىن كېلەتتى.
ئابلەي شوپۇرغا بىر نەچچە ئېغىز تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن رەخمەت ئېيتقاندىن كېيىن ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشتى - دە، ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە (ئەگەر شۇنداق دېيىش مۇمكىن بولسا) قاراپ يۈگرىدى.
ئۇ مەھكىمىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپلا كىچىك ماشىنا بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرغان شوپۇردىن سورىدى:
— باشلىقلار بارمۇ؟
— يوق.
— ئىش بىجىرىۋاتقانلاردىن ھېچكىم يوقمۇ؟
— ئىشخانا مۇدىرى باردەك ئىدى.
— سىلى بىر ياققا ماڭماقچىمۇ؟
— قانداق؟ ئىش بارمىتى؟— شوپۇر ئەدەپسىز بىر خىل پۇزتسىيە بىلەن مەسخىرە قىلغاندەك سورىدى.
— شۇنداق، ئىش بار ئىدى، ناھايىتى مۇھىم! بەلكىم، سەل تۇرۇپ تۇرسىلا باشلىقلىرى سىلىنى شۇ ئىشقا بۇيرۇپ قېلىشى مۇمكىن.
— نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىلە، قارى، باشلىق تويغا جابدۇۋاتىدۇ، شۇنىڭغا مېنى ماشىنا تەييارلا دېگەنىدى.
— ھە!؟ توختاپ تۇرسىلا، مەن ئىشخانىغا كىرىپلا چىقاي،— ئابلەي يۈگرىگىنىچە ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
ئىشخانىدا بىر كىشى ئۆزى يالغۇز ئەسنەپ ئولتۇراتتى.
— خوش؟...
— بىر جىددى ئىش بار ئىدى،— دېدى ئابلەي ھاسىراپ تۇرۇپ،— ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارسىگە تېلىفون بېرىپ بىر ئىشنى ئۇقتۇرۇپ قويغان بولسىلا...
ئۇنىڭ سۆھبەتدېشى ئېرەڭسىزلىك بىلەن تېلىفون ئاپپاراتىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى. بۇ «ئىشىڭ بولسا ئۆزەڭ تېلىفون ئال» دېگىنىدى.
— ياق، مۇنداق گەپ، ئۇ يەردە بۈگۈن بىر گۇناھسىز ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچىدى، مەن ھازىر ھەقىقىي قاتىل ئۇ ئەمەس، باشقا بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتىم، ماتىرىياللارنى كۆرۈپ بولۇپ ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ، شۇڭا تېلىفون بېرىپ جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ تۇرسىڭىز، باشقا گەپلەرنى ئاندىن دېيىشسەك...
— نېمە ؟ ئۆزەڭ كىمسەن؟— خادىم ئەلپازىنى بۇزۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن قارىغاندا ئابلەينى سىنىپى دۈشمەنمىكىن دەپ گۇمانلىىۋاتقاندەك ئالامەت چىقىپ تۇراتتى.
— مەن شۇ ناھىيىنىڭ ج خ ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن...
— قىزىق گەپ، ئەمسە نېمىشكە شۇ يەردىلا ئۆزەڭ ئۇلارنى توسۇپ قالمىدىڭ؟
— مەن ئەڭ ئاخىرقى پاكىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شىمالغا كەتكەن، مانا ھازىرلا ماشىنىدىن چۈشۈپ بۇ يەرگە كېلىشىم...
— ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، سېنىڭ ئاغزىڭدىكى گەپ بىلەنلا شۇنداق قىلغىلى بولارمۇ؟ سەن زادى قانداق ئادەم؟ قاتىلنىڭ شېرىكىمۇ؟ بۇمۇ بىر مەسىلى- دە! توختىغىنا... — خادىم ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئەۋەتىپ بېرىدىغاندەكلا قىلاتتى.
ئابلەي كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكى ھېس قىلىپ دەرھال چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن گۇمانلانغۇچى ۋارقىراپ قالدى. ئابلەي پىكاپنىڭ يېنىغا كەلگەندە شوپۇر ناراقتا تۇربا ئالدىدا قول يۇيۇۋاتاتتى. ئۇ شوپۇرغا گەپ قىلىشنى ئويلىدى - يۇ، بۇنىڭمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى دەرھال قىياس قىلىپ ماشىنىغا چىقتى ۋە ئوت ئالدۇرۇپ، يۈرۈپ كەتتى، بۇ شۇنداق ئىختىيارسىز ھەرىكەت بولدىكى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە قىلچىمۇ ئالدىن ئويلىنىش، قارار قىلىش قاتارلىق ھەرىكەت تەييارلىقى بولمىغانىدى. شۇڭا ئۇ ئارقىسىدىن ئاڭلانغان قىيا ـ چىيا بىلەنلا ئېسىگە كېلىپ، چۆچۈپ كەتتى. بىراق ئەمدى ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشقا، قايتىدىن ئويلاپ كۆرۈشكە ۋاقىت يوق ئىدى. ئەمدى ئۇ ناھىيىگە قاراپ بارلىق سۈرئەت بىلەن ماشىنىنى قويۇۋەتتى.
كېتىۋېتىپ بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاجايىپ- غارايىپ بەزى ئىشلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى.
«مېنىڭ ھەرىكىتىم ھەقىقەتەنمۇ توغرا بولمىدى. لېكىن ئىلاج يوق، ئاۋال بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلۈمدىن قۇتقۇزاي، كېيىن ھەممە ئىش ئېنىقلىنىپ، باشلىقلارمۇ مېنىڭ مۇشۇ ئەھۋالدا بۇنىڭدىن باشقىچە تەدبىر قوللىنالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىدۇ ۋە مېنىڭ بۇ دادىل ھەم قاراملارچە ھەرىكىتىمنى ماختايدۇ...»
      شەھەر بىلەن ناھىيە بازىرى ئارىلىقىدىكى 40 كىلومېتىرچە يولنى بىر سائەتتە بېسىپ ئۆتۈپ، ناھىيە بازىرىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بازار كوچىلىرىدىن چىۋەرلىك بىلەن ئايلىنىپ ج خ ئىدارىسىگە باراي دەۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن ھەربىيلەر چۈشكەن ئاپتومۇبىل چىقىپ قالدى، ئاپتومۇبىل كۇزۇپىنىڭ ئالدىدا قوللىرى چەمبەرچاس باغلانغان تاھىر تۇراتتى.
ئابلەي چۆچۈپ كەتتى، «ئاپلا! كىسىم ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلىشىپتۇ - دە!» ئۇ ماشىنىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بىراق ئۇ ج خ ئىدارىسىگە كىرىپ ئەھۋال خەۋەر قىلىمەن دېسە ئۈلگۈرەلمەيتتى. شۇڭا يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىش قارارىغا كەلدى، بىراق ئۇ ماشىنىنى ئايلاندۇرۇشتا قىينىلىپ قالدى. چۈنكى، ئۆلۈم جازاسىنى كۆرگىلى ئالدىرىشىۋاتقان نەچچە مىڭ ئادەم پىيادە ۋە ۋەلىسپىتلىك بولۇپ يولنى بىر ئېلىشقانىدى.
      ئابلەي كىشىلەر سەل شالاڭلىغان ھامان ماشىنىنى ئايلاندۇرۇپ جازا ئىجرا قىلىندىغان ساي تەرەپكە قاراپ ماڭدى، يولدا كىشىلەر توپى ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمىسۇن دەپ يىراقراق بولسىمۇ يەنە بىر يول بىلەن ماڭغانىدى. ئۇ يىتىپ بارغىچە ھەربىيلەر چەكلەنگەن رايۇنلارنى بەلگىلەپ پوس قويغان، جىنايەتچى بىر ئورەكنىڭ لىۋىدىكى توپا دۆۋىسى ئۈستىگە يۈكۈندۈرۈپ قويۇلغان، دۈمبىسىگە  نىشانغا ئالىدىغان نوقتا بور بىلەن سىزىپ قويۇلغانىدى.
خالايىقنىڭ ئالدى يىتىپ كېلىپ، جازا ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە سانجاق- سانجاق تۇرۇپ كېتىشكەنىدى. جازا ئىجرا قىلغۇچى بەش نەپەر ھەربىي سەپ بولۇشۇپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىغا مىلتىقلىرىنى ئېلىشىۋاتقانىدى.
ئابلەي ماشىنىنى ئايلاندۇرۇپ، خالايىقنى بارغىلى قويمايدىغان يان تەرەپكە ئېلىپ بېرىپ قاتتىق تۇرمۇزلاپ توختاتتى ۋە ماشىنىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشتى:
— توختاڭلار! — ئۇ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىردى.
مىلتىقلىرىنى بەتلەۋاتقان ئەسكەرلەر نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، مۈرىلىرىگە تىرىگەن مىلتىقىنى پەسكە چۈشۈرۈشتى.
— نېمە بولدى؟— دەپ سورىدى نۆۋەتچى ئوفسىتىر ئابلەيدىن.
— جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئوتتۇرا سوت تېلىفون بەردى، رەسمى ئالاقە يېزىشقا ئۈلگۈرەلمىگەچكە، مېنى ئەۋەتتى.
— نېمە؟ بۇنداق گەپكە قانداق ئىشەنگىلى بولۇدۇ؟ ئەمسە مۇشۇ يەردىن قوزغالماي بىردەم كۈتەيلى، سەن بېرىپ رەسمى ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ كەل.
ئابلەي نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدى، بۇ چاغدا بۇ يېڭىلىقتىن ھەيران بولغان خالايىق دەۋرەپ كېلىپ چەكلەنگەن رايۇنغا كىرىشكە باشلىدى. ئوفسىتىر ۋە ئەسكەرلەر خالايىقنى كەينىگە يېنىشقا دەۋەت قىلىپ ۋارقىرىشىۋاتقان پۇرسەتتە ئابلەي ئەقىلدىن تاشقىرى قاراملىق بىلەن تاھىرنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى:
— چاپسان بول، سەن قۇتۇلدۇڭ، ماشىنىغا چىق،— دەپ پىچىرلىدى - دە، پىكاپ تەرەپكە ئېلىپ كەتتى، ماشىنىنىڭ ئارىلىقى يېقىنلا ئىدى. ھەربىلەر نېمە بولۇۋاتقىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئابلەي ماشىنىنى زىۋىت قىلىپ ئۈلگۈردى.
— ھوي! جىنايەتچىنى نەگە ئاپىرىسەن!؟ توختا! توسۇڭلار ئۇنى!
بىر ھەربىي مىلتىقىنى بەتلەپ ماشىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېدى، ئابلەي خۇددى ئۇنى باستۇرۇۋېتىدىغاندەك تېز ھەيدەپ كېلىۋەردى، ئەسكەر ئىتتىكلا ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئابلەي تاھىرنى ئېلىپ تاشيولغا چۈشۈپ يۈرۈپ كەتتى.
ئابلەي ماشىنىنى ئوتتۇر ۋىلايەت مەركىزىگە ھەيدىدى، ئۇ ئۆزى قىلىپ سالغان قاراملىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىغىنىدا تېنى شۈركۈنۈپ كېتەتتى. تاھىرنىڭ ئورنىغا ئۆزى ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇش ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى توغرا ئىكەنلىكىنى، »كومپارتىيە ئادىللغۇ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان پارتىيە تۇرسا،... « دېگەنلەرنى ئويلاپ يەنە خاتىرىجەم بولاتتى.
ئۇ يېرىم يولغا بارغاندا تاھىرنىڭ قوللىرىنى يېشىۋەتتى.
— مەن سېنى شەھەرگە ئاپىرىپ قويۇۋېتىمەن، مەسىلە ئايدىڭلاشقىچە يوشۇرۇنۇپ يۈر، خەققە كۆرۈنمە، ئۆيۈڭگىمۇ بارما،— دېدى ئۇ.
ئۆلۈم گىرداۋىدىن يانغان كىشى ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ يەنىلا ناھايىتى خۇشال بولغانىدى.
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ ئادەم كۆپ كوچىلاردىن بىرى بىلەن كېتىۋاتقاندا ئابلەي ماشىنىنى ئاستىلىتىپ، تاھىرنى چۈشۈپ قېلىشقا بۇيرىدى، تاھىر چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن ئۆزى ماشىنىنى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ھەيدىدى، ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئاساسلىرىنى كۆرسىتىپ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى ئىدى.
ئابلەي مەھكىمە ھويلىسىغا كىرىپ ماشىنىنى توختىتىشى بىلەنلا بىر مۇنچە ساقچىلار ماشىنىنى ئورۇۋالدى ھەم ئۇنىڭ ئۆزى چۈشۈشنى كۈتۈپ تۇرمايلا قوپاللىق بىلەن سۆرەپ چۈشتى ـ دە، قولىغا كويزا سالدى.
 
خاتىمە
 

— مېنىڭ سەرگۈزەشتەم ئەنە شۇ،— دېدى ئابلەي ھىكايىسىنى تۈگۈتۈپ، «سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشخانىسى» نىڭ مۇدىرىغا قاراپ.
— ھەقىقەتەنمۇ قاراملىق قىلغان ئىكەنسىز!... — مۇدىر بىردەم ئويلۇنۇپ شۈكلەپ قالدى. ئاندىن ھىكايىنىڭ داۋاملىشىشنى خالىغاندەك سورىدى،— تاھىرنى كېيىن يەنە تۇتۇۋالدىمۇ؟
— ياق، تۇتالمىدى، ئۇ يىراقلارغا كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇ قۇتۇلدى، مەن تۇتۇلدۇم. ئۇنى دەپ تارتمىغان ئازابىم قالمىدى، «دىكتاتۇرنىڭ» تەمىنى تېتىدىم، ئۇنى قەيەرگە يوشۇرۇپ قويغانلىقىمنى قىستاپ سوراشتى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆزەم دېگەندەك ئۇنى شەھەرگىلا قويۇۋەتكەنىدىم، يوشۇرۇدۇغان نەرىم بولسۇن.
— ھەقىقى قاتىلچۇ؟
— ئۇ شۇ تۇتۇپ تۇرۇلغانچە بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇۋەرگەن ئوخشايدۇ.
— شۇنداق قىلىپ، نەچچە يىل تۈرمىدە ياتتىم دېدىڭىز؟
— 1976- يىلغىچە ياتتىم، چىقسام ئائىلەمنى تەكلىماكانغا يېقىن بىر يېزىغا «تارقاقلاشتۇرۇپ» كۆچۈرۈۋەتكەنىكەن. ھازىرغىچە شۇ يېزىدا ئىشلەۋاتىمەن... بۇ يەرگە كەلگىلى بىر ئاي بولدى. يېنىمدا پۇلۇممۇ قالمىدى.
— ھېلىقى دىلونى قايتا بىر تەرەپ قىلىشىمىدىمۇ؟
— ياق.
— سىز ئىگىلەپ كەلگەن پاكىتلار ھازىر نەدە؟
— ئوتتۇرا سوتتا بولسا كېرەك، بىر قىسمى ج خ ئىدارىسىدا بولۇشىمۇ مۇمكىن.
— ھە، سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز بەك مۇرەككەپ ئىشكەن، ئاشۇ دىلو قايتا ئىشلىنىپ، سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە توغرىلانسا بۇ سىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىنىشى بولۇدۇ... ئۇنىڭسىز بىز ئۆز ئالدىمىزغا بىر تەرەپ قىلالمايمىز... خەلق سودىنىڭ ئىناۋىتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىكەن،...
— سىلەر بۇ ئەھۋالنى سوتقا يوللاپ، بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىسىلەر- دە، بولمىسا ئۇلارنىڭ يادىغا يېتىشىنى كۈتۈپ قاچانغىچە تۇرىمەن؟
— بۇنى مەن نەدىن بېلەي؟— مۇدىر مۈرىلىرىنى قىستى،— يەنە كېلىپ، ئۇ دىلو راستىنلا سىز دېگەندەك بولۇپ چىقامدۇ- يوق؟ بۇمۇ بىر مەسىلە، ئەگەر ئەسلىدىكى خۇلاسە يەنىلا توغرا بولۇپ چىقسا ئۇ ھالدا سىزگە تارتقانلىرىڭىز ئاز بولۇپ چىقىدۇ.
— نېمە؟ سىز يەنە ئىشەنمەمسىز؟ مېنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىمدە ھەممە گەپ ئېنىققۇ؟
— ئېنىقلىقىغۇ ئېنىق، بىراق سىزنىڭ ھېلىقى خىزمەتدىشىڭىز، كىم ئىدى؟ ئۆمەرمۇ؟ ھە، ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇپ چىقىشى ھەم مۇمكىن، ھازىر مەن پەقەت سىزنىڭلا بايانىڭىزنى ئاڭلىدىم، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسلىرى قانداق، بۇنى كۆرۈپ بېقىشقىمۇ توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق ئەمەسمۇ ـ يە؟
— ئۇغۇ شۇنداق، بىراق، سىلەر بۇنى سۈرۈشتە قىلىپ، ھەيدەكچى بولۇپ بەرمىسەڭلار، ئۆزىچە ھەل بولۇپ قالامدۇ؟— ئابلەي زەردە بولدى.
— سىزگىغۇ ھەرنېمە دېسىڭىز دۇرۇستەك تۇيۇلۇدۇ، لېكىن بۇ ئىش سىزنىڭ جىنايەتچىنى ئېلىپ قاچقىنىڭىزدەك قوپاللىق بىلەن پۈتۈدۇغان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىشخانىمىز ئاران سىزنىڭلا ئىشىڭىز بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقىنى يوق، ناھەق دىلولار تولۇپ ياتىدۇ، ناھايىتى كۆپ، ساراڭ قىلىشىۋېتىدۇ.
— مەن يەنە قانچىلىك كۈتۈشۈم كېرەك؟
— بۇنىسىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، ھەرھالدا مېنىڭچە يېزىڭىزغا قايتىپ تۇرۇڭ، ۋاقتى كەلگەندە بىز چاقىرتىمىز.
— قايتىپمۇ تۇرغانمەن، چاقىرتىشىڭلارنى يېرىم يىل كۈتۈپ، ئاخىر بولماي يەنە كېلىۋاتىمەن! بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام گۇناھسىز بولماق تۈگۈل پەرىشتىنىڭ ئۆزى بولسىمۇ ئۆلسەڭ ئۆلۈۋەرگىن دەيدىكەنمەن! ئادالەتنى ياقلاپ كەتكەنلىرىمگە لەنەت! خەپ! مېنىڭ تۈرمىدە، چۆل- جەزىرىدىن پەرقى بولمىغان يىراق يېزىدا تارتقانلىرىمنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولسام باغرى تاش قاراقچىمۇ يىغلاپ سالىدۇ! مەن بۇ ئازاپلارنىڭ ھەممىسىنى كىم ئۈچۈن تارتتىم؟ بىر ناتونۇش ئەخلاقسىز ئۈچۈن! ياشلىقتىكى ئاجايىپ- غارايىپ غايىلەرغۇ؟ ھازىرقى ئەقلىم بولۇدۇغان بولسا!...
— چېچىلماڭ، يولداش، دەيدىغان گەپ تۈگىگەن بولسا...
— گېپىم تۈگىدى!
— ئەمسە رەنجىمەي كۈتۈپ تۇرۇڭ، مۇزاكىرلىشىپ باقايلى. خەۋىرىڭىز بار، سىز بىلەنلا يېرىم كۈننى ئۆتكۈزۈۋېتەلمەيمەن، مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىسىز...
— بولۇدۇ، مەن قايتاي، ئەجەپ ئەنسىرەپ...
ئابلەي چەكسىز ئەلەم بىلەن قايتىپ چىقتى. ئۇنىڭ چۈشلۈك تاماقتىن بەكمۇ بېشى قاتتى. بۇ كۆز ئالدىدىكى زۆرۈرى غەم ئىدى. ئۇ نەگە بېرىشنى بىلمەستىن گاڭگىراپ زىننەت ئورمانلىرى ئارىسىدىكى يول بىلەن كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى كېلىپ، ئىززەت- ئىكرام بىلەن سالام قىلدى:
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلەي دېگەن سېلىغۇ دەيمەن؟
— ... خوش؟ مەن شۇ... — ئابلەي ئۇنىڭ تۈنۈگۈن مۇشۇ ئەتراپتا ئەگىپ يۈرگەن سودىگەر سۈپەت كىشى ئىكەنلىكىنى تونىدى، ئۇنىڭ تىلى بىر ئاز چېنىپ سۆزلەيتتى.
— شىلىنىڭ بى كونا تونۇشلىيى مەندىن شىلىگە شالام ئېيتقان، ھەم شىلىدىن ئەھۋال سورىغاچ كېلىشىمنى تاپىلىغانىدى،— ئۇ ئىلىنچىكى بار ئادەمدەك سۆزلەرنى تولۇق ۋە توغرا تەلەپپۇز قىلالمايتتى.
— كىم ئىكەن ئۇ؟
— ئۇنىڭ بىر پارچە خېتى بار، كىملىكىنى خەتنى ئوقىسىڭىز بەلكىم خەتتە باردۇر. يوچۇن كىشى يانچۇقىدىن توم بىر كونۋېرتنى ئېلىپ ئابلەيگە بەردى. ئابلەي كونۋېرتنى ئېرەڭسىزلىك بىلەن يانچۇقىغا سېلىپ قويدى ۋە سۆھبەتدېشىغا زەڭ سېلىپ قاراشقا باشلىدى.
ئۇ كۆزلىرىدە شوخلۇق ئويناپ تۇرغان ئاق سېرىق كىشى بولۇپ، ئابلەي بىلەن بىر دېمەتلىك، بەلكىم سەل ياشراق كېلەتتى. ئۈستى- بېشى شۇنچە رەتلىك، كىيىملىرىمۇ ھازىرقى مودا كىيىملەر بولۇپ، پەقەت ياش سودىگەرلەرلا مۇشۇنداق كىيىنەتتى. ئۇنىڭ ئاق شىلەپىسى ئۇنى ئەجنەبىيلەرگە ئوخشىتىپ تۇراتتى. ئابلەي ئۇنىڭ ئاق سېرىق چىرايى ۋە ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن قاچاندۇر كۆرگەن بىرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك بولدى ـ يۇ، بىراق يەنە يوقلۇق تۇمانلىرى ئىچىدە تەدرىجى يىراقلاپ، غايىپ بولۇپ كەتتى.
— ئۆز ئەھۋاللىيىدىن ئازياق شۆزلەپ بەمەملا، بولمىشا مەن شالام ئەۋەتكۈچى ئالدىدا خىجىل بولۇپ قامماي... — دېدى سودىگەر.
— مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمنى سورىسىلا، ئەھۋالىم ئوتۇندەك،— دېدى ئابلەي زەردە قىلىپ، ئۇنىڭ بايىقى ئاچچىقى تېخى تارقىمىغانىدى،— ئۆزەم سەھرايى قىيامەتتە،.. — ئۇ بارلىق كەچمىشىنى ئاچچىق - ئاچچىق گەپلەر بىلەن بىرمىنۇتتىلا تۈگەلەپ، سۆزلەپ بولدى ۋە بۇ بەختسىزلىكلىرىگە سەۋەبچى بولغۇچىلارنىڭ يەتمىش پۇشتىغىچە تىللاش بىلەن گېپىنى تۈگەتتى.
— شىلى بىلەن ئالدىياپ خوشلۇشۇدۇغان بويدۇم، ئەپۇ قىلالا، خۇدا نېسشىپ قىيشا كۆيۈشۈپ قالامىز.
—  خەير! — ئابلەي مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرەش بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. سودىگەر كېتىپ قالغاندىن كېيىن ئابلەي نېمىنىدۇر ئويلۇنۇپ قالدى ۋە خەتنى ئوقۇپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. گەرچە چۈشلۈك تاماقنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى پات- پاتلا بېشىنى قاتۇرۇپ، يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇپ تۇرسىمۇ، بەرىبىر باشقا كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇدۇغان نېمىسى بولمىغاچقا خەتنى ئوقۇپ بىردەم سايىدا ئولتۇرۇشنى توغرا تاپتى. خەت خېلى ئۇزۇندەك قىلاتتى. ئۇ كونۋېرتنى ئېچىۋىدى، كونۋېرتتىن 500 سومچە پۇل چىقتى. دەرۋەقە، ئۇنىڭغا بىر پارچە خەتمۇ قوشۇمچە قىلىنغانىكەن، ئابلەي بۇ كىشىنى چۆچۈتۈدۇغان ئاجايىپ ۋاقەنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، مۆجىزىدەك قولغا كەلگەن «دۇنيا» نى كونۋېرتقا سېلىۋېتىپ، قويۇن يانچۇقىغا تىققاندىن كېيىن، خەتنى ئاچتى، خەتتە مونۇلار يېزىلغانىكەن.
 
«قىممەتلىك دوستۇم ئابلەي (رۇخسەت قىلسىلا مۇشۇنداق ئاتايمەن) ياخشىمۇ سىلى؟ سىلىنىڭ ھەممە ئەھۋاللىرىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، بۇنداق سورىشىم بىر رەسمىيەت ئەلۋەتتە، كەچۈرسىلە.
سىلىنى مالال قىلىپ بۇ خەتنى يېزىۋاتقان ئادەم سىلى ئىككىنچى قېتىم ھايات بەرگەن شور پىشانە تاھىر ئىكەنلىكىنى خىياللىرىغا كەلتۈرمىگەنلا، بەلكىم؟ مەن شۇ، مېنىڭ سەۋەبىمدىن كۆپ زىيارەتلەرنى چەككەنلىكلىرىنى ئاڭلىدىم، مېنى قانچىلىك تىللىسىلىمۇ ھەق، قانداق قىلاي.
مەنمۇ ئاز رىيازەت چەكمىدىم (لېكىن بۇنىڭغا ھېچكىم سەۋەبچى ئەمەس)، ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشكىلى بىر نەچچە يىللا بولدى.
سىلى مېنى شەھەردە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن خوتەنگە كەتتىم، تونۇش- بىلىشلەرگە ئۇچراپ قالىدىغان ئىشلار بولماسلىقى ئۈچۈن يىراقراق كېتەي دېدىم. ئۇ يەردە ئۆزەمنىڭلا كويىدا بولۇپ، سىلىنىڭ نېمە بالاغا قالغانلىقلىرىنى خىيالىمغا كەلتۈرگىدەكمۇ بولمىدىم. دېمىسىمۇ ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىم شۇ دەرىجىدە ناچار ئىدى. مېنىڭ بۇنداق شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈرسىلە، ئاۋال مەدىكار ئىشلەپ، قېقىندى- سوقۇندى بولۇپ، يۈردۈم، كېيىن بىر قېرى خارەد ئۇستامغا (خوتەندە ياغاچچىنى شۇنداق دەيدۇ) شاگىرت بولۇپ، ھۈنەر ئۆگەندىم.  بۇۋاينىڭ رازىلىقى بىلەن ئىش ئايرىغاندىن كېيىن بىر ئاز پۇلمۇ تاپتىم، شۇنىڭدىن كېيىن سىلىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدىم.
سىياسەت كەڭرى قويىۋېتىلگەندىن كېيىن سودىگەرچىلىك قىلىپ، ھال- كۈنۈم ياخشى بولۇپ قالدى. مۇشۇ چاغدا ئەڭ ئاۋال جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالغان كىشىنى يادىمغا ئالدىم. ئەلۋەتتە، سىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ، سىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەن دەرت- ئەلەملەرنى بىلدىم، مەن ھازىرغىچە ئۆز ئۆيۈمگىمۇ بارالماي يۈرىمەن، شۇنداق بولسىمۇ سىلى تۇرۇشلۇق يېزىغا ئىزدەپ باردىم، بالا- چاقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى، ئۇلارغا ئاتىغان ئازراق نەرسەمنى بېرىپ قايتىپ چىقتىم. ئۇلار سىلىنى بۇياققا كەتكىلى بىر ئايچە بولۇپ قالغىلى تۇردى، دېگەنىدى، شۇڭا سىلىنى بۇ يەردە پۇلسىز مۇساپىرچىلىق تارتىپ قالمىسۇن دەپ ئارقىلىرىدىن ئىزلەپ كەلدىم.
        تۈنۈگۈن سىلى سايىدا يېتىپ بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ، تاماكا چېكىشىۋاتقاندا مەن ناراقتا سىلىنى شۇمىدۇ ئەمەسمىدۇ دەپ كۈزىتىپ تۇرغانىدىم، كېيىن سىلى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىمەن دەپ كەتتىلە، شۇ چاغدا مەن ھېلىقى سىلى سۆزلەشكەن ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ سىلىنى سۈرۈشتۈردۈم، شۇ چاغدىلا پەرزىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ ئارقىلىرىدىن چاپتىم، بىراق سىلى ئاغىنىلىرى — بۇرۇن بىزنىڭ ناھىيىدە ئىشلىگەن مەتتۇردىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتىلە، شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە سىلىنى  پايلاپ تۇرغانىدىم.
مەن سىلىنىڭ ماڭا قانداق پۇزتسىيە تۇتىدىغانلىقلىرىنى بىلمىگەچكە تونۇشلۇق بەرمىدىم، مەن تۈگۈنۈن ھېلىقى ئادەمدىن سىلىنىڭ تاماكا ئالغۇدەك پۇللىرىمۇ قالمىغانلىقلىرىنى ئاڭلىغانىدىم.  شۇ خىجىللىقتا ئۆزەمنى تېخىمۇ ئاشكارا قىلالمىدىم. بۇ پۇلنىڭ جىمىنى شەھەردىن كەتكىچە ئۆزلىرى خەجلىۋەتسىلە، ئۆيدىكىلەردىن غەم قىلمىسىلا، ئۇلارغا مەن ئازراق پۇل قالدۇرۇپ كەلگەن بۇ يەردىكى ئىشلىرىنىڭ ئەمدى ھەل بولىشىغا ئىشەنسىلە بولىدۇ، چۈنكى ئىش بىجىرگۈچىلەر، باشلىقلار قانچىلىك بىر نەرسە تاما قىلسا مەيلى، مەن ئۇلارنىڭ نەپسىنى تويغۇزۇپ، ئىشلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن.
پەقەت ئادرىسىمنى يازماي پۇل ئەۋەتىش بىلەنلا چەكلىنىمەن.
دوستۇم ئابلەي، سىلى قىلغان  ياخشىلىقنى ئۆمۈر بويى قايتۇرالمايمەن، شۇنداق بولسىمۇ ئەرزىمىگەن، نەرسە بىلەن كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم، قوبۇل قىلالا.
— دەپ:  
                            تاھىر»
 
     ئابلەي شۇئان چاچراپلا ئورنىدىن تۇردى ۋە بايىقى ئادەمنىڭ  تاھىر ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، نەچچە ۋاقىتتىن بېرىكى ئاچچچىقى نەگىدۇر غايىپ بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشەلمىگەن قېرىندىشىنى سېغىنغاندەك بىر خىل ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت بىلەن ئۇنى قايتا كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ كەتتى. ئۆزى قايتا ھاياتلىق بەرگەن كىشى گويا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىر خىل تەرىپلىگۈسىز مىھىر يۈرىكىنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق - ئۇزاق دەرتلەشكۈسى كەلدى.... ئۇنىڭغا تاپىلايدىغان، ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىمۇ نۇرغۇندەك قىلاتتى، ئۇ تاھىرنى تېپىپ  بىر ئاخشام مۇڭدىشىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرنى كېزىشكە باشلىدى.
بىراق تاھىرنى ھېچيەدىن تاپالمىدى؟ ئۇ چۆچەكلەردىكىدەكلا غايىپ بولغانىدى.
 

1987- يىل 20 ـ دىكابىر،.
 

 
باشقا ئەسەرلەر ئۈچۈن ئۇلۇنۇشلار: http://qiannao.com/file/uyghurmen/ca136e3f/
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/23790050.html
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/23816799.html

--------------------------------------------------------------------------------
 جەنۇپ ئۇيغۇرلىرى ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنى، «قارى» دەپ چاقىرىدۇ — ئاپتۇر.

  ھولمېس- ئەنگىلىيە يازغۇچىسى كونان دويىلنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارىتىلغان «رازۋېدكا پىرى»، — ئاپتۇر
    [③]  پەركا – سىركول، — ئاپتۇر
    [④]  تاۋادان — ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى كۆزنەك — ئاپتۇر.
    [⑤] كۆتىچەك — قوناق شېخىنىڭ كۆتىكى تەرىپىدىن 20-30 سانتىمېتېر جايى، — ئا.



for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 12:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوۋىست ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،لېكىن نەتىجىسىدىن تازا رازى بولمىدىم...دادۈيجاڭ (ئەتىرەت باشلىقى)توغرىسىدىكى تەپسىلاتنى تازا  چۈشەنمىدىم...ئۇنىڭ نىمە جىنايىتى بار بولدى....
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

95

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12725
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 15
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 13:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت !
كۆپ ۋاقتىم بولمىغاچقا ئوقۇيالماي ساقلىۋالدىم ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئىنكاس يازارمەن .

22

تېما

0

دوست

9928

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1610
توردىكى ۋاقتى: 1003
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 19:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ پوۋېست . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەك ئاز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلو ۋەقەلىك ئاساسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر . تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

14

تېما

1

دوست

2734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5441
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 593
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 03:50:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى polat315دە2013-01-03 12:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
پوۋىست ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،لېكىن نەتىجىسىدىن تازا رازى بولمىدىم...دادۈيجاڭ (ئەتىرەت باشلىقى)توغرىسىدىكى تەپسىلاتنى تازا  چۈشەنمىدىم...ئۇنىڭ نىمە جىنايىتى بار بولدى....  

دادۈيجاڭدىن بېشىڭىزنى قاتۇرماڭ، ھازىرچە بېرى شۇ. بۇ بەك كونا بىر ئەسەرىدى. تاشلىنىپ قاپتىكەن. بىكار تۇرغىچە دەپلا يوللاپ قويدۇم.

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى uyghurmenدە2013-01-04 03:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

دادۈيجاڭدىن بېشىڭىزنى قاتۇرماڭ، ھازىرچە بېرى شۇ. بۇ بەك كونا بىر ئەسەرىدى. تاشلىنىپ قاپتىكەن. بىكار تۇرغىچە دەپلا يوللاپ قويدۇم.  

بېشىمنى قاتۇرۇپ كەتمىدىم پەقەت باھا بېرىپ باقتىم ....
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

14

تېما

1

دوست

2734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5441
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 593
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 09:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى نادىرلاپ كەتكۈدەك ئەمەستىغۇ؟ پەقەت تاشلىۋېتىشكە قىيمايلا يوللاپ قويغان نەرسىدى. ئۇندىن كۆرە «مىھرىۋان فوما فومىچ»نى نادىرلىغان بولساڭلارچۇ. ئۆزەم نارازى بولۇپ قالدىم.

1

تېما

0

دوست

355

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13518
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 101
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 17:10:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوۋېىسىتنىڭ ماۋزۇسى تازا ياخشى قويۇلمىدىمۇ قانداق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )