قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11915|ئىنكاس: 63

قەشقەردىكى يوقالغان تارىخىي مەسچىتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

4494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 948
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 19:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      قەشقەر تارىختا مەدىنىيەت بۆشىكى ،ئىلىم -مەرىپەت مەركىزى بولغان ، بۇ جاي ئۇزاق يىللىق تارىخقا ، شانلىق مەدىنىيەتكە ئىگە قەدىمى گۈزەل ماكان . يەنە بىر نۇقتىدىن ئىيىتقاندا قەشقەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلارشقان . ئىسلام مىمارچىلىقىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغان شەھەر . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولۇپمۇ ئاتالمىش ((مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى )) مەزگىلىدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تارىخى مەدىنى يادىگارلىقلىرىمىز يوقالغان ياكى باشقىلارغا شەخسى مۈلۈك قاتارىدا سىتىۋىتىلگەن . ھەم يوق بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ . بۇ تارىخى ئەسەرلەرنىڭ بىرقىسمى نۇرغۇن كىشىلەر تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن بولسىمۇ ،ئاز ساندىكى كىشىلەر تەرپىدىن ھازىرغىچە ئۇنتۇلمىغان .

يوق بولۇپ كەتكەن مەسچىت-مەدرىسلىرىمىز توۋەندىكىچە:

      1. چاپان بازىرى مەسچىدى(ئازنا مەسچىت) بۇ مەسچىتنىڭ تارىخى 1300 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ،بۇ مەسچىت يازلىق ۋە قىشلىق ناماز ئوقۇش يىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلاتتى، ئامما بۈگۈنگى كۈنگە كەلگەندە يازلىق ناماز ئوقۇش يىرى تامامەن يوق بولغان، قىشلىق ناماز ئوقۇش يىرىمۇ يوق بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
     قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخىغا قارىغاندا ،قەشقەردە تۇنجى قىتىم سىلىنغان ھەم تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەسچىتتۇر.


       2. خانلىق مەدىرىس: بۇ مەدىرىستە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، پەيلاسوپ، شائىرلار ئىلىم تەھسىل قىلغان تارىخى 1300يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. خانلىق مەدرىسنىڭ ئەسلى ئورنى بۈگۈنكى چاپان بازىرى(ئازنا) مەسچىت بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ 1932.يىلىغا كەلگەندە قەشقەر شەھەرلىك 1.باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇلۇپ كەتكەن . ھازىرقى خانلىق مەدرىس قازان مەدرىسىنىڭ ئورنى.

      3. قازان مەدرىسى: بۇ مەدرىس ھازىرقى خانلىق مەدرىسنىڭ ئورنى شۇ. ئەسلى خانلىق مەدرىس 1.باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن قازان مەدرىسىنى خانلىق مەدرىسى دەپ بىلىنمەكتە. بۇ مەدرىسنىڭمۇ تارىخى 1300 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1966.يىل 8.ئايدا ئەسلى قىياپىتىنى چىقىۋەتكەن.1967.يىلى بۇمەدرىسنىڭ نامىنى ۋىلايەتلىك سىياسى مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇندىن بىرى كىشىلەر تەرىپىدىن خانلىق مەدرىسى ئۇنۇتۇلغان.

      4. ساقىيە مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ،ئورنى چاسا يولىدا بولۇپ( كونا چاسا كىنوخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا)، بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1966 .يىلى چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. ھازىر بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى سىتىۋىتىلگەن.

      5. چاسا مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 14.باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ بۇمۇ باشقىلارغا سىتىۋىتىلگەن .

      6. ھاشىم ئاخۇن داموللا ھاجى مەسچىتى(جىننى گۈزە مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلى ئورنى ھازىرقى چاسا يولى ئازات كوچا ئۇدىلىدا ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە ياۋاغ باشقارمىسى ئىگەللەپ شەخسىيلەرگە سىتىپ بەرگەن.

      7. ئارا كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى چاسا يولى ئارا كوچىسىغا جايلاشغان بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ باشقارمىسى تەرپىدىن ئاممىۋى ھاجەتخانا سىلىنغان.

      8. ******* مەسچىتى(ئىرىقبويى مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياقۇپ ھاجىم ۋالى مەھەللىسى بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە.ئاشلىق ئىدارىسى ئىگەللەپ 10.ئاشلىق پونكىتى قىلغان ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا باشقىلارغا سىتىۋىتىلگەن.
     9. چاپان بازىرى مەھەللە مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئامبارچىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى ئىگەللەپ 1982.يىلىندا دۆلەت باغ يىزىلىق ھۆكۈمەتكە سىتىپ بەرگەن. ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى مىھمان كۈتۈش قىلىپ قوللانماقتا.


      10. ئامبارچى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئامبارچىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە مىسكەچى ئۇستاملارنىڭ دۇككىنى قىلىنغان .

      11. توقۇززاق دەرۋازا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى خام بازىرىدا بولۇپ(نىزامىددىن ھاجىم مەھەللىسى) بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە باجخانا قىلىنغان .

       12. دوپپا بازىرى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى خام بازىرى تۆت يول دوقمۇشىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندىكى خانتەڭرى ئاشخانىسىنىڭ ئورنى شۇ .

      13.ئىدىرىس قارى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى دوپپا بازىرى ئوتتۇرسىدا بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە شەخسى مۈلۈككە ئايلىنىپ كەتكەن.

      14. قەدىمى بورىچى كوچىسى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن .

      15. قازانچى كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن .

       16.تۆرە يارباغ مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ يول كىڭەرتىشتە. ھازىرقى ھىتگاھتىن يارباغقىچە بولغان يول كىڭەرتىشتە 5مەھەللە 6 مەسچىت 50000 مىڭدىن ئارتۇق نوپوس سىرتىغا چىقىشقا مەجبۇرلانغان. بۇرۇن ھىتگاھقا كىلىش يولى ھازىرقى ئەنجان كوچا رەستە يولى ئىكەن.

      17.تايخان غوجام خانىقا مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى ھىيىتكار خام بازىرى دوقمۇشى بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن يولنى كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىلگەن .كىيىن سودا كوپىراتىپى ئىگە بولۇۋىلىپ ئارقىسىدىكى 15 ئائىللىك ئوي جاي بىلەن تۆر يارباغ مەسچىتى بىلەن قوشۇپ چىقىپ شەخىسلەرگە سىتىۋەتكەن .

      18. يارباغ دەرۋازا چوڭ مەسچىتى :بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى 1958-يىلى يارباغ كىنوخانا قىلىپ ئۆزگەرتكەن . يىقىنقى يىللاردىن بىرى كىنوخانا ئورنىمۇ چىقىلىپ سىتىشقا چىقاردى .

      19. يارباغ پاخال بازىرى مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى بالون زاۋۇتىنىڭ ئارقىسىدا ، ئىسلاھات باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىپ سىتىۋىتلىگەن .

      20.ھۈسىيىن پىچاقچى مەھەللە مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى قەدىمى يارباغ دەرۋازىسى سىرتىدا ئىدى . بۇ مەسچىتمۇ يولنى كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىلگەن.

      21. ئوردائالدى چوڭ جامئەسى : بۇ مەسچىتنىڭ ياسىلىش تارىخى 1300 يىل بولۇپ (ئازنا مەسچىت بىلەن ) ئوخشاش يەر ئولچىمى 5000 مىڭ كۇۋادىرات مىتىر كىلىدۇ . 1968-يىلى چىقىۋىتىلىپ ئىستىمال بىناسى ياسالغان ، بىر قىسمى ئوردا ئالدى بازارغا قوشۇلۇپ كەتكەن .

     22. ئەلچىخانا جامىئەسى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئوردا ئالدى بازىرىغا كىرىش ئىغىزىدا ئىدى . 1964-يىلى يول كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىپ شەھەرلىك 2-يىنىك سانائەت ئىدارىسى ئىگەللىۋىلىپ بۇنى 2005-يىلى سادىق سودا سارىيىغا سىتىۋەتكەن .

     23. جانان كوچا مەسچىتى:بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى بۇرۇنقى جانان كوچا (ھىتگاھ تەرەپتىن) كىرىش تەرپىدە بولۇپ، بۇ مەسچىت مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى يىلىندا ساقلىنىپ قىلىنغان يىقىنقى بىر زاماندا يەنى 1986 . يىلىندا بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن باھانا بىلەن چىقىۋىتىلگەن ئورنىغا باجخانا سىلىنغان 2003.يىلىغا كەلگەندە جانان كوچىسى ۋە باجخانا قاتارلىق بىر بۆلۈم يەرلەر قوشۇلۇپ مەلۇم كىشىلەرگە سىتىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەن.
 
      24. ياغ بازىرى مەسچىتى(توغراق تۈيى مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياغ بازىرىدا بولۇپ، بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن ئىسلاھات قىلىشتا چىقىۋىتىلگەن.


      25. قوناق بازىرى مەھەللە مەسچىتى: ھازىرقى قەشقەر شەھەر 2.باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يىنىدا بولۇپ،بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن ئىسلاھات قىلىشتا چىقىۋىتىلگەن.
 
      26. شامچى كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كىلىدۇ ،بۇ مەسچىتمۇ 1965.يىلى يول ئىسلاھاتى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىۋىتىلگەن.


      27. قاش مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى قارقى دەرۋازا يولى(كەتمەن بازىرى يولى) ئەگلەكچى كوچىسىنىڭ ئۇدىلىغا كىلىدۇ ، ھازىر بۇ ئورۇن تۆمۈرچىلەرنىڭ يىرى بولۇپ قالدى.

     28. دوغابەگ مەھەللىسى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى جۇڭگۇ قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ،فىلىم شىركىتىنىڭ يىنىدىكى كوچىغا جايلاشقان بولۇپ ، ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا ئائىلىكلەر قۇروسى سىلىنغان .

     29. كەسكەنيار سالامەت مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى كەسكەنياردا بولۇپ ،ھازىرقى ئەشىمكا كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدا ،بەش ئىرىق كوچىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى يىقىنقى زاماندا ئاھالە ئولتۇراق رايۇنىغا ئايلاندى.

     30. ساچ مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى چاسا يولى غوجىلا كوچىسى ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەدرىسمۇ يىقىنقى زاماندا ئاھالە ئولتۇراق رايۇنىغا سىتىشقا چىقىرىلغان.

      31. لايپەشتاق مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 17.باشلانغۇچ مەكتەپ شۇ .

       32.ساڭ مەسچىتى(ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار ) :بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا1963.يىلى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىناسى سىلىنغان.

      33.ئارايار ئۈستىدىكى مەسچىت: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى تۈشۈك دەرۋازىغا كىتىشتە دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى مەسچىت، بۇ مەسچىت ھازىر تاقىۋىتىلگەن .
 
     34. كەنجازى مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى ئۆستەڭبويى 4.پەيجىسۇنىڭ ئورنى شۇ. بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ئورنىغا ھازىرقى 4.پەيجىسۇ سىلىنغان .


     35. ئەلەخان تۆرەم مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى ئۆستەڭبويى باشقارمىنىڭ ئورنى شۇ. بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 300 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ يىقىنقى زاماندا يەنى 2005.يىلى چىقىلىپ ئورنىغا ئۆستەڭبويى باشقارما خىزمەت بىناسى سىلىنغان.

      36. باغ كوچىسى ئۇدۇلىدىكى مەھەللە مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئۆستەڭبويى يولى باغ كوچىسى ئۇدۇلىدا بولۇپ ، ئەسلى مەسچىتنىڭ ئورنى 200 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ھازىر 50 كۇۋادىرات مىتىرغا چۈشۈپ قالغان ، سەۋەبى مەسچىت يىنىدىكى ئاشخانىغا قوشۇلۇپ كەتكەن .
37. تاش بازىرى چوڭ جامىئەسى: بۇ جامە ئورنى ھازىرقى تاش بازىرى يولى، پوچتا-تىلگىراف ئىدارىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كىلىدۇ، 1960.يىلى چىقىۋىتىلگەن. چىقىۋىتىلگەندىن كىيىن ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئائىلىلىكلەر قوروسى سىلىنغان .


     مانا بۇ تارىخى مەسچىت ۋە مەدىرىسلەر قەشقەر شەھرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، مەلۇم سەۋەپلەردىن بۇ ئورۇنلار چىقىۋىتىلىپ ۋەيران قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر مىللەتنىڭ تارىخى يوق بولۇپ كەتكەن . يۇقاردىكى ئورۇنلارنى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنتۇلۇپ كەتتى ۋە ئۇنۇتتۇرۇلدى.
 
ئەسكەرتىش:يۇقاردىكى ئورۇن ۋە كوچىلارنىڭ نامىلىرى بۇرۇنقى ئىسىملىرى بويىچە ئىلىندى، ھازىر بۇ كوچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسىملىرى ئاللاقانداقتۇر ئۆزگىرەپ كەتتى.
مەن بىلەلمىگەن ۋە ياكى ئۇنتۇلۇپ قالغان تارىخى مەسچىت- مەدىرىسلەر بولسا يىزىپ تولۇقلاپ قويساڭلار بولىدۇ.


مەنبە: قەشقەر تارىخى ماتىرياللىرى ۋە قەشقەر يەر نامىلىرى تەزكىرەسىدىن ئىلىندى .باغداش تورىغا خاس

ئالىي ئەزا

2

تېما

1

دوست

3078

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 564
تۆھپە : 559
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 20:27:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق خىلى مەسچىتنىڭ ئورنىنى بىلمەيدىكەنمىز،كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆپ ئىدى ،ھەر كوچىدابىردىن كۆرۈپ تۇراتتۇق،ئىسلاھات ۋە ئىلىم -سىتىم مەسچىتلەرنى ئازلىتىپ قويدى
قەشقەردىكى پىيادىلەر كوچىسى(پاختا بازىرى)نەنجەنسى(ئۈچبەش دوقا)دىگەن ئاتالغۇلاربىلەن  ئاتىلاتتى ،ھازىرقى بەزى ياشلىرىمىز كونا ئىسىملەرنى ئاتىساق بىلەلمەيدىكەن.......يەنە.......ئايغىنى سىلەرگە تاپشۇردۇم،دىيارىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى
يەرتەۋىرەشكە چىداملىق ئۆي قىلىمىزدەپ خانلىق مەدرىسنى تەلەپ قىلىپ -ئىلتىماس قىلىپ ،يالۋۇرغانغا ئۇنىماي چىقىۋەتتى دىسە،ئۇنداق تارىخ ئەمدى بەس كەلمەيدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

0

دوست

4527

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8179
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 794
تۆھپە : 845
توردىكى ۋاقتى: 353
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 21:35:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى نەنجەنسى دىگەن يەرلەر يىقىنقى زاماندىكى يەرلەر ....  ھەممىسى ئۇنداقمۇ ئەمەس ھازىرقىي 4 - پەيچىسونىڭ ئورنى ئەسلى قازى مەھكىمىسى ئىكەنتۇق . بۇ يەرنىڭ خىتى ھازىرغىچە شەخسىدە بار ، ئەمما ھۆكىمەت ئىگە بولمىدى ..

پۈتۈن دىيارىمىزىدكى بارىلىق ۋەخپە زىمىندا ئولتۇرۇشلۇق ۋە دۇككان ئاچقان بارىلىق شەخىسلەرگە ئىلتىجا قىيامەتتە سىلەرگە سوراق بار ؟ نىمىشقا دىسەڭلەر ۋەخپە دىگەن يەرلەر مەسجىدنىڭ ھەققى شۇ يەرنى سىلەر ھەرقانداق شەخىستىن ئىلىڭلار ۋە ياكى ئىجارە ئولتۇرۇڭلار شۇزىمىن ھەققىنى شۇ مەسجىدگە ئازراق بولسىمۇ ئاتاپ قويۇڭلار ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن سىلەرنى پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتكەندە  تىپىپ چۈشۈرۋىتىمەن . ماۋۇ چاقچاق ئەمەس . سىلەر مەسجىد ھەققىنى يىگۈچىلەرسىلەر ..... ھىچ بولمىسا مەسجىدكە ھاۋا تەڭشىگۈچ ، توك پۇلى ، مۇستەھەپخانا دىگەندەكلەرنى  قىلىپ بىرىڭلار . سىلەرمۇ ئۆلۈپ كىتىسىلەر ، كىشىنىڭ ھەققىنى دوختۇرخانىغا يۈرەككە كۆرۈك سالغىلى ۋە ياكى باشقا كىسەلگە خەجلەپ قالىسىلەر ئۆلۈپ كەتسەڭلار ئايالىڭلار سىلىدىن كىينكى ئىرىگە خەجلەپ بىرىدۇ ......  بۇ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش .

مەلۇم بىر ھاجىم مۇنداق دەيدۇ . ئەگەر مۇشۇ ۋەخپە زىمىننى مەن ئىلىپ دۇككان ساراي چىقارمىسام ، كىيىن باشقا مىللەت ئىلىپ پاھىشخانا سالىدۇ دەيدۇ .   بۇ گەپمۇ ئازراق باسىدۇ ... قالغىنى مۇنازىرە
كۈنلەر ئۇزۇن ، ئاخىرىدا كۈلگىنىمىز ھىساپ !

0

تېما

0

دوست

514

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10231
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 124
تۆھپە : 73
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 23:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەخپە دىگەن ۋەخپە. ئۇنى سىز ئىلىپ دۇكان ساراي سالسىڭىزمۇ ، خەنلەر ئىلىپ پاھىشخانا سالسىمۇ ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ.
  ئەگەر ساۋاپ بولىدۇ دىسىڭىز دۇكان ساراي سىلىپ ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىڭ.

1

تېما

0

دوست

2225

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8124
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 561
تۆھپە : 303
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 00:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما يوللاپلا ئەجىرلىرىگە كۆپ تەشەككۈر !
لىكىن چاپان بازىرى مەسچىدى ، خانلىق مەدىرىس ، قازان مەدرىسى ، ئوردائالدى چوڭ جامئەسى قاتارلىق مەسچىد ۋە مەدىرىسلەرنىڭ تارىخى يىلنامىلىرى خاتا بولاپ قالدىمۇ ( 1300 يىلدىن ئارتۇق ) ياكى مەن خاتالاشتىممۇ ؟ ماتىرياللاردىن كۆرۈشىمچە بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىينىنى قوبۇل قىلغىلى 1000 يىل ئەتراپىدا ئىكەن. شۇڭا ................     

27

تېما

2

دوست

4524

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 02:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى بۇ تىمىنى كۆرمەي ئۆتۈپ كىتەي .....چىشلىرىمدىن ......كىرس كىرس ..........
Subhanalla
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2056
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 02:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەجرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن. لىكىن «قەشقەردىكى يوقالغان تارىخىي مەسچىتلەر» دەپ ماۋۇ قويماي، «قەشقەردىكى يوقالغان تارىخىي مەسچىت، مەدرىسلەر» دەپ ماۋزۇ قويسىڭىز بوپتىكەن، چۈنكى تېمىڭىزدا مەسچىتلا ئەمەس ، مەدرىسلارمۇ تىلغا ئېلىنىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )