قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 662|ئىنكاس: 3

«كەلىلە ۋە دىمىنە» مەن ياقتۇرغان ھىكمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

4494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 948
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 21:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەلىلە ۋە دىمىنە»دىن مەن ياقتۇرغان ھىكمەتلەر

 
 
      ﮬﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
      1- ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ.
      2-ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ.
      3- ﺩﻭﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ.
      4- ﺩﻭﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ.
      5- ﺩﻭﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ.
      6- ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺩﻭﺳﺖ ﻛﯩﻤﯩﻴﺎﻏﺎ، ﺭﯨﻴﺎﺳﯩﺰ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﻪﻧﻘﺎﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ.   
 
*******************************************
          ﮬﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﻩﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻮﺳﯘﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻣﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻳﯧﺮﯨﺪﯗﺭ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ - ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺴﻪﻥ.
 
          ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘ ﮔﺎﺩﺍﻳﻠﯩﻖ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﻻﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﻜﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺷﻪﺭﻡ - ﮬﺎﻳﺎ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ، ﻣﯘﺭﯗﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﮬﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﻳﯩﭙﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﮬﺎﻳﺎ - ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻩﻗﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺰﺍ ﯞﻩ ﺯﺍﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺳﯩﭙﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻏﻪﻡ ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺷﺎﻣﻰ ﺋﯚﭼﯜﭖ، ﺯﯦﮭﯩﻦ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﺗﯚﮬﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯜﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻪﻳﺮ- ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎ "ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﺨﻮﺭ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯘﯞﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ " ﺋﺎﺟﯩﺰ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺴﯩﺰ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ "ﮔﺎﻝ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ " ﺗﻮﻻ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﭘﻜﻰ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﯩﺴﻪ " ﺟﯧﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﺳﯜﺭﻩﺕ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ "ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ" ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ " ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯜﻟﺴﻪ "ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﯟﺍﺯ"، ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ " ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ"، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻪﭖ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﻴﺴﻪ " ﻗﺎﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ، ﻳﺎﺳﺎﻧﭽﯘﻕ"، ﺋﺎﺯ ﻳﻪﭖ، ﻛﻮﻧﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﺴﻪ " ﭘﯩﺨﺴﯩﻖ، ﺧﻪﺳﯩﺲ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﺎ " ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺧﺎﻡ، ﻳﺎﺭﺍﻣﺴﯩﺰ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ "ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ، ﭘﯘﻟﻐﺎ ﮬﯧﺮﯨﺲ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ "ﺷﻪﮬﯟﻩﺗﭙﻪﺭﻩﺱ"، ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﻳﯜﺭﺳﻪ "ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﻳﯩﺒﻜﺎﺭ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﺎﻝ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﻣﻪ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﺭﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﻣﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻣﻪﺧﻮﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ - ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ، ﺗﻪﻣﻪﺩﯨﻦ ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
 
******************************************************

ھۆكمالار مۇنداق سەككىز خىل كىشى بىلەن ھەمسۆھبەت بولىشتىن ھەزەر ئەيلەشنى بۇيرىغان :

1) ياخشىلىق ھەققىنى بىلمەيدىغان ۋە ياخشىلىق قىلغانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۇرمەيدىغانلار . 
2) سەۋەپسېز ئاچچىقى كىلدىغان ، غەزىپى ياۋاشلىقىنى بىسىپ چۇشدىغانلار .

3) ئۇزۇن ئومۇر كورۇشنى جەزىملەشتۇردىغان ، لىكىن ئوزى خۇدا ۋە خەلىقنىڭ ھەققى ھەم ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدىغانلار . 4) ئوز ئىشىنىڭ بىناسىنى ئالدامچىلىق ۋە مەككارلىق ئاساسىغا قۇرغان ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەمەلنى ئۆز نەزرىدە سەل چاغلايدىغانلار _
5) سوزلەشكە ئامراق ، لىكىن راست سوزلەشتىن قاچىدىغانلار .  
6) شەھۋەت مەيدانىدا نەپسى ئارغامچىسىنى ئۇزۇن قويۋەتكەن ، ھاۋايى ھەۋەسنى مەخسەت قىبلىسى ۋە مۇرات كەبىسى دەپ تونۇيدىغانلار

7 ) شەرىم _ ھاياسى يوق ، بىئەدەپ بولغانلار
8) كىشلەرنىڭ ھەققىدە بىسەۋەپ بەد گۇمان بولدىغان ، دەلىل_ئىسپات بولمىسىمۇياخشىلارنى توھمەت زىدىسى قىلدىغانلار .ھۆكمالار يەنە مۇنداق
 
*******************************************************


سەككىز خىل كىشىنىڭ سوھپىتى ۋە ئۇلپەتچىلكىنى غەنىيمەت بىلمەك كىرەك دىيىشكەن : 

 1) ھەر دائىم كورگەن ياخشىلىقلىرىغا شۇكىرى قىلىپ يۇرۇيدىغان ، ياخشىلىق ھەققىنى تونۇيدىغانلار .
2) روزگارنىڭ ھادىساتلىرىغا ئۇچرىغان بىلەنمۇ مۇھەببەت رىشتىسى ئۇزۇلمەيدىغانلار .
3) ئوزىنى تەربىيەت قىلغان ۋە ئىززەت قىلغانلارغا ھورمەت قىلماقنى ۋاجىپ دەپ بىلگەن ، سۆزى ۋە ئىشى بىلەن ئۇنىڭغا ياخشىلىق قايتۇرىشنىڭ كويىدا بولغانلار .
4) مەككارلىق ۋە بەد قىلىقتىن يىراق بولغانلار .
5) غەزپى كەلگەن چاغدا ئوزىنى تۇتۋىلىشقا قادىر بولالايدىغانلار . 
6) ساخاۋەت ئەلمىنى كوتۇرگەن ۋە ئۇنىڭدىن تەمە قىلغۇچىلارنىڭ مەخسەتلىرىنى قۇدرىتىنىڭ بارىچە ھاسىل قىلىشنىڭ پىيىدا يۇرۇيدىغانلار .

 7) شەرىم_ھاياسى بولغان ، ياخشىلىق قىلىشنىڭ پىيىغا چۇشكەن ، ئەدەپ يولىدا يۇرگەنلەر .
8) ياخشىلار ۋە پاك كىشلەرنىڭ دوستلىقىنى ئىزدىگەن پاسىقلاردىن ۋە قىلقى سەت كىشلەردىن يىراق بولغانلار .
      ھەرقانداق كىشى بۇ سەككىز خىل كىشى بىلەن ئۇلپەت بولسا ۋە ئىتپاق بولسا ، ئىلگخركى سەككىز خىل كىشىدىن ئوزىنى تارتسا ۋە ساقلانسا ، يامان خۇيلىرى ياخشى سۇپەتكە ئالمىشىدۇ ، ئەھۋالى ۋە مىجەزى تەڭپۇڭلىشىدۇ
 
****************************************


بۇ جاھاندا ئالتە نەرسىنىڭ ئالتە نەرسىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس .
خوتۇنلار بىلەن بىللە بولماق بالاسىز بولمايدۇ .
نەپىسنىڭ خاھىشى مىھنەتسىز بولمايدۇ .
يامانلارغا قوشۇلماق نادامەتسىز بولمايدۇ .
بېخىلدىن تەمە قىلماق خارلىقسىز بولمايدۇ .
پادىشاھقا مۇلازىم بولماق ئاپەتىسىز بولمايدۇ . 
  كىشىگەھەر بالا يەتسە ھېرىس ۋە تەمە سەۋەبىدىن يېتىدۇ .
       ھىچقانداق دۈشمەننى خار كۆرمەسلىك كېرەك. چۈنكى « يىڭنىنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىش نەيزىدىن كەلمەيدۇ . ئوت گەرچە كىچىك بولسىمۇ پۈتۈن بىر ئالەمنى كۆيدۈرىشى مۇمكىن . » 
 ياخشى ئويلانغان پىكىر پالۋانلىقتىن ياخشى
 
**********************************************************

جاھاندىكى ئالەم ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ھەركىتى ۋە خۇي - پەيلىگە قاراپ تۆت خىلغا بۆلنىدۇ . 

بىرىنچىسى دەيدۇ قىلىدۇ . بۇ تىرىكچلىك يولىنى بىلىدىغانلارنىڭ قائىدىسىدۇر.
ئىككىنىچىسى ، دىمەيدۇ ، قىلىدۇ ، بۇ مەردىلەرنىڭ ئادىتىدۇر.
ئۈچۈنچىسى دەيدۇ قىلمايدۇ . بۇ مۇناپىقلارنىڭ ئۇسۇلىدۇر. 
تۆتىنچىسى دېمەيدۇ قىلمايدۇ، . بۇ بېخىل ۋە ھىممىتى پەسلەرنىڭ خىسلىتىدۇر .
    
 
*****************************************

ھىيلە - مىكىردىن ۋاز كەچ ، چۈنكى سەن خەلقنى ( ئاتا - ئاناڭ ، دوست بۇرادەر ، ئايالىڭ باللىرىڭ ) '
ئالىدىيالىغان بىلەن خۇدانى ئالدىيالمايسەن. ھىيلىنىڭ تولىسى ھىيلە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىگە زەرەر قىلىدۇ ۋە جازاسى يىتىدۇ. 
  
*********************************************

ئاتىلار ئىيتىدۇكى « تۆت گۇرۇھنى تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك.
يەنى باتۇر باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە
خىيانەتسىز-ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم - بېرىم مۇئامىلىسىدە؛ 
خوتۇن ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامرات چاغلاردا 
ھەقىقىي دوستنى باشقا بالا كەلگەندە سىناش كېرەك » دەپ ئېيتىشقان . 

 
*********************************************

ھەر كىشى تۆت ئىشنى قىلسا ئەجىر تاپىدۇ ؛
بىرىنچىسى، زۇلۇم قىلسا ھالاكىتى يېقىن بولىدۇ؛
ئىككنىچىسى خوتۇنلار سۆھبىتىگە ھېرىس بولسا رەسۋالىققا ئۇچرايدۇ؛
يىمەك-ئىچمەككە تولا بېرىلسە كېسەلگە دۇچار بولىدۇ؛  
تۆتىنجىسى نادان ۋەزىلەرنىڭ گېپىگە ئىشەنسە، مەملىكىتى بىلەن ۋىدالىشىدۇ.  
  
*********************************************

بۇزۇرۇكلارنىڭ ئېيتىشىچە سەككىز نەرسە سەككىز نەرسىگە باغلىق بولىدۇ. ئۇلار مۇنۇلاردۇر.  
خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن، بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن، شاگىرىتلارنىڭ ئەقىل ھوشى ئۇستاز بىلەن ، لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن، زاھىدلارنىڭ كارامىتى تەقۋادارلىق بىلەن، پۇخرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن،پادىشاھلىق ئىشىنىڭ نىزامى ئادىللىق بىلەن، ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ، ھۇشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ.  
 
*********************************************

ئۈچ خىل كىشى ئۆزىنى رەنجىگە سالىدۇ:
1 - جەڭ ۋاقتىدا ئۆزىدىن غاپىل بولغانلار. ئۇلار زەخمە يەيدۇ.
2 - ھارامدىن مال توپلىغانلار ، ئۇلارنىڭ مېلى تالان تاراجقا كېتىپ، ئۆزىدە ئۇۋالدىن باشقا ھىچ نەرسە قالمايدۇ.
3- ئۆزى قېرى تۇتۇپ ياش خوتۇن ئېلىۋالغانلار. ..ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچالمايدۇ.  


*********************************************
غەزەپنى تەرك ئەتمەك ھەممە ياخشى خۇينىڭ ئاتىسى ،
ئاچچىقلانماق بارچە ئەسكى خۇينىڭ ئانسى .  
 
 
"ﻛﻪﻟﯩﻠﻪ ﯞﻩ دېمىنە" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .باغداش تورىغا خاس

6

تېما

4

دوست

8615

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1475
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:22:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل....ئىسىل ..... بەك ئىسىل دۇردانىلەر..........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

behram

0

تېما

0

دوست

249

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11366
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:40:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تېمىكەن جۇمۇ...........  مەن <بوز قىر> ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشىشىمگە ياردەم بېرەلەمسىلەر رەھمەت، <بوز قىر >ئاكا بىز يۇرىتداش ئكەنمىز............مەن بەھرام باي...........

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 12:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس !
رۇخسىتىڭىزسىز ساقلىۋالدىم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )