قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4566|ئىنكاس: 16

بىر پادىشاھنىڭ تەغدىرى ۋە غايىسى (تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

618

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12830
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 101
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 21:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پادىشاھنىڭ تەغدىرى ۋە غايىسى

 


      جۇئان كارلۇس(  Juan Carlos ) بۈگۈنكى ئىسپانىيەنىڭ پادىشاھى ،شۇنداقلا ئىسپانىيە خەلقنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدىسى.
       ئىسپانىيەدە  ساياھەت قىلغاندا،پادىشاھنڭ رەسىملىرىنى كۆرگىنىڭىزدە ،ئىسپانىيەلىكلەر بىلەن پاراڭلاشقىنىڭىزدا،ئازىراق زەن قويسىڭىز،بۇيەردىكى «مەبۇد» ئۇقۇمىنىڭ  ئازىراق ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.
    ئۇ بىر سىياسى ئەرباپ ئەلۋەتتە،ئەمما ئىسپانىيە خەلقىنىڭ ئۇنۇڭغا بۇلغان چۇقۇنىشى -خەلقنىڭ پادىشاھقا بولغان ئىتائىتى ئەمەس،ھەمدە پۇتۈنلەيلا ھۈكۈمرانغا بولغان ھۆرمەت-ئھتىراممۇ  ئەمەس،بەلكى چولپانلارغا مەپتۇن بولغاندەك بىرخىل مەپتۇنلۇق. ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكىسى رىۋايەتلەردىكى ھەيۋەتلىك داھىلارنىڭ ئوبرازى ئەمەس،بەلكى قامەتلىك باتۇر ئەركەككە بولغان زوقلىنىش. ئۇلار ئۇنىڭ خەلقچىلىغنى  مەدىھلەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىسپانىيە خەلقىنىڭ پەخىرلىك  پادىشاھى ئىكەنلىگى ھەم ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەھكەم ساقلانغان. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە جۇئان كارلۇسI نىڭ ئىسپانىيەدىكى ئورنى،ھەمدە ئويناۋاتقان رولى ،ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى بىلەن پەرقلەنمىسىمۇ، بىراق ،ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە،ئالتۇن تاج  خان جەمەتىنىڭ  سۆلىتى ئەمەس، پادىشاھ  جۇئان كارلۇس I نىڭ دۆلەتكە نىسبەتەن روھى جەھەتتە ئەمىلى تۆۋرۈكلىك رولى بار. ئىسپانىيە پادىشاھى  جۇئان كارلۇس I  ياۋرۇپادىكى ئەڭ قەدىمى خان جەمەتى بوربون ( Bourbon )  خانلىقىدىن كىلىپ چىققان،ئەمما  زامانىۋى دىمكۇراتىك ئىسپانىيانىڭ سىمۇئولى. ئىسپانىيە خەلقى جۇئان كارلۇس I نىڭ ئىسپانىيە دىمكۇراتىيەگە ئۆتۈش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم  شەخىس ئىكەنلىگىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ.

ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ

     ھازىرقى ئىسپانىيە پادىشاھى ،1938-يىلى ئىتالىيەنىڭ رىمدا تۇغۇلغان،ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىتتا، بوۋىسى ئالفانسو XIII (Alfonso XIII)  بۇرۇنلا چەتئەلگە  سەرگەردان بولغان. ئالفانسو
     XIII بولسا ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشىدىن ئىلگىركى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ،ئۇ ھوقۇق تۇتقان چاغلاردا دۇنيا ۋە ئىسپانىيە سىياسى ۋەزىيىتىدە كۈچلۈك تەۋرىنىش  بۇلىۋاتاتتى. 1-دۇنيا ئۇرىشىدا ئۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىسپانىيەنى  بىتەرەپ ساقلىدى.ئەمما ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ  ئەسلىدىلا خەتەر چىرمىغان دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە بولغان زەربىسىگە تاقابىل تۇرالمىدى.  ۋەقەدىن كىيىن،تارىخچىلار «ئۇ ۋاقىتتا ئىسپانىيەدە پەقەت ئارمىيە ۋە پۇرۇلتارىياتلارنىڭ  قارشىلىشلا بار ئىدى.» دىيىشتى. بۇمۇ دەل كىيىنىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشىدا قارشىلاشقان ئاساسى لاگىر ئىدى.
 
     ۋەزىيەت ئاخىرى گۇمران بۇلۇش گىردابىغا يەتكەندە، 1931-يىلى ،ئالفانسو XIII چىكىنىشىنى تاللاپ، چەتئەلگە سەرگەردان بۇلۇپ چىقىپ كەتتى . تارىخى كىتابلاردا مۇنداق بىر ھىكايە خاتىرلەنگەن،ئەڭ ئاخىرقى پەيىتلەردە، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار  پادىشاھقا قارشى تۇتۇلغان كىشىلەرنى جازالاش توغرىسىدا دوكىلات بەرگەندە، ئالفانسو XIII  تارىخى كىتاپلارغا كىردۈرۈلگەن مۇنداق بىر  جۈملە سۆزنى ئېيتقان:«  مىنڭ ئەمدى ئسپانىيەنىڭ  بىر تامچە قان ئاقتۇرىشنىمۇ  كۆرگۈم يوق.» ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ  ئىسپانيەدىكى تېخىمۇ كۆپ قانلىق توقۇنۇشلاردىن ساقلانماقچى ئىكەنلىگىنى تارخچىلار ئورتاق ئىتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ،ئىسپانىيە زورلۇق ،توقۇنۇشلارغا تولغان قانلىق ماكانغا ئايلانغان.ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا ئۆزىنى پاك ساقلاپ ،قۇلىنى ئىسپانىيە خەلقنىڭ قېنىغا تېخمۇ كۆپ بويىماسلىق.بىراق بۇ بىر پادىشاھقا نىسبەتەن،دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا  يۈزلىنىشكە ۋە  ئۇنى بىتەرەپ قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلغانغا بارۋەر ئىدى. ئىسپانىيە تارىخىنى ئۇقۇغىنىمىزدا ،ياۋرۇپا پادىشاھلىق تۈزۈم ئەنئەنىسىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بۇلىمىز . شۈبىسىزكى ،پادىشاھ  دۆلەتنى« مىنىڭ »  دەپ قارايدۇ،ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا،بۇ پادىشاھنىڭ «ئۆز خەلقىنى سۈيۈش » تىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 20يىلىدا ئوڭچىل ،سولچىل ئىدىۋى –ئېقىملارنىڭ ئىسپانىيەگە كىرىشىگە ئەگىشىپ ،بۇ ئاتەش تۇپراقتا  ئۆزئارا سىغىشمايدىغان توقۇنۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى،زورلۇق ۋە قالايمىقانچىلىق بېسىمىدا،سەرگەردان بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن ئالفانسو XIII تارىخى خاتىرلەرگە كىردۈرۈلگەن يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنىمۇ دىگەن: «مەن ئەمدى خەلقىمنى سۆيمەيمەن.» ئۇنىڭ  بۇ سۆزىدە ئىپادىلەنگەن ئۈمۈدسىزلىكنى بەلكىم   خان جەمەتىدىكى كىشىلەرلا ھەقىقى ھىس قىلالايدۇ.
        ئۇ ئىسپانىيەدىن  ئايرىلدىغان چاغدا ،كونا تۈزۈم  ئاستىدىكى ھۆكۈمراننىڭ ھەسرىتىنى كۈرۈپ يەتتى . ئوردىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ،ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ، ئۇنىڭغا سىرتتىكى زالدا 50 يېقىن ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن  خوشلىشىشقا  ساقلاۋاتقانلىغىنى ئېيتىدۇ. ئوردا سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك بۇلۇپ ،ئۇ ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھالدا «مەن ئۇلار بىلەن چۇقۇم كۆرىشىمەن ،مۇشۇنداق پەيىتتىمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ كۈرىشكىلى كەلگەنلەر بار ئىكەن» دەيدۇ. ئۇ زالغا كىرگەندە ،  ئۇلارنىڭ  ھەممىسىنىڭ  ئوردىدىكى مالاي،ئاشپەز ئاياللار ھەمدە ئۇلارنىڭ  ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇ بىر ئەلنىڭ پادىشاھى چاغدىكى ،ئۇنى پىرقىراپ يۈرىيدىغان مۆتىۋەر جاناپلارنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەيتى.  ئۇ ھۇجىرىسغا قايتقاندا كۆكىرىپ كەتكەن لەۋلىرى  توختىماي تىتىرەپ كەتكەن ئىدى.
   ئالفانسو XIII  دەسلەپتە فىرانسىيەگە  كىلىدۇ،كىيىن ئىتالىيە رىمغا يۆتكىلىدۇ، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رىمدىن ئايرىلمايدۇ. ياۋرۇپادا  خان جەمەتىدىكىلەر  ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ بار ، خان جەمەتىدىكىلەر سەپەر –زىيارەتكە چىقشى، خەلق ئارىسىغا چۇڭقۇر چۈكۈپ ،خەلقىگە ئۆزىنى چۈشەندۈرىشى ،ئۆزىمۇ  خەلقنى چۈشىنىشى كېرەك دىيىلىدۇ . ئەمما جۇئان كارلۇس I نىڭ  ئائىلىسىدىكىلەر سىرىتتا سەرگەردان بۇلۇشقا  مەجبۇر بولغان. ئالفانسو XIII نىڭ ئوغىلى ،  جۇئان كارلۇس I نىڭ دادىسى دەسلەپتە ھازىرقى كىنو بايرىمى بىلەن داڭ چىقارغان  فىرانسىيەنىڭ  گانا دا تۇرۇپ قالماقچى بولغان. بىراق ،ئۇزاق ئۆتمەي ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشى پارتىلاپ ، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكىمىتىنىڭ بىسىمى ئاستىدا ، ئۇلارنى فىرانسىيەدىن كىتىشكە مەجبۇرلىغان.  ئۇلار ئاۋال ئىتالىيە مىلان غا كىلىدۇ ،كىيىن  رىمغا يۆتكىلىدۇ. جۇئان كارلۇس I  دەل مۇشۇ چاغدا، يەنى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇغۇلغان.ئۇنى يۇيۇندۇرغىنى قىزىل تونلۇق ئىپىسكوپ،يەنى كىيىنكى پاپا پىئۇس XII(Pope Pius XII ) ئىدى. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشىدىن كىيىن ،ئىتالىيە فاشىست مۇسۇلىننىڭ رەھبەرلىگىدە ،ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇلۇپ ،ۋەزىيەت خەتەرلىك ئىدى.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كىيىن پورتىگالىيەگە كىتىدۇ. گەرچە سىرىتتا سەرگەردانلىقتا يۈرسىمۇ ، جۇئان كارلۇس I قارىماققا توغۇلۇپلا ئىسپانىيە مۇھىتىدا چوڭ بولغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دادىسى بولسا شاھزادە،ئۇ بىر شاھزادىنىڭ مۇھىتىدا چوڭ بولدى.مەيلى ئۇنىڭ ئائىلىسى نەگە بارسۇن ،ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ناھايىتى كۆپ ئىسپانىيەلىكلەر چۆرىدەپ يۈرىدىغان بۇلۇپ ،ئارىسىدا خان جەمەتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسپانىيەنىڭ ھەقىقى ھىكايلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان،بۇ ھىكايىلەر ھەمىشە قانىلىق ۋە زوراۋالىققا تولغان ئىدى. خانىش مومىسى ئۇنىڭغا ،ئۇنىڭ تۇيى بولغان كۈنى ،بىر ھۆكىمەتسىز ئۇنسۇرنىڭ ئۇنىڭ ئات ھارۋىسىغا بىر دەستە  گۈلنى قانداق  ئاتقانلىغى،ئۇ گۈلگە  بىر بومبىنىڭ ئورالغانلىغى، شۇنىڭ بىلەن ، ئۇنىڭ ئاپپاق توي كۆينىكىگە ئات ۋە ھارۋاكەشنىڭ قېنى چېچىراپ كەتكەنلىگىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە ، يەنە بوۋىسى ئالفانسو XIII نىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلغان چاغدىكى ھىكايىلىرىمۇ بار .
      كۆپ يىللاردىن كىيىن  باشقىلار  جۇئان كارلۇس I دىن سىز قاچان ئۈزىڭىزنى ئىسپانىيەلىك دەپ  ھىسقىلغان دەپ سورىغاندا، ئىېغىر -بېسىق  پادىشاھ تۇيۇقسىز سەل ھاياجانلىنىپ ،« مەن يۆگەكتكى ۋاقتىمدىلا  ،قۇلاق تۈۋۈمدە ئاڭلىغىنىمنىڭ  ھەممىسى  ئىسپانىيە ،ئىسپانىيە  ئىدى» دەيدۇ.
سەرگەردانلىقتىكى ئىسپانىيە شاھزادىسى
 بەزى ۋاقىتتا، پادىشاھ بۇلۇش تولىمۇ ئېغىر يۈك.  ئۇنىڭ دادىسى دون جۇئان ھامان  بىر كۈنى ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ خانلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.ئۇنىڭ خانلىق ئورنى تېخى پۇت دەسسىمەي تۇرۇپلا ،ئوئوغىلغا قاتتق شاھزادىلىق تەربىيىسى بىرىشكە باشلىغان،چۈنكى ئوغىلى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەخىت ۋارىسى ئىدى.
       شۇنىڭ بىلەن، جۇئان كارلۇس I  سەككىز ياش ۋاقتىدىلا ئىىنتىزامى چىك ياتاقلىق مەكتەپكە ئەۋەتىپ بېرىلدى. مەكتەپ دارۋازىسىنڭ يېپىلىشى بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھىچقانداق خەۋىرى بولمىدى. ئۇ كىيىن پەرەز قىلىپ ،بەلكىم دادام ئاپامنىڭ ماڭا تىلفۇن ئۇرىشىغا ئۇنىمىغاندۇ دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئىسپانىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ۋەزىيىتى ئىنتايىن خەتەرلىك دۆلەت ئىكەنلىگىنى چۇڭقۇر  بىلگەچكە، ئۇنىڭ تەبىئىتى شاھزادىنىڭ خاراكتىرىنى  قەيسەر قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا دەۋەت قىلاتتى، بولمىسا ئۇ كەلگۈسىدە بۇ مۇشەققەتلىك دۆلەتكە  تاقابىل تۇرالمايتى. كىيىن مومىسى ئۇنى يوقلاپ كەلدى،ئۇ شۇندىلا بۇ مەكتەپتىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ مومىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ تەربىيچىسى ،پارىژ كېنىزىنىڭ قىزى ،سەرگەردانلىقتىكى ئىسپانىيە خانىشى ئىدى. مومىسىنىڭ ئىللىق ھەمراھلىقىدا،ئۇ  ئاتا –ئانىسىنڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئەمما ،ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمايدۇ. 1948-يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،لىسبوندىكى بىر سوغوق ۋوگزالدا ،ئەمدىلا 10ياشتىكى جۇئان كارلۇس I  ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇزىتىپ قۇيىشى بىلەن ،دادىسى- ئاپىسى بىلەن بىللە ياشايدىغان ئائىلە تۇرمۇشىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ،ئىسپانىيەگە ئۇزى يالغۇز ماڭىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ شاھزادىلىك تەربىيىسىنى چۇقۇپ تاماملىشى كېرەك ئىدى،بۇ ئىشنىڭ مەنبەسى  يەنىلا  ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى پادىشاھلىق مەسئۇلىيىتىدە.
جۇئان كارلۇس I نىڭ بوۋىسى ئىسپانىيەدىن ئايرىلغاندىن كىين ،ئىسپانىيە پادىشاھلىغى ئىسپانىيە  جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندى. سايلام ئارقىلىق ،ئوڭچىل –سولچىل گوروھلار  ھوقۇق يۈرگىزىپ باقتى ،ئەمما ئۇلار ھوقۇق يۈرگۈزگەن ۋاقىتا قارشىلىق ،زوراۋانلىقنى تۈگىتەلمىدى. ئىسپانىيەلكلەر ئۇچاغدا ،ھەقىقى دىمكۇراتىك سىياسىنىڭ چۇقۇم ئۆكتىچى گوروھلارنىڭ مەۋجۇتلىغى ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەھۋالدا يۈرگىزىلدىغانلىىنى تۇنۇپ يەمىگەن. ئۇلار سەل قارىغان  بۇ بىر نۇختا ، مەيلى قايسى تەرەپ ھوقۇق يۈرگۈزسۇن ،قارشى تەرەپنىڭ چۇقۇم ھەقىقى مەنىدىكى باراۋەر  ئورۇنغا ئىگە بۇلىشى  ئىدى. سايلامدا غەلبە قىلغان بىر تەرەپنىڭ ئىرىشىدىغىنى ،قارشى تەرەپنى سىغدۇرۇش ئاساسىدا ،دۆلەتنى قۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىدىغان پۇرسەت،ئەكىسچە خەلق بەرگەن دۆلەت بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنى يوقىتىدىغان پايدىلىق ئورۇن ئەمەس.  ئۆكتىچى تەرەپ ،قارشى پىكىرلىرىنى،پۈتۈن خەلققە پايدىلىق مۆلچەر ئاساسىدا ئوتتۇرغا قۇيىشى،ھەدىسىلا قارشى تەرەپنى يوقىتىش ۋە ئۆچمەنلىك ھەركىتىدە بولماسلىغى كېرەك.ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىككى تەرەپ ئوخشاش بىر يادرولۇق قىممەتنى ئورتاق ئىتىراپ قىلىش. بۇ دىمكۇرتىك سىياسەت يۈرگىزىشنىڭ باش شەرتى ،ئۇنداق بولمايدىكەن
        دىمكۇراتىك تۈزۈم  چەكلەش قائىدىسى يوق ئۇيۇنغا ئوخشاپ قېلىپ،ئىككى تەرەپ مەيدانغا چىقسىلا ،ئۇيۇننى ئوينىغىلى بولمايدۇ. ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 30يىللىرى، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئوڭچىل- سولچىل ئىككى تەرەپتە دەل ئورتاق بولغان يادىرولۇق قىممەت كەمچىل بولغاچقا ،دىمكۇراتىك سىياسەت داۋاملىشالمىدى،سىياسى قارشىلىقتىن باشلىنىپ ،سىغىشالمايدىغان ھايات-ماماتلىق ۋەزىيەتكە بېرىپ يەتتى،ھەممە ئادەم ئىككى قۇتۇپقا سۆرۈلۈپ  ،ئوتتۇردىكىلەر مەجۇت بۇلۇپ تۇرۇشقا  ئامالسىز قالدى. ئاخىرىدا ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ يېكىش-يىڭلىش ئايرىلدىغان ۋاقىتتا  بولسا ، دىمكۇراتىك ئۇيۇن تۇرمۇز قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. ئىش بۇيەرگە  يەتكەندە ،بىر مەزگىلىك مۇستەبىت  ھاكىميەت  ئىسپانىيەنىڭ  تەغدىرىگە پۈتۇلگەن دىيىشكىلا بۇلاتتى.
   
       ئىسپانىيە مۇستەبىتى فىرانكو(Francisco Franco) ھەممە ئورتاق ئىتىراپ قىلىدىغان مۇنەۋەر ھەربى، ئەمما بىر  تېپىشماق كەبى سىياسى شەخىس. ھەممە ئادەم ئۇنى ناتسىتلار بىلەن بىر،فاشىست ئۇنسۇر دەپ قارايدىغان ۋاقىتتا ،ئۇ ئەكسىچە گېتلىر بىلەن ئېلىشىپ  ،گىرمانىيە ئەسكەرلىرىنى ئىسپانىيەگە  بىر قەدەممۇ قەدەم باستۇرمايلا قالماستىن ،ئىسپانىيەنى مۆجىزىلىك ھالدا 2-دۇنيا ئۇرۇش ئۇتىنىڭ سىرتىدا ساقلاپ قالغان،ھەتتا بىر مەزگىل يەھۇدىلارنىڭ جان ساقلايدىغان ھاياتلىق كارىدۇرىغا ئايلانغان. ئۇ رەھىمسىزلەرچە سولچىلارنى باستۇردى،ھەمدە سەرگەردانلىقتىكى پادىشاھنى قايتۇرۇپ كىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان پادىشاھنى ھىمايە قىلىدىغان ئاشقۇن ئوڭچىلارنىمۇ باستۇردى. ئۇ ئىلگىرى ئىسپانىيەنىڭ ئەنئەنىسىنى ھۆرمەت قىلدىغانلىقىنى ،مۇۋاپىق ۋاقىتتا  پادىشاھلىق سىياسى تۈزىلمىنى ئەسلىگە قايتۇردىغانلىقىنى جاكارلىغان.كىشىلەر  ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۈلىدىغىنى ئۆزىنىڭ ھوقۇقى دەپ قارايدۇ،ئۇ ئىسپانىيەگە 40 يىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەمما  كىشىلەر ئويلاپ يەتمىگەن بىر ئىش ،پادىشاھلىق تەختىگە ئۈزى ئولتۇرمىدى. 2-دۇنيا ئۇرىشى ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، فىرانكو تېخى گۆدەك جۇئان كارلۇس I نى ئىسپانىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى. فىرانكو بۇ « ئىسپانىيە شاھزادىسى» نى ئۆز  ۋەتىنىدە  ئەنئەنىۋى خان جەمەتى قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك  قاتتىق تەربىيەگە ئىگە قىلدى. ئەمىلىيەت ئىسپاتلىدىكى ،ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدىكى  پادىشاھلىق سىياسى تۈزۈلمە بىلەن خاننى ھىمايە قىلدىغان سىياسى ئېقىمدىكىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشىمايتى.بىراق ئۇنىڭ زادى نىمىنى ئويلىغانلىغى كىشىىلەرگە  يەنىلا بىر سىر.

      1948-يىلى 11-ئايدا ، لىسبوندىكى ھېلىقى سوغۇق ۋوگزالدا، ئەمدىلا 10 ياشتىكى جۇئا ن كارلۇس I يىغلىمىدى،ئۇنىڭچە دادىسى-ئاپىسى ئۇنىڭ يىغىسىنى كۈرۈشنى خالىمايتى. ئىسپانىيەگە يۈزلەنگەن بۇ 10 ياشلىق شاھزادىنڭ قەلبى چىگىش خىياللارغا تولغان ئىدى. ئىسپانىيە پادىشاھلىغى يېقىنقى زامان تارىخىدا تولىمۇ مۇشەققەتلىك بىر ئورۇن، ئۇنىڭ ئىسىدە قېلىشىچە بىر ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا سادىق كىشى بىر كىتاپ يازغان بۇلۇپ ،ئۇ كىتاپتا مۇنداق ئۈچ ئاگاھلاندۇرۇش بار: بىرىنجى، مەڭگۈ مادىرىتتىكى ئوردىدا تۇرما. ئىككىنجى، ئىشىگىڭنى ”يۇقىرى قاتلام” دىكى لەرگە مەڭگۈ تاقا،”ئوتتۇرا قاتلام” دىكى لەرگە  ئېچىۋەت ،چۈنكى ئۇلار جەمىيەتنىڭ تۆۋرۈگى. ئۈچۈنجى، سەرگەردانلىقتىن قايتىپ كەلگىنىڭدە يۈك -تاقلىرڭنى يەشمە،چۈنكى  ھەرۋاقىت   يۈك –تاقلىرڭنى يىغىشتۇرۇپ كىتىپ قېلىشقا تەييار تۇرىشىڭ كېرەك.
       سەرگەردان كىشى ھەرمىنۇت مەھرۇم بولغانلىرىنى ئەسلەيدۇ، يوقاتقانلىرى شۇنچىلىك  كونكىرت-ئەينەن،كىچىگىدىن تۇنۇش مەنزىرىلەر ، تۇنۇش پۇراق،تۇنۇش تەسىرات، ھەتتا پەقەت يۇرتىدىلا بار ،باشقا جايدا تېپىلمايدىغان تاماقلار. بۇلانىڭ ھەممىسى مۇساپىر كىشىنىڭ ھىسىياتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرىدۇ، يەنە كىلىپ بىر پادىشاھلىقنىڭ سىياسى سەرگەردانىنىڭ ھىسياتىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. جۇئان كارلۇس I نىڭ نەزىرىدە دادىسى ھەقىقەتەنمۇ  بىر سەرگەردان.  ئۇنىڭ دادىسى ئسىپانىيەدە  تۇغۇنلغان ،ياش-ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىنى شۇيەردە ئۆتكۈزگەن، ئۇ ئىسپانىيەدىن ئايرىلغاندا 18 ياشتا ئىدى. دادىسنىڭ نەزىرىدە سەرگەردانلىقتا ئۈلۈپ كىتىش دۇنيادىكى ئەڭ يامان ئىش.ئەمما ئۇلار ھەمىشە شۇ خىل تەشۋىشتە ياشىدى. ئىچكى ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىقتى،مۇبادا سولچىلار  ئۇرۇشتا يەڭسە  ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىش ئارزۇسى مەڭگۈلۈك كۈپۈككە ئايلىناتتى. نەتىجىدە يەنە بىر تەرەپ ئۇرۇشتا غەلبە قىلدى، ئەمما دون  جۇئان يەنىلا كۆپ يىللار دۆلىتىگگە قايتىشقا ئامالسىز قالدى، ئۇ ئاخىرى مۇشۇنداق ئازاپلىق قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى، يەنى كۆدەك ئوغلىنى ئاۋال دۆلەتكە قايتۇرۇپ زۆرۈر تەربىيەنى قۇبۇل قىلدۇرۇش. شۇنداق قىلىپ ، 10 ياشتىكى جۇئان كارلۇس I ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ،ئۆزى يالغۇز ئىسپانىيەگە يول ئالدى.


 ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ (باغداشقا خاس)

26

تېما

13

دوست

5745

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1572
توردىكى ۋاقتى: 718
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 00:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن .داۋامىغا تەشنا مىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

4

دوست

8621

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1477
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز............

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13049
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە شۇنداق ياخشى مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلىۋاتسا.ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ، ئېلان قىستۇرۋالمىسا كۇنى ئۆتمەمدىكىنە !
ئېلانغا پۇلى بولمىسا ، ياردەم قىلساق بولامدىكىن يا !
گەپنىڭ سەتىنى قىلسام، نۇمۇس قىلىشساڭ بولمامدا ! خەلقىمىز تەغدىرى توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلۋاتسا كۆڭلۈڭ يەنە كىنو تارتىۋاتامدا !

9

تېما

4

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9938
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 726
تۆھپە : 898
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 17:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى uzturukدە2013-01-04 06:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
2013-يىللىق ئەڭ يېڭى فىلىملەر ئۇز تۈرۈك تورىدا .. كۆرمىسىڭىز ئارماندا !http://www.uzturuk.com  


قۇم باسقان شەھەر رومانىنىڭ ئاپتۇرى ياسىنجان سادىق ئەمەس ، مەمتىمىن ھۇشۇر دەپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن

2

تېما

0

دوست

618

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12830
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 101
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 21:04:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 داۋامى 


ئىسپانىيە شاھزادىسى ۋە كەلگۈسىدىكى پادىشاھ نامزاتى

         پويىز چىگرادىن ئۆتكەندە ،ئۇنىغا ھەمرا بۇلۇپ ماڭغان كىشى ، « ئالىلىرى ،مانا بۇ ئىسپانىيە !» دەيدۇ،  جۇئان كارلۇس I يۈزىنى پويىز دېرىزىسىگە چىڭ چاپلاپ تۇرۇپلا قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈمۈدسىزلەنگىنىنى تەسەۋۇر قىلشقا بولاتتى ،ئىسپانىيەنىڭ كۆپ زىمىنى  قۇرغاق  تۇپراق ئىدى. جۇئان كارلۇس I ئىسپانىيەنى تۇنج كۈرۈپ تەسۋىرلىگىنى بولسا ، چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن يەرلەر ، نامرات يېزىلار، روھسىز  قېرىلار ئىدى. كىيىن ئۇ شۇ ھىسياتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ چاغدا كاللامغا بىرلا خىيال كىرىۋالغان، ئەجىبا دادام كۈن بۇيى ئەسلەپ ئۇنتالمىغان ھېلىقى ئىسپانىيە  مۇشۇ شۇمۇدۇ؟».
    ئونداقتا ئىسپانىيەنى سۈيەمسىز ؟  جۇئان كارلۇس I مۇنداق دەيدۇ: شاھزادە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ،ئۇ قۇبۇل قىلغان ئەقەللى تەربىيە ،ئىسپانىيەگە قەلبىڭ بىلەن نەزەر سال ،كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس. ئىسپانىيەگە بېرىشتىن ئىلگىرى ،دادىسى ئۇنىڭ  فىرانكو بىلەن ئۇچىرشىشىغا تولىمۇ تەشۋىشلەنگەن. دادىسى قايتا-قايتا تاپىلاپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاشنى،ئەدەپ-قائىدىلىك جاۋاپ قايتۇرسىلا بولىدىغانلىقىنى  ،كۆپ ئېغىز ئاچماسلىق توغرىسىدا  نەسىھەت قىلغان. جۇئان كارلۇس I ئۆزىنىڭ ئىسپانىيەگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن  دەرھال  فىرانكو بىلەن كۆرۈشىشكە  بۇرۇنلا   ئۇرۇنلاشتۇرغانلىغىنى كىيىن بىلگەن،بىراق ئۇ ۋاقىتتا،پادىشاھ پەرەس بىر ئوقۇغۇچىنىڭ  تۈرمىدە  تاياق يەپ ئۆلۈپ قېلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەن بۇلۇپ ،شۇ چاغدا  دەپنە قىلىنىۋاتقان بۇلۇپ،مىڭلىغان مۇتلەق پادىشاھلىق ھوقۇقنى ھىمايا قىلىدىغان خەلق قەبرستانلىققا يۇپۇرۇلۇپ كەلگەن ئىدى. شاھزادىنىڭ ۋەتەنگە قايتقانلىق خەۋىرى ناھايىتى تىزلا تارقىلىپ ،بۇ كىشىلەر قەبىرستانلىقتىن  ئۇ تۇرىۋاتقان جايغا بېرىپ، كونا پادىشاھلىق تۈزۈمنى قوللايدىغانلىغىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان . بۇ ئىش جىددى كەيپىياتنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرىۋېتىپ ،ئۇچىرىشىش شۇنىڭ بىلەن  كېچىك تۈرۈلگەن.
ئۇ ئاخىرى فىرانكو بىلەن كۈرشكەندە ، فرانكو ئۇنىڭغا  رەسىمدىكىدىن پاكار كۈرندى. فىرانكو  ئۇنى ئالىلىرى دەپ  چاقىردى. بىر بالىنڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا ئۇ تولىمۇ يېقىشلىق ئىدى. كىيىنكى كۆپ يىللاردا ،فىرانكو  ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان تەربىيە ،ياۋرۇپا ئەنئەنسدىكى خانلىق تەربىيىسى  بۇلۇپ ،بۈگۈنكى ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليام بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمەيتى ،ئوخشىمايدىغىنى  ئۇ پەقەت ئۆلىمالارنىڭ خۇسۇسى تەربىيىسنى كۆپىرەك قۇبۇل قىلغان. ئالدىنى ئەسىرنىڭ 50يىللىرنىڭ  بېشىدا ،فىرانكو بىلەن جۇئان كارلۇس I نىڭ دادىسى دون جۇئان بىر قېتىم كۈرىشىدۇ  ، ئۇلار كۈرىشكەندە  جۇئان كارلۇس I نىڭ ئونۋىرسىت تەربىيىسى ۋە ھەربى قىسىمىدكى  مەشىقلىرى توغرىسىدا مۇنازىرلىشىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭ  چەتئەلدىكى داڭلىق ئونۋىرسىتا ئۇقىشىنى ،ئاندىن دۆلەتكە قايتىپ ھەربى مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلاتتى. فىرانكو بۇنداق بولسا مۇۋاپىق بولمايدۇ دەپ قارايدۇ،چۈنكى ھەربى- سەپ تىكىلەرنىڭ ھەممىسى 17-18ياشلاردىكى ياشلار بۇلۇپ،ئونۋىرسىتنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، جۇئان كارلۇس I نىڭ يېشى بەكلا چوڭ بۇلۇپ كىتىپ،ھەمراھلىرى بىلەن چۇڭقۇر دوستلۇق،سەبداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش قىيىنغا چۈشەتتى . فرانكو يەنە  جۇئان كارلۇس I   ئاۋال ئىسپانىيەدە ھەربى مەشىقنى تۈگۈتۈپ ھەربى ئۇنىۋان ئېلىشى ،ئادىن يەنە ئىسپانىيەدە ئونۋىرسىت تەربىيىسى تاماملىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئىككى سائەتتەك پارڭلىشىپ ،دادىسى يول قۇيىدۇ،سەۋەبى ئۇ فىرانكونىڭ كۆزقارىشىنىڭ توغرىلىغىنى ئىتىراپ قىلمىسا بولمايتى. فرانكو تەدرىجى ھالدا ئۇنى ئوغىلىغا ئورۇنلاشتۇرغان تەربىيەگە قايىل قىلدى. ھەرقايسى ئارمىيە تۈرىدىكى ھەربى مەكتەپلەر ۋە ھەربى مەجبۇرىيەت،ئۇنى ئارمىيەدە بىر تۈركۈم سادىق دوسىتلارغا ئىگە قىلدى. ئەنگىلىيە، ئامىرىكا ئەنئەنىسىگە ئوخشىمايدىغىنى،ھەربىلەر ئۆزلىرى  دۆلەت خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى دەپ ھىسابلىغاندا، كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ سىياسەتكە ئارلىشىدىغان ،بۇ خىل ئىدىيە ۋە ھەركەت ،ئۇزۇندىن بىرى  ئىسپانىيەدە بىرخىل «ئىسىل ئەنئەنە» دەپ قارىلاتتى . جۇئان كارلۇس I نىڭ قارىشىچە ،ئەگەر ئۇنىڭ ھەربىيلىكتىكى ئاساسى بولمىغان بولسا ،ئۇ كىيىن ئورۇندىغان ئىشلىرىنى ھەرگىزمۇ  قىلالمىغان بۇلاتتى.                                                  
          فىرانكو دەۋرىدە جۇئان كارلۇس I ۋە شۇچاغدىكى بارلىق ئىسپانىيەلىكلەر دىنى ئەنئەنە ئىچىدە ياشايتى،  جۇئان كارلۇس I نىڭ ئىسىدە قېلىشىچە ،قەھرىتان قىش كۈنلىرى بۇلۇپ ، ئۇ 12 ياشتا ئىدى،پەرىشتە  تېغىدىكى مۇناستىرغا  ئېلىپ بېرىلىپ  مىسساغا قاتناشتۇرۇلغان، جۇغراپىلىك ئۇرۇن جەھەتتىن ،پەرىشتە تېغى ئىبىريە يېرىپ ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كىلىدۇ.  تاغنىڭ ئۈستىدە  خىرىستوسنڭ  پەرىشتىلەرنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئىككى قولىنى كەڭ ئاچقان ھالەتتكى  غايەت چوڭ ھەيكىلى بار 1919-يىلى ،ئۇنىڭ بوۋىسى ئالفانسو XIII ئىلگىرى بۇيەردە  مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ،ئىسپانىيەنى  ئىلاھنىڭ ھىمايىسىگگە تاپشۇرغانلىغى توغرىسدا داغدۇغۇلۇق  قەسەم بەرگەن. بۇ مۇراسىمنى خاتىرلەش  ئۈچۈن ، بۇ جايدا كارمول ئاق تون مۇناستىرى  سېلىنغان ئىدى. 1936-يىلى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە،بىرتوپ ئوڭ قانات ئەسكەرلەر ، بۇ جايدا ،بۇ خىرىستوسنىڭ ھەيكىلىگە سوت ئېچىپ ،ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان . ھاراق ئىچىپ مەس بۇلشقان ئەسكەرلەر بۇيەدە  قارسىغا خالىغانچە ئوق ئاتقان. شۇ سەۋەپتىن بۇ جاي بىر مەزگىل سولچىلارنىڭ  غەلبە سىموئولىغا ئايلانغان. شاھزادىنىڭ خاتىرىسىدە ،ئۇ بىر قەھرىتان سوغۇقتا  بۇ ھىكايىنى ئاڭلىغان ئىدى.ئۇ شۇ چاغدا  تارىخ نو ختىسىدىن  ئىسپانىيەنىڭ كارتىنىسىنى  كۈرۈپ يەتكەن ئىدى: ئۇ ھەمىشە ئىككى قۇتۇپقا بۈلۈنگەن ئىدى ،غەلبە قىلغۇچىلار بىر قۇتۇپ ،بويسۇندۇرۇلغۇچىلار بىر قۇتۇپ ، بولانىڭ ھەممىسى  ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئارزۇسىدىكى ،ئىتىپاق ئىسپانىيەنىڭ كۆرىنىشى بىلەن پۈتۈنلەي قارمۇ –قارشى ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مۇناستىردا مىسساغا قاتناشقىنىدا ، مىسسانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تىنىش –خاتىرجەم تەسىراتنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىپ قېلىشنى خىيالى ئۈمۈد قىلاتتى.
          1962-يىلى ، جۇئان كارلۇس I  توي قىلدى. ئۇ ئوقۇشىنى تاماملاپ ،فىرانكودىن ئەمدى مەن نىمە  ئىش قىلىشىم  كېرەك دەپ سورىغاندا، ئۇ« ئسپانىيە خەلقى سىزنى تۇنىسۇن» دىدى. ئۇ ئاۋال بىرقانچە مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىر غا ئەگىشىپ سىياسى ئىشلارنى ئۆگەندى،ئىسپانىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى ،كىچىڭ بازار كەنىتلىرىنى زىيارەت قىلدى. مۇتلاق كۆپ قىسىم ئىسپانىيەلىك لەر ئۇنى قارشى ئالاتتى ، ئەمما ،ئۇنىڭغا  شوخىلا ۋە بەرەڭگە ئاتىدىغانلارمۇ چىقاتتى.
        7 يىلدىن كىيىنكى 1969-يىلى 7-ئايدا فىرانكو جۇئان كارلۇس I نىڭ كەلگۈسىدە  ئۆز ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ ئۈزى ئۆلگەندىن كىيىن جۇئان كارلۇسI نىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرىشى ئۆز يۇلىدا روياپقا چىققان ئىش ھىسابلانمايتى،بۇ  فىرانكو بىر ئادەمنىڭ قاراى ئىدى. ئالدى بىلەن پادىشاھ ۋارىسلىق ھوقۇقىدا دەتالاش مەۋجۇت. جۇئان كارلۇسI نىڭ دادىسى دون جۇئان ئالفانسو XIII نىڭ ئۈچۈنجى ئوغىلى. ئالدىدىكى ئىككى ئوغىلىنىڭ  بىرى كېسەل ،يەنە بىرى گاس ھەم گاچا  بۇلۇپ ،پادىشاھ بۇلۇش سۈپىتىنى ھازىر لىمىغان ئىدى. شۇڭا ئالفانسو XIII پادىشاھلىقنى دون جۇئان غا قالدۇرغان. ئەمما ،ئالدىدىكى ئىككى  شاھزادە ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋازكەچمىگەن بۇلۇم ،ئۇلار ئۈلۈپ كەتكەنەگە قەدەر تالاش-تارتىش تۈگىمىگەن. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ،يەنى ئالفانسو XIII نىڭ باشقا نەۋرىلىرىمۇ  داۋاملىق  پادىشاھلىق ئورنىغا  بولغان ھوقۇقىنى  جاكارلاپ تۇراتتى .باشقا توققانلار ئوتتۇرىسىدكى  تالاش-تارتىشنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ،يەنە بىر  دەتالاش بولسا ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدا ئىدى. دون جۇئان تېخى ھايات ، فىرانكونىڭ  ئۇنىڭ ئوغىلىغا بولغان تەيىنلەش ئۇنىڭ  پادىشاھ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالغانغا باراۋەر ئىدى.      جۇئان كارلۇسI ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىدا  ،تەتىل مەزگىلىدە  ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا  باردىغان بۇلۇپ  ،ئادەتتىمۇ تىلفۇندا ئالاقىلىشىپ تۇراتتى . ئاخىر ،دادىسى  بىر تەرەپتىن ئىلاجسىزلىقتىن ،يەنە بىر تەرەپتىن ئاتىلىق مھىرى ھەمدە ئوغىلىغا بولغان ئىشىنىشنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بۇ رىئالىقنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئازاپنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن ،«كەچۈرگىن ، مىنىڭ ئەينى يىلدىكى قارارىم ،سىنى مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى». دىگەن.
        1972-يىل ئالفانسو XIII نىڭ بىر نەۋرىسى  فىرانكونىڭ ئەڭ ئامراق قىز نەۋرىسى ( قىزىنىڭ قىزى) بىلەن توي قىلغاندا ،سىرتتىكىلەر ئەمدى ئۆزگىرىش يۈزبېرىدۇ دەپ قارىدى. ئۇ چاغدا جۇئان كارلۇس I  بىر تېخى تەخىتكە ئولتۇرمىغان بۇلۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر فىرانكونىڭ نەۋرە كۈي ئوغىلى بولغان ھىلىقى شاھزادىنى قوللاشقا ئۆزگەرگەن ئىدى. ئەمما فىرانكو بۇ سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتمىدى.



ئاخىرى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ

6

تېما

4

دوست

8621

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1477
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 21:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققىتىم بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرىدا........

2

تېما

0

دوست

618

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12830
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 101
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 22:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر 9600 خەتلىك ماقالە،  جۇئان كارلۇس I   مىنىڭ نەزىرىمىدە  خۇددى ئامىرىكا دۆلەت ئاتىسى ۋاشىڭگىتون غا ئوخشاشلا ئالجاناپ شەخسى پەزىلەتكە ئىگە سىياسى شەخىس ،ئىسپانىيەگە 40يىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانىڭ قىلغان فىرانكونىڭ ئىسپانىيەنى دىمكۇراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش خىيالىنىڭ بۇلۇشى ناتايىن ئىدى ، جۇئان كارلۇس I پادىشاھ بۇلۇپ مۇتلاق ھۇقۇققا ئىگە بولسا بۇلاتتى ،بىراق ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ، بەلكى ئسپانىيەنى دىمۇكىراتىيەگە باشلايدۇ، مەن پەقەت بەزى دۆلەتلەردە ۋاشىڭگىتوندەك ، جۇئان كارلۇس I دەك ھۇقۇقنى ئالى جاناپلارچە  خەلىققە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان كىشلەرنىڭ  مۆجىزە خاراكتىرلىك ھالدا چىقىپ قىلىشىمى  تولىمۇ ئارزۇ قىلغاچا ،  بۇ ماقالىنى تەرجىمە قلىۋاتىمەن. يەنە كىلىپ بۇ تېخى يېقىنقى يىللاردىكى ئىشلار ،بەك ئۇزاق يىللار بولمىدى. ئاخىرىنى كىيىن يەنە تەرجىمە  قىلپ يوللايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )