- تىزىملاتقان
- 2012-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3005
- نادىر
- 2
- يازما
- 116
ئۆسۈش
33.5%
|
مەۋلۇت ئىبراھىم
[align=justify] شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4سەنئەت رادىيوسىنىڭ رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم تېكەس ناھىيەسىدە توغۇلغان. باشلانغۇچ،تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تېكەس ناھىيەسىدە تاماملىغاندىن كىيىن ،1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.توختاۋسىز ئىزدىنىش جاسارىتى بولسىلا ھەرقانداق ئارزۇ-ئارمان رىئالىققا ئايلىنىدۇ.1996-يىلى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان مەۋلۇت ئىبراھىم شۇنىڭدىن باشلاپ بالىلىقتىكى ئوتلۇق ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئاخىرى ئىشەندى.ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئۇ 250پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر -ماقالە ئېلان قىلىپ،ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن <<مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر>>بولۇپ باھالاندى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر مۇخبىرلار گۇرپىسىنىڭ باشلىقى،مەكتەپ رادىيو ئۇزىلىنىڭ دېكتورى بولدى.2001-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئاخبارات فاكولتېتى بىرلىشىپ باشقۇرغان<<ياشلىق مىلودىيەسى>> پروگراممىسى تەسىس قىلىنغاندا،ئۇ باشقا 3 ساۋاقدېشى بىلەن بۇ پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.بۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.شۇ يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاپتونۇم رايون بويىچە <<دوستلۇق لوڭقىسى>>نى تالىشىش رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە ئۇ 300دىن ئارتۇق ماھىر ئىچىدە 1-لىكنى قولغا كەلتۈردى.رىياسەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ساھەگە نىسبەتەن مەۋلۇت ئىبراھىمدا ئالاھىدە بىرخىل قىزغىنلىق بار.2001-يىلى 7-ئايدا ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي رىياسەتچىسىگە ئايلاندى.ئۇ بۇ جەرياندا <<ياشلىق مىلودىيەسى>>پروگراممىسىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ،مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ،پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن بۇ پروگراممىنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كوزور پروگراممىسىغا ئايلاندۇردى.
2007-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسى تەسىس قىلغاندا ئۇ بۇ رادىيونىڭ <<شەھەر ئاۋازى>>،<<شاتلىق مىنۇتلىرى>>، <<تۈن تىۋىشلىرى>>قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. نۆۋەتتە مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ پروگراممىلار ئاڭلىغۇچىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان قىززىق پروگراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بولۇپمۇ ئۇ ھازىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساسى قىلغان «شادلىق مىنۇتلىرى» پروگراممىسى بىلەن سىردىشىش تىپىدىكى «تۈن تىۋىشلىرى» پروگراممىسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىزىچىل ھالدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. مەۋلۇت ئىبىراھىم ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 10نەچچە قېتىملىق چوڭ تىپتىكى بېۋاستە ئاڭلىتىش پروگراممىسىنى لاھىيىلەپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى،كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە شان شەرەپلەرگىمۇ نائىل بولدى.
ئۇ ئىشلىگەن ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان 30دىن ئارتۇق پروگرامما مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايون بويىچە 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.2006 -يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن مۇنەۋۋەر دېكتور،رىياسەتچىلەرنى باھالاش پائالىيتىدە «10 مۇنەۋۋەر دېكتور رىياسەتچى»نىڭ بىرى شەرىپىگە ئېرىشتى. 2002-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر يىلى دىگۈدەك ئىستانسا بويىچە «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ كەلدى. ئۇھازىر 17.4سەنئەت رادىيۇسى پروگرامما بۆلىمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
|
|