- تىزىملاتقان
- 2012-9-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 613
- نادىر
- 0
- يازما
- 18
ئۆسۈش
22.6%
|
ئەمەللەرنى ھالال ياكى ھارام قىلىش يالغۇز ئاللانىڭلا ھەققىدۇر، بۇ بىر ئابرويلۇق كىشىنىڭ گېپى بىلەن ياكى ھەرىكىتى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ،ھالال ۋە ھارام ئېنىق بەلگىلەنگەن، سودىنىڭ ھالاللىقى ئىككى تەرەپ رازى بولغان باراۋەر پايدا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ۋە ئېنىق بولۇشتۇر.
ئىسلام دىنى ئېلىم سېتىمدا ۋە ئىنسانلار ئارا بارلىق مۇئامىلىلەردە ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكنىڭ ھەر قانداق شەكلىنى ھارام قىلىدۇ.
ئىسلامدا ھارام قىلىنىغان نەرسىلەرنى سېتىش سېتىۋىلىش ھارامدۇر، نامەلۇم نەرسىلەرنى سېتىش چەكلەنگەن،بازار باھەسى بىلەن ئوينىشىش چەكلەنگەن،مونۇپولىيىچىگە لەنەت قىلىنغان، ئۆز پايدىسى ئۈچۈن بازار باھاسىغا ئارىلىشىۋىلىش چەكلەنگەن، تىجارەتتە ئالداش ناھەق پايدىغا ئېرىشىش ھارام.(دوكتۇر يۇسۇف قەرداۋىي يازغان <ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام> دىگەن كىتاپتىن)
ھالال تىجارەتتە ياكى سودىدا پاي قوشۇش ياكى مەبلەغ سېلىش ياخشى ئىش، لېكىن نۆۋەتتىكى پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەگە شىرىك بولۇپ پايدا ئېلىشنى كۆزلىسىڭىز ئىسلامدىكى شىرىكلىشىىش ياكى تىجارەتتىكى ھالال ھاراملىقلارنى ئېنىق ئايرىپ مۇئامىلىدە بولالامسىز؟
ھالال مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر شىركەت مەبلەغ ئۇچۇن پاي تارقاتسا ھەم شۇ پايچېكلىرىگە مەبلىغىگە قاراپ پايدا زىياننى ئايرىپ تاپاۋەت پايدىسىنى ئايرىسا بۇ ھالال، لېكىن بىز ھازىر دەۋاتقان پاي بازىرىغا كىرىپ پايچەك سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىشى سەۋەبىدىن پېيىنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ ئازلىشى سەۋەبىدىن قىممىتى چۈشۈپ (بۇ مۇتلەق ئەمەس ،باشقا سەۋەبلەرمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە) پايچىكلارنىڭ تاپاۋىتى شۇ شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش سەۋەبىدىن ئەمەس شۇ شىركەتنىڭ پايچېكىنىڭ ئۆرلەپ چۈشۈشىدىن كەلسە سىزنىڭچە بۇسودا ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ پايچىكىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ چۈشۈشى شۇ شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر قانچە پاي مونۇپۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھەم بىر تۈركۈم ئەگەشكۈچى ئەخمەقلەنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىدىن پەيدا بولىدىغانلىقى، پايچەك بازىرىنىڭ ئەمىليەتتە بىر تۈركۈم ئەقىلىققلار بىلەن ئەخمەقلەر ھەم تەلەيلىكلەر بىلەن تەلەيسىزلەر ئوتتۇرسىدىكى ئويۇن ئىكەنلىكىنى پايچەك ئويناپ باققانلار بىلىدۇ، پايچىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقانلار ئەمىليەتتە ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ھالالدىن تېپىۋاتىمىز دىيىشى مۇمكىن، ئەمىليەتتە ئۇ ئەقلىنى شۇ بىرتۈركۈم تەلەيلىكلەر قاتارىدا تۇرۇپ تەلەيسىزلەر توپىدىكى ئەخمەقلەرنى ئەخمەق قىلىش ئۇچۈن ئىشلىتىدۇ، بۈگۈن ئېلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ساتىدىغان پاي ئۈچۈن پاي بازىرىدىكى ئەقىللىقلار ئۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايدۇ بەلكى شۇ پايغا قانچىلىك ئەخمەقنىڭ قىزىقىپ شۇ پايدىن ئۆزىگە قانچىلىك پايدا يارىتىشنى كۆزلەيدۇ،
ئەمدى ئويلىنىپ بېقىڭ، بۇ توپقا قوشۇلسىڭىز بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟پېقىرنىڭ كۆز قارىشىچە پايچېكىدىن باي بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى پاي قوشقان شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ زورىيىپ شىركەتنىڭ پاي پايدىسىنى بۆلۈشىدىن باي بولمايدۇ،بەلكى پاينى توختىماستىن ئالماشتۇرۇپ ئارىدىكى پايدىدىن بېيىيدۇ، ئەلۋەتتە پايدا تەقسىماتتىن قولى پۇل كۆرىدىغانلارمۇ بار.
خۇلاسە كالام، پايچەكنىڭ خاراكتېىرى پېقىرنىڭ كۆز قارىشى بويىچە يوقۇرقىدەك بولغاچقا مەن ئۇنى ھارام دەپ قارايمەن، بىر مۇسۇلمان ئۆزىگە ھارام كۆرگەننى ئۆزگىگىمۇ(ئۇ ھەتتا كاپىر بولسىمۇ) ھارام كۆرۈشى زۆرۈر بولغاچقا دوسلارغا بۇ پايچەك ئويناشنى ھارام دىدىم،توغىرسىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھدۇر، ھارامنى قىلىپ سالماسلىق ئۈچۈن گۇمانلىق نەرسىلەردىن ساقلىنىش لازىمدۇر، ھەممە كىشى ئۆز ئەمەللىرىگە قىيامەتتە ئۆزى جاۋاپكاردۇر. |
|