- تىزىملاتقان
- 2013-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 208
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
0%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !
گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمىدىم . ئاۋال ئۆز ئەھۋالىمنىى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مەن تىېخى يېقىندىلا ئىچكىردىكى 7يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ھىچقانداق بىر ئىمتاھانغا قاتناشمايلا دولەت كەسپى مەمۇرى بۇلۇپ قالدىم . يەنى ئىختىساسلىقلارنى قۇبۇل قىىش پىلانى بويىچە ئىمتاھانسىز قۇبۇل قلىنغان . ئوقۇغان كەسپىم شەھەر پىلانلاش كەسپىدە ئوقۇغان ئىدىم . مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەشنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان . لىكىن ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئالدىدا سىناپ بېقىش نىيىتىدە ئىشلىگەنچە ھازىر ئىشلەۋاتقىلى 7ئاي بوپتۇ . ئۆيدىلىكەر مېنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا خىزمەت تاپتى دەپ بەكلا خوشال . يەنە نۇرغۇن ئادەملەر ھەۋەس قىلىپ ئاۋارە . لېكىن بۇ يەتتە ئاي ۋاقىتتا بەرەر كۈنمۇ ئۆز خىزمىتىمدىن رازى بولۇپ باقمىدىم . شۇنچىلىك زىرىكىشلىك ، شۇنچىلىك تۇرغۇن خىزمەت . ھەركۈنى ئوخشاش بىر ئىش .
نەچچە قىتىم خىزمەتنى تاشلا بىرەر لاھىيلەش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەي دەپ ئويلىغان . لېكىن شەھەر پىلانلاش كەسپى بىناكارلىق لاھىيلەش ئورنىدا قۇشۇمچە ئۇرۇندا تۇردىغان بولغاچقا تازا ئىستىقبالى بولمايتتى. شىنجاڭدا شەھەر پىلانلاش لاھىيلەش ئورۇنىدىن ئانچە جىق ئەمەس . شۇڭا كۈندە شۇنداق ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمنى ئىشلىتىدىغان ئۇرۇن تاپالماي بۇرۇختۇم بۇلۇپ يۇرۇيمەن . نەچچە قېتىم خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشنى ئويلۇدۇم ،لىكىن جۈرئەت قىلالمىدىم . تورمۇش شۇنچىلىك مەنىسىزدەكلا ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى بىرخىللا قېلىپتا . خىزمەتكە چىقىش ، توي قىلىش ، قەرىز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىش ، قەرىز قايتۇرۇش ،،،،،،ئەنەشۇنداق . بۇ قىسقىغىنە ھاياتنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئويلاندىغان ، باش قاتتۇردىغان بولۇپ قالدىم . ھەرخىل چىگىش خىياللار ، لىكىن ھەممىسى جاۋاپسىز ،،،،
كەسپىنىڭ ئىستىقبالى بولسۇن بولمىسۇن لاھىيلەش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەشنى ئويلۇشۇپ ئاران بىر دىگەندە بىر قارارغا كەلگەندە بوينۇم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى . دوختۇرغا تەكشۇرتسەم بويۇن ئومۇرتقىسىدا ئازراق مەسلە باركەن دەيدۇ . زادى قانداق قىلىشىمنى قايسى يولغا مېڭىشىمنى زادى بىلمىدىم. زادى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلمايمۇ باشقا چىقىش يولى يوقمىدۇ . باشقىلار ،ئاتا - ئانىلىرىمىز ھەممىسى بىزەگە ئۆزى كۆنگەن يولنى زورلايدىكەن . شۇڭا توردىكى ئۇستازلارنىڭ ماڭا بىر يول كۆرسىتىشنى ئۈمۈت قىلىمەن!~ |
|