جۇڭگونىڭ تەلىم –تەربىيە مۇھىتىدا لىن شۇخاۋدەك بىرەرىنى تەربىيلەپ چىقىش مۇمكىن بۇلارمۇ ؟
جۇڭگولوق مۇھاجىر پۇشتىدىن بولغان NBAتوپچىسى لىن شۇخاۋ چىقارغان "لىن قۇيۇنى " شىددەت بىلەن پۈتكۈل يەر شارىغا تارقالدى . لىن شۇخاۋنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىن ئۇنىڭ ۋاسكىتبولغا بولغان قىزىقىشىنى يىتلدۈرگەن بۇلۇپ ، خارۋاردنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن MBA(سودا-سانائەت باشقۇرۇش بۇيىچە ماگىستىرلىق)تا ئۇقۇشنى ئەمەس بەلكى NBA بېرىش قارارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان ھەم ئاخىر مۇشۇنداق ئۇتۇقلارنى قازانغان ، ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ تەلىم –تەربىيە مۇھىتىدا لىن شۇخاۋدەك بىرەرىنى تەربىيلەپ چىقىش مۇمكىن بۇلارمۇ ؟
بېيجىڭ ئونۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىنىق قىلىپ ئەسلىدىكى يەتتە مەكتەپ بىرلىشىپ ئالدىغان ئىمتىھاننىڭ ئون ئۈچ مەكتەپكە كىڭەيگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندىن كىيىن ، "تارىختىكى ئەڭ ئىسىل " ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش جىڭى باشلاندى ، بېيجىڭ ، چىڭخوا ئونۋىرستىتىلىرى ئايرىم –ئايرىم باشقا ئونۋىرستىتلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش گوروھى قۇردى ، كەينىدىلا جىنەن قاتارلىق 8 سانائەت ۋە تەبئىي پەنلەر ئونۋىرستىت ئۆز ئارا ئىتتىپاق قۇروپ ، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تالىشىشى جىڭىگە كىرىپ كەتتى ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى ، بىراق بۇ قىتىمقىسى كۈلەم ۋە كۈچ جەھەتتىن ئۇخشىمايدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر بۇنى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يىڭى نىشانى ياكى ئۈمىدى دەپ قاراۋاتىدۇ .
بۇ بەك كۈلكىلىك گەپ بۇپتۇ. بۇقىتىمقى ئىسلاھات تۈۋەندىكىدەك خاتالىقلارنى ئۈتكۈزگەن ، ئەگەر ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن يىڭىش –يىڭىلىش بەلگىلىندىغان بولسا ، ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن پەرقى يوق بۇلۇپلا قالماي بەلكى يەنە بىر يىلدا تۆت قىتىم ئىمتىھان ئالغانغا تەڭ بۇلۇپ قالىدۇ . ئەسلىدە بىرپىچاقتىلا يا ئۇيان يا بۇيان بۇلدىغان ئىش ئەمدىلىكتە تۆت قىتىمغا ئۆزگۈرۈپ ئاستا-ئاستا جىنىنى ئالغاندەك بۇلۇپ قالدى ، ئۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ئەگەر نەتىجىگە قاراپلا بىكىتسىڭىز ،ياكى نەتىجە ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ قارىسىڭىز ، تىخمۇ مۇرەككەپرەك بىرنىمىلەرنى قىلسىڭىز بۇلىدىغۇ؟ مەسلەن ئولۇمپىك ماتىماتىكىسى دىگەندەك . بىراق بۇ تۇغۇرلۇق ئاتا-ئانىلارغا يەنە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ، بالىڭىزنىڭ ئىجادچانلىقىنى ھەرگىز بۇغۇپ قويماڭ ، ئولۇمپىك ماتىماتىكىسى دىگەندەكلەر دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ناچار ئىمتىھاننىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن كۆرە قىزىڭىزنى "ئادەتتىن تاشقىرى قىز " دىگەندەكلەرگە قاتناشتۇرۇڭ ، مىنىڭچە ئۇنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئىجادچانلىقى بار ، ناخشا بولسىمۇ ئېيتالايدۇ ، ھەممىمىز ماتىماتىك چىن شېڭ شىننى بىلىمىز ، ئاخىرقى نەچچە يىلدا ئۇ نەنكەي ئونۋىرستىتىدا ئىدى ، ئو يەردە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا چۇقىناتتى ، ئۇچرىشىپ قالسىلا ، چىن مۇئەللىم بۇ ئولۇمپىك مەسلىنى قانداق يىشىدۇ ؟ دەپ تۇرىۋالاتتى ، ئۇ بىرەسىنىمۇ يىشەلىگەن ئەمەس ، نىمىشقا ؟چۈنكى ئۇھەقىقى مەنىدىكى ماتىماتىكا ئەمەس .
بىر يول ئالىي مەلتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەكرارلىنىشى، يەنە بىرى بولسا ئولۇمپىك ماتىماتىكىسىنىڭ تەكرارلىنىشى بەك ئېچىنىشلىق ! يەنە باشقا يول بارمۇ ؟ يەنە ئۈچىنچى يولمۇ بار، يەنى ئامىرىكىغا ئوخشاش باشقا ئۇسوللار بىلەن ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ، پىشقەدەم پىراففىسورنى خوش قىلالاسىڭىزلا قۇبۇل قىلىندىڭىز دىگەن گەپ ،بۇدىگىنى پىشقەدەم پىراففىسور سىزنىڭ بۇ جەھەتتە تالانتى بار ئىكەن دەپ قارىسىلا قۇبۇل قىلىنىسىز دىگەن گەپ . بۇرۇن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەسئول بۇلۇش تۈزىمى دەپ ئاتىلاتتى ،ھازىر پىراففىسور مەسئول بۇلۇش تۈزىمى دەپ ئاتىلىدۇ ، بىراق بۇ پىراففىسور دىگىنى ئىشەنچىلىك ئەمەس . تۇنۇشتۇرۇش خىتى ، ئالاھىدىلىكى ، قانداق ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دىگەندەكلەر، مەسلەن گولىف توپ ئوينىيالامسىز؟سىزگە دىسەم مۇشۇلارنى ئويلىشىپ قۇبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە تەلىم –تەربىيە پىرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولىسىز ، بۇ ئادىللىق ئەمەس .
ئۇيلاپ باقمامسىز ، تۇنۇشتۇرۇش خىتىغا سىز ئىشىنەمسىز ؟ تەيۋەندە بۇنداق ئىشلار ساماندەك ، سىنىپ باشلىقىغا نۇمۇر قۇشىلىدۇ دىسە بىر سىنىپتىن ئون نەچچە سىنىپ باشلىقى سايلايدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىغۇ ؟ مەسلەن ، رىيال چىلىش ماھارىتى 10-دەرىجە بولغان بولسا ئۇ چۇقۇم يالغان ، ئۇنداق بولمىغان بولسا شۇ خىل تالانتى بارلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىق بۇلىدۇ ، چۈنكى قىسقىچە تەرجىمھالى ياخشى يىزىلغان، تەجىرىبىسى كۆپ بولغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ھىلىقىدەك ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى، ئوقۇتقۇچى مەنبەسى ياخشى مەكتەپتە ئوقىغانلار ، رىيالنى كىم شۇنداق 10-دەرىجىگىچە ئۆگىنەلەيدۇ ؟ سوراش ھاجەتسىز ، چۇقۇم بايلارنىڭ باللىرى .ئۇنداقتا باشقا پائالىيەتلەرچۇ ، ئەلۋەتتە پۇلى بارلار ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ . ئائىلىڭىزنىڭ ھوقوقى بولسىلا مۇدىردىن چۇقۇم ئەڭ ياخشى تۇنۇشتۇرۇش خىتىگە ئېرىشەلەيسىز ، بۇنىسى چۇقۇم . ئۇنداقتا ئىمتىھان نەتىجىسى ، ئولىمپىك ماتىماتىكىسىدىن باشقىلىرمۇ بولمىغىدەك ، ئادىل بولمىغىدەك . شۇنداق تۇرسا سىز يەنە بىر يىڭى ئىسلاھات يۇلى دەپ ئېيتالامسىز ؟ خاتالاشتىڭىز ، بۇ چىرىكلىكنىڭ باشلىنىشى .
تەيۋەن ،شاڭگاڭ ،چوڭ قۇرۇقلۇقلارنىڭ مائارىپ تۈزىمىدە نىمىشقا بىر ئىمتىھان بىلەنلا تەقدىرىنى بەلگىلەش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ ؟ پەقەتلا ئادىللىق بولمىغان سېستىمىدا (ئاپتور بۇ يەردە مائارىپنى دىمەكچى) سىز مۇشۇ تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئادىل بۇلدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ قالىسىز . بۇ تۇزۇم يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئاغرىنىشمۇ ئەڭ ئاز بۇلىدۇ . ئەگەر بىر ئادىل سىستىما بولغان بولسا ،مەسلەن ئامىركىدەك ، بىرلا ئىمتىھان بىلەن تەقدىرنى بەلگىلەشنىڭ ھاجىتى يوق . ئۇسسول ئوينىيالامسىز، ناخشا ئېيتالامسىز ، ئىجدىمائى تەشكىلات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ باققانمۇ ؟ ئىجدىمائى خىزمەت ئىشلەپ باققانمۇ ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل باھالىنىدۇ ، ئائىلىڭىزنىڭ ھوقوقى ، پۇلى بولسىلا بىرنى ياسىۋالغىلى بولمايدۇ ، ئامىركىدا بۇ قاتتىق باشقۇرىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرىكىدا ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ تۇرغان چىغىمدا ھەم ئامىركىدىكى ئۇقۇتقۇچىلار تۇنۇشتۇرۇش خىتى يازغاندا بەكمۇ دىققەت قىلىدۇ ، نىمىشقا ؟ چۈنكى مەكتەپ مەن تۇنۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىنىڭ ناچارلىقىنى ، ئۇلارنى ئالدىغانلىقىمنى بىلىپ قالسا مەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزىلىمەن ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھېچكىم مىنىڭ يازغانلىرىمغا ئىشەنمەيدۇ ، بۇ كەسىپتە كۈن ئالمىقىم تەس بۇلۇپ قالىدۇ ، بۇنى بەك ئېغىر ئالىدۇ ، شۇڭا تۇنۇشتۇرۇش خىتىنى بەكمۇ دىققەت قىلىپ ، ئەستايدىل يازىمىز ،مانا بۇ ئادىللىق ، ئامىركىنىڭ بارلىق سىستىمىلىرى ئادىل ئىش ئىلىپ بارىدۇ ، شۇڭا ئۇلار ئىمتىھانسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ . مائارىپ سىستىمىسىنىڭ ئادىللىقى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ ، بىرى ئادىل بولغان تاللاش سېستىمىسى ، يەنە بىرى ئادىل بولغان ئاساسى مائارىپ . ھازىرقى مەسلە بىز گىپىنى قىلىۋاتقان ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تىگىدىنلا ئادىل بولمىغان ، بۇلارنىڭ ئىككىسىلا بىزدە يوق ، شۇڭا بۇ ئىسلاھات چۇقۇم مەغلوپ بۇلىدۇ.
ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىغاندا ئۇلار مۇشۇ خىل قۇبۇل قىلىش ئۇسۇل ئارقىلىق پەرزەتلىرىنىڭ كارىپ بىلىقىنىڭ ئەجدىھا قۇۋۇقتىن ئۈتۈپ ئەجدىھا بولغىنىدەك بىر قىتىملىق پۇرسەت بۇلۇپ قىلىشىنى ئارزو قىلىدۇ . ئوبىكتىپ ئەمەليەتتىنى چىقىش قىلغاندا بۇ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ . جۇڭگودا ھەممىدىن كىچىك بالا بولماق تەس ، خۇشال-خورام ئوينايدىغان بالىلىقىنى كىتابقا ، مۇئەللىمنىڭ مەسللىرىنى يىشىشىكە تىگىشۋىتىپ ،ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ .
مەن شاڭگاڭ ئونۋىرستىتىدا تۆت يىل ئۇقۇتقۇچىلىق قىلدىم ، تۇلۇق كۇرس ئۇقۇغۇچىلىرىغا دەرىسكە كىرىشنى ياقتۇرىمەن ، ئاسپىرانتلارنى ياقتۇرمايمەن ، چۈنكى تۇلۇق كۇرس ئۇقۇغۇچىلىرى يىقىشلىق ھەم ساددا ، مەكتەپ پۈتتۈردىغان چاغدا نۇرغۇن ئىچكىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مىنىڭدىن ئاتا-ئانام مىنىڭ بۇ يەردە بىر-ئىككى يىل ئىشلەپ ، ئاندىن ئىچكىرگە قايتىشنى داۋاتىدۇ ، سىزنىڭچە قانداق قىلسام بۇلار؟ دەپ سورىدى . مەن ئۇلارغا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىماڭلار ، ئۇلار نىمىنى بىلىدۇ ؟ئۇلار شاڭگاڭدا ئوقۇپ باققانمۇ ؟ ئامىركىغا كىلىپ باققانمۇ ؟ بۇ ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئىش قىلىشقا مەجبورلىغىنى ، بۇ سىلەرنى قىيناشتىن باشقا بىر ئىش ئەمەس ھەم ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىلدىغان ئىشىمۇ ئەمەس ، ئۇلار قاچان سىلەرنىڭ ئارزويۇڭلارغا ھۆرمەت قىلىپ باققان ؟ دىدىم .
مىنىڭ بىر تۇققىنىمنىڭ بالىسى( كىچىك تىلشۇناسلىق ئىنىستىتوتى)غا قۇبۇل قىلىنپتۇ ، زادى ئوقۇش كېرەكمۇ ؟ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ھەممىسى تالاش-تارتىش قىلىپ كەتتى . ئەزەلدىن تىشۇناسلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغانلار بىلەن نىمىگە تالاش-تارتىش قىلىدۇ ؟بۇ نىمىدىگەن كۈلكىلىك –ھە؟ ئاتا-ئانىسى ، بۇۋا-مۇمىسى ، تۇققانلىرى تالش –تارتىش قىلىپ نىمىگە ئېرىشمەكچى ؟بىر نەچچە چوڭ ھۈكۈمران ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ بىرلەشمە ئىمتىھان تۈزىمى دىگەن نىمىنى كۈتىرىپ چىقسا، سىلەر قۇپۇپ باللىرىڭلارنى مەجبورى بۇ (گۆش قىيمىلاش ماشىنىسى)غا ئىتتىرۋاتىسىلەر ، ئۇلارنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى، بالىلىقىنى ئۆز قۇلۇڭلار بىلەن ۋەيران قىلىۋاتىسىلەر . مانا بۇ بىز قىلىۋاتقان ياخشى ئىش .
ئاتا-ئانىلار شۇنى بىلىڭلاركى ، بىر بالىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ھەرگىز ئۇنىڭ بىر ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن ئەمەس بەلكى توپلىغان تۇرمۇش جۇغلانمىلىرى بىلەن ۋوجودقا چىقىدۇ ، پەرزەنتىڭىزنى تازا ئوقۇتۇپ بېيجىڭ ،چىڭخوا ئونۋىرستىتىغا ئوقۇشقا بەرسىڭىزلا ئۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ قالمايدۇ ، ئىش بۇنداق ئاددى ئەمەس ، چۈنكى بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشىنىڭ چۇقۇم ئۇزۇن مەزگىل توپلىغان تەجىربە ، جۇغلانمىلىرى بۇلىدۇ ،شۇڭا پەرزەنتىڭىزدا تۇرمۇشقا بولغان ئارزو-غايە يىتىلدۈرۈڭ ، بۇ ھەممىدىن مۇھىم ، بىراق بىز ھازىر ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتىمىز ، مەن تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا پادىچىلار سىنىپغا بۈلۈنگەن ئىدىم ، 14 ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى ، بۇدىگىنى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى يوق سىنىپ دىگەنلىك . شۇ چاغدا مەن ياغاچچىلىقنى ئۈگىنىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلىمەكچى بولغان ، بۇ تۈزۈمگە چىش –تىرنىقىمغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم ، ئۆزۈمنى مىسال قىلىش ئاتا-ئانىلارغا شۇنى دىمەكچى مەن تۇلۇقسىزنى پادىچىلار سىنىپىدا ئوقىغان ،ئۇرۇلۇپ سۇقۇلۇپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە تۇلۇق ئۇتتۇرغا قۇبۇل قىلىنغان ، ئالىي مەكتەپكىمۇ 2-تۈركۈمدە قۇبۇل قىلىنغان ئىدىم . ئەگەر مىنى ھازىر ياخشى كۈن ئىلىۋاتىدۇ دەپ قارىساڭلار ، سىلەرگە شۇنى دەپ قۇياي ، بىر بالىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئۇ توپلىغان تۇرمۇش جۇغلانمىلىرى بىلەن ۋوجودقا چىقىدۇ ،ھەرگىزمۇ ئاشۇ چاقناپ تۇرغان داڭلىق مەكتەپلەرنى دەپ پەرزەنتىڭىزنى ئۆزى تاللىغان كىشلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىشكە مەجبورلىماڭ .
|