- تىزىملاتقان
- 2013-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2268
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
8.93%
|
[align=justify] ئولتۇراق رايۇن،ئىسمىڭ نىمە؟
بىر يولۇچى تاكسىغا چىقتى ۋە ‹‹جويۇشوۋچىغا ئاپىرىپ قويۇڭا ئۇكام››.
تاكسى شوپۇرى:ــ نىمە دېدىڭىز؟
ــ تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيى جويۇشوۋچىدە ئىدى،تۇغقۇنۇم شۇنداق دەپ بەرگەن.....
ــ ھە،جاۋيۈ شىياۋچۈ دەڭ،ماقۇل.
ــ شوپۇر ئۇكام،جىشىخىيەگە ئاپىرىپ قويۇڭا؟
ــ نىمە دەيسىز؟نەدە ئۇنداق يەر باركەن؟
ــ ئوغلۇمنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى.پارتىيە مەكتىپى تەرەپتىكى بېنا.
ــ ھە، جىنشىڭ خۇۋايۈەن دەڭا.
ــ ھە شۇنداقمۇ،بۇ شەھەردىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيى بار مەھەللىگە ئادەمنىڭ يا تىلى كەلمىگەن.بۇرۇن قەشقەر مەھەللىسىگە، تېرەك كوچىسىغا،بورا بازىرىغا......دەپلا سورىساق،تۇغقانلارنىڭ ئۆيىنى ئاسانلا تېپىۋالاتتۇق.ھازىر ،ھەيييييي....
ھازىر شەھەرلەردە مۇشۇنداق دىئالوگلار داۋاملىق دېيىلىپ تۇرىدىغان بولدى.ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ ئىسمىنى ھېلىغۇ سەھرادىن كەلگەنلەركەن، شۇ شەھەردىكى ۋە شۇ ئولتۇراق رايۇندا ئولتۇرىۋاتقان بىر قىسىم ‹‹قوش تىللىق››ئەمەس شەھەر ئاھالىللىرىمۇ توغرا دېيەلمەيدۇ.
مەن ناھىيەمىزدە سېلىنغان نۇرغۇن ئولتۇراق بېنالار سېلىنغان ئولتۇراق رايۇنلارغا قاراپ باقسام، ئولتۇراق رايۇن نامى ئاساسەن دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا پەقەت خەنزۇچىلا يېزىلىپتۇ،ئۇيغۇرچىسى زادىلا يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ خەنزۇچە نامى ۋە ئۇيغۇرچە مەناسى شۇنداق چىرايلىق بولغىنى بىلەن، بەزى ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسا قاملاشمىغان مەنا چىقىدۇ.ئويلاپ قالدىم ،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ‹‹مىللىي تېرىتۇرىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنى››ۋە ‹‹تىل-يېزىق قانۇنى››قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نېزاملىرىدا مىللىي ئاپتۇنومىيەلىك رايونلاردا يەر-جاي ناملىرى،ھەر خىل ۋىۋىسكا،شۇئار،ھۆجەتلەر ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلىشى كېرەكلىكى ھەمدە قايسىسىنىڭ چوڭ ۋە ئۈستىگە،ئوڭ تەرەپكە يېزىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان.ئەجىبا،قۇرۇلۇش سالغۇچى خوجايىنلار،قۇرۇلۇشنى باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارماقلار بۇ قانۇننى بىلمەمدىغاندۇ ھەم تىل-يېزىقنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بۇنداق ئىشلارغا نازارەتچىلىك قىلىپ تەرتىپكە سېلىپ تۈزىمەمدىغاندۇ؟قۇرۇلۇش خوجايىنلىرى ياكى قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ئولتۇراق بېنا سالىدىغان چاغدا يەرلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت نۇرغۇن كادىر كۈچى ئاجىرتىپ،ئاممىغا تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى ئىشلەپ كۆچۈرۈپ –چېقىش ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ،ھەتتا كۆڭۈلسىزلىك تارتىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ ،ئامال قىلىپ بېنا سالىدىغان يەرنى بېكارلاپ تەييارلاپ بېرىدۇ.يەرلىك كادىر ۋە پۇقرالار يۇۋاشلىق بىلەن بېنا سېلىشقا،قىسقىسى پۇل تېپىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتسا،قۇرۇلۇش سالغۇچىلار نىمىشقا قانۇنغا،يەرلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت،ئاۋامنىڭ ھېسىياتىغا ھۆرمەت قىلىپ،ئولتۇراق رايون نامىنى شۇ يۇرت،شۇ بېنا سېلىنىدىغان جاينىڭ ئەزەلدىن قوللۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي نامىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قويۇشقا ھەم ئۇيغۇرچە يېزىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ؟ بۇ خىل ناتوغرا ھادىسە بىزنىڭ ناھىيەدىلا ئەمەس،ھەممە يۇرتتا بولۇشى مۈمكىن.مېنىڭچە، بۇ كىچىك ئىش ئەمەس.ھازىرقىدەك مەدەنىيلىك،ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى،فوكىسىيەلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ،بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ،مىللىي ھېسىياتقا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تۈپتىن تۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:ئۆزۈم.
|
|