قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4496|ئىنكاس: 38

[ دولان ] يۇرتىمىزدا قالون بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

94

تېما

3

دوست

4406

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 974
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 484
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-4 19:20  

يۇرتىمىزدا قالون بار
قادىر روزى دولان


    1992-يىلى 8-ئاي مەزگىلى ئىدى، ئەينى ۋاقىتتىكى مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتىيىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مەرھۇم مامۇتىپ قۇربان ئەپەندى « جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىھقانلارنىڭ سېلىقى ئېغىر بولۇش »مەسىلىسىنى تەكشۇرگىلى كەلگەندە، مەكىت ناھىيەسىدىكى خىزمەتلارنى تەكشۇرۈپ بولۇپ كەچلىك تاماقتا مۇنداق دىگەن ئىدى ( مەن ئۇ ۋاقىتتا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى بۇلوپ تەكشۇرىشتە بىرگە بولغان ).
    -دىھقانلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋالدا قاپتۇ، بونداق ھالەت ھاكىمىيەت يۇرگۇزگىچى پارتىيە ئۇچۇنمۇ خەتەرلىك، پارتىيەمىز خەلقنى ئويلايدىغان پارتىيە، ھازىرتۆۋەندىكى ھۇقۇق يۈرگۈزگىچى « لەببەيچىلەر »  ئاۋامنىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىپ ئۆز خەلقىنى بەكلا قىيناپ كىتىپتۇ، بۇ ئىشلارنى مەركەز بىلمەيدۇ، مەن قايىتقاندىن كىيىن ئەينەن ئەھۋالنى مەركەز رەھبەرلىرىگە ئىنكاس قىلىمەن، بۇنداق ھالەت چۇقۇم ئۆزگىرىدۇ.سىلەر ئىشىنىڭلار-دىدى ۋە.
-مارالبىشدا مەلۇم يىزىنى كۆرگەندە مۇنداق ئەھۋالنى كۆردىم-دىدى ئۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا، ھەممىمىز جىمجىت مەرھۇم رەھبەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدۇق.
-يىراق باياۋاندىكى بىر مويسىپىت بۇۋاينىڭ ئۆيىگە كىردىم، ئۆينى ئۆزى سوقما تام قىلىپ سېلىۋالغان ئىكەن، ئالدىمغا بىر چىنە قىتىق بىلەن زاغرا قويدى، ئەسلى بۇ ئۆينى يەرلىك « لەببەيچىلەر » كۆرسىتىشكەتەييارلىغان ئەمەس مەن ئۆزەم بارغان ئىدىم، ئائىلە شارائىتى شۇنداق ناچار ئىدى .

مەن بۇۋايدىن.
-تاغا قانداق بولۇپ بۇ ئادەسىز جاڭگالغا كىلىپ قالدىلا؟ سىلىنىڭ تىرىلغۇ يەرلىرى يوقمۇ؟-دەپ سورىسام بوۋاي.
   -ۋاي باشلىق ئەپەندى نىمىسىنى سورايلا، مەن ئەجدادىمدىن تارتىپ تۇغما دىھقان، مىنىڭ ئەسلى مارالبىشىنىڭXX يىزا XXكەنىتتە 42 مو يىرىم ۋە ئولتۇرۇشلۇق  ئۆيىممۇ بار ئىدى، مىنىڭ بەش بالام بار،ھەممىسى ئۆيلىك-ئۇچاقلىق بولۇپ بولدى، مەن مەزلۇمۇم بىلەن ئىككىمىز يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بالىلارغا بىرىپ بەش مو يەر ئەپ قالغان، يەرمۇ مۇنبەت يەر ئىدى، ئىككى مويەرگە ئاشلىق تېرىپ، ئۇچ مو يەرگە كىۋەز تېرىغان، قاچان پەيدا بولدى بۇ « بەشتەبىر تۇتاش » دىگەن گەپ، بەش مو يەر ئۇچۇن ھەر يىلى 20 نەچچە خىل سېلىق تۆلەپ، ئۇچ مو يەرنىڭ كىۋىزىنىڭ پۇلى يىتىشمەي، ئۆيدىكى قوي، كالا، ئىشەكنى سېتىپ سېلىق تۆلىدۇق، ئاخىرى ناننى ئۆيدە يەپ ئىشلەپمۇ قەرىزدىن قۇتۇلالماي « ھەممەبالا قازانىڭ مەنبىيى مۇشۇ يەر ئىكەن » دەپ يەرنى تاشلاپ بىرىپ، مۇشۇ ئادەمسىزجاڭگالدا كەپە ياساپ ئىككى مو يەر ئېچىپ جان ساقلاۋاتىمىز، بۇ يەرگە « شودىيجاڭمۇ ئىزدەپ كەلمەيدىكەن » قۇلىقىمىزمۇ خەلى تىنجىپ، خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق- دىدى، مەن
-تاغا مۇشۇنداق ناھەقچىلىققا ئۇچرىغاندا قانۇن ئارقىلىق ئۆزەڭلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدىمىدىڭلارمۇ؟-دەپ سورىسام بۇۋاي كۇلۈپ كىتىپ.
-ھەي باشلىق ئەپەندى،مەن بۇيىل 76 ياشقا كىردىم، بۇ ئۆمرىمدە قانۇن دىگەننى ئاڭلىدىم كۆرۈپ باقمىدىم،لىكىن بىزنىڭ يۇرىتتا قالۇن بار-دىدى.
مەن قالۇن دىگەننى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، شۇڭا بۇۋايدىن.
  -قالۇن دىگەن نېمە ئۇ-دەپ سورىسام، بوۋاي
  -باشلىق ئەپەندى بىزنىڭ بۇ دولان يۇرتىدا قالون دىگەن بىر چالغۇ ساز بار، ئۇنى كىم قولىغائالسا شۇ ئۆزى بىلگەن پەدىگە چالىدۇ، بىرسى تۇزگەن پەدىگە يەنە بىرسى چالمايدۇ،سىلى دىگەن « قانۇن » ئاشۇ « قالۇن » شۇمىكى دەيمەن-دىدى.
    -مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم، بىزئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا « دىھقاننىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن » دەيمىز،قاراڭلار ئاشۇ بۇۋاي « جەنۇپتىكى ھەقىقى ئەھۋالنى ناھايىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بەردى » دىمىسىمۇ يەرلىكتىكى « لەببەيچىلەر » خۇجايىنىغا چىرايلىق كۆرىنىش ئۇچۇن خەلقنى بەك قىيناپ كىتىپتۇ ، قىنى ئۇلاردىكى ئادىمىيلىك؟، قىنى ئۇلاردىكى ئىمان-ئىتىقاد؟، ئۆز خەلقىنىڭ بىشىدا ياڭاق چاقسا، پارتىيە، ھۆكۇمەتمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئاللا راۋا كۇرەرمۇ؟، ئۇلار ئۆلمەسمۇ؟ ئۆلسە جىنازىسىنى ئاشۇ قېرىنداشلىرى كۆتىرىدىغۇ؟-دىدى مامۇتوپ ئەپەندى رەنجىگەن ھالدا.
........
  بۇ قالۇن ئۇشبۇ يۇرىتلاردا ئىزچىل تا بۇگۇنگىچە چېلىنىۋاتىدۇ.


قادىر روزى دولان
ئادرىس: مەكىت ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى


ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار،سىللەرنىڭ مەن يوللىغان ۋە باشقىلار يوللىغان ھەرقانداق ئەسەرگە ئالدىراپ ئىنكاس يىزىشىڭلار مۇھىم ئەمەس، مەن سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئەسەرنى كۇرۈپ  سۇغۇق قانلىق بىلەن ئەقىل كۇزىڭلاردىن ئۆتكۇزۈپ ، بىر-ئىككى قىتىم كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يىزىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن.

سۇ بويىدا سۇغا م

0

تېما

0

دوست

507

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10579
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 116
تۆھپە : 75
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 02:55:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزدا بۇرۇنمۇ قالۇننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىپ،ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن قالۇنچىلار بولغان،ھەم بۇندىن كېيىنمۇ چۇقۇم چىقىدۇ.
سۇ بويىدا سۇغا مەن تەشنا ،لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

2909

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 638
تۆھپە : 459
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 04:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<...بىرسى تۈزگەن پەدىگە يەنە بىرسى چالمايدۇ...>> نېمە دېگەن ئوبرازلىق،نېمە دېگەن جانلىق ئوخشىتىش بۇ!

0

تېما

0

دوست

766

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8620
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 171
تۆھپە : 121
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 08:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار،سىللەرنىڭ مەن يوللىغان ۋە باشقىلار يوللىغان ھەرقانداق ئەسەرگە ئالدىراپ ئىنكاس يىزىشىڭلار مۇھىم ئەمەس، مەن سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئەسەرنى كۇرۈپ  سۇغۇق قانلىق بىلەن ئەقىل كۇزىڭلاردىن ئۆتكۇزۈپ ، بىر-ئىككى قىتىم كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يىزىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن.
   قادىر دولاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى بارلىق مۇنبەرداشلارغا يەنە بىر تەكىتلىگىم كەلدى.قادىر دولاننىڭ نادىر تېمىلىرىغا يامان كۆزلەر تەگمىگەي...
بىرقىسىم مۇنبەرداشلار قوساق كۆپۈگىنى ،ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈنلا خۇددى ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىسى باردەك،يەڭگىللىك بىلەن پىكىر قىلىپ،ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايۋاتىدۇ.سۆز ئويۇنى ئويناپ ،ئاساسى تېمىدىن چەتنەپ شەخسكە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. مۇنبەردە تۈنۈگۈنلا بوزقىرنىڭ «شىنجاڭ ، بىز ساڭا يۈز كېلەلمەيمىز»دىگەن بىر تەرجىمە تېمىسىنى كۆرۈپ بەك سۆيۈنگەن ئىدىم، ئىشخانىدىكى نەچچەيلەنگە كۆرسەتكەن ئىدىم.بۈگۈن قارىسام يوق تۇرىدۇ.ھەي ئىنكاسچىلار!ئاشۇ يەڭگىللىك بىلەن يازغان ئىنكاسلىرىڭلار سەۋەبىدىن شۇنداق ئېسىل تېمىلار ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ كۆرۈش پۇرسىتىنى نابۇت قىلىۋېتىسىلەر!!!مۇنبەرداشلانىڭ پەقەتلا قادىر دولاننىڭ تېمىلىرىغىلا ئەمەس، باغداشتىكى بارلىق تېمىلارغا(بولۇپمۇ بوزقىرنىڭ تېمىلىرىغا) ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ،سوغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس يېزىشىنى،باغداش ئەزالىرىنى،باغداشتىكى ئېسىل تېمىلارنى ، باغداش مۇنبىرىنى ئاسرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئاگاھ ۋە دانا بولۇڭلاركى-بۇ يەر شىنجاڭ ،بىزنىڭ سۆز -مەتبۇئات ئەركىنلىكىمىز  چەتئەلگە ئەمەس ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىمۇ ئوخشىمايدۇ ! بىزدە« ئون ئېغىز كاپ-كاپتىن بىرنۆۋەت چىپ-چاپ ياخشى» دىگەن ماقال-تەمسىل  بار.

0

تېما

0

دوست

766

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8620
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 171
تۆھپە : 121
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 10:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىنى،ئېسىل تېمىلارنى ئاسرايلى..

0

تېما

0

دوست

766

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8620
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 171
تۆھپە : 121
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي باشقۇرغۇچىلار، مېنىڭ ئىنكاسىم قېنى؟ مەن باغداش مۇنبىرىنى،ياخشى تېمىلارنى ئاسرايلى دىگەن ئىدىمغۇ؟

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 12:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتتا قالۇن بار :
فىليەتۇن بولار مۇشۇنداق بولار ، سۆز ماھارىتى بولار شۇنچىلىك بولار  ! قادىر دولان ئاكىمىزغا كۆپ رەھمەت  ،  ئاشۇ قالۇننى ھەممە ئادەم بىرخىل چالسا نىمە بولا ،

3

تېما

0

دوست

1310

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12940
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 199
تۆھپە : 267
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 13:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ ، بىز ساڭا يۈز كېلەلمەيمىز»دىگەن تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلىشىنى ئىنكاسچىلاردىنلا كۆرسەك مۇۋاپىق بولارمۇ؟ بۇرۇن بىر كىشى تويغا بارغاندا، ئېتىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. داستىخاندىن يېنىپ چىقىپ قارىسا ئېتى يوق تۇرغىدەك. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ساددا كىشىلەر <ئاتنى مۇشۇ يەرگىمۇ باغلاپ قويغان بارمۇ>...دىيشىپ ئات ئىگىسىنىلا ئەيىپلەپ كېتىپتۇ، ئات ئوغرىسىنى ئەيىپلەيدىغان بىرمۇ كىشى چىقماپتۇ...

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

4

دوست

3682

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 699
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 14:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق بىر راست بولغان ۋەقەنى ئاڭلىغان ئىسىمدە:
يەكەندە تۇختى پايەن(法院)دىگەن بىر ئادەم بار ئىكەن.بىر قېتىم يۇقىرى ئورۇندىكىلەر خىزمەت تەكشۇرگىلى كىلىپ،دىھقانلارنىڭ ئويىگە بارماقچى بولۇپ مېڭىشقا تەييارلانغاندا،توختىكام شۇ باشلىقلارنىڭ بىرىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋېلىپ،بۇلار سىلەرنى ئالدىدىن تەييار قىلىپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارماقچى،ھەقىقى خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنى كورۇشنى تايىن تاپساڭلار مەن باشلىغان يەرگە،قۇرۇق ھەيۋە بولسا ئۇلار باشلىغان يەرگە بېرىڭلار دەپ دىيشۋاتقان ئارلىقتا تىلفۇن سايراپ قاپتۇ.
توختى پايەن تىلفۇن قۇبۇل قىلغاچ ،تىلفۇن قىلغۇچى بىلەن ئىككسىنىڭ سوزىنى باشلىققا  يەتكۇزۇپتۇ.
-توختى خىزمەت تەكشۇرگىلى كەلگەنلەرمۇ كىتىدۇ،سەن بىلەن بىز يەركەندە قالىمىز،دەپ قورقاق سالغىنى باشىلىق جاناپلىرى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ ۋە توختى ئاكىمىزنىڭ باشلىغان يىرىگە بېرىشقا بۇيرۇق سوقۇپتۇ.
توختىكام نىھايەتتە بۇلارنى شۇنداق بىر يەرگە ئېلىپ بېرىپتىكى،بارغانلار ئەر-ئايال دىمەي كوزلىرىدىن تاراملاپ ياش توكۇلۇپ كىتىپتۇ.
-قەدىمقى زاماندىكى گەمە ئوي،ئوگىزىگە پاغال تاشلانغان،كىيىم يېلىڭ،پۇتتا ئاياغ يوق،گەمىدە يرتىلىپ-تىتىلىپ كەتكەن ئەسكى پالاس....................
باشلىقلار كىتىپتۇ،بىرلا ۋاقىتا يەتتە-سەككىز باشلىق دۇم چۇشۇپتۇ،توختىكام ئورنىدا قاپتۇ.
بۇگۇنمۇ يەركەنىت دىيارىدا،باشلىق بولسا،توختى پايەندەك بولسا.دىگەن سوز داۋام قىلار ئىكەن.

ئاچچىق بولسا ھەقىقەت،بىزدە بۇنداق باشلىقلار ناھايىتتى ئاز چىقىۋاتىدۇ!!!

نىمىشقىكىن تۈرك

0

تېما

0

دوست

432

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8969
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 75
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 16:33:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادەتتە تېمىلارنى جىق كۆرمەي !!!     ئىنكاس كۆرگىلى كىرىمەن دەڭلا !     باغداشتا  بىلىم دېگەن ئىنكاستا !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )